ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غەزەللەر(ئۆزخان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

غەزەللەر



بىر كۈلۈپ ئالدىڭ ئەقىلىنىڭ بارىنى،
ئاڭلىمايسەن ئەمدى قەلبىم زارىنى.

ھەر كۈنى ۋەسلىڭنى دەپ چەكتىم ئازاپ،
كۆردىمۇ كۆزۈڭ دىلىم ئازارىنى.

كۈندە مىڭ ئۆلدۈم ،تىرىلدىم بىر قېتىم،
قىينىغاي كىم سەن كەبى ئۆز يارىنى.

تىلىكىم كۆرسەم كۆزۈڭدىن سۆيگۈنى،
بېسىۋالسام يۈرىكىم خۇمارىنى.

تۈن كېتىپ چىقسا قوياش ئەيلەپ جۇلا،
سىيىت ئۆمەر كۈلمەمدۇ كۆرسە يارىنى.

سۆيگۈ بەر يۇلتۇز ئاڭا بولسۇن گۇۋاھ،
تەڭ چالايلى چىن مۇھەببەت سازىنى.

‹‹كەت يېتىمدىن›› دىمە يانماسمەن ئەبەد،
سەيلە قىلماستىن دىلىڭ گۈلزارىنى.
2
بۈگۈن يەكشەنبە ئەي دىلبەر يۈرەكتە كۆيىدۇ گۈلخان،
سۆزۈم بار ھېچ دىيەلمەيمەن. ئۆزۈڭ ئالدىمدا شاھ-سۇلتان.
ئىشىق دەرياسىدا ئاقتىم. قۇلاق سال ئاھۇ-زارىمغا،
سۈزۈپ ئالغىن ھاياتلىق بەر، سىرىمنى بىلمىدى ھېچ جان.
چىنار قەددىڭ، قارا ساچىڭ كۆزۈمگە تۇتىيا بولدى،
جېنىمنى ئالدى ھەر كۈلكەڭ، مېنىڭچە كۆيمىگەي ئىنسان.
قوياش ھەر كۈن كۈلۈپ باقسا، يولۇڭغا تەلمۈرۈپ قالدىم.
نەزەر سالماي كېتىۋەردىڭ، ماڭا بەرمەيلا ھېچ ئىمكان.
چۈشەن ئوت بار يۈرەگىمدە، سەۋەپكار سەن ئۆزۈڭ دىلبەر،
بۇ ئوتتا كۆيمىسەك بىللە بولارمەن ئاخىرى گۇمران.
دۇنيا
ياشاپ كەلدىم شۇنچە تارتىشىپ،
قوينۇڭ باھار، ياز ئىكەن دۇنيا.
نەزەر سالدىم شەيتانلىرىڭ كۆپ،
ئىنسانلىرىڭ ئاز ئىكەن دۇنيا.
تار ئىشتاندا ئەرلىرىڭ زەئىپ،
شۇنچە شەكىلۋاز ئىكەن دۇنيا.
قىزلىرىڭدا شەرمى-ھايا كەم،
خۇلقى قۇرۇق ناز ئىكەن دۇنيا.
ئۆردەك ئىزلەپ كىرىپ بازارغا،
ئالغىنىم بىر غاز ئىكەن دۇنيا.
سۇمبۇل چاچلىق بىر قىزغا كۆيسەم،
گەدەنگىچە تاز ئىكەن دۇنيا.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-12-9 12:23:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئەڭ ئەۋۋەل دوستۇم ئۆزخان بىلەن دىدارلاشقانلىقىمدىن خۇرسەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.
بىرىنجى غەزەلنىڭ ئالتىنجى مىسراسىدىكى قاپىيە سۆزىنى ئالماشتۇرۇۋېتەيلى.
تەڭ چېكەيلى چىن مۇھەببەت تارىنى دەپ ئالايلى.
باشقا غەزەللەرنى مۇۋەپپىقىيىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن!
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-14 17:57:21 | ئايرىم كۆرۈش
غەزەلنىڭ تىلى جانلىق ، پاساھەتلىك ، ئوبدان چىقىپتۇ ، مەزمۇنى يارقىن ، چوڭقۇر ، تۇراق ، قاپىيە ، رىتىم ،

ئاھاڭدارلىقى ، ۋەزىنى جايىدا بوپتۇ .

ئىجادىيەت -ئىزلىنىشلىرىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇق ، بەرىكەتلەر يار بولغاي .
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2016-12-15 05:23:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئاكا ، غەزەل ناھايىتى گۈزەل بوپتۇ . تىلىمۇ ئاددى ھەم چۈشىنىشلىك ، مەنىسى يارقىن .
ئىجادىيەتلىرىڭىزنى يەنە كۆرەلىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز خۇشال ھىس قىلماقتىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-29 00:02 , Processed in 0.134942 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش