ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 839|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاپتوبۇستا(مىكرو ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

208

يازما

2098

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89
يازما سانى:
208
تىللا:
1740
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
59 سائەت
ئاخىرقى:
2014-12-30

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىسۆيۈملۈك ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2013-12-10 11:54:02 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئاپتۇبۇستا...
مىكرو ھېكايە

ياتىقىمدىن چىقىپ بازارغا بېرىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كەلدىم، ھاۋانىڭ دىمىقلىقىنى نېمە دەي،غۇدۇڭشىغىنىمچە بىكەتتە ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇردۇم، كۈتۈش رايۇنىدىغۇ ئولتۇرىۋالاي دېسەم بوش ئورۇن بار لېكىن ئەتراپىمدا ماڭا ئوخشاش ئاپتۇبۇسقا چىقىمەن دەپ ساقلاۋاتقان قارا كۆزلەر  خېلى باركەن ، گەرچە كۆڭلۈمگە كېلىدىغان ئاپتۇبۇستا بوش ئورۇننىڭ يوقلىقى ئايان بولسىمۇ مۇشۇنىڭدەك بىكەتنىڭ ئالدىنقى رېتىدە ساقلاپ تۇرمىسام ھېلى ھەممە ئادەم يۇپۇرۇلۇپ چىقىپ ئاپتۇبۇستا پۇت قويغىدەكمۇ يەر قالماسمىكى دېگەنلەرنى ئويلاپ بېشىمنى ھە دېسە غازدەك سوزۇپ  ئاپتۇبۇسنىڭ يولىغا قاراپ تۇردۇم،ئالاھەزەل بەش مىنۇتتىن كېيىن ئاپتۇبۇس ئېغىر ئىنجىقلاپ بىكەتتە توختىدى.
-ۋايجان،نېمانداق جىق ئادەم بۇ، بولدىلا كىيىنكى ئاپتۇبۇسقا چىقايلى
يېنىمدىكى ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئىككى ئايال شۇنداق دېگىنىچە بۇ قېتىمكى ئاپتۇبۇسنى ئۆتكۈزىۋەتتى، مەنمۇ كۆڭلۈمدە بەلكىم كېلەر قېتىمكى ئاپتۇبۇس سەل ئازادە بولۇشى مۇمكىن دېگەننى ئويلاپ بۇ قېتىملىق ئاپتۇبۇسقا چىقىشتىن يالتىيىپ قالدىم، ئۇلار نەچچە قېتىم كەلگەن ئاپتۇبۇسنى ئۆتكۈزىۋەتتى ئەلۋەتتە مەنمۇ قاچان بىز ئادەم ئازراق ئاپتۇبۇس كېلىپ قالاركىن دەپ ئويلايتىم ، لېكىن ھەممە ئاپتۇبۇس خۇددى سامان تاغىرىغا قاچىلانغان ساماندەك شۇنچىلىك سىغداپ ئادەم باسقانىدى، كۆڭلۈمدە بۇنداق ساقلىسام يولۇمدىن قالغۇدەكمەن ئەمدى چىقمايمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ دەپ كىيىنكى قېتىملىق ئاپتۇبۇسقا چىقماقچى بولدۇم.
-ئالە شەنى ،ما ئادەمنىڭ جىقلىقىنى،باشتىكى ئاپتۇبۇستا ئازمۇ نېمە ئادەم.
شۇلارنى ئويلاپ تىرىكىپ ئاپتۇبۇسقا چىقتىم، ۋە ئىختىيارسىزلا ئارقامغا قاراپ قالدىم، ھېلىقى ئىككى ئايالمۇ قەدەملىرىنى سۆرەپ ئاپتۇبۇسقا چىقىشقا باشلىدى، بەلكىم ئۇلارمۇ بۇ ساقلاشلاردىن زىرىككەن چېغى، بىزنىڭ چىقىشىمىش بىلەن ئاپتۇبۇس ئىچى تېخىمۇ تارىيىشقا باشلىدى، كىشىلەر بىر -بىرىگە چاپلىشىپ دېگۈدەك تۇراتتى، ھاۋانىڭ ئىسسقلىقىغا قۇشۇلۇپ  بۇ يەردىكى مۇھىت ئادەمنى سەل بىئارام قىلاتتى،
-ئاداش  دېققەت قىل ئاۋۇ يانچۇقچى سېنىڭ سومكاڭنى قەسلەۋاتىدۇ، نەچچە قېتىم قول ئۇزارتىپ باقتى
توساتتىن  يېنىمدىنلا ئاڭلىنىۋاتقان بۇ گەپلەرگە قۇلۇقۇم كىرىپ قالدى، قارىسام ھېلىقى ئىككى ئايال نېمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشىۋېتىپتۇ ، ئۇلارغا پەرۋاسىز ھالدا سىرتقا قاراپ تۇردۇم .
-گەپ قىلىۋاتىمەن خېنىم،سەزمىدىلىما سومكىلىرىغا ئۇرۇلغاننى ، دېققەت قىلسىلا دېسەم
-ھە بىلدىم بۇ يانچۇقچىنى بايىلا سېزىپ قالغان ، بىكەتتىلا كۆزى چۈشكەن بۇنىڭ بىزگە شۇڭا نەچچە ئاپتۇبۇسنى ئۆتكۈزىۋەتتى ، مەنمۇ شۇ قاچان قول سېلىپ قالاركىن دەپ سەزمىگەنگە سېلىپ يۈرىۋاتىمەن، قېنى بىر قول سالسۇنا بۇ ساقلاندى ، شۇ چاغدا كۆرىدۇ يامانلىقىمنى ..
گەرچە بۇلار كۇسۇرلىشىپ سۆزلىشىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن گەپلىرى قۇلاققا بىلىنەر-بىلىنمەس ئاڭلىنىپ تۇراتتى، توساتتىنلا ھەيران قالدىم.
-باياتىن بىرى دېگەن ئادىمى مەنمۇ نېمە ؟دېمىسىمۇ پەقەت مەنلا ئۇلار بىلەن تەڭ نەچچە ئاپتۇبۇسنى ئۆتكۈزىۋەتكەنىدىم ئەجىبا؟
ئۆزۈممۇ سەزمەيلا ئۇلارغا قارىدىم،قارىدىميۇ ھېلىقى ئايالنىڭ شۇنداق بىر سەت ئالىيىپ قارىشىدىن چۆچىگىنىمچە ئالدىمغا قارىۋالدىم، كاللامدا بۇلار زادى نېمىشقا مېنى ئوغرى دەيدۇ دېگەننىلا ئويلايتىم. ئويلا-ئويلا ئاخىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم، ئەسلىدە ئاپتۇبۇستا ئادەم جىق بولغاچ قۇلۇم ئېھتىيازسىزلىقتىن ئۇ ئايالنىڭ سومكىسىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەنىكەن،شۇڭا ئۇلار مېنى سومكىسىغا نەزەر سېلىۋاتقان چېغى دەپ ئويلاپ ماڭا  يانچۇقچى دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويغانىدى،ئاچچىقلىنايمۇ ؟ بىر چاغلاردا نەلەردىندۇر ئەپۇچانلىق ئەڭ ياىشى خىسلەت دەپ ئۇقۇغانلىقىم ئېسىمدە، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ ئۇلارنى  بۇ ئويغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ سومكىغا قول ئۇزاتقان بەڭۋاش قولۇمنى ئاستاغىنە يانچۇقۇمغا سېلىۋالدىم،ئۇف دېدىم ئىچىمدە ، جاھاندا تەتۈر قالپاقتىن قۇتۇلۇشتىنمۇ ھۇزۇر ئىش بولمىسا كېرەك ،مانا مەنزىلىمگىمۇ كەلدىم ،ئاپتۇبۇستىن چۈشتۈمدە  مەندىن بارا-بارا يىراقلىشىۋاتقان ئاپتۇبۇسقا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، راست گەپ قىلسام كۆڭلۈم بايىقىدىن خوشال .بەلكىم ئۇلارمۇ مەندەك بىر يانچۇقچىنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىدىن كۆڭلى ئەمىن تېپىپ  قالغاندۇ. ئالدىمغا نەچچە قەدەم ئېلىپ توساتتىنلا ئارقا يانچۇقۇمنى تۇتتۇم،ئەپسۇز يانچۇقۇمدا پورتىمالىم يوق تۇراتتى .

مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

13

تېما

154

يازما

1809

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129
يازما سانى:
154
تىللا:
1585
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2014-10-3

سادىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-10 14:54:42 | ئايرىم كۆرۈش
راسلا ياخشى يېزىپسىز....... دېمىسىمۇ قىشنىڭ كۈنى ئاپتۇبۇسقا چىقسا ئاشۇنداق ئادەم لىققىدە....
مەنمۇ نەچچە قېتىم مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقتۇم.......
تامچە سۇدا قۇياش نۇرىنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ!

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-10 14:57:46 | ئايرىم كۆرۈش
پاھ  ئاكا ، ھىكايە يىزىش ئۇسلۇبىڭىز ئۆزگۈرۈپ كىتىپتىغۇ ، ئويلىمىغان يەردىن چىقىدىكەن يىشىمى...
ھەقىقەتەن كۆپ قىرلىق جۇمۇ سىز ، يەنىمۇ تىرىشىڭ ، مەن مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، شۇڭا مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى كۆپلەپ سۇنىشىڭىزنى ۋە يىزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ، ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي .

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2013-12-10 16:10:54 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى  ئەمىلى  ئىشنى لا  يىزىپسىز  بۇ ئاپتۇبۇس  قىستاڭچىلىقى ھەممەيەردە باكەن  تاس قالىدۇ   ئۇللار  ئابتۇبۇسنىڭ ئۇستىگەيۇ  ئادەم ئالغىلى  
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

5#
ۋاقتى: 2013-12-10 17:18:54 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ...ھا ...ھا ... ما ھىكايىنىڭ ئاخىرىنىڭ قىزىقلىقىنى ... ئۆزدىن ئۆزى گۇمانلىنىپ بولغۇچە پورتىمالدىن قۇرۇق قاپتۇ ........ مانا بۇ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ، ئۆزدىن گۇمانلىنىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسا كىرەك ......
لىكىن ئەپچىلەم ھىكايىدىكى مەلۇم بىر پىرسۇناژنى مەن دەپ تۇرۇپ ھىكايە يازىدۇ .....
شۇڭلاشقا تۇرمۇشقا يېقىن چىنلىقى يۇقىرى چىقىدۇ ....

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

6#
ۋاقتى: 2013-12-10 20:30:05 | ئايرىم كۆرۈش
نەرى مىكرو ھىكايىدۇر دەپ قارىسام مىكرو يېرى كەينىدىكەن ئەمەسمۇ،شۇنداق كۈلۈپ كىتىپتىمەن دىسە،نەق شۇ يەرنى ئۇقۇپ.

0

تېما

67

يازما

752

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 247
يازما سانى:
67
تىللا:
594
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
15 سائەت
ئاخىرقى:
2014-1-26

جانلىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-1-25 23:57:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپچىلەمنىڭ ھىكايە يىزىش ئۇسلۇبى باشقىچىدە، ئوقۇغان ئادەمگە شۇنداق يىقىشلىق بىلىندۇ ھەم تۇرمۇش چىنلىقى يۇقىرى.

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-10-18 18:58:38 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 19:00  

ئاڭلىسام مۇشۇ ئەپچىلەمكام ئاقسۇ تەرەپتىنمىش‹ئاقسۇ ئاۋات تەرەپتىن مىنىڭ يۇرتۇمدىن دىگەندەك راس شۇنداقمۇ ئەپچىلەمكا ؟
مەن ئادەتتە مەيلى قايسى مۇنبەردە بولسۇن(ئەلكۈن،مىسرانىم،نادىرلار،چولپانلاردىمۇ بارغۇ دەيمە سىز) تېمىلىرىڭىزنى ناھايتى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن ،تېخىمۇ قۇت تېپىشىڭىزغا كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە تىلەكداشمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:56 , Processed in 0.134910 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش