سۈرىتىڭ ئالدىمدا يازىمەن شېئىر،
ئاھ ! كىملەر سۆيەركىن بىر سېنى مەندەك؟.
يوقاتقان كۆپ بولدى، ئىرىشكىنىمدىن،
كىم مەندەك بىۋېسال، بەخىتسىز سەندەك؟!
(خاتىرەمدىن)
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا
< شۇنچە يىللار ئۆتسىمۇ بىركۇن _
خاتىرەمدىن كەتمىدىڭ زىنھار.
ھەردىقىقە ئەسلىدىم سېنى،
بىر كۆرۇشكە بولۇپ ئېنتىزار>
شۇ سۆزۇڭلا كۇپايە ماڭا،
ئىخلاسىڭدىن رەزىمەن دىلدار.
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا،
ئاچچىق يۇتۇپ قىلما پۇشايمان.
كۆڭلۇڭ يىرىم ئۇزۇن تۇنلەردە،
ئەسلە مېنى، بولما بىئارام!.
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا،
ئەسلە ياشلىق گۇلگەن چىغىڭنى!.
نۇر ۋەسلىڭگە بولۇپ سەرسانە،
يامغۇر كەبى تۆككەن يىشىمنى.
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا،
پاك سۆيگۇمدىن بولما دەرگۇمان.
ئۆتكەن كۇنلەر بوپ قالسۇن تارىخ،
بۈگۈن بىزگە كەلمىسۇن ھىجران.
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا،
كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسكە ئال مېنى!.
ھەسرەت يۇتۇپ يۈرۈش بىھاجەت،
شاد كۇلكەڭدە كۆرەي مەن سېنى!.
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا،
كەلگىن پەقەت بولما خىجالەت.
ئىنسان ئۈچۈن ئۇلۇغ ھەممىدىن،
ۋاپا بىلەن سۆيگەن ساداقەت.
خاتىرەڭدە بولسام ناۋادا،
گۈلدەك كۇلۇپ مېنى كۈتۈپ ئال.
ۋېسال ئىزدەپ ئۆتكەن ھاياتى،
ئاشىقىڭنى ئۆز باغرىڭغا ئال!!!
( 2010 — يىلى 3 —ئاي)
تىلەك ئىجادىيەتلىرىدىن، رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرگە يوللىماڭ
|