ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 157|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەسەتخورغا مەدھىيە.!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

39

تېما

94

يازما

402

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1009
يازما سانى:
94
تىللا:
308
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
37 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-28

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئەكسىچە، بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشمىز بىلەن تەڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھەسىرىتىنى قوزغايمىز.
ئۇنداقتا ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە ھەسەت قىلىدىغانلار زادى قانداق ئادەملەر؟ مېنىڭچە، ناھايىتى ئەقىللىق، ئالغا بېسىش ئىرادىسى كۈچلۈك ئادەملەرلار ئۆزدىن ئېشىپ كەتكۈچىلەرگە ھەسەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق ئادەملەر باشقىلارغا ھەسىتىنى قوزغىيالمايدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، ساراڭغا، دۆتكە، ھۇرۇنغا، ئۆزىنى ئوڭشاپمۇ يۈرەلمەيدىغان ئادەمگە ھېچكىمنىڭ ھەسىرىتى قوزغالمايدۇ. بۇنى ئېتىراپ قىلماسلىققا ئامالىمىز يوق، ئەلۋەتتە.
تۈنۈگۈن ئۈستبېشى ناھايىتى مەينەتلىشىپ كەتكەن 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزچاقنىڭ يول دوقمۇشىدا بىرسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھايال ئۆتمەي بىر ئايال كېلىپ، ئۇ قىزچاقنى يېتىلەپ ماڭدى. ئۇ ئايالنىڭمۇ ئۈستبېشى مەينەت، چاچلىرى چۇۋۇلغان بولۇپ، چېچىنى تارىمىغىلى خېلى كۈنلەر بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ پۇتىغا سەندال(ياغاچ ئاياق)   كىيىۋالغان بولۇپ، چاپىنىنىڭ بىر يېنىنى مۈرىسىگە چۈشۈرۈۋالغانىدى. ئۇنىڭغا ھەسەت قىلمىدىم، چۈنكى ئۇ نەزىرىمدە تولىمۇ ساپاسىز، ئۆزىنىمۇ ئوڭشاپ يۈرەلمەيدىغان ھەم بىر چىرايلىق نارەسىدىنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مەينەتچىلىك ئىچىدە تەربىيەلەۋتقان ئايال ئىدى. مەنلا ئەمەس، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئادەم ئۇلارغا قاراپ، بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇڭشىدى. قىسقىسى، ئۇ كىشلەرنىڭ ھەسىرىتىنى ئەمەس، نەپرىتىنى قوزغىدى.
بىر قوشنام مۇنداق دېدى: كېلىنىمىز ماڭا بەكلا سەت قىلىدۇ. ئۆي ئالسام، مېنى دوراپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ پۇل يىغىپ ئۆي ئالدى، پىكاپ ئالسام، يېرىم يىل بولمايلا پىكاپ سېتىۋالدى. ئۇنۋان ئالسام تېخى چىدىمايدۇ، ۋەزىپەم ئۆسسە تېخى...
رېئاللىقتىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەردىن قارىغاندا، ھەسەتخورلۇق ئەقىل ئىگىلىرىگە، كۈچلۈكلەرگە بولغان ھەۋەسكەن. ئۇنداقتا پىسخىكا ھالىتىمىز سەۋەبىدىن ئىجابىي مەنىدىكى «ھەۋەسخور» سەلبىي مەندىكى «ھەسەتخور» دەپ ئاتىلىپ قېلىۋاتامدۇ-قانداق.
ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى: كىمنىڭ ھەسىرىتىنى قوزغايمىز، ھەسەت بىزنى ئالغا ماڭدۇرامدۇ ياكى تىزگىنىمىزنى تارتامدۇ؟ بۇنىڭغا ھەممىمىزنىڭ ھەق گېپى شۇكى، ھەسەتخورلار بولغاچقىلا، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز ھەم كۈچلىنىمىز.
ئۇنداقتا كىمگە ھەسەت قىلىمىز؟ ساراڭغىمۇ، تىلەمچىگىمۇ؟ ھەق گېپىمىز شۇكى، بۇنداق كىشلەرگە ئىچ ئاغرىتىمىز، ھېسداشلىق قىلىمىز. ئۇلار ھەرگىزمۇ ھەسىرىتىمىزنى قوزغىيالمايدۇ. بىز ئۇنۋاننىڭ يۇقىرىسىنى ئالغان، دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان، قىسقىسى بىزدىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭغانلىكى ئادەمگە ھەسەت قىلىمىز.
دېمەك، كەسكىن رىقابەت ئىچىدىكى بىز كەينىمىزدە ھەسەتخورلار بولغىنى ئۈچۈن دولقۇن يېرىپ ماڭالايمىز، ئالدىمىزدا ھەسىرىتىمىزنى قوزغىغۇچىلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
باشقىلارنىڭ ھەسىرىتىنى قوزغىيالمىغان ۋاقتىڭىز جايىڭىزدا توختىغان ياكى مۇۋەپپەقىيەت يولىدىن چېكىنگەن ۋاقتىڭىزدۇر. ئەكسىچە، باشقىلارنىڭ ھەسىرىتىنى قوزغىغىنىڭىز تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، مۇۋەپپەقىيەتلەر سىزنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مەزگىلىڭىزدۇر، شۇڭا ھەسەتخورلارغا مەدھىيە ئوقۇيلى، ئۇلار سىزنى قوغلاپ ماڭغاندىلا تېخىمۇ گۈزەل مەنزىل سىزگە قۇچاق ئاچىدۇ. ئۆزىمىزمۇ ھەسەتخور ھەۋەسكارلاردىن بولايلى، چۈنكى كۈچلۈكلەرگە ھەسەت قىلغاندىلا، كۈچلىنىپ بارالايمىز.
ئەمما تەۋسىيەم شۇكى، ھەسەتنى ھەۋەسكە ئايلاندۇرايلى، شۇندىلا ھەسەتتىن كەلگەن نەپرەتنى يوقىتىپ، توغرا يول تاپىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، كۈچلۈكلەرگە بولغان ھەسەتتىن كەلگەن غەزەپ ئوتى غەيرەت كەمىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ، خالاس.

مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەقىللىق ئايال ئېرىنى  پادىشا قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ پادىشانىڭ خانىشى بولۇپ ياشىسا
دۆت ئەقلى يوق  ئايال ئېرىنى قۇل  قىلىپ قويۇپ مەڭگۈ قۇلنىڭ خوتۇنى بول
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

21

تېما

210

يازما

2459

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 225
يازما سانى:
210
تىللا:
1818
تۆھپە:
142
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-25

كۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-6 10:28:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ ماقالىگە ئازراق گەپ قىلغۇم كېلىپ قالدى.ئىككى يەردە مەسىلە بار دەپ قارايمەن بىرىچى بۇ ماقالىدە ھەسەت بىلەن ھەسرەت ئۆز ئورنىنى تاپالماپتۇ،ئىككىچىسى مەزمۇن جەھەتتىن زىتلىق بار ئالدىدا بىر ئايالغا نەپرەتلىنىدۇ كىين ئىچ ئاغرىتىدۇ ،مەيدان سەل غۇۋا .سەل ئارتۇق سۆزلەپ قويدۇم.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-3-7 12:29:48 | ئايرىم كۆرۈش
ماڭا  ئەڭ ئاخىرقى  خۇلاسە كالام بەك ياقتى :
ھەسەتنى ھەۋەسكە ئايلاندۇرايلى، شۇندىلا ھەسەتتىن كەلگەن نەپرەتنى يوقىتىپ، توغرا يول تاپىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا، كۈچلۈكلەرگە بولغان ھەسەتتىن كەلگەن غەزەپ ئوتى غەيرەت كەمىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ، خالاس.
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:29 , Processed in 0.138664 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش