نورۇز تەبەسسۈمى
1
دالالارنى پۈركەپ ئۇزلۇققا،
بۇدەم كۈلۈپ باھار كېلىدۇ.
چوكانتالنى ئويناپ قولىدا،
كۈلۈپ گۈلدەك نىگار كېلىدۇ.
قىرغاقلارغا چېچىپ ئۈنچىلەر،
شوخ ئويناقلاپ سۇلار كېلىدۇ،
قاتقان مۇزلار چېھرىدە ئەلەم،
ئەنە يېشىل ئىزلار كېلىدۇ.
چىمەن ئىچرە كۈلىدۇ جاھان،
تۇرنىلارمۇ قاتار كېلىدۇ.
باغدا مېھنەت قاينىغاچ بۇدەم،
كۈزدە ھوسۇل - ئانار كېلىدۇ.
2
ھال رەڭ چېچەك ئېچىلغان باغدا،
باھار قۇشى سايرايدۇ تىنماي.
يېشىل ياپراق ئوينىسا ئۇسسۇل،
ھۇزۇر ئالدىم - قارىدىم تويماي.
قاشتېشىدەك سۈپسۈزۈك ئاسمان،
ئاق بۇلۇتلار كېزىدۇ ئاي - ھاي.
زېمىن يېشىل، ئاسمانمۇ يېشىل،
يېشىللىقتا كۈلەر ھەممە جاي.
ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان بۇدەم،
تاغۇ - ئېدىر، تۈزلەڭ - دالا، ساي.
كۈلكىسىگە جور بولۇپ مانا،
چاپتى قەلەم قەغەزدە بوپ تاي.
3
نورۇز - باھار، نورۇز بىغۇبار،
نورۇز بىلەن ئېرىمەكتە قار.
ھەر بىر ۋۇجۇد نورۇز مېھرىدىن،
ئەتلەنمەكتە ئېلىپ كۈچ - مادار.
نورۇز دېمەك - ئايەم دېمەكتۇر،
شۇڭا ئەتراپ رەڭدار چېچەكتۇر.
ھەر قەلبنى تولدۇرۇپ ھېسقا،
ئېپكەلگىنى قۇتلۇق تىلەكتۇر.
نورۇز يېڭى تىلەكتۇر - تىلەك،
نورۇز بىلەن كۈلەر ھەر يۈرەك.
يىلنىڭ ئىشى - نورۇزنىڭ بېشى،
خەيرلىك ئىش - نورۇزدىن دېرەك!
4
غۇر - غۇر شامال سىيپاپ يۈزلەرنى،
ئىللىققىنا ھېسقا چۆمدۈرەر.
ئويغىنىشىپ قۇرت - قوڭغۇزمۇ،
قىر بېشىدا تىنماي ئۆمىلەر.
تال چىۋىقتىن «ئات» ياساپ سەبى،
بەيگىدە ساپ تەرگە چۆمۈلەر.
قىز - يىگىتلەر قۇچۇشۇپ ۋىسال،
ئىچ - ئىچىدىن كۈلەر- سۆيۈنەر.
ساما سالسا مەيداندا چاللار،
مومايلارمۇ باقار - چۆرگىلەر.
نورۇز بىلەن شائىر قەلبىدە،
بىر ئابىدە - مۇھەببەت ئۈنەر!
مەنبە: مەن. |