ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1047|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىـر ئـاڭـلاپ ئـاشىـق بـولـۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

بىر ئاڭلاپ ئاشىق بولۇش


سۆيگۈ - ھەرقانداق بىر كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاجايىپ شېرىن، تاتلىق. ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئىستەيدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە، ئەلۋەتتە.
بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇش - مىڭ ھەقىقىي ئاشىق ئىچىدىكى بىرى ئارانلا ئېرىشەلەيدىغان كاتتا سوۋغا، ئاجايىپ تەلەي. نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنى قالغان 999 ئادەم دەپ ئويلىغاچقا، ھېچكىشى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. بىراق، مەن ئۇنداق ئەمەس. مەن ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ مىڭنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىمەن. ئاشىقىمنىڭمۇ قالغان مىڭنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ھىجران ئازابى تارتىشنى خالىمايمەن - دە.
توغرا، بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇشنىڭ مەۋجۈتلىقىغا، ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدىغانلقىمغا ئىشىنىشىم كېرەك. بولمىسا قانداقمۇ بىر ئاڭلاپلا ياخشى كۆرۈپ قالاي؟!...

كۈندىن - كۈنگە ئادەم خالىمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقان بۇ مىجەزىمنى يىغىشتۇرالماي، ھېچ مەقسەتسىزلا ئۆز ئىشىم بىلەن بەنت بولۇپ ئولتۇراتتىم. ھېچكىشىنىڭ ماڭا گەپ قىلىشىنى خالىمايتتىم، باشقىلار گەپ قىلسا نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنىمۇ بىلمەيتتىم.
ئىشخانىدىكى كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىگە ئارىلاشماي، ئۆز دۇنيارىمدا ئەركىن ياشاش مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھۇزۇر. پاراڭ، غەيۋەتتىن باشقا مېنى ئۆزىگە رام قىلىدىغان، مېنى بەخت تۇيغىسىغا چۆمدۈرىدىغان يەنە تالاي - تالاي ئىشلار بىلەن، مەن ھەممىسى بىلەنلا مەشغۇل بولالايمەن. مېنىڭچە، بۇنداق دېگەندىن كۆرە، مەن پاراڭدىن قورقىمەن، دېگىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ. راستىنلا، ھازىر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشتىن قورقىدىغان، پاراڭلار ئىچىدىن بىلىپ - بىلمەي چىقىپ قالغان توي توغرۇلۇق پاراڭنىڭ يۈرىكىمنى ئازابلاپ قويىشىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.
يېشىم خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ تېخىچە توي ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقمىغانتىم. كىچىك ۋاقتىمدىكى تەنتەكلىكىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىرەر قېتىم رەسمىيمۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان ئىدىم. ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ كۈندىلا مۇشۇ جەڭ، مۇشۇ پاراڭ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تۇيۇقسىزلا ئۆيدىكىلەر مەندىن زېرىككەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئەمەلىيەتتە، مەن «ئېشىپ قالغان»، باشقىلار ئېلىشنى خالىمايدىغان قىزمۇ ئەمەس، ئۆزۈم - ئۆزۈمنى ئاشۇرۇپ قويغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئۆيدىكىلەرنىڭ زورلىشى ئاستىدا كۆرۈشكەن ئەمەت بەك سېمىزكەن، ئىشخانامدىكى رىزۋانقىز تونۇشتۇرغان ئېرفان ھاراقكەشكەن، ھېلىقى «لايىق تونۇشتۇرۇش تورى» دا تونۇشۇپ قالغان ئەخمەتقۇ خېلى بولۇپ قالاتتىكەنتۇق، شۇ چىرايى سەل...، مەن ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلاردىن باشلاپلا قوغلىشىپ يۈرگەن ئەكرەممۇ ياخشى بالىتى، بىراق ھازىر مۇقىم خىزمىتى يوقكەن... دائىملا مۇشۇنداق تالاي - تالاي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆزۈمنى ئاشۇرۇپ قويۇپ كېلىۋاتىمەن. بىراق، ھەممە سەۋەبنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك بىرلا گەپ، يۈرىكىمنىڭ تارىنى تىتىرەتكۈدەك بىرەرى تېخى چىقمىدى. دوستلىرىمغا دېسەم «سەن يۈرىكىمنىڭ تارى چېكىلمىدى دەپ يۈرىدىغانغا مۇھەببەتلەشمەيسەن، توي قىلىسەن. سېنى باقالىسىلا بولدى ئەمەسمۇ، ئەخمەق» دەيدۇ. بىراق، ماڭا نېمە ئامال - ھە؟ مەن قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرمىسەم، ئارىمىزدا مۇھەببەت بولمىسا قانداقمۇ توي قىلغىلى بولسۇن، كۆزنى يۇمۇپلا بىرسىگە تېگىدىغانغا مەن يا ئەر چىقماي قالغان قىز بولمىسام، نىكاھ ئىشى يا كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنى بولمىسا... نەچچە يىلدىن بېرى مۇشۇنداق دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ يۈردۈم، تەقدىرىمگە باغلانغان بىر يىگىتنى ساقلاپ يۈردۈم. ماڭا لايىق تونۇشتۇرماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى كۆزۈمگە جىن - شاياتۇن كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى.
- پاھ، پاھ، پاھ... سىڭلىم، ئەتتىگەندىلا يېلى چىقىپ كەتكەن شاردەك بولۇپ ئولتۇرۇپ قاپتۇققۇ،- سالام - سائەتسىز، ئەمما چىرايىدىن مېھرىبانلىق، ئاقكۆڭۈللۈك چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايال بىزنىڭ ياندىكى ئىشخانىدىكى زۆھرە ھەدە ئىدى، مەن ئۇنى ھەدە دەيتتىم، ھەدەمدەكلا كۆرەتتىم. سەل غەيۋەتخورلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇنداق ئېسىل ئايال ئىدى، ھېچكىشىگە يامانلىقى يوق.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ھەدە. پەقەت مىجەزىم يوققۇ - تاڭ، شۇ.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ماۋۇ چىرايىڭىزغا قاراپ سالامنىمۇ ئۇنتۇپتىمەنغۇ مانا. بىرەر يىگىتنىڭ دەرىدە...،- ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېغىز ئاچتىم:
- قويۇڭە ھەدە، ئەتتىگەندىلا چاقچاق قىلماي.
- ياق سىڭلىم، چاقچاق قىلمىدىم. ماڭا قاراڭ، مەن تونۇيدىغان شۇنداق ئېسىل بىر بالا باتتى دەڭە.
- يەنە شۇ لايىق تونۇشتۇرامسىز؟ پېشانەمگە پۈتىكىنى باردۇر، ھەدە. بۇنداق بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى بۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپمۇ چارچىدىم.
- ماقۇل دەڭ سىڭلىم، بۇ يىگىت راستىنلا بەك ياخشى. ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشتۈرگەن يىگىتمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ نەرى ياقمىغاندۇ. ھە بوپتۇ، ئەلەكمۇلىللا، ھېچ ئىش بولمايدۇ، سىڭلىم. مۇشۇ بالا بىلەن بىر كۆرىشىپ بېقىڭە. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە ئولتۇرىدىغانلا بالا ئىدى دىلمۇرات دەپ.
- ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ھەدە، بولدى.
ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ مەن ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، يەنىلا ئىچىمدە بىرەر «لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى» غا بېرىپ ئىشلىسەڭچۇ، دەۋەتتىم.
بۇنداق زورلاپ تاڭغان مۇھەببەتتىن بەختىمنى تاپالىشىمغا ئىشەنمەيتتىم. تەقدىرىمگە پۈتۈلگىنى بولسا بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئالدىمدا پەيدا بولار، مەڭگۈلۈك بەختىمنى شۇنىڭغىلا ئاتىۋېتەرمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، يامىنى كەلسە مەڭگۈ توي قىلماي ئۆتۈپ كېتەرمەن شۇ. بۇنىڭ نېمىسى تەس، ئۇدۇل خوشنىمىز خۇرشىدە ئاپپايمۇ ئەللىكتىن ئاشتى، تېخىچە توي قىلمىدىغۇ.
بۇ سوغۇق مۇئامىلەم زۆھرە ھەدەمنى ئەتتىگەندىلا چۆچۈتۈپ قويغان بولسا كېرەك، گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى. ئىشخانىدىكىلەرمۇ گەپلىرىنى شىپپىدە توختىتىپ، ئۆز ئىشلىرىغا بەنت بولۇشتى، قولۇم ئىشتا، بىراق ئويۇم بايا ئاڭلىغان ھېلىقى ئىسىمدا، «دىلمۇرات» تا ئىدى.
«دىلمۇرات، دىلمۇرات... ھىم، دىلمۇرات. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرىشىپ باقايمۇ - يە؟ بىرەر نەتىجە چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ۋوي، نېمىلەرنى ئويلاپ يۈرىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن رىسقىم بولسا، باشقىلار تونۇشتۇرمىسىمۇ تونۇشۇپ قالارمىز»
شۇ كۈندىن كېيىن مەن باشقىچىلا بولۇپ قالدىم، پەقەت ئىسمىنىلا بىلىدىغان شۇ «دىلمۇرات» تىن ئىبارەت ھېچ بىر باشقا مەنىسى يوق ئىسىمنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىزنىڭ ئىشخانىدا ئەڭ يېڭى ئاخبارات خەۋىرى تارقالدى.
- ھەي راست ئاڭلىدىڭلارمۇ، تۈنۈگۈن زۆھرە ھەدەم رۇخسەت سورىغان ئىدىغۇ،- ھە. مەن بىزنىڭ چايدىكى بىر قىزنىڭ ئاپىسىنى يوقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغان ئىدىم دەڭلار، دوختۇرخانىدا زۆھرە ھەدەمنى كۆرۈپ قالدىم.
- كۆرسەڭمۇ كۆرگەنسەن، دوختۇرخانىغا بېرىش يامان ئىش بولمىسا - يا.
- شۇ ئەمەسمۇ، ئاغىرىپمۇ قالغاندۇ. ئۇ يا تۆمۈر ئادەم بولمىسا.
- ۋاي ياق. ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، بۇ بىر ھېكايە دەڭلار، ئاجايىپ قىززىق ھېكايە.
بۇلارنىڭ گەپلىرىدىن شۇنداق زېرىكىپ كەتتىم، كوچا خوتۇنلىرىدەك قاچانلا قارىسا باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىشىپ يۈرگەن. قاچان بىر ھەقىقىي تۈردە ئىشلەيدىغان بولاركىن؟
- ھە؟ نېمە ئىش؟... دېگىنە تېز، ئادەمنى قىززىقتۇرۇپ قويدۇڭغۇ ئەجەپ.
- ھىم، ئۇنداقتا ئاڭلاڭلار - ھە. مەن دوختۇرخانىدا زۆھرە ھەدەمنىلا كۆرمىدىم، بىر شۇنداق چىرايلىق يىگىتنىڭ ئۇنى يېتىلەپ دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
- يولدىشىدۇ؟
- ئابلىكىم ئاكامنى تونۇمىغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم مەن تېخى. ئۇ ئەمەس، بىر كىچىكلا بالا. بىزدىن بىرنەچچە ياشلا چوڭمىكىن... ۋىيى، ۋىيى... ئۇ كىشىنىڭ كېلىشكەنلىكى، ئۇنى تونىغان بولسام بىزنىڭ ئاۋۇ مۆرىمەسكە خېتىمنى بەر دەيتتىم جۇمۇ.
- ھا...ھا.. قىلىسەن سەن بۇنداق ئىشنى. ئۇ كىمدۇ ئۇنداقتا؟
- شۇ مەنمۇ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتمامدىمەن...
خىڭ، ئىزدىنىۋاتارمىش تېخى. ئاۋۇ رامىلەنىڭ نېمىشقا توي قىلىپ سەككىز ئاي بولغاندىلا بوشىنىۋالغانلىقى ئۈستىدە تېخى ئىزدىنىپ بولالمىغاندا، ساڭا ئەمدى بۇ ئىش قېتىلىپتۇ،- دە، ئىشىڭنى كۆپەيتىپ.
ئاڭلىماي دېسەممۇ قۇلۇقۇمغا ئۆزلىكىدىن كىرىپ قېلىۋاتقان بۇ پاراڭلار مېنىمۇ قىززىقتۇرۇپ قويىۋاتاتتى. زۆھرە ھەدەمغۇ ئۇنداق يولدىن چىقىپ كېتىدىغان ئايالدەك كۆرۈنمەيدۇ، بوپتۇلا، ئۆزى خىزمەتكە چىققاندا سوراپ باقارمەن...
ئۆزۈم «غەيۋەتخورلار توپى» غا تېخى رەسمىي ھالدا قەدەم باسمىغىنىم بىلەن، ئويلىرىمدا، خىيالىمدا بۇ توپقا بىرەسمىي قاتنىشىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. «دىلمۇرات» ئاتلىق ئۇ كىشىنىڭ زادى قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى تېخى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولماي تۇرۇپلا، كاللامغا يېڭى بىر ئوي - زۆھرە ھەدەمنى دوختۇرخانىغا ئەكىرىپ كېتىۋاتقان ئۇ كىشىنىڭ زادى كىملىكى كىرىۋالدى.
بۇ ئاخبارات خەۋىرى چىقىپ ئىككى كۈنگىچە، ئىشخانىمىزدىكى رىزۋاننىڭ «ئىزدىنىش»ىنىڭ ھېچ ئۈنىمى بولمىدى. ئەمما، زۆھرە ھەدەم ئۆزى ئىشقا چۈشكەنىدى. بۇ قېتىم بۇرۇنقى قائىدىلەرنى بۇزۇپ ئۆزۈم ئاۋال ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، ھەدە.
- ۋەئەئەلەيكۇم ئەسسالام. ياخشى تۇرغانسىز؟
- ھەئە. ياخشى...
- نېمە، بىرەر ئىش بارمىدى؟ دىلمۇرات دېگەن بالا بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىڭىزمۇ - يا؟
- ۋاي، ياق. مېنىڭ ئىشىم ئەمەس. ئاڭلىسام، دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپسىز، ياخشى بولۇپ قالغانسىز - ھە؟
- ۋاي - ۋۇي... قۇلۇقۇڭلار ئاجايىپ ئۇزۇن ھە سىلەرنىڭ. دوختۇرخانىغا كىرىپمۇ قالمىدىم. شۇ ئۆتكەندە پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشكەن، ئىككى كۈن داۋالىنىپلا چىقتىم.
- ھە، شۇ... بىزنىڭ رىزۋان دوختۇرخانىدا سىزنى كۆردۈم دەۋاتقان. ئاۋايلاپ ماڭسىڭىز بولمامتى سىزمۇ؟
- ۋاي - ۋۇي، شۇنى دەڭە سىڭلىم. ئابلىكىم ئاكىڭىز شۇ كۈنى مەن كاماندىروپكىغا چىقىمەن، بالىلار كېلىپ قالسا ئۆي تاقاق بولۇپ قالمىسۇن يەنە، بالدۇراق قايتقىن، دېگەنتى. ئالدىراپ قايتتىم دەپ، بىراقلا يىقىلدىم ئاندىن.
- ھە؟ ئاندىنچۇ؟ بىرەر يېرىڭىز بىر نېمە بولمىغاندۇ؟ دوختۇرغا كىم ئاپاردى؟
- ھېلىمۇ ئاشۇ دىلمۇرات ئۆيىدىكەن، ۋارقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ، مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى.
- ھە، مۇنداق دەڭ. ھېچنىمە بولمىغان بولسىڭىزلا بولدىغۇ.
مېنى دىلمۇرات دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دېگەننى ئاڭلاپ ئۆتكەندە رىزۋاننىڭ ئۇ كىشىنىڭ كېلىشكەنلىكى، ئۇنى تونىغان بولسام بىزنىڭ ئاۋۇ مۆرىمەسكە خېتىمنى بەر دەيتتىم، دېگىنى ئېسىمگە كەلدى،- دە سەۋەبسىزلا كۈلىۋەتتىم. بەلكىم، رىزۋاننىڭ ئەخمەقلىقىغا كۈلگەندىمەن ۋە بەلكىم زۆھرە ھەدەمنىڭ ماڭا شۇنداق كېلىشكەن بىرىنى تونۇشتۇرماقچى بولغانلىقىغا خۇشال بولۇپ كۈلگەندىمەن.
- جېنىم سىڭلىم، ماڭا قاراڭ. راستىنلا بەكلا ياخشىتى ئۇ بالا. ئىككىڭلار بىللە بولساڭلار نەقلا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ئىش بولاتتى.
- بىلدىم، ھەدە. ئۇ راستىنلا ياخشى بالا ئىكەن، بىراق، بولدى. اللاھ رىسقىمىز بىر بولسىلا ھامان ئۇچراشتۇرىدۇ.
بۇ يەردە كۆپرەك ۋاقىت تۇرسام بىزنىڭ ئىشخانىدىكىلەرنىڭ سۆز - چۆچىكىگە قېلىشتىن قورقتۇم، ئۇلار كىم بولمىسا شۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋېرەتتى. ئۇ تەرەپنىڭ يەنە كىم توغرۇلۇق غەيۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۆز ئىشخانامغا چىقىپ كەتتىم.



راست، اللاھ رىسقى بار كىشىلەرنى ھامان ئۇچراشتۇرىدۇ. ھېلىقى بىر گەپ بولىدىغانغۇ، سېنىڭ بولسا قاچىمەن دەپمۇ قاچالمايدۇ، سېنىڭ بولمىسا قوغلاپمۇ قوغلاپ بولالمايسەن، دەپ.
بىر ھەپتە راسا چارچاپ، مەن زارىقىش ئىچىدە كۈتكەن شەنبىمۇ ئاخىرى كەلدى. بىراق، نېمىشقىكىن ئۆيدە ئولتۇرغۇم كەلمەي قالدى. ئۆزۈم يالغۇز بازارغا چىقىپ كىرمەكچى بولدۇم. ئۆزۈم يالغۇز كوچا ئارلاۋاتىمەن، ئۆزۈم يالغۇز تاماق يېمەكتىمەن، ئۆزۈم يالغۇز كوچىدىكى ئاشىق - مەشۇقلارغا قاراپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرماقتىمەن. تۇيۇقسىز، كاللام «ئويغانغان» دەك قىلدى. نېمىشقا ھەممىلا ئادەم ئۆزى سۆيگەن ئادىمى بىلەن، نېمىشقا مەنلا يالغۇز؟... بۇ ئەرزىمەس سۇئاللار، بەلكىم ئەڭ مۇھىم سۇئاللاردۇر، ئىشقىلىپ بۇ سۇئاللار مېنى تېزلا چارچىتىپ قويدى. ئىچ - ئىچىمدىن چىقىرىپ يىغلىغۇم كېلەتتى. زادى نېمە بولدۇم؟ نېمىگە يىغلايمەن؟ نېمەمگە - نېمەم يەتمەي قالدى ئەمدى...
پۇتلۇرۇم كونتىروللىقىنى يوقاتقان ھالدا كېتىۋاتتى، مەنزىلىم ئۆيۈم ئەمەس، زۆھرە ھەدەملەرنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ تېخى كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇ يەر ھازىر مېنىڭ ئەڭ ياخشى دەرد تۆكۈش ئارامگاھىم ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم زۆھرە ھەدە.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شەنبە كۈنى تېلىفون قىلىپ قاپسىز، بىرەر ئىش بولغانمىدى؟
- ياقەي. شۇ سىزنى سېغىنىپ... سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كېتىۋاتقان ئىدىم، ئەپلىكمىكىن؟
- ۋاي جېنىم سىڭلىم، چاقىرىپمۇ ئەكىلەلمەيدىغان مېھمان تۇرسىڭىز سىز. سىزنى ساقلايمەن ئۇنداقتا.
كېتىۋاتىمەن، مەنزىلىم زۆھرە ھەدەمنىڭ ئۆيى، بىراق ئويۇم يەنىلا دىلمۇرات. نېمانچە كىچىك بالىنىڭ قىلىقىنى قىلىدىغاندىمەن -ھە؟ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىدىن باشقا نېمىسىنى بىلىمەن، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش شۇنچە ئاسانمىدى؟...
گەرچە بۇ ئەخمىقانلىق بولسىمۇ، ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئىقرار قىلمىسام بولمايدىغان ۋاقىتقا كەلگەندەك قىلاتتى. مەن كىچىك بالا ئەمەس، ئەتراپىمدىكى ھەممىسى مېنىڭ توي قىلىشىمغا ئالدىراۋاتىدۇ، يەنە كىچىك بالىلاردەك قىلىق قىلىپ، مۇھەببەت دېڭىزىدا تالاي يىل ئاققۇدەك ۋاقتىم يوق، مادارىممۇ يوق. بىراق، رىئاللىققا كۆز يۇمىۋالسام بولمايدۇ.
مانا زۆھرە ھەدەمنىڭ ئۆيىگىمۇ كەلدىم، بەلكىم ھەممىنى دەۋالسام، دەردىمنى تۆكىۋالسام بىردەمدىلا ئوڭشىلىپ قالارمەن.
ھېلىمۇ ياخشى، زۆھرە ھەدەم ئۆيدە يالغۇز ئىدى. ئىككى بالىسى كۇرۇسقا كېتىپتىكەن، ئۆيدە يالغۇز ئىككىمىزلا ئىدۇق. مەن نېمە دېسەممۇ، ئاۋازىمنى قانچە قويىۋېتىپ يىغلىساممۇ بولاتتى.
- ھە سىڭلىم. كەلدىڭىزمۇ؟ ۋۇي، چىرايىڭىز باشقىچىلا تاتىرىپ كېتىپتىغۇ، نېمە بولدى؟
- ھەدە. سىزگە دېسەم...
نەق شۇ ۋاقىتتا ئىشىك قوڭغۇرىقى بېسىلدى، مەن گېپىمدىن شۇنداقلا توختاپ قالدىم.
- ۋۇي، سىزمىدىڭىز؟ قېنى ئۆيگە كىرىڭ.
- ھە، ئۆيدە مېھمان باركەندە. ياق، بولدى. بايا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ بىرئاز مارۇژنى سېتىۋالغان ئىدىم، بۇنى ئابدۇللا، ئالمىرەلەر يېسۇنمىكىن دەپ.
- ۋاي - ۋۇي. رەھمەت ھە.
- ماقۇل ئۇنداقتا، مەن چۈشۈپ كېتەي.
- ئۆيدە بىردەم ئولتۇرغاچ چىقمامسىز، دىلمۇرات.
- بولدى.
قەستەن ياكى بىقەستەن دېيىلگەن دىلمۇرات دېگەن سۆز يۈرىكىمنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتتى. مەن ئۇنى تېخىچە كۆرۈپ باقمىدىم، بىراق ئۇ مېنى چالا بولسىمۇ ياندىن كۆزىتەلىگەن ئىدى.
بەرىبىر بۇ يەرگە كەلدىم، ئىچىمنى بوشىتىۋالاي دەپ ئويلىدىم، ئەمدى نېمىدىن قورقىمەن، ھەممىنى دەۋەتمەمدىمەن، دېگەن ئويدا ئىچىمدە بارىنىڭ ھەممىنى زۆھرە ھەدەمگە تۆكۈپ بەردىم. زۆھرە ھەدەم خۇشال بولغاندەكمۇ، ھەيران قالغاندەكمۇ ئىدى.
- ئۇنىڭغا دەپ قويايمۇ؟
- ھە؟ نېمىنى؟!
- بىر قىز سىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ دەپ بولمامدۇ،- ئۇنىڭ چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم.
- ئاھ، خۇدا. مېنى شەرمەندە قىلاي دەيسىز ھە... كېيىنچە بىر گەپ بولار.
- ھا..ھا..ھا... چاقچاق قىلىپ قويدۇم سىڭلىم، نېمانچە چۆچۈيسىز. ئۇ بىلسە تېخى، قورقماي كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان نېمانچە باتۇر قىزدۇر، دەپ ئاشىق بىقارار بولۇپ قالامدۇ تېخى.
راست، ئاشىق بولغان ئادەم قارشى تەرەپكە بىلدۈرمەي يۈرسە ھەقىقەتەن بىر ئازابلىق ئىش ئىدى، مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا قېلىشمۇ مۇمكىن تېخى. بىراق، مەن ئۇنى تېخى تونۇيمەن، چۈشىنىمەن دېيەلمەيمەن. ئۇنىڭ مەن ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرى بار - يوقلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئەڭ مۇھىمى، مەن قىز. ئۆزۈمنى - ئۆزۈم تاشلاپ قويغان، تەلىپى يۇقىرى، ئوقۇرى ئۈستۈن قىز. قانداقمۇ بىر ئەرگە «سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دېيەلەي؟ دېسەممۇ شۇ كاللامدىن چاتاق چىققان ۋاقىتلاردا دەرمەن بەلكىم.
گەرچە خېلىلا چوڭ بولساممۇ، ئائىلىمىزنىڭ قائىدىسى بەكلا چىڭ ئىدى. ئازىراقلا كېچىكىپ قالسام ئاپامدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلايتتىم. يىغىن سەل كەچىرەك تۈگىگەچكە ئالدىراش ئۆيگە قايتىۋاتقىنىمدا، شۇنچە كەڭ يولدا بىرىگە سوقۇلۇپ قالدىم. توغرا، مەن يولغا قارىماي مېڭىۋاتقان. قولۇمغا تېلىفۇنۇمنى چىڭ تۇتىۋېلىپ، سائەتكە ھېلىدىن - ھېلى قارايتتىم. گەرچە مەندىمۇ خاتالىق بار دېيىلسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ پەرۋاسىزلىقىغا ئۆچ بولدۇم، ئۇنىڭغا ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق قارىدىم، مەن ئۇ كىشىنى تونۇمايتتىم.
- كەچۈرۈڭ،- بۇ ئاۋازنى بىر يەردە ئاڭلىغاندەك قىلىمەنغۇ... شۇنچە تونۇش... ھە؟! دىلمۇرات. توغرا، مەن ئۆتكەندە زۆھرە ھەدەملەرنىڭكىگە بارغاندا ئاڭلىغان ئاۋاز. زورمۇ - زور كۈلۈشكە تىرىشتىم:
- ياقەي، ھېچنىمە بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ، يولغا قارىماي مېڭىپتىمەن.
شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن دائىم دېگۈدەك كوچىدا ئۇچرىشىپ قالىدىغان، بىر ئاپتۇبۇزغا چىقىپ قالىدىغان، يەنە «سوقۇلۇپ» قالىدىغان بولۇشتۇق. ئۇ راستىنلا بەك كېلىشكەن ئىدى. بىراق، چىرايغا سۇ قۇيۇپ ئىچكىلى بولاتتىمۇ، كېلىشكەن بولسا نېمە بوپتۇ؟
تالاي قېتىملىق «بىخەستەلىك» تىن كېلىپ چىققان ئۇچرىشىش بىزنى خېلىلا تونۇش قىلىپ قويغانىدى. بىز ھازىر بىر - بىرىمىزگە خالىغان ۋاقىتتا تېلىفۇن قىلالايتتۇق، دەم ئېلىش كۈنلىرى چىقىپ بىللە تاماق يېيەلەيتتۇق. زۆھرە ھەدەملەرنىڭكىدىمۇ قورۇنماي بىللە ئولتۇرالايتتۇق. بىراق، مۇناسىۋىتىمىز پەقەتلا تونۇش، دوست ئىدى. باشقا تەرەققىيات يۆنىلىشىگىمۇ ئىگىدەك قىلمايتتى. شۇ سەۋەب، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش - كەچمەسلىك توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلىنىشقا چۈشتۈم. بەرىبىر، ئۇ ھازىر مېنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەيدۇ، ھازىرلا ئۈمىد ئۈزسەممۇ ئۈلگۈرىمەن. ئۇ مېنى دوستىدەكلا كۆرىدىكەن شۇ، دەپ ئويلايتتىم. بۇ مېۋىسىز كۆچەتنى بىخلاندۇرماي تۇرۇپلا ئېلىۋېتىشنى ئويلاپ، ۋاز كېچىشكىمۇ بەل باغلىدىم. مانا ئاپام بىلەن يەنە شۇ توي ئىشى توغرۇلۇق تەگىشىپ قالدىم، تۇغۇلمىغان قوزىغا قوزۇق قاققاندەكلا... ئۆز كەيپىياتىمنى تەڭشىيەلمەي، بىرلىرىگە رەنجىپ ئولتۇرسام تېلىفۇنۇم سايرىدى.
- ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، نېمە قىلىۋاتقان ئىدىڭىز؟
- ئىش يوق، بىكار ئولتۇردۇم. سىزچۇ؟
- ھە، مەنمۇ شۇ. بەكلا زېرىكىپ كەتكەن ئىدىم. چىقىپ ئايلىنىپ كىرەمدۇق؟
- ھازىرلىما؟
- ئەپسىزمۇ؟ ئۇنداقتا بولدى، كېيىنچە كۆرىشەرمىز.
- ياق، ئەپسىز ئەمەس. چىقالايمەن.
ئاپام ھۇجرامنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قىلىشقان گەپلىرىمنى ئاڭلىدىمىكىن، خۇددى مېنىڭ توي ئىشىم پۈتۈپ كەتكەندەك، ئاجايىپ خۇشال ھالدا مېنى ئۇزىتىپ قويدى، ئادەتتە ئۆيدىن چىقار - چىقمايلا «بالدۇر قايتىپ كەل ھە. توي قىلمىغان قىزىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرىدۇ دېگەن گەپلەرنى بۇ قېرى جېنىم كۆتۈرەلمەيدۇ» دەپ كايىپلا كېتەتتى.
نېمىلا بولسۇن، ئۆيدىن ئوڭۇشلۇق چىقتىم. ئۇ دېگەن يەرگىمۇ باردىم. قەھۋەخانىنىڭ ئەڭ بۇلىڭىدىكى ئورۇندا ئۇ يالغۇز ئولتۇراتتى، مېنى كۆرۈپ ئىشارەت قىلدى. بىز ئولتۇرغىلى شۇنچە ئۇزاق بولغان بولسىمۇ سۈكۈتتە ئولتۇرغىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئارىمىزدىكى سۈكۈتنى بۇزۇشنى ئىستەيتتىم، بىراق بۇزالمايتتىم. نېمىشقىكىن، بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشىپ قالغاندەكلا، مېنى گەپ قىلغۇزمايۋاتاتتى.
- رەيھان.
- ھە؟
- ساڭا بىر گەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرىپ چىققان ئىدىم.
- ھىم... دەۋەر.
- مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. بەلكىم، يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشماي ئەمەلىيرەك بولساق ياخشىدۇر. بىراق، مەن سېنى تۇنجى رەت زۆھرە ھەدەملەرنىڭكىدە كۆرگەندىلا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم. بۇ گەپلىرىمگە ئىشىنەمسەن - ئىشەنمەمسەن بىلمىدىم. بىراق، ساڭا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى ئىشلەتتىم. ئاخىرى يېقىنلاشتىم، سېنىڭ تەسەۋۋۇرىمدىكىدىنمۇ ياخشى قىز ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. ساڭا بۇ گەپلەرنى دېيىش ئۈچۈنمۇ خېلى ئويلاندىم. مېنى ھازىرلا رەت قىلىۋەتسەڭمۇ ھېچ نېمە بولمايدۇ، جاۋابىنى كېيىنچە بەرسەڭمۇ بولىدۇ. مەن ئالدىرىمايمەن،- كۆزۈمدىن خۇشاللىقتىن ئېقىۋاتقان ياشلارنى ئۇ خاتا چۈشىنىپ قورقۇپ كەتتى بولغاي،- كەچۈرگىن. بۇ گەپلەرنى دېمەسلىكىم كېرەككەنتۇق. بىراق، ساڭا بولغان كۆڭلۈم راست. ئەگەر قوشۇلمىساڭ زورلىمايمەن. يەنىلا دوست بولۇپ ئۆتسەك بولىدىغۇ.
ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ يىگىت مەن بىر ئاڭلاپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، بىراق مەن يەنە تېزلا ۋاز كەچمەكچى بولغان يىگىت. شۇنداق، مەن بۇ كۈننى كۈتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان، بەك ئۇزۇن بولغان. بىراق، ئۇنىڭغا بۇ خىل ئويۇمنى بىلدۈرۈپ قويسام بولمايدۇ، قەتئىي بولمايدۇ. بىز تۇنجى قېتىم "سوقۇلۇپ" كەتكەندە كۈلگەندەك، يەنە زورمۇ - زور كۈلدۈم:
- ھە... بۇ... بىز بىر - بىرىمىزنى يەنە بىر مەزگىل چۈشىنىپ باقايلى، بولامدۇ؟
- ھە. بولىدۇ، بولىدۇ. دېدىمغۇ، زورلىمايمەن. كېيىنچە جاۋاب بەرسەڭمۇ، ھازىرلا رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ.
يۈرىكىم ماڭا جانسىز پىچىرلاۋاتىدۇ: ئۇ ئەخمەق يىگىت بىر كۆرۈپ ئاشىق بوپتۇ تېخى ئۆزىنى بىر ئاڭلاپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان سەۋداغا...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3شۆھرەت +5 بايلىق +45 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
ئاشىق + 5 + 5 + 5 قوللاش!
بۇلبۇل + 30 قالتىس!
گۈلۈم + 10 مىنىلا يىزىپسەن ھە

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

32

تېما

208

يازما

2098

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89
يازما سانى:
208
تىللا:
1740
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
59 سائەت
ئاخىرقى:
2014-12-30

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىسۆيۈملۈك ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-9-4 20:09:33 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس ، ۋەقەلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى شۇنداق جايىدا بوپتۇ، بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش دېگەن مۇشۇ مانا،بولۇپمۇ ئاۋۇ دىلمۇراتقا ئۆزىمۇ بىلمەيلا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى بەك ئۇستىلىق بىلەن يېزىلىپتۇ .
تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى راستىنلا مۇشۇ ھېكايىدەك بولامۇ؟ھېكايە ۋەقەلىكى بىر چاغلاردا مەن ياقتۇرۇپ كۆرگەن شىنجاڭنىڭ (مۇھەببەت ھېكايىسى) دېگەن  كىنوسىنى ئەسلىتىپ قويدى .ما ھېكايىڭىزدىن نەسىر پۇرىقىنى ئانچە تاپالمىدىم، سىزدىكى يېڭىلىق بوپتۇ دەپ تۇرۋالايمۇ ئەمدى .

باھا سۆز

كونا ئەسەر  ۋاقتى: 2013-9-4 20:27

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-9-4 20:23:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئاشۇ مەننى مەن شۇ دەپلا  بىلىۋالدىم ، ئاجايىپلا بىر تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم ئۆزۈمچە....
تۇيۇقسىز بىر ئىلھاملار كاللامدىن كىچىۋاتىدۇ...

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-4 20:29:36 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكايىنى 2011 - يىللىرى يازغان ئىدىمغۇ دەيمەن... كۆپ كىشى ئوقىمىغان، ئۆزۈم ئامراق بولغاچقا ساقلاپ قويۇپ يۈرگەن ئىدىم...
تۇيۇقسىزلا مۇشۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئاڭلىغۇم كېلىپ قالدى....

باھا سۆز

ئاۋازغا ئالە، قولۇڭدىن كەلگەندىكىن  ۋاقتى: 2013-9-4 20:45

32

تېما

208

يازما

2098

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89
يازما سانى:
208
تىللا:
1740
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
59 سائەت
ئاخىرقى:
2014-12-30

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىسۆيۈملۈك ئەزا

5#
ۋاقتى: 2013-9-4 20:37:41 | ئايرىم كۆرۈش
گۈلۈم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 20:23
ئاشۇ مەننى مەن شۇ دەپلا  بىلىۋالدىم ، ئاجايىپلا بىر تۇي ...

دىلمۇرات مەن بولۇپ قالامدىم تېخى

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2013-9-4 20:47:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئەپچىلەم يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 20:37
دىلمۇرات مەن بولۇپ قالامدىم تېخى

قەيەرلەردە ئاڭلىغان بولغىيتىم بۇ ئىسىمنى؟
توغرا، شۇ بىر جايدا كۆرۈپتىكەنمەن.
‹ئۆمەرجان›  بىر خىللا  ھە.......

مۇشۇنداق دەپ يىزىپ كەتسەم تازا كەچۈردىن ئۈلگە ئىلىپ.....

باھا سۆز

ھا!ھا!ھا!  ۋاقتى: 2013-9-4 20:48

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2013-9-4 21:08:56 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆمەرجان بولسا مەن ئوخشايمەن جۇمۇ، راس مەنمۇ خېلى كېلىشكەن بالا(چاقچاق جۇمۇ بۇ )
راستىنلا ياخشى يزىلپتۇ. لىكىن -زە ، پولۇ يىيەلمەپتۇق ئەمەسمۇ؟
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2013-9-4 21:10:16 | ئايرىم كۆرۈش
بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا مەنمۇ ئىشىنىمەن . لىكىن-زە ئۇنداق بەخىتكە تېخى نائىل بولۇپ باقمىدىم.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

32

تېما

208

يازما

2098

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 89
يازما سانى:
208
تىللا:
1740
تۆھپە:
45
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
59 سائەت
ئاخىرقى:
2014-12-30

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىسۆيۈملۈك ئەزا

9#
ۋاقتى: 2013-9-4 21:14:14 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2013-9-4 21:08
ئۆمەرجان بولسا مەن ئوخشايمەن جۇمۇ، راس مەنمۇ خېلى كېلى ...

ۋاھ! ئىسىمداشكەنمىز، مېنىڭ ئىسمىممۇ ئۆمەرجان

باھا سۆز

سىيىت نوچىكەنسىزدە ....  ۋاقتى: 2013-9-5 16:13
مېنىڭ ئىسمىم سىيىت ئۆمەر بەختى.  ۋاقتى: 2013-9-4 21:22

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

10#
ۋاقتى: 2013-9-4 21:25:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزگىچە ھىسىيات،يېقىملىق مۇزىكا..........................
ئادەمنى خىيالى بىر دۇنياغا باشلىدى............
ئەسەرلىرىڭ ئۈزۈلمىگەي..........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:51 , Processed in 0.145653 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش