بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-4 22:06
ئۇلۇغلۇق رەڭگىدىن تامغان تۆت قۇلۇق،ئېسىمدە ھازىرمۇ كۆپكۆك بەرگىسى.
تاتلىق بىر تۇيغۇدا ئاۋايلاپ يۇلۇپ،
دېگەنتىم مەن ئۇنى ئاشىق سۆيگۈسى.
تۆت قۇلاق ئۇ بەلكىم كىچىككىنە ئوت،
يوق ھەم ئۇنىڭدا ئەتتىرگۈل ھىدى.
گۈللەرگە شەيدا بولمىغان كۆڭلۈم،
ئىزدەيدۇ ھەر دائىم تۆت قۇلاق ئوتى.
مەن ساڭا سۇنغىنىم ئاددىغىنە ئوت،
ئۇ لىكىن قەلبىمنىڭ‹‹ بۈيۈك ئارمىنى››.
ئىزدىدىم ئىزدەيمەن كۆڭۈل كۆزۈمدىن،
بىر جۈپ تۆت قۇلاق ئۇچرار ھامىنى.
مەن ئامراق تۆت قۇلاق سەنمۇ ئامراقسەن،
تۆت قۇلاق تۆت بەرگى تۆت خقل ھىس تۇيغۇ.
بىر بەرگى سۆيگۈدۇر بىر بەرگى ۋىسال،
بىر بەرگى ئۈمۈددۇر،باردۇر ھەم ئارزۇ.
--كۈلكە
........................................................................
تۆت قۇلاققا بەك ئامراقتىم .ئۆزۈم تاپقان تۆت قۇلاقنى خاتىرەمنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ ساقلاپ قويغانتىم . كىيىنچە باللىغا تۇلا بىرىپ تۇرۇپ خاتىرەمنى ئۇ تۆت قۇلاقمۇ يوق بولغان .رەسىمنى بولسىمۇ ساقلىۋاپتىكەنمەن.
بەك ياخشى يېزىپسىز ئالبۇم . بەك تۇنۇشتەك بىلىنۋاتىدۇ بۇ شىئېر ماڭا |