|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-12 22:19
مەن يەنە كونا تېمامدىن بىرنى داڭلاپ سالىدىغان بولدۇم، كەچۈرگەيسىزلەر...
ئاپام دەيدۇ: يەنە سەمىرىپ كېتىپتىمەن
مەن دېدىم:كۈتىنىشىڭ ياخشىدە شۇ، ئورۇقلىساڭ بولمامدۇ ھەي...
ئاپام دەيدۇ: نېمە يېگۈڭ بار؟
مەن دېدىم: تاماق.
ئاپام دەيدۇ: سەن تېخى كىچىك
مەن دېدىم:مەن مەڭگۈ كىچىك شۇ
ئاپام دەيدۇ: مەن سېنىڭ ئاپاڭ تۇرسام، ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويسام نېمە بولىدۇ.
مەن دېدىم: ۋايجان.... ھېچنىمە بولمايدۇ. كىرىپ دەرس قاراي - ھە (غۇدۇڭشىپ چىقىپ كەتتىم... 90% ۋاقىتتا)
ئاپام دەيدۇ: دۇنيادا پەقەت مەنلا ساڭا شەرتسىز كۆيىنىمەن
مەن دېدىم:بىلىمەن ئاپوۋ... سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن شۇڭا (ئەركىلەپلا كېتىمەن)
ئاپام دەيدۇ: ۋاھ.... بىردەمدە مۇشۇنداق چوڭ بولۇپ كەتتىڭمۇ؟
مەن دېدىم:نەدىكىنى، ئەمدىلا ئون ئالتە (ئون يەتتە، ئون سەككىز)گە كىردىم... كىم كۆرسىمۇ مېنى ئون ئۈچكە كىردىڭىزمۇ دەيدىكەن..
ئاپام دەيدۇ: چىرايلىق كىيىملەر كۆپقۇ، ھەممىنى ئالغىلى بولاتتىمۇ؟
مەن دېدىم:كۆڭلىگە ياقسىلا ئېلىش كېرەك. (قايسى ئانا قىزىنى چىرايلىق ياساپ قويۇشنى خالىمايدۇ - ھە. ئۆيدىن چىققاندا «ئاپا ئۇنى ئېلىپ بېرىسەن، ئاپا بۇنى ئېلىپ بېرىسەن» ھەقىقىي چىرايلىق كىيىمنى كۆرگەندە ئاپام كىيىمنى تۇتىدۇ، سەپسېلىپ قارايدۇ. «قىزىم كېيىپ باقە ماۋۇنى» دەيدۇ. ئوغۇرلىقچە باھاسىغا قارايمەندە قىممەتتىرەك بولسا «پەقەتلا ياقتۇرمىدىم» دەيمەن... بىر بازارغا چىقساق شۇ ئادىتىم تۈپەيلى ھېچنىمە ئالمايمۇ قايتىمەن تېخى)
ئاپام دەيدۇ: بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىسەنكىن قېنى
مەن دېدىم: باشقا كەلگەندە باتۇر
ئاپام دەيدۇ: قوزام....
مەن دېدىم:كەيپىياتىم ياخشى چاغلاردا: ئوۋ... ئاپام بىلەن قىيدىشىپ قالغاندا: چوپچوڭ بولغاندىمۇ ئەركىلىتىپ
ئاپام دەيدۇ: ساڭا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلما، دېدىممۇ يوق
مەن دېدىم: (راست گەپ قىلاي. ئاپام ماڭا بۇ گەپنى قىلىپ باقمىغان)
ئاپام دەيدۇ: يەنە ئورۇقلاپ قاپسەن، ياخشىراق تاماق يە
مەن دېدىم:تاماقلىرىڭ ئوخشىمىغاچقا مۇشۇنداق بولۇپ قېلىۋاتقاندىمەن (بەك تاتلىق كۈلىۋېتىمەن.... ئاپامنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك چاقچاقنى چۈشىنەلمەي قالىدۇ بەزەن. شۇڭا، چاقچاق قىلدىم دېگەندەك قىلىپ كۈلىۋەتمىسەم ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس)
ئاپام دەيدۇ: قىز بالا دېگەن چىرايلىق بولۇشى كېرەك
مەن دېدىم: ۋايجان... ماڭا كىم قارايتتى؟
ئاپام دەيدۇ: مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ قايتىسەنغۇ دەيمەن - ھە
مەن دېدىم:ۋاي شۇ... xx نىڭ ئىشى تۈگىمەي.
ئاپام دەيدۇ: سەن چوقۇم سىنىپىڭلاردىكى، مەكتىپىڭلاردىكى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھۇرۇن قىز
مەن دېدىم: ئاپا، xxنىمۇ ئاپىسى شۇنداق دەيدىكەن. قىزلارنىڭ ھەممىسى ھۇرۇن ئوخشايدۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن.
ئاپام دەيدۇ: ئادەمنى نېمانچە ئەنسىرتىدىغانسەن
مەن دېدىم: ۋاي، يەنە نېمە قىلدىم؟
ئاپام دەيدۇ: كىممۇ سەندەك ھۇرۇن قىزنى ئالار
مەن دېدىم: ... ساراڭغۇ (ئاپام ئاڭلىمىغۇدەكلا پىچىرلايمەن)
ئاپام دەيدۇ: ئادەم دېگەن ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك
مەن دېدىم: بالا دېگەن ئاپىغا تايىنىدۇ...
ئاپام دەيدۇ: بولدى، سەندە كارىم يوق
مەن دېدىم: خىڭ.... (يىغلامسىراپ ھۇجرامغا كىرىپ كېتىمەن)
ئاپام دەيدۇ: داداڭ ئىككىڭلار ئوپمۇئوخشاش
مەن دېدىم:شۇڭا ھەر ئىككىمىزنى ياخشى كۆرىسەنغۇ
ئاپام دەيدۇ: پۇلۇڭ باردۇ؟
مەن دېدىم:بار... (كەچۈر دېگەن ساراڭ قىز ئۆيىدىكىلىرى پۇل بەرسىمۇ يېنىمدا پۇل بار دەپ ئالمايدۇ - ھە...)
ئاپام دەيدۇ: يەنە يېقىنىراق ئولتۇر، تېلىۋىزورنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەت بولدى
مەن دېدىم: (بۇ گەپنى قىلمىغىلىمۇ ئۇزاق بوپتۇ....)
ئاپام دەيدۇ: تۇرە....
مەن دېدىم: يەنە بىردەم..... / ئورنۇمنى يىغىۋەتسەڭ تۇرىمەن
ئاپام دەيدۇ: ئۆزۈڭنى ئۇنچە چارچىتىۋالما، ھېچنىمە بولمايدۇ قوزام
مەن دېدىم: ماقۇل، ئازلا قالدى...
ئاپام دەيدۇ: يۈزىدە ئانچە - مۇنچە گۆش بولسا ئاندىن ئوماق تۇرىدۇ، ئورۇقلايمەن دېمە
مەن دېدىم: نەدىكىنى.... 40تىن يا ئۆرلىمەيمەن، يۈزۈم نېمانچە سەمىرىپ كېتىۋاتىدۇ دېگىنە سېنى تارتىپ...
ئاپام دەيدۇ: ئەجەب چارچىدىم....
مەن دېدىم: ئۇخلىمامسەن... (شۇنچە كۆپ ئىشنىڭ ئاپامنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالسام كېرەك)
ئاپام دەيدۇ: نېمە ئازىراقمۇ قىز بالىغا ئوخشىمايسەن ھەي
مەن دېدىم:ئۆزۈڭ تۇغدۇڭغۇ شۇنداق ئادەمنى
ئاپام دەيدۇ: كىچىك ۋاقتىڭدا بەك گەپ ئاڭلايتتىڭ
مەن دېدىم: پاھ... ھازىر ئاڭلىمامدىمەن
ئاپام دەيدۇ: گېپىمنى ئاڭلا - ھە
مەن دېدىم: (ئۇنتۇپلا قاپتىمەن)
ئاپام دەيدۇ: تېخى ئۇخلىمىدىڭمۇ؟
مەن دېدىم: ياق...
ئاپام دەيدۇ: گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ كېيىن «بۇرۇن ئەجەب ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىماپتىمەن» دەپ قالىسەن
مەن دېدىم: (ئېسىمدە يوق)
ئاپام دەيدۇ: داداڭغا دەپ قويمايمەن
مەن دېدىم: ۋۇي، قىززىققۇ... دادامغا دەپ قويغۇدەك ئىش قىلمىدىم
ئاپام دەيدۇ: كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ «مۇھەببەتلەشمىدىم» دە
مەن دېدىم: توۋا... نېمانچە ئىشەنمەيسەن... مۇھەببەتلەشمىدىم
ئاپام دەيدۇ: xxx كە قارىغىنا....
مەن دېدىم: ۋايجان... شۇ خەق بىلەن سېلىشتۇرمىغىنا....
ئاپام دەيدۇ: قاراپ باقە، كىمگە ئوخشايسەن!
مەن دېدىم: ساڭا
ئاپام دەيدۇ: كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ، ئازىراق تورغا چىقساڭ چىڭخۇاغىمۇ ئۆتەلەيتتىڭ ئەسلى....
مەن دېدىم: ئىچكىرىگە كەتسەم يەنە كۈندە يىغلاپ ئولتۇرالا...
ئاپام دەيدۇ: ھەي.... بالام، سەنمۇ ئانا بولغاندا بىلىسەن
مەن دېدىم: سەنمۇ ئانا بولغاندا بىلگەن؟.... (ئاندىن كۈلىۋېتىمەن. بولمىسا تىللاپ كېتەرمىكىن)
ئاپام دەيدۇ: يەنىلا مېنىڭ قىزىم ياخشىدە...
مەن دېدىم: ئۆزۈڭنىكى تۇرسا
ئاپام دەيدۇ: شۇنداق كېتىپ قالغۇم كېلىدۇ بۇ ئۆيدىن..... (يىغلاپ تۇرۇپ)
مەن دېدىم: ئۆزۈڭ تېگىۋالغانغۇ يىراق شەھەرگە
ئاپام دەيدۇ: مۇشۇ ۋاقىتقىچىمۇ ئۆيگە قايتمامدۇ؟
مەن دېدىم: (يەرگە قاراپ تۇرۇپ نېمىشقا كەچ قايتقانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى دەپ بېرىمەن)
ئاپام دەيدۇ: سېنى ئۇنغا/كېپەككە/دوختۇرخانىدا/پۇلغا ئالماشتۇرىۋالغان
مەن دېدىم: ئىشقىلىپ، كىچىك چاغلىرىمدا بۇ گەپكە بەك جىلە بولاتتىم. خېلى بوپتۇ بۇ گەپنىمۇ ئاڭلىمىغىلى |
|
|
|
|
|
|