ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 182|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قېرىنداش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

128

تېما

179

يازما

2295

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 283
يازما سانى:
179
تىللا:
1866
تۆھپە:
80
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-18

سادىق ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىسۆيۈملۈك ئەزاتۆھپىكار ئەزا

قېرىنداش

باشقا ئېغىر كۈن چۈشسسە يۆلەلەيدۇ قېرىنداش ،
سارغايغاننى قۇچاقلاپ سۆيەلەيدۇ قېرىنداش ،
قايناقسۇغا نان چىلاپ كۈلەلەيدۇ قېرىنداش .
ئىچ –ئىچىدىن سېغىنىپ مۆرەلەيدۇ  قېرىنداش،
ھارغان چاقنى مۈدىرەپ سۆرەلەيدۇ قېرىنداش.

ئاتلاپ دائىم بوسۇغا ئەھۋالىڭنى سورايدۇ ،
تاپقىنىغا  يارىشا يانچۇقىنى كولايدۇ،
مەسلەھەتتە بىرلىشىپ پىلانىڭنى قوللايدۇ ،
تۈرەر دەرھال يېڭىنى قول قوشتۇرۇپ تۇرمايدۇ ،
خائىشىغا چەك قويماي كېلەلەيدۇ قېرىنداش .

ئازدۇرىدۇ ئادەمنى نەپسى خائىش شەيتىنى ،
پۈۋلەپ تۆھمەت قېپىغا ساقلاپ تۇرار پەيتىنى ،
روھىيەتكە غىدىقلار راھەت تۇرمۇش كەيپىنى ،
ئېسىل ئەخلاق ئادەمنىڭ ئاشكارلىماس ئەيپىنى ،

كۆڭۈلدىكى نىيەتنى بىلەلەيدۇ قېرىنداش.

نەزىر–چىراق، توي–تۆكۈن تاللىمايدۇ پەسىلنى،
ئەمەلىدە ئۈلگىلىك قالدۇرىدۇ تەسىرنى،
ئەل –جامائەت ئىشىدا قالدۇرمايدۇ كەسىرنى ،
كۈندۈزى رەت ئۇزىتار بامدات، پېشىن ، ئەسىرنى،
دۇئاسىدا ياخشىلىق تىلەلەيدۇ قېرىنداش.

ئارىمىزدىن كېتىدۇ دائىم يۈرەك پارىلەر ،
تىتىرەيدۇ ئۈزۈلۈپ مۇڭدا يۈرەك تارىلەر
سۆيۈشكەندە چوڭ-كىچىك ئېغىز ئالار يارىلەر ،
بوسۇغىدا داتلىشار ناباپ نىيەت ئالىلەر ،
سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ قېرىنداش.

بىر باش قوناق رېتىدەك كەمبىغىلى بېيىمۇ ،
ئاتلاپ قالساڭ بوسۇغا قايناپ تۇرغان چېيىمۇ ،
دەستۇرخاندا مۇڭدىشار ئەر-ئايال ، ياش -قېرىمۇ ،
ئالتۇن –كۈمۈش نەۋرىلەر تاتلىقلاردىن  نېرىمۇ ،
زىمىستاندا شەبنەمدەك ئېرەلەيدۇ قېرىنداش.


جەمەتىدىن شاخلىنار ھەر خىل كەسىپ مىۋىلەر ،
ئەسىر ھالقىپ بىر ئەۋلاد رەستىلەردە جىلۋىلەر،
شۇڭا ئەلباش كارخانا تۆت قۇلاقتەك كۆرىنەر،
مىۋىسى توق ئەمگەكتىن  پۇتۇن قەۋىم سۈيۈنەر ،
باياۋانغا قىزىلگۈل تېرەلەيدۇ قېرىنداش.

ئاپتۇرى :ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-8 10:45:31 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ئوبدان يىزىپسىز جاپا چەكتىڭىىز
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:53 , Processed in 0.117424 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش