ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 292|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇخلىۋالاي ،تىنىچ قوي دۇنيا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

105

يازما

1002

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 502
يازما سانى:
105
تىللا:
892
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
93 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

جانلىق ئەزا


                       ئويلار پەرىشان  




كۆزلەردە ئۇيقۇ يوق،ئويلار پەرىشان،
سۈكۈتكە يەم بۇلۇپ تۆكۈلمەكتە غەم.
تۈگۈنلەر شادىمان،كۈتۈشلەر خاراپ،
بىر سۇلغۇن ئەتىگە تاشلىغاچ قەدەم.



كېچىنىڭ بىپايان يالغۇزلۇقىدا،
ئۈمىدلەر چىچەكلەپ توزار بىمالال.
كەچمىشتىن سوزۇلغان غېرىبان كۈيلەر،
بىرەلەر كىمگىمۇ ئوتلۇق بىر ۋىسال.



كىملەردىن تەسەللى كۈتەركىن يۈرەك،
كىم ئۈچۈن تەسەددۇق بۇلاركىن بۇ جان.
قاچانمۇ بىر تەلۋە ئارمىنىم بۇلۇپ ،
تۇغۇلار بىر ئىستەك ،ئوتلۇق ھاياجان.



تەشۋىشكە تۇيۇنغان خىلۋەت بۇ دۇنيا،
ھارغىن شۇ كۆزلەرگە بىرەر  نە جاۋاپ.
ۋە ياكى ئۇنتۇلغان ئاسىي كۈتۈشلەر،
بارىمنى قايتا رەت قىلارمۇ خاراپ...


چۈش كەبى يار


سەن كىملەرگە بولدۇڭ پاسىبان،
مەن كىم ئۈچۈن كىيەرمەن لىباس.
ئاخىرقى رەت ئازغۇنلۇقۇمدا،
ئۇنى سەن دەپ قىلىمەن قىياس.



سەندىن بىر  رەت كۈتمىگەن سۆيگۈ،
كەلدىڭ بىر ئوت ئارمان باغاشلاپ.
كەتمەس دىدىم،ئىشەندىم كەتتىڭ،
قالدىم كۈلۈپ كۈلكەمنى ياشلاپ.



مەن دۇنيادىن كەچكەن ئېرەنسىز،
بولدۇم سەندە مەغلۇپ ئاقىۋەت.
سۆيەلمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەستى،
ئويچان كۆزۈڭ ئويغاتتى ھەسرەت.



بىرەلمىدى گۈزەل بىر ۋىسال ،
ماڭا ئۈزۈك سالغان قوللىرىڭ.
چاندى ئاخىر ئەللەر ئالدىدا،
ئەقىدەمدە سۇلغان گۈللىرىم.



ساڭا ئايان مىنىڭ ھەسرىتىم،
ئەمدى كۈلمە نىدالىرىمدا.
مەيلى كەتكىن كىتەيلى جىمجىت،
يەنە  سەن بار دۇئالىرىمدا.


ئۇخلىۋالاي ،تىنىچ قوي دۇنيا



ھالسىراتتى تەشۋىش ،غەملىرىڭ،
قىسمىتىڭگە كۆندۈم تانمىدىم.
مەن كۆيۈشنى ئىستىدىم ،ئەمما،
كۈل بۇلۇشتىن قورقۇپ يانمىدىم.



بەردىم بەرداش كۈلپەتلىرىڭگە،
ياشاپ كەلدىم تاغدەك ئىگىلمەي.
ساختا كۈلۈپ ئۆتسىمۇ يۈرەك،
بىر ئېچىلماي ،بىرەر رەت كۈلمەي.



چىن يۈرەكتىن سۆيگەنلىرىم گاھ،
دىلنى پارە،يارا ئىتىشتى.
بىرىپ سۆيگۈ نامىدىن قەسەم،
ئۇلار يەنە مەغرۇر كىتىشتى.



كۈتۈشلەرنىڭ قوينىدا يىتىم،
ئارمانلىرىم قالدى مۇڭسىراپ.
غۇۋا تۈگۈن ،تەكرار ئالدىنىش،
ئەزدى دىلنى ئاچچىق ئىزتىراپ.



ھېچ قالمىدى بەرداش دىلنىڭ،
باستى تەشۋىش تاغ بۇلۇپ گويا.
غەمدەك پىنھان غېرىپلىقىمدا،
ئۇخلىۋالاي ،تىنىچ قوي دۇنيا.




                         ـــــــــدىلخازان
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
قۇياش ھامان كۈتۈرۈلىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-11-12 08:42:57 | ئايرىم كۆرۈش
تۈن نىسپىدە ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدە،
سەن ئۆزۈڭنى ئېتىسەن ئەللەي.
زوقۇڭ بولسا مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە،
چاقىرۋال،  يېنىڭغا كېلەي.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-11-12 08:44:23 | ئايرىم كۆرۈش
جېنىمدا شاخلىغان ھىجران دەرىخى،
توختىماي تاشلايدۇ باغرىمغا يىلتىز.
سۆيگۈدە ئاينىغان مېھىر يامغۇرى،
يۈرەككە بىر دەقىق سالالمىدى ئىز.

                                        ***             ***             ***   

كۆڭلۈمنى قاپلىغان ھەسرەت تۇمانى،
تىنىمدە ئوينايدۇ ئەركىلەپ ئازاب.
ئېچىرقاپ شۇ تاپتا قىسمەتلەر گويا،
ئۈمىدنى ئۈن - تىنسىز يىمەكتە غاجاپ

                                                   - " يۈرىكىم "  خاتىرەمدىن   
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-11-12 11:59:56 | ئايرىم كۆرۈش

چىن يۈرەكتىن سۆيگەنلىرىم گاھ،
دىلنى پارە،يارا ئىتىشتى.
بىرىپ سۆيگۈ نامىدىن قەسەم،
ئۇلار يەنە مەغرۇر كىتىشتى.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-11-12 18:44:46 | ئايرىم كۆرۈش
شىئىرنى  ياخشى  يازىدىكەنسىز  ،  داۋاملىق  تىرىشقايسىز  .
تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-11-12 19:16:53 | ئايرىم كۆرۈش
بەك  ياخشى  يېزىپسىز ،رەھمەت سىزگە.
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-11-12 19:42:48 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ،   ‹ ئۇخلىۋالاي ،تىنىچ قوي دۇنيا  ›   ماۋزۇنى بەك ياختۇردۇم ...
ئىلھاملىرىڭىز  زىيادە بولسۇن....

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-11-12 21:58:43 | ئايرىم كۆرۈش
ماتېمىغا ۋىرۇس يۇقتىما؟سالونغا يوللىسام يەنە بىر سالوننىڭ تېمىسى بىلەن ئوخشاش دەپ ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئاپتۇماتىك شۇ تېمىغا ئالمىشىپ كېتىپ پەقەت يوللىغىلى بولمىدى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
ۋاقتى: 2015-11-13 12:59:17 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ ۋاھ    ،ھەجەپ ياخشى  يېزىپسىز  ،ھارمىغايسىز  ئاچا
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-11-15 20:57:17 | ئايرىم كۆرۈش
خاراكتىرى ئوچۇق ،ھىسيات پاكىزە بولغان بۇشېئىرلىرىڭىز ماڭا يارىدى  .مۇشتا شېئىرلىرىڭىز مۇنبەر يۈزىدىن يوقاپ كەتمىگەي .
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:00 , Processed in 0.138144 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش