ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈچ غەلەت
- نەسىھەت، تەھدىت ۋە سۈر
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
  ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ بالىلار تەرەققىيات مەركىزى قۇرغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە مەندىن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ كەلگەنلەر بىلەن ئىنچىكە سۆھبەتلەردە بولدۇم. نەتىجىدە شۇنى بايقىدىمكى، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە نامۇۋاپىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ كۈتكىنىنىڭ تەتۈرىسىچە نەتىجىگە ئېرىشىۋېتىپتۇ. بۇلار ئۈنۈمسىز نەسىھەت، يالغان تەھدىت ۋە ئارتۇقچە سۈردىن ئىبارەت ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلىنىدىكەن. مەن بۇنى پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۈچ غەلەت دەپ ئاتىدىم.
پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق نەسىھەت قىلىۋاتقىنىغا نەزەر سالغىنىمىزدا نەسىھەتلەردە مۇنداق بىر قانچە غەلىتىلىك بار ئىكەن.
1. چوڭلارنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ سىقىنچىلىق كەچۈرمىشىنى ئەندىزە قىلىش. مەن بۇنداق نەسىھەت ئۇسۇلىنى بالىلار تەرەققىيات مەركىزىمىزگە كەلگەن ئاتا-ئانىلاردىن كۆپ ئاڭلايمەن. مەسىلەن "بالام نېمىشقا خەنزۇچە ئۆگەتسە دىققەت قىلمايسەن؟ خەنزۇچە بىلمىسەڭ چوڭ بولغاندا خىزمەت تاپالمايسەن، ئىستىقبالىڭ بولمايدۇ. ھازىر نەگە بارساڭ خەنزۇچە بىلمىسەڭ سېنى ئىشقائالمايدۇ..." بىزنىڭ مەركىزىمىزدە بالىلارنىڭ كىچىكى تۆت ياش، چوڭى ئەمدى بەش ياش. بۇ بالىلار خەنزۇچە دېگەننىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. خىزمەت تېپىش نېمە، ئىستىقبال نېمە بىلمەيدۇ. چوڭلارنىڭ بېشىدىن نېمىلەرنىڭ ئۆتىلىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. چوڭلارنىڭ بۇنداق ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىشى بالىلاردا ھەيرانلىقتىن باشقا ھىچ بىر تەسىر قوزغىشى ناتايىن.
2. مۇۋەپپەقىيەتچىلەرنى ئىجابىي ئۈلگە، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەرنى سەلبىي ئۈلگە قىلىش. مەسىلەن، بىر كۈنى دىققەت قىلسام بىر خانىم بالىسىغا ئەخلەت يىغىۋاتقان بىرەيلەننى كۆرسىتىپ "قارا تاپشۇرۇق ئىشلىمىسەڭ،ياخشى ئوقۇمىساڭ ئاشۇ مەينەت كىشىدەك ئەخلەت تېرىسەن..." دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. بۇنداق گەپلەرنىڭ دېيىلىدىغان ئورنى خېلى كەڭرى. قەشقەردە بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاغزىغا كۆپ چىقىدىغان بۇنداق سەلبىي ئۈلگە ئوبىكىتىلىرى ئادەتتە دېھقان، تازىلىقچى ۋە قاراۋۇللاردىن ئىبارەت ئىكەن. ئىجابىي ئۈلگىلەر ئەمەلدار، ساقچى، خوجايىن، پۇلدارلار ئىكەن، ئەلۋەتتە. بىر كۈنى مەركىزىمىزدىكى بالىدىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىۋېدىم، ساقچى بولىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دەپ بەردى. قىزىقسىنىپ سەۋەبىنى سورىسام "ساقچى دېگەن ھېچكىمدىن قورقمايدۇ، ھەممە ئادەمنى باشقۇرىدۇ..." دەيدۇ. دېمەك قەشقەردە كوچىدىكى ھەممە ئادەمنى خالىغانچە تەكشۈرەلەيدىغان ساقچى بالىلارنىڭ قەلبىگە  مۇۋەپپەقىيەت ئۈلگىسى بولۇپ ئورۇنلۇشۇپتۇ. بىر كۈنى بىر ئوقۇغۇچۇم دوختۇر بولغۇسى بارلىقىنى سۆزلەپ قالدى. سەۋەبى دوختۇر بولسا دوختۇرخانا ئاچارمىش، دوختۇرخانا ئاچسا داچىسى بولارمىش. يۇقارقىدەك سەلبى ۋە ئىجابىي ئۈلگىلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ نەسىھېتى ۋە جەمئىيەتنىڭ سىڭدۈرىشى ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆزىنىڭ كىم بولۇشلىرى ھەققىدە دەسلەپكى لايىھەنى تۇرغۇزۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇ لايىھەنى شەكىللەندۈرگەن ئۈلگىلەر بالىلارنىڭ قەلبىدە ئىنساننىڭ نېمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئىينەزەر ھۆرمەتلىشى كېرەكلىكى يىلتىزلىتالمايدۇ. بالىلاردا ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي ئورنى جەھەتتە مۇتلەق باراۋەرلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىز تەربىيە جەريانىدا بالىلارغا نەسىھەتنى ھېكايە ئارقىلىق سىڭدۈرسە ئاسان بولىدىغانلىقنى بايقىدۇق. ئەمەلىيەتتە بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەسەللەر، چۆچەكلەر، داستانلار ۋە قىسسەلەر نەسىھەتنىڭ ھىكايەلەشتۈرىلىشى ئىكەن. قارىغاندا بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار بۇ ھىكايىلەردىكى ۋەقەلىككىلا دىققەت قىلىپ ئاشۇ ۋەقەلىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان نەسىھەت ۋە ھېكمەتلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. مەدداھلىق، داستانچىلىق ئەنئەنىسى يوقالغانلىقتىن بىزدە چۆچەك بىلەن نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت مىراس ئەنئەنە سۇسلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنداق ھېكايىلىك ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلغاندا ھېكايە مەزمۇنى ئاددى، ھايۋاناتلار پىرسۇناج قىلىنغان، بالىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلاشتۇرۇلغان، قىزىقارلىق، قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق نەسىھەت قىلغاندا نەسىھەتنىڭ مەزمۇنىنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ساختا تەھدىت بالىلارنى قىلىقسىز قىلىپ قويىدىغان يەنە بىر خاتا تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. كۆزىتىش ۋە سۆھبەت جەريانىدا بالىلارغا گەپ ئاڭلىتالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ تەھدىت سېلىشلىرى دائىم قۇلىقىمغا كىرىپ تۇرىدۇ. تەھدىتلەر ئادەتتە "يەنە گەپ ئاڭلىمىساڭ ئۆيگە كەلمە"، "بۇ ئەخلەتنى يەنە يىسەڭ بۈگۈن كەچ ئاچ قېلىپ ئۆلىسەن"، "يەنە گەپكە كىرمىسەڭ خەنسۇغا بېرىۋېتىمەن"، "بۇندىن كېيىن يەنە ئۆيگە كېچىكىپ كەلسەڭ پاچىقىڭنى چاقىمەن" شەكلىدە دېيىلىدىكەن. مېنى ھەيران قىلغىنى ئاتا-ئانىلار ئادەتتە تەھدىت سالغان بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلالمايدۇ. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم نېمىشقا ئۇلار ئەمەلگە ئاشماس تەھدىتلەر بىلەن بالىلارنى قورقىتىشقا خۇشتار؟
مەنچە بالىلارنى بۇنداق ۋجۇدقا چىقماس ساختا تەھدىتلەر بىلەن قورقۇتۇش ھىچ ئۈنۈم بەرمەيدىغان تەربىيە ئۇسۇلىدۇر. بالىلار بۇ تەھدىتلەردىن دەسلەپتە قورقىشى مۇمكىن، لېكىن داۋاملىق ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى كۆرۈلگەندە بۇ قورقۇش قېلىنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ شۇ پېتى داۋاملىشىدىغان بولسا بالىلارغا يالغان قورقۇتۇشلار تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ. مەنچە پەرزەنتلەرنى بۇنداق يالغاندىن قورقۇتۇشنىڭ ئورنىغا كونكىرىت بىر جازا ئارقىلىق يارىماس قىلىقلارنى تىزگىنلەش ئەۋزەلدۇر. مەسىلەن، "ئەخلەت يىمەكلىك يەيدىغان بولساڭ بۈگۈن كەچتەئۆيگە كەلمە!" دېگەننىڭ ئورنىغا "ئەخلەت يىمەكلىك يەيدىغان بولساڭ،بۈگۈن كەچلىك تاماقنى يىمە، ئەرتە ناشتا قىلما!" دەپ شۇ گەپ بويىچە جازالىسىلا بالا خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى ئۆتەپ ئىككىنچى قېتىم شۇ ئىشنى قىلغۇسى  كەلگەندە ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. بالا ئۆزىنىڭ بىر دەملىك نەپسىگە ئەگىشىپ خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇچرايدىغان جازانىڭ بىر كېچىلىك قىينىلىش ياكى بەك چوڭ مەھرۇملۇق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆز ئالىدىغا كەلتۈرگەندە خاتالىقتىن تەبىئىي ئۆزىنى تارتىدۇ.
پەرزەنت تەربىيىسىدە كۆزۈمگە چېلىققان ئاخىرقى بىر نامۇۋاپىق ئۇسۇل بالىلارغا ئارتۇقچە سۈرلۈك بولۇۋېلىش ۋە ئۇلارنى تەپ تارتقۇزۇش ئارقىلىلىق تەربىيەلەش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولۇشتۇر. ماڭا دەرت ئېيتىپ كەلگەن ئاتا-ئانىلارئادەتتە بالىلىرىدىن قاقشاپ " بۇ ئوغلۇم يا دادىسىدىن تەپ تارتمايدۇ، يا مەندىن تەپ تارتمايدۇ، ئۇرۇپمۇ باقتۇق، لېكىن پەقەت گەپ ئاڭلىتالمىدۇق"دەيدۇ. يەنە بەزىلەر " ئوغۇل بالىغا دادا دېگەن سەل سۈرلۈك بولمىسا بولمايدۇ، بالا دېگەن ئۆيدە دادىسىدىن تەپ تارتىپ قورقۇپراق چوڭ بولغىنى ياخشى"دېيىشىدۇ. مەن ئويلۇنۇپ قالىمەن. بالىلارنى گەپ ئاڭلىتىش ئۈچۈن چوقۇم دادىلارنىڭ سۈرىدىن تەپ تارتقۇزۇش زۆرۈرمۇ؟ باللىلار چوقۇم دادىسىنىڭ سۈردىن قورقۇپ چوڭبولمىسا تەربىيەلىك بولالمامدۇ؟ مەنچە بالىلارنى ھەرقانداق باھانە بىلەن، ھەرقانداق شەكىلدە قورقۇتۇپ چوڭ قىلىش يېڭىلىشقانلىقتۇر. دادىسىدىن قورقۇپ چوڭ بولغان ئوغۇل بالا ياۋاش، قۇلىقى يۇمشاق ئۆسكەن بىلەن ئانىسىغا زىيادە يۆلىنىۋېلىپ، خاراكتىرى ئاجىز، مىشچان، ھىسسىياتچان، تەۋەككۈلسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق ئوغۇللار دادىدىن ئۆگىنىشى كېرەك بولغان قەتئىيلىك، قورقۇمسىزلىق ۋە ئەقلىيلىك قاتارلىق روھىي سۈپەتلەردىن ۋە نۇرغۇن تەجرىبە ۋە بىلىملەردىن زىيادە قورۇققانلىق سەۋەبىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. دادىسىنىڭ كۆيۈمىدىن تەسىرلىنىپ ئەمەس، سۈرىدىن قورقۇپ ياخشى ئادەم بولۇشقا كۆنۈپ قالغان ئوغۇل بالىلاردا زورلۇقسىز تاپقا چۈشمەيدىغان، زورلۇقسىز تەرتىپنىڭ مەۋجۇد بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغان، زوراۋاندىن زىيادە قورقۇپ ئاجىزغا ئارتۇقچە، پىرىنسىپسىز ھېسىداشلىق قىلىدىغان بىنورمال پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا "دادا ئوغلىغا، ئانا قىزىغا سۈرلۈك بولۇشى كېرەك. قىز بالا ئانىدىن، ئوغۇل بالا ئاتىدىن تەپ تارتىپ چوڭ بولساياخشى" دەپ قارايدۇ. مەنچە دادىمۇ، ئانىمۇ قىز ئوغۇللىرىغا پەرقلەندۈرمەستىن سۈر كۆرسەتمەي مېھرىبانلىق بېرىشى كېرەك. ئانا بولغۇچى قىزىغا مۇڭداش، قىز بالا ئانىسى بىلەن دوست بولالىشى كېرەك. قورقۇنچ، تەپ تارتىش ئىچىدە دوستلۇق شەكىللەنمەيدۇ. ئوننەچچە يىللىق ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق تەجرىبەمدىن قارىغاندائانىسى بىلەن سىرداش بولۇپ ئۆسمىگەن قىزلارنىڭ ھىسسىياتى زىيادە تۇراقسىز بولۇپ دائىم بىراۋنىڭ كۆيۈمىگە، ياردىمىگە تەلپۈنۈپ ياشايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. مەنچە بۇنداق قىزلارغا ئۆيدە دادىسى مېھرىبان ئانىسى قاتتىق قول بولغاچقا ئۆيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دادىسىغا ئوخشاش شۇنداق بىر مېھرىۋان ئەرنىڭ ئەركىلىتىشلىرىنى تاما قىلىپ يۈرۈپ ئورۇنسىز قۇربانلارنى بېرىدىكەن.
يۇرتىمىزدا مائارىپ يامان ئەمەس ئومۇملاشقان بىلەن پەن ئومۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن تۈزۈم ۋە ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان رايۇنلىرىدا ئاللىقاچان ئومۇملاشقان پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى ئىپتىدائىي ساۋاتلار بىزدىن خېلى يىراق تۇرماقتا. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەن بىلەن پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلەلمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، بىر ئائىلىدە پەرزەنتى قىزىپ قالسا دەرھال دوختۇرغا چاپىدىغان ئاتا-ئانىلار بار، ئەمما بالىنىڭ باشلىرى ساڭگىلاپ، ھەپتىلەپ جىمغور بولۇپ قالسا پىسخىك دوختۇرغا كۆرسۈتىدىغان ئاتا ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا. ئەمەلىيەتتە گىرىك مۇتەپپەكۇرى ھېراكلىت ئېيتقاندەك بىزنىڭ خاراكتىرىمىز بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدۇ. بالىلاردا ياخشى خاراكتىر يېتىلدۈرۈش، پەرزەنتلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر. دېمەك، بالىلارنى ئۈنۈمسىز نەسىھەت بىلەن زېرىكتۈرۈپ، ساختا تەھدىت بىلەن قورقۇتۇپ، سۈر-ھەيۋە بىلەن غۇرۇرىنى زەيىپلەشتۈرۈپ تەربىيەلىك قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئۇسۇللار بالىلارنىڭ پىسخىك ساپاسىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېنى كەمتۈك بالا كىشىنى قايىل قىلىدىغان قەلب مۇكەممەللىكى بىلەن غەلىبە قوچىشى مۇمكىن، ئەمما روھى مىيىپ ھەر قانداق پەرزەنت ھەممە ئەزاسى سەللىمازا بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم ھايات قورغىنىنى قۇرۇپ چىقالمايدۇ.
   

مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى گۈلەن يازمىسى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2013-7-21 01:13:19 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-21 14:05  

ئىنتايىن ياخشى تىمكەن...
پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزلۈپتۇ .
دەرۋەقە ئائىلە تەربىيسى بىلەن مەكتەپ تەربىيسى بىرلەشكەندىلا بالنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلشگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلدۇ..

28

تېما

136

يازما

1469

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 13
يازما سانى:
136
تىللا:
1242
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2014-7-26

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-7-21 14:04:01 | ئايرىم كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى مەزمۇنكەن بۇ پەرزەنىت تەربىيسى ئەڭ مىۇھىم  تەربىيەلەرنىڭ بىرى!!!!  يەنە بولسا   يوللاپ  تۇر!!!
زۇلپەرى

10

تېما

1410

يازما

6225

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3
يازما سانى:
1410
تىللا:
4585
تۆھپە:
65
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-3

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2013-7-21 14:05:18 | ئايرىم كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىمىلار  بىلەن باشلىنىش بولدى ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى بولىشىدا گەپ يوق ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن تىلسىم ئىنىم ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:07 , Processed in 0.122146 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش