|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-15 09:18
بېرىپ قوي

بوسۇغاڭغا بىر ھاجەتمەن كەلسە خالاپ بېرىپ قوي ،
كىچىكىنى ئايرىۋىتىپ چوڭنى ساناپ بېرىپ قوي .
مىۋىلىرىڭ تام ئارتىلىپ ياردى سائىل لېۋىنى ،
شىرنىسىنى ئايرىۋالماي ساقنى تاللاپ بېرىپ قوي .
تۇرمۇشىڭنىڭ بۈرجىكىدىن ئۆچتى ھەرب بىرەر تال ،
ئەتىۋارىڭ بولسا توپا پاكىز يالاپ بېرىپ قوي .
ئاۋۇغاندا مال -مۈلۈكىڭ گەز باغلىغان لەۋ ئۈچۈن ،
گۆش - مېيىدا بەل قوۋۇرغا تەكشى چاناپ بېرىپ قوي .
قىيا ئاچما دەرۋازىنى، ساقسىز تۇرسا قوشنىلار ،
ساقلىماستىن ۋەسلى رامىزان ئاي ئارلاپ بېرىپ قوي .
كېرىكىدە چىقماس دەرھال ئەسلى تۇمۇش سايمىنى ،
سورىغاندا بولسا توپا ،ياخشى تازلاپ بېرىپ قوي .
غادايماستىن سالغىن نەزەر بولسا مەۋھۇم ئاجىزە ،
رەنجىتمەستىن دىل تارىنى ياخشى سازلاپ بېرىپ قوي .
مۇزلىغاندۇ قىش -قۇرۇدا يالاڭ يىتىم ياش تۆكۆپ ،
تاشلىمستىن دوق نىيەتتە قاتلاپ -ياماپ بېرىپ قوي .
قول قوشتۇرۇپ تۇرغىنىدا مىسلى موھتاج قامىتى ،
ئاپتاپ چىراي ھېسلىرىدا خۇشۋاق سايراپ بېرىپ قوي .

ئاپتۇرى :ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن |
|