ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 444|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripat~oghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-6 16:39  

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى


چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.
ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.
پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
قورققان مۇش تەڭلەر .
كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.
نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .
تاما - تاما كۆل تۇلار .
پۇل - پىششىق تاماق .
تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
تامغىلىق مال يۇقالماس
ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.
بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
مەردنى مەيداندا سىنا.
مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
<<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
ئاچ ئىتقا ئاش بەرسە، توق ئىت غىڭشىيدۇ.
ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
ئاچ مېلىم بار مېلىم ، توق مېلىم يوق مېلىم .
ئاچ ئۆلگەندىن توق ئۆلگەن ياخشى.
ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس.
ئاچ قالغانغا نان ياقتۇرما، مۇزلىغاندا ئوت ياقتۇرما.
ئاچ قالغىچە ، يالىڭاچ قال.
ئاچ قالمىغان ئاچلىقنى بىلمەس.
ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاچ قوساققا سۆز ياقماس.
ئاچ قورسىقىم، تېنچ قورسىقىم.
ئاچ توق بىلەن ئوينىمايدۇ.
ئاچنىڭ چۈشىگە ئاش كىرەر.
ئاچنىڭ دەردىنى(ھالىنى) توق بىلمەس.
ئاچنىڭ كۆزى ناندا ، توقنىڭ ھېكمەتتە.
ئاچنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس.
ئاچتىن ئۆلگەن بېخىلنىڭ قوينىدا بىر توغاچ.
ئاچلىق ئاغرىقتىن يامان.
ئاچلىق كىشىگە يېلىنىشتىن ياخشى.
ئاچلىق نېمە يىگۈزمەيدۇ ، ئاچچىق نېمە دېگۈزمەيدۇ.
ئاچلىققا ھىچ كىشى ئۆلمەس.
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا تاشلىما (- ئۇنتۇما)
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
ئاچچىق ئادەمگە دۈشمەن.
ئاچچىق ئالدىدىن يۈرەر، ئەقىل كەينىدىن.

ئادەم بىلگەننى ئوقۇيدۇ، توخۇ كۆرگەننى چوقۇيدۇ.
ئادەم بولىمەن دېسەڭ، پۇلنى دوست تۇتما.
ئادەم ئەڭەك (ئەقلى) بىلەن كۆرۈنەر.
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
ئادەم ھەممىگە باش.
ئادەم كۆركى يۈزدۇر، يۈزنىڭ كۆركى كۆز ، ئېغىز كۆركى تىلدۇر ، تىلنىڭ كۆركى سۆز.
ئادەم ئوتتۇز ، خۇدا توققۇز.
ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس.
ئادەم قۇلاقتىن ، ھايۋان تۇياقتىن (سەمرىيدۇ).
ئادەم سۆھبەتتە بىلىنەر.
ئادەم تىلىدىن، ئېشەك قۇلىقىدىن.
ئادەم تۇغۇلغان يېرىدە ئەزىز، گۈل ئېچىلغان يېرىدە.
ئادەم يۈز يىل ياشىسا، سۆزى مىڭ يىل ياشايدۇ.
ئادەم زىننىتى كىيىم، ياغاچ زىننىتى يوپۇرماق.
ئادەمدە ئەقىل بولمىسا، كۆزى تام تۆشۈكى.
ئادەمدىن ھىچ نېمە كېچىپ قۇتۇلماس.
ئادەمگە ئادەم كېرەك.
ئادىمىدىن ئادىمىنىڭ پەرقى بار، ھەر ماتانىڭ ھەر ماتادىن پەرقى بار.
ئادىمىگە قاراپ ھۆرمىتى.
ئادەمنى دوستىغا قاراپ سىنا.
ئادەمنى ئۈمىت ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.
ئادەمنى يورۇتقان كۆز، تەمنى تۈزىگەن تۇز.
ئادەمنىڭ ئادەملىگى ئاچچىقى كەلگەندە بىلىنىدۇ.

ئاغىنەڭ قاغا بولسا، يىيىشىڭ پوق.
ئاغزى ئوچۇق ئاچ قالماس.
ئاغزى سۈتتە كۆيگەن سۇنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
ئاغزى مۇسا، ئىچى پېرۇن.
ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئىمەر.
ئاغزىدا ئاللا، كۆڭلىدە شەيتان.
ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، كۆڭلىدىن زەھەر.
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە.
ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتە بولسۇن.
ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.
ئاغزىڭدا قىلغىچە، قولۇڭ بىلەن قىل.
ئاغرىغان يەرگە تاش تېگەر.
ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق.
ئاغرىمىغىچە، ئاغرىق ھالىنى بىلمەس.
ئاغرىشتىن ئىلگىرى كېپىنىڭنى تەييارلا.
ئاغرىق ئادەم ؟كىچىك بالا.
ئاغرىق ئاشتىن كېلەر، بالا قېرىنداشتىن (قاياشتىن).
ئاغرىق باشقا ئاخچە دورا بولماس.
ئاغرىق بولساڭ ئۆلۈپ قۇتۇل، قەرزدار بولساڭ، بېرىپ قۇتۇل.
ئاغرىق ئۆرۈسە، جېنىڭنى ئالۇر، سىپا ئۆرۈسە، پۇلۇڭنى ئالۇر.
ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىدۇ، مىسقاللاپ چىقىدۇ.
ئاغرىق ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلۇر
ئاغرىق تارتمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاغرىق ئۇخلار، ئاچ ئۇخلىيالماس.
ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس.
ئاغرىقنى يوشۇرغان، ئۆلۈم ئاشكارا.
ئاغرىقنىڭ ئېتى ياخشى.
ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلسا، داۋاسىمۇ تېپىلىدۇ.
ئاغرىقنىڭ يامىنى ئاچلىق.
ئاغرىقنىڭ سانچىغى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىقى (~ئىتنىڭ قانجۇقى).
ئاخچا ئاخچىغا قوشۇلىدۇ.
ئاخچا دېگەن ؟قولنىڭ كىرى.
ئاخچا تاپساڭ، ساناپ ئال.
ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
ئېلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، بېرىشنى يامان كۆرمە.
ئالماق ئوڭاي، بەرمەك تەس.

ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسۇن.
ئالدىدا كەلگەن ئورۇن ئۈچۈن، كېيىن كەلگەن تاماق ئۈچۈن.
ئالدىدا ئۇخلىدى، ئارقىدا مۇشتلىدى.
ئالدىن ئۆزۈڭنى تۈزە، ئاندىن باشقىنى.
ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا.
ئالدىراپ ئاشقا چۈشۈتۇ.
ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئەگىشىدۇ (~ئارلىشار).
ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس.
ئالدىرىغان قالار، يۈرگەن ئالار.
ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى.
ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ (سۇنار).
ئالدىرىغاننىڭ تاپىنى قىچىشار.
ئالدىرىما تېكەم بىر كۈنى ھارۇرسەن.
ئالدىرىمىساڭ، ھارۋىدا توشقان ئالۇرسەن.
ئالدىرىساڭ ئاش پېتىپ بېرەي، ئالدىرىمىساڭ چاي.
ئالدىرىساڭ، كىشى كۈلدۈرىسەن.
ئالدىرىساڭ، قونۇپ قال.
ئالەمنى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.
ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
ئالما يەپ ئاغرىق بولغىچە، ئۆرۈك يەپ ئۆل.
ئالما (ئامۇت) ياغىچىدىن يىراق چۈشمەس.
ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.
ئالتە ياشار يولدىن كەلسە، ئاتمىش ياشار ئالدىغا چىقىپتۇ.
ئالتىگە ئېلىپ بەشكە سات، ئېتىڭ چىقسۇن سودىگەر.
ئالتىنچى ئايدا ئاغرىق يوق.
ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان.
ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
ئالتۇن چىرىمەس، ئەقىل قېرىماس.
ئالتۇن ؟كۈمۈش تاش، تېرىق ؟قوناق ئاش.
ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر، ئادەم ئەمگەكتە.
ئالتۇن؟ئوتتىن قورقماس.
ئالتۇن ئۆيدىن كان (كۆڭۈلنىڭ تېنچلىقى) ياخشى.
ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
ئالتۇنغا توپا يۇقماس.
ئالتۇننى دەسسەپ، تۇخۇم ئوغرىلاپتۇ.
ئالتۇننى كۆرۈپ، پەرىشتە يولدىن تېيىپتۇ.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر.
ئالتۇنچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى، تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى.
ئالۋاننى كىم قىلۇر: غالۋاڭ.
ئامانەت ساقلىساڭ تۆلەرسەن، ياڭ يەردە ئۆي سالساڭ ئۆلەرسەن.
ئامانەتكە خىيانەت.
ئامۇت پىشىڭ، ئاغزىمغا چۈشۈڭ.
ئانا ئايىغىدا جەننەت بار.
ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
ئانىدىن ياخشى سۆز يوقتۇر.
ئانىسى ئويلاپ يۈرۈيدۇ، بالىسى ئويناپ.
ئانىسى ئۆگەي بولسا، ئاتىسىمۇ ئۆگەي.
ئانىسى ئۆلمەي، ئانا قەدرىنى بىلمەس، ئاتىسى ئۆلمەي، ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
ئانا سۈت بەرگەن ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
ئانا سۈتى ئاغزىدىن كەتمىگەن.
ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن، تانا سۈتى بىلەن كىرمەس.
ئانا ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
ئانا ۋەتەننىڭ ئالتۇن بۆشۈك.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭى رويۇڭ سامان بولماس.
ئانا يۇرتۇڭدىن ئۆلسەڭ ئايرىلما.
ئانچىلىق ئاچچىق پىيازدىمۇ بار.
ئانداق قازانغا شۇنداق چۆمۈچ.
ئانت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەڭ، قان ئىچكۈچى كېلەر.
ئاڭلىغان بىلەن كۆرگەن بىر ئەمەس.
ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق.
ئاڭلىغان سۆزدە راستلىق يوق.
ئاڭلىغان سۆزگە ئىشەنمە.
ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق.
ئاڭلىغان ياخشى، كۆرگەن ئاندىن ئەۋزەل.
ئاپتاپ ئىچىدىن كۈن چىقىپتۇ.
ئاق بار ئۆيدە بەرىكەت بار.
ئاق بۆكنى ئېلىپ تاشلاپ، كۆك بۆكنى كىيگەن بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.
ئاق ئىت، قارا ئىت ؟بەرى بىر ئىت.
ئاق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئەمەس.
ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
ئارىدا بۇرۇن؟بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيدۇ.
ئاراقنىڭ تۆت سەرى قىممەت.
ئاراقچىنىڭ كۆڭلى باي.
ئارپابەدىيان ئىچمەگەنلەر ئەمدى ئىچەر بولدى چاي،
ئېشەك قوتۇققا مىنمەگەنلەر ئەمدى مىنەر بولدى تاي.
ئارپا ئىچىدە بىر بۇغداي.
ئارپا تېرىپ، بۇغداي ئالىمەن دېمە.
ئارپا ؟تېرىك ئاش ئىكەن، ئۈنچە ؟ماركان تاش ئىكەن.
ئارقاڭدىكى دۈشمەن، ئالدىڭدىكى دوست.
ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماس.
ئارتۇق تۇزلاش ئازدىن يامان.
ئارتۇغىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل.
ئارزۇغا ئەيىب يوق.

ئاسماندىكى تاش يەرگە چۈشكەندە ئەزىز.
ئاسماندىن تاش ياغسىمۇ يەرگە پايدا.
ئاسماندىن توغا ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەيدۇ.
ئاسقاق قوي چۈشتىن كېيىن مەرەپتۇ.
ئاستا ماڭساڭ، بۇرۇن يېتىسەن (~يىراق كېتىسەن).
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
ئاستا يۈرگەن تاش ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
ئاش بار يەردە ئاغرىق يوق.
ئاش باردا ئىشتەي قاچتى، ئىشتەي باردا قېنى ئاش.
ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ.
ئاش بەرسە ساۋۇق بەردى، نان بەرسە كۆيۈك بەردى، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق.
ئاش ئىچمەي ئاغزى كۆيۈپتۇ.
ئاش كەلسە، يىگىن، سۆز كەلسە، دېگىن (~ئىش كەلسە قىلغىن).
ئاش ئۆزىدىن، مىننەت؟كىشىدىن.
ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا.
ئاش تۇغان يەردە ئاغرىق تۇرمايدۇ.
ئاش يېگەن قاچاڭنى ئوشۇتۇپ قويما.
ئېشى ئاتىپ ئۆلگەندىن، ئاچ يېتىپ ئۆلگەن ياخشى.
ئاشنى ئاسمان بېرەر، ئاندىن يەر.
ئاشنى كۆرۈپ ئىشنى ئۇنتۇما.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى بىلگەندە (~ئۆلگەندە)
ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
ئاشقا چۈشكەن چىۋىن دەك.
ئاشقا پىياز نانغا تۇز، ھەر كىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
ئاشتىن قالساڭ، قال، كۈچتىن قالما.
ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس.
ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس.
ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما.
ئاشپەز ئىككى بولسا، ئېشى تۇزسىز بولار.
ئات ئالغۇچە ئوقۇر سال.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش.
ئات ئالساڭ، يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ، يىراقتىن ئال.
ئات ئاسقاق يول تايغاق، يۈك ئېغىر مەنزىل يىراق.
ئات ئاتاڭدىن بالا ئاناڭدىن.
ئات ئايىغان ئات مىنەر.
ئات ئايىغىنى تاي باسىدۇ (~باسار).
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار، ئەر ئايلىنىپ ئېلىنى تاپار.
ئات بولسا، يۇلتۇزنىڭ كېرىكى نېمە؟
ئات كەڭگە يارالغان .
ئات ئىگىسىنى تونۇيدۇ.
ئات ئىگىسىنى ئات كەينىگە مىنگەشتۈرمەپتۇ.
ئات ئېغنىغان يەردە تۈك قالىدۇ.
ئات ئېشەكتىن تۇغارمۇ، ئېشەك ئاتتىن ئۇزارمۇ؟
ئات ؟ئەر كىشىگە قانات.
ئات گۆشى قىرىق يىل قالغان ئاغرىقنى قوزغايدۇ.
ئات ھېرىپ قالسا، بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا، بىر چۆچەك قوناق.
ئات قەدرىنى مىنگەن بىلەر، مىلتىق قەدرىنى ئاتقان.
ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سۆزلىشىپ تونۇشار.
ئات مىنگەن ياياققا باقماس.
ئات مىنسە، ئاتىسىغا باقماپتۇ.
ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
ئات ئورۇق بولسىمۇ، يېغىر بولمىسۇن.
ئات ئورۇقلۇقتا، ئەر (ھوتۇن) غېرىپلىقتا.
ئات ئۆلسە، ئىگىر قالار، ئادەم ئۆلسە، ئېتى.
ئات ئۆلسە، ئىتنىڭ تويى بولىدۇ.
ئات سەمىرسە ، ئىگىسىنى تېپەر.
ئات تاپقۇچە ئىگەر تاپ.
ئات تاپقۇچە، ئېشەك مىن.
ئات ياتقا كىشنىمەس.
ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال ، كالا يۆتەلسە پىچاق سال.
ئېتى يوقنىڭ قېنى يوق.
ئېتى يوقنىڭ پۇتى يوق.
ئېتىڭ ئات بولغىچە ئۆزەڭ مات بولۇرسەن.
ئېتىڭ ھارسا، دۆڭگە چاپ.
ئېتىڭ ئۆلدى ؟ئاتاڭ ئۆلدى.
ئېتىڭ ياخشى بولسا، قامچا نېمە كېرەك.
ئېتىڭدىن ئايرىلساڭ، ئايرىل، ئىگەر ؟توقۇمىڭدىن ئايرىلما.
ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھايدىما، يەم بىلەن ھايدا.
ئېتىڭنى تەپمەيدۇ دېمە، خوتۇنۇڭنى بەرمەيدۇ دېمە.
ئاتنى ئات ساقلايدۇ، ئاچنى ئاچ.
ئاتنى چانىدا سىنا، ئەرنى سەپەردە.
ئاتنى ساتساڭ، يۈگىنى قاتار.
ئاتنى تاقىلىسا، ئېشەك پۇتىنى كۆتۈرۈپتۇ.
ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە.
ئاتنى ياپاندا كۆرمە، ئەرنى چاپاندا.
ئاتنىڭ ئوبدىنى بوز، ئەرنىڭ ئوبدىنى تاز.
ئاتنىڭ ياڭزىسىنى سايدا كور، ئېشەكنىڭ ياڭزىسىنى لايدا كۆر.
ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
ئاتنىڭ كۆركى ئىگەر-توقۇم.
ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە ئېغىر كەلمەپتۇ.
ئاتنىڭ تەپكىنى ھار ئەمەس، ئېشەكنىڭ؟تەپكىنى ھار.
ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا.
ئاتنىڭ يامىنى تەپكەك، خوتۇننىڭ يامىنى بەرگەك.
ئاتقا كۈچى يەتمەي، ئېگەرنى ئۇرۇپتۇ.
ئاتقا مىنگەشمە، كېيىن قوڭۇم ئاغرىدى دېمە.
ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.
ئاتتىن قورقساڭ، يېقىن كەلمە.
ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس.
ئاتلىقلارغا تېگىپتۇ، ياياقلارغا تەگمەپتۇ.
ئاتلىققا ياياق دوست ئەمەس.
ئات كۆتۈرسەڭ، ياخشى بىلەن كۆتەر، سۇ كۆتۈرسەڭ، ئەپكەش بىلەن.
ئېتى بار، ئىسمى يوق.
ئاتقان (~ئېتىلغان ) ئوق يانماس.
ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ.
ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئاتا كۆرگەن ئوق يونۇيدۇ، ئانا كۆرگەن تون پىچىدۇ.
ئاتاڭ ئاتقان دۇكاندا پاختا ئات،بىئەجەل ئۆلەي دېسەڭ، تام تۈۋىگە بېرىپ يات.
ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
ئاتاڭ كىمنى ئالسا، ئاناڭ شۇ.
ئاتاڭ مىراب بولغىچە ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسۇن.
ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلسۇن، ئاتاڭنى كۆرگەنلەر ئۆلمىسۇن.
ئاتاڭدىن دۇنيا قالغىچە ھۈنەر قالسۇن.
ئاتامدا بولغىچە ئالقېنىمدا بولسۇن، ئالقېنىمدا بولغىچە ئاغزىمدا بولسۇن.
ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر.
ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە ئەلنىڭ بالىسى بول.
ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
ئاتىسى كۆرەلمىگەننى بالىسى كۆرەر.
ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
ئاتىسى تۇرۇپ، ئوغلى سۆزلىگەندىن بەز.
ئاتىسىز يىتىم گۈل يىتىم، ئانىسىز يىتىم ئۇل يىتىم.
ئاتا ئانا دۇئاسى ئوتقا سۇغا پاتۇرماس.
ئاتا ؟ئانا قانداق بولسا، بالا شۇنداق.
ئاتا ئانىنىڭ ھاياتى بالىسىدا.
ئاتىلار سۆزى ؟ئەقىلنىڭ كۆزى.
ئاتاقنى تاپماق ئوڭاي، تۇتۇپ قالماق تەس.
ئاتىغى يوق ئەردىن، ھەشىگى يوق دۆن ياخشى.
ئاۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
ئاۋال ئۆزەڭنى چىمدا، ئاغرىمىسا باشقىنى.
ئاۋال سوقۇشۇپ ئاندىن دوست بول.
ئاۋال تائام، ئاندىن كالام.
ئاۋىلىدىن مېنىڭ دېدى، ئىزدىۋىدىم دورا بولدى.
ئاۋالقى چىققان قۇلاقتىن كېيىنكى مۈڭگۈز ئۇزار.
ئاۋالقىنى ئوغرى ئالدى، قالغانىنى رەممال.
ئاۋايلىماي ئۇرۇۋىدىم،ئاغرىماي ئۆلۈپ قالدى.
ئاي دېسە، ئاي ئەمەس، كۈن دېسە،كۈن ئەمەس.
ئاي كۆرسەڭ، روزى تۇت.
ئاي تۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
ئاينى ئېتەك بىلەن توساپ بولماس.
ئاينى كۆرۈپ كۈن ئالغىن.
ئاينىڭ بېشىدىن قورقما،بەشىدىن قورق.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق.
ئاينىڭ يورۇقى ئوغرىغا ياقماس.
ئاياق ئاستىدا قالدىم دەپ دېمە ۋاي، چىنە بولار كۆپ دەسسەلسە لاي.
ئاياق ئاستىڭغا قاراپ باش، يىقىلىسەن.
ئاياق ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ.
ئاياق يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا.
ئايىغى كۆيگەن توخۇدەك.
ئايغىر قاچسا، ئۈيۈرىدىن تاپ.
ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
ئايرىلغان قوينى بۆرە يەر.
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلۈنگەننى بۆرە.
ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن.(~ئاز قىل، ئۇز قىل).
ئاز ئېشىم غوغىسىز بېشىم.
ئاز گەپ قىلغاندىن جىق گەپ قىلغىنى ياخشى.
ئاز سۆز غوغىسىز سۆز.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا،ئاز يە، كۆپ چاينا.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئىشلە.
ئاز سۆزلىسەڭ، كۆپ ئاڭلايسەن.
ئاز سۈتلۈك ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
ئاز يېگەن ئون يەر، جىق يېگەن بىر يەر.
ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ.
ئازدىن جىقى ياخشى.

ئۆزەم يىغىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم،مۇنبەرداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم،خالىساڭلار  داۋاملاشتۇرۇپ باقساڭلار.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-10-7 01:59:40 | ئايرىم كۆرۈش
ماقال تەمسىل توغرىلىق بىر تېما بولىدىغان مۇنبەردە
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-10-7 12:19:29 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل  تەمسىللەركەن     تولىمۇ   سۆيۈندۇق  ئەجرىڭىزگە  كۆپ رەھمەت
شاھزاد

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-10-7 13:13:27 | ئايرىم كۆرۈش
ۋۇييۇ  ،  ماقال - تەمسىل دىگەننى  قالتىس كۆپ توپلاپسىزغۇ  ؟
ئەجرىڭىزگە  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-7 13:19:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 01:59
ماقال تەمسىل توغرىلىق بىر تېما بولىدىغان مۇنبەردە

ئۇنداقتا بۇ تېمىنى يوللاپ خاتا قىلغان ئوخشىمامدىم،ياكى جايىغا ئاپىرىپ تىزالمىدىممۇ؟
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-7 13:19:53 | ئايرىم كۆرۈش
شاھزاد يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 12:19
ئىسىل  تەمسىللەركەن     تولىمۇ   سۆيۈندۇق  ئەجرىڭىزگە  كۆ ...

ياقتۇرغىڭىزغا تەشەككۈر.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-7 13:20:28 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 13:13
ۋۇييۇ  ،  ماقال - تەمسىل دىگەننى  قالتىس كۆپ توپلاپسىزغۇ ...

بۇرۇندىن يىغقانلىرىم ئىدى،تەشەككۈر ياقتۇرغىنىڭىزغا.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-10-7 21:47:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئېرفان يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 13:19
ئۇنداقتا بۇ تېمىنى يوللاپ خاتا قىلغان ئوخشىمامدىم،يا ...

ھوي ئۇكام،مەن خاتا بوپتۇ دىمىدىم.ئۇ تېمىنىڭ شەكلى —مەن بىرنى ،سىزمۇ بىرنى دەپ تۇلۇقلاش شەكلىدە بولغانتى .ئېنىق ئېسىمدە.بۇنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز شۇ ئېسىمگە كەپ قالدى شۇ
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-8 10:49:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-10-7 21:47
ھوي ئۇكام،مەن خاتا بوپتۇ دىمىدىم.ئۇ تېمىنىڭ شەكلى —مە ...

ھە،مۇنداق دېمەمسىز،تېخى ماڭا كىنايە قىلىۋاتقان چېغى دەپتىمەن.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-10-13 00:30:20 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا  ياخشى  ماقال تەمسىللەركەن   بۇ  ساقلىۋالسام  بولغۇدەك .  تەشەككۈر
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:04 , Processed in 0.158125 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش