ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھىندونېزىيەنىڭ 162 ئادەم ئولتۇرغان ئايرۇپىلانى يۇقاپ كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇناجات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 16:08  



نۇر تورى تەرجىمىسى: رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىكى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايادىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان ئاسىيا ئاۋىئاتسىيەسى QZ8501يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ جاكارتا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، ئالاقە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈزۈلۈپ قالغان. يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تور پونكىتىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا بۇ A320تىپلىق ئايروپىلان ئىكەن. جۇڭگو خەۋەر تورى 28-دېكابىر تېلگىراممىسى، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 28-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيەدىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.


ئالاقە ئۈزۇلۇپ قالغان ئايرۇپىلاننىڭ رەسىمى

28-چىسلا ئاسىيا ئاۋىئاتسىيى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تىزىملىكتىن قارىغاندا مەزكۇر ئايروپىلاندا 155 نەپەر يولۇچى بار ئىكەن.
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 28-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىنىڭ 28-چىسلا ئېلان قىلغان سانلىق-مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا جەمئىي 155 نەپەر يولۇچى بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە يەتتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن، دېمەك مەزكۇر ئايروپىلاندا جەمئىي 162 ئادەم بار ئىدى.

تىزىملىكنىڭ ئايان بولىشىچە، مەزكۇر ئايروپىلاندا ئەسلىدە 177 كىشىلىك ئورۇن بار بولۇپ، بىراق 155 يولۇچى ئايروپىلانغا چىققان، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر بوۋاق بالا، 16 نەپەر بالا، 68 نەپەر ئايال، 70 نەپەر ئەر بار ئىدى. ئۇندىن باشقا ئايروپىلان خادىمىنىڭ ئىچىدە ئىككىسى ئۇچقۇچى، قالغان بەشى ھاۋا مۇلازىمەتچى خادىمى ئىدى.
ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارلىشىچە، مەزكۇر 155 نەپەر يولۇچىنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر سىنگاپورلۇق، بىر نەپەر ئەنگىلىيىلىك، بىر نەپەر مالايسىيالىق، ئۈچ نەپەر كورىيىلىك ۋە 149 نەپەر ھىندونېزىيەلىك كىشى بار ئىكەن. ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مەزكۇر ئايروپىلاننى QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلان دەپ بېكىتتى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلان ھاۋادىكى ئاپتۇبۇس A320-200 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش نومۇرى PK-AXC ئىكەن. مەزكۇر شىركەتمۇ جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزى تەسسىس قىلغان بولۇپ، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇچۇر ئىگىلىسە بولىدىكەن.



ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن بىنورمال بولغان ئۇچۇش لىنىيىسىنى بويلاپ ئۇچقان. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم تورداشلار سۈنئىي ھەمراھدىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى تېپىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان جايدا ئەينى ۋاقىتتا چاقماق چاققان ئىكەن.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 16:03:25 | ئايرىم كۆرۈش
ھىندىنوزىيە ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تىت-تىتلىق بىلەن كۈتمەكتە



شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھىندىنوزىيە سۇرابايا شەھىرى، ھىندىنوزىيىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى جۇئاندا خەلقئارالىق ئايرودرومىدا تىت-تىتلىق ئىلكىدە ئايروپىلان ئۇچۇرىنى كۈتمەكتە.
ھىندىنوزىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا جەمئىي 162 نەپەر ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى، 155 نەپەر يولۇچى ( بىر نەپەر بوۋاق، 16 نەپەر كىچىك بالا، 68 نەپەر ئايال ۋە 70 نەپەر ئەر يولۇچى) بار ئىكەن. ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ ئايروپىلاندا 156 نەپەر ھىندىنوزىيىلىك، ئۈچ نەپەر كورىيىلىك ۋە بىر نەپەر فىرانسىيىلىك، بىر نەپەر مالايسىيالىق شۇنداقلا يەنە بىر نەپەر سىنگاپورلۇق ئادەم بار ئىكەن. بۇ ئايروپىلان ھىندىنوزىيىنىڭ سۇرابايا شەھىرىدىن سىنگاپورغا قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىكەن.







نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 16:05:33 | ئايرىم كۆرۈش
ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرى: QZ8501 دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى



جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 28-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلان بىللىتون (Billiton) ئارىلىدىن 145 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى.
ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرى دۆلەتلىك قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى سۇپوئاندى (SuPo Andy) نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى، مەزكۇر ئورگان ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان-- بىللىتون ئارىلىغا بىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتتى.

بۇندىن بۇرۇن ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلىپ، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ بىللىتون ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جايدا بار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قاتتىق بوراندىن دالدىلانماقچى بولغانلىقى، بىراق بەخىتكە قارشى بىنورمال ھاۋا ئېقىمىغا دۇچ كېلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى قاتارلىق ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىغان ئىدى. ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جوكو مۇگامودىيو (Djoko Mugamodio) مۇنداق دېدى، QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلان بۇرۇن ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ قويۇق بۇلۇت قاتلىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى.
ھىندونېزىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوكو مۇگامودىيو مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇچۇش ئېگىزلىكى 32 مىڭ ئىنگىلىز چىسى بولۇپ، ئۇ قويۇق بۇلۇت قاتلىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن سول تەرەپكە قىيسىيىپ ئۇچقان. بىراق ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن، ناچار ھاۋا رايىغا ئۇچراپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئەسلىدىكى ئۇچۇش لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىراق مەزكۇر ئايروپىلان ئەينى ۋاقىتتا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن يەنىلا ھىندونېزىيە ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى.



خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى ۋە مۇئاۋىن ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئىسمى ئىرىيانتو (Iriyanto)، ھىندونېزىيەلىك، 6100 سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇش تەجىربىسىگە ۋە تارىخىغا ئىگە. ئۇندىن باشقا مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رىمونت قىلىنىش ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىكەن.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-12-29 16:16:29 | ئايرىم كۆرۈش
تىزراق تىپىلغاي ، مۇشۇنداق ئىشلار بەك تولا يۈز بېرىۋاتىدۇ دىسە
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-12-29 17:33:55 | ئايرىم كۆرۈش

                                                                                      

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 29-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسى ئاشكارلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا جەمئىي 162 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 149 نەپەر ھىندونېزىيەلىك، ئۈچ نەپەر كورىيىلىك، بىر نەپەر ئەنگىلىيىلىك، بىر نەپەر مالايسىيالىق، بىر نەپەر سىنگاپورلۇق يولۇچى بار ئىكەن. ئايروپىلان خادىمىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى ھىندونېزىيەلىك، بىرسى فىرانسىيىلىك ئىكەن. سۈرەتتە ئۈچ نەپەر كورىيىلىك يولۇچىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بولۇپ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ جايدىكى بىر چىركاۋنىڭ دىن تارقاتقۇچىسى پارك سۇڭبۇم (Sung-bum Park) ۋە ئۇنىڭ ئايالى يى گېئوڭخۇا (yi geong hua).  
                                                              


سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ باشلىقى ئىرىيانتو (Iriyanto) (ھىندونېزىيەلىك) نىڭ قىزى ئەنجىلا (Angela) نىڭ ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان سۈرىتى. ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئاشكارلىغان ئۇچىرىغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان باشلىقى ئىرىيانتو 6100 سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇش تەجىربىسىگە ۋە تارىخىغا ئىگە. مۇئاۋىن ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئىسمى رېمى ئېممانۇئېل پىلېسېل (Remi Emmanuel Plesel)، فىرانسىيىلىك، 2275 سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇش تارىخى ۋە تەجىربىسىگە ئىگە.
                                                            



سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئايروخانقىزى خايدار فازلى (Haidar Fazli.
                                                                       
                                                                        



سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئايروخانقىزى ۋانېسسا (Vanessa).
                                                                                      



سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئايروخانقىزى ۋانېسسا ۋە ئۇنىڭ يىگىتى.



سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئايروخانقىزى ۋانېسسا Instagram دا بىر ھەپتە ئالدىدا بىر پارچە سۈرەت چىقارغان بولۇپ، بۇ سۈرەت بىر پارچە خەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ئايروپىلاننىڭ دەرىزىسى سۈرىتى چاپلانغان، كونۋېرئىت ئۈستىگە قولدا I Love You From 38000 ft (مەن 38 مىڭ ئىنگىلىز چىسى ئېگىزلىكتە تۇرساممۇ يەنىلا سىزنى سۆيىمەن.) دەپ يېزىلغان. ئۇ بۇ خېتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يىگىتىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دادىللىق بىلەن ئىپادىلىگەن.



سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ خادىمى ئوسكار دېسانو (Oscar Desano).



سۈرەتتە: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ خادىمى ئوسكار دېسانو (Oscar Desano).


BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاسيا ئاۋىئاتسىيىسى (AirAsia) نىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى 162 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئەنگىلىيىلىك بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى چوئىچىمان (Choi Chi Man). ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ئايروپىلاندا جۇڭگولۇق يولۇچى يوق ئىكەن.



سۈرەتتىكى سەي فامىلىلىك بۇ ئەنگىلىيىلىك ئەر ئېسسېكىس ئونىۋېرسىتېتى (The University of Essex) نى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ھىندونېزىيەدىكى بىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئىكەن.



خامېر (Hamer) ئىسىملىك بۇ ئايالنىڭ قىزى كايرۇنىسا (khairunisa) (سۈرەتتە سولدىن بىرىنچى كىشى) ئاسيا ئاۋىئاتسىيىسى (AirAsia) نىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان QZ8501 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئىدى.


رەسىم يولاش چەكلىك !
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-12-29 17:34:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇف  ئايروپلانغا چىقىش بىر مەسلە بوپ قالدى ھازىر.
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

20

تېما

329

يازما

2250

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 359
يازما سانى:
329
تىللا:
1736
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
168 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-2
7#
ۋاقتى: 2014-12-29 18:06:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئەمدى قۇلىغا رەگەتكە(ئاتقۇچ) ئېلىۋېلىپ ئاسمانغا تاش ئاتىدىغانلار سەل دىققەت قىلمىسا ئىشى چاتاقمۇ قانداق!
؟
غىلاپتىن چىقمىغان خەنجەردىن، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن ژىڭنە ياخشى.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-12-30 08:46:11 | ئايرىم كۆرۈش
ئايرۇپىلان تېپىلدى دەيدىغۇ؟ دېڭىزغا چۈشۈپ كىتىپتۇدەكلەر...........
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2014-12-30 16:25:46 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ  يىل كىرگەندىن  بۇيان  نەچچە ئايرۇپىلان  مۇشۇنداق  ۋەقەگە  ئۇچرىدى .
ئايرۇپىلانغا  چىقىشقىمۇ ئادەم  قورقىدىغان بوپ كەتتى .
بۇ ئايرۇوپىلاننىڭ تىزرەك تىپىلىشىنى ،  ئىچىدىكى ئادەملەرنىڭ  ساق - سالامەت  بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:30 , Processed in 0.142841 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش