ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 266|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بالا تەربىيىلەشتىكى مۇھىم 17 ھالقا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


               ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىدىكى 17 ھالقا-:

                     

مەن ئامېرىكىدا ئىككى بالىغا ئانا بولدۇم ، بالىلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تەربىيىلەش سىنىپىدا ئوقۇدۇم ، ئائىلە دوختۇرىمىزنىڭ كاللا يۇيۇشلىرىنىڭ ماڭا جىق پايدىسى بولدى ، ئىككى بالام بوۋاق ۋاقتىدىمۇ ياۋاشلىقىدىن ئۆيدە كىچىك بالا يوقتەكلا ئىدى ، مەن ھەتتا ئۇلارنى يىغلىيالماس بوپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ قالغانىدىم . ھازىر قېيىن ئانام دائىم مۇشۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ مېنى زاڭلىق قىلىدۇ . ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن دوستلىرىم ۋە قۇلۇم – قوشنىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن ھېرىپ – چارچاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئامرىكىدىكى ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى بەزى مۇھىم ھالقىلارنى يېزىش قارارىغا كەلدىم ، بۇنىڭ ئاشۇ بالا دەردىدىن ھېرىپ ھوشىدىن كەتكۈدەك بولىۋاتقان ئاتا – ئانىلارغا پايدىسى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . بالىلار دوختۇرى جېن خانىمغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن ، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى جېن خانىمنىڭ سايىسىدە بالا تەربىيىلەشكە ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم .
بىرىنچى ھالقا : قانداق قىلساق بالا يىغلىمايدۇ ؟

بوۋاقنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشىغا ئاتا – ئانا سەۋەپچى . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق گەپ ئۇقمايدۇ ، ئۇلار پەقەت شەرتلىك رېفلىكىس ئاساسەن ئىش قىلىدۇ . جېن دوىتۇر ماڭا قايتا – قايتا ئەسكەرتتىكى : بوۋاق يىغلىغان ھامان ياتقۇزۇپ قويۇش ، يىغلىمىغاندا ئاندىن قۇچاققا ئېلىش ، يەنى بىزنىڭ قىلغىنىمىزنىڭ ئەكسىنى قىلىش . بۇنداق بولغاندا بوۋاقلار شۇنى بىلىۋالىدۇكى يىغلىمىغان ۋاقتىدا ئاندىن قۇچاققا چىقالايدۇ ، بۇ چارە ھەقىقەتەن ئەسقاتىدۇ . يىغلاڭغۇ بوۋاقنى ياتقۇزۇپ قويۇپ چېنىقتۇرىمىز ، ۋاقىتقا قاراپ تۇرىمىز ، يىغلىسىمۇ قۇچاققا ئالمايمىز ، ئون مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن قۇچاققا ئالىمىز . بىرىنچى قېتىم بەش مىنۇتقا توغۇرلىساقمۇ بولىدۇ ،كېيىنكى ھەر قېتىمدا ۋاقىتنى ئازراقتىن ئۇزارتىمىز ،قىزىم بىرىنچى قېتىمدىلا بەش مىنۇت ئەمەس ئۈچ مىنۇت يىغلاپ توختاپ قالغان ئىدى ، مەن بولسام ئىچىم ئاغرىپ ئۆزەم يىغلىۋەتكەن ئىدىم ، ئەمما چوقۇم چىدىشىمىز كېرەك . بوۋاققا يىغلاش ئارقىلىق ئاپىسىنى چاقىرىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك . " بالىنى يىغلىمايدىغان قىلىش مەشقى " يىغلاشنىڭ تۆت سەۋەبىدىن باشقا شارائىتتا ئېپ بېرىلسا بولىدۇ: سىيىپ قويغان ، ئاغرىپ قالغان ، قورسىقى ئاچقان ، ئۇيقۇسى كەلگەن . مەشىقتىن كېيىن مېنىڭ بالىلىرىم سەۋەپسىز يىغلىمايدىغان بولدى ، ئىككىلىسى يىغلىماستىن پىخىلداپ كۈلۈپلا ياتىدىغان خوشال بوۋاق بولدى .
ئىككىنچى ھالقا : قانداق قىلساق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بىر ئۇخلىسا تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغان بولىدۇ ؟

ئامرىكىدىكى دوختۇر مېنى دائىم تەنقىت قىلاتتى : سەن ياخشى ئانا ئەمەس ، قوشنا ئۆيدىكى بوۋاق بىر ئۇخلىسا تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدۇ ، قوشناڭ ياخشى ئانا ، سەن ياخشى ئانا ئەمەس ! ھەر قېتىم ئائىلە دوختۇرىنىڭ قېشىغا بارساملا تەنقىت ئاڭلايتتىم ، سەۋەبى كىچىسى بالا ئىمىتىمەن دەپ ئۇخلىيالمىغانلىقىم ، بالا بېقىشنىڭ تەسلىكىدىن زارلانغانلىقىم بولاتتى . دوختۇر ماڭا ئىنسان كىچىسى قورساققا بىر نەرسە يىمىسىمۇ بولىدىغانقىنى ئېيتتى . مەن گالۋاڭلارچە نىمىشقا دەپ سورىدىم ، دوىتۇر ئامالسىز يۇقىرى ئاۋازدا چۈنكى بىز ئىنسان دەپ جاۋاپ بەردى . ئىسىمدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ ، شۇ چاغدا بالىلارنىڭ دادىسى كۈلۈپ تېلىقىپ قالغانىدى . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بوۋاقنى كىچىسى قورسىقى ئېچىپ قالىدۇ دەپ ئەنسىرىشىم ئارتۇقچە ئىدى ، ئون سائەتتىن ئون ئىككى سائەتكىچە بولغان ئۇيقۇ ، بوۋاققا نىسبەتەن ئىمىشتىن 100 ھەسسە مۇھىم . بىزنى تۇنجى بالام بولغان قىزىم بەك قىينىغان ئىدى ، كىچىسى سۈت بىرىپ كۆندۈرۈپ قويغىنىم ئۈچۈن ئىككى ياشقىچە كىچىدە ئۇيقۇ ئۇيقۇ بولمايتتى . ئوغلۇمغا كەلگەندە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە قىلىۋىدۇق ، دادىسى ئىككىمىز بىراقلا راھەتكە چىقىپ قالدۇق ، بالام تۇغۇلۇپ بىرىنچى ھەپتىسى مەشىق بويىچە بەش سائەتتە بىر ئىمىتتىم ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بىر ئۇخلىسا تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغان ،كىچىسى سۈت ئەممەيدىغان بولدى .
ئۈچىنچى ھالقا : بالىنى تىنچ ئۇخلىتىش .

              

دوختۇر ئېيتتىكى : بىر خوشال بوۋاق ئۇخلىغاندا كارىۋاتتا يېتىپ ناخشا ئېيتىدۇ . ( راست ناخشا ئېيتىش ئەمەس ، بەلكى ئى ئى ئاۋاز چىقارغىنى . ) بوۋاقنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى كارىۋاتتا ئۇخلاپ ئۆتىشى كېرەك ، بۇ يەردە ئاتا – ئانىلار بىلىشى كېرەككى ، كارىۋات تەۋرەنمەيدۇ . شۇڭا بوۋاقنى كۆتۈرگەندە تەۋرەنمەسلىك كىرەك ، يەنە ئالدى – كەينىگە مېڭىپ يۈرمەسلىك كېرەك ، بۇنداق بولغاندا كارىۋاتقا ئاستا ياتقۇزسىڭىزلا بالا ئۇخلايدىغان بولىدۇ . يەنە بىر قېتىم ئېيتاي : كارىۋات مىدىرلىمايدۇ . ئاتا – ئانىلار سىلەرنىڭ بوۋاقنىڭ كارىۋاتتىكى شاتلىقىنى تارتىۋېلىش ھۇقۇقۇڭلار يوق ، يەنە ھاياجان ئاتا – ئانىلار بوۋاق بىلەن بەك ئېتىشماڭلار ، بالا بوۋاق ۋاقتىدا كاللىسى تېخى تۇلۇق قاتمىغان ، ئۇيۇتما ھالىدا بولىدۇ ، ئاسان زەخمىلىنىدۇ ، شۇڭا جىق تەۋرىتىش تازا پايدىلىق ئەمەس .
تۆتىنچى ھالقا : دۈم ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىش .

ئۆزەمنىڭ تەجىربىسى ، بوۋاق دۈم يېتىپ ئۇخلىسا ئوڭدامچىسىغا يېتىپ ئۇخلىغانغا قارىغاندا تىنچ ئۇخلىيالايدۇ . يەنە بىر پايدىسى ئاسىيالىقلارنىڭ ياپىلاق يوغان يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . بەش كۈنگىچە ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنىڭ يۈزىنى سائەتتە بىر ئۆرۈپ قويدۇم ، بەش كۈندىن كېيىن بالام ئۆزى يۈزىنى ئۆرىيەلەيدىغان بولدى . بالامنىڭ كىچىككىنە يۈزى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ياپىلاقلىقىدىن جىق ئۆزگەردى ، پەخىرلىنىپ كەتتىم . بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى پەقەت تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايغىچە بولغان ئارلىقتا كۆرۈلىدۇ ، ئۇنىڭدىن چوڭ بوپ كەتسە پايدىسى يوق .
بەشىنچى ھالقا : بوۋاقنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى سىزدىن ئون ھەسسە يۇقىرى .

ئاتا – ئانىلار ئىككى قات كەيسە بوۋاقنىڭ ئىككى يېرىم قات كىيىشى ھاجەت ئەمەس . سىزدىن ئاز كەيسە بولىدۇكى جىق كەيسە بولمايدۇ . مېنىڭ ئىككى بالام ناھايىتى ساغلام ، ئىسسىق – سوغوقنىڭ تىز ئالمىشىشىغا ئاغرىپ يۈرمەيدۇ . بالىنى قېلىن كەيدۈرۈپ چوڭ قىپ قويساق سەللا نىپىز كەيسە سەللا ھاۋا ئۆزگەرسە ئاغرىيدىغان بوپ قالىدۇ . بەزىدە دوختۇرخانىدا قىزىپ قالغان بالىلارنى قات – قات ئورىۋەتكەننى كۆرسەم ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ ، بالا گەپ قىلالمايدۇ ، ئاتا – ئانىلار زىيانكەشلىك قىپ قويىمىز .
ئالتىنچى ھالقا : دورا – ئۇكۇلغا بەك تايىنىۋالماسلىق .

زۇكامداش ، قىزىپ قېلىش بالىنىڭ ئۈسۈپ – يىتىلىشىدىكى بىر جەريان ، يەنە كېلىپ كىسەلگە قارشى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بىر جەريان . مېنىڭ بالام قىزىپ قالغاندا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇلىمىز مۇز قۇيۇش ، مۇزنى سىيرىتمىسى بار ىالتىغا سېلىپ پاكىز لۈڭگىگە پۇختا ئوراپ شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ بەدىنىنى سۈرتۈپ چىقىش ياكى پىشانىسىگە قويۇش ،بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن يېرىم سائەتتىن كېيىن قىزىتمىسى چوقۇم يانىدۇ ، بەكرەك قىزىپ كەتسە ئاندىن ئازراق دورا بىرىمىز . ئەگەر سوغوق ئۈتۈپ قېلىپ زۇكامدىغان بولسا قىزىمىسا ئىككى كۈندە ئۆزلىكىدىنلا ياخشى بوپ قالىدۇ . ھەر قانداق دورىنىڭ زۇكامنى داۋالىيايدىغانلىقىغا ئىشەنمەڭ . ھازىرغىچە مېنىڭ بالىلىرىم ئاسما ئاستۇرۇپ ياكى ئانتىبىئوتىك ئۇردۇرۇپ باقمىدى . ئامرىكىدا پەقەت ئۆلۈم باسقۇچىغا كەپ قالغان بىمارلارغىلا ئانتىبىئوتىك ئۇرۇلىدۇ ، جوڭگودا ئۇكۇلخانىدىكى كۆرۈنۈش بالىنىڭ دادىسىنى ئامرىكىلىق يولدىشىمنى چۈچۈتىۋەتتى . قاتار قاتار ئولتۇرۇپ ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەمراھىدا بېشىغا ، قولىغا ، پۇتىغا ئاسما ئېسىۋېتىلگەن بالىلارغا قاراپ يولدىشىم تىترەپ كەتتى . جازالاش لاگىرىمۇ بۇنداق بولماس ، نىمىدىگەن قورقۇنچلۇق دىدى . پۇل خەجلەشنى دىمەيلۇق ، بەدەندىكى ھەرخىل مىكروپلار كۈنسىرى ئاينىپ ، مەلۇم ۋاقىتتا بىر ئاسما ئېلىش ئارقىلىق كونتىرول قىلىش . دائىم چوڭلارنىڭ كىچىككىنە بىر ئىش بولىشىغىلا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئاسما ئالايلى دىيىشىنى كۈرۈپ ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىندىم . مېنىڭ بالام شۇنچىلىك ساغلام ، قوشنىمىزنىڭ بالىسى ئىككى كۈندە بىر ئاغرىپ دوختۇرخانىغا تۇشۇلۇپ پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرنى چارچىتىپ يۈردى ، بۇ تەرەپتىن قارىغاندا مەن ياخشى ئانا بولالىدىم .
يەتتىنچى ھالقا : كۈندە پاكىز سۇدا يۇيۇنۇش ، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقىنى ئاز ئىشلىتىش .

باللىرىمنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى كۈندە يۇيۇنۇش ، كۈندە يۇيۇنۇش بەك مۇھىم . ئىسىمدە قېلىشىچە تۇغقان كۈنۈم تۇغۇت ئۆيىدىن چىقىپلا ئاپامنىڭ ئەسكەرتمىسى بويىچە ئەتە يۇيۇناي دەپ ياتتىم ، سېستىرا ھەيرانلىق بىلەن مېنى قۇپۇرىۋەتتى ۋە :" سىلەرنىڭ قائىدەڭلارنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر تەر ۋە مىكروپلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كىرەك . " مەن مەينەت ئانا ھىساپلىنىپ تارتىپ چىقىرىلىپ يۇيۇندۇم . ئالدىن دەپ قويۇشۇم كېرەك بولغىنى مېنىڭ ئىككىلا تۇغۇتۇم ئوڭۇشلۇق تۇغۇت ئىدى . تۇغۇتلۇق ئايال بۇنداق قىلغان يەردە بالىچۇ ؟ بالىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى جىق ، تەر پۇرىقى سۈيدۈك پۇرىقى بولۇپ ھەر خىل پۇراقلار يىغىلىپ كىتىدۇ ، چوقۇم يۇيۇنۇش كىرەك ، كۈن ئارىلاپ يۇيۇنسا بولمايدۇ . بۇمۇ ساغلام بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى ، ئۇلارغا ئاسان سوغوق ئۆتمەيدۇ ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى چوڭلارنىڭكىگە قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقىرى . دوخۇتر ئەسكەرتىدۇكى : بوۋاقنى يۇغاندا پاكىز سۇ ئىشلىتىش ، ھەر قانچە داڭلىق بالىلار مەھسۇلاتلىرىمۇ ساپ سۇغا يەتمەيدۇ ، يۇيۇنۇش سۇيۇقلۇقى ، چاچ يۇيۇش چۇيۇقلۇقى دىگەنلەرنىڭ ھاجىتى يوق ، پاكىز سۇ بولسىلا يىتەرلىك . دوختۇر دەيدۇكى ئىمكانقەدەر ئىشلەتمىگەن ياخشى ، ئىشلىتىش توغرا كەلسە ھەپتىدە بىر ئىشلەتسە يىتەرلىك .
سەككىزىنچى ھالقا : سۈتى ئاز ئانا يوق ، پەقەت سۈت بىرىشنى خالىمىغان ئانىلا بار .

ئىككى يېرىم ياشقىچە سۈت ئەمگەن بوۋاق ئەڭ بەختلىك بوۋاق . جېن دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بالىسىغا سۈت يىتىشمەيدىغان ئانا مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت سۈت بىرىشنى خالىمىغان ئانا بار . بالىنىڭ سۈتكە ئېھتىياجى قانچىلىك بولسا ئانىنىڭ سۈ بىرەلىشىمۇ سۇنچىلىك بولىدىكەن ، قوشكىزەك تۇققان ئانىلارنىڭ سۈتى ئىككى بالىغا يىتىدىكەن . بۇ جەھەتتە مەن بەك مەغلۇپ بولدۇم ، گەرچە دوختۇر ماڭا بالا قانچىلىك سۈتكە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنچىلىك سۈت بىرەلەيدىغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ تۇرغان بولسىمۇ ، سۈت يەتمىدى دەپ سۈت پاراشوكى بەرسەم سۈتۈمنىڭ ئازىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ بىلگىنىمنى قىلىپ سۈتۈم راستىنلا ئازىيىپ ئاخىرىدا توختاپ قالدى . بوۋاق گەپ قىلالمايدۇ ، تويغان تويمىغىنىنى بىلمەك تەس ، ئانىلار تويمىدى دەپ ئويلاپ سۈت پاراشوكى قۇشۇپ بەرگىنىمىز بەدىنىمىزگە مۇشۇنچىلىك سۈت ئىشلەپ چىقارسا يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمىزغا باراۋەر . يىتەرلىك سۈت بىرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرەك . ئەگەر يەنە بىرنى تۇغسام چوقۇم ئىسپاتلاپ باقىمەن . بالا تۇغۇلۇپ ئۈچۈنچى كۈنىلا دوختۇرخانىدا " بالا ئىمىتىش سىنىپى "غا كىردىم ، بىر نەچچە ئانا بالىنى قۇچاقلاپ چۆرىدەپ ئولتۇردۇق ، قارا تەنلىك ئاق تەنلىك سېرىق تەنلىك ئانىلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدۇق ، سىنىپتا ئىشلەتكىنى ناھايىتى ناھايىتى راھەت كىرىسلو ، پۇتىمىزغا مەخسۇس پۇت قويىدىغان ئۇرۇندۇق قويۇلغانىدى . دوختۇرلار بوۋاقنى يالىڭاچلاپ ھەتتا سۈيدۈك لاتىسىنىمۇ ئېلىۋېتىشتى ، ۋە بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئىككى رەقەم ئېنىقلىقىغىچە ئېلىپ خاتىرلەشتى . ئاندىن بىزگە بالىغا پەقەت سۈيدۈك لاتىسىنىلا كەيدۈرۈپ ئىمىتىشىمىزنى بۇيرۇدى ، ئاندىن بىزگە بىر – بىرلەپ قانداق ئىمىتىش ، سۈت چىقىدىغان يەرنى قانداق ئاسراش قاتارلىقلارنى ئۆگەتتى ، ھەتتا باشقا ئانىلار ھەقسىز تەقدىم قىلغان سۈت سۈمۈرگۈچلەرنى تارقاتتى . باشتىكى تارتىنىشىم ۋە قورقۇشۇم ئاستا – ئاستا يوقىدى ، بالامنىڭ قانچىلىك سۈت ئەمگىنىنى ھىچ بىلمەيتتىم ، ئۇ كۈنى ئىمىتىشتىن كېيىن ئېغىرلىق ئۆلچەندى ، بالام خېلىلا جىق ئىمىپتۇ ، سىنىپ بويىچە ئىككىنچى بولدى ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، مەندە سۈت يىتەرلىك باركەن .
تۇققۇزىنچى ھالقا : بوۋاق ئىمىۋېتىپ ئۇخلاپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق ؟

بوۋاق ئانىنىڭ قۇچىقىدا ھەم راھەت ھەم بىخەتەر ، سۈتكە تويمايلا ئۇخلاپ قالىدۇ ، ئويغىنىپ يەنە ئىككى شورايدۇ ، ئانىسىنى تەتۈر قىينايدۇ ، ئۆزىمۇ ھەم قورسىقى تويمايدۇ ھەم ئۇيقۇغا قانمايدۇ ، ئانا – بالا ئىككىلىسى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس . تەربىيىلەش سىنىپىدا ئۆنۈملۈك بىر چارىنى ئۆگىنىۋالدىم ، بالىنى قانداق قىلىپ ئويغۇتۇپ ئەستايىدىلى ئەمگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى كىيىم سالدۇرۇش . سالدۇرۇپ پەقەت سۈيدۈك لاتىسىنىلا قويۇش ، دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بالا ئانىنىڭ قۇچىقىدا بولغاچ ئانىنىڭ بەدەن ئىسسىقلىقى بالىغا ئۆتىدىكەندە كىيمىنى سالدۇرىۋەتسىمۇ سوغوق ئۆتمەيدىكەن ، بالا ئازراق سوغوقى ھىس قىلىپ ئويغىنىپ پۈتۈن زىھنى بىلەن سۈت ئىمىدىكەن . تۇغۇتلۇق ئايالنىڭمۇ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى بولىدىكەن .
ئونىنچى ھالقا : ئانا سۈتى ئەڭ ياخشى دورا .

قىزىم تەخمىنەن ئون كۈنلۈك بولغاندا بىر كۆزى يۇقۇملىنىپ قىزىرىپ ئىششىپ كەتتى ، دادىسى ئىككىمىز قورقۇپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا چاپتۇق ، يەنە كېلىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە . بالىلار دوختۇرى مەندىن سۈت بىرىدىغىنىمنى ياكى سۈت پەاراشوكى بىرىدىغىنىمنى سورىدى ، مەن سۈت بىرىمەن دىدىم . دوختۇر ماڭا ئازراق سۈتنى بالىنىڭ كۆزىگە تېمىتساملا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، يېرىم كۈن نۆۋەت ساقلىغىنىمغا چۇشلۇق بۇ جاۋاپ بىلەن يولغا سالغىنىدىن ھەيران قالدىم . شۇنداق قىلىپ سۈتنى دورا ئورنىدا بىرىپ بالام نەچچە كۈندىلا ساقىيىپ كەتتى . ئىشقىلىپ ئانا سۈتى دىگەن ياخشى نەرسىكەن جۇمۇ .
ئون بىرىنچى ھالقا : سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇشنى بىلەمسىز ؟

سىز قۇرۇق گەپ ، بالا باققان ئادەم شۇنى بىلمەمدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن ، ناتايىن جۇمۇ . بالىنىڭ سۈيدۈكى ياكى پۇقىنى يۇقتۇرىۋالغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ ؟بىر كۈندە بەش قېتىم كىرلىك يۇيۇش مېنىڭ ئەڭ يۇقىرى رىكورتۇم . ھەر قېتىم كەلگەن يېڭى خىزمەتچى ماڭا قانداق ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىتىپ تۇراتتى ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل پاكىز لاتىنى مەينەتنىڭ ئاستىغا قويۇپ ، ئاندىن لاتىنى ئېچىپ تازىلاشتىن كېيىن ئېلىۋەتسىڭىز دەل شۇ چاغدا بالا تەرەت قىپ سالسىمۇ كىرلىكىڭىزنى پاكىز تۇتالايسىز . مۇشۇنداق قىلىشقا ئادەتلەنسىڭىز تاساددىپىيلىق يۈز بەرمەيدۇ .
ئون ئىككىنچى ھالقا : ھىق تۇرۇپ قالسا قېقىشنى بىلەمسىز ؟

بىرىنچى خىل ئۇسۇل : مۆرىسىگە يېقىن تۇرۇپ دۈمبىسىگە بوش ئۇرۇش ، بۇ ئەڭ قەدىمىي ۋە ئىزچىل قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلىمىز .
ئىككىنچى ئۇسۇل : بالىنى قۇچىقىمىزدا يانتو ئولتۇرغۇزۇپ سول قولىمىزدا بوينىنى تۇتۇپ ئىڭىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئوڭ قولىمىز بىلەن دۈمبىسىگە بوش – بوش ئۇرۇش . بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى ، ئون نەچچە قېتىم قاقسىلا بولىدۇ . ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئىمىتىشتە چوقۇم تويغۇدەك ئىمىتىش كېرەك . ھىق تۇتۇپ قالسا قېقىپ بولۇپ يەنە ئىمىتىش كېرەك ، كىچىك بالامنى مۇشۇنداق ئىمىتىپ كىچىچە ئويغانماس بولغان ئىدى ، ھىق تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئىككى – ئۈچ قېتىم ئىمىتىپ تاكى ئەمگىسى كەلمىگەنگە قەدەر .
ئون ئۈچۈنچى ھالقا : بالدۇرراق تاماق بېرىش .

تۆت ئايلىق بولغاندا شويلا بىرىش ، چوڭراق بولغاندىن باشلاپ چوڭ ئادەملەردەك تاماق بىرىش . بۇنداق قىلغاندا بالا چوڭ بولغاندا تاماق تاللىماس بولىدۇ ، بالدۇرراق چوڭلارغا ئوخشاش تاماققا كۆندۈرگەننىڭ پايدىسى جىق . دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئالتە تال چىشى چىققاندا بۇ چىشلار بىلەن ھەر قانداق تاماقنى چايناپ يىيەلەيدىكەن ، نورمال تاماق بەرسەك بولىدىكەن .
ئون تۆتىنچى ھالقا : بالىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتمەسلىك .

قانچىلىك كىچىك بالا بولسىمۇ ، تېلىۋىزور كۆرىۋاتقان ، ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتقان ، رەسىم سىزىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ھەرگىز ئۇلارنىڭ دىققىتىنى چاچماڭ . تاماق ۋاقتى بولغان ياكى كەچ بوپ كەتكەن بولسىمۇ شۇنداق . بالىنىڭ زىھنىنى يىغىش ئىقتىدارىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بىرىلسە بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەر قانداق ئىشنى دىققىتىنى يىغىپ قىلالايدىغان بولىدۇ . مېنىڭ قىزىمنىڭ دىققىتىنى يىغىشى ناھايىتى ياخشى ، مەسىلەن رەسىم قوراشتۇرسا بىر چۈشتىن كېيىن نەچچە سائەتكىچە بېشىنى كۆتۈرمەي قىلىدۇ ، تاكى سىيگىسى كەپ كەتكەنگە قەدەر . ئۆزىچە ئەقىللىقلىشىپ كىنو كۈرىۋاتقان ياكى باشقا ئىش قىلىۋاتقان بالىدىن توختىماي سوئال سورايدىغان ئاتا – ئانىلاردىن قورقۇش كىرەك ، ئۈشششششش ، گەپ قىلماڭ ، بالىغا دىققىتىنى يىغىپ بىر ئىش قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرىڭ .
ئون بەشىنچى ھالقا : يولنى ئاستا مېڭىش ، گەپنى پەس ئاۋازدا قىلىش .

ئۈلگە بەك مۇھىم ، چوڭلار قانداق قىلساق بالىمۇ شۇنداق ئۆگىنىدۇ . شاڭخەيدە بىر مۇئەللىم تۇنۇشۇم قىزىنى ئاستا يول ماڭىدىغان بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان قىپ تەربىيلىدى . يېزىغا قايتىۋىدى ، مۇئەللىم بالىلارنى يۇقىرى ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشقا بۇرۇدى ، مەن ياندا تۇرۇپ ئويلىدىم :" مىڭ جاپادا تەربىيلىگەن نازۇك قىزنىڭ نازۇكلىقى ئازىيىدىغان بولدى . " مېنىڭ قىزىم بولسا مىجەز – خاراكتىرى بار ، جانلىق چوڭ بولدى . مەن بۇ يەردە سىزنى بالىنى ئاستا ماڭىدىغان قىلىڭ تېز ماڭىدىغان قىلىڭ دىمەكچى ئەمەس ، پەقەت سىزگە مۇھىتنىڭ بالىغا بولغان تەسىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىكىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچى .
ئون ئالتىنچى ھالقا : ھاياتىغا خەۋپ بولمىسىلا تۇتۇپ بېقىشقا رىخبەتلەندۈرۈش .

جوڭگولۇقلار بالىنى قائىدە – يۇسۇن دەپ قورقۇنچاق تەربىيىلەيدۇ . " مىدىرلىما ، خەتەرلىك ... تۇتما ، چوقۇلۇپ كېتىدۇ ... ئولتۇرما ، مەينەت ....ئۇنى قىلما ، بۇنى قىلما ... " ئامرىكىلىق ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى بولسا " سىناپ باق ، تۇتۇپ باق ... " بالىنى رىغبەتلەندۈرۈڭ ، ھاياتىغا خەۋپ بولمىسىلا تۇتۇپ بېقىشىغا ، دۇنيانى تۇنىشىغا ياردەم قىلىڭ . يامىنى كەلسە كىيىملىرى مەينەت بولىدۇ ، يەردە دومىلاپ ئوينىيالايدىغان بالىلىق دەۋرى تولىمۇ قىسقا ؛ تاماقنى يەرلەرگە چېچىپ مەينەت قىلىۋەتسىمۇ تازىلىۋەتكىلى بولىدۇ ، بالا بولسا بالدۇرراق چوكا – قۇشۇق تۇتۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ ؛ سۇ ئوينىسا يامىنى كەلسە زۇكامداپ قالىدۇ ؛ قۇم ئوينىسا ئايقىنىڭ ئىچىگە قۇم كىرىپ كېتىدۇ .. گەپنى قىسقارتسام ناھايىتى كۆپ چەكلەشلەر بالىلىرىمىزنىڭ خوشاللىقىنى ئازايتىپ چوڭ ئادەم بىلەن ئوخشاش قىپ قويىدۇ ، گەپ ئاڭلايدىغان ياۋاش بالا قىلىدۇ ئەمما قىزىقىشى ئازبوپ قالىدۇ . بالىنىڭ خوشاللىقى مۇھىم ، كىيىم مەينەت بولسا يۇغىلى بولىدۇ ، شۇڭا ھاياتىغا خەۋپ بولمىسىلا بالىنى توسماڭ .
ئون يەتتىنچى ھالقا ھەم ئەڭ مۇھىم ھالقا : بالىنى تەنقىدلەش بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك .

ئاتا – ئانىلار بوۋاقنىمۇ قالايمىقان تەنقىد قىلماسلىقى كېرەك ، بىر كۈندە ئىككى قېتىمدىن ھەرگىز ئېشىپ كەتمىسۇن ، ئەگەر ئىككى قېتىم تەنقىد قىپ بولغان بولسىڭىز قالغان تەنقىدنى ئەتىگە قويۇپ قويۇڭ . ئامرىكىلىق مۇئەللىم ماڭا بۇنى قەتئىي تاپىلىدى . شۇنىڭ بىلەن قېينى ئانام ماڭا :" سىزگە بىر كۈندە ئون قېتىممۇ يەتمەيدۇ ، ئىككى قېتىم دىگەننى ئون مىنۇتتىلا ئىشلىتىپ بولىسىز . " مەن كۈلدۈم . بوۋاق ۋاقتىدا تەنقىدلەش ئەسقاتامدۇ ؟ بالا ۋاقتىدا تەنقىدلەۋىرىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوق قىلىۋەتكەننىڭ نىمە پايدىسى ؟

مەنبە: ئىزچىلار تورىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-1-24 22:57:23 | ئايرىم كۆرۈش
بەرىكەتلىك يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن،ھارماڭ
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-1-25 11:35:31 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىمىنى كەڭ تارقىتىش كىرەككەن  ، مەن ئىككى بالىنى تۇغۇپ چوڭ  قىلىپ بولغىچە بىلمەي يۈرگەنلىرىم  خىلى كۆپكەن  .
تىمىڭىزغا  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:26 , Processed in 0.141216 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش