بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 17:15
ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە ياخشى باھاغا ئىرىشكەن ئەلا ۋە ئىجادىي ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!
ئاناڭ ئۆلگەندە
1
شۇ كۈنى
قۇرۇپ كىتەر بارچە دەريالار،
ئېقىپ چۈشەر كۆكتىن يۇلتۇزلار.
ئوت كەتكەندەك چۈتكۈل دۇنياغا
بىر تىيىنغا ئەرزىمەس بولار،
ئىلكىڭدىكى بارچە بىساتلار .
ئىرىپ كىتەر بېشىڭدىكى تاج،
كۈلەلمەيسەن سەبىي كۈلكەڭدە.
نۇر ئۆچىدۇ قارا كۆزۇڭدە،
بەخت قۇشى تۇرماس ئۆيۈڭدە،
ۋاقىتسىزلا ئاناڭ ئۆلگەندە.
2
بولساڭ ئەگەر بۇرۇن تاش يۈرەك،
ھورلىنىسەن ھىجران تەپتىدىن
ياكى ،
تېخىمۇ قاتىسەن مۇزدەك-
مۇزتاغدەك.
ھېچنىمىنى قىلمايسەن كىرەك،
ئولاشقاندا تىنىڭگە تىترەك.
بولساڭ ئەگەر بۇرۇن بىر دىنسىز،
تۇنجى نۆۋۋەت دەيسەن «ئاھ،خۇدا»
ئىمان كىرىپ شۇدەم دىلىڭغا.
تىرىلىدۇ ئۆلگەن ئەسلىمەڭ،
باغلاپ سېنى پۇشايمانلىرىڭ،
ئېلىپ بارار ۋىجدان ئالدىغا.
ياقا يىرتىپ بولۇپ نالىدار،
ياش تۆكىسەن شۇ كۈنى جەزمەن.
تىلىڭ سۆزگە بەكمۇ كەمبەغەل،
بولالمايسەن پەقەتلا سۆزمەن.
3
ئۇنتۇغاندەك ھەممىسى سېنى،
كۆرمىگەندەك قىياپەت بىلەن
ئۆتۈپ كىتەر چاندۇرماي تىز-تىز.
ئاشۇ كۈنى،ئاشۇ كۈنى
ئايان بولار دوست-دۈشمەن دېگەن.
كۆكتە ئۈزۈپ ماڭغاندا تاۋۇت،
ئەگىشىسەن ئارقىدىن ئاستا،
مىسكىن،گۇنسىز كۆزلىرىڭ بىلەن
كۈچسىز،شۇنچە ماغدۇرسىز ھالدا.
ئۆزۈڭ توپا تاشلاپ ئۈستىگە،
ئىشىكىنى يىپىپ قويىسەن.
(كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار تېخى،
ئالدىرماي تۇر،ھامان كۆرىسەن.)
4
ئوچىقىڭدا كۆيگەن ئۇلۇغ ئوت،
نۇر بىرەلمەس بىرتال شامچىلىك،
ۋە بىرەلمەس ئەسلا ھارارەت.
قارا دېسە بىر كۈن باشقىلار،
سېنى ئاقلاپ «ئۇ ئاق»دېيىشكە،
بۇ دۇنيادا ئاناڭ يوق پەقەت.
ئۇزاق تۇرماس ۋە يەنە بەلكىم ،
پاكلىقىڭغا ئالغان تاھارەت.
ئىنسان ئاجىز تەقدىر ئالدىدا،
سەۋرنىڭمۇ قاچىسى مەزمۇت.
(قوبۇل كۆرسە قەلبىڭنى خۇدا)
ئاناڭ ئۈچۈن قىلغان تىلاۋەت،
مەقبۇل بولۇپ ،بەرسە ھىدايەت،
شۇ ،ئاناڭغا ئەمەسمۇ جەننەت؟!
5
سېغىنىسەن قوياشقا قاراپ ،
سەن مەكتەپكە ماڭغان ھەر كۈنى،
قولى كۆيۈپ قىززىق تونۇردىن
ئېلىپ بەرگەن قايماق توقاچنى.
زۇلمەتتىكى ئاينىڭ شولىسى ،
ئاناڭ ساغقان سۈتتەك كۆرۈنەر.
(دان بەرگىلى ئاناڭ يوق ئەمدى
تۈڭلۈكۈڭدە ئۈنلىمەس دەمدەر.)
«قوپقىن بالام ناشتا قىلغىن!»دەپ،
ئىشىكىڭنى چەكمەيدۇ سەھەر.
ئىھ ،شۇ كۈنلەر گۈزەل نەقەدەر-!؟
كۈن سانايسەن كۆزۈڭنى نەمدەپ.
6
زىمىستاندا چىقساڭ تالاغا،
قاردىن لىچەك ئارتقان دەرەخلەر
ئاناڭ كەبى كۈلمەس يىقىملىق ،
ۋە باسالماس باغرىغا ئېللىق .
شۇ كۈنىلا ئون ياش قېرىيسەن
ئۇرۇلىدۇ سوغۇق بىر تىنىق.
ئۆتۈپ قالسا ئاناڭدەك ئايال،
غىرىپ كۈلبەڭ ئالدىدىن بىر چاغ.
كىلەر باشلاپ قۇيۇۋالغۇڭ چاي،
ئەمما،
رىئاللىقنىڭ رىتى بۇزۇلماي ،
قىز پېتىچە قالىدۇ خىيال .
ئۆتۈپ كىتەر كىرمەي بىر ئايال.
7
ئاناڭ يوق ئۆيدىن
ساڭگىلايدۇ ئۆمۈچۈك تورى،
ھەممە يەردە غىرىپلىق نۇرى –
چەكسىز غىرىپلىك.
قوزا چۈشتە قىلغان ناشتىنىڭ،
بۇرۇنقىدەك بولماس ھوزۇرى.
گۆرىستاندەك سوغۇق تۆشەكتىن،
تىپىلمايدۇ ساڭا تىنىچلىق.
تام-تورۇستا، بۇلۇڭ-كۈلۈڭدا،
چاشقاننىڭمۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭى.
8
دەرت-ئەلەمنىڭ ھەممىسى سەندە،
ھېيت كەلگەندە مەھەللەڭگە.
ھىچكىم ھېيتلاپ كىرمەس ئۆيۈڭگە
تاپالمىساڭ بىر پىيالە چاي،
نەزەر سالماس سوغۇق سۈيۈڭگە.
داستىرخىنىڭ شۇنچىلىك نامرات،
پۇرىمايدۇ ساڭزىنىڭ ھىدى.
شۇ چاغ،
ئاناڭ يېنىڭدا بولسا ئىدى،
چايلىرىڭدا بولاتتى ناۋات.
«مە ،ئال ئوغلۇم !ھېيتلىق »دېيەلمەس،
ئۇنتۇغاندەك داداڭمۇ سېنى.
ئەتراپىدا يېڭى ئايالى .
سېنى كۆرمەس، بەكمۇ ئالدىراش،
«ھەي...!بۇرۇنقى شىر سۈپەت دادام-
باسماقتىكى توشقانغا ئوخشاش»-
دەيسەن يەنە«نېمە خىيالى؟»
ساقىلىدىن يۇلۇپ بىر تۇتام
بىرەلمەيسەن ئاناڭغا ئۇنى .
سەن بارمىساڭ تۇپراق بېشىغا،
يالغۇز-يالغۇز قالار قەبرىسى....
9
بىر ئايال بار پەرىشتە سۈپەت،
قىزىل قاندىن ئايرىپ ئاق سۈتنى،
بىزنى ئۇزاق-ئۇزاق ئىمىتكەن.
ئۇخلىمىساق تۈن نېسپىگىچە،
مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىسى بىلەن،
كىرپىك قاقماي بىزنى تەۋرەتكەن.
كۆزىمىزنى تىكسەك يىراققا ،
ئۇچۇرما قۇش بالىسى بولۇپ،
بىزنى ساقلاپ قالغان ئۇۋىدا.
يىغلاپ تۇرۇپ دۇئاسى بىلەن،
تا ،بىز قايتىپ كەلگىچە كۈتكەن.
ئاشۇ ئۆيلەر قالار چۆلدەرەپ،
(ھازىر ئۇنىڭ تىۋىشى يۈتكەن).
«يىتەلمىدۇق ئاھ،قەدرىڭگە...»دەپ
ھامان بىر كۈن قالىمىز ئەسلەپ
ئۈنىمىز ئۆچۈپ،
يېغىمىز پەسلەپ،
سېغىنىمىز«ئانا..،ئانا !!!!»دەپ.
-ئەرشىدىن ئەخەت ئەسرار(شىجاڭ ئۇنېۋىرسىتېتىدىن)
2014.8.15
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسنىڭ روخسىتىسىز ھەر قانداق مۇنبەر ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!! |