|
|
شېئىر بىلەن...
قاراخان
جۆيلۈپ يۈرەر دەپ قالما ،
شېئىر بىلەن ئېلىم ئەل.
مېنى داپ قىپ ساز چالما،
شېئىر بىلەن كۈيۈم تەل.
مېنى مىڭ ئويغا سالما،
شېئىر بىلەن ھاجەت ھەل.
دىمە يۈرسەم ھەم لالما،
مەنزىلگاھىم شېئىر دەل...
شېئىر يازغان قول تالما،
يېشىلمىسۇن باغلاق بەل.
شېئىر قىزىل تاشئالما،
ئېقىتالماس ئۇنى سەل.
شېئىر توزاق،سىر ،سالما،
چۈشەر رەقىبلەر تۈگەل.
شېئىر كېپەن ئورالما،
ئورال يەتكەندە ئەجەل.
شېئىر ئەمەس ياسالما،
ئاڭا كېتەر چىن بەدەل.
ياكى ئەمەس توقۇلما،
ئويدۇرمىسىز ئۇ ئەزەل.
شېئىر كۆرسەڭ قىيالما،
ئوقۇ ئويلان ھەر مەھەل.
شېئىر يېزىپ قاغدالما،
بولسام دىمە بۇ كېسەل!
2015-يىلى 22-سىنتەبىر
|
|