كرىستوفېر ئاندرېۋ (ئەنگىلىيە)
ۋاسىلى مىتروخىن (رۇسىيە)
ك گ ب ئارخىپ ئوغرىسى مىتروخىن
ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرجىمىسى
(ئوقۇلۇشىغا قاراپ تەرجىمىسى ئۇدۇللۇق يېپىشتۇرۇلىدۇ)
كىرىش سۆز
ۋاسىلى مىتروخىن، 1948~1984-يىللارئارىسىدا ئىزچىل تۈردە ك گ ب شىتابىدا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلگەن سابىق ك گ ب خىزمەتچىسى. بۇ جەرياندا، ئۇنىڭ 30 يىل ۋاقتى ك گ ب ئارخىپ بۆلۈمىدە ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئەڭ مەخپى ئارخىپلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. ۋاسىلى بۇ يەردە ئىشلىگەن ئاخىرقى ئون يىلىدا ك گ ب مۇتلەق مەخپى ھۈججەتلىرىنى تۇيدۇرماي كۆچۈرۈپ ۋە نۇسخا ئېلىپ (كوپىيەلەپ) ماڭىدۇ. كۈندۈزلىرى كۆچۈرىۋالغان مەخپىي ھۈججەتلەرنى ئىشخانىسىدىن چىقىرىپ ئۆيىنىڭ گەمىسىدىكى پول ئاستىغا سۇقۇپ قوياتتى. 1992-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا، ئۇ بەكلا كۆپ مەخپى ھۈججەتنى يېنىغا ئېلىپ بالتىق دۆلەتلىرىدىن بىرىدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە باش ئەلچىخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئەلچىخانىدىكىلەرنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دېكابىردا ئەنگلىيىگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ.
ۋاسىلى مىتروخىن ئېلىپ چىققان بۇ مۇتلەق مەخپى ھۈججەتلەر پۈتۈن دۇنياغا يېيىلغان مىڭلىغان سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسىنىڭ تەپسىلى ماتېرىيالىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ جاسۇسلارنىڭ بەزىلىرى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ئىشپىيونلار ئىدى. ئۇ قاچۇرۇپ چىققان بۇ ھۈججەتلەر يەنە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن تارتىپ تا گورباچىۋ دەۋرىگىچە بولغان ك گ ب نىڭ كىشىنى چۈچۈتكىدەك بىر مۇنچە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى پاش قىلىپ بەرمەكتە ئىدى. مەسىلەن، دۆلىتىدە چېرنىنسكىنىڭ ئۆلۈم سىررى، تروتسكىگە سۈيىقەست قىلىنىش جەريانى، خرۇششېۋنىڭ بېرىيانى ئۆلتۈرۈش تەپسىلاتى، شۇنىڭدەك خروشوۋنىڭ ئاغدۇرۇلۇش جەريانى؛ غەربتە بولسا، ك گ ب نىڭ غەرپلىك مۇھىم سىياسىيونلارنى قانداق قىلىپ قىلتاققا چۈشۈرگەنلىكى، ۋېنگىرىيە ۋەقەسىنى قانداق باستۇرغانلىقى، پىراگا باھىرى ھەرىكىتىنى قانداق تىنجىتقانلىقى، ئافغانىستانغا نېمە ئۈچۈن بېسىپ كىرگەنلىكى دېگەندەك بەكلا كۆپ ۋەقەلەرنىڭ سىرىنى ئوتتۇرغا چىقارماقتا ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە ك گ ب ئىشلىگەن كىشىنى چۈچۈتكىدەك بەكلا كۆپ ۋەقەلەر، ھەرىكەتلىرى ئاشىكارىلانغان ئىدى. شۇڭا، ئا ق ش نىڭ FBI ئورگىنى بۇ ماتېرىياللارنى ”ھېچقانداق بىر مەنبەدىن قولغا چۈشەرگىلى بولمايدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە تولۇق ئىستىخبارات ماتېرىيالى“ دەپ باھالايدۇ.
ئېنگلىزچىدىكى قىسقارتىلما سۆزلەر
AFSA — Armed Forces Security [SIGINT] Agency [USA]
AKEL — Cyprus Communist Party
Amtorg — American-Soviet Trading Corporation, New York
ASA — Army Security [SIGINT] Agency [USA]
AVH — Hungarian security and intelligence agency
AVO — predecessor of AVH
BfV — FRG security service
BND — FRG foreign intelligence agency
CDU — Christian Democratic Union [FRG]
Cheka — All-Russian Extraordinary Commission for Combating Counter-Revolution and Sabotage: predecessor KGB (1917-22)
CIA — Central Intelligence Agency [USA]
COCOM —Coordinating Committee for East- West Trade
Comecon — [Soviet Bloc] Council for Mutual Economic Aid
Comintern Communist International
CPC — Christian Peace Conference
CPC — Communist Party of Canada
CPCz —Communist Party of Czechoslovakia
CPGB —Communist Party of Great Britain
CPSU —Communist Party of the Soviet Union
CPUSA —Communist Party of the United States of America
CSU — Christian Social Union [FRG: ally of CDU]
DCI — Director of Central Intelligence [USA]
DGS — Portuguese security service
DGSE —French foreign intelligence service
DIA — Defense Intelligence Agency [USA]
DLB — dead letter-box
DRG —Soviet sabotage and intelligence group
DS —Bulgarian security and intelligence service
DST — French security service
F Line —“Special Actions” department in KGB residencies
FAPSI — Russian (post-Soviet) SIGINT Agency
FBI — Federal Bureau of Investigation [USA]
FCD — First Chief [Foreign Intelligence] Directorate, KGB
FCO Foreign and Commonwealth Office [UK]
FRG Federal Republic of Germany
GCHQ Government Communications Head-Quarters [British SIGINT Agency]
GDR German Democratic Republic
GPU Soviet security and intelligence service (within NKVD, 1922-3)
GRU Soviet Military Intelligence
GUGB Soviet security and intelligence service (within NKVD, 1943-43)
Gulag Labour Camps Directorate
HUMINT intelligence from human sources (espionage)
HVA GDR foreign intelligence service
ICBM intercontinental ballistic missile
IMINT imagery intelligence
INO foreign intelligence department of Cheka/GPU/OGPU/ GUGB, 1920- 1941; predecessor of INU
INU — foreign intelligence directorate of NKGB/GUGB/MGB, 1941-54; predecessor of FCD
IRA Irish Republican Army
JIC Joint Intelligence Committee [UK]
K-231 club of former political prisoners jailed under Article 231 of the Czechoslovak criminal code
KAN Club of Non-Party Activists [Czechoslovakia]
KGB Soviet security and intelligence service (1954-1991)
KHAD Afghan security service
KI Soviet foreign intelligence agency, initially combining foreign intelligence directorates of MGB
and GRU (1947-51)
KKE Greek Communist Party
KKE-es breakaway Eurocommunist Greek Communist Party
KOR Workers Defence Committee [Poland]
KPÖ Austrian Communist Party
KR Line Counter-intelligence department in
KGB residencies
LLB live letter box
MGB Soviet Ministry of State Security (1946-54)
MGIMO Moscow State Institute for International Relations
MI5 British security service
MI6 alternative designation for SIS [UK]
MOR Monarchist Association of Central Russia (“The Trust”)
N Line Illegal support department in KGB residencies
NATO North Atlantic Treaty Organization
NKGB People’s Commisariat for State Security (Soviet security and intelligence service, 1941 and 1943- 6)
NKVD People’s Commisariat for Internal Affairs (incorporated state security, 1922-3, 1934-43)
NSA National Security [SIGINT] Agency [USA]
NSC National Security Council [USA]
NSZRiS People’s [anti-Bolshevik] Union for Defence of Country and Freedom
NTS National Labour Alliance (Soviet émigré social-democratic movement)
Okhrana Tsarist security service, 1881-1917
OMS Comintern International Liaison Department
OSS Office of Strategic Services [USA]
OT Operational Technical Support (FCD)
OUN Organisation of Ukrainian Nationalists
OZNA Yugoslav security and intelligence service
PCF French Communist Party
PCI Italian Communist Party
PCP Portuguese Communist Party
PFLP Popular Front for the Liberation of Palestine
PIDE Portuguese Liberation Organization
PLO Palestine Liberation Organization
POUM Workers Unification Party (Spanish Marxist Trotskyist Party in 1930s)
PR Line political intelligence department in KGB residences
PSOE Spanish Socialist Party
PUWP Polish United Workers [Communist] Party
RCMP Royal Canadian Mounted Police
ROVS [White] Russian Combined Services Union
RYAN Raketno-Yadernoye Napadenie (Nuclear Missile Attack)
SALT Strategic Arms Limitation Talks
SAM Soviet surface-to-air missile
SB Polish Security and intelligence service
SCD Second Chief [Internal Security and Counter-Intelligence] Directorate, KGB
SDECE French foreign intelligence service; predecessor of DGSE
SDI Strategic Defense Initiative (‘Star Wars’)
SED Socialist Unity [Communist] Party [GDR]
SIGINT intelligence derived from interception and analysis of signals
SIS Secret Intelligence Service [UK]
SK Line Soviet colony department in KGB residencies
SKP Communist Party of Finland
SOE Special Operations Executive [UK]
SPD Social Democratic Party [FRG]
Spetsnaz Soviet special forces
SR Socialist Revolutionary
S&T scientific and technological intelligence
Stapo Austrian police security service
Stasi GDR Ministry of State Security
Stavka Wartime Soviet GHQ/high command
StB Czechoslovak security and intelligence service
SVR Russian (post-Soviet) foreign intelligence service
TUC Trades Union Congress [UK]
UAR United Arab Republic
UB Polish security and intelligence service; predecessor of SB
UDBA Yugoslav security and intelligence service; successor to OZNA
VPK Soviet Military Industrial Commission
VVR Supreme Military Council [anti- Bolshevik Ukranian underground]
WCC World Council of Churches
WPC World Peace Council
X Line S&T department in KGB residencies
ك گ ب نىڭ كېلىپ چىقىش يىلنامىسى
Chekaq: 1917. 12
Incorporated into NKVD (as GPU): 1922. 02
OGPU: 1923. 07
Reincorporated in NKVD (as GUGB): 1934. 07
NKGB: 1941. 04
Reincorporated in NKVD (as GUGB): 1941. 07
NKGB: 1943. 04
MGB: 1946. 03
Foreign Intelligence: 1947. 10
Transferred to KI: 1951. 11
Combined with MVD to form enlarged MVD: 1953.03
KGB: 1954. 03
مۇندەرىجە
1. مىتروخىن ئارخىپلىرى
2. لېنىننىڭ چېكاسىدىن ستالىننىڭ گ پ ئۇ سىغىچە
3. ئۇستا جاسۇس
4. كامبرىجلىق ”بەشلىك“
5. چوڭ تېررورلۇق يىللىرى
6. ئۇرۇش مەزگىلى
7. مانھاتتان پىلانى ۋە قېتىشما تۇربا پىلانى
8. ئۇرۇش غەلىبىسى
9. ئۇرۇشتىن سوغۇق مۇناسىبەتلەر ئۇرۇشىغا ئۆتۈش
10. 50-يىللاردا شىمالىي ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلەر
11. كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى
12. ”ئابەل“ دىن كېيىنكى ئىشپىيونلۇق
13. CAI بىلەن КГБ نىڭ ئۆزئارا سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرى
14.سىياسىي ساھەدىكى ئۇرۇش
15. ”پىراگا باھىرى“ نى باستۇرۇش
16. ”ئىلغارلىشىش“ ھەرىكىتى
17. ك گ ب ۋە غەرب ئەللىرىدىكى كومپارتىيىلەر
18. ك گ ب ۋە ياۋروپا كوممۇنىزىمى
19. ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئاغدۇرمىچىلىق پائالىيەتلىرى
20. گورباچېۋنىڭ ساخاروۋنى قاماقتىن بوشىتىشى
21. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكى تېخنىكا جاسۇسلۇق ئىشلىرى
22. ئالاھىدە ۋەزىپە 1
23. ئالاھىدە ۋەزىپە 2
24. ئەنگلىيىگە قارىتىلغان سوغۇق ئۇرۇش 1
25. ئەنگىلىيىگە قارىتىلغان سوغۇق ئۇرۇش 2
26. رومىئو جاسۇسى ۋە جۇۋاچېم ۋەقەسى
27. سوغۇق ئۇرۇشتا فرانسىيە ۋە ئىتالىيە — ئىشپىيون كىرگۈزۈش ۋە قوغدىنىش
28. سوۋېت ئىتتىپاقىدا دىنىي جەمئىيەتلەرگە ئادەم كىرگۈزۈش ۋە زىيانكەشلىك
29. پولشا پاپىسى ۋە ئۇيۇشما ئىتتىپاقى ھەرىكىتىنىڭ كۆتۈرۈلىشى
30. پولشا كرىزىسى ۋە ياۋروپا كومۇنىزم لاگىرىنىڭ يىمىرىلىشى
31. خاتىمە
32. ك گ ب رەئىسلىرى تىزىملىكى
33. چەتئەل ئىستىخبارات تەشكىلات مەسئۇللىرى تىزىملىكى
1. مىتروخىن قولىدىكى ك گ ب ئارخىپلىرى
بۇ كىتاب، ئاپتورنىڭ ك گ ب (,KGB КГБ ) نىڭ چەتئەل ئىستىخبارات پائالىيتى بىلەن شوغۇللىنىش ئورگىنى – بىرىنچى باشقارمىنىڭ (−First Chief Directorate (FCD نۇرغۇنلىغان ئارخىپلىرىنى كۆزدىن كۈچۈرۈشىدىن كېيىن ئوغۇرلۇقچە يېزىپ چىققان خاتىرىلەرگە ئاساسەن يېزىلغان بىر ئەسىرىدۇر. مىتروخىننىڭ ئوغۇرلاپ چىققان بۇ ئارخىپلىرى دۇنيادىكى ئەڭ مەخپىي، ئەڭ يوشۇرۇن ساقلانغان ئارخىپلار بولۇپ، بۇلارغا ئېرىشىش تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ كىتاب بۈگۈنگى كۈندە چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنى، يەنى بۈگۈنكى رۇسسىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئورگىنى SVR) (Sluzhba Vneshnei Razvedki- تەرىپىدىن بۇنداق بىر كىتابنىڭ يېزىلىش ئىمكانىيىتى يوق دەپ قاتتىق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايدىغان بىر كىتاب. 1996-يىلى دېكابىردا، گېرمانىيىنىڭ «فوكۇس» ژۇرنىلى، بۇ كىتاب ھەققىدە مەلۇم بىر سابىق ك گ ب ئوفىسسېرى ”يۈزلىگەن رۇسسىيە جاسۇسىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ“ ئەنگىلىيىگە قېچىپ چىقىۋاپتۇ دەپ خەۋەر بېرىلگىنىدە بۇ خەۋەرگە سوۋېت چەتئەل ئىستىخبارات باشقارمىسى ئاخباراتچىسى بولغان تاتيانا سامولىس،”بۇ گەپلەر پۈتۈنلەي جۆيلۈش“ دەپ مازاق قىلىپ كۈلگىنىچە، ”يۈزلىگەن جاسۇس تىزىمىنى ئوغۇرلاپ قاچقان-ھە … ياق، ياق بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس! بۇنداق بىر ۋەتەن ساتقۇنى، بەلكىم بىرەر-ئىككى ئىشپىيوننىڭ — مەيلى بۇنى ئۈچمۇ بولسۇن دەيلى — ئىسمىنى بىلىۋالغان بولىشى ئېھتىمال، ئەمما يۈزلەرچىسىنىڭ تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرەلىشى، ياق، ياق، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!“ دەپ شۇ ھامان قەتئىي رەت قىلغان.
بۇ ئورگان بۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى ”ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس“ دەپ ئۇنداق بەكلا يەڭگىللىك بىلەن ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ئەمەلىي پاكىت ھەرگىز ئەھمىيەتسىز قارىغىدەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس ئىدى. ك گ ب دىن يۈز ئۆرىگۈچى كىشىنىڭ برىتانىيىگە ئېلىپ كەلگەن تىزىملىكى، نەچچە يۈز كىشىنىڭ تىزىمىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا يېيىلغان نەچچە مىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسلىرى ۋە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ تەپسىلى ماتېرىيالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى. بۇ تىزىملىكتىكى بەزى كىشىلەر شۇنچە پۇختا يۇشۇرۇنغان جاسۇسلار ئىدىكى، ئۇلار ساختا چەتئەل گراژدانلىق سالاھىتى بىلەن نىقاپلانغان. بۇ ئارخىپلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىرىلىشىدىن كېيىن، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىي دەۋرىدىن تارتىپ تا گورباچېۋ دەۋرىگە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۈچۈن جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ھەرقانداق كىشى، بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ سالاھىيىتىم ئاشىكارىلانمىدى دەپ ھەرگىز كېسىپ ئېيتالمايدۇ. 1992-يىلى، ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسى (SIS) بۇ يۈز ئۆرۈپ قاچقان كىشىگە ئۇنىڭ رۇسسىيىدىن قېچىشى ئۈچۈنلا ياردەم قىلغان بولماي بەلكى مەخپى ھۈججەت بىلەن توشقۇزۇلغان 6 يەشىك ئاخبارات ماتېرىيالى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىمۇ قوشۇپ ئەنگلىيىگە ئېلىپ كېلىۋالغان. بۇ يەشىكلەردە ك گ ب غا خائىنلىق قىلىپ قېچىپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ 1984-يىلى پىنسىيىگە چىققىچە بولغان ئاخىرقى 12 يىل جەريانىدا ھەر كۈنى دېگىدەك خاتىرىلەپ ماڭغان ك گ ب ئارخىپلىرىنىڭ تەپسىلى نۇسخىسى قاچىلانغان ئىدى. ھەتتا بۇ ماتېرىياللار تا 1918-يىلقى ئارخىپلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ يەشىكلەردىكى مەلۇماتلارنى ئا ق ش نىڭ ف ب ئى (FBI) تەشكىلاتى، ”ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيان بىرلا ئىستىخباراتچىنىڭ قولىدىن چىققان ئەڭ تولۇق، ئەڭ مۇكەممەل ئاخبارات“ دەپ تەرىپلىگەن.
ۋاسىلى نىكىتىچ مىتروخىن، پەۋقۇلئاددە قىممەتكە ئىگە ئارخىپلارنى ئوغۇرلاپ چىقىپ توپلىغان بۇ ك گ ب ئوفىسسېرى، ھازىر رەسمىيي گراژدان سۈپىتىدە ئەنگلىيىدە ياشىماقتا. بۇ كىشى، 1922-يىلى رۇسسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر يەردە تۇغۇلغان بولۇپ، 1948-يىلىدىن باشلاپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەل ئىستىخبارات پائالىيىتى خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. ئەينى ۋاقتىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشخانىسى (چېكا، يەنى ك گ ب نىڭ دەسلەپكى شەكلى) نىڭ چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەن باش ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋاقىتلىق بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىستىخبارات كومىتېتى قىلىپ تەشكىللەنگەن ئىدى. 1952-يىلى، مىتروخىن تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە چەتئەلگە چىقىرىلغان ۋاقتىدا بۇ ئىستىخبارات كومۇتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، گ پ ئۇ (Gosudarstvnneye Ppoliticeskoye Upravalenieye دۆلەت سىياسىي بىخەتەرلىك ئىدارىسى، يەنى قىسقارتىلمىسى بويىچە گ پ ئۇ — ئۇ.ت) قايتا ئەسلىگە كېلىپ باش ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن قايتا ئەنئەنىۋى رىقابەتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. مىتروخىن، ئىستىخبارات ئىدارىسىدا ئىشلىگەن دەسلەپكى 5 يىلدا ھەددىدىن تاشقىرى گۇمانخورلۇق بىلەن تولغان بىر مۇھىت ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ ۋاقىتلار ستالىن ھوقۇق تۇتقان ئاخىرقى يىللارغا توغرا كەلگەن بىر ۋاقىتلار بولۇپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىستىخبارات ئورگانلىرى پۈتۈن كوممۇنىزم لاگىرى بويىچە سىياسىي زىيانكەشلىك يۈرگۈزۈش بۇيرۇقى بويىچە ھەرقانداق بىر تىتوچىلار بىلەن يەھۇدىي تىرىلىشچىلىرىنىڭ سۈيىقەستىدىن ساقلىنىش دەيدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر دەۋرلەر ئىدى.1 ئەسلىدە، بۇنداق سۈيىقەست دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك ئەمەلىيەتتە يوق ئۇيدۇرۇلغان تۆھمەتلەر ئىدى.
1953-يىلى يانىۋاردا، بەزىلەر ك گ ب ئورگىنى يۈرگۈزىۋاتقان سۈيىقەستچىلەرنى قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىدىن رازى بولماي، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ”سەزگۈرلۈكى كامچىل“ بىر ھەرىكەت دەپ ئوچۇق تەنقىتلەپ كەلمەكتە ئىدى. سوۋېت ئاخبارات ئورگىنى بولغان تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلان قىلغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە دۇنيا يەھۇدىي تىرىلىشچىلىرى (سىيونىزمچىلىرى) بىلەن غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرى مەلۇم بىر يەھۇدىي دوختۇرى تەشكىللىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە بىر سۈيىقەست پىلانلاۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ”سوۋېت رەھبەرلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش“ نى پىلانلاشقان دەپ ئەيىپلەيدۇ. ستالىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئاخىرقى ئىككى ئايدا، گ پ ئۇ بۇ خىيالى سۈيىقەست قاتناشقۇچىلىرىنى قولغا ئېلىش ئارقىلىق ئالاھىدە سەزگۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان. ئەسلىدە بولسا، سىيونىزم ھەرىكىتى دېگەن قارىلاش نىقابى ئاستىدا يەھۇدىيلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشلا مەقسەد قىلىنغان ئىدى. دەل شۇ 1953-يىلى مارت ئېيىدا، ستالىننىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن سەل ئاۋال، مىتروخىن بۇيرۇق بويىچە «ھەقىقەت» گېزىتىنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق مۇخپىرى يۇرى ژۇكوۋنىڭ سىيونىزمچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە بارىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئايالى يەھۇدىي ئىرقى ئارىلاش ئىكەنلىكىنى بىلىپ بۇ ئىش ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان. يەنى، مىتروخىن، ستالىننىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل، رەھىم دېگەننى قەتئىي بىلمەيدىغان ئادىمى لاۋرېنتى پاۋلوۋىچ بېرىيانىڭ بۇ ئۇيدۇرما سۈيىقەستكە چېتىشلىق دەپ قارىغان يەھۇدىي دوختۇرنى سۈيىقەست ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار قاتارىغا كىرگزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. كۈتۈلمىگەندە، بېرىيا، ستالىننىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەي تۇيۇقسىزلا بۇنداق بىر سۈيىقەست ئەسلا مەۋجۇت بولمىدى دەپ ئېلان قىلىپ، سۈيىقەستچى دەپ قارىلانغان كىشىنىمۇ گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىدۇ.
1953-يىلىنىڭ ياز كۈنلىرىدە، بېرىيا سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزى كومۇتېتى ئىجرائىيە ھەيئىتىدىكى كەسپداشلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى بىلەن قايتىدىن يارىشىدۇ. بۇ قېتىمقى يارىشىشقا، بېرىيا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ستالىننىڭ قولىدىكى ۋەزىپىلەرنى تارتىپ ئېلشقا تەييارلانغان دەيدىغان باشقىچە بىر سىياسىي سۈيىقەس خەۋىرى سەۋەب بولغان ئىدى. ئىيۇلدا، مىتروخىن مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ پايىتەختىدە زىيارەتتە بولىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭغا بىۋاستە ئۆزى شىفىرنى يېشىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان بىر پارچە مۇتلەق مەخپى تېلېگراممىدىن بىرى كېلىدۇ. بۇ تېلېگراممىدىن بېرىيانىڭ ”پارتىيىگە، ھۆكۈمەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكنى“ بىلىپ چۈچۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىشنى ئەسلىدە بېرىيانىڭ ئاساسلىق سىياسىي رەقىبى بولغان نىكىتا سېرگېيېۋىچ خرۇششېۋ يۇشۇرۇن پىلانلىغان بىر ئىش بولۇپ، 26-ئىيۇن كۈنى سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ بىر قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا يىغىن مەيدانىدىلا بېرىيا قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ بۇ ئىشنى خرۇششېۋ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بېرىيا بىر كىشىلىك كامىردا يېتىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كەسىپداشلىرىغا نەچچە قېتىملاپ كەچۈرۈم قىلىشىنى تىلەپ خەت يېزىپ، ئىنتايىن ئېچىنىشلىق قىياپەتتە ئۇلاردىن رەھىم تىلەيدۇ:
ماڭا كىشىلەر بەك ۋاي دەپ كەتمەيدىغان ئادەتتىكى ئىشتىن بىرنى بېرىڭلار، ئىككى-ئۈچ يىل ئۆتكەندە مېنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگەرگەنلىكىمنى، سىلەرگە يەنىلا پايدام تېگىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر … مەن ھازىر، بۇ خەتنى قاراڭغۇ تۈرمە كامىرىدا ئولتۇرۇپ يېزىۋاتقىنىم شۇنىڭدەك كۆزئەينىكىممۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن يازغانلىرىم بەكلا قالايماقان يېزىلغانلىقى چوقۇم. شۇڭا يازغانلىرىمنى چۈشىنەلىشىڭلارمۇ تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن يولداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
ئەندى ئۇلار بېريادىن قورقۇپ يۈرۈشتىن قۇتۇلۇپ قالغاچقا، يولداشلىرى ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى مازاق قىلىدقىغان ساپ قىلىۋېلىشقان ئىدى.
24-دېكابىر كۈنى، خەۋەرلەردىن قارىغاندا ئالى سوت بېرىيانى سوتلاپ ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇنىڭ كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئوبرازىغا زىيان سېلىپ قويىشىدىن ئەنسىرىشىپ، ستالىن دەۋرىدە ئىشلەنگەن كەڭ كۆلەملىك يوقۇتۇش ھەرىكەتلىرىدىن مەسئۇل ئىكەنلىكى ۋە نەچچە سەبى قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللىرىنى ئاشىكارىلاشقا بولمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭغا ئەنگلىيە ۋە شۇنىڭدەك باشقا غەرب ئىستىخبارات تارماقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ”كاپىتالىزىمنى تىرىلدۈرمەكچى، بۇرجۇئازىيە ھاكىمىيىتىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان“ دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان. شۇ سەۋەبتىن بېرىيا 1930-يىللاردىكى ياگودا ۋە يېژوۋدىن قالسا ئۈچىنچى قېتىم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن سوۋېت بىخەتەرلىك ئەمەلدارى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا ئەنگلىيە ئىشپىيونى (تەبىئىكى بۇمۇ ئۇيدۇرۇلغان) دېگەن جىنايەت ئارتىلغان ئىدى. ستالىن دەۋرىدىن قالغان ئەنئەنىگە ئاساسەن «سوۋېتلەر ئىتتىپاقى كاتتا ئانسىپكلودىيىسى» نى سېتىۋالغانلىكى مۇشتىرىلارنىڭ ھەممىسىدىن ”بىرىتىۋا ياكى قەلەمتاراش“ بىلەن كىتابتىكى بېرىياغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىشىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا بېرىڭ دېڭىزى ھەققىدىكى بىر ئىسىمنى قىستۇرۇپ قويىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.2
خرۇششېۋنىڭ 1956-يىلى فېۋرالدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىCCCP كومپارتىيىسى 20-قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن مەخپى دوكلادىنى كىشىلەر ئىزچىل تۈردە بىر-بىرىگە يەتكۈزۈشۈپ يۈرىشىدۇ. بۇ دوكلاد، ستالىنىزمغا قارىتا تۇنجى قېتىملىق دائىرىلەر تەرىپىدىن تەنقىت قىلىنغان بىر دوكلاد ئىدى. بۇ دوكلادتا، خرۇششېۋ، ستالىننىڭ ”شەخسىگە چوقۇنۇش“ ئىدىيىسىنىڭ ”بەكلا ئېغىر پارتىيىۋېلىك پىرىنسىپلارنى ھەمدە پارتىيە ئىچىدىكى بىر قاتار دېموكراتىيە بىلەن ئىنقىلاۋبىي قانۇن-تۈزۈملەرنى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلىنىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسلىق سەۋەب بولغانلىقى“ كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى نۇتۇق، مەركەزىي كومىتېت مەخپى لىپاپ ئارقىلىق ك گ ب پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يوللىنىدۇ. مىتروخىن ئىشلەيدىغان يەرنىڭ پارتىيە ياچىكىسى تولۇق ئىككى كۈن ۋاقىت ئايرىپ بۇ دوكلادنىڭ مەزمۇنىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. مىتروخىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: شۇ چاغدا، پارتىيە ياچىكا سېكىرتارى ۋلادېمىر ۋاسىلېيېۋىچ ژېنىخوف (ئۇ كېيىن ك گ ب نىڭ فىنلاندىيىدە تۇرۇشلۇق ئىستىخبارات پونكىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان) بۇ دوكلادنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ، ”ستالىن ئەسلى بىر باندىت“ دەيدۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان بىر قىسىم كومۇنىستلار بەكلا قاتتىق چۆچۈپ كەتكىنى ياكى بەكلا ئەستايىدىل ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ ئەيتەۋىر، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ قېلىشتى. ئوتتۇرلۇقتا بەزىلەر ژېنىخوفنىڭ دېگەنلىرىنى ماقۇللىشىدۇ. گەرچە مىتروخىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا كاللىسىدا مۇنۇ مەسىلىنى، يەنى ئولتۇرغانلار ”بۇ تۈر جىنايەتلەر ئىشلەنگەن ۋاقىتلاردا خرۇششېۋ نەدە قاپتىكەن؟“ دېگەن مەسىلىنى ئويلانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كۆڭلىدىكىنى دىيەلمەي جىمىپ قالغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
مىتروخىن بۇ مەخپى دوكلادنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاسارەتلىنىپ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ پىكىر بايان قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ كۈنلەردە بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا بەكلا ئېغىر پىكىر بەرگىنىگە قارىماي، — تەبىئىيكى غەرب ئۆلچەملىرى بويىچە ئالغاندا مىتروخىننىڭ ك گ ب نىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەنقىتلىشى ئۇنچىۋالا ئېغىر گەپلەرمۇ ھېسابلانمايتتى. — 1956-يىلى ئۇنى ھەرىكەت دائىرىسىن ف س د 1-باشقارمىسىنىڭ ئارخىپ باشقۇرغۇچىلىقىغا يۆتكەيدۇ. بۇ يەردە، باشقا بۆلۈملەر ۋە جايلاردىكى يەرلىك ك گ ب ئورگانلىرى سورىغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش مىتروخىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىدى. بۇ جەرياندا مىتروخىن، بېرىيانىڭ شەخسى ئارخىپىنى خرۇششېۋنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كۆيدۈرىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بۇ كەسىپدىشى ھەققىدە ئۇنىڭغا قارشى ماتېرىيال توپلاش ئىشى ھېچقانداق بىر گۇمان پەيدا قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. يەنى، 1954~1958-يىللىرى ك گ ب مۇدىرى ئىۋان ئالېكساندروۋىچ سېروۋ، ۋەزىپىسىگە ئىنتايىن سادىق بىر قىياپەتتە خرۇششېۋغا دوكلاد قىلىپ، بېرىيانىڭ ئارخىۋىدا بەكلا كۆپ ”كۈشكۈرتۈش، تۆھمەت چاپلاش“ خاراكتىرىدىكى ماتېرىياللار بارلىقىنى ئېيتىدۇ.
ستالىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم رۇسسىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئوتتۇرلىرىغا كەلگىنىدە قايتىدىن نەشرى قىلىنىدىغان بولىدۇ. مىتروخىن، بۇ تۈر ئەسەرلەرنىڭ قىزغىن كىتاپخانلىرىدىن ھېسابلىناتتى. دەسلەپكى قەدەمدە 1954-يىلى موسكۋادا بورىس پاستېرناكنىڭ يېڭى شىئېرلار توپلىمى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئۇنىڭ 1945-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئەسىرى ئىدى. پاستېرناك، سوۋېت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى ئەدەبىي ھاياتىنى باشلىغان ئەڭ ئاخىرقى رۇسسىيە داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئېلان قىلغان ئەسىرى ستالىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئەدەبىي ساھەدە بارلىققا كەلگەن تۇنجى چوڭ ۋەقە ھېسابلىناتتى. «دوختۇر ژىۋاگو ئىلھامىدىن شىئېرلار» دەپ نام بېرىلگەن بۇ بىر يۈرۈش ئەسەر، تېخى ئاخىرى پۈتمىگەن يىرىك ئەسىرىنىڭ قىسقا بايانى بىلەن بىرلىكتە بىر ئەدەبىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان، بۇ بىر يۈرۈش شىئېرلىرى كېيىن يېزىۋاتقان ئۇ يىرىك ئەسىرىدىمۇ يەر ئالغان ئىدى. پاستېرناكنىڭ يېزىپ پۈتكەزگەن «دوختۇر ژىۋاگو» دېگەن بۇ ئەسىرىدە، سىرلىق بىر باش قەھرىماننىڭ چار پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان ئاخىرقى دەۋرىلىرىدىن سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىكى ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. 1956-يىلى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ كىتاب بەكلا قۇيۇق ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەن دەپ قارىلىپ نەشرى قىلىنىشى چەكلىنىدۇ. بۇ روماندا، دوختۇر ژىۋاگو سوۋېت ئىنقىلابىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ”ئۇلۇغ پەيت كەپتۇ دەپ قاراپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكى، بۇنداق بىر ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋام قىلىشىغا تىلەكداشلىق قىلغان“ لىقى تەسۋىرلەنگەن. ئەمما پاستېرناك بۇ ئەسىرىدە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ، ھاكىمىيەت روھىنىڭ پۈتۈنلەي ياسالما ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئوتتۇرغا قويغان: لېنىننىڭ ئەسلىدە بىر ”قىساسچى سىموۋۇلى“ ئىكەنلىكى، ستالىننىڭ بولسا ”چوقۇر يۈزلۈك زومىگەر“ دەپ تەرىپلەنگەن.
پاستېرناك شۇ ۋاقىتلاردا 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن بۇيانقى ئەسىرى چەكلىنىش تەغدىرىدىن قۇتۇلۇپ چەتئەلدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى سوۋېت يازغۇچىسى ئىدى. ئۇ، «دوختۇر ژىۋاگو» نىڭ ماشىنكىدا كۆچۈرۈپ چىققان ئارگېنالىنى ئىتالىيە نەشرىيات ۋەكىلى گىيانگىياكومو فېلترىنېللىغا تاپشۇرغان. فېلترىنېللى بۇ ئارگىنالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇ قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا پاستېرناكقا: ”مەن بۇ ئەسىرىڭىزدىن ئۆزەمنى تەسۋىرىڭىزدىكى جازا ئەترىتىنىڭ ئالدىغا تىزىلغاندەك قاتتىق ھاياجان ئىچىدە قالدىم“ دەپ يازىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، پاستېرناك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە فېلترىنېللىغا بىر پارچە تېلېگرامما يوللاپ، ئىۋەرتكەن ئارگىنالىنى نەشرىياتتىن قايتۇرۇپ ئېلىۋېلىشىنى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما ئاستىرىتىن شەخسى بىر پارچە خەت ئىۋەرتىپ فېلترىنېللىغا كىتاۋىنى بېسىش ئىشىنى توختاتماڭ دەپ خەۋەر بېرىۋېتىدۇ. 1957-يىلى نويابىردا، «دوختۇر ژىۋاگو» تۇنجى قېتىم ئىتالىيانچە بېسىلىپ كېيىن يەنە 24 خىل تىلغا تەرجىمىسىمۇ چىقىپ ئەڭ بازارلىق كىتاپقا ئايلىنىدۇ.3 بىر قىسىم غەرب ئوبزورچىلىرى بۇ كىتابنى تولستوينىڭ 1899-يىلى ئېلان قىلغان «تىرىلىش» كىتابىدىن كېيىن يېزىلغان ئەڭ داڭلىق ئۇرۇس رومانى دەپ باھالىشىدۇ. ئەمما موسكۋا دائىرىلىرى «دوختۇر رېۋالگ» نىڭ بۇنچە ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىدىن قاتتىق تەشۋىش ئىچىدە قالىدۇ. ئەمما بۇ كىتاب پاستېرناكنى 1958-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇ شىۋىتسىيە ئاكادېمىيىسىگە يوللىغان تېلېگراممىسىدا بۇ مۇكاپات يۈزىسىدىن ”قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى، قاتتىق غۇرۇرلانغانلىقىنى، قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى ھەمدە بەكلا خىجىللىق ھېس قىلغانلىقىنى“ بىلدۈرىدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يازغۇچىلار كېڭىشىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «ئەدەبىيات»، پاستېرناكنى 30 تال كۈمۈش تەڭگە — نوبېل مۇكاپات سوممىسى ئۈچۈن خەلقى يېتىشتۈرگەن بۇ ئەدەبىيات گىگانتى ئۆزىنى سېتىۋەتتى“ دەپ باھالايدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا قالغان پاستېرناك، چارىسىز ستوكھولمغا قايتا بىر تېلېگرامما ئېۋەرتىپ ”مەن تەۋە بولىۋاتقان بۇ جەمئىيەتنىڭ بۇنداق بىر مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ“ بۇ مۇكاپاتنى ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
مىتروخىن گەرچە پاستېرناك ئەسەرلىرىگە بەك قىزىقىپ كەتمىسىمۇ، ئۇنىڭ «دوختۇر ژىۋاگو» دېگەن ئەسىرىگە قارىتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بەرگەن تەنقىتلىرىنى خرۇششېۋنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بىلىمسىزلىكى دەپ قارايتتى. ”ئەدەبىيات بىلەن سەنئەتنىڭ سوتسىيالىزم جەمىيىتىدىكى تەرەققىيات جەريانىغا قارىتا، — دەيدۇ خرۇششېۋ ساۋاتسىز نادانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، — بۇنداق بىر ئىشقا … مۇتلەق تۈردە پارتىيىلا قارار بېرەلەيدۇ“ دەيدۇ. موسكۋا ئەدەبىيات ئورگانلىرىنىڭ پاستېرناكقا قارىتا يېڭىچە ستالىنىزم شەكلىدە ئەيىپلەشتە بولغانلىقىدىن مىتروخىن بەكلا ھەيران قالىدۇ. شۇڭا ئۇ، 1958-يىلى ئۆكتەبىردە، «ئەدەبىيات» گېزىتىغا بىر پارچە ئىسىمسىز خەت يازىدۇ. گەرچە ئۇ پوچۇركىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خېتىنى سول قولىدا يازغان بولسىمۇ، خېلى بىر مەزگىلگىچە سالاھىتىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپلا يۈرىدۇ. مىتروخىن، ك گ ب ئارخىپلىرىدا ئىسىمسىز خەت يازغانلارنىڭ پوچۇركىسىنى تېپىپ چىقىش مەقسىتىدە بەكلا كۆپ ماتېرىيال ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ھەتتا لىپاپنىڭ ئاغزىنى چاپلاش ۋاقتىدا شىلىم تەرىپىنى ئاغزىدا ھۆل قىلىپ چاپلىغان بولغاچقا، ك گ ب نىڭ لابۇراتورىيەلىرىدە كانۋېرت چاپلىغۇچىنىڭ شۈلگىيىدىن ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىۋېلىشىدىنمۇ قورقۇپ يۈرىدۇ. بۇ تۈر ئىشلار يىغىلىپ ئۇنىڭ خرۇششېۋغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خرۇششېۋ 1956-يىلقى مەخپى دوكلاتىدا ستالىنغا قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك ھەرىكەت باشلىتىدىغانغا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ بۇنداق بىر ھەرىكەت ۋەدىسى ھېچ بىر ۋاقىت ئەمەلىلەشمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۆز ھوقۇقىغا رىقابەت ئېلان قىلىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى كۆزلەپ پاستېرناكقا زىيان سېلىشنى خرۇششېۋنىڭ ئۆزى بىۋاستە بۇيرۇق قىلغان بولىشىدىنمۇ گۇمانلىنىپ يۈرىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا، مىتروخىن ھەرگىزمۇ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش دەيدىغان بىر خىيالدا بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ پەقەت خرۇششېۋغا قارىغاندا ستالىن دەۋرىدىكى ئەقىدىلىرى ئازىراق بولغان يېڭى بىر رەھبەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىلا ئارزۇ قىلاتتى. 1958-يىلىغا كەلگەندە، سېروۋ ك گ ب رەئىسلىكىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ كىشى، يەنى ئالېكساندر نىكولايېۋىچ شېلېپىن ستالىنىزمنى ھەممىدىن بەكىرەك تەنقىتلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى ئىدى. بۇ چاغدا مىتروخىن مانا ئەندى كۆڭلۈمدىكىدەك رەھبەردىن بىرسى ئوتتۇرغا چىقتى دەپ قارىغان ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەندىلا 40 ياشقا كىرگەن شېلېپىن، پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قۇماندانى بولۇپ داڭ چىقارغان بىرسى ئىدى. 1952-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، كومسىمول (ياشلار ئىتتىپاقى) نىڭ رەھبىرى بولغان شېلېپىن، خرۇششېۋنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ مىليونلىغان ياشلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئادەم ئايىقى تەگمىگەن بىپايان يايلاقلارنى ئېتىزلىققا ئايلاندۇرغان بىرسى ئىدى. گەرچە بۇنداق يېڭى قۇرۇلغان كولخوزلار كېيىنچە سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتلاردىكى قىسقا مۇددەت ئۈچۈن ئېيتقاندا شېلېپىن يېتەكچىلىكىدىكى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى يەنىلا ئاجايىپ پارلاق بىر ھەرىكەت دېيىش مۇمكىن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى (سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، س س س ر، CCCP سوۋېت سوتسىئالىستىك رېسبۇبلىكىلار ئىتتىپاقى، سويۇز، شۇرالار ئىتتىپاقى) ژۇرنال فىلىملىرىدە ھەر دائىم قاتىرىسىغا تىزىلىپ چەكسىز كەتكەن يايلاقتا تېرىلغان دولقۇندەك ئۆركەشلەپ تۇرغان بۇغدايلىقتا ئورما ئورۇپ كېتىۋاتقان كومبايىنلار كۆرۈنىشى كۆرسىتىلىپ تۇراتتى.
خۇددى مىتروخىننىڭ بۇرۇندىن ئارزۇ قىلىپ كەلگىنىدەك، شېلېپىن دېگەن بۇ كىشى ك گ ب دا ئۆزىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ئىسلاھاتچى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئوبرازىنى تىكلەيدۇ، كومسۇموللار ئارىسىدىن بىر قىسىم قابىلىيەتلىك ياشلارنى تاللاپ كونا ستالىنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. مىتروخىنغا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، شېلېپىن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلىگەندە كۆپ قىسىم سوۋېت رەھبەرلىرىدەك ئۇنداق ئارگىنالىدىن باش كۆتۈرمەي سۆزلەيدىغان ئادىتىنىڭ ئەكسىچە قولىدىكى ئارگىنالغا مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ قىلچە ھۇلۇقماي ئىنتايىن راۋان سۆزلىيەلىشى ئىدى. ئۇ، ك گ ب دا يېڭى جامائەتچىلىك ئوبرازى تىكلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئۇ، 1961-يىلىدىلا ”سوتسئالىستىك قانۇن تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئۈزۈل-كېسىل يوقۇتۇلدى، … چېكاچىلار (ك گ ب ئوفىسسېرلىرى) بۇندىن كېيىن قىلچە نومۇس قىلماي پارتىيە ۋە سوۋېت خەلقى ئالدىغا چىقالايدىغان بولدى“ دەپ ئېلان قىلىدۇ.4 ئۇندىن باشقا، مىتروخىنغا، چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان يەنە بىر ئىش، شېلېپىن ئۇنىڭ بىر تۇغقىنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى ئىدى.
شېلېپىننىڭ غايىسى ئۇندىن بۇرۇنقى بېرىيا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاندروپوۋلارغا ئوخشاش يالغۇز ك گ ب نىڭلا باشلىقى بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى. رۇسسىيە تارىخچىسى روي مېدۋېدېۋنىڭ دېيىشىگە ئاساسەن، شېلېپىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىلا، يەنى 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۇنىڭدىن قانداق بىرسى بولۇپ يېتىلىشنى خالايسەن دەپ سورىغىنىدا، قىلچە تەمتىرىمەي ”باشلىق!“ دەپ ئۇدۇللا جاۋاب بەرگەنىكەن. شېلېپىن سىياسىي ھاياتىنىڭ ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولۇش يولىغا يېتەكلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. بۇ جەرياندا ك گ ب ئۇنىڭ ئۈچۈن يوقۇرى ئۆرلەش باسمىقىلا ھېسابلىناتتى. 1961-يىلى دېكابىردا، ئۇ ك گ ب دىن ئايرىلىدۇ. ئەمما يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالاھىدە كۈچى بولغان سوۋېت كومپارتىيىسى مەركەزى كوممۇتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كوممۇتېتىنىڭ رەئىسى بولغان شېلېپىن، يەنىلا ك گ ب نىڭ خىزمەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىپ تۇراتتى. ك گ ب غا يېڭىدىن رەئىس بولغان، ئەينى ۋاقىتتا 37 ياشتىكى ۋلادىمىر يېفىموۋىچ سېمىچاستنى، بۇرۇن شېلېپىننىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىرسى ئىدى. سېمىچاستنىي ياش بولغىنى بىلەن شېلېپىندەك ئۇنچىۋالا قارا نىيەتلىك بىرسى ئەمەس ئىدى. ئەمما ئۇمۇ خرۇششېۋنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سوۋېت كومپارتىيىسى مەركەزى كومىتىت ئىجرائىي گۇرۇپپىسى ئىچىدىكىلەر ئارىسىدا ستالىن دەۋرىدە پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئارخىپ ماتېرىيالى بولغانلارنىڭ ئارخىپلىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ ھەمدە مەركەزىي كوممۇتېت ھەيئەت ئەزاسى، ئالىي ئىستىخبارات ئەمەلدارى ۋە ستالىن دەۋرىدە موسكۋادىكى چەتئەللىك كوممۇنىزىمچىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنىمۇ يوق قىلىشىغا ئۆزى بىۋاستە بۇيرۇق بېرىدۇ.
ئۇ بۇنداق بۇيرۇق قىلغان ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش، پەقەت قۇراللىق قىسىملا بۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتى دەپ قارايدىغان بولغاچقا، 1957-يىلى ۋېنگىرىيىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، ئاندروپوپ ئىزچىل تۈردە سوۋېت كومپارتىيە مەركەزى كومۇتىت ئالاقە باغلاش باشقارمىسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ ئارقىلىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر كومپارتىيىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. 1967-يىلى ك گ ب رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكى، بىر يوقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە ئەمەلدارىنىڭ بۇ ئورۇنغا تەيىنلىنىشىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىناتتى. برېژنېۋنىڭ ئۇنى بۇنداق بىر ئورۇنغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات سىستېمىسىنى سىياسىي جەھەتتە تىزگىنلەپ تۇرۇشىنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىدى.5 ئاندرېپوپنىڭ كېيىن بارلىق ك گ ب كاتتىباشلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن، سىياسىي ھىلىسى ئەڭ كۆپ بىرى بولۇپ قېلىشىغا ئىمكان بەرگەن ئىدى. ئۇ 15 يىللىق ك گ ب رەئىسلىكىدە تۇرۇشى جەريانىدا، 1982-يىلىغا كەلگەندە ئەڭ يوقۇرى پەللىگە يېتىدۇ: ئۇ، بېرىژنېپنىڭ ئورنىغا پارتىيىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
مىتروخىن، شېلېپىننى ئىزچىل تۈردە كەلگۈسىدە كومپارتىيە بىرىنچى سېكرىتارى بولىدىغان ئادەم دەپ قاراپ كەلگەچكە 1964-يىلى خرۇششېۋنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغانلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە پەقەتلا ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان ئىدى. ئەمما كۆپ قىسىم سوۋېت كومپارتىيە مەركەزى كومۇتىت ئىجرائىيە ئەزالىرىنىڭ كاللىسىدا بېرىياغا بولغان خاتىرىلەر بەكلا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدەك بىخەتەرلىك ئورگىنى مەسئۇلىنىڭ پارتىيە رەھبىرى ئورنىغا يۈكسىلىشىنى ھېچكىم خالىمايتتى. شېلېپىندەك بىر دەۋرنىڭ ئەمەلدارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خرۇششېۋنىڭ ئورنىغا بىرىنچى سېكىرتار (كېيىن باش سېكرىتار بولىدىغان) بولغان لىيونىد ئىلىچ برېژنېۋ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىر نامزات ھېسابلىناتتى. برېژنېۋ، گەرچە ئۆز دۈشمەنلىرى بىلەن ئېلىششلاردا ئالاھىدە ماھارەتلىك ھېسابلانسىمۇ، يەنىلا بەكلا مۇلايىم، مىھرىبان، ھەممىگە تەڭ مۇئامىلىدە بولىدىغان، زىدلىشىپ قالغان تەرەپلەرنى ياراشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئىنتايىن سەۋر-تاقەتلىك بىرى ھېسابلىناتتى. 1967-يىلى، برېژنېۋ ئۆز مەۋقەسىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە مۇقىملىشىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ كىشىلەر خالىمايدىغان سېمىچاستنىنى تاشلىۋېتىپ، كونا قارانىيەت شېلېپىننىمۇ ھۆل خىشقا دەسسىتىدۇ. يەنى شېلېپىننى سوۋېت كومپارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇپ تەسىر دائىرىسى نىسبەتەن ئاز ھېسابلىنىدىغان سودا كومبىنات كومۇتىتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەيدۇ. شېلېپىن ئازادە يېڭى ئىشخانىسىغا كېلىپلا بۇ يەرنىڭ كونا غوجايىنى ۋىكتور گرىشىننىڭ يان ئۆيگە `مېدۋېدېۋ` قويىۋالغانلىقىنى، يەنى غەلىتە ئىسىملىك ئالاھىدە ئۈسكۈنە — ئۇۋۇلاش بۆلۈمى قۇرىۋالغانلىقىدىن خەۋەردار بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەمىلى تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنىڭ قىساسى ھېسابىدا موسكۋادا ھەممە يەردە گرىشىننىڭ بۇ تۈر قىلىقلىرى ھەققىدە مازاق قىلىپ ئاجايىپ-غارايىپ ھىكايە سۆزلەش بىلەن يۈرىدۇ.
سېمىچاستنىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ھەمدە شېلېپىننىڭ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەتلىتىلىشىدىن كېيىن، ك گ ب رەئىسلىكىگە يۇرىي ۋىلادىمىروۋىچ ئاندروپوۋ تەيىنلىنىدۇ. بۇ كىشى قول ئاستىكى بىر قىسىم كىشىلەرچە لەقەم قىلىپ قويىۋالغان ”ۋېنگىرىيە خۇيى“ بار كىشى ئىدى. 1956-يىلى، ئاندروپوۋ، ۋېنگىرىيە توپىلىڭى پارتلىغان ۋاقىتتا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بۇداپېشت باش ئەلچىسى بولۇپ تۇرغان يىلى ئەلچىخانا دېرىزىسىدىن سىرتتا بولىۋاتقانلارنى كۈزىتىپ تۇرغىنىدا غەزەپلەنگەن ۋېنگىرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورگىنى ئوفىسسېرلىرىنى يول چىرىقى تۈۋرۈكلىرىگە ئېسىپ ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنىكەن. شۇندىن باشلاپ، ئۇ ئۆمۈر بويى ئېسىن چىقمايدىغان بۇ قورقۇنۇشلۇق مەنزىرىدىن ھەرقانچە كۈچلۈك كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى دۆلەت، ئاغدۇرۇلۇش پەيتى كەلگىنىدە ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنۇشلۇق بىر سۈرئەتتە يوقىلىدىكەن دېگەن خىيالدىن بېرى كېلەلمايلا يۈرگەن. كېيىنكى يىللاردا، قالغان كوممۇنىزمچى ھاكىمىيەتلەر ئاغدۇرۇلۇش بوسوغىسىدا تەۋرىنىپ تۇرىۋاتقان پەيتلەردە (1969-يىلقى پراگادا، 1979-يىلقى كابۇلدا، 1981-يىلقى ۋارشاۋادا) خۇددى 1956-يىلىقىغا ئوخشاش بۇنداق ھاكىمىيەتلەر پەقەت قۇرال كۈچىگە تايىنىپلا ئۆرە تۇرالايدىكەن دەپ قەتئىي ئىشەنگەن ئىدى.
ئاندروپوۋ ك گ ب دا ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا، تۇنجى چوڭ بوھران ”پراگا باھىرى“ دىن كېلىدۇ. چېخسلوۋاكىيىنىڭ ئىسلاھاتچىلىرى كېرىملىننىڭ نەزىرىدە قەتئىي قوبۇل قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان كلاسسىك بولمىغان بىر خىل ”ئىنسانپەرۋەرلىك قىياپىتىدىكى بىر تۈرلۈك كومۇنىزم“ يارىتىش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتا ئىدى. خۇددى خرۇششېۋنىڭ مەخپى دوكلاتىدىكىگە ئوخشاش 1968-يىلى ئاۋغۇستتا ۋارشاۋا قۇراللىق كۈچلىرى چېخسلوۋاكىيىگە بېسىپ كىرىپ، مىتروخىننىڭ ”ئىدىيىۋىي ئۆزگىرىش يولىدىكى ئۇزۇن مۇساپىسىنىڭ“ مۇھىم بىر ماي قاچىلاش پونكىتى بولۇپ قالىدۇ. ”پراگا باھىرى“ دەۋرىدە، مىتروخىن شەرقىي گېرمانىيىگە ئىۋەرتىلىدۇ. ئۇ يەردە، مىتروخىن ئەنگلىيە رادىئو ئىستانسىسى (ب ب س) خەلقارالىق ئاڭلىتىش ئۇزۇلى، ئەركىن رادىئو ئىستانسىسى، گېرمانىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسى ۋە كانادا رادىئو شىركىتىنىڭ رۇسچە پروگراممىلىرىنى ئاڭلاش جەريانىدا چېخوسلوۋاكىيە خەۋەرلىرىدىن ۋاقىپ بولىدۇ. ئەمما ئۇ ھەر قانداق بىرسىگە پراگادىكى ئىسلاھاتچىلارغا بولغان ھېسسىداشلىقى ھەققىدە ئىچىنى بوشىتالمايتتى. تەخمىنەن سوۋېت تانكىلىرى پراگاغا كىرىشىدىن بىرەر ئاي ئىلگىرى بىر ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بىر ك گ ب بىرىنچى باشقارما (ف س د) 5- بۆلۈمىنىڭ (”پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە“ بۆلۈمى) ئوفىسسېرى بولغان پولكوۋنىك ۋىكتور رىيابوۋ ئۇنىڭغا، ”مەن شىۋىتسىيىگە بېرىپ بىر قانچە كۈن تۇرۇپ كەلمەكچىمەن“ دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ شىۋىتسىيىگە بېرىش ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇراتتى. رىيابوۋ قايتىپ كېلىپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە مىتروخىنغا، ئەتىسىدىكى «ھەقىقەت» بەكلا ئەھمىيەتلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى دەپ كېلىپ، بۇ ماقالىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماقالە ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدۇ. راست دېگەندەك، مىتروخىن ئەتىسى بۇ گېزىتتىن چېخوسلوۋاكىيەنىڭ ”جاھانگىر ئۇنسۇرلارنىڭ قۇرال ئىسكىلاتى پاش قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ رىيابوۋ بىلەن باشقا 5-ھەرىكەت بۆلۈمىدىكى كىشىلەرنىڭ مەخسۇس قاپقان قۇرۇپ، ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش مەقسىتىدە قىلغان بىر زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى دەرھال سېزىدۇ.
”پراگا باھىرى“ باستۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مىتروخىن، ئاندروپوۋنىڭ بېرلىن سىرتىدىكى كارلشورست ك گ ب نىڭ شەرقىي گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق شىتابىدا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق دوكلادىنى ئاڭلايدۇ. ئۇمۇ خۇددى شېلېپىنغا ئوخشاش كۆپ قىسىم سوۋېت ئەمەلدارلىرىدەك ئالدىن يېزىۋالغان ئادەتلەنگەن كونا گەپلەرنى تەكرارلاپ ئارگىنالىغا تىكىلگىنىچە سۆزلىمەي يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا قاراپ تۇرۇپ بەكلا ئەركىن سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئاندروپوۋنىڭ چىرايى بەكلا جىددى بولۇپ، كۈمۈشتەك پارقىراپ تۇرغان چاچلىرى كەڭ پىشانىسىنى يېپىپ تۇرغان، مىتال رامكىلىق كۆزئەينەك تاقىۋالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملارچە قىياپىتى قوشۇلۇپ ستالىن دەۋرىدىكى مەلئۇن بېرىيا بىلەن شېلېپىندىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چېخسلوۋاكىيىگە باستۇرۇپ كىرىش ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى سوۋېت پۇخرالىرىنىڭ ئاڭلىغان خەۋەرلىرىدىن بەكلا تەپسىلى ئىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى بېسىپ كىرىش ھەرىكىتى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ۋەتەن قۇتقۇزۇش ئۇرۇشىدىن كېيىن تىكلەنگەن ياۋروپا يېڭى تەرتىبىنى قوغداشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى دەپ قەتئى چىڭ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئۆزىمۇ باشتىن تارتىپلا پراگا ئىسلاھاتچىلىرىغا بەلگىلىك دەرىجىدە ھېسسىداشلىق قىلىش ھالىتىدە بولغان بولسىمۇ، بۇنداق ئوبېكتىۋ تەلەپ، دەيدۇ ئاندروپوۋ، ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى پيوتر كاپتزاغا ئوخشاش ھۆكۈمەت تەرەپ قارىشىغا قوشۇلمايدىغان كىشىلەرمۇ قوبۇل قىلالايدىغان بىر چۈشەندۈرۈش دەيدۇ. ئەمما مىتروخىن، ۋارشاۋا شەرتنامىسى گۇرۇھىنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە بىر خۇلاسىغا كېلىدۇ. ئۇ، چېخوسلوۋاكىيەدىكى ”ئىنسانپەرۋەرلىك كۆرۈنۈشىدىكى كومۇنىزم“ نىڭ يوقۇتۇلىشى سوۋېت تۈزۈمىدە ھەرگىزمۇ ئىسلاھات يۈرگۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىغا قەتئى ئىشەنگەن ئىدى. بۈگۈنگىچە ئۇنىڭ قەلبىنى مۇجۇپ كېلىۋاتقان خۇددى ئاجايىپ غەلىتى ئەپسانىلاردا تەسۋىرلەنگىنىدەك ”ئۈچ باشلىق ئىلان“ نىڭ رۇسىيە خەلقىنى قۇللارغا ئايلاندۇرىۋالغانلىقىغا قەتئى ئىشەنگەن ئىدى. بۇ غەلىتى ئۈچ باش ئىلان — كومپارتىيە، ئالاھىدە ھوقۇققا ئىگە بىيروكراتلار تەبىقىسى ۋە دەل شۇ ك گ ب ئىدى.
ئۇ شەرقىي گېرمانىيىدىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن داۋاملىق غەرب رادىئولىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئەمما سوېتلەر دولقۇن بۇزىۋېتىش ئەسلىھەسىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقاچقا، ھەر دائىم قىسقا دولقۇن تەڭشەپ تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىدىغان رادىئو ئىستانسىسىنى تېپىشقا مەجبۇر ئىدى. ئادەتتە، ئۇ قىسقا خەۋەرلەردىن كېيىنلا ئاڭلاشنى توختىتىپ قۇياتتى. بۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەردە ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەكىرەك تەسىر قالدۇرغىنى «نەق مەيدان خەۋەرلىرى» دىن ئاڭلىغان خەۋەرلەر بولاتتى.6 «نەق مەيدان خەۋەرلىرى» 1968-يىلى سوۋېتلىكلەرنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرگە قارىتىپ تارقاتقان مەخپى ژۇرنىلىدا ئاساسلىقى كىشىلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە بەكلا قىزىقاتتى. بۇ «نەق مەيدان خەۋەرلىرى» نىڭ باش تەرىپىگە سوۋېتلەردە «ب د ت نىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» كۆرسىتىلگەن ئەركىنلىكلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بېسىلغان ئىدى.
”ئىدىيىۋى سەپتە ئاغدۇرمىچىلىق ھەرىكەتلىرى“ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ كۈنسايىن شىددەتلىنىشىگە ئەگىشىپ، مىتروخىن، نۇرغۇنلىغان ك گ ب نىڭ ئەمەلىيەتتە سوۋېت قانۇن تۈزۈملىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنىشى ھەققىدىكى مىساللارنى ئوقۇيدۇ. كېيىن ئۇ، سوۋېت ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئا. ف. گورخىننىڭ 1967-يىلى دېكابىردا ئاندروپوۋقا يوللىغان چېكانىڭ قۇرۇلغانلىق 50 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەپ چېكانىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەكلا ئاشۇرۇپ مەدھىيىلەپ يازغان بىر پارچە خېتىنى كۆچۈرىۋالىدۇ. بۇ خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:
س س س ر سوت مەھكىمىسى بىلەن سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك كومۇتىتى (ك گ ب) نىڭ بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلغان، ئەمما بۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىش قىلىشىمىزنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئەمەس؛ ئاساسلىق سەۋەب، بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئوخشاشلىقى، …
بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆرمەكتىمىزكى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى بىلەن سوت مەھكىمىسى ئۆزئارا چۈشىنىش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئېسىل كەسىپى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جەريانىدا پۈتۈن مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ھەل قىلىپ كەلدۇق.
مىتروخىن، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان مەخپىي ژۇرنال «ك گ ب ماقالىلار توپلىمى» بىلەن ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسى ف س د نىڭ ئارخىپلىرىدىكى بەكلا كۆپ دەلىللەر، ئاندروپوۋ تەكىتلىگەن ھەر تۈردىكى ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكى كىشىلەرنى يوقۇتۇش، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىنىڭ پەقەت جاھانگىرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتىگە سۈيىقەست قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. 1968-يىلى، ئاندروپوۋ ئىمزاسى بىلەن ك گ ب باشلىقىنىڭ 0051-نومۇرلۇق بۇيرۇقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ بۇيرۇقتا، ”دۆلەت بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي ساھەلەردىكى بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىگە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇش“ ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرگە قارىتا پوزىتسىيىسى بىلەن ئۇلارنىڭ جاھانگىرلار گۇماشتىلىرى بىلەن تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىشى چاقىرىق قىلىنغان ئىدى. بۇنداق ئاكتىپ كۈرەشنىڭ مىسالىدىن بىرسى مىتروخىننى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ. كروۋ باللېت تىياتىرىنىڭ قىزغىن چوقۇنغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مىتروخىن، ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسى ئارخىپلىرى ئارىسىدا يۈز ئۆرىگەن بالىت چۇلپانى رۇدولف نۇرېيېۋغا زىيانكەشلىك قىلىش پىلانىدىن بىرسىنى كۆرۈپ قالىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى بېشىدا، مىتروخىن ك گ ب خاتىرىلىرىدىن ھەمدە غەرىپ تەشۋىقاتلىرىدىن بىلگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا ئۇنىڭدىكى سىياسى قاراشلار ئوخشىمىغان سىياسىي پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرايدۇ. ”مەن ئۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماي ئۆتكەن بىرسى ئىدىم. — دەيدۇ ئەسلەپ، — ئەمما مەن بۈگۈن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇ كۈنلەردە مەن يەنىلا يالغۇز ئەمەس ئىكەنمەن.“ گەرچە مىتروخىن ئىنسان ھەقلىرى ئوچۇق ھەرىكىتىگە ئاشكارە ئۆزىنى بېغىشلاشنى ھېچ قاچان ئويلىمىغان بولسىمۇ، «نەق مەيدان خاتىرىلىرى» دا كۆرسىتىلگەن پاكىتلار بىلەن باشقا مەخپى بېسىلىۋاتقان ماتېرىياللار ئۇنىڭدا بىر خىل يېڭىچە قاراشنى شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى: مەن بۇندىن كېيىن مەخپى ماتېرىيال كۆچۈرۈش يولى ئارقىلىق سوۋېت تۈزۈمىدە ئىشلەنگەن ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنى خاتىرلاپ ماڭىمەن دېگەن ئويغا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ كاللىسىغا ك گ ب نىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئاستا-ئاستا شەخسى خاتىرە قالدۇرۇپ چىقاي دەيدىغان ئوي كېلىدۇ.
1972-يىلى ئىيۇندا، بىرىنچى باشقارما (چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنى) موسكۋادىكى لۇبيانكا ك گ ب باش شىتابى (ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدا بۇ يەر رۇسىيە ئىستىراخۇۋانىيە شىركىتى ئىدى) دىكى قىستا-قىستاڭچىلىق بىر ئىشخانىغا، موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان يەردىكى ياسىنېۋو شەھەر سىرتى تاش يولىدىكى بىر يېڭى بىناغا كۆچكەندىن كېيىن، مىتروخىنگىمۇ پۇرسەت كەلگەن ئىدى. بىر فىن مۇتەخەسسىس تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن بۇ ئۈچ بۇرجەك 7 قەۋەتلىك بىنانىڭ بىر يېنى زال ۋە كۈتۈپخانا، يەنە بىر تەرىپى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا، ستادىئوم ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلى بار، ئەتراپتىكى تەكشىلىك ۋە تاغلار پۈتۈنلەي قىيىن دەرىخى، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان بەكلا راھەت بىر يەر ئىدى. ياز كېلىشى بىلەن بۇ يەرلەر بۇغداي ۋە سۇلۇ (ئات يېمى، چاۋدار) بىلەن قاپلىنىپ كېتەتتى.7 ك گ ب نىڭ باشقا بۆلۈملىرىنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك موسكۋا شەھەر مەركىزىدىكى قىستا-قىستاڭچىلىق مۇھىتتا پائالىيەت قىلاتتى. ياسىنېۋو دېگەن بۇ يەر ئورمانلىق دەپمۇ ئاتىلاتتى. ئۇ يەرنىڭ ئورمانلىق دەپ ئاتىلىپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئۇ يەرنى تۆۋەن كۆرگەنلىكتىن ئەمەس بەلكى ئالاھىدە جەلىپ قىلارلىق مەنزىرىلىك يەر بولىشىغا قاراپ بېرىلگەن بىر نام ئىدى.
شۇندىن كېيىنكى 10 يىل جەريانىدا، مىتروخىن مەيلى لۇبيانكىدىكى ياكى ياسىنېۋودىكى ئۆزىگىلا تەۋە ئىشخانىسىدا تەخمىنەن 300 مىڭ پارچىدەك تېخى يېڭى باش شىتاپتىكى بىرىنچى باشقارما ئارخىپخانىسىغا كىرمىگەن ئارخىپلارنى ئۆزى يالغۇز مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرۈپ پىچەتلەپ چىقىدۇ. ئۇ، ئارخىپ باشقۇرۇش جەريانىدا، مۇندەرىجىلەرنى تۈزىتىش ھەمدە ئىندېكىس كارتۇچكىسى توشقۇزۇش جەريانىدا ئارخىپلارنىڭ قايسى ئىشخانىغا لازىملىق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋالالايتتى. ك گ ب دىكى ھېچ بىر خىزمەتچى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغان بۇنچە كۆپ ئارخىپنى ئوقۇپ بولالمايتتى. ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ ئارخپلارنى كۆچۈرۈپ چىقالىغانلىقىغا ھەقىقەتەنمۇ ھەيرانلىق تۇيماي بولمايتتى. ك گ ب نىڭ بىرىنچى باشقارمىسىدىكى ئارخىپ خادىملىرىدىن باشقا يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارلا مىتروخىندا بار بولغان بۇنداق ئارخىپلار بىلەن چەكلىمىسىز ئۇچرىشالايدىغان ھوقۇققا ئىگە ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، مىتروخىن كۆچۈرۈپ چىققان ئارخىپلارغىمۇ كۆز ئاتقىدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمايتتى.
مىتروخىن ئادەتتە ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە ۋە جۈما كۈنلىرىنى ياسىنېۋودىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزەتتى. چارشەنبە كۈنى، لۇبيانكىغا بېرىپ ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىدىكى س بۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك مۇتلەق مەخپى ئارخىپلارنى كۈزىتىپ رەتلەپ چىقاتتى. س بۆلۈمى پەۋقۇلئاددە ۋەزىپە ئىشلىرىغا — ك گ ب خادىملىرى بىلەن جاسۇسلىرىغا مەسئۇل بىر ئىشخانا ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى گراژدانى بولۇپ، ئۇلار ھەر قايسى ئەللەردە شۇ دۆلەتنىڭ گراژدانلىق كىنىشكىسىنى قولغا كىرگۈزۈپ ئۆزلىرىنى نىقاپلاپ پائالىيەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. مىتروخىن بۇ ھەقتە ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەردىكى ھەر يۈرۈش ئارخىپ ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا پىچەتلەنگەن ساندۇقلارغا سېلىنىپ، پەيشەنبە كۈنى ياسىنېۋوغا توشۇلۇپ، ئۇ يەردە يەنە ئۇ ئۆزى بۇ ئارخىپلارنى يەنە بىر تەكشۈرەپ چىقاتتىكەن. بۇ ئىدارە، قالغان باشقارمىلار 1972-يىلى يېڭى شىتاپ بىناسىغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ س ئىشخانىسى لۇبيانكىدا يەنە 10 يىلغىچە بىر يەرگە كۆچمەي تۇرغان.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مىتروخىن ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىغا تەۋە پەۋقۇلئاددە مەخپى س ئىشخانىسىنىڭ ئارخىپلىرىغا سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ قالغان چەتئەل ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئارخىپلىرىنى تەكشرگىنىدىنمۇ كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ك گ ب ئىچكى قىسمىدا ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتىگۈچى خادىملار بىر تۈرلۈك غەلىتە سىرلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. ھەر بىر ئالاھىدە ۋەزىپە خادىمى چەتئەلگە ۋەزىپىگە ئىۋەرتىلىشتىن ئاۋال، چوقۇم قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشاتتى. قەسەم سۆزلىرى بەكلا ئاشۇرىۋېتلگەندەك قىلسىمۇ يەنىلا سۈرلۈك ئىدى:
”مەن پارتىيە - ۋەتەننىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىنى قەتئى يەردە قويمايمەن، مېنى خەلقىمىز مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئىۋەرتىش قارارى ئالغانلىقىدىن ئۆزەمنى ئىنتايىن پەخىرلىك ھېس قىلىمەن ھەمدە رەخمەت ئېيتىمەن … ۋەتەنگە پايدىلىق بىر ئەۋلاد بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆلۈشكە رازىمەنكى، ھەرگىز ماڭا يۈكلەنگەن مەخپىيەتلىكنى قەتئىي ئاشىكارىلىمايمەن ياكى مەخپىيەتلىكنىڭ دۈشمەن قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە قەتئىي يول قويمايمەن. چۇنكى بۇ مەخپىيەتلىك دۆلەت مەنپەتىگە سىياسىي جەھەتتە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بار مەخپىيەتلىكلەر. مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم بېرىمەنكى، مەن مەڭگۈ پارتىيەمگە، دۆلىتىمگە، سوۋېت خەلقىگە سادىق بولىمەن.“
ك گ ب ئارخىپلىرى شۇنى بىلدۈرمەكتىكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى كىشىلەرچە ”پەۋقۇلئاددە ئىشپىيون“ دەپ ئاتالغان رىۋايەت قىلىنغىدەك ھالغا كەلگەن ئىستىخباراتچىلار چەتئەلدە ھەقىقەتەنمۇ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ ك گ ب دېپلوماتتىك ياكى باشقا ھۆكۈمەت ئىشلىرى باھانىسىدا ئۆزىنى نىقابلاپ، چەت دۆلەت پايتەختلىرىدە مۇرەككەپ ئىستىخبارات تورلىرىنى قۇرۇپ چىققان. ئۇلار ”قانۇنلۇق ئاخبارات پونكىتى“ قاتارلىقلارنى قۇرۇپلا قالماي، يەنە ”مەخپى ئىستىخبارات پونكىتلىرى“ نىمۇ قۇرۇپ، ك گ ب نىڭ ئۇرۇشتىن ئاۋالقى پارلاق تەشكىلات ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان.
S ئىدارىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىن بەزى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان پەۋقۇلئاددە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، ك گ ب نىڭ ئىشپىيونلىرى ئوڭۇشلۇق تۈردە چەتئەللىك كىملىكىگە پۈركىنىپ يۈرەلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە كەسىپ قىلغان ئىشلىرى شۇنچە كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىكى، كوستارىكا باش ئەلچىسى،8 پىيانو ئاۋاز تەڭشىگۈچىسى، ھەتتا نيويورك شىتاتىنىڭ گوبېرناتورى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇللانغانلىرى بار ئىدى. تا گورباچېۋ دەۋرىگە كەلگىچە ك گ ب نىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسىدىلا بۇ تۈردىكى ئىشپيونلىرىنى مەخپى ئىستىخبارات ساھەسىدىكى قەھرىمانلار ئارىسىدىكى ئەڭ سىھىرلىك كىشىلەر دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىدۇ. پىنسىيىگە چىققان ئەنگلىيەدىكى ك گ ب جاسۇسى گيورگى بلاك 1990-يىلى مۇنداق دەپ يازىدۇ:
ئۇلۇغ غايىلىرى بار كىشىلەرلا بۇ تۈر ۋەزىپە بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. بۇ يەردە ”كەسىپ“ دېيىشى تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئىسىم ھېسابلىنىشى مۇمكىن. بۇنداق بىر ئىشتا، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىستىخبارات ئورگانلىرىلا ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن بۇنداق بىر پىداكارلىق تەلىبىدە بولالىشى مۇمكىن. بىلىشىمچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ھېچ بولمىغاندا تىنچلىق دەۋرلىرىدە سوۋېت ئىستىخبارات ئورگانلىرىلا ”مەخپى ئاخبارات پونكىتى“ قۇرۇپ چىقالىغان ئىدى.
چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىلا (س ۋ ر) ك گ ب نىڭ بۇ تۈردىكى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 1995-يىلى ئىيۇلدا، ئا ق ش دا تۇغۇلغان داڭلىق جاسۇس موررىس كوھېن ئۆلۈپ بىر ئاي ئۆتكەندە، پرىزدېنت يېلتسىن ئۇنىڭغا ”رۇسسىيە فېدېراتسىيىسى قەھرىمانى“ دېگەن نام بېرىدۇ.
مىتروخىن خاتىرلىۋالغان س بۆلۈم ئارخىپلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تۈرلۈك ئىشپىيونلۇق ئىشىنى ئوتتۇرغا قويماقتا ئىدى. ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىدا پۈتكۈل جاسۇسلۇق ھاياتى بويىچە ئۆز سالاھىتىنى ئىزچىل يوشۇرۇن ساقلاپ كەلگەن، كەسىپىي ئىنتىزامغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلگەن سادىق خىزمەتچىلەردىن باشقا، يەنە سوۋېتلەر تەشۋىق قىلىپ كەلگەن كاپىتالىزم ئېكىسپالاتاتسىيە سىموۋۇلى ھالىغا كەلگەن غەرب ئەمەلى تۇرمۇشىغا زىت ھالىتىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بىر قىسىم كىشىلەرمۇ مەۋجۇت ئىدى. س بۆلۈمىنىڭ خاتىرىلىرىدە يەنە تېخىمۇ مەخپى بىر سىر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ خاتىرىدە سوۋېتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 25 يىلىدا، بۇ تۈر ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتىگۈچىلەر شوغۇللىنىپ كەلگەن مۇھىم ئىشلاردىن بىرى، ۋارشاۋا شەرتنامىسى گۇروھىدىكى باشقا دۆلەتلەر ئىچىدىن ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئىشلىرى ئىدى. ”ئىدىيىۋىي ساھەلەردە ئاغدۇرمىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان“ لارغا قارشى كۈرەش س بۆلۈمىنىڭلا ۋەزىپىسى بولۇپ قالماي، ك گ ب بىرىنچى باشقارما قول ئاستىدىكى باشقا ئورگانلارنىڭمۇ ۋەزىپىسى ئىدى.
1972-يىلى، مىتروخىن ئادەتتىكى كىشىلەر يېقىن كېلەلمەيدىغان ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسى ئارخىپلىرىنى تەھرىرلەش ۋاقتىدا بەكلا ئېھتىياتلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشكە بولاتتى. دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ ھەر ئاخشىمى ئۇ ئارخىپلاردا يېزىلغان كىشى ئىسىملىرىنى، مەخپى بەلگىلىرىنى، ھەمدە تىپىك ۋەقەلەرنى ئېسىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشاتتى. ئاندىن بۇلارنى قايتىدىن يېزىپ چىقاتتى. بۇنداق ئىشلەش بەكلا ئىپتىدائىي ۋە بەكلا قوپال بولغاچقا، مىتروخىن بۇ خىل ئۇسۇل بويىچە كۆچۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئىنتايىن ئۇششاق ھەرپلەر شەكلىدە ئارخىپتىكىلەرنى خاتىرلىۋېلىپ بۇ يازغانلىرىنى پۇرلاشتۇرۇپ ئۇۋىلاپ ئەخلەت قۇتىسىغا تاشلايدۇ.14 ھەر ئاخشىمى، ئۇ بايىقى ئەخلەت قۇتىسىغا چۆرىۋەتكەن قەغەز پارچىلىرىنى تاللاپ چىقىپ ئايىقى ئىچىگە سۇقۇپ يۇشۇرۇنۇقچە ياسىنېۋوتىن ئېلىپ چىقىۋالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشا ئەگىشىپ مىتروخىن بارغانسىرى قورقماس ھالغا كېلىدۇ. ئادەتتە ياسىنېۋونىڭ قوغداش خادىملىرى بەزى بىر ئەھۋاللاردىلا ئۇنىڭ سومكىسى بىلەن ھۈججەت خالتىسىنى مۇنداقلا تەكشۈرۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ كىيىمىنى پەقەتلا تەكشۈرۈپ يۈرمەيتتى. بىر قانچە ئايدىن كېيىن مىتروخىن ئارخىپلاردىن كۆچۈرىۋالغان نەرسىلەرنى ئادەتتىكى ھۈججەت ئارگېنالىغا كۆچۈرۈپ كاژانكىسىغا ياكى شىمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ ئىشخانىدىن چىقىدىغان يولنى تاپىدۇ.
مىتروخىن، بىرىنچى باشقارمىنىڭ ئارخىپلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىش جەريانىدىكى بۇ 12 يىل جەريانىدا، نەچچە قېتىم تەكشۈرۈلۈشكە تۇتۇلغان، نۇرغۇن قېتىم ئىنتايىن جىددى ئەھۋاللاردا قېلىپ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە خۇددى بىرىنچى باشقارمىنىڭ باشقا خىزمەتچىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگىنىدەك ھەر دائىم پېيىغا بىرسىلىرىنىڭ چۈشىۋالغانلىقىنىمۇ سەزگەن ئىدى. ئۇلار بىر بولسا 7-بۆلۈمنىڭ (ئايغاقچىلىققا مەسئۇل) ئادەملىرى ياكى بولمىسا ئىككىنچى بۆلۈمنىڭ (جاسۇسلۇققا قارشى ئىشخانا) ئادەملىرى بولاتتى. ئۇ بىر قېتىم كەينىگە ئادەم چۈشىۋالغىنىدا دىنامو پوتبول كلوبىنىڭ تەنتەربىيە بويۇملىرى دۇكىنىنى ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۇنى قاتتىق قورقۇتىۋەتكىنى، شۇ چاغدا ئۇ ئىككى نەپەر ئەنگلىيىلىك ساياھەتچىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قېلىشى ئىدى. بەلكىم بۇ ئىككى كىشى ئۇنىڭ كەينىدىن كۈزىتىپ يۈرگەن كىشىلەرچە ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىشپىيونلار دەپ گۇمان پەيدا قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەگەر شۇ پەيتتە ئۈستىنى ئاختۇرۇپ قالسا ئىدى، كۆچۈرۈپ چىققان مەخپى ھۈججەتلەر بىلەن نەق مەيداندا قولغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مىتروخىن ئۇ يەردىن دەرھال ئايرىلىپ باشقا بىر تەنتەربىيە بويۇملىرى دۇكىنىغا كېتىپ،9 پېيىغا چۈشىۋالغانلارغا ئۇنىڭ راستىنلا تەنتەربىيە بۇيۇملىرى ئېلىش ئۈچۈن ماگىزىن ئارىلاپ يۈرۈپتۇ دېگەن تەسىرات بېرىشنى ئويلايدۇ. ئۇ مېڭىپ ئۆز ئائىلە قوراسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە، ئۇنىڭ پېيىغا چۈشىۋالغان بايىقى ئىككى كىشى ئۆيى بار 9 قەۋەتلىك ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇ بىنا ئىشىكى ئالدىغا كەلگىنىدە بايىقى ئىككى كىشى كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. بىرىنچى باشقارمىنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئەڭ ئۆنۈملۈك ئۇسۇل دەيدىغان بىر بەلگىلىمىسى بار بولۇپ، بىرىنچى باشقارمىدىكى خادىملار بۇنىڭغا ئوخشايدىغان گۇمانلىق ۋەقە كۆرۈلگەن ھامان دەرھال يوقۇرىغا مەلۇمات بېرىشى شەرت ئىدى. ئەمما مىتروخىن ئۇنداق قىلمايدۇ. چۇنكى ئۇ ئىدارىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇلار كۆرۈپ قالغان يېنىدا تۇرغان ئىككى ئېنگىلىز ساياھەتچىنىڭ راستىنلا يېنىدا تۇرۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى تەكشۈرەش يولىغا كىرىپ قېلىشىدىن قورققان ئىدى.
مىتروخىن، ھەركۈنى ئاخشىمى موسكۋادىكى ئۆيىگە قايتىش ۋاقتىدا ھەر دائىم كۆچۈرىۋالغان ماتېرىياللىرىنى پېتىكىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ ئېلىپ چىقاتتى. ھەپتە ئاخىرسىدا، بۇ ماتېرىياللارنى تۇغقانلىرىنىڭ موسكۋادىن 36 ك م يىراقتىكى سەھرا داچىسىغا ئاپىرىپ، ئىمكان بار ئۇلارنى ماشىنكىدا كۆچۈرۈپ چىقاتتى. ئەمما خاتىرلىۋالغان ماتېرىياللار بارغانسىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر باشتىن ئۇرۇپ چىقىشقا چولىسى تەگمەي بەزى ماتېرىياللارنى ئەسلى ھالىتىدە ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ تۇنجى ماشىنكىدا كۆچۈرۈلگەن ئارگىناللارنى بىر سۈت تۇڭى ئىچىگە سېلىپ پول ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ. بۇ داچا بىناسىنىڭ ئۇلى بىر قەدەر ئىگىز سېلىنغان بولغاچقا، مىتروخىن پول ئاستىغا ئۆمىلەپ كىرەلىگىدەك بوشلۇق بار ئىدى. ئۇ بىر لوم تۆمۈر بىلەن ئۆڭكۈر كولاپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا پات-پاتلا كۈچۈك، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنى ئۈركىتىۋېتىپمۇ قالاتتى. تۇنېل قېزىش جەريانىدا يەنە بەزىدە چاشقانلارنىمۇ ئۈركىتىۋىتەتتى. ئەمما ئۇ بۇنداق بىر يەرگە ئوغرىمۇ كىرەلمەيدۇ دەپ ئويلىغاچقا، بۇ يەر بەكلا ئىشەنچىلىك يوشۇرۇش يېرى دەپ كوڭلىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشاتتى. سۈت تۇڭى ماتېرىيالغا توشقاندىن كېيىن، خاتىرلىگەن ئارگىناللىرى بىلەن ماشىنكىدا كۆچۈرۈپ چىققان ئارگىناللىرىنى باشقا بىر كېيىم دېزىنفىكسىيە قىلىش ئىدىشىگە توشقۇزۇشقا كىرىشىدۇ. ئاخىرى، ئۇ ئوغرىلاپ كەلگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئىككى تۆنۈكە يەشىك، ئىككى ئاليومىن ئىدىشنى لىق توشقۇزىدۇ. ئاندىن ئۇ، بۇلارنى داچىنىڭ ئاستىغا كۆمىۋېتىدۇ.
بىر قېتىم ھەپتە ئاخىرىدا، مىتروخىننى بىر ئىش بەكلا قاتتىق چۈچىتىۋېتىدۇ: ئۇ داچىغا كەلسە، يات بىرسىنىڭ شىپ ئارىسىدىكى بالىخانا قەۋىتىگە يوشۇرىنىۋالغانلىقىنى سېزىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ كاللىسىغا دەرھال بىر قانچە يىل ئاۋالقى بىر ئىش كېلىدۇ. ئۇ ئىش 1971-يىلى ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە بولۇپ، يازغۇچى ئالېكساندر سولژىنىتسىننىڭ بىر دوستى تۇيۇقسىز ئۇنىڭ داچىسىغا كېلىپ سولژىنىتسىننى زىيارەت قىلماقچى بولغان. ئەمما ئۇ كۈنى ئۆيدە سولژىنىتسىن بولمىغاچقا، بالخانا قەۋىتىدە ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرگەن ك گ ب پايلاقچىلىرىنى ئۈركۈتىۋەتكەن. بۇ چاغدا سىرتتا كۈزىتىپ تۇرغان باشقا ك گ ب خادىملىرى كېلىپ سولژىنىتسىننىڭ بۇ دوستىنى راسا كېلىشتۈرۈپ دۇمبالاشقان. ۋەقەدىن كېيىن، ئاندروپوۋ، سولژىنىتسىنغا كۆزگە ئىلمىغان بىر شەكىلدە ك گ ب نىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيدۇرۇلما دەپ ئۇقتۇرغان. مىتروخىن داچىغا بارغىچە بۇنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى. چۇنكى ئۇ يېقىندىن بۇيان خاتىرلەپ كېلىۋاتقان ئارخىپلاردىن بىرسى دەل ك گ ب نىڭ سولژىنىتسىنغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ تەپسىلى ئەھۋاللىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھەمدە ك گ ب نىڭ غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق سولژىنىتسىننىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ئۈچۈن قوللانغان ”ئاكتىپ پائالىيەتلەر بايان قىلىنغان ماتېرىياللارنى كۆرىۋاتقان ئىدى. ئۇ داچىغا كېلىپ يات بىرسىنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۆز بېشىغا ئۈسۈپ كىرىپ بالىخانىغا چىقىۋالغان ئۇ ئادەم، ياتىدىغانغا يەر تاپالماي يۈرگەن بىر تىلەمچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۆڭلى تىنجىيدۇ.
مەلۇم بىر ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىش كۈنىدە، مىتروخىن پېنزا ئەتراپىدا يەنە بىر تۇغقىنىنىڭ داچىسىغا بېرىپ كۆچۈرگەن بولاق-بولاق ئارخىپلىرىنى رەتلەشكە كىرىشىدۇ. باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇچىسىغا دېھقانچە كىيىم كىيىۋالغان، شۇنىڭدەك ئەسكى كاناپ تاغارلاردا بۇ كۆچۈرىۋالغانلىرىنى توشۇپ كېلىۋالغان ئىدى. پېنزا دېگەن يەر موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدا، 630 ك م يىراقلىقتىكى بىر جاي بولۇپ، بۇ يەردە 1918-يىلى يازدا بىرىنچى قېتىملىق دېھقانلار بولشېۋىك ھۈكمۈرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەن يەر ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، سولژىنىتسىن يېزىقچىلىقىنى باشلىغان ۋاقىتلاردا ئۆزىگە ئۆزى ’مەن ھەققانىيەت ئاختۇرۇپ يۈرگەن بارلىق ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتىمەن“ دېگەن ئىكەن:10
”مېنىڭ بۇلارنى، بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكىگىلا كاپالەتلىك قىلىش، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز كېيىن بىر كۈنلەردە بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەد قىلىپلا يېزىۋاتىمەن.16 شۇڭا مەن چەكلىك ھاياتىمدا بۇ يازغىنىمنى نەشرى قىلدۇرىۋالسام دەيدىغان خىيالنى كاللامدىن، خىيالىمدىن سۈپۈرۈپ تاشلىدىم.“ (ئەمما سولژىنىتسىن يازغان «گۇلاگ تاقىم ئارىلى 1918~1956» دېگەن ئەسىرىنىڭ تۈركچە 1974-يىل نەشرىنىڭ ئىچكى مۇقاۋىسىدا: بۇلارنى سۆزلەپ بېرىشكە ئۆمىرى يەتمىگەن كىشىلەرگە بېغىشلايمەن. مېنى كەچۈرگەيسىزلەر: مەن بولغان ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ كىتەلمىدىم؛ ھەممە ئىشلارنى خاتىرلەپ بولالمىدىم؛ ھەممە ئىشنى سېزىپ بولالمىدىم دېگەنلەر يېزىلغان. — ئۇ.ت يەنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى)
خۇددى مىتروخىننىڭ تۇنجى تۈركۈم قول يازمىلىرىنى سۈت تۇڭى ئىچىگە سېلىپ داچىغا ئاپىرىپ ئاستىغا كۆمىۋەتكىنىگە ئوخشاش، سولژىنىتسىنمۇ ئەڭ دەسلەپكى قول يازمىلىرىنى ئىنتايىن ئۇششاق ھەرىپلەر بىلەن يېزىپ، بۇلارنى قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىسىغا سېلىپ قوراغا كۆمەتتىكەن. ”ستالىنزمغا قارشى ھەرىكەت“ نىڭ باشلىرىدا، ئالېكساندېر سولژىنىتسىننىڭ بىر مەزگىل قىسقا مۇددەت بوش قويىۋېتىش دەۋرى ياشانغان پەيتلەردە گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى (سوۋېت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرى) ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «ئىۋان ژېنىسوۋىچنىڭ بىر كۈنى» دېگەن رومانى ئېلان قىلىنغان ئىدى (تۈركچە تەرجىمە نەشرىگە يوقۇردا ئىزاھلانغاندەك «گۇلاگ تاقىم ئاراللىرى» دەپ ئىسىم قويۇلغان. — ئۇ.ت). شۇندىن كېيىن، ك گ ب ئۇنىڭ قالغان قوليازمىلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۈرەش قىلىدۇ. تا 1974-يىلى ئۇنى چىگرادىن قوغلاپ چىقارغانغىچە يازغان ئارگىناللىرىنى ساقلاش كۈرىشىنى بىر كۈنمۇ توختاتمايدۇ. مىتروخىن، ئۆزىنى مىخايىل بولگاكوۋ بىلەن سولژىنىتسىندەك ئەدەبىيات گىگانتلىرىغا ئوخشاش كۈنلەرنى ياشايدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئەمما ئۇمۇ خۇددى شۇ گىگانتلارغا ئوخشاش ئارخىپ توپلاشقا، يەنى ”ھەقىقەتنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمەسلىكى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭمۇ بۇ ھەقىقىي ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش“ قا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.
بۇ جەھەتتە مىتروخىنغا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، ك گ ب نىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلىرى ئىدى. 1979-يىلى 28-دېكابىر كۈنى، بابراق كارمال — موسكۋا تاللىۋالغان يېڭى ئافغانىستان رەھبىرى — ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن ”قېرىنداشلارچە ياردەم“ تەلىبىدە بولغان. شۇنىڭدەك كابۇل رادىئۇ ئىستانسىسىدا ھەر كۈنى دېگىدەك بۇرۇنقى دۆلەت باشلىقى، ھافىزۇللا ئامىننى ”ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ئىشپىيونى“ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ”ئىنقىلاب سوتى“ تەرىپىدىن سوتلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىتىپ تۇراتتى. ئەمما مىتروخىن، بۇ تۈر كەينى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدىن، ئەسلىدە كابۇل پىرىزدېنت مەھكىمىسى بىر قىسىم يالغان ئافغان ئەسكىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ك گ ب ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئامىن ۋە ئائىلىسىنىڭ ھەممىسى سۈيىقەستتە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دەرھال پەرق قىلىدۇ.
ك گ ب نىڭ ئۇرۇش مەزگىلىگە مۇناسىۋەتلىك بەكلا كۆپ ئارخىپ سىياسىي بىيۇرۇ ۋە سوۋېت ھۈكمىرانلىق گۇرۇھىنىڭ باشقا بۆلۈملىرىدىكى كىشىلەر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئارخىپخانىدىكى ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ رەتلەپ ئارخىپلاشتۇرۇشىغا تاپشۇرۇلاتتى. بۇ ئارخىپلار بەكلا كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خانىملار، تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئۈچۈن بەزىدە بىرلا قېتىمدا مىتروخىنغا 30 نۇسخىدىن كۆپىرەك ئارخىپ يوللىشاتتى. بۇ ئارخىپلاردا خاتىرلەنگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى بەكلا ئېھتىيات قىلىنىپ سوۋېت خەلقىدىن يوشۇرۇنىلاتتى. سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئافغان كەنتلىرىدە يۈرگۈزىلىۋاتقان پىلانلىق قانات يايدۇرۇلغان تولۇق تازىلاپ قۇرۇتۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا جىم بولىۋېلىش يولىنى تۇتماقتا ئىدى.11 بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەنتلەر ئىنسى-جىن يوق چۆلدەرەپ قالغان قۇرۇق كەنتلەرگە ئايلىنىپ ھەر يەردە زوراۋانلىق ھۈكۈم سۈرىدىغان ۋەھىمىلىك ھالغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. 4 مىليونلۇق مۇساپىر خەلق، يۈك-تاقىلىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ يۇرتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان، بىر مىليون ئافغان ئۇرۇش قالايماقانچىلىقى ئىچىدە ئۆلگەن بولىشىغا قارىماي، گورباچىيېۋ بۇ تۈر پاجىئەلەرنى ”خاتا قىلىنغان“ دېگەن بىر سۆز بىلەنلا باھالاپ دەپتەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇندى. بۇرۇن، ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ مىيىتى ھەيۋەتلىك ماتەم ئوركىستىرى ساداسى ئاستىدا ۋەتەنگە قايتۇرىلاتتى. ئەمما ئەندىلىكتە بولسا، بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن 15 مىڭ نەپەر قىزىل ئارمىيە ئەسكىرىنىڭ مىيىتى ئۈن-تۈنسىزلا سوۋېت ھاۋا ئارمىيە ئايرۇدرومىغا كەلتۈرۈلۈپ، مەخپى ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغان بولىدۇ. ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى قولىغا ”خەلقارالىق ۋەزىپە ئادا قىلىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى“ دەپلا ئۇقتۇروش بىرىپ قۇتۇلاتتى. ئۇلاردىن بەزىلىرى مەخپى تۈردە كۇزمىنسكى قەۋرىستانلىقىغا، يەنى شۇ مىتروخىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قەۋرىسى بار يەرگە كۆمۈلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ قەۋرە تېشىغا ئافغانىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچ قانداق سۆز يازمايسىلەر دېگەن چەكلىمە قويۇلغان ئىدى. ئافغان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مىتروخىن بەكلا تۈز سۆزلۈك بىر كەسىپدىشىدىن سوۋېت سىياسىتىنىڭ ئاشكارە قىلىنىشىنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلايدۇ. بىر كۈنى، ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىدىن بىر پولكوۋنىك ئۇنىڭدىن ”بۇ ئۇرۇش سېنى بىر ئۇرۇس بولىشىڭدىن نومۇس قىلدۇرمىدىمۇ؟“ دەپ سورايدۇ. ”يەنى سىز ماڭا، بىر سوۋېت ئادىمى بولۇشتىن نومۇس قىلمىدىڭمۇ دېمەكچىمۇ؟“ دەيدۇ مىتروخىنمۇ ئۇدۇللا سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاب بېرىپ.
مىتروخىن، 1984-يىلى پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئافغانىستان ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشلىرىنى توختاتمايدۇ. ئۇ پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر يېرىم يىل جەريانىدا، ۋاقتىنى يىغقان خاتىرىلىرىنى رەتلەش، ئافغانىستان ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى خۇلاسىلاش ھەمدە بۇ ماتېرىياللارنى بايان شەكلىگە كەلتۈرۈپ توپلاپ يېزىپ چىقىش قاتارلىق ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. گورباچېۋ 1985-يىلى سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوچۇق-ئاشىكارىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ چىقىدۇ. ئەمما مىتروخىن، سوۋېت تۈزۈمى ئۇرۇش توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بۇنداق ئوچۇق-ئاشىكارە ئېلان قىلىشقا ھەرگىزمۇ يول قويمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئىمكان بار تولۇق خاتىرىلەپ غەربكە يۆتكەشنى ھەمدە شۇ يەردە ئېلان قىلدۇرۇشنى ئويلايدۇ.
1987-يىلى 28-ماي كۈنى، 19 ياشتىكى بىر غەربىي گېرمانىيىلىك، يەنى ماتتىياس رۇست تاق ماتورلۇق سېسنا دەيدىغان بىر ئايروپلاننى ھەيدەپ سوۋېت-فىنلاندىيە چىگراسىدىن ئۆتۈپ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەۋەسىگە ئۇچۇپ ئۆتكەن، ئۇ 450 مىل ئىچكىرلەپ كىرگىچە ھېچ كىم ئۇنى سېزەلمىگەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ياش بالا، موسكۋا قىزىل مەيدانىغا كېلىپ قونغان. مەيداندىكى كرېمىل سارىيىنى مۇھاپىزەت قىلىپ يۈرگەن قوغداش خادىملىرى دەسلىۋىدە رۇستنى بەلكىم كىنوغا رول ئويناۋاتقان بىر ئەرتىس بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ھېچ نېمە دېمىگەن. توپتوغرا بىر سائەت داۋام قىلغان قالايماقانچىلىقتىن كېيىنلا ئاندىن ئۇ ياش قولغا ئېلىنىپ ك گ ب نىڭ لېفورتوۋو تۇتۇپ تۇرۇش تۈرمىسىگە قاماشقان. بۇ ۋەقە مىتروخىننى بەكلا ئۈمىدلەندۈرىۋېتىدۇ. ئۇمۇ ك گ ب نىڭ تەنتەربىيە كلۇبىنىڭ يەڭگىل تىپلىق ئايروپلانى بىلەن قولىدىكى ئارخىپلارنى باشقا بىر دۇنياغا مەنسۈپ بولغان فىنلاندىيىگە چىقىرىۋېلىشنىمۇ ئويلايدۇ. ئەمما كېيىن قورقۇپ بۇ خىيالنى تاشلايدۇ.
مىتروخىن، س س س ر پارچىلىنىشتىن بۇرۇن بىر مۇنچە پىلانلارنى تۈزۈپ باققان بولسىمۇ ئۇلاردىن ئەڭ كارغا كېلىدىغىنى يەرلىك پارتىكومنىڭ بىرەر مەسئۇلىنى تېپىپ ئۇنىڭغا چەتكە چىقىپ ساياھەت قىلىش تونۇشتۇرۇشىدىن بىرنى تاپىدىغانغا ئادەم ئاختۇرۇش ئىدى، شۇ قاتاردا ئائىلىسىنىمۇ بىرگە قوشۇپ ساياھەت قىلدۇرۇشقا تۇنۇشتۇرۇش ھەل قىلىش پىلانىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىشلارنى پۈتتۈرەلىسە لېلىنگرادتىن قارا دېڭىزگە قاراپ ساياھەت قىلىدىغان پاراخوتنىڭ يولۇقۇپ ئۆتىدىغان غەربىي ياۋروپا پورتلىرىدىن بىرنى تاللاپ، شۇ يەرگە بارغىنىدا مىتروخىن دەرھال پاراخوتتىن چۈشۈپ شۇ دۆلەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇقۇشۇپ قولىدىكى ئارخىپلارنى موسكۋادىكى بىرەر تاشلاندۇق خەت ساندۇقى ئىچىگە سېلىپ قويۇش، ئاندىن بۇلارنى قايسى بىر غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئادەملىرى ۋاستىسى بىلەن چەتكە چىقىرىۋېتىشنى پىلانلايدۇ. ئەمما ساياھەت ئۈستىدە كېتىۋېتىپ پۇرسىتىنى تېپىپ پىلانىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئىشەندۈرەلىشى ھەمدە ئارخىپلارنى يولغا سېلىۋېتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ئۇنچىلىك ئاسانغا توختايدىغان ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. چۇنكى ئۇ سەزگۈرلۈك بىلەن كۈزىتىپ يۈرىدىغان ساياھەتچىلەر مەسئۇل خادىمىنىڭ كۆزىدىن يىراقلىشىپ كېتەلىشى ھەمدە بۇ ساياھەت ئۈمىكىدىن ئايرىلىپ چىقالىشى ئۇنچىۋالا ئاسانغا توختايدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئاخىرى بولماي مىتروخىن بۇ پىلانىدىنمۇ يېنىۋالىدۇ.
1989-يىلى نويابىردا بېرلىن سېپىلى گۈلدۈرلەپ يېقىلىدۇ. سوۋېت گۇروھىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يىمىرلىشكە باشلايدۇ. دەل شۇ پەيتتە مىتروخىن پۇرسەت كېلىدىغاندەك تۇرامدۇ قانداق دەپ ئويلاپ چىداپ كۈتۈپ باقاي دېگەن ئوي بىلەن، موسكۋا ئائىلىلىكلەر بىناسىدا بۇرۇن خاتىرلەپ چىققان قول يازمىلىرىنى قايتىدىن ماشىنكىدا كۆچۈرۈپ رەسمى ئارگىنال شەكلىگە كەلتۈرۈپ بېسىپ چىقىرىدۇ، شۇ جەرياندا يەنە ھېلىقى ئىككى داچىغا يوشۇرۇپ قويغان ئارخىپلار ئىچىدىن ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى تاللاپ، ئاساسلىق ئوبىكتىپ قىلىنغان دۆلەتلەر بويىچە رەتلەپ كىتاپچە ھالىغا كەلتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئا ق ش غا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى. ك گ ب تىلى بويىچە ”ئاساسى رەقىبىمىز“ دەپ قارىلاتتى. 1991-يىلى ئاۋغۇستتا، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى جاھىل كۈچلەر ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، گورباچېۋنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى، شۇ قاتاردا بىر پارتىيە تۈزۈمى ئاستىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دۆلەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىشىدۇ.12 ئەمما ئۇلارنى بۇ ھەرىكەتلىرى ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭدىن مىتروخىنمۇ خۇددى باشقا موسكۋالىقلارغا ئوخشاش قاتتىق خوشال ئىدى. شۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەتسىز سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسلىق كاتتاباشلىرىدىن بىرى بولغان ۋلادىمىر ئالېكساندروۋىچ كريۇچكوۋنىڭ بۇ ئىشتا باش بولۇپ ئوتتۇرغا چىققانلىقىدىن مىتروخىن ھەرگىز ھەيرانلىق ھېس قىلمىغان ئىدى. چۇنكى كريۇچكوۋ، 1974-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ك گ ب نىڭ بىرىنچى باشقارما ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى بولغان بىرسى ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە 1988-يىلىدىن تا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ۋاقىتلاردا ك گ ب نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىرسى ئىدى.
گەرچە كريۇچكوۋنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بۇرۇنقى كوپ ساندىكى ك گ ب رەئىسلىرىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ بىرىنچى باشقارما ئىدارىسىدا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن مىتروخىن قاتتىق يىرگەنگەن ئىدى. كريۇچكوف ياش ۋاقىتلىرىدا، يەنى س س س ر نىڭ بۇداپىشتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ياش دېپلوماتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يىللىرىدىلا، 1956-يىلى پارتلىغان ۋېنگىرىيىنىڭ ”ئەكسىل ئىنقىلابى توپىلاڭ“ دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرغان بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىپادىسى ئەينى ۋاقتىدا باش ئەلچى بولۇپ تۇرىۋاتقان يۇرى ئاندروپوۋنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئاندروپوۋ 1967-يىلى ك گ ب رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئاتالغان ۋاقتىدا كيۇچكوۋنى ئۆزىنىڭ شەخسى كاتىبى قىلىپ تاللىۋالغان ئىدى. ئاندروپوۋ پۈتۈن زىھنى بىلەن ھەر تۈردىكى ”تىنچ ئۆزگەرتىش“ پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ كەلگەن بولۇپ، كريۇچكوۋمۇ بۇ ھەرىكەتلەردە ئۇنى سادىقلىق بىلەن قوللاپ كەلگەنلەردىن بىرى ئىدى. مىتروخىن كۆرگەن ماتېرىياللار شۇنى بىلدۈرمەكتىكى، كريۇچكوۋ ك گ ب نىڭ بىرىنچى باشقارمىسىغا مۇدىر بولغان ۋاقتىدا ك گ ب نىڭ 5-بۆلۈمى (تىنچ ئۆزگەرتىشكە قارشى ئورگىنى) بىلەن زىچ ھەمكارلىقتا بولۇپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلىك كىشىلەرگە زەربە بېرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇ چاغلاردا بەشىنچى بۆلۈمدىكى سالاھىتى يوقۇرى بولغان ئى. ئا. ماركېلوۋنى ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىغا مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ تەيىنلەپ، بەشىنچى باشقارما بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ”تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىشكە قارشى“ خىزمەتلەرگە ئورتاق قاتنىشىشقا مەسئۇل قىلغان ئىدى. 1991-يىلى ئاۋغۇست ئەمەلگە ئاشمىغان شۇ سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى كىلىچكوف دېگەن بۇ كىشىنىڭ ك گ ب دىكى پەسكەش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. شۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىش سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى ھەمدە بىر پارتىيە ھۈكمىرانلىقىدىكى ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزالمايلا قالماي، ئەكسىنچە ئۇنىڭ يىمىرىلىشىنىمۇ تېزلىتىپ بەرگەن بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ قالغان ئىدى.
1991-يىلى 11-ئۆكتەبىردە، ئىتتىپاق پرىزديۇمى پۈتۈنلەي پارچىلىنىپ تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ دۆلەت كومىتېتىمۇ ك گ ب نىڭ تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە، بۇرۇنقى ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىمۇ قايتىدىن فېدېراتسىيە چەتئەل ئاخبارات ئىدارىسى ف س د قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، س ۋ ر دەپ نام بېرىلگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىدارە مەملىكەت ئىچى بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل بىر ئورگان ھالىغا كەلتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى يەنىلا شۇ س س س ر دەۋرىدىكى ئۈستىگە ئالغان رولىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ چىقمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار يەنىلا ئۆزىنى سابىق ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ داۋامى دەپ ھېسابلاپ كېلىشىدۇ. مىتروخىن، بۇرۇن چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يېڭى مۇدىرى ئاكادېمىك يېۋگېنى ماكسىموۋىچ پرىماكوۋغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرگەن بولۇپ، پرىماكوۋ بۇرۇن دۇنيا ئىقتىسادىيىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى بولغان، شۇنىڭدەك يەنە گورباچېۋنىڭ يېنىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى. بۇ ماتېرىياللار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، پرىماكوف ئاللىبۇرۇن ك گ ب تەركىۋىدىكى بىرسى ھېسابلىناتتى. ئۇ يەردە ماكسىم دەپ تەخەللۇس قويۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقتىدا پات-پاتلا ئا ق ش غا ۋە ئوتتۇرا شەرققە جاسۇسلۇق ۋەزىپىسى بىلەن چەتكە چىقىپ تۇراتتى. پرىماكوف، شۇندىن كېيىن، يەنى 1996-يىلى يېلىتسىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەنگەن، ئۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 1998-يىلى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
1991-يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە ئېيىدا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشى ۋە شۇنىڭدەك رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ يېڭى چېگرالىرىدىكى تەكشۈرۈش ئىشلىرى بەكلا زەئىپ ئەھۋالدا تۇرىۋاتقاچقا، بىر ھېسابتا مىتروخىننىڭ قولىدىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ غەربكە قاراپ قېچىپ كېتىشى ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇلغان ئىدى. 1992-يىلى مارتتا، مىتروخىن يېڭى مۇستەقىل بولغان بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بىرىنىڭ پايتەختىگە قاراپ موسكۋادىن ماڭىدىغان كېچىلىك پويىزىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ يېنىغا بىر چامىدان يۈك ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۈستىگە ساياھەتتە يەيدىغان بولكا، قېيزا ۋە ئىچكىدەك بىر نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ. ئاستى تەرىپىگە يۆتكەپ كىيىدىغان كىيىملىرىنى قاتلاپ تىزىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئاستىغا بولسا، ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاپ چىققان بەزى قوليازمىلىرىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ. ئەتىسى، مىتروخىن ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئەنگلىيەنىڭ بۇ دۆلەتتىكى باش ئەلچىخانىسىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇلاردىن ئەلچىخانا مەسئۇلى بىلەن كۆرىشىدىغان بەكلا مۇھىم ئىشىم بار دەپ تەلەپ قىلىدۇ. ئۇندىن بۇرۇن ئەنگىلىزلار ئۇنىڭغا بەكلا جاھىل ھەمدە بىرئاز سىرلىق كىشىلەر بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئەمما ئۇنى قوبۇل قىلغان باش ئەلچىخانىنىڭ ”ياش، جەلىپ قىلارلىق، سەمىمىيلىك بىلەن گەپ ئاڭلايدىغان رۇسچىنىمۇ سۇدەك بىلىدىغان ياش قىز دېپلوماتى ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى. مىتروخىن، ئۇ قىزغا ك گ ب نىڭ بەكلا مۇھىم ھۈججەتلىرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق دېگەچ چامادانىدىن بايىقى بولكا ۋە قېيزىلار ئاستىنى چۇخچىلاپ ماتېرىيالنى چىقىرىۋاتقان پەيىتىدە قىز دېپلوماتمۇ بېرىپ ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي قۇيىدۇ.13 مىتروخىن ئۆمىرىدە تۇنجى قېتىم ئەنگىلىز چېيىنى ئىچىپ ھۇزۇرلىنىۋاتقىنىدا، بايىقى قىز دېپلومات ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ھۈججەتلىرىگە كۆز ئاتماقتا ئىدى. ئۇ قىز پات-پاتلا ئۇنىڭدىن بەزى نەرسىلەرنى سوراپ قوياتتى. مىتروخىنمۇ ئۇنىڭغا، بۇ ماتېرىياللار كۆپلىگەن ماتېرىياللار ئارىسىدىن تاللىۋالغان ئاز بىر قىسىم ھۈججەت ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈر ھۈججەتلەر ئارىسىدا ك گ ب نىڭ ئەنگلىيە پائالىيەتلىرىگە دائىر ماتېرىياللارنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتقاچ، بىر ئايغا قالماي قايتا بۇ يەرگە كېلىپ ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ.
مىتروخىن بۇ مارت ئېيىدىكى چېگرادىن ئۆتۈش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جاسارىتىمۇ ئالاھىدە كۈچىيىدۇ. ئۇ قايتا بىر قېتىم بۇ بالتىق دۆلىتىنىڭ پايتەختىگە كەلگىنىدە يېنىغا 2000 ۋاراقلىق ئۇرۇپ رەتلەپ چىققان ئارگىنالنىمۇ قوشۇپ ئوغۇرلۇقچە چېگرادىن ئۆتكۈزىۋالىدۇ. بۇ ئارگىناللار بۇرۇن موسكۋا سىرتىدىكى داچىغا يوشۇرۇپ قويغان ماتېرىياللار ئىدى. 9-ئافرېل سەھەردە، ئۇ ئەنگلىيە باش ئەلچىخانىسىغا كىلىپ مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارىغا پاسپورتىنى، كومپارتىيە ئەزالىق كىنىشكىسىنى ھەمدە ك گ ب پىنسىيە مائاشىنى ئالىدىغان كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ ئۆز سالاھىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. ئاندىن ئۇ بايىقى ماشىنكىدا بېسىپ چىقىرىۋالغان قېلىن بىر بولاق ئارخىپلىرىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ئۇ نەق بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزى ھەققىدە، بۇ ماتېرىياللار ھەققىدە ھەمدە بۇنچە ئىشلارنى قانداق كېلىشتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ. ئىككى ئايدىن كېيىن، مىتروخىن تەكلىپ بويىچە يەنە بىر قېتىم ئەنگلىيە باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ئەنگلىيە ساياھىتى ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىدۇ. ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا، ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ موسكۋا پونكىتى مىتروخىننىڭ ئىيۇن ئېيىدا كەچلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ موسكۋادىن ئايرىلىش پىلانىدىن مەلۇمات بېرىدۇ. 11-ئىيۇن كۈنى، مىتروخىن كاناپ سومكىسىنى مۆرىسىگە ئارتقىنىچە بۇ بالتىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىگە كېلىدۇ. سومكىسىدا ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ قالغان قىسىملىرى قاچىلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى بىلەن يەنە بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپ، شۇ يىلى كۈز ئايلىرىدا لودونغا بېرىپ يەنىمۇ تەپسىلى دوكلات بېرىشى ئۈچۈن قايتا-قايتا مۇزاكىرىلىشىدۇ.
7-سىنتەبىر كۈنى، مىتروخىن ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل كىشىلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئەنگلىيەگە كېلىۋالىدۇ. ئۇ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كېتىپ بەكلا رەتسىز، بەكلا قالايماقان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان موسكۋادىن ئايرىلىپ لوندوننى كۆرۈپ ھەقىقەتەنمۇ ”پايتەخت بولۇشقا ئەرزىيدىغان ئەڭ ئۈلگىلىك شەھەر“ ئىكەن دېگەن ئويلايدۇ. ئۇ بۇرۇن رەسىملەردىلا كۆرۈپ قالىدىغان يوللاردىكى ئۇزۇن كەتكەن ماشىنا ئېقىملىرى، ئارىدا بىر كۆرۈنۈپ قالىدىغان قارا چاقماق ئىشارەتلىك تاكسىلار ھەمدە قىزغۇچ رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك ئاپتوبۇسلار ھەقىقەتەنمۇ لوندوننىڭ قاينام-تاشقىنلىق بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. مىتروخىن، لوندون شەھەرىدە ۋە شەھەر سىرتىدا ئالاھىدە مەخپى، ئىشىك نومۇرىمۇ بولمىغان ئۆيلەردە سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا موسكۋادىن رەسمىي ئايرىلىپ ئەنگلىيەدە تۇرۇپ قېلىشقا قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن كىلىشىم تۈزىدۇ: ئۇ بىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق سۆزلەپ بەرسە، شۇنىڭدەك قولىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تاپشۇرسا، ئەنگلىيە تەرەپمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانغا كېلىشىدۇ. 13-ئۆكتەبىر كۈنى، مىتروخىن يوشۇرۇن شەكىلدە رۇسىيەگە قايتىپ ۋەتىنىگە خىيانەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشلىرىنىمۇ تولۇق ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولىدۇ.
1992-يىلى 7-نويابىردا، يەنى ”ئۇلۇغ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى“ غەلىبىسىنىڭ 75-يىللىقىنى خاتىرلەش كۈنىسى، مىتروخىن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئەنگلىيە ئىستىبارات خادىملىرى بىلەن تۇنجى قېتىم يوشۇرۇن ئۇچراشقان ھېلىقى بالتىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختىگە چىقىۋالىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە بىر مۇنچە ئايلىنىپ ئاخىرى لوندونغا كېلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئەنگلىيەدىكى يېڭى ھاياتىنى باشلىۋېتىدۇ. مىتروخىنلار ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەنمۇ ھاياجانلىق ۋە كۆڭۈللۈك بىر پەيتلەر ئىدى. ئۇ، 20 يىل بۇرۇن بۇ مەخپى ئارخىپلارنى يىغىشقا باشلىغىنىدىن بۇيان، ھەقىقەتەنمۇ بۈگۈنكىدە خاتىرجەملىك ۋە ئازادىلىك ھېس قىلىپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ئۇنىڭ كاللىسىغا ئارىلاپ بولسىمۇ ۋەتەندىن ئايرىلىشىدىن تۇغۇلغان يالغۇزلۇق تۇيغۇسىمۇ كېلىپ قالاتتى. ئەندى ئۇ قايتا ۋەتەنگە قايتىپ بارالىشىم مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈر كۆڭلى يېرىملىق پاتلا ئۇنتۇلىدۇ. ئۇ ۋەتىنى رۇسىيەنى ھەر قانچە ياخشى كۆرسىمۇ، بۈگۈن ئۇ رەسمىي ئەنگلىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدى. ئۇ يەنە ئالاھىدە گراژدان دەيدىغان كېنىشكىنى يېنىغا سېلىپ، ھەقسىز پويىزغا ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئەنگىلىيەنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئۇنىڭ ئەنگلىيىنى تونۇشى ھەتتا يەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك تولۇق ھالغا كەلگەن ئىدى. مىتروخىن، 1992-يىلىدىن ئىتىبارەن، ھەر ھەپتە بىر قانچە كۈنىنى قاچۇرۇپ كېلىۋالغان مەخپى ئارخىپلىرىنى رەتلەش ئىشىغا سەرىپ قىلاتتى ياكى بولمىسا قالغان قوليازمىلارنى ماشىنكىدا كۆچۈرۈپ تۈپلەپ چىقىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدى. ياكى بولمىسا بۇ ئارخىپلار ئاساسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ئىستىخبارات بۆلۈم خادىملىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىش بىلەن كۈنى ئۆتكەن. 1995-يىلىنىڭ ئاخرلىرىغا كەلگەندە، ئۇ تۇنجى قېتىم كرىستوفېر ئاندىرېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ كىتاپنى تەھرىرلەپ نەشر قىلدۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىدۇ. «مىتروخىن ئارخىپلىرى» (خەنچىسى «ك گ ب مۇتلەق مەخپى ئارخىپلىرى» دەپ ئېلىنغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە «مىتروخىن ك گ ب مەخپى ئارخىپلىرى» دەپ ئېلىندى — ئۇ.ت) كىتابى رۇسچە نەشر قىلىنمايدۇ. ئەمما مىتروخىن، بۇ ئارخىپلار ك گ ب نىڭ مەخپى تارىخى، شۇنىڭدەك ئۇ بىر سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تارىخىنىڭ ئاساسى تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇسلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇشقا ھەققى بار دەپ چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ، 1972-يىلىلا بۇ خىل قاراشقا كەلگەن بولۇپ،14 ئۇنىڭ قارىشىچە ك گ ب نىڭ دۇنياۋىي خاراكتېرلىق چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرى 20-ئەسىر خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تارىخىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، كىشىلەر بۇ نوقتىغا ھەردائىم پەرۋا قىلماي كەلمەكتە دەپ ئويلايتتى.
ئارخىپتىكى ماتېرىياللار شۇنچە كۆپ ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا چېتىشلىق بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەنگلىيە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر مىتروخىن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىكى ئارخىپلار ھەققىدە قىلچىمۇ خەۋەر بەرمەيدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بۇ ئارخىپلارنىڭ بەزى نوقتىلىرى بىردىن-بىردىن چەتكە چىقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. مىتروخىن قېچىپ چىقىپ 9 ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە، ئا ق ش تۇنجى نۇسخىسى سەل-پەل ئۆزگەرتىلگەن ھالدىكى ئارخىپ مەزمۇنى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيالنى قولغا چۈشۈرىدۇ. 1993-يىلى ئاۋغۇستتا، ئاق ش لىق تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بىر ئاخبارات ئاپتورى رونالد كېسلېر ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ف ب ئى غا مۇناسىۋەتلىك بازىرى ئىتتىك بىر كىتاپ نەشرى قىلدۇرىدۇ. بۇ كىتاب ف ب ئى نىڭ بىر قىسىم ئىچكى ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، كىتابتا، قىسقا ئەمما قۇلاققا بەكلا قاتتىق ئاڭلىنىدىغان بىر خەۋەرنى قىستۇرۇپ قويغان بولۇپ، بۇ ئابزاستا ”ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىر سابىق ك گ ب خادىمىدىن ئىستىخبارات ماتېرىيالىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇ خادىمنىڭ بۇرۇن ك گ ب ئارخىپلىرىنى كۆرگەن كىشى ئىكەنلىكىنى يازغان:
بۇ خادىمنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ك گ ب يېقىنقى بىر قانچە يىلدا نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ ئامېرىكىلىقنى ئۇلار ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئۇچۇر شۇنچىلىك ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىكى، بۇنى ف ب ئى دەرھال تەكشۈرۈشكە كىرىشىپ ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇپ-بولماسلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. … 1993-يىلى يازدا، فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەردىكى تارماقلىرىمۇ بۇ دېلو ئۈستىدە تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن. ھەمدە فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دۆلەتلىك تەتقىقات ئىشخانىسىدا بىر قېتىملىق مۇتلەق مەخپى يىغىن چاقىرىپ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسىنى پىلانلاپ چىققان.
ئەمما كېسلېر بۇ ك گ ب قاچقۇنىنىڭ ئىسپاتلاپ بەرگەن ’يۈزلىگەن ئامېرىكىلىق‘ ئىچىدىكى ھېچ بىرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمايدۇ. ئۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ’ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ئۇچۇرنىڭ سابىق ك گ ب نىڭ ئامېرىكىدا پائالىيىتى جەريانىدا تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ داۋاملاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئەمما ئۇ زادى قانچىلىك كىشى بۇ دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشىكارىلاشنى قەتئىي تۈردە رەت قىلغان.‘ «دەۋر» ژۇرنىلى بۇ ك گ ب قاچقۇنى ’بۇنىڭغا ئوخشايدىغان دېلو ئۇچۇرلىرىنى پاش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئۇنىڭ بۇرۇن ھەقىقەتەنمۇ سابىق ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ بىر ئوفىتسېرى ئىكەنلىكىنى،23 ئەمما بۇ كېسلېر دېگەن كىشىنىڭ ’يېقىندا‘ ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى جاسۇسلىرىنىڭ سانىنى بەكلا كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىۋەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
مىتروخىننىڭ قوليازمىلىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ’نەچچە يۈز‘ نەپەر 20-يىللاردىن بۇيانقى ھەر قايسى دەۋرلەر ئىچىدە ئا ق ش دا پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ك گ ب خادىملىرى، ئالاھىدە جاسۇسلىرى ياكى ئالاقىچىلىرىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما كېسلېر بۇ رەقەملەرنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكىدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈن دەۋرلەردىكى ئىشپىيون سانى ئىكەنلىكىنى ئۇقماستىنلا ’يېقىندىكى سان‘ دەپ قارىۋالغان. گەرچە كېيسلېرنىڭ بۇ سانلىق رەقەملىرى ھەممىنىڭ گۇمانلىشىنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دېگىنىدەك بۇ ك گ ب قاچقۇنىنىڭ ئەنگلىيىگە ئەمەس بەلكى ئا ق ش غا قېچىپ بېرىۋاپتۇ دېگىنىگە ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ. شۇندىن كېيىن سالاھىتى ئاشىكارلانمىغان بۇ قاچقۇن ھەققىدە ھېچبىر خەۋەر چىقمايدۇ. مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھىكايىغا بولغان قىزىقىشىمۇ ئاستا-ئاستا سوۋۇپ قالىدۇ.
شۇندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە مىتروخىن كۆچۈرىۋالغان ئارخىپلار قايتا ئاشىكارىلانماي بېسىلىپ قالىدۇ. ئەمما 1996-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىغا كەلگەندە، فرانسىيە ئاگېنتلىقى 1981-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىدە تۇرغان چارلىز خېرنۇ 1953-يىلىدىن ھېچ بولمىغاندا 1963-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېتلەر گۇرۇھىنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ئىشلەپ بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما پرېزدېنت فرانچويز مىتتىرران فرانسىيە بىخەتەرلىك ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بۇ رەزىللىكنى ئاشىكارىلىماي يوشۇرۇپ باستۇرۇپ قويىدۇ. «دۇنيا» گېزىتى — لې موند، 1993-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى فرانسىيە بىخەتەرلىك ئورنىغا ”فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن چەتئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملىرىدىن تەخمىنەن 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىسمىنى يوللاپ، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىستىخبارات ئورۇنلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى“ ھەققىدە گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەسلىدە، ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ فرانسىيە بىخەتەرلىك ئورنىغا بىلدۈرگەن فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئەمەلدارلىرى ئىسمى بىلەن چەتئەلدىكى خادىملىرىنىڭ تىزىملىكى مىتروخىن كۆچۈرۈپ چىققان تىزىملىكنىڭ بەكلا ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، چارلېز خېرنۇ قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئەمما ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەت مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەر ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ فرانسىيەگە يوللىغان ئالاھىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئىشپىيونلىرىنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە بىرەر پارچىمۇ خەۋەر بەرمەيدۇ ھەمدە بۇرۇن ئامېرىكىلىق كېسلېرنىڭ بىر ك گ ب قاچقۇنىنىڭ كەڭ دائىرىدە ك گ ب ئارخىپلىرىنى كۆرۈپ تۇرالايدىغانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىسى بىلەن ھېچكىم بۇ ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ قارىمىغان.
1996-يىلى دېكابىردىكى گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فوكس» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ’ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا‘ ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىمۇ ئىلگىرى گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا ك گ ب غا چېتىشلىق بىر تىزىملىك تەمىنلىگەنلىكىنى،24 بۇ تىزىملىكتە نەچچە يۈز نەپەر گېرمانىيە سىياسىيونى، سودىگىرى، ئادۋۇكاتلىرى ۋە ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ ئىسمى بارلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇ چاغدا بۇ ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكى ھەممىدىن خەۋەردار كىشى بۇرۇن ك گ ب ئارخىپلىرىنى تولۇق كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر رۇسىيە قاچقۇنى بارلىقىنى دەلىللەپ كۆرسىتىدۇ. «فوكۇس» ژۇرنىلى كېيىنكى بىر ماقالىسىدا يەنە مۇنۇلارنى خەۋەر قىلىدۇ:
فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئەمەلدارى كۆپلىگەن يىپ ئۇچلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە گېرمانىيەدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپى ئورگىنى — ك گ ب جاسۇسلۇق تورىنىڭ ئەڭ يېڭى يىپ ئۇچى بارلىقىنى دەلىللەنگەن. گېرمانىيەنىڭ تەكشۈرۈش خادىمى ك گ ب ياللىۋالغان كېيىن رۇسسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىشنى داۋامللاشتۇرۇپ موسكۋاغا مەلۇمات يەتكۈزۈپ تۇرىۋاتقان ئىستىخباراتچىلارنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنمۇ قايتىدىن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدۇ. بۇ تۈر تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ك گ ب جاسۇسىنىڭ بەرگەن تەپسىلى دوكلادى ئاساسىدا يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئىستىخبارات ماتېرىيالىنىڭ رۇسسىيەدىن قېچىپ چىققان بىرسىنىڭ موسكۋا ئىستىخبارات ئورگىنىدىن ئوغۇرلۇقچە ئەنگلىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان. چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق ئا ق ش ئىستىخبارات ئورنى 1996-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ماتېرىياللار ئارىسىدىكى ك گ ب بىلەن گېرمانىيىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىستىخباراتلارنى كولوگنىكى گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ئېيتىلغان.
1997-يىلى ئىيۇل ئېيىغا كەلگەندە، ئاۋسترىيىدىمۇ مىتروخىن كۆچۈرىۋالغان مەخپى ئارخىپلار ئىچىدىكى بەزى مەلۇماتلار يەنە بىر قېتىم ئاشىكارىلىنىدۇ. ئاۋۇسترىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرى ك گ ب نىڭ بىر ھۈججىتىنى سىتاتا كەلتۈرۈپ، بۇ ھۈججەتتە 1963-يىلى سالزبۇرگ ئەتراپىدىكى تاشلاندۇق بىر خەت ساندۇقى ئىچىگە يوشۇرۇلغان، مەخپى بەلگىسى گ ر ئو ت بولغان بىر مەخپى قۇرال ئىسكىلاتىنى ئاختۇرۇش يېرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ قۇرال ئىسكىلاتىدا مىنا، پارتلاتقۇچ دورىلار ۋە كاپسوللار شۇنىڭدەك يەنە قۇراللىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن لازىملىق قۇرال-ياراقلار يۇشۇرۇلغانلىقى مەلۇماتىنى بېرىدۇ. بۇ ھۈججەتتە مۇنۇلار يېزىلغان:
سالزبۇرگ شەھىرىدىن چىقىپ شالموسېر خاۋپستراس يولىدىن 158 نومۇرلۇق دۆلەت تاشيولىغا چىقىپ، شەھەر بويىدىن 8 كىلومېتر يىراقلىقتا، بات ئىشل-گراز يولى بويىچە ئىلگىرلىگەندە، چوڭ بىر تاش كۆۋرۈك بار جىلغىغا كېلىنىدۇ.25 بۇ كۆۋرۈككە كەلمەي تۇرۇپ دۆلەت تاش يولىدىن چىقىپ ئوڭغا بۇرۇلۇپ جىلغا بويلاپ ئېبېناۋ يەرلىك تاشيولغا كېلىنىدۇ. ئاندىن داۋاملىق 2 ك م ئالدىغا مېڭىپ تاشيولنىڭ سول تەرىپىدىكى تۆمۈر رىشاتكىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا بارىدۇ. پولات رىشاتكىنى باشتىن كېسىپ ئۆتۈپ، دەرھال سولغا بۇرۇلۇپ يول تاختىسىنىڭ قارشى يۈلۈنىشىدىكى بىر يېزا يولى بىلەن ئىلگىرلەڭ. قۇرال ئىسكىلاتى دەل شۇ يەردىكى تاش يول بىلەن يېزا يولى كېسىشىدىغان يەرنىڭ 50 مېتىر نېرىدا (60 قەدەم نېرىسىدا) …
گەرچە بۇ ئاۋسترىيە مەتبۇئاتى بۇ ھۈججەتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرمىغان بولسىمۇ، بۇ ماتېرىيال مىتروخىن كۆچۈرگەن ئارخىپلاردىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇ ھۈججەت يەنە 1964-يىلى تاشيول رېموت قىلىش ۋاقتىدا قۇرال ئىسكىلاتىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى، ئۈستىمۇ يەردىن ئىگىزلىتىلگەنلىكىنى، ئەتىراپ مۇھىتىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ك گ ب نىڭ گ ر و ت قۇرال ئىسكىلاتىنى ئېچىپ يۆتكەپ يۈرمەسلىكنى قارار قىلغان. ئاۋۇسترىيە دائىرىلىرى 1997-يىلى بۇ قۇرال ئىسكىلاتىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ بىرەر نەتىجە ئالالمىغان. مىتروخىننىڭ قوليازمىلىرىدا بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ك گ ب قۇرال ئىسكىلاتلىرى بىلەن رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ يۇشۇرۇن كۆمۈلگەن نوقتىلىرىنىڭ ياۋروپا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەر يېرىدە بارلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئەتراپىغا قىلتاق قويۇپ توسىۋېتىلگەنلىكى ئېيتىلغان.
بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن مەتبۇئات خەۋەرلىرى ئارىسىدا مىتروخىن ئارخىپلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىك پاكىتىنى پەقەت گېرمانىيىدە چىقىدىغان «فوكۇس» ژۇرنىلىلا بىر قەدەر تەپسىلى خەۋەر قىلغان. 1998-يىلى ئىيۇلدا، بۇ ژۇرنال، سابىق ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ بىر كاپىتانى ’سوۋېتلەر ئىتتىپاقى جاسۇسلىرى ھەققىدىكى بارلىق ئارخىپلار‘ نى كۆرەلىگەنلىكى، بۇلارنى كۆرۈپلا قالماي ھەتتا ئۇلارنى كۆچۈرۈپ ك گ ب شىتابىدىن ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىقىۋالغانلىقى، ئاندىن ئۇلارنى موسكۋا سىرتىدا بىر داچىسىغا يوشۇرۇپ قويغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. «فوكۇس» ژۇرنىلى، بۇ كىشى 1992-يىلى قېچىپ ئەنگلىيەگە بېرىۋالغانلىقىنى، كەينىدىن ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ ’پارتلاش خاراكتېرىدىكى‘ قوليازمىلارنى داچىدىن ئېلىپ ئەنگلىيەگە ئەكىلىۋالغانلىقىنىمۇ خەۋەر قىلىدۇ. 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ”ھەپتە ئاخىرى“ دەپ مەخپى بەلگە قويۇلغان بىر قېتىملىق ھەرىكەتتە، ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ ئارخىپلار ئارىسىدىن گېرمانىيەگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاللاپ چىقىپ، گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا قىسقىچە خەۋەرلەندۈرگەنلىكىنى يازىدۇ. «فوكۇس» ھەپتىلىك ژۇرنىلى بۇ ماقالىسىدا، بۇ قاچقۇن گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى موسكۋانىڭ غەربىي گېرمانىيەگە يوللىغان ئىشپىيونلار تورى ھەققىدە نەچچە يۈز بەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى‘ ئېلان قىلىدۇ. ’گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى‘ بۇ ماتېرىياللار ئۈستىدە باھا بېرىپ كېلىپ، ’بىز بۇ قاچقۇننىڭ شۇنچە كۆپ مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولالىشىدىن بەكلا ھەيران قالدۇق‘ دېگەنلىكىنىمۇ يازغان. روشەنكى، موسكۋا دائىرىلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىزنى قورقۇتۇپ بىر نېمە ئۈندۈرىۋېلىشقا يارايدىغان بەكلا كۆپ ماتېرىيالنى ساقلىغان ئىكەن.‘ خەۋەردىن قارىغاندا، فېدېراتىپ گېرمانىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 50 كە يېقىن جاسۇسلۇق دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن،26 شۇنىڭدەك يەنە 12 تۈرلۈك يېڭى جاسۇسلۇق دېلوسى ئۈستىدە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش باشلىغان.
ئەمما «فوكۇس» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە ئۇمۇمىي يۈزلۈك گۇمانلىنىشلارغىمۇ سەۋەب بولىدۇ. بۇنداق بولىشىنىڭ قىسمەن سەۋەبى بەلكىم رۇسىيەدىكى بىر داچىدىنلا شۇنچە نۇرغۇن ك گ ب مەخپى ئارخىپى تېپىلىشىنىڭ ئۆزىلا قەتئىي ئىمكانى يوق دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرىدىغانلىقى سەۋەب بولىشى مۇمكىن. گۇمان پەيدا قىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەبى بولسا، «فوكۇس» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تەمىنلىگەن بۇ ئۇچۇرلاردىن پەقەت بىرسىنىڭلا قىزىقتۇرغىدەك ماتېرىيال بولىشى ئىدى. بۇ ماتېرىيالدا، ’گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ مەبۇدى‘ ھالىغا كەلگەن سابىق باش مىنىستىرى ۋىللىي براندتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا بىر سوۋېت ئىشپىيونى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. گېرمانىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يۇرى كوبالادز، براندت ھەققىدىكى بۇ ھىكايىنى ’چېكىدىن ئاشقان بىمەنە ھىكايە‘ دەپ قارايدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ماتېرىيالنى كۆرۈپ كۈلۈپلا قويغان. ئۇنىڭدىن قائىدە بويىچە ئۆزىنى رۇسىيە جاسۇسىمەن دەپ ئوتتۇرغا چىققان كىشىلەر ئۈستىدە ھېچ قاچان باھا ئېلان قىلماي كېلىۋاتقان گېرمانىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىپ كېتىدۇ دەپ سورالغان سۇئالغا جاۋاب بەرگىنىدە مۇنداق دەيدۇ:
بىزنىڭ تىزىملىك دەپتىرىمىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش شۇنچە يوقۇرى ئورۇنغا ئىگە بىرەر سىياسىيون بار بولسا ئىدى، بىز بۇنىڭدىن چەكسىز غۇرۇرلانغان بولاتتۇق. ئەمما تارىخنىڭ چىنلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بۇنىڭدەك بىر توقۇلمىنىڭ رەت قىلىنىشىنى زۆرۈر دەپ قارايمىز. چۇنكى بۇ تۈر بىر يالغان گەپ بىرەر سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قالايماقانچىلىق پەيدا قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇ يەنە بىر ك گ ب پولكوۋنىكىنىڭ داچىسىدا مەخپى ئارخىپ يوشۇرۇپ قويغان دەيدىغان بۇنداق گەپلەرنىمۇ ئوخشاشلا پىتنە-پاسات گەپ دەپ قاراپ ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ، براندت توغرىسىدىكى بۇ ھىكايىمۇ سابىق ك گ ب پولكوۋنىكى مىخايىل بۇتكوۋنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپلەر دەپ قارايمىز. بۇ كىشى ئىلگىرى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئوسلو ئىستىخبارات پونكىتىغا ئىۋەرتىلگەن بىرسى ئىدى، كېيىن بۇ كىشى ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ 1991-يىلى ئەنگلىيەگە قېچىپ بېرىۋالغان دەيدۇ.
كوبالادزنىڭ مەخپى ئارخىپ توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى توغرا دەپ قارىمىغىنىدىمۇ، ئۇنىڭ بۇراندتنىڭ سوۋېت ئىشپىيونى ئەمەس دېگەن ھۆكۈمىنى توغرا ھۆكۈم دېيىشكە بولىدۇ. مىتروخىننىڭ خاتىرلىۋالغان ئارگىناللىرى شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ك گ ب ئارخىپلىرىدا ھەقىقەتەنمۇ ”شىمالى قۇتۇپ ئېكىسپېدىيىچىسى“ دېگەن مەخپى بەلگىلىك براندت ھەققىدە بىر ماتېرىيال بار ئىدى. بۇ ماتېرىيال براندتنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ستوكھولۇمدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يەرگە ۋەزىپە بىلەن ئىۋەرتىلگەن ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا بولغانلىقىنىڭ راست ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئالماشتۇرۇلغان ماتېرىياللار براندتنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىلىق ئىستىخباراتچىلار ئارىسىدىمۇ ئالماشتۇرۇلغانلار بىلەن ئوخشاش ئىدى.27 خۇددى شۇنىڭدەك ليون تروتىسكىنىڭ سابىق كاتىبىمۇ بۇنداق ئالاقىلىشىشلارغا قاتناشقان. بۇ كاتىپ بىر نورۋېگىيەلىك بولۇپ، ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسارياتى تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق خائىن دەپ تونۇلغان بىرسى ئىدى. براندتنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۈچىسىگە تەمىنلىگەن بارلىق ئۇچۇرلىرى پۈتۈنلەي ئادولف ھىتلېرنى مەغلوپ قىلىشنى تېزلىتىشنىلا مەقسەت قىلاتتى. شۇ چاغدا ئۇ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى س س س ر نىڭ ستوكھولمدىكى بۇ ئىستىخبارات پونكىتى بىلەن ئالاقىلىش دەپ قارىغان (روشەنكى ئۇنىڭ بۇ پەرىزى توغرا بىر پەرەز ئىدى). ئەمما ”شىمالىي قۇتۇپ ئېكىسپېدىيىچىسى“ دەپ بەلگە قويۇلغان بۇ ماتېرىيالنى ئۇنداق مەنا بېرىدىغان ھالغا كەلتۈرگەنلەر براندت ئەمەس بەلكى دەل ك گ ب نىڭ ئۆزى ئىدى. 1962-يىلى، ك گ ب دىكىلەر خرۇششېۋنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ براندتنى ئىسكەنجىگە ئېلىش ھەرىكىتىگە ئۆتكەن. ك گ ب، براندتقا تەھدىت قىلىپ ئەگەر بىز بىلەن ھەمكارلاشمايدىغان بولساڭ، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستوكھولمدىكى ئىستىخبارات پونكىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقانلىقىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى ئاشىكارىلىۋېتىمىز دەپ قورقۇتقان. ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئەھۋالنىڭ ئاشىكلارىلىنىپ كېتىشى براندتكە ”بىرمۇنچە بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلار“ نى تېپىپ بېرىشى ئېنىق ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ك گ ب نىڭ ئۇنى قورقۇتۇپ بىر نېمىلەر يۇلىۋېلىشنى پىلانلىغان ھىلىمىكىرى بەرىبىر ئىشقا ئاشمىغان.
بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە، ك گ ب مەخپى ئارخىپى سەۋەبىدىن فېدېراتىپ گېرمانىيىنىڭ چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى (ب ف ۋ) بىلەن ئاۋۇسترىيە جاسۇسلۇققا قارشى ئىدارىسىغا ئوخشاش، سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىن تارتىپ تا ياپونىيىگىچە بولغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەل بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى، ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا مىتروخىن تەمىنلىگەن مەخپى ئارخىپلاردا ئوتتۇرغا چىققان يىپ ئۇچلىرىنى تۇتقا قىلىپ تەكشۈرۈش ئىشىغا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ تەكشۈرۈش ئىشلىرى مەتبۇئات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىغان ئىدى. بۇ تۈردىكى يىپ ئۇچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جاسۇسلۇققا قارشى ھەرىكەتنى مەقسەت قىلىدىغان ياكى بولمىسا بۇرۇنقى ھەل بولماي تاشلىنىپ قالغان، ۋە ياكى ك گ ب نىڭ بىكار قىلىنىشىدىن كېيىنكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بەزى ھەرىكەتلەر بولۇپ، ھەرگىزمۇ كىمدۇ بىرسىلىرىنى ئەيىپلەشنى مەقسەت قىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان دېلولارنىڭ بېكىتىلىش پاكىتلىرى يەنىلا شۇ مىتروخىن قولىدىكى ئارخىپلاردىن كەلمەكتە ئىدى.
بىر قېتىمىدا ھەتتا مىتروخىنمۇ سوت مەھكىمىسىدە بىۋاستە شاھىدلىق قىلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئارانلا قۇتۇلىدۇ. تەكشۈرىلىۋاتقان بىر دېلوغا چېتىشلىق روبېرت لىپكا دەيدىغان بىر قۇرۇغلۇق ئارمىيە ئوفىسسېرى، 60-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئا ق ش دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا ئىشقا تەقسىم قىلىنغان (بۇ بىر ئامېرىكا تېخنىكا ئاخبارات رازىۋېتكا ئورنى ئىدى). مىتروخىن بۇ كىشىنىڭ ك گ ب ئىشپىيونى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 1993-يىلى مايدا ئامېرىكا ف ب ئى (ئېف-بىي-ئاي، فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى، FBI، — ئۇ.ت) ئىشپىيونى دمىترى درۇژىنىسكى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىخبارات باش شتابى تەرىپىدىن ۋاشىگتوندا تۇرۇشلۇق خادىم سۈپىتىدە يوللانغان ’سېرگېي نىكىتىن‘ دېگەن يالغان ئىسىملىك بىرسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ’نىكىتىن‘ ئۇنىڭغا ”لىپكا ئۇنىڭغا 25 يىل ئىلگىرى سىلەرگە جاسۇسلۇق قىلىپ بېرىمەن دەپ بەكلا كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتىم دەپ، كېيىنكى بىر قانچە ئاي جەريانىدا مەندىن ئون مىڭ دوللار ئالغان“ دەپ ئېيتقان.28 قارىغاندا لىپكا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى جاسۇسلۇق ئىشلىرىدىن بەكلا غۇرۇرلانسا كېرەك، ’نىكىتىن‘ غا ”مېنىڭ بۇ ئىشلىرىم ھەققىمدە قانۇننىڭ تەكشۈرۈش چېكى ئاللىمۇقاچان ئۆتۈپ كەتكەن“ دېگەن. ئەمما ’نىكىتىن‘ ئۇنىڭغا ”شۇنى ئۇنۇتما، ئا ق ش قانۇنلىرىدا جاسۇسلۇق دېلولىرىنى سۈرۈشتە قىلىشتا ۋاقتى ئۆتتى دەيدىغان بىر بەلگىلىمە يوق“ دەپ ئەسكەرتكەن. لىپكامۇ ئۇنىڭغا ”ھەرقانداق بىر قانۇن ئالدىدا مەنمۇ ھېچ نېمىنى ئېتراپ قىلمايمەن“ دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇندىن كېيىن ئا ق ش ئېف-بىي-ئاي ئىدارىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئىشىغا كىرىشكەن. ئاخىرى، 1996-يىلى فېۋرالدا پېنسىلۋانىيە شىتاتىنىڭ مىللېرسۋېللې كەنتىدە ئۇنى ئۆيىدىن قولغا ئالغان: لىپكا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى مەخپى ھۈججەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.
لىپكا ئۈستىدىكى بارلىق ئەيىپلىنىشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ تۇرىۋالغاچقا، ئامېرىكا دائىرىلىرى مىتروخىننى 1997-يىلى ماي ئېيىدا فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئا ق ش مەمۇرى سوتىغا چىقىپ لىپكانىڭ سوتلىنىشىدا شاھىتلىق قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما «فىلادىلفىيە شەھەرلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا ئېيتىلغىنىدەك، لىپكانىڭ سوتتىكى ئىپادىسى ”ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، كۆز يېشى تۆككەن ھالدا بۇرۇن ك گ ب جاسۇسلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىدۇ.“ ئەسلىدە، لىپكانى سوتلىغان مۇئاۋىن سودىيە رونالد ف. كىد ئۇنى ئاقلاش كىلىشىمىنىڭ شەرتلىرى ئاساسىدا ئەيىپلىنىشنى قوبۇل قىلغىنىدا 18 يىللىق قاماق جازاسى بىلەنلا ئۇنى بۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر ئىپادىسى ئۆزگىرىپ ياخشى ئۆزگەرگىنىدە ھەتتا بالدۇر قويىۋېتىلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداق قىلغاندا بۇنداق تۈگىمەس ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ يۈرگىنىدىن ھەمدە ناۋادا جىنايىتى مۇقىملىشىپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ قالغىنىدا قالغان ئۆمۈرىنى پۈتۈنلەي تۈرمىدە ئۆتكەزگىنىدىن مىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنى قايىل قىلغان ئىكەن. گەرچە سوت مەھكىمىسى مىتروخىننىڭ ئىسمىنى پەقەتلا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، قارىغاندا دەل شۇ مىتروخىن ئارخىپلىرىدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن پاكىتلار لىپكانىڭ ئىپادە بېرىشىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى مۇخپىرلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: ”شۇنىسى ئېنىقكى، ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ پاكىتلار ھەقىقەتەنمۇ بەكلا مۇھىم پاكىتلار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتكىمۇ شۇنىسى ئايان ئىدىكى، ئۇلار بۇ دېلونى ئۈزۈل-كېسىل ئېنىقلاپ چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ھەمدە بۇ مەخپى شاھىتنى ئوتتۇرلۇقتا ئاشىكارىلاشنىمۇ خالىمايتتى.“ بۇ يەردە دېيىلگەن ”مەخپى شاھىت“ — دەل مىتروخىن ئىدى. لىپكا ئىقرار بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مۇئاۋىن پروكراتورى باربارا جون كوھان ”بىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا نازۇك بىر شاھىدىمىز بار ئىدى. ئەگەر ئۇنى سوتتا شاھىت بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغىدەك بولساق، قەتئىي تۈردە ئەينەك توساق كەينىدە تۇرغۇزۇپ ئىپادىسىنى ئېلىشقىلا مەجبۇر ئىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق تۈردە يالغان ئىسىم قوللانماي بولمايتتى. مانا ئەندى ئۇنى شاھىتلىققا چاقىرمىساق زادى بولمايدۇ دەيدىغان مەجبۇرىيەتمۇ قالمىدى“ دەيدۇ. لىپكا، 1997-يىلى سىنتەبىردە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ چاغدا لىپكا مۇنداق دەيدۇ: ”مەن ئۆزەمنى خۇددى رىپ ۋان سپېي تىپىدىكى بىر جاسۇستەك ھېس قىلدىم. ئەسلىدە، مەن ئۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا كاللامدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدىم. مەن، شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە ئاشىكارىلىنىپ قالدىغانلىقىمنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن“ دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، لىپكا 18 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئون مىڭ دوللار جېرىمانە تۆلەشكە ۋە بۇرۇن ’نىكىتىن‘ نىڭ فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھېسابىدىن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەرگەن ئون مىڭ دوللارنىمۇ قايتۇرۇشقا بىرلىكتە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.29
بۇنىڭغا ئوخشىغان يەنە نۇرغۇن ”رىپ ۋان سپېيلار“ بار بولۇپ، بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ياشىغان ئاللىمۇقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرى مىتروخىن ئارخىپلىرى سەۋەبىدىن قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇلارنى ”چۈچىتىۋېتىشى“ مۇمكىن. بىز كېيىنكى بۆلۈملەردە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەسلى قىياپىتى ئاشىكارىلىنىدىغان يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقىمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، يەنە نۇرغۇنلىغان بەكلا مۇھىم دېلولارنىڭمۇ جىددى تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كىتابخانلارغا ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. ئەمما قانۇنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىشىدىن ئىلگىرى ئاشىكارىلاش ئىمكانىنىڭ يوقلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىمىز. بۇ تۈر دېلولاردىن بەزىلىرى ھەتتا بىر قىسىم نا تو ئەللىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. گەرچە بۇ كىتاۋىمىزدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسلىرىنىڭ نىقاپلانغان بەكلا ئاز بەلگىسى تىلغا ئېلىنغان بولىشىغا قارىماي، رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۈستىدە رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى بۈگۈنگە كەلگىچە ئوتتۇرغا چىققان ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇرەككەپ زىيانغا ئۇچراتقۇزۇش ھەرىكىتىنى مۆلچەرلىگىنىمىزدە، ئۇلار مۇنداق بىر ئەمەلى مەسىلىگە دۈچ كېلىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ: شۇنى ھۆكۈم قىلىش مۇمكىنكى، يەنە قانچە جاسۇس مىتروخىن ئىسمىنى كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدىن كېيىن ئىككى تەرەپلىمە جاسۇسقا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇرۇسلار ھەرگىز پەرەز قىلالمايدۇ.
مىتروخىن كۆچۈرۈپ چىققان ئارخىپلاردا يەنە قانچىلىك يوقۇرقىدەك مەزمۇنلار تېپىلسا، رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىمۇ بۇنىڭدىن تارتقان زىيانلىرىنى كۈن تەرتىپكە قويۇپ مۆلچەرلەپ ئاشىكارىلىنىپ قالغان ئۇچۇرلار بىلەن بۇنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا مەجبۇر. چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى 1996-يىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر باياناتىنى ئېلان قىلىپ (1998-يىلى ئىيۇندا بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ كۆرسەتكەن)، ئاتالمىش بىر خائىننىڭ يۈزلىگەن سوۋېت جاسۇسىنىڭ تىزىملىكىنى بارلىق غەرب ئەللىرى ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ئاشىكارىلىۋېتىپتۇ دېگەن گەپلەر پۈتۈنلەي ئاساسى بولمىغان قۇرۇق گەپ دەپ كۆرسىتىشتى. بۇ باياناتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىنكى، بۇ جەھەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان مۆلچەرلىرى تېخى ئۇلارنىڭ يېغىرىغا تەگمىگەن. قارىغاندا، 1999-يىلى بۇ كىتاب نەشرى قىلىنغان كۈنگە كەلگەندىلا ئاندىن سابىق سوۋېت ئېتتىپاقى چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ تۈردىكى بەكلا كۆپ ئۇچۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خېلى بۇرۇنلا سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
مىتروخىن كۆچۈرۈپ چىققان بەزى ھۆججەتلەردە، ك گ ب باش شىتابىنىڭ (ئادەتتە ”مەركەز“ دەپلا ئاتىلىدۇ) بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرىكى چەتئەل ئىستىخباراتلىرىنى ئاشىكارىلاپ قويغان كىشىلەر ئۈستىدە ئۇسۇل تاللاپ ئولتۇرماي ئۆچ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر ئىنتايىن تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن ئىدى. جون باررون 1974-يىلى سوۋېت يۈز ئۆرىگۈچىلىرى بىلەن غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەمىنلىگەن ئىستىخباراتلار ئاساسىدا «ك گ ب: سوۋېت مەخپى جاسۇسلىرىنىڭ يۇشۇرۇن پائالىيەتلىرى» دېگەن كىتابنى نەشرى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى ھېچ بولمىغاندا 370 قېتىم زىيان مۆلچەرلەش ۋە باشقا دوكلاتلارنى تەييارلاشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا باررون ۋاشىنگتوندا چىقىدىغان «مۇشتىرىلاردىن تەرمىلەر» نىڭ ئالىي مۇھەررىرى ئىدى. مېخايىل كورنېيېۋىچ پولونك شۇ ۋاقىتتا ”ئاردوۋ“ دېگەن مەخپى بەلگە بىلەن ۋاشىنگتوندا تۇرۇشقا ئىۋەرتىلگەن ئىدى.30 پولونىك بۇيرۇق بويىچە ئۇ يەردە ”باررون ھەققىدىكى بارلىق ئەھۋاللارنى توپلاش ھەمدە ئۇنى قارىلاش“ تەدبىرلىرى ھەققىدە مەركەزگە تەكلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ك گ ب بارروننىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشتە قۇللانغان ”پائال تەدبىرلىرى“ نىڭ كۆپۈنچىسى ئۇنىڭ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى چۇخچىلاشتىن ئىش باشلاش ئىدى. ئۇلار، باررون مەلۇم بىر يەھۇدىي سىيونىست سۈيىقەستچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزاسىمىش دېگەندەك ئۇيدۇرما يالغانلارنى تارقىتىشقا كىرىشىدۇ. بۇمۇ سوۋېتلەرنىڭ پىتنە تارقىتىش جەريانىدىكى ئىزچىل بىلجىرلاشلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەمما بۇ تۈر يالغان گەپلەر ئوتتۇرا شەرقتىن باشقا جايلاردا ھېچ بىر تەسىر پەيدا قىلامىدى دېيىش مۇمكىن.
شۇنىڭدەك يەنە بارروننىڭ كىتابىدىن ستاتا كەلتۈرگەن باشقا بىر قانچە مۇخبىرمۇ ك گ ب نىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇلارغا تېخىمۇ رومانتىك ئۇسلۇب قوللىنىلغان ئىدى. مەسىلەن، ئاۋۇسترىيەلىك ئاخبارات يازغۇچىسى «ك گ ب: سوۋېتلەر مەخپى ئىشپىيونلىرىنىڭ يۇشۇرۇن پائالىيەتلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ ئىچىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ س س س ر نىڭ ”تىنچلىقپەرۋەرلىك“ سىياسىتىغا ھۇجۇم قىلغىنىدا، ك گ ب ئۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ. يەنى ئۇلار بىر-بىرسىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان نۇسخىدىكى ئاۋۇسترىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ قۇرۇق ”ماتېرىيال كارتۇچكىلىرىنى“ ياساپ چىقىپ، ئۇنى ك گ ب بىرىنچى باشقارما بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ قىساس ھەرىكىتى مۇتەخەسسىسى تەرىپىدىن بۇ كارتۇچكىلارغا بۇ ماقالە يازغۇچىسى بىلەن ئامېرىكا مەركەزى ئىستىخبارات ئىدارىسى — س ئى ئا بىلەن بۇرۇندىنلا زىچ ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدىغان ساختا مەلۇمات ياساپ، بۇلاردىن ئاۋۇسترىيە ساقچى ئىدارىسى ئاللىمۇ قاچان خەۋەردار ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇيدۇرۇلغان ماددىلار توشقۇزۇلىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئاۋۇسترىيە مەتبۇئاتلىرىغا بۇ كارتۇچكىلار بىلەن رەسىملەرنى تارقىتىۋېتىدۇ. مىتروخىن قوليازمىلىرىدا يەنە ك گ ب باشقا ئەللەردىمۇ بارروننىڭ تەسىرىگە قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى باشلاتقانلىقى، بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ دائىرىسى شۇنچە كەڭ ئىدىكى، تا تۈركىيە، سېپرۇس (قىبرىس)، سېرىلانكا، لىۋىيە، لىۋان، مىسىر، ئىران، كۈۋەيت، سومالى، ئۇگاندا، ھىندىستان ھەمدە ئافغانىستانلارغىچە يېتىپ بارغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قانچە ك گ ب تەتقىق قىلىنغان كىتاب-ژۇرناللار ئارىسىدا ئۇلارنى ھەممىدىن بەكىرەك سەكرىتىۋەتكىنى 1990-يىلى نەشرى قىلىنغان «ك گ ب: لېنىن دەۋرىدىن گورباچىيېۋ دەۋرىگىچە چەتئەلدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئىچكى سىرى» دېگەن كىتاب ئىدى. بۇ كىتاب، ئولېگ گوردىيېۋسكى قولغا كەلتۈرگەن ك گ ب ھۈججەتلىرى بىلەن باشقا ئىستىخبارات ماتېرىياللىرى ئاساسىدا كرىستوفېر ئاندرىيېۋ بىلەن ئولىگ گوردىيېۋىسكى بىرلىشىپ يېزىپ چىققان. گوردىيېۋسكى بولسا، 1974-يىلىدىن 1985-يىللار ئارىسىدا ئەنگلىيە ئىشپىيونى بولۇپ ك گ ب غا كىرگۈزىۋېتىلگەن بىرسى ئىدى. بۇ ئىككىسىگىمۇ ك گ ب ئالدىنقىلارغا قىلغاندەك قەبىھ مۇئامىلە قىلىدۇ. ك گ ب بۇ كىتاب بىلەن ئۇنىڭ يازغۇچىلىرىغا شۇنىڭغا ماس تەدبىر قوللىنىدۇ (موسكۋانىڭ گوردىيېۋسكىغا بۇ كىتابىنى يېزىشقا باشلىغاندىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا بۇلارغا نەقەدەر قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى ئېنىق كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ). بۇ قېتىمقىسىدا، ك گ ب، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ كاتتابېشى كريۇچكوۋ، ئاندرېۋ بىلەن گوردىيېۋسكىغا ئىككىسىنىڭ بىرلىشىپ بۇ كىتابنى يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن31 يېڭى بىر جازالاش ھەرىكىتى باشلىتىدۇ. 1990-يىلى سىنتەبىردە، كريۇچكوۋ مۇتلەق مەخپى دەيدىغان بىر پارچە ”رەئىس بۇيرۇقى“نى تەستىقلاپ چۈشىرىدۇ. بۇ بۇيرۇقتا بۇنىڭ ئۈچۈن تەسىر پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن باشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىر قوللىنىش (بۇ، ”ك گ ب چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قابىلىيەتلىرىدىن بىرى“) نى تەكىتلەپ كېلىپ، ”ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلىنىپ“ ك گ ب نىڭ ”ياخشى“ قىياپىتىنى شۇنىڭدەك ”ئۇنىڭ تېخىمۇ مەدھىلەشكە ئەرزىيدىغان ئىش-ئىزلىرى“ نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىڭلار دەپ يوليورۇق بېرىدۇ.
ك گ ب ئۆزىنى ياخشى ئورگان قىلىپ كۆرسىتىش مەقسىتىدە غەرب يازغۇچىلىرىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغان بىرىنچى ئۆتكەل جون كوستېللو دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ مىجەزى بەكلا تۇراقسىز، بەكلا غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ، ئەسلىدە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئەنگلىيەلىك ئەركىن كەسىپ بىلەن شوغۇللانغۇچى بىرسى ئىدى. ئۇ ئادەتتە ھەر تۈرلۈك نوقتىلار بويىچە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلىشىدىغان، ”سۈيىقەست نەزەرىيىسى“ توغرىلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەرىپى بولغان بىرى ئىدى. 1991-يىلى كوستېللو، 50 يىل بۇرۇن ھىتلېرنىڭ ياردەمچىسى رۇدولف ھېسنىڭ مەخپى تۈردە ئەنگلىيەگە قېچىپ كېتىش ۋەقەسى توغرىلىق بىر كىتاب نەشىر قىلدۇرىدۇ. بۇ كىتاب، رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تاللاپ چىقىرىلغان ك گ ب ئارخىپلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىتابتا، بۇ ۋەقەدىكى نۇقتىلىق مەسىلە ئەنگلىيە ئىستىخبارات تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر قوللۇق پىلانلاپ پەيدا قىلىنغان بىر سۈيىقەست ئىدى دەپ قارىغان (بۇ خىل قاراش شۇ تارىخىي دەۋر ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدىغان بىر قاراش ئىدى). ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، كوستېللو يەنە رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئولېگ شارېۋ (سابىق ك گ ب نىڭ بىرىنچى باشقارما ئوفىسسېرى) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدا سوۋېت ئىستىخبارات ئوفىسسېرى بولغان ئالېكساندر ئورلوۋنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا ئوچۇق قىلىپ ”بۇ كىتاب، تۇنجى قېتىم ك گ ب ئارخىپلىرىنى مەنبە قىلىپ يېزىلغان كىتاب بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدىغان ك گ ب مەخپىيەتلىكرى بايان قىلىنغان“ دەپ يېزىلغان. بۇ كىتابنى ئالدىنقى كىتابقا سېلىشتۇرغاندا، كىتابتىكى كەچۈرمىشلەر راستىنلا كىشىلەرنىڭ گۇمان قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغىدەك بىر كىتاب ئىدى. كىتابتا رەسمى ماۋزۇغا ئۆتۈشتىن ئاۋال، سابىق ك گ ب كاتتابېشى بولغان يۈزسىز ۋىلادىمىر كريۇچكوۋ بىلەن سابىق ك گ ب بىرىنچى باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى لىيونىد ۋىلادىمىروۋىچ شېبارشىن بۇ پىلاننى باشلىتىش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ زور كۈچ چىقارغان. كوستېللو بۇ ھەقتىمۇ ئالاھىدە ئىزاھات بېرىپ، ”رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ كىتابنىڭ نەشرى قىلىنىشى ئۈچۈن ئىزچىل قوللاپ كەلگىنى ئۈچۈن چەكسىز رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن، بۇ كىتاب، مەيلى رۇسىيەگە مەيلى دۇنيادىكى باشقا ئەللەرنىڭ ئىستىخبارات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بولسۇن، راستلىق بىلەن بايان قىلىنىشى ۋە رىئاللىق تەسۋىرى جەھەتلەردە ھەقىقەتەنمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كىتاب“ دەيدۇ.
كوستېللو بىلەن شارېۋ ئىككىسى قوليازما ئارگىنالىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن، قالغان ئىشلارنى رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى تاللاپ بېكىتىدۇ ياكى كىتاپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان رۇسسىيە يازغۇچىسى بىلەن غەرب ئەللىرىدىن يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان بىرسى32 (بۇنداقلاردىن رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ئىنتايىن داڭلىق بولغان تارىخچى بىلەن يەنە بىر نەپەر پىنسىيونېر ئا ق ش مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئوفىسسېرىدىن بىرسى) بىرلىشىپ كىتابنىڭ قېلىپىنى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئا ق ش «تاج كىتاپخانىسى» دەسلەپتە مەبلەغ چىقىرىپ كاستېللو بىلەن شارېۋ ئىككىسىگە ياردەم قىلىپ بۇ كىتابنى يازدۇرىدۇ. ئەمما كېيىن ئۇلار بۇ خىل ياردەمنى توختىتىپ قويىدۇ. بۇ تۈردىكى مەتبۇئات ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنغان تېمىلار ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدىكى دەۋردىن تارتىپ سوغۇق ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇ ئىككىسى ھەر بىر بۆلۈمنى يېزىش ۋاقتىدا رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يازغۇچىلارغا ھېچكىمدە يوق مۇتلەق مەخپى ھۈججەت كۆچۈرۈلمىسى بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار ك گ ب ئارخىپلىرى ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىلغان ماتېرىياللار ھېسابلىناتتى. نەشرى قىلىنغان بۇ تۈردىكى كىتاب-ژۇرناللار بۈگۈنكى كۈندىمۇ قىزىققتۇرغىدەك ماتېرىياللار ھېسابلانسا، بەزىسىدە يەنە پەۋقۇلئاددە يېڭى مۇھىم ماتېرىياللارمۇ تېپىلىپ قالاتتى. ھەتتا بۇ كىتابلاردىن بىر قىسمى چوڭقۇر تارىخ تەھلىللىرى كىتابخانلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرەلەيتتى. ئەمما بۇ تۈر چىقىرىلغان كىتابلاردىمۇ بىر يېتەرسىزلىك ساقلانغان بولاتتى. ئەمما بۇنداق يېتەرسىزلىكلەرنى ئاپتورلاردىن كۆرۈشكە بولمايتتى. چۇنكى ئاپتورلار بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقىش ۋاقتىدا تايانغان ك گ ب ھۈججەتلىرى ئاپتورلار تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكىلەر تەرىپىدىن تاللانغان بولاتتى.
رۇسسىيە يازغۇچىلارغا تەمىنلىگەن ئارخىپلار بەزىسى بەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن تاللانغان بولاتتى. ئالايلۇق، 90-يىللاردا، چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى رۇسسىيەلىك ۋە غەرب يازغۇچىسىغا ك گ ب نىڭ ئەڭ داڭدار ئەنگلىيەدىكى جاسۇسى كىم فىلبىينىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرى بېرىلىدۇ. ئەمما فلبىينىڭ قەھرىمانلىق ئوبرازى ھەمدە رۇسىيە چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئابرويىنى قوغداش مەقسىتىدە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكىلەر ئاجايىپ ئېھتىياتچانلىق كۆرسىتىپ فلبىينىڭ ئەنگلىيە مەخپى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى پونكىتىغا باشلىق بولىۋېلىشىنى قالتىس ئۇستىلىق بىلەن يوشۇرۇپ قالىدۇ (بۇ ئۇنىڭ سوۋېت جاسۇسى بولۇش جەريانىدىكى ۋەزىپە ئادا قىلىشىنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسى ئىدى). كېيىن فىلبىي، لاياقەتسىز يېتەكچىسى ئارىسىدا تەمىنات مەسىلىسىدە ھەمدە ياخشى يېتەكلىيەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىشەلمەسلىك يۈز بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىناۋىتى تۆكۈلگەن بىر ھالدا موسكۋاغا قايتۇرىلىدۇ. مىتروخىن، فىلبىي ھەققىدىكى چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكىلەر تا بۈگۈنگىچە ئاشىكارلاشقا بولمايدىغان خاتىرىلەر دەپ مەخپى تۇتقان ماتېرىياللارنى كۆچۈرىۋېلىپ شۇ دەۋرگە ئائىت ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىشلارنىمۇ ئاشىكارىلىۋېتىدۇ.
چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى، ئۆزىنى چىققىلى بولمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى ئېھتىمال بولغان بەزى ئارخىپلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارە رەت قىلغان ئىدى. رۇسىيەلىك ھەمدە ئامېرىكىلىق يازغۇچى (بۇلاردىن بىرسى ئىلگىرى بىرىنچى باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان) چەتئەل ئىستىخبارات باشقارمىسى تەمىنلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللار ئاساسىدا بېرلىن تېمى سېلىنىشتىن ئىلگىرىكى ك گ ب بىلەن س ئى ئا نىڭ بېرلىندىكى كۈرەش ئەھۋالىنى يېزىش ۋاقتىدا، ك گ ب جاسۇسى ئالېكساندر گرىگوريېۋىچ كوپاتزكى (يالغان ئىسمى ئىگور ئورلوۋ) نىڭ ئارخىۋىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان.33 چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى، بىز بۇنداق بىر ئىسىملىك جاسۇستىن پايدىلانغانلىقىمىز توغرىسىدا ھېچ قانداق بىر ماتېرىيالىمىز يوق دەپ ئېيتقان. ”ئىگور ئورلوف“ توغرىسىدىكى بىردىن بىر خاتىرە، 1965-يىلى بۇ كىشى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ، ف ب ئا نىڭ ئۇنى بەكلا قىينىۋەتكەنلىكى ئۈستىدە دەرت تۆككەن ھەمدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن سىياسىي پانالىق تەلىبىدە بولغانلىقى خاتىرلەنگەنلىكى ئىدى. گەرچە بۈگۈنگىچە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىدا پۈتكۈل رۇسىيە ئىستىخبارات تارىخى بويىچە ماتېرىياللاردا بۇنداق بىرسىنىڭ بارلىقى كۆزگە چېلىقمىغان بولسىمۇ، كوپاتزكى ھەقىقەتەنمۇ بىر ك گ ب جاسۇسى ئىدى. ھەتتا ئۇ ئالاھىدە ماختىلىدىغان بىر ئىشپىيون ھېسابلىناتتى. بۇنداق بىر ئادەم يوق دەپ ئېيتىلغان ئەمما مىتروخىن كۆچۈرىۋالغان ئارخىپ شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، كوپاتزكىنى تەربىيىلەپ چىقىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئاز دېگەندە 23 نەپەر يېتەكچى ئىشلىتىلگەن.
ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويماقچى بولۇپ غەرب مەتبۇئاتلىرىدا نەشرى قىلىنغان بىر قاتار ھەمكارلىشىپ يېزىلغان تارىخىي سىرلارنى ئاشىكارىلايدىغان ئەسەرلەردىن باشقا، چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى يەنە رۇسىيە بازارلىرىغىمۇ بىر قىسىم قىسقا ھەجىملىك ئەسەرلەرنى تارقىتىدۇ. 1995-يىلى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بۇ ئورۇننىڭ ۋارىسى دەپ ھېسابلىغان رۇسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ك گ ب دەۋرىدىكى تەنقىت قىلىشقا يول قويمايدىغان شەجەرىلەردىن تاللاپ 75 نەپەر ئىستىخبارات خادىمىنىڭ كەچۈرمىشى ھەققىدىكى كىتابلارنى ئېلان قىلىدۇ. ئەسلىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قولىدىن ھېچقانداق ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان قەھرىمانلار ھېسابلىناتتى. 1995-يىلى، بۇ ئورگان يەنە ك گ ب نىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىش تارىخىي ئىنسىكلوپىدىيىسىنى ئېلان قىلىشقا كىرىشىپ، 1997-يىلىغا كەلگىچە ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئەھۋاللار بايان قىلىنغان ماددىلارغا يېتىپ كېلىدۇ. گەرچە، بۇ ئىستىخبارات تارىخىغا ئائىت كاتتا توپلامنى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىشەنچىلىك ۋە قىممەتلىك ماتېرىيال دېيىشكە بولسىمۇ، بۇ تولامنى يەنىلا تاللاپ بېسىلغان، ”پاسكىنا ئەخلەتلەردىن تازىلانغان“ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىستىخبارات تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، شۇنىڭدەك يەنە بىر قىسىم ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان ك گ ب نىڭ ئەنئەنىۋىي سۈيىقەست نەزەرىيىسى روھىغا ئۇيغۇن توپلام دېيىش مۇمكىن. بۇ دائىرىلەر تارىخىنىڭ ئەدەبىي تەھرىرلىكىنى لوللىي زامويسكىي ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ كىشى سابىق بىرىنچى باشقارمىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك ئانالىزچىسى ئىدى. بۇ كىشى يەنە دۇنياۋى خاراكتېرلىق مەۋجۇت بولىۋاتقان ھەمكارلىق جەمىيىتى — سىيونىزم، يەھۇدىي قىساسچىلىرى — نىڭ سۈيىقەستچىلىك ئېتىقادى جەھەتتە مەركەز بويىچە ھەمدە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئىستىخبارات پونكىتلىرىدا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر داڭلىق ئادىمى ھېسابلىناتتى. 1989-يىلىسى، ئۇ «ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ پەردە ئارقىسى» دېگەن كىتابىنى نەشرى قىلدۇرۇپ، بۇ جەمىيەت ئەزالىرىنى سوغۇق ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدا مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئەيىپلىگەن.
چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسى يەنە ھەرىكەت قىلىشنى باشلىتىش تارىخى ئۈستىدىكى تېمىلارنى تاللاش ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاساسىي پىرىنسىپى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەل ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ پۇختا تەشكىللىنىش ھەمدە يوقۇرى سۈپەتلىك كەسىپىلەشتۈرۈلگەن ئوبرازىغا ئەھمىيەت بېرىش بولۇپ، بۇ جەھەتتە غەرپ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ئىقتىدارىغا يېقىنلاشقان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك يەنە ئۇلار بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرەشلەردە ھەر دائىم غەلىبە قىلغان ئورگان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.34 سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەل ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ستالىن دەۋرىدە ئوينىغان رولىنى تەسۋىرلىگەندىمۇ بۇ ئورۇننىڭ قاتىللىق رولى ئوينىغانلىقىنى يوشۇرۇپ ھەتتا تېررورلۇق زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان بىر ئورگان شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى چەتئەلدە ”خەلق دۈشمەنلىرى“ نى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈش بولغان ئىدى. بۇنداق بايان قىلىشلار يەنە چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى شۆبىسىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە چەتئەلدە قانات يايدۇرغان ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ك گ ب ئورگانلىرىنىڭ كىشىلىك ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. ئەسلىنى سۈرۈشتە قىلسا، ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەملىكەت ئىچىدىكى قانات يايدۇرغان ”ئىدىيولوگىيە ساھەسىدىكى تىرىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى“ دەيدىغان ھەرىكەتلىرى بىلەن ماسلىشىپ پائالىيەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1956-يىلى ۋېنگىرىيە قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ۋاقتىدا، 1968-يىلقى پراگا باھىرىنى بېسىقتۇرۇش ۋاقتىدا، 1979-يىلقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ۋاقتىدا ھەمدە 1981-يىلقى پولشا دائىرىلىرىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتتىپاقىنى تارقىتىۋېتىشكە مەجبۇر قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق بىر قاتار چەتئەلدىكى ھەرىكەتلىرىدە ك گ ب ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي پىكىرلىك كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشلارغا زىچ ھەمكارلاشقان ھەرىكەتلىرىدە بىرىنچى باشقارما سوۋېت گۇروھىدىكى باشقا دۆلەتلەردە قانات يايدۇرغان ”ئىلغارلىق ھەرىكىتى“ ھەمدە غەرب ئەللىرىدە سوۋېت مۇساپىرلىرىغا قارىتا زىيانكەشلىك ھەرىكەتلىرىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىدى. 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، بىرىنچى باشقارمىسى غەرب ئەللىرىدە قانات يايدۇرغان ئىدىيولوگىيە ساھەسىدىكى تىرىلدۈرۈشكە قارشى ھەرىكەتلەردە موسكۋا بېكىتىپ بەرگەن پارتىيە يولىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالغان غەرب ئەللىرى كومپارتىيە رەھبەرلىرىگىمۇ ھەرىكەت قوللىنىشلارغىچە ئۇزىراپ بارغان ئىدى.
بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن باشقا پائالىيەتلەر، مىتروخىن كۆچۈرۈپ چىققان ئارخىپلاردا چەتئەل ئستىخبارات ئىدارىسى تا بۈگۈنگىچە ئاشىكارىلاشنى خالىماي كېلىۋاتقان بىر قىسىم ك گ ب ئارخىپلىرىمۇ بار ئىدى. چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىدا ساقلانغان ئارخىپلار ئارانلا 60-يىللاردىن بۇرۇنقىلا ھۈججەتلەر بولغان بولسا، مىتروخىن كۆچۈرۈپ چىققان ئارخىپلار ئاساسەن پۈتكۈل سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىگە تاقالغان ئىدى. بەكلا كۆپ ئارخىپ تا بۈگۈنگىچە موسكۋا دائىرىلى تەرىپىدىن مۇتلەق مەخپى قاتارىدا ساقلاپ كېلىنگەن. مىتروخىن خاتىرلىۋالغان ياكى رەتلەپ چىققان بەكلا كۆپ ئارخىپنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بەلكىم بۇ كۈنلەردە يوق قىلىۋېتىلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن. 1989-يىلى، ئاندروپوۋ ”بىرىنچى نومۇرلۇق خەلق دۈشمىنى“ دەپ قارىغان ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكى ئاندرېي ساخاروۋ ئۈستىدىكى ئىنتايىن كۆپ، بولاق-بولاق يىغىلغان ئارخىپلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى يوق قىلىۋەتكەن. شۇندىن كېيىن ئۇزۇنغا قالماي، كريۇچكوۋ «جازا قانۇنى» نىڭ 70-ماددىسىغا ئاساسەن (سوۋېتلەرگە قارشى كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلغان ۋە تەشۋىقلەردە بولۇنغان) ئەيىپلەنگۈچىلەردىن باشقا ئوخشىمىغان سىياسى قاراشتىكىلەرنىڭ بارلىق ئارخىپلىرىنىمۇ يوق قىلىۋېتىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، مىتروخىننىڭ بۇ تۈر كىشىلەر ھەققىدىكى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى كۆچۈرىۋالغانلىقى بەلكىم ئۇ تۈر ئارخىپلار ھەققىدىكى بىردىن-بىر پاكىت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ۋاسىلى مىتروخىننى جون كاستېللونىڭ 1993-يىلقى ماختاپ كۆرسەتكىنىدەك ”ئىستىخبارات تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئېچىۋېتىش ۋە ئىسلاھات تەرغىباتلىرىنىڭ يېپ-يېڭى نەمۇنىسى“ بولۇش ئىمكانىيىتىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى دېيىش مۇمكىن. بۇنداق ئىسلاھات دەرىجىسىنى كريۇچكوۋ بىلەن قالغان چەتئەل ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكى ئىزباسارلار ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.35
2. لېنىننىڭ چېكاسىدىن ستالىننىڭ ئو گ پ ئۇ سىغىچە
|