ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قاۋىمايدىغان ئىت (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

124

يازما

1899

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 202
يازما سانى:
124
تىللا:
1367
تۆھپە:
130
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
90 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-31

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەچۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 23:19  

                                                         

قاۋىمايدىغان ئىت

(ھېكايە)


  ئېلى ياسىن (ئاقيول)



دەرۋازىدىن كىرگەن ھامان ئىتنىڭ قاتتىق قاۋىشىدىن چۆچۈپ ئارقىمغا داجىپ كەتتىم. قۇلاقلىرى دىڭ تۇرىدىغان ئىت زەنجىرنى ئۈزىۋەتكۈدەك بولۇپ ماڭا قاراپ قاۋاپ كەتتى.
__ ماڭە، ئۆلگۈر قاۋىما !-قوشنام ئادىل ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقتى،_ تۇرسۇنجان، قورۇقماڭلا، بۇ ئىت باغلاپ قويغان ئىت. ھەر قانچە قاۋىسىمۇ تالىيالمايدۇ.
__ نەدىن تاپقانسەن ئاداش بۇ ئىتنى؟  يۈرەكلىك ئۆيۈڭگىمۇ كىرگىلى بولمايدىغان بوپتۇ-دە ئەمدى؟
__ يېقىندىن بىرى ئەتىراپىمىزدىكى ئۆيلەردىن ئۇنىڭ-بونىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرى ئېلىپ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ مەنمۇ سەل ئەنسىرەپ قالدىم، شۇڭا بۇ ئىتنى تۈنۈگۈنلا سېتىۋالغانتىم، نېمىسىنى دەيسەن ئاداش، بۇ ئىت تۇلا قاۋاپ قۇلاق-مېڭەمنى يەپكەتتى، يولدىن كىم ئۆتسە قاۋايدۇ، ھەتتا مەن ئۆيدىن چىقساممۇ، خۇتۇن-بالامغىمۇ قاۋايدۇ، بىر مەزگىل ئۆتسە كۈنۈپ قالارمىكىن تاڭ.
__ ھە، مۇنداق دەڭلا، لېكىن بۇ ئىت سەل خەتەرلىكتەك قىلىدۇ جۇمۇ! ئەگەر زەنجىر ئۈزۈلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسا چاتاقنىڭ چوڭى چىققۇدەك...
__ لېكىن  بىر ياخشى يىرى بۇ ئىتقا يەيدىغان نەرسە بەرسەڭلا قاۋىمايدۇ.
__ بەك ئەقىللىق جۇمۇ سىلە، ئۇنداقتا ھەر قېتىم ئۆيۈڭلىگە كىرمەكچى بولسام ئىتقا يەيدىغان نەرسە بىرىۋېتىپ ئاندىن  كىرىمەنكەندە؟
__ ئەمدى،-دېدى ئالىم گەدىنىنى قاشلاپ،- كۈنۈپ بولغىچە شۇنداق قىلىسەندە...
شۇنىڭدىن كېيىن ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولسام ئۆيدىن پۇچۇق نان، ئاشقان-تاشقان تاماق دېگەنلەرنى كۆتۈرۈپ كېرىدىغان بولدۇم.ھېلىقى ئىت دەسلىپىدە مىنىڭ قارامنى كۆرسە  قاتتىق قاۋاپ كىتەتتىدە قولۇمدىكى يىمەكلىكلەرنى كۆرگەن ھامان قاۋاشتىن تۇم توختاپ قۇيرىقىنى شىپاڭشىتىشقا باشلايىتتى، مەن يەيدىغاننى ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ بىرىپ خاتىرجەم ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كىتەتتىم...
شۇ تەرەققىدە بىرەر ئايچە ئۆتتى،بۇ بىر ئاي جەريانىدا ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەملا  ئىتقا بىرىدىغان يىمەكلىكنى ئېلىۋېلىشنى زادىلا ئۇنۇتمۇدۇم. ھەر قېتىم دەرۋازا ئالدىغا كەلسەملا ھېلىقى ئىت ئىككى پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ قۇيرىقىنى توختىماي شىپاڭشىتىپ مىنى ‹‹قارشى ئالاتتى››  بىر قاراشقا بۇ ئىت ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندەكمۇ قىلاتتى.
بىر كۈنى ئىسىمدە يوق يەيدىغان نەرسە ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھېلىقى ئىت يەنىلا قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇردى.‹‹ ھەنىم بولسا ئاخىرى كۆندۈرۈپتىمەندە بۇ لالمىنى›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە...
ئۆيگە كىرسەم ئالىم بار ئىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن بىر چاغقىچە پاراڭلىشىپ، شاخمات ئويناپ قايتىپ چىقتىم. قايتىپ چېقىۋېتىپ ھېلىقى ئىتقا قاراپ ئىسقىرتىپ قويدۇم. ئىت يەنىلا ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىشقا باشلىدى .خىيالىمدا ئۇ ماڭا تۇلۇق كۆندىمۇ يوق قېشىغا بېرىپ سىيلاپ بېقىشنى ئويلىغانتىم، لېكىن دەسلەپتىكى چىشلىرىنى چىقىرىپ ماڭا خىرىس قىلغان ۋاقىتتىكى تۇرىقى ئىسىمگە كىلىپ تىنىم جۇغۇلداپ كەتتى -دە ،بۇ ئۇيۇمدىن دەرھال يالتايدىم...
ئۆيگە چىقىپ بولۇپ  تېلىفۇنۇمنىڭ ئالىمنىڭ ئۆيىدە ئۇنتۇلۇپ  قالغانلىقىنى بىلدىمدە ئۇنىڭ ئۆيىگە ئالدىراپ ماڭدىم، ھويلىغا ئەمدى كىرىشىمگە ‹‹ھاۋ !››دېگەن ئاۋازدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم.
__ تېلىفۇنۇڭغا كىرگەنمىتىڭ ئاداش،- شۇ ۋاقىتتا ئالىم ھويلىغا چىقتى.
__ ئاداش، ماۋۇ ئىت يەنە قاۋاۋاتىدىغۇ؟-ئىت زەنجىرنى ئۈزىۋەتكۈدەك بولۇپ توختىماي قاۋىغىلى تۇردى.
__  كۈنۈپ بولغىچە ئازراق يەيدىغان نەرسە ئەكىرسەڭ قاۋىمايىتتى ئەمەسمۇ ئاداش؟-دېدى ئالىم ھىجىيىپ.
__ قاچانغىچە مۇشۇنداق قىلارمەن...
ئالىم‹‹مەنمۇ بىلمەيمەن›› دېگەندەك دولىسىنى مىدىرلىتىپ قويدى...
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاققىچە ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرمەپتىمەن، ئۇ ئىتمۇ ئىسىمدىن چىكىتىپ قاپتۇ، بىر كۈنى ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ بولۇپ ھېلىقى ئىت ئۇۋىسىغا قارىدىم ھېلىقى ئىت زەنجىرگە باغلانغان پېتى تۇمۇشقىنى ئىچىگە تىقىپ يېتىپتۇ، ئويغۇنۇپ قاۋاپ كەتمىسۇن دەپ پۇتۇمنىڭ ئۇچچىدا ئاستا دەسسەپ مېڭىشىمغا ئالىم ئالدىمغا چىقىپ قالدى.
__ ئەنسىرمەي گۆس-گۆس دەسسەپ مېڭىۋەرسەڭمۇ بولىۋىرىدۇ ئاداش-دېدى ئۇ
__ قاۋاپ كەتسىچۇ؟-ئەجەپلىنىپ سورىدىم ئالىمدىن
__ خاتىرجەم بول، بۇ بىر قاۋىمايدىغان ئىت.مەنمۇ تېخى ئۆيگە بۈگۈن پەيدا بولۇشۇم، ھەپتە بورۇن خوتۇن-بالىنى ئېلىپ سىرىتقا چىقىپ كەتكەن، بۇ ئىتنى ھەممىمىز ئۇنتۇپ كىتىپتىمىز، كەلسەم ئۆلۈپ قاپتۇ...
__ ھە، مۇنداق دېگىن. مەن تېخى ئۇخلاپ ياتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
__ بىر ھىسابتا بۇمۇ بولدى، بۇ ئىت ھەتتا بىز بىر نەرسە بەرمىگۈچە بىزگىمۇ قاۋايىتتى، ئەمدى قۇلۇقۇم خېلى تىنىچلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن ...
__ ئەمدى بۇئىت  ئۈلۈپ قالسىمۇ مۇشۇنداق  باغلاپ قۇيامسەن؟-دېدىم كۈلۈپ
__ ھېلىلا ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئاچىقىپ كۈمىۋېتىمەن . بولدى، خاتىرجەم ئۆيگە كىرىۋەر ئاداش...
ئالىم شۇنداق دېسىمۇ ھېلىقى ئىت ھازىرلا ئورنىدىن چاچىراپ  تۇرۇپ ماڭا خىرىس قىلىپ قاۋاپ كىتىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى ..
.


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
‏ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-8-25 00:14:02 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھېكاينى ئوقۇپ ئىچىم  ئەجەب بىر بۇلۇپ قالدىم.ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم.لىكىن قانداق ئىنكاس يىزىشنى بىلمىگەندەكلا تۇيغۇ بار مەندە
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-8-25 00:21:44 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ئىت دىگەن ھامان ئىتتە ۋاقتى كەلسە ئىگىسىنى چىشلەيدۇ .
مىنىڭچە بۇ ھىكايە مۇۋاپپىقىيەتلىك چىقىپتۇ .يۇرۇتۇپ بىرىلىگەن مەركىزى ئىددىيە شۈنچىلىك رۇشەن .تەربىيۋى قىممىتى يۇقىرى

ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .بەرىكەتلىك بولۇڭ !
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2014-8-25 10:57:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئىتنىڭ گىلىغا نەرسە ئۇرىۋەتسە  قاۋىمايدۇ   دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، راست ئىكەنلىكىنى بۈگۈن بىلدىم .
بىزدە  بەزى يۈزسىز كىشىلەرنى   يۈزىدە تۈكى بار   دەپ ئىتقا ئوخشىتىدىغان ئىشمۇ  بار .
ئەسىرىڭىز  ئاز  ،  ساز  يىزىلىپتۇ .
قەلىمىڭىزگە  بەرىكەت تىلەيمەن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2014-8-25 12:32:16 | ئايرىم كۆرۈش
چوڭقۇر بىر مەنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.  تەشەككۈر!

0

تېما

13

يازما

417

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 577
يازما سانى:
13
تىللا:
369
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2014-11-23
6#
ۋاقتى: 2014-8-25 13:14:09 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يەردە ئىتنىڭ تولىلىقىدىن شۇنداق بىزار بولدۇم مۇشۇ ئىت دېگەندىن .  ساراڭدەك ھەممىسىلا بىردىن ئىتنى ئەگەشتۈرۋالغان . بەزىدە تېخى ئاتايىن ئىتىنى سەيلە قىلدۇرغىلى چىقىدىكەن تېخى . ئادەم قورققانچە ئادەمگە قاراپ قاۋاپ كېتىۋاتقان ئۇ سەت ئىتلار..........
شەرمى-ھايا قىز بوينىدىكى زۇننار !

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-8-31 00:12:17 | ئايرىم كۆرۈش
قالتىس ، ھىكايە قوش بىسلىق يىزىلىپتۇ جۇما...
نادىر تىمىلىرىڭىزنى يەنە مۇنبىرىمىزدە ئۇچرىتالىغىنىمدىن خۇشالمەن ئاكا.
مۇنبىرىمىز سىزنىڭ مۇشۇنداق يازمىلىرىڭىز بىلەن قىممىتىنى تاپقۇسى.

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-8-31 11:33:45 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ نىمە دەپ ئىنكاس يىزىشنى بىلمەي قالدىم ، ‹‹گالدىن ئۆتسە ئىغىز تۇتىلار ››دىگەن راسىتكەن جۇمۇ ،
  ئىت دىگەن ھامان ئىتتە ، گال ياغلاشسا خوش خوش  قۇرۇق قولغا پوش پوش ، ئىت دىگەن بەرگەن كىشىنى ئەمەس قولىدىكى نىمەتنى تونۇيدۇ ،
  
‹‹ئىتنىڭ زەردىسى يىگەندە تۇگەر
  بۇ خۇيى ئۆزگەرمەس ،ئۆلگەندە تۇگەر››

جىق گەقىمماي ، ھىكايە ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ .
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:55 , Processed in 0.135851 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش