|
كىچىكمدە ئۆيىمىزدە "لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى "ناملىق بىر كىتاب بۇلۇپ ،شۇ كىتابتىن بۇ شائىرىمىزنى تۇنۇغان ئىدىم."كۈرەشچان يىللار"،"مارت قىزى رەيھاننىڭ بۇيرۇقى "دىگەندەك شېئىرلىرى ،يەنە بىر قانچە دىرامما ئەسەرلىرى بۇلۇپ ،"غۇنچەم"دىراممىسنىمۇ شۇ كىتابتىن ئوقۇغىنىم ئېسىمدە .
كىتابنىڭ سىرىتىدىكى شائىرنىڭ پورتېرىتىنى دادام مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا قويۇش ئۈچۈنمۇ ئىشقىلىپ بىرپائالىيەت ئۈچۈن ،ماسىشتابقا ئېلىپ چوڭايتىپ سىزغان ئىدى.
يەنە نەچچە يىل ئۇزۇن ياشىيالىغان بولسا يەنە قانداق ئۆلمەس ئەسەرلەر بارلىققا كىلەتتىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە .
ئادەمنىڭ قىممىتى ھەرگىز ئۇنىڭ قانچىلىك ياشىغىنىدا ،قانداق كىيىملەرنى كىيىپ ،قانداق يىمەكلىكىنى يىگەنلىكىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ھاياتلىقىدا قانچىلىك قىممەت ياراتقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇدۇم.شائىر ھاياتىدىن ئايرىلغاندا ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېشىدىكەن ،ھازىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ياخشى ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك:مەن نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟يەنە نىمە ئىش قىلىشىم كېرەك؟ دىگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە.شائىرنىڭ ھاياتى پائاليىتىنىڭ مۇنبىرىمىزدە يوللىنىشى "تاڭ ئاتسا ،كەچ بولمىسا،ئاش بولسا ئىش بولمىسا"دەپ ئاتا-ئانىسى ئەبەرتكەن تەييار پۇلغا قاۋاقمۇ قاۋاق،دىبامۇ دىبا يۈرۈپ ،مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ يۈرۋاتقان ،چىكىملىكنىڭ ،ئىچىملىكنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىۋاتقانلارغا بىر سىگنال بوپتۇ.
قانداقتۇر ئۇلۇغ ئىشنى ئەمەس،ئۆزىڭىز قىلالىغۇدەك،ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ھايات يولىڭىزنى بېزەڭ! |
|
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
|
|
|
|
|