دەرمانسىز ئارمان
ئۇسسۇدۇم دېگىنىدە چۆلدە جانان،
كىرپىكىمنى يىڭنە قىلىپ قازدىم قۇدۇق.
شۇتا بولدۇم،تىرەك بولدۇم ئۆرلىمەككە،
ئۇ مۈرەمگە دەسسەپ تۇرۇپ تاپتى ئۇتۇق.
گەر ئىستىسە دىل ھۇزۇرى ھالاۋەتنى،
دىلخانەمدىن ئورۇن بەردىم كەڭ كۇشادە.
ئاستىم ئاڭا يۈرۈكۈمدىن پۈتۈپ تۇمار،
شان شەرەپلىك يولغا ماڭسا ئۇ پىيادە.
ئىستىقامەت ئەيلىمەكنى قىلسا نىيەت،
چىن ۋۇجۇدۇم، ئىشقىم بىلەن سالدىم بىنا.
سۇغارماققا باغلىدىم بەل ياشىم بىلەن،
چاڭقاپ كەتسە يارغا سايە بەرگەن چىنا.
كۆرسەتمەككە كەلگۈسىنى،مەنزىلىنى،
نىگار ئۈچۈن ئىگىز چوققا، قىيا بولدۇم.
چۈمۈلدۈرۈپ ھاياتىنى مەنالارغا،
تاغۇ تاشلىق،گۈل چىمەنلىك جىرا بولدۇم.
قېنىم بىلەن رەڭلەپ يارنىڭ چىمەنىنى،
ئاخىرەتتە كۆرۈمسىز نەس ماتا بولدۇم.
يىقلىغاندا دەرمان بىلەن ئىتەكىگە،
ئىرادىسىز،قورقۇنچاق،بىۋاپا بولدۇم.
ئارمان بىلەن ئۆتەرمۇ بۇ گۈل ياشلىقىم،
مۈدۈرۈپ كەتسەم باشقا كالتەك تېگەر قوشلاپ.
ھارام ماڭا جېنىم ئەمدى ۋىسال كۈيۈڭ
تۇرالمىدىم ئۆلەي بولدى زەھەر ئوتلاپ.
2016-يىل 20-يانۋار |