ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئارتۇچ : گەپ تاپتۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

59

يازما

445

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 708
يازما سانى:
59
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5
گەپ تاپتۇق


ئەل ئىشقىدا گۈلخاندەك يانغانلاردىن گەپ تاپتۇق ،
يۈرىكىگە ئۈمىدلەر تاڭغانلاردىن گەپ تاپتۇق ،
نۇسرەت تامان ، ھەق تامان ماڭغانلاردىن گەپ تاپتۇق ،
ۋەتەن سۆيگەن ئوت يۈرەك ، ۋولقانلاردىن گەپ تاپتۇق ،
مەنزىللەردە مەردانە كارۋانلاردىن گەپ تاپتۇق .



باھادىرنى ھەسەتتە  كۆكۈيۈندەك چاقىمىز ،
ئىزدەپ كىرلار تىرناقتىن بەدنامدىن تون ياپىمىز ،
گېزى كەلسە پىنھاندا زەھەرلىك ئوق ئاتىمىز ،
ساددىلارنى ئازدۇرۇپ نام - نەسەبنى ساتىمىز ،
ئەھلى ئىشچان ، ئاقكۆڭۈل ، مەردانلاردىن گەپ تاپتۇق .



ھۈرۈپ كەلدۇق سۆڭەك دەپ ئىتتەك قاۋاپ بەزىمىز ،
تاماخورلۇق ئىلكىدە يۈردۇق تۆكمەي تەرىمىز ،
كۆرەلمىدۇق ، ۋايسىدۇق بەركەت تاپسا ئەجرىمىز ،
ياخشىلارنىڭ ۋەسلىگە تەتۇر تۇردى پەيلىمىز ،
ياۋنى يېڭىپ ، تىك تۇرغان پالۋانلاردىن گەپ تاپتۇق .



پىتنە - پاسات تېرىدۇق مۇھەببەتتىن - شەپقەتتىن ،
سەپسەتىلەر تارقاتتۇق ئېسىل خىسلەت ،ھېكمەتتىن ،
مال- دۇنيانىڭ ئىشقىدا تاندۇق خالىس نىيەتتىن ،
سەۋدايىدەك تىنەيمىز شەيتان بەرگەن غەيۋەتتىن ،
ئەل كۆڭلىدىن ئورۇن - جاي ئالغانلاردىن گەپ تاپتۇق .



ئابرويپەرەس ، داغۋازلىق ۋابا بولدى ، جۇت بولدى ،
سېتىلماقتا ساپ سۆيگۈ يۈرەكلەرگە قان تولدى ،
پاكلىق ، ئىنساب مەلئۇنغا گويا تائام - نان بولدى ،
خەسىسىسلەرنىڭ ئويىدا بايلىق دېمەك جان بولدى ،
ئادىمىيلىك سازىنى چالغانلاردىن گەپ تاپتۇق ،



يالغان گەپلەر نەچچە ۋاخ كۈندە ياغدى تىللاردىن ،
بىكار بولساق ئۆسەك سۆز چېچەكلەيدۇ دىللاردىن ،
خۇش ھىد ئەمەس بەدبۇيلۇق تارقىلىدۇ ئىزلاردىن ،
ئۈنگەن كەبى ياۋا ئوت باغدىن ، ئېتىز - قىرلاردىن ،
ھالال ئىشلەپ ھاللانغان دېھقانلاردىن گەپ تاپتۇق .



بۇ دۇنياغا ھەممىمىز تۆت كۈنلۈكلا كەلگەنغۇ ،
ئەجرىمىزدىن چۆللەرگە گۈلى رەيھان تەرگەنغۇ ،
ئەھلى جانغا ھاياتلىق كەڭرى قۇچاق كەرگەنغۇ ،
سەۋەب قىلساڭ تەڭرىمىز رىزىقنى كەڭ بەرگەنغۇ ،
گاھ ساھىپخان ، مۇساپىر ،مېھمانلاردىن گەپ تاپتۇق .



بىلسەك يامان ئۆلۈمدىن تەپرىقچىلىق ، نادانلىق ،
ئېلىم - پەنگە ، ئۆمۈرگە ھۆرمەتسىزلىك ، قاراملىق ،
تىلتۇماردۇر پاك غورۇر ياشا ئىنسان ۋىژدانلىق ،
ۋىسال پەيزى ، ئارامى ، چىن گۈزەللىك ، ئامانلىق ،
ئۆم - ئىناقلىق سېپىلى قۇرغانلاردىن گەپ تاپتۇق .    
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ

چ چ : 2536190268 . يانفۇن : 15699088894
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-16 13:31:08 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا قالتىس چىقىپتۇ بۇ ‹‹گەپ تاپتۇق››دېگەن تېمىڭىز   بولسا مۇشۇنى بىر ناخشى قىلىپ ئوقۇسا
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!

7

تېما

493

يازما

3577

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 19
يازما سانى:
493
تىللا:
3068
تۆھپە:
8
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
229 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر ئاتىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-17 12:18:03 | ئايرىم كۆرۈش
مەزمۇنى بەك مەنىلىك ئىكەن ، دىمىسىمۇ قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەر گەپ تاپماي خۇتەن قارقاش دەرياسىدىن قاشتېشى تاپمايدۇ ئەلۋەتتە گەپ تاپىدۇ ....

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-4-20 18:04:44 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاتىكەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-22 15:26  

قالتىس  يىزىپسىز،تەشەككۈر  !

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

5#
ۋاقتى: 2016-4-24 15:35:12 | ئايرىم كۆرۈش
تەشەكككۈر ياخشى يىزىپسىز بۇنىڭدىن كىيىنكى تىمىلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن ھارمىغايسز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:48 , Processed in 0.124066 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش