|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ۋە مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار ، مەن 10.سىنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى مۇنبىرىمىز نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمىز، مۇنبىرىمىزدە مەن بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تەرلىرىنى ئاققۇزىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ بايرىمىنى بىر تەبرىكلىۋالغۇم كەلدى. مىنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى سىنىپ مۇدىرىم مۇنبىرىمىزدە بولغانلىقى بۇ ئىنكاسىمنى كۆرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىس قىلىمەن ، زورىنسا مۇئەللىم ۋە تاھىرجان مۇئەللىم بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇلۇغ ئاللا يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن.
يەنە نازاكەت ھەدەممۇ ئوقۇتقۇچى ، نازاكەت مۇئەللىم سىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا ئۇستاز بولىسىز ، گەرچە مەن سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرىسىڭىزنى ئاڭلاپ باقمىغان بولساممۇ سىزنىڭمۇ زورىنسا مۇئەللىم ۋە تاھىرجان مۇئەللىمىمگە ئوخشاش كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن ، سىلەرنىڭ ھەممە ئىشىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ، تىنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
دىلدوس ئاكا ، نازاكەت ھەدە ، بۇ قىتىمقى پىروگرامما ھەقىقەتەن سىلەردىن زور كۈچ تەلەپ قىلدى ، مۇنبەرداشلارغا ئۇقتۇرۇپ قويىشىم كىرەك دەپ ئويلىدىم ، خادىملىرىمىز ھەقىقەتەن جاپا چەكتى ، شۇڭا مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق دوسلارنىڭ بۇ پىروگراممىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .
مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ناخشا تەلەپ قىلغاندا ئىنكاس شەكلىدە تەلەپ قىلساڭلار بولىدۇ ، چوقۇم بىر ئەزا بىر قىتىمدا بىرلا ناخشا تەلەپ قىلىشى كىرەك ، بىردىن ئارتۇق تەلەپ پەقەت ئورۇندالمايدۇ ، ئالدىنقى ئورۇنغا كىرەلىشىڭىز كىرەك ، 10 تەلەپنىڭ سىرتىدا قالسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئورۇندالمايدۇ ، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ ، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس تىرىشقانلارغا مەنسۇپ دەيتىغۇ ، كىمۇ بىرسى .... |
|
|
|
|
|
|