ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كۆيدۈرۈلگەن كۈندىلىك خاتىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 13:51  



خاتىرەمنىڭ كۆپكۆك نۇرلىرى بەرگىدە قېتىپ قالغان بىر تامچە كۆز يېشى سېنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. سارغايغان ياپراقلاردەك ئالتۇن رەڭ كۆيدۈرۈلگەن بەتلەرنىڭ يېرىمىدە يەنىلا ساڭا يېزىلغان قۇرلار جۇش ئۇراتتى. قوللىرىم تىترەپ، ئېڭىكىمنى يۆلەپ كەچمىشلەر باغرىغا چۆكتۈم. سەن تېرىۋاتقان تۆتقۇلاقلار ئاپئاق قارنىڭ ياغلىقىدا ئورالغىنىچە ئۆزىنى ئوتقا ئاتتى. سەن بىلەن  بىللە چالغان دوستلۇق كۈيلىرىمىز ئاللىقانداق كۆزلەر تەرىپىدىن تىلىندى، دوستلۇقىمىز تالان - تاراج قىلىندى. يۈرىكىمگە ئورناپ قالغان شۇ تاتلىق ئاۋازىڭنىڭ قوڭغۇراقلىرى ھەسرەت كۈيلىرىگە چېلىندى. خازانلار ئىچىدە ئۆمىلەۋاتقان خەس جېنىمنى ئۈششۈك تەگكەن ياپراقلارغا ئوخشاتماقتىمەن.
شۇنداق، ئاللىقاچان گۈزەل ئارزۇلارغا ئۈششۈك تەگدى، كۆكلەۋاتقان مېھىر شېخىنى "ئۇقۇشماسلىق" دېگەن بىر سۆزنىڭ بارماقلىرى ئەيمەنمەي ئەگدى. شاماللاردىن ئەۋەتكەن خەتلەر شۇ پېتى قولۇمغا قايتىپ كەلگىنىچە مېنى مەسخىرە قىلماقتا، خىياللار خىياللارغا ئۇلىشىپ، چۈشلەر چۈشلەرنى قوغلىشىپ ۋاقىتنى يېمەكتە، ياق... يەۋاتقىنى كۆنۈپ قالغان شۇ گۈزەل تۇرمۇشۇمدۇر. تېخىچە بۇ كۈنلەرنى يالغان دېگۈم كېلىدۇ، ساڭا ھەممىنى چۈشەندۈرگۈم بولسىمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە تىلى كېسىلگەن دىۋانىدۇرمەن قەلب ئىشىكىڭگە يېتەلمىگەن.
شېئىر يېزىۋاتقان كېچىلەر ئايغا قاراپ چېچەكلەۋاتقان ھېسلىرىم ساڭا قاراپ ئۈنسىز قول پۇلاڭلاتماقتا، سېنى چاقىرىۋاتقان كۆزلىرىم تۆت تامغا تىكىلگىنىچە زۇلمەتلەرگە شۇڭغۇماقتا. يەنىلا سېنى ئىزدىمەكتىمەن، يۈرىكىڭدە قونۇپ قالغان قار ئۇچقۇنلىرىنى تۆتقۇلاق، سېرىنگۈللەر بىلەن بېزىمەكنى ئىزدىمەكتىمەن. يوللىرىڭدا ئۇچرىغان بىر تال تاش بولساممۇ مەيلى ئىدى، نەزەرسىز ئۆتۈپ كەتسەڭمۇ، خىيالچان دوستۇم...
يەنە نېمىلەرنى دەي، كۆيدۈرۈلگەن كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ بەتلىرىدە سېنىڭ تاتلىق قۇرلىرىڭ كەھرىۋادەك ئۆز جىلۋىسىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. ئوت ئىچىدە تولغىنىۋاتقان كۈيلىرىڭنىڭ مارجانلىرىنى تەرمەكتىمەن. چېچىلغان خازانلارنى، كۈل بولغان ئەسلىمىلەرنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولىمەن. بەلكىم يۈرىكىڭدە دوستلۇقىمىزدىن ئۇچقۇنلار ئۆچۈپمۇ قالغاندۇ (ئۇنداق ئويلىمىساممۇ) .

گۈرۈلدەپ كۆيمەكتە گۈزەل ئەسلىمە،
كۈندىلىك خاتىرەم ئالتۇن رەڭگىدە.
كۈل بولغان كەچمىشلەر كەلگۈچە قايتىپ،
ئېچىلسام قەلەندەر كىيگەن جەندىدە.

چېقىلغان قەدەھلەر پۈتۈنلىنەلمەس،
دەريالار كەينىگە ئاقمايدۇ (دۇرۇس).
مەن پەقەت كۈتۈشنىڭ قىزىلگۈلىدە-
چېچىلغان قوقاسمەن، تۇيغۇلار بىھۇش.

خازانلار باھارنى ئالسا ئېتەككە،
ياغلىقىڭ مەن ئۈچۈن لەپىلدەر دېدىم.
دوستلۇقنىڭ چېچىلغان مارجانلىرىدا،
مەن گويا توزۇغان بىر ئەختەر ئىدىم.

كۈتۈشنىڭ ئەڭ ئىگىز پەلەمپىيىدە،
سەن مېنى تېخىچە ساقلاۋاتىسەن.
ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرگەندە ئۆزۈم،
قەلبىمدە ئايلاندىڭ ئەڭ گۈزەل ۋەتەن.

تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ تورغاي كۆكسىدىن،
سەن ئۈچۈن مەجنۇنغا ئايلانغان كۈيلەر.
كۆيۈكلەر ئەملىنىپ مۇھەببەت بىلەن،
ئاق بوز ئات كىشنەيدۇ، كېلىپ بىر كۈنلەر.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

30

تېما

470

يازما

5253

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 31
يازما سانى:
470
تىللا:
2880
تۆھپە:
626
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
377 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-4 14:54:32 | ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل يازمىللىرىڭلارنى بەك سېغىنغان ئىدىم ئالىمجان ئاداش، تەشەككۈر  ئېسىل يېزىلغان ئەسەر بوپتۇ، قەلەم تۇلپارىڭلار ھارمىغاي  دوستۇم،.

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-4 15:34:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-4 15:41  

   كۈندىلىك  خاتىرىڭىزنى كۆيدۈرۈشتىن ئاۋال ماڭا  بەرسىڭىز  بومامدۇ   مەن  بىر ئوقۇۋەتسەم ...

سىزنى مەن تېخى   شېئىرلا   يازدۇ  دەپ  ئويلاپتىكەنمە   مۇنداق   ئىشمۇ بار دەڭا   ، بەك  ياخشى چىقىپتۇ  شېئىرلىرىڭىزمۇ  شۇ  ...      
لىرىكىڭىزنى  ئوقۇپ خىيال دەرياسىغا چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدىم  جۇمۇ.
   
   شۇنچە  ياندىشاي دىسەممۇ  ئىلھام  يوق ، باشقا بىر  كۈنى  چوقۇم  ياندىشىمەن .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-12-4 19:10:31 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق بىر ئېسىل خاتېرە كۆيدۈرگەنىدىم.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-12-5 09:28:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم ، بولۇپمۇ شېئىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇدۇم، ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بەھىر ئالدۇرغىنىڭىزغا، يەنە ئازراق ئازاپنى ئەسلەتكىنىڭىزگە رەھمەت .....ھى...ھى ......
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-12-5 09:33:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2015-12-4 19:10
مەنمۇ شۇنداق بىر ئېسىل خاتېرە كۆيدۈرگەنىدىم.

ئاللا ....ئاللا .....سىزمۇ خاتىرە كۆيدۈرگەنمىدىڭىز،  ئەسلىدە ماڭا بېرىپ تۇرسىڭىز مەن ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن كۆيدۈرسىڭىزمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ ......بولۇپتۇ نىمىلا دېگەن كۆيدۈرۈپ بولۇپسىز .........ھى ....ھى ......
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-12-5 10:50:32 | ئايرىم كۆرۈش
نەسىرنىمۇ  شىئىرغا  ئوخشاش ياخشى يادىكەنسىز  ئەمەسمۇ ؟
ئىجادىيىتىڭىزگە  ئۇتۇقلار ياربولغاي !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-12-5 21:03:01 | ئايرىم كۆرۈش
يۈرىكىم يوللىغان ۋاقتى  2015-12-5 09:33
ئاللا ....ئاللا .....سىزمۇ خاتىرە كۆيدۈرگەنمىدىڭىز،  ئەس ...

بىراق ئۇ سۆيگۈ خاتېرسى ئەمەس،مۇھىم بىر خاتېرە،ئەسلى كۆيدۈرمىسەممۇ بوپتىكەن،ھازىر پۇشايمان قىلىمەن.ئارزۇ ئۈمىدكە،ھېكمەت بىلىمگە تولغان خاتېرە ئىدى،ئۆيدىكىلەرمۇ بەك ياقتۇراتتى.كاللا كېتىدىغان نەرسىنى ساقلىمىغان تۈزۈك.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-12-6 16:43:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزىم يوللىغان ۋاقتى  2015-12-5 21:03
بىراق ئۇ سۆيگۈ خاتېرسى ئەمەس،مۇھىم بىر خاتېرە،ئەسلى  ...

ھە ....مۇنداق دەڭ.....مەن تىخى مۇھەببەت خاتىرسى بولسا ئوقۇشقا شۇنداق قىززىقىپ كەتكەن ئىدىم.........لىكىن مۇھەببەت خاتىرىڭىز بوپ قالسا كۆيدۈرۋەتمەي .....مەن ئوقۇپ بولغاندا ئاندىن كۆيدۈرۋەتىڭ جۇمۇ......
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
10#
ۋاقتى: 2015-12-7 18:38:20 | ئايرىم كۆرۈش
  قانداق  ئىنكاس  يېزىشنى  پەقەت  بىلەلمەيۋاتىمەن ،ھازىر  كاللام  قۇپقۇرۇقلا بۇپ  قالدى
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:44 , Processed in 0.161203 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش