ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 259|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىر كىچىدە غايىپ بولغان شەھەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

بىر كىچىدە غايىپ بولغان شەھەر



ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىدە پامپىي(庞贝Pompeii) دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر قەدىمىي شەھەر بار. ئۇ ئەسلىدە قەدىمكى رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەننىتى بولۇپ، 25مىڭ ئاھالىسى بار، مەنزىرىسى گۈزەل بىر ئاۋات شەھەر ئىدى.
لېكىن بۇ ئاۋات شەھەر بىر كىچىدىلا يەر يۈزىدىن يوقۇلۇپ1800يىلدىن كىيىن يەنە قايتا جاھانغا نامايەن بولغان.
1748-يىلى ئەتىياز، بىر دېھقان ئۆز ئۈزۈملىكىدە يەر كولاۋېتىپ تاساددىپىي بىر تۆمۈر ساندۇقنى بايقاپ قالغان، ساندۇقنى ئېچىپ ھەيران قالغان دېھقان خەۋەرنى بىردەمدىلا ھەريان يەتكۈزۈپ، توپ-توپ ئارخىلوگلار، كىپەن ئوغرىلىرى كېلىپ بۇكىچىك بازار قىزىپ كەتكەن. ساندۇقتىن چىققان ئېرىپ كەتكەن ئالتۇن-كۆمۈش زىبۇزىننەت بويۇملىرى ۋە قەدىمكى مىتال پۇلنى كۆرۈپلا كىشىلەر دەرھال پامپىي شەھىرىنىڭ يوقۇلىشىغا ئائىت رىۋايەتلەرنى ئەسكە ئېلىشقانىدى. ئىتالىيە ھۆكۆمىتى1876-يىلى پامپىي قەدىمىي شەھىرىگە بولغان قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قەدىمىي شەھەر كىشىلەرنىڭ كۆزئالدىدا نامايەن بولدى.



مىلادىدىن ئىلگىرى10-ئەسىرلەردە پامپىي پەقەت بىر كىچىك قەبىلە بولۇپ، كىشىلەر دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن جان كەچۈرەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى6- ئەسىردە گرىتسىيلىكلەر بۇ رايوننى ئىشخالىيەت قىلغان، ھەمدە دېڭىز سودا لىنىيسى ئۈستىدىكى مۇھىم ئورۇنغا ئايلانغان. كىيىن پامپىي قەدىمكى رىمنىڭ كۈچلۈك ھەربىي تەھتىتىگە باش ئېگىپ رىمنىڭ ئاۋات شەھىرىگە ئايلانغان.
پامپىي شەھىرى چاسا شەكىللىك، كۆلىمى1.5كۋاردرات كىلومېتىر بولۇپ، شەھەرنى شەھەر سېپىلى قورشاپ تۇرىدۇ، تۆت تەرەپكە قوۋۇق ئېچىلغان. شەھەر ئىچى رەت-رەت كوچىلار، يول يۈزىگە تاش پارچىلىرى يېيتىلغان. ئاساسىي كوچىنڭ كەڭلىكى10 مېتىر ئىككى چىتى پىيادىلەر يولى، ئوتتۇرى ھارۋا يولى بولۇپ تاش تاختا يېيتىلغان. يول يۈزىدىكى مىتال چاقلارنىڭ ئۇپرىتىشىدىن قالغان ئىزلاردىن بۇ كوچىلارنىڭ ئەينى چاغدا قانچىلىك ئاۋات ئىكەنلىكىنى كۆرۇش تەس ئەمەس ئىدى.




پامپىي قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۇرجىكىدە بىر چوڭ ئۈستى ئوچۇق گىلادىئاتورلار مەيدانى بار بولۇپ، يومۇلاق شەكىلدە ئەتراپىدا پەلەمپەيلىك كۆرۈش سۇپىسىغا 20مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ، بۇ ئەينى چاغدىكى شەھەر نوپوسىغا يېقىنلىشىدۇ. ياسىلىش ۋاقتىدىن قارىغاندا مىلادىدىن ئىلگىرى 70-يىلى ياسالغان بولۇپ، رىمنىڭ يۇمۇلاق تىياتىرخانىسىدىنمۇ 40يىل بۇرۇن ياسالغان.
مىلادى79-يىلى8-ئاينىڭ24-كۈنى سەھەر، پامپىي شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ۋېيسىۋېيئو يانار تېغى تۇيۇقسىز پارتىلىدى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان كۈل ۋە ماگمىلار ئەتراپقا يامرىغان. ئادەم نەپىسىنى قىسىدىغان زەھەرلىك گاز پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان...


18سائەتتىن كېيىن تەخمىنەن 100مىليارد توننا قورام تاش، توپا ۋە يانارتاغ كۈلى پامپىي شەھىرىنى ھاۋا كىرگۈسىز دەرىجىدە كۆمىۋەتكەن. تەبىئەت قىلچە ئىككىلەنمەيلا قەدىمكى رىمنىڭ ئەڭ ئاۋات شەھىرىنى يەر يۈزىدىن تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتكەن. پامپىي شەھىرى بىزگە پەقەت ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك مەدەنىيەت ئىزناسىنىلا قالدۇرغان.


بۇ قېتىملىق يانارتاغ پارتىلاش تارىخ بەتلىرىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيلەرنى قالدۇرغان، پامپىي شەھىرىنىڭ 25مىڭدىن كۆپرەك ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، پۈتۈن شەھەر يەرئاستىغا كىرىپ كەتكەن. پامپىي قەدىمىي شەھىرىنىڭ «تەبىئىي تارىخىي مۇزىي» دىگەن نامى بار، ھازىرغىچە بۇتۈن شەھەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىلا قېزىپ چىقىلغان، قالغان قىسمى تېخىچە قېلىن توپا ئاستىدا تۇرماقتا.
قوشۇمچە:

يانار تاغ پارتىلاش كىچىدە يۇز بارگەنلىكى ئۈچۇن كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنى چەتكە ئالالمىغان شۇنىڭ بىلەن لاتقا، يانار تاغ كۇلى سەۋەبىدىن تىرىكلا ھەيكەلگە ئايلىنىپ جان ئۈزگەن








يۇقاردىكى رەسىمدىكىسى ھەيكەلتاراشلارنىڭ ئەسىرى ئەمەس بەلكى يانار تاغ كۇلىگە كۆمىلىپ جان ئۆزگەن ئادەملەر

تىما مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى ، رەسىملەر بەيدۇ تورىدىن


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-12 18:05:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ شەھەر بىزنىڭ تۇران چۆل ( تەكتىماكان) غا ئوخشامدۇ قانداق ؟  چوڭلىرىمىزنىڭ سۆزلەپ بىرىشىچە تەكتىماكان ئەسلىدە گۈزەل  ، باي - باياشات بىر شەھەر ئىكەنمىش ، بىر كىچىدە قۇمغا باستۇرۇلغىنى مەلۇم . قۇرئاندىمۇ مۇشۇنداق بىر گەپلەر باردەك قىلغان .

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-12 18:33:15 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2015-6-12 18:05
بۇ شەھەر بىزنىڭ تۇران چۆل ( تەكتىماكان) غا ئوخشامدۇ قان ...

تارىخلاردا ۋە رىۋايەتلەردە ئىيتىلىشىچە تۇران چۆلدە ئەسلىدە 36 شەھەر دۆلىتى بولۇپ تۇران ئىمپىرىيىسىگە(ئەفراسىياپ) قارام بەگلىكلەر بولۇپ كىيىن بەگلىكلەرنىڭ ئىچكى نىزاھلىرى،ئۈرۇش،ئەڭ موھىمى ئىنسانلار ھەركىتىنىڭ تەسىرىدە تۇران چۆل موھىتىنىڭ ئۆزلۇكسىز يامانلىشىشى سەۋەبىدىن بۇ شەھەر دۆلەتلىرى بارا-بارا قۇمنىڭ ئاستىدا قالغان.
شەھرى كېتىك،شەھرى چەمەن،شەھرى لوپ،شەھرى مىرەن،شەھرى كىرورەن......قاتارلىق قەدىمى شەھەرلەر شۇ 36شەھەر دۆلىتى جۇملىسىدىن.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-6-12 19:04:00 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە  بىر  تارىخى  تىمىڭىزنى  كۆرگىنىمدىن  تولىمۇ  خۇرسەن  بولدۇم  .
ئىسىل تىمىڭىزنى  داۋاملىق  كۆرۈپ  تۇرۇشنى  ئۈمۈت  قىلىمەن  .
تىمىڭىزغا  رەھمەت !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

45

يازما

201

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 811
يازما سانى:
45
تىللا:
156
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
49 سائەت
ئاخىرقى:
2015-6-21
5#
ۋاقتى: 2015-6-13 09:22:10 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخ بىلىمىدىن يەنە بىرنى بىلىۋالدۇق.، رەھمەت سىزگە.
ئىسېل تىمىلىرىڭىز بۇنبەردىن ئايرىلمىغاي.
يالغۇز   تۇغۇلغان   بۇ  دۇنيادا   يالغۇز   قىلىشتىن    قۇرقۇپ   كەتمىدىم.

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-6-13 21:14:09 | ئايرىم كۆرۈش
راسلا  بەك  ئاۋات  شەھەر ئىكەن . ئىسىت . ئادەملىر ى   خۇددى  ھەيكەلدەكلا  كۆرىنىدىكەن . ئۇلار  ھەجەپ ئىسكىلىتقا  ئايلىنىپ  كەتمەپتۇ  ھە ؟
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
7#
ۋاقتى: 2015-6-17 08:40:41 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ياخشى ئەسەر بىلەن يۈز كۈرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:14 , Processed in 0.135284 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش