ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 456|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاقسۇ سېپىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                                       ئاقسۇ سېپىلى
                                                                    ( تارىختىن سۆز )

       بۇرۇنقى زاماندا نۇرغۇن شەھەرلەر تۆت ئەتراپىغا توپا، تاش بىلەن ياسالغان ئىگىز توساق بەرپا قىلىپ، سىرتنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە ئىشلەتكەن، كېيىنچە بۇ قۇرۇلۇش «سېپىل» دەپ ئاتالغان. تارىخىي خاتىرىلەر ئۆتمۈشتىكى ئاقسۇ شەھرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىمۇ ئەشۇنداق مۇداپىئە خاراكتىرلىك بىر سېپىلنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ۋە بۇ سېپىل ئەتراپىدا نۇرغۇن قانلىق ئورۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى  ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.   
     ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا پات-پاتلا چوڭلار بىلەن بىللە ئاقسۇ كونىشەھەردىن ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ يېڭىشەھەرگە چىقاتتۇق، يېڭىشەھەرگە چىقىپ ھارۋىدىن چۈشۈپ بىرئاز ماڭساقلا ھەيۋەتلىك بىر دەرۋازا ئالدىغا كېلەتتۇق. دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىگىز سېپىل بار ئىدى. دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن ئاندىن يېڭىشەھەرنىڭ ئىچكىرىكى بازىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. كېيىن چوڭلاردىن ئاڭلىسام، بىز كىرگەن بۇ دەرۋازا ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ئۈرۈمچى تەرەپكە بارىدىغان شىمالى دەرۋازىسى بولۇپ، ئەينى چاغدا تاشقىرقى بازار دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىدىكەندۇق. يەنە غەربىدە قەشقەر تەرەپكە ئۆتىدىغان گۈلباغ دەرۋازىسى، جەنۇبىدا يېڭىبازار دەرۋازىسى، شەرقىدە ئاسۇق دەرۋازىسى دەپ ئاتىلىدىغان دەرۋازىلىرى بولغانىكەن. شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىنى قېلىن ۋە ئىگىز سېپىل ئوراپ تۇرغاچقا، ئەشۇ دەرۋازىلاردىن كىرمەي تۇرۇپ شەھەر ئىچىگە كىرىش مومكىن ئەمەسكەن. شەھەرنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ مۇشۇ تۆت دەرۋازا ئارقىلىق بولاتتىكەن. مانا بۇلار مىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ سېپىلى ھەققىدە بىۋاستە كۆرگەنلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىمدىن ئىبارەت. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،ئاقسۇ شەھرىدىكى بۇ قەدىمىي سېپىل ۋە ئۇنىڭ تۆت دەرۋازىسى شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى بۇيىچە پەيدىنپەي چېقىۋىتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى ھازىرقى ئاقسۇ مەمۇرى مەھكىمە ئائىلىلىكلەر قوروسى ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان ئىكەن. مەن مۇشۇ تىمىنى يېزىش ئالدىدا ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ئەشۇ قالدۇق خارابە ئىزناسىنى كۆرۈپ سۈرەتكە تارتىۋالماقچى بولغانىدىم، ئەپسۇسكى، شۇ يەردىكى ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ساقلىنىپ قالغان مۇشۇ بىردىنبىر خارابە ئىزناسىمۇ بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا چېقىۋىتىلگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئاقسۇ سېپىلىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى قىلغىدەك ھىچقانداق ئىزئورنى قالماپتۇ. مەن ھەتتا ئاقسۇ مۇزىيىنىڭ ئىچىنى ئىزدەپمۇ بۇ سېپىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر پارچە سۈرەت تاپالمىدىم.
      ئاقسۇ سېپىلىنىڭ قاچان، نىمە ۋەجىدىن بەرپا قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىرەر مەلۇماتقا ئېرىشىش مەقسىدىدە، مەن ئاقسۇدىكى تارىخ-تەزكىرە ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم. «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» دە ئاقسۇ سېپىلىغا دائىر مۇنداق تارىخىي ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن ئىكەن:
    «مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى مىڭ ۋۇزۇڭ زامانىسىدىكى جېڭدې 8-يىلى (1513-يىلى) يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سەئىدخان قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىنىسى ئامان خوجا سۇلتاننى ئاقسۇغا بېرىپ، ئابابەكرى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن قەلئەنى قايتىدىن ياساشقا ئەۋەتتى.»
       «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى چيەنلوڭ 23-يىلى (1758-يىلى) 7-ئايدا كىچىك خوجا - خوجا جاھان ئاقسۇدىن كۇچادىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقلىرىغا ياردەمگە كېلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئارقىسىغا قاراپ قاچتى، ئاقسۇ شەھەر خەلقى شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، ئۇلارنى كىرگۈزمىدى، خوجا جاھان ئۇچتۇرپانغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن يەكەنگە قايتىپ كەتتى. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۇدىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ئەل بولدى، چىگرىنى تىنجىتقۇچى سانغۇن جاۋخۇي بىر پاي ئوق ئاتماي ئاقسۇ قەلئەسىنى ئالدى.»
      «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ ۋېنزۇڭ زامانىسىدىكى شيەنفېڭ 6-يىلى (1856-يىلى) 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ قەلئەسى سىرتىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا چاقماق چۈشۈپ،  شەھەر سېپىلى ۋە ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، بىر سەركەردە، توققۇز چىرىك تام ئاستىدا قېلىپ ئۆلگەنلىكتىن، شەھەر قوۋۇقىنى ساقلاش كۈرەسىنى باشقۇرۇۋاتقان مەسلىھەتچى سانغۇن، باش دىۋان قاتارلىقلار پىرقىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.»
      «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ مۇزۇڭ زامانىسىدىكى تۇڭجى 2-يىلى (1864-يىلى) 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كۇچادا ئىسىيان كۆتۈرگەن مۇسۇلمانلار  ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلدى، جامالىدىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئاقسۇ قەلئەسىنى ئىگىلىدى.»
      «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ دېزۇڭ زامانىسىدىكى گۈاڭشۈ 2-يىلى (1876-يىلى) 12-ئايدا روسىيە ئادەم ئەۋەتىپ، ئاقسۇنىڭ يوللىرى، يەر شەكلى، دەرياسىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكى، سۈيىنىڭ ئېقىش سۈرئېتى، ئاقسۇ شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى، شەھەر دەرۋازىسى، دوكانلىرى، ئاھالىسى، تۇرۇشلۇق قىسىم، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى.»
       «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ دېزۇڭ زامانىسىدىكى گۈاڭشۈ 19-يىلى (1893-يىلى) 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئاقسۇ ئەتراپىدا غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقا يۆنەلگەن ھالدا كۆپ قېتىم يەر تەۋرىدى. بولۇپمۇ 18-كۈنى يەر تەۋرەش ئەۋجىگە چىقىپ، گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى، ئۆي-ئىمارەت ۋە سېپىلنىڭ كۆپ جايلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى.»
      پېشقەدەم ژورنالىست ۋە يازغۇچى ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945-يىل» ناملىق تارىخىي قىسسەدە ئاقسۇ سېپىلىنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخى ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:
       «ئاقسۇ بازىرى ۋىلايەت مەركىزى بولسىمۇ، ئاھالىسى كونىشەھەر بازىرىنىڭكىدىن پەرقلىنەرلىك دەرىجىدە ئاز ئىدى. ئۇنىڭدا ۋىلايەتلىك، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى، ھەربى قىسىم ۋە ساقچى ئورگانلىرى شاھمات ئۇرۇقىدەك زىچ جايلاشقان بولۇپ، كىچىككىنە بىر جاي ئىدى. بولۇپمۇ شەھەر ئىچى قىسمى ئالاھىدە كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىز ۋە قېلىن سېپىلىنى 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا بولۇپ ئۆتكەن خەلق قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىرىدىن كېيىن، مانجۇ خاندانلىقىنىڭ بۇ يەردىكى ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى خەلقنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن سالدۇرغانىدى. سېپىل تۆت مېتىرچە قېلىنلىقتا سوقما تام شەكلىدە ئىگىز قىلىپ ياسالغان، قارىغاندا شەھەر سېپىلى چوڭراق بولۇپ، ۋىجىك ئادەمگە يوغان تون كەيدۈرۈپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى... شەھەر يەنە سىرت تەرەپتىن سېپىل بويلاپ قېزىلغان كەڭ ۋە چوڭقۇر خەندەك ئارقىلىقمۇ ئاۋات تاشقىرىقى بازاردىن ۋە شەھەرنى نېرىدىن قورشاپ تۇرغان لەڭگەر، ئاسۇق، خەيجاڭ، كونا مەپە بازىرى، سۇجۇ، يېڭىمەھەللە، ئېگەرچى، يېڭىبازار مەھەللىلىرىدىن ئايرىلىپ تۇراتتى، ئۈزلۈكسىز بولىۋاتقان خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن قورقۇپ، ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان مۇستەبىتلەر ھۆكۈمىتى يەنە سېپىل بىلەن خەندەك ئارىلىقىغا خېلى پۇختا ئېتىشىش تۆشۈكلىرىگە ئىگە قالقان شەكىللىك قوشۇمچە مۇداپىئە سوقمىلىرىنىمۇ ياسىغانىدى...شەھەر كىشىگە قۇم بارخىنىغا ئوخشاش قاقاس كۆرۈنەتتى. سېپىل ئىچىدە ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىدىغان ۋە شۇ كۈنلەردە بولسا قۇرۇپ كېتىش ھالىتىگە كېلىپ قالغان بىر نەچچە تۈپ قېرى قارىياغاچ، سۆگەت ۋە بىرەر-يېرىم تۈپ ئۈجمە ياكى ئامۇت دەرەخلىرىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، دەل-دەرەخ يوق ھىسابىدىلا ئىدى. سېپىل سىرتىنىڭ خەندەك بويلىرىمۇ گۈل-گىياھسىز، دەل-دەرەخسىز ئاق قىر شەكلىدە تۇراتتى. مۇستەبىتلەر سېپىل ئىچىگە ۋە سېپىل سىرتىغا  دەرەخ ئۆستۈرۈشنى جىنايەت ھىسابلايتتى. دەل-دەرەخ ئۇلار ئۈچۈن سېپىل مۇداپىئەسىنى بوشاشتۇرغۇچى خەۋپلىك نەرسە ئىدى. شۇڭلاشقا، ياز ئايلىرى سېپىل ئىچىدىكى بۇ شەھەر ئوت تەپتى ئورۇپ تۇرغان تونۇرغىلا ئوخشىشىپ قالاتتى.»
      يۇقىرقى تارىخىي خاتىرىلەردىن ئاقسۇ سېپىلىنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۈرلۈك يىغىلىق ۋە ئورۇش مەزگىللىرىدە مۇداپىئە ئېھتىياجى بىلەن ياسالغانلىقىنى قەيت قىلىشقا بولىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى ئاقسۇ سېپىلىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر توغرىسىدا «ئاقسۇ شەھرى تەزكىرىسى» دە يەنە مۇنداق خاتىرىلەنگەن:
      « مىنگونىڭ 34-يىلى (1945-يىلى) 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە ئۈچ ۋىلايەت (ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي) مىللى ئارمىيىسىدىن 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئاقسۇغا 1-قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. سېپىلغا ھۇجۇم قىلىپ ئالالماي چېكىندى. 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسىدىن 4000 دىن ئارتۇق ئادەم مىللىي ئارمىيىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابباسۇپ قاتارلىقلارنىڭ قۇماندانلىقىدا ئاقسۇغا 2-قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، شەھەر سېپىلىنى ئالالماي چېكىندى. 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئارمىيە ئاتلىق قىسىم 5-پولكىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە ئامانلىق قوغداش قۇماندانى جاۋخەنچى شىنجاڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ مەخپىي تېلېگراممىلىق تەستىقىغا ئاساسەن، ئاقسۇنىڭ غەربى دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ‹يىراقتىكى ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى› نىڭ ئەزالىرى، تەرەققىپەرۋەر ياشلاردىن 22 كىشىنى مەخپى ئۆلتۈردى، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى.»
       ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇغا ئىككى قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئاقسۇ سېپىلىنى ئالالمىغانلىقىغا دائىر تارىخىي پاكىتلارنى  «ئاقسۇدا 1945-يىل» ناملىق تارىخىي قىسسەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئاپتۇر ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋە كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەقىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن يېزىپ چىققان بۇ كىتابىدا، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئاقسۇ سېپىلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان  قانلىق كۈرەشلىرىنى ناھايتى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن.  مەن بۇ تىمامنىڭ ئۇزۇراپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەشۇ تارىخىي قىسسەدىكى ئاقسۇ سېپىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئىخچاملاشتۇرۇپ ۋە يىغىنچاقلاپ بايان قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم.

       1945-يىلى 8-ئاي، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنى بولغان سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ باتالىيۇنى ئابدۇكىرىم ئابباسوپ، قاسىمجان قەمبىرىلەرنىڭ سىياسى يېتەكچىلىكىدە تەڭرى تېغىنىڭ قېيىر تاغ ئېغىزىدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قاتمۇ-قات توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، غەلىبە بىلەن باي ناھىيىسىگە كىرىدۇ.  باي بازىرى قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن چاقماقتەك تېز ئازات قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى بىر روتا گومىنداڭ ئەسكىرىدىن قاچقانلىرى قېچىپ، قالغانلىرى تەسلىم بولىدۇ. مىللىي ئارمىيە باينى ئازات قىلغاندىن كېيىن ئوزاق ئۆتمەي ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ. ئۇلار بىر قىسىم ھەربىي كۈچىنى بايدا قالدۇرۇپ قويغاندىن تاشقىرى، قالغان قىسمى كېچىلەپ قوغانغا كېلىپ، بۇ يەردىكى بىر روتا گومىنداڭ ئەسكىرىنى يوقىتىپ قوغاننى ئىشغال قىلىدۇ، ئاندىن توختىماي ئىلگىرىلەپ قىزىل بۇلاق، بوزدۆڭ ۋە جامدا گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، دۈشمەننى تىرىپىرەن قىلىپ تاشلايدۇ. مىللىي ئارمىيە باتالىيۇنى جامدا قىسقا مەزگىللىك  دەم ئېلىش ۋە تەرتىپكە سېلىشتىن كېيىن، ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئىشلەمچى، تاز لەڭگىرى ئۆتەڭلىرىدە پارچە-پۇرات ئورۇش قىلغاندىن تاشقىرى، باشقا جايلاردا قارشىلىقسىز ئىلگىرلەپ، كونىشەھەرنىڭ يار بېشى قەبرىستانلىقىغا  يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يەردە  گومىنداڭ 5- ئاتلىقلار پولكىنىڭ تولۇق قوراللانغان بەش روتا ئەسكىرى ئىگىز قەبرىلەرنىڭ كەينىدە، گۈمبەزلەرنىڭ دالدىلىرىدا، پوتەي ۋە ئاكۇپلاردا يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇپ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە شىددەتلىك ئوق ياغدۇرىدۇ، جەڭچىلەر ئىلگىرىلىيەلمەي  قالىدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە تەرەپتىن ئارقىمۇ-ئارقا ئېتىلغان ئىككى پاي مىناميوت ئوقى گۈمبەزنىڭ يېنىدا پارتلاپ، گۈمبەزنى ۋەيران قىلىدۇ، دۈشمەن پىلىموتچىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن گۈمبەز تېمى ئاستىدا بېسىلىپ قالىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ھۇررا!...» توۋلىغان پېتى شىددەت بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەننى تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ، دۈشمەن 50 نەچچە ئۈلۈكى بىلەن 20 نەچچە يارىدارىنى تاشلاپ، يېڭىشەھەردىكى كونا ئۇۋىسىغا قاراپ قاچىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ بىر قىسمى كونىشەھەر(ھازىرقى ئونسۇ) بازىرىغا كىرىدۇ،  قالغان قىسمى قاچقان دۈشمەنلەرنى قوغلاپ يېڭىشەھەرگە چىقىدۇ ۋە سېپىلنى تۆت تەرەپتىن تەكشى قورشاپ، مۇستەھكەم مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلىدۇ. سېپىل ئۈستى بىلەن سېپىل سىرتى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ قانات يايىدۇ، مىلتىق، پىلىموتلاردىن ئۈزۈلمەي ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازلىرى پۈتۈن شەھەرنى قاپلايدۇ، مىناميوت ئوقى ۋە قول بومبىلىرىنىڭ قاتتىق پارتلاش ئاۋازلىرى كونىشەھەرگىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى ھەرقانداق نىشاننى بوش قويىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، سېپىل سىرتىدىكى  ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ بالىخانىلىرىدىن سېپىل ئۈستىدىكى دۈشمەنلەرگە چەنلەپ ئوق ئاتىدۇ. كونىشەھەردە قالغان باتالىيۇن شىتابى بىلەن بىر قىسىم جەڭچىلەر يار بېشىدىكى جەڭدە قۇربان بولغان 26 نەپەر جەڭچىنى خەلق ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە يار ئۈستى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىدۇ ۋە كونىشەھەردىكى گومىنداڭدىن قالغان كونا، چىرىك ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ  ئىگىز ۋە قېلىن سېپىل ئىچىگە كىرىۋېلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى مىللىي ئارمىيىنىڭ تېز ئورۇش قىلىپ تېز غەلىبە قىلىش تاكتىكىسى بۇيىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈشىگە ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئوزاققا سوزۇلۇشى ئېھتىماللىشىپ قالغان ۋە پات-پات ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئورۇش ۋەزىيىتىنى يېقىندىن بىۋاستە كونتىرول قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، مىللىي ئارمىيە باتالىيۇن شىتابى كونىشەھەر بازىرىدىن يېڭىشەھەرگە يېقىنراق بولغان ياتالماس كەنتىگە كۆچۈرۈپ كېلىنىدۇ.
       مىللىي ئارمىيىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنى ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، پىدائىي بولۇشنى تەلەپ قىلغۇچى ياشلاردىن بىر قانچە تۈركۈمىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلىنىشى بىلەن جەڭچىلەر يەنە كۆپىيىپ، ئۇلاردىن تولۇق ئادەم سانىغا ئىگە ئىككى ئاقسۇ باتالىيۇنى تەشكىل قىلىنىدۇ. ئۇلارغا ئەسلىدىكى يادرولۇق باتالىيۇن بىلەن باي ئازات قىلىنغاندىن كېيىن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان جەڭچىلەردىن تەركىب تاپقان بىر قانچە روتىنى قوشۇپ ھىسابلىغاندا، جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنى تولۇق بىر پولكقا تەڭ چوڭ ھەربىي بىرلىككە ئايلىنىدۇ. باتالىيۇن شىتابى غۇلجىغا رادىئوگرامما يوللاپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە باش شىتابىغا ئاقسۇدىكى جەڭ ئەھۋالىنى ۋە جەڭچىلەر سانىنىڭ ھەسسىلەپ كۆپەيگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ. ئوزاق ئۆمەي غۇلجىدىن جاۋاب رادىئوگرامما كېلىپ، مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنى ھەربىي قۇرۇلمىسىنىڭ پولك بولۇپ قۇرۇلغانلىقىنى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋنىڭ پولك كۇماندىرلىقىغا، ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ بىلەن قاسىمجان قەمبىرىنىڭ سىياسى كومىسارلىققا تەيىنلەنگەنلىكىنى،  ھەمدە ئۇلارغا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. غۇلجىدىن كەلگەن بۇ رادىئوگرامما بارلىق جەڭچىلەرگە يەتكۈزىلىدۇ، يېڭى جەڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن 1-باتالىيۇن شەھەر سېپىلىنى شىمال تەرەپتىن، 2-4-باتالىيۇنلار جەنۇپ ۋە شەرق تەرەپتىن قورشاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شەھەر سېپىلىنىڭ بۇ ئۈچ تەرەپتىكى دەرۋازىلىرى ئىچىدىن قوپۇرۇلغان قېلىن تاملار بىلەن ئېچىلماس قىلىپ ئېتىپ تاشلىنىپ، پەقەت غەرپ تەرەپتىكى گۈلباغ دەرۋازىسىلا قېچىشقا ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ۋاقىتلىق غورولاپ قويۇلغانىدى. مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى تۇتۇۋېلىنغان دۈشمەن رازىۋېتچىكلىرى ۋە ئەسىرلەر ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، سېپىل ئىچىدىن قېچىپ چىققۇچىلارغا يول بېرىپ، ئۇلارنى شەھەر سىرتىدا توسۇپ يوقىتىش ئۈچۈن، سېپىلنىڭ غەربىي دەرۋازىسىغا مۇھاسىرىچى باتالىيۇن قويمايدۇ.
     ئاقسۇ سېپىلى ئىچىگە كىرىۋالغان گومىنداڭچىلارنىڭ مۇھاسىرە ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقىنىغا 15 كۈن بولۇپ قالىدۇ. گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ كۇماندىرى جاۋخەنچىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچىگە يوللىغان جىددىي تېلېگراممىسىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىن ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كەلگەن بىر ئايرۇپىلان ئاقسۇ ئاسمىنىنىڭ ئىگىز ھاۋا بوشلۇقىدا ئوزاققىچە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ياردەم بۇيۇملىرىنى سېپىل ئىچىگە تاشلاپ بېرىش ئۈچۈن پەسلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ پەسلىگەن ھامان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ مەرگەنلەرچە ئوق ئۈزۈشىدىن قورقىدۇ. ئايرۇپىلان ئىگىز ئاسماندا خېلى ۋاقىت ئايلانغاندىن كېيىن ئاخىرى تەۋەككۇل قىلىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە يارىدارلارغا ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش بۇيۇملىرى قاچىلانغان چوڭ ئۈچ بولاقنى پاراشوت بىلەن يەرگە تاشلايدۇ، ئۇنىڭ بىرى بالداڭغا، يەنە ئىككىسى ياتالماس بىلەن سەكپاچى تەرەپكە چۈشۈپ، ھەممىسى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۈچۈن سېپىلنى قورشاش داۋامىدا ئارىلاپ ئوق ئۈزۈش، ئارىلاپ مىناميوت ئېتىپ قويۇش قاتارلىق پارچە-پورات ئورۇشلارنى ھىسابقا  ئالمىغاندا، سېپىل ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشنىڭ بىرەر ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىغا كەمچىل بولۇپ تۇرغان قورال-چوڭ كالبىرلىق دالا زەمبىرىكى ئىدى. ئەگەر مۇشۇ قورال بولغان بولسا، ئاقسۇ سېپىلى ئاللىقاچان  بۆسۈپ تاشلىنىپ،  جەڭچىلەر سېپىل ئىچىدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكى بىلەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ئىبارەت بۇ گېزەندىلەر ئۇۋىسىنى پاچاقلىۋەتكەن بولاتتى. ئاخىرى ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، سوپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، جەڭچىلەرنى مىلتىق دورىسى ۋە قول بومبىلىرىنى دۈۋىلەپ پارتلىتىش ئۇسۇلى بىلەن سېپىلدىن تۆشۈك ئېچىش تەييارلىقىنى قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ. بۇ ئىش ئۈچۈن تاللانغان جەڭچىلەردىن 30 كىشىلىك پارتلىتىش ئالاھىدە ئىزۋوتى تەشكىل قىلىنىدۇ. ئۇلار كېچىسى ئاي قاراڭغۇسىدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلىكى تاشقىرقى بازار دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ بىقىنىدىكى سالاخۇن ئۇستىنىڭ ئاشخانىسى ئىچىدىن سېپىل تۈۋىگە كېلىدۇ، يەنە بىر بۆلىكى  بىرلا ۋاقىتتا ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ شۇ يەردىكى چايخانىسى ۋە پوچتىخانا ئىچىدىن يۇشۇرۇنۇپ مېڭىپ سېپىلغا يېقىنلىشىدۇ. مىللىي ئارمىيىنىڭ موڭغۇل جەڭچىسى كۆكەنىڭ كۇماندىرلىقىدىكى ئوقچى باتالىيۇنى سېپىل ئۈستىدىن باش كۆتۈرگەن دۈشمەنلەرنى ئۇدۇللۇق ئېتىپ، پارتلاتقۇچى ئىزۋوتنى دۈشمەنلەرنىڭ ئوققا تۇتۇشىدىن قوغداپ تۇرىدۇ. پارتلاتقۇچى ئىزۋوت چەبدەس ھەرىكەت قىلىپ، سېپىل دەرۋازىسىنىڭ ئىككى بىقىنىدىن كىچىكرەك تونۇر چوڭلۇقىدا ئىككى ئۆڭكۈر قېزىپ چىقىدۇ، ئاندىن ھەربىرىگە ئون جىڭدىن مىلتىق دورىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە 15 دانىدىن قول بومبىسى قويۇپ بىرلا ۋاقىتتا پارتلىتىدۇ. كۈچلۈك گۈمبۈرلەش ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، كونىشەھەرگە ۋە ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئاڭلىنىدۇ. سېپىل ئىچىدىكى دۈشمەنلەر دەھشەتلىك پاتپاراقچىلىق ئىچىدە قالىدۇ، گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ كۇماندىرى جاۋخەنچى  چۆچۈپ ئويغىنىپ تالاغا يۈگىرەپ چىقىپلا، قاراڭغۇدا ئۆزىگە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىۋاتقان كانىۋىيىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قېلىپ، ھۇدۇقۇش ئىچىدە ئېتىۋېتىدۇ.                     
        سوقما تام شەكلىدە چىڭداپ سوقۇلغان ئاقسۇ سېپىلى قېلىن بولۇپ، ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىدى. شۇڭا قول بومبىسى ۋە مىلتىق دورىسى بىلەن پارتلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي چارە ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمەيدۇ، سېپىلدىن ئادەم ئۆتەلىگۈدەك تۆشۈكمۇ ئېچىلمايدۇ. مىللىي ئارمىيە پولكىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن جەڭچىلەر شەھەر ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشنىڭ كېچىكىۋاتقانلىقىدىن  بېشى قېتىۋاتقان چاغدا، غۇلامجان ئىسىملىك ئۆزبىك سەيپۇڭ مىللىي ئارمىيە شىتابىغا كېلىپ، كىگىزدىن ئوق ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ھۆل قىلىنغان كىگىز كىيىم بىلەن سېپىلغا يېقىنلىشىپ، سېپىل دەرۋازىسىغا ئوت قويۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ ھەم بۇ ئىشنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. غۇلامجان ل.مۇتەللىپ بىلەن بىللە قاماقتا ياتقان بىلال ئەزىزىنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى بولۇپ، قەلبىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە بولغان كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت ئوتى لاۋۇلداپ تۇراتتى. شىتاب رەھبەرلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇ شۇ كۈنىلا ئۆزىگە ئۆلچەپ كىگىزدىن كىيىم ۋە بۆك تىكىدۇ. ئوتنى ئىچ تەرەپتىن تام قىلىپ قوپۇرۇلمىغان غەربىي دەرۋازىغا قويۇش قارار قىلىنىدۇ. ئوت قويۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن بىر توڭ كىرسىن ۋە بىر باغلام قورۇق ئوتۇن تەييارلىنىدۇ. ئوت قويۇش ۋاقتىدا غۇلامجاننى سېپىل ئۈستىدىكى دۈشمەنلەرنىڭ ئوققا تۇتۇشىدىن قوغداش ئۈچۈن، بىر روتا جەڭچى غەربىي دەرۋازا تەرەپتە سېپىل ئۈستىگە ئوق ئېتىشقا بەلگىلىنىدۇ. مۇبادا دەرۋازىغا ئوت قويۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالسا، سېپىل ئىچىگە بۆسۈپ كىرىش ئۈچۈن ئىككى باتالىيۇن جەڭچى تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. تۈن نىسپى ئۆتۈپ ئاي ئولتۇرۇپ، ئاقسۇ ئاسمىنىدا تاڭ قاراڭغۇسى باشلانغان چاغدا، غۇلامجان ھۆللەنگەن كىگىز كىيىمنى كىيىپ، سۇجۇ مەھەللىسىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن تام ياقىلاپ كېلىپ سېپىل تەرەپكە يېقىنلىشىدۇ. بىراق، سۇجۇ كوچىسى بىلەن سېپىل ئارىلىقىدىكى كەڭ خەندەك توسالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنۇپ سېپىل تۈۋى بىلەن مېڭىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ. دۈشمەن غۇلامجاننىڭ ھەرىكىتىنى بايقاپ قالىدۇ-دە، سېپىل ئۈستىدىن پەسكە ئوق ياغدۇرۇشقا، قول بومبىلىرىنى تاشلاشقا باشلايدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىشى ئارقىسىدا دۈشمەنلەر سېپىلدىن بېشىنى كۆتىرىشكە ئامالسىز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ دەرۋازىدىن ئاللىقاچان تېشىپ تەييارلىۋالغان يوشۇرۇن تۆشۈكلەردىن ئوق چىقىرىشى بىلەن توڭغا ئوق تىگىپ تېشىلىپ كىرسىن ئېقىپ تۈگەيدۇ، غۇلامجاننىڭ قولىغا ئوق تىگىپ، بېشىغا قول بومبىسى چۈشۈپ ئېغىر يارىلىنىدۇ. دەرۋازىغا ئوت قويۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ.              
       ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكىغا ئايرۇپىلان ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن قورال-ياراغ، ئوق-دورا قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ھار ئالغان، قاتتىق غەزەپكە كەلگەن گومىنداڭ پولكوۋنىكى جاۋخەنچى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك باش قوماندانلىق شىتابىغا ئارقىمۇ-ئارقا تېلېگرامما يوللاپ ياردەم سورايدۇ. ئوزاق ئۆتمەي، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق 4-پىيادىلەر پولكىدىن ماڭدۇرۇلغان ئىككى باتالىيۇن ئەسكەر بايغا ھۇجۇم قىلىدۇ، مىللىي ئارمىيىنىڭ بايدا تۇرغۇزۇلغان ئىككى روتا جەڭچىسى بۇ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا دەسلەپكى چىقىمغا ئۇچراپ، ئاقسۇ تەرەپكە چېكىنىشكە باشلايدۇ. ئورۇش ۋەزىيىتى كەسكىن تۈسكە كىرىپ، 20 نەچچە كۈندىن بىرى ئاقسۇدا داۋام قىلىپ كەلگەن مۇھاسىرە قاماللىقى بۇزۇلۇش تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك باش قوماندانلىق شىتابى جاۋخەنچىنىڭ جىددىي تەلىپىگە ئاساسەن، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ كۇچادىكى 4-پىيادىلەر پولكىغا بىر قىسىم باتالىيۇنلىرىنى باي، ئاقسۇ تەرەپلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم يۈرۈشى بىلەن ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىش بىلەن بىللە، ئۇچتۇرپان، ئاقچىلاردا تۇرۇۋاتقان ھەربىي قىسىملىرىدىن تېرىپ قوراشتۇرۇلغان بىر باتالىيۇن ئەسكەرگىمۇ بۇيرۇق بېرىپ، ئۇلارنى ئۇچتۇرپاندىن ئاقسۇغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن شۇ كۈنى يولغا سالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىنىڭ بۇ كەمگىچە ئۆز قولىدا تۇرۇپ كەلگەن ھەربىي ئۈستۈنلىكى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. ئەمدى ئۇلارغا ئۆزىدىن كۆپ دۈشمەن ھەربىي كۈچلىرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇچتۇرپاندىن ماڭدۇرۇلغان دۈشمەن ئەسكەرلىرى ئاقيار يېزىسىغا يېقىنلاپ، كونىشەھەر بازىرىغا بولغان تەھدىتنى كۈچەيتىدۇ. بايدىن چېكىنىپ چىققان مىللىي ئارمىيە روتىسى قارا يۇلغۇندا توختاپ، مۇداپىئە تاكتىكىسى بۇيىچە دۈشمەننى توسۇش ئورۇشى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىدىن كۆپ دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي تەدرىجى چېكىنىدۇ. ۋەزىيەت مىنۇتسىرى كەسكىنلىشىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە باتالىيۇنلار بۇيىچە بۆلۈنۈپ ئورۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. راشىدىنجان باتالىيۇنى سېپىل مۇھاسىرىسىنى داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە قالىدۇ، يەنە ئىككى باتالىيۇن گومىنداڭ كۇچا 4-پىيادىلەر پولكىنىڭ ئاقسۇغا كېلىۋاتقان قىسىملىرىنى يول ئۈستىدە توسۇپ يوقىتىش ئۈچۈن جام، قارا يۇلغۇن تەرەپكە ماڭدۇرىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم جەڭچى ئۇچتۇرپاندىن كېلىۋاتقان دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىش ئۈچۈن ئاقيارغا ماڭىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاقياردىكى قاتتىق جەڭدە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي كونىشەھەر تەرەپكە چېكىنىدۇ. ئۇچتۇرپاندىن كەلگەن گومىنداڭ باتالىيۇنى توپتوغرا بالداڭ ئايرۇدۇرۇمىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ. بالداڭ ئايرۇدۇرۇمىنى ساقلاۋاتقان بىر روتا مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى دۈشمەن بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىدۇ. دۈشمەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپتىن قورشىۋالىدۇ، روتا كۇماندىرى، سىياسى يېتەكچى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە 17 جەڭچى قۇربان بولىدۇ. يەنە 20 نەپەر جەڭچى ئاتلىرىغا مىنىپ قېچىشقا ئۈلگۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى بىلەن بەزىلىرى ئانچە يىراققا بارمايلا قۇربان بولۇپ كېتىدۇ، 14 جەڭچى يارىدار بولىدۇ، قالغانلىرى يارىدارلارغا قوشۇلۇپ دۈشمەن قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. بالداڭ ئايرۇدۇرۇمىدىكى ئورۇش گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.                                                   
       ئۇچتۇرپاندىن كەلگەن گومىنداڭ باتالىيۇنىنىڭ بىر روتىسى ئايرۇدۇرۇمنى قوغداش ئۈچۈن بالداڭدا قېلىپ، قالغان ئۈچ روتىسى سېپىل ئىچىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىشىپ، سېپىلنى قورشاپ تۇرغان مىللىي ئارمىيىنىڭ راشىدىنجان باتالىيۇنىغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن شۇ ھامان ئاقسۇغا قاراپ ماڭىدۇ. سېپىل ئەتراپىدىكى ئورۇش قىسقا، ئەمما ناھايىتى كەسكىن بولىدۇ. شۇ كۈنى ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ ئىككى باتالىيۇن جەڭچىنى باشلاپ گومىنداڭنىڭ ئاقسۇغا قاراپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلىرى بىلەن ئورۇش قىلىش ئۈچۈن جام، قارا يۇلغۇن تەرەپكە كېتىپ، ياتالماستىكى مىللىي ئارمىيە شىتابىدا قاسىمجان قەمبىرى بىلەن سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ قالغانىدى. ئۇلار شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا ئالدىنقى سەپكە كېلىپ، سېپىل ئەتراپىدىكى ئورۇشتا راشىدىنجان باتالىيۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. ئاقيار، بالداڭ ئورۇشلىرىدا غەلىبە قىلىپ كۆرەڭلەپ كەتكەن گومىنداڭنىڭ ئۇچتۇرپان باتالىيۇنى ئاقسۇ بازىرىنىڭ گۈلباغ، ئىگەرچى مەھەللىلىرىگە بۆلۈنۈپ كېرىپ، سېپىل ئەتراپىدىكى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە غەرپ، جەنۇب تەرەپلەردىن بىرلا ۋاقىتتا شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلايدۇ. سېپىل ئىچىدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكى ياردەمچى كۈچنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، سېپىل سىرتىغا چىقىدۇ. مىللىي ئارمىيىنىڭ راشىدىنجان باتالىيۇنى مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. ئۇلار ئاسۇق، لەڭگەر، كونا مەپە بازىرى، خەيجاڭ مەھەللىلىرىدە مۈكۈنۈپ ئورۇش قىلىپ، دۈشمەنلەرگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. جەڭچىلەر ھويلىلارغا، ئۆيلەرگە، كوچا دوقمۇشلىرى ۋە دوكانلار ئىچىگە ئەپچىللىك بىلەن دالدىلىنىپ تۇرۇپ، ھەربىر گومىنداڭ ئەسكىرىنى يېقىندىن نىشانغا ئېلىپ ئوق ئۈزۈپ ئۆلتۈرىدۇ ۋە يارىدار قىلىدۇ. بىر باتالىيۇنلۇق ھەربىي كۈچنىڭ تۆت يېرىم باتالىيۇنچە دۈشمەن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بەرىبىر مومكىن ئەمەس ئىدى. ئاخىرى قاسىمجان قەمبىرى بىلەن سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ ئادەم كۈچىنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كېلىپ، راشىدىنجان باتالىيۇنىغا بىر تۇتاش چېكىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ياتالماسقا ئۆتۈپ قالسا، پولك شىتابى قولدىن كېتىپ، مىللىي ئارمىيە پولكىنىڭ بۇيەردىكى ھەربىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ھۈججەتلىرىنى ساق كۆچۈرۈپ كېتىش قىيىنچىلىققا ئۇچرايتتى. راشىدىنجان باتالىيۇنى قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار بىلەن بىللە ياتالماسقا كېلىپ، شىتاب ئىچىنى يىغىشتۇرغاندىن كېيىن كونىشەھەرگە كېتىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئوزاق تۇرالماي، پولك شىتابىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە تاز لەڭگىرى تەرەپكە چېكىنىدۇ. تاز لەڭگىرىگە راشىدىنجان باتالىيۇنى بىلەن بىللە كەلگەن قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار سىياسى كومىسار ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇيەردىكى شىددەتلىك جەڭگە بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تاز لەڭگىرىدىكى ئورۇشنى چاقماقتەك تېز بىرتەرەپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. چۈنكى، گومىنداڭنىڭ كونىشەھەرگە كىرگەن تۆت باتالىيۇندىن كۆپرەك ئەسكىرى كۈچى راشىدىنجان باتالىيۇنىنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلىشىپ، بۇيەرگە كېلىشى ئېنىق ئىدى، مۇبادا ئۇلار كۇچا 4- پىيادىلەر پولكىنىڭ باتالىيۇنلىرى بىلەن بىرلىشىۋالسا، تېخىمۇ زور قوشۇنغا ئايلىنىپ، مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى مۇھاسىرە قىلىۋېلىش ئارقىلىق كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشى مومكىن ئىدى. قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار باشچىلىقىدىكى راشىدىنجان باتالىيۇنىنىڭ جىددىي ئورۇش پەيتىدە تاز لەڭگىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ باشچىلىقىدىكى ئىككى باتالىيۇنغا قوشۇلۇشى بىلەن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، «ھۇررا»  توۋلىغان پېتى دۈشمەن سېپىگە شىددەت بىلەن  بۆسۈپ كىرىدۇ. ئون مىنۇتچە گىرەلەشمە جەڭ ۋە قىلىچۋازلىق ئورۇشىدىن كېيىن، گومىنداڭ كۇچا پولكىنىڭ قىسىملىرى 60 چە ئۈلۈكى بىلەن 50 كە يېقىن يارىدارىنى تاشلاپ، پەرىشانلىق بىلەن چېكىنىشكە باشلايدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى كەينىدىن قوغلايدۇ. دۈشمەنلەر جامغا كەلگەندە بىردىن يولىنى ئۆزگەرتىپ كۇچا تەرەپكە ئەمەس، بەلكى قوغان تەرەپكە يول ئالىدۇ. دۈشمەننىڭ مەقسىدى قېچىش باھانىسىدا قوغان، مۇزاتلارنى ئىگىلەپ، مىللىي ئارمىيە قوشۇنىنىڭ ئىلى تەرەپكە ئۆتۈش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىدى. شۇڭلاشقا، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئاقسۇغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىش پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، دۈشمەننىڭ كەينىدىن ئىزمۇ-ئىز قوغلاپ ماڭىدۇ. دۈشمەنلەر بوزدۆڭدىن ئۆتۈپ، يول ئۈستىدىكى جىلغا ۋە تاغ دونايلىرىغا مۆكۈنۈپ جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي، 15 ئەسكىرىنىڭ ئۈلۈشى، 14 ئەسكىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈشى بىلەن باي تەرەپكە چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ ھەربى سىتراتېگىيە جەھەتتە مۇھىم ئورۇن ھىسابلانغان قوغان ئىستىھكامى بىلەن مۇزداۋاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ئىگىزلىكنى ئىگىلەپ، مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىنىڭ مۇزداۋان ئارقىلىق ئىلى تەرەپكە ئۆتىدىغان يولىنى توسۇۋېلىش قەستى مەغلۇپ بولىدۇ.   
                        گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكى بىلەن ئۇچتۇرپان   باتالىيۇنى مىللىي ئارمىيە راشىدىنجان باتالىيۇنىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ تازلەڭگىرىگە كەلگەن بولسىمۇ، كۇچادىن كەلگەن گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئەنسىرەش ئىچىدە ئاقسۇ شەھرىگە قايتىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىنىڭ  ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا باستۇرۇپ كىلىشىنى ئويلاپ،  يۈزلىگەن ھاشارچىلارنى مەجبۇرلاش ئارقىلىق، ئالدىراشلىق بىلەن ياربېشى قەبرىستانلىقىدا يېڭى ھەربىي قۇرۇلمىلارنى ياسايدۇ. مىللىي ئارمىيە  ئاقسۇغا يەنە باستۇرۇپ كېلىپ قالغاندا پايدىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، سېپىل ئەتراپىدىكى تاشقىرقى بازارنى، كوچىلاردىكى ئىگىز ئۆي-ئىمارەتلەرنى، شۇ جۈملىدىن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى بىلەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى جايلاشقان يېڭى بىنا قاتارلىق چوڭ بىر يۈرۈش  ئىمارەتلەرنى، ئىشخانا ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىنى چېقىپ ۋە كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئاقسۇ يېڭىشەھەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئاۋات تاشقىرقى بازىرى بىلەن يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرى، ئاشخانىلار، چايخانىلار، ناۋايخانا، سامسىخانىلار، كىچىك سودا-سېتىق دوكانلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ، ئاھالىلار ئۆي-ماكانسىز، مەكتەپلەر دەرسخانىسىز قالىدۇ...                                                
   مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى گومىنداڭ كۇچا 4-پىيادىلەر پولكىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن ئىشلەمچى، تاز لەڭگىرى ۋە بوزدۆڭ جىلغىلىرىدا  ئېلىپ بېرىلغان غەلىبىلىك ئورۇشلاردىن كېيىن، بوزدۆڭدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالىدۇ، ئۇلار بۇ قىرغىز يايلىقىدا يېتەرلىك ئارام ئېلىۋالغاندىن تاشقىرى،  مىللىي ئارمىيە سېپىگە كىرىشنى تەلەپ قىلغان ئون نەچچە قىرغىز ياشلىرى بىلەن ئەتراپتىكى تىكەنقۇرۇق، تۇزئاۋات، قىزىل بۇلاق، قارا بۇلاق قاتارلىق ئۆتەڭ ۋە كەنتلەردىن كەلگەن پىدائىيلاردىن يېڭى ئىزۋوت تەشكىللەپ، ئۇلارنى ھەربى قوراللارنى ئىشلىتىش ۋە ئورۇش قىلىش ماھارىتى بۇيىچە تەربىيلەش، مەشىقلەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا غۇلجا بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى  ۋە مىللىي ئارمىيە باش شىتابىدىن يېڭى كۆرسەتمە ۋە زۆرۈر ئەمەلىي ياردەملەرنى ئېلىپ، ئاقسۇغا قايتىدىن بۆسۈپ كىرىشنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەيدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ قولىدىكى ئاتلاردىن بەزىلىرى ئوق تىگىپ كاردىن چىققان، بەزىلىرىگە قېرىلىق يېتىپ مىنگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن قىرغىز چارۋىچىلىرى  ئوتلاق، يايلاقلاردا بېقىلىۋاتقان ئونلىغان شاش، ئاساۋ ئاتلىرىنى ئەكىلىپ ئۆز قىزغىنلىقى بىلەن مىللىي ئارمىيىگە تەقدىم قىلىدۇ، ئىگىرى يوق ئاتلارنى يېڭى ئىگەرلەر بىلەن جابدۇپ بېرىدۇ. بۇ قىسقا مەزگىللىك ھاردۇق داۋامىدا قىرغىز خەلقىنىڭ ئەزىز مېھمىنى سۈپىتىدە كۈتىۋېلىنغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ئوبدانغىنا ھال-ئەھۋالىغا كېلىۋالغاندىن تاشقىرى، ھەربىي ئاتلارمۇ ئاز-تولا سەمىرىپ، ئۇچقۇرلۇق ھالىتىگە كېلىپ قالىدۇ. ئاڭغىچە ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى نامىدىن غۇلجا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن  مىللىي ئارمىيە باش شىتابىغا يېڭى ئورۇش پىلانىنى مەلۇم قىلىپ رادىئوگرامما يوللايدۇ. غۇلجىدىن جاۋاب رادىئوگرامما كېلىپ، مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىغا بوزدۆڭدىن توپتوغرا ئاقسۇغا قايتىپ، شەھەرگە تېز بۆسۈپ كىرىش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى غۇلجا تەرەپنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاقسۇغا تېز يۈرۈش قىلىپ، يار بېشى قەبرىستانلىقىدىكى كەپتەرخانا گۈمبىزىدە مۇداپىئە نۇقتىسى بەرپا قىلىپ ياتقان بىر ئىزۋوت گومىنداڭ ئەسكىرىنى تۇيدۇرماي كېلىپ يوقىتىپ، تاڭ ۋاقتى بىلەن كونىشەھەر بازىرىغا كىرىدۇ، ئاندىن ھايالسىزلا يېڭىشەھەر تەرەپكە ئۆتۈپ، ئاقسۇ سېپىلىنى ئىككىنچى قېتىم مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.     
                                مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى بوزدۆڭدە تۇرغان مەزگىلدە، ئاقسۇدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سېپىل ئۈستىدىكى ۋەيرانە پوتەيلىرىنى باشقىدىن تۈزەشتۈرۈپ بۇرۇنقىدىن ئىگىزلىتىۋالىدۇ، تاملىرىنى لايلاپ قېلىنلىتىۋالىدۇ، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى سېپىل تۈۋىنى پارتلىتىپ ھاسىل قىلغان ئىككى چوڭ يوچۇقنى تاش-تۇپراقلار بىلەن چىڭداپ مۇستەھكەم ئېتىۋالىدۇ، سېپىل سىرتىدىكى بەزى كوچا ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنى بىر تۇتاش كۆيدۈرۈپ ئوچۇق تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. گومىنداڭچىلار بۇ قىسقا مەزگىلدە يەنە يېزا-كەنتلەردە ئارقىمۇ-ئارقا بۇلاڭچىلىق يۈرگۈزۈپ، كۆپ مىقداردا ئاشلىق، ماي، چارۋا-مال، كۆكتات ۋە يەم-خەشەك يىغىۋېلىش ئارقىلىق،  سېپىل ئىچىدىكى قورۇقدىلىپ قالاي دىگەن ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاسىرىگە يەتكىدەك زاپاس ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تولدۇرۇۋالىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن سېپىل ئىچىدىكى گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ قوغدىنىپ تۇرۇپ ئورۇش قىلىش ۋەزىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيە قوشۇنىنىڭ پاسسىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش ھالىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ. جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنى مۇشۇنداق پايدىسىز شارائېت ئاستىدا سېپىلنى قورشايدۇ. سېپىل سىرتىدىكى لەڭگەر، ئاسۇق، خەيجاڭ مەھەللىلىرىدىن نىشانلاپ تۇرۇپ ئېتىلغان مىناميوت ئوقلىرى سېپىل ئۈستىدە، 5-ئاتلىقلار پولكى بىلەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ھويلىلىرىدا پارتلاپ، گومىنداڭنىڭ ئەسكەر ۋە ساقچىلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە يارىدار قىلىدۇ، پوتەيلەردە دەز-يوچۇق پەيدا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ مىللىي ئارمىيە تەرەپتىكى ئەھۋال ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇلارغا كۆيدۈرۈپ، ئۆرۈپ تۈزلىۋېتىلگەن خارابە ئۆيلەرنىڭ  ئىچىدە تۇرۇپ ئورۇش قىلىشقا توغرا كەلگەنلىكتىن، نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا ئۇچرايدۇ، دەسلىۋىدىلا 12 جەڭچى قۇربان بولىدۇ.                                                         
       ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاسىرە باشلىنىپ ھەش-پەش دىگىچە بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئورۇش ۋەزىيىتىدە كۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدۇ. ياتالماس كەنتىدىكى چوڭ باغلىق ھويلىغا جايلاشقان  مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىنىڭ شىتابىدا ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ ۋە ھەرقايسى ئوفتىسىرلەر ئۆزئارا باش قوشۇپ، سېپىل ئىچىگە بۆسۈپ كىرىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە مەسلىھەت  ئېلىپ بارىدۇ. كۆكرەك كىرىپ جانپىدالىق بىلەن سېپىل ئۈستىگە چىقىپ دۈشمەن بىلەن گىرەلەشمە جەڭ ئېلىپ بېرىش-جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى ئۈچۈن شۇ تاپتا جىددىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىگىشلىك ئورۇش تاكتىكىسى بولۇپ قالىدۇ. تولۇق مەسلىھەتلىشىشلەردىن كېيىن، سېپىلغا چىقىدىغان شۇتا ياساش، سېپىل ئۈستى گىرەلەشمە جېڭى ئۈچۈن پىدائىي جەڭچىلەرنى تاللاش قاتارلىق تەييارلىق ئىشلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. سېپىل ئۈستى گىرەلەشمە جېڭى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى باتالىيۇن، روتا كۇماندىرلىرى ۋە سىياسى يېتەكچىلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلغاندىن كېيىن، بارلىق جەڭچىلەرگە ئۇقتۇرۇلۇپ، ئۇلاردىن سېپىلغا چىققۇچىلارنى تىزىملاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئوقچىلار باتالىيۇنىنىڭ كۇماندىرى، موڭغۇل يىگىتى كۆكە، قىلىچۋازلار باتالىيۇنىنىڭ كۇماندىرى راشىدىنجان، ھۇجۇمچى باتالىيۇننىڭ كۇماندىرى، قازاق يىگىتى قالىكەش قاتارلىقلار ھەممىدىن ئاۋال ئىرادە بىلدۈرۈپ، سېپىلغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. جەڭچىلەرمۇ كەينى-كەينىدىن ئىلتىماس قىلىشىپ، سېپىل ئۈستىدىكى گىرەلەشمە جەڭگە قاتنىشىش ئىرادىسىنى بىلدۈرىدۇ. پولك رەھبەرلىرى نۇرغۇن قېتىم تاسقاش، تەھلىل قىلىشلاردىن كېيىن، ئەڭ ئاۋال سېپىلغا چىقىدىغان ئىككى كىشىنىڭ بىرىگە قالىكەشنى، يەنە بىرىگە قالىكەش باتالىيۇنى بىرنچى روتىسىنىڭ سىياسى يېتەكچىسى قادىرنى تاللايدۇ.  ئەسلى موڭغۇلكۈرەلىك بولغان  قازاق يىگىتى قالىكەش ئاقسۇدا خېلى ئوزاقتىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، سېپىل ئىچىدىكى كوچىلارنى، جۈملىدىن  ل.مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى قاتارلىق جەڭگىۋار ياشلار قامالغان قاماقخانىلارنى ئېنىق بىلەتتى. قالىكەش بىلەن قادىر سېپىل ئۈستىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى قەدەمدە ئىگىزگە ئۆرلەپ، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار تاللىنىدۇ. جەڭچىلەرنىڭ قەتئىي تەلىپى بۇيىچە تاللاش ئارقىلىق مۇختار، نۇرۇللا، رۇستەم، يۇنۇس، نىجات، يولۋاس، تاشپولات، خالىق، شاكىرجان ۋە كىچىك قاسىمجانلاردىن ئىبارەت ئون نەپەر جەڭچىدىن بىر ئۆتدېلىنىيە تەشكىل قىلىنىپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىغا بۆسۈپ كىرىشكە بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئون جەڭچىنىڭ بىرقىسمى ئاقسۇ ۋە بايلىق جەڭچىلەر بولۇپ، قالغانلىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن نىلقا ياكى غۇلجىدا بىللە ئوقۇغان تەڭقۇر ساۋاقداشلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ سېپىلغا بىرىنچى، ئىككىنچى قەدەملەردە چىققۇچىلار بەلگىلىنىپ بولىدۇ، سېپىل ئۈستى ۋە سېپىل ئىچىدە ئورۇش قىلىش ۋەزىپىسى قالىكەش باتالىيۇنىغا تاپشۇرىلىدۇ. ئۇلار سېپىل ئىچىدىكى قارشىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئارقىلىق دەرۋازىنى ئېچىپ، سېپىلنى سىرتتىن قورشاپ تۇرغان باتالىيۇنلارنىڭ سېپىل ئىچىگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ كىرىشىگە يول ھازىرلاپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.                                             
    سېپىلغا چىققۇچىلارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى  بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىكى ئىش شۇتا ياساشتا قالىدۇ. شۇتا قوپال بولماي كۆتىرىش ۋە يۆتكەشكە ئەپلىك يىنىك، ئۇزۇن بولۇشى، شۇنداقلا بىر باتالىيۇن جەڭچىنىڭ بىر-بىرلەپ دەسسەپ يوقىرىغا چىقىشىغا چىداشلىق بېرەلەيدىغان دەرىجىدە پۇختا ۋە مەزمۇت بولۇشى كېرەك ئىدى. يېڭىشەھەر بازىرى ئەتراپىنى يېرىم چەمبەر شەكلىدە ئوراپ ئاقىدىغان دولان دەرياسى بويلىرىدا تەبىئىي ئۆسۈپ چوڭايغان سۇۋادان تېرەكلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇتا ياساشقا  باب كېلىدىغانلىرىمۇ بار ئىدى. قالىكەش بىلەن قادىر  ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تۈز ۋە راۋۇرۇس ئۆسكەنلىرىنى كېسىپ كېلىدۇ ھەم يار تۈۋىدىكى تاجاخۇن باغۋەننىڭ بېغىدا شۇتا ياساشقا كىرىشىدۇ. خېلى ياخشى ياغاچچىلىق ھۈنىرى بولغان قالىكەش شۇتىنى ئۆزى ئۆلچەپ ئۆزى ياسايدۇ. باغنىڭ بىر تەرىپى يارغا تۇتاش بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇتىنى سېپىلنىڭ بۇيىغا ئۆلچەپ ياسىغاندەك دەلمۇ-دەل قىلىپ ياسىغىلى بولاتتى، شۇنداقلا شۇتىنى يارغا يۆلەپ تۇرۇپ تەقلىدى ھالدا سېپىلغا چىقىش مەشقى قىلغىلى بولاتتى. شۇتا كۆڭۈلدىكىدەك ئەپچىل ۋە پۇختا ياسىلىپ بولۇش بىلەن تەڭ، سېپىلغا ئۆرلەش مەشقى باشلىنىپ كېتىدۇ. ياش ھۇجۇمكار جەڭچىلەر قالىكەشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇدا ئۈچ كۈن سېپىلغا چىقىش مەشقىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە دۈشمەنلەر بىلەن گىرەلەشمە جەڭ قىلىش، قول بومبىسى تاشلاش، قىلىچۋازلىق قىلىش ماھارىتىنى، قاماقخانا ئىشىكلىرىنى قۇمۇرۇش ياكى ئوت قويۇش يوللىرىنى ۋە بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتىدىكى ئۆزىنى قوغداپ تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىلىرىنى تەكرار مەشىق قىلىدۇ. ئاڭغىچە رامىزان ئېيى 22-كۈنىگە قەدەم قويۇپ، كېچىنىڭ  يېرىم تۈنىدە قاراڭغۇلىشىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ، شۇ كۈنى كېچە سائەت 12 بولغان مەزگىل- سېپىلغا چىقىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.                       
     تەييارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دۈشمەنگە سىزىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، جەڭ شۇتىسى قاش قارىيىپ خېلى قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقىتتا باغدىن يېڭىبازار تەرەپكە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. يېڭىبازار مەھەللىسى شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا بولۇپ، بۇيەردە بىر قىسىم ھەربى ئوفتىسىرلار بىلەن ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ سېپىلغا يۆلەپ سېلىنغان تۇرار جايلىرى بولغانلىقتىن، بۇ تەرەپتىكى خەندەك ئاللىقاچان تىندۇرۇۋېتىلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي سېپىل ئىچ تەرەپتىن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۆيلىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، سىياسى مەھبۇسلار بىلەن تولغان قاماقخانىمۇ دەل شۇيەردىكى سېپىلغا يانداش تۇراتتى، بۇ تەرەپكە يەنە ناھىيىلىك ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ قاماقخانىسىمۇ جايلاشقان ئىدى. سېپىل ئىچىگە بۆسۈپ كىرىش قەدىمىنى جەنۇپ تەرەپتىن باشلىغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا، بىلال ئەزىزى قاتارلىق ياش ئۇچقۇنلارنى قۇتقۇزۇپ چىققىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ قاماقخانىسىدا ياتقان بىگۇناھ دېھقان مەھبۇسلارنىمۇ ئازات قىلغىلى بولاتتى. شۇڭا، سېپىل ئۈستىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇمنى شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن باشلاش قارار قىلىنىدۇ. سېپىل ئۈستى گىرەلەشمە جېڭى ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈنى كۈندۈزى قاتتىق ئوق ئېتىشمىلىرى بولغان بولسىمۇ، كەچ كىرگەندىن تارتىپ مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋاقتىنچە ئوق ئېتىشنى توختىتىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت دۈشمەنلەردە خاتىرجەملىك پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى قىسمەن بولسىمۇ غەپلەت ئىسكەنجىسىگە سېلىپ قويۇش ئىدى. ئاڭغىچە مىللىي ئارمىيە باتالىيۇنلىرى سېپىلغا تېخىمۇ يېقىنراق سىلجىپ، شەھەرگە قارىتا جىمجىت مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلىۋالىدۇ. قالىكەشنىڭ ھۇجۇمچى باتالىيۇنىدىكى جەڭچىلەر سېپىل ئۈستىدىكى گىرەلەشمە جەڭ تەلىپىگە ئاساسەن، قىلىچ، نەيزە، خەنجەر، قول بومبىسى بىلەن ۋە قىسمەنلىرى مىلتىق، تاپانچا ۋە ئاپتۇماتلار بىلەن قوراللىنىپ، يېڭىبازاردىكى سېپىلغا يېقىن ھويلىلارغا ئالدىنئالا جايلىشىپ، ھۇجۇم ھالىتىدە تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. سېپىلغا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قەدەمدە چىققۇچىلارنىڭ ھەممىسى سېپىل ئۈستى ۋە سېپىل ئاستىدىكى كەسكىن ئېلىشىشلاردا بىر-بىرىنى تونۇۋېلىشى ئۈچۈن، بەلگە ئورنىدا بۇيۇنلىرىغا ئاق خەسە چىگىۋالىدۇ. مۇھەممەت مۇئەللىم باتالىيۇنىدىكى جەڭچىلەر سېپىلدىن سىرىلىپ قېچىشقا ئورۇنغان دۈشمەنلەرنى ئۇدۇللۇق يوقىتىشقا مەسئۇل قىلىنىدۇ، كۆكە باتالىيۇنى بىلەن راشىدىنجان باتالىيۇنى گۈلباغ تەرەپكە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. چۈنكى، گۈلباغ دەرۋازىسى ئورۇش باشلانغاندىن تارتىپ غورولاپ مەھكەم ئېتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما سېپىلنىڭ شىمال، جەنۇب، شەرق تەرەپتىكى دەرۋازىلىرىغا ئوخشاش ئىچى تەرەپتىن قېلىن تام بىلەن قوپۇرۇلۇپ ئېچىلماس قىلىۋېتىلمىگەن بولغاچقا، ئاساسىي كۈچ گۈلباغ دەرۋازىسى تەرەپكە قويۇلسا، دۈشمەننىڭ قېچىش يولىنى توسۇۋالغىلى بولاتتى. پولك رەھبەرلىرىمۇ ئىش تەقسىملىشىۋالىدۇ، ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ سېپىلغا چىقىش ئوپىراتسىيىسىگە بىۋاستە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن قالىكەش باتالىيۇنىدا تۇرىدۇ، قاسىمجان قەمبىرى مۇھەممەت مۇئەللىم باتالىيۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ  كۆكە، راشىدىنجان باتالىيۇنلىرىغا ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىشقا قويۇلىدۇ. دۈشمەنگە ئوڭدىن شەپە بېرىپ سولدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسى بۇيىچە، دۈشمەننىڭ دىققىتىنى شىمال تەرەپكە بەنت قىلىپ، جەنۇب تەرەپتە قالىكەش، قادىرلارنىڭ سېپىلغا ئوڭۇشلۇق چىقىشىغا شارائېت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 30 كىشىلىك مىناميوتچىلار ئىزۋوتى تەشكىل قىلىنىپ، شەھەرنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى كونا مەپە بازىرى، سۇجو، خەيجاڭ مەھەللىلىرى ۋە لەڭگەر كوچىسى ئەتراپلىرىغا  مۆكتۈرۈپ قويۇلىدۇ.                                                              
      ئاقسۇنىڭ بۇلۇتسىز ئاسمىنىدا ئاي ئولتۇرۇپ، تۈن قاراڭغۇسى باشلىنىش بىلەن تەڭ، لەڭگەر تەرەپتىن ئېتىلغان مىناميوت ئوقلىرى شىمالىي سېپىل ئۈستىگە چۈشۈپ، پوتەيلەرنى ۋەيران قىلىشقا باشلايدۇ، بەزىلىرى 5-ئاتلىقلار پولكى ئىچىدە ۋە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ھويلىلىرىدا پارتلاپ، گومىنداڭ ھەربى، ساقچىلىرىنى پاتپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. مىناميوتلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە دۈشمەنلەر ئوچۇقچىلىقتىن قېچىپ دالدا جاي ۋە ئۆچەكلەرگە كىرىپ يوشۇرۇنۇۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوت ئېچىش توختاپ، سېپىل ئۈستى قىسقا مەزگىللىك نىسپىي جىمجىتلىق قوينىغا كىرگەندە، جەنۇبىي سېپىلغا شۇتا تىكلىنىپ، قالىكەش بىلەن قادىر دۈشمەن سېپىلى ئۈستىدە پەيدا بولىدۇ، دۈشمەنلەر بۇنى بايقاپ بولغىچە، ئاپتۇماتلاردىن شىددەت بىلەن ئوق ياغىدۇ، دۈشمەنلەر ئالاقزادىلىككە چۆكۈپ، مۆككەن جايلىرىدا تۇرۇۋېرىشنى ياكى قېچىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. پوتەيلەردىن قېچىپ چىقىپ قۇتۇلماقچى بولغان بىر قانچە دۈشمەن شۇيەردىلا ئوق تىگىپ جان بېرىدۇ. يان تەرەپتىكى پوتەيگە يوشۇرۇنغان بىرقانچە گومىنداڭ ئەسكىرى تەرسالىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ پىلىموتتىن ئوق ئۈزمەكچى بولغاندا، بۇنى بايقاپ قالغان قالىكەش ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قول بومبىسى تاشلاپ، ئۇلارنى پوتەينىڭ ئۆرۈلگەن توپا، كېسەكلىرى ئاستىغا كۆمۈۋېتىدۇ. شۇ ئەسنادا مۇختار، نۇرۇللا، رۇستەم، شاكىرجان، يۇنۇس، نىجات، كىچىك قاسىمجان، يولۋاس، خالىق، تاشپولاتلاردىن ئىبارەت ياش پىدائىيلار ئارقىمۇ-ئارقا بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان ئۇلىنىپ سېپىلغا چىقىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان جەڭگىۋار ۋەزىپىگە ئاساسەن كېسەك پەلەمپەي بىلەن سېپىل ئىچىگە چۈشۈپ، قاماقخانا تەرەپكە باتۇرلۇق بىلەن  بېسىپ كېلىدۇ. يول ئۈستىدە ئۇلار ئارىلاپ لەخمىلەردىن ئېتىلغان ئوقلارنىڭ، پوتەيلەردىن تاشلانغان قول بومبىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، قاماقخانا ھويلىسىدا گومىنداڭنىڭ بىر ئىزۋوت قوراللىق ساقچىسى پوتەيلەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، ياش پىدائىيلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى دۈشمەن پوتىيىنى پارتلىتىپ تاشلاشقىچە بولغان قىسقا مەزگىللىك شىددەتلىك جەڭدە خالىق بىلەن يۇنۇسقا ئوق تىگىپ مەردلەرچە قۇربان بولىدۇ. شاكىرجان مۈرىسىدىن يارىدار بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ سەپتىن چۈشۈپ قالماي يېرىم جان ھالەتتە باشقا ھەمراھلىرى بىلەن بىللە جەڭنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ياش پىدائىيلار كامېرلارغا يېقىنلاپ تار دوقمۇشتىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئىككىنچى بىر پوتەيدىكى قوراللىق ساقچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. رۇستەم پوتەي تۆشۈكىگە قول بومبىسى تاشلاش ئۈچۈن ئۆمىلەپ كېتىۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن ئېتىلغان ئوق بىلەن قۇربان بولىدۇ. ئارقىدىن نىجات بىلەن تاشپولات ئىز بېسىپ ئىككى تەرەپتىن ئۆمىلەپ كېلىپ، ئىككى دانە قول بومبىسى بىلەن پوتەينى ۋەيران قىلىدۇ. ئاندىن ھايات قالغان ياش پىدائىيلار تېز ئىلگىرىلەپ كامېرلارغا يېقىنلىشىدۇ. ياش پىدائىيلار ھەربىر كامېر تۈۋىدە ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، بۇيەردە ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن جەڭدە شاكىرجان بىلەن نىجات قۇربان بولىدۇ. قالغان جەڭنى كىچىك قاسىمجان، نۇرۇللا، مۇختار، تاشپولاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كېلىدۇ. دۈشمەنلەر تەرەپ-تەرەپتىكى ئوت توچكىلىرىدىن شىددەت بىلەن ئوق ياغدۇرىدۇ، ياش پىدائىيلاردا ئوق ۋە قول بومبىسى تۈگەپ كېتىدۇ. سېپىل ئۈستىدىن قاماقخانا ھويلىسىغا يىگىرمىدەك گومىنداڭ ئەسكىرى يامراپ چۈشكەن چاغدا، بۇ تۆت نەپەر پىدائىي ياش قىلىچ، خەنجەرلەر ئارقىلىق دۈشمەن بىلەن باتۇرانە ئېلىشىپ، ئالتە دۈشمەن ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە يارىدار قىلىدۇ. دەسلەپتىلا ياردەمچى كۈچتىن مەھرۇم قالغان بۇ ياش پىدائىيلار ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ دۈشمەننىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئاخىرى قەھرىمانلارچە قۇربان بولىدۇ، كامېرلارنىڭ ئەتراپى ئۇلارنىڭ ساپ قىزىل قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ. قاماقخانىدىكى قانلىق كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك كەسكىن ئېلىشىشلاردىن كېيىن ئەنە شۇنداق پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.                                                   
      قالىكەش بىلەن بىرىنچى قەدەمدە سېپىلغا چىققان قادىرغا ياش پىدائىيلار سېپىلغا كۆتىرىلىۋاتقان چاغدىلا ئوق تىگىپ قۇربان بولۇپ كېتىدۇ. قالىكەشنىڭ يالغۇز ئۆزىگە بىر نەچچە دۈشمەن بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئورۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ ئىزۋوت كۇماندىرى خاكى قول ئاستىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ سېپىل ئۈستى ئورۇشى باشلىنىش بىلەنلا پوتەيلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزىپىنى باسالماي، ئۆزى يالغۇز قالىكەشنىڭ ئالدىغا قول بومبىسى تاشلاش ئۈچۈن يېقىنلاپ كېلىدۇ. قالىكەشنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئاتقان ئوقىدا خاكى يىقىلىدۇ، لېكىن ئوق ئۇنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگمىگەنلىكتىن ئۆلمەيدۇ، بەلكى يىنىك يارىدار بولۇپ، ئۆلگەن قىياپەتتە شۇك يېتىۋالىدۇ. ئۇ قالىكەشنىڭ ئاپتۇماتقا يېڭىدىن ئوق بېسىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قالىكەشكە قول بومبىسى تاشلايدۇ. بۇ كۈتۈلمىگەن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا  قالىكەش دۈشمەننى ئېتىپ تاشلاشقا ياكى ئۆزىنى قوغداپ قېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، بومبا زەربىسى بىلەن شۇتىدىن پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاندىن خاكى شۇتىنى قايرىپ يەرگە ئۆرۈۋېتىدۇ، ھۇجۇمچى باتالىيۇن سېپىلغا چىقالماي قالىدۇ. ئۈلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان دۈشمەنلەر شۇ چاغدىلا ھۇشىغا كەلگەندەك بولۇپ، سېپىل ئۈستىدىن پەسكە قارىتىپ شىددەت بىلەن ئوت ئاچىدۇ. ئاڭغىچە باتۇرلۇق، پىداكارلىق ۋە قەيسەرلىك ئىچىدە ئۆتكەن بىر كېچە ئاخىرلىشىپ، تاڭ يورۇشقا باشلايدۇ. سېپىلغا چىقىش جېڭىدە قالىكەش، قادىر، ساقچى قاماقخانىسىدىكى جەڭدە مۇختار، نۇرۇللا، رۇستەم، يۇنۇس، نىجات، كىچىك قاسىمجان، يولۋاس، شاكىرجان، خالىق، تاشپولات قۇربان بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى ئورۇندىكى جەڭدە  دۈشمەنلەرنىڭ 40 تىن كۆپرەك ئەسكەر ۋە ساقچىسىى، جۈملىدىن روتا ۋە ئىزۋوت كۇماندىرلىرىدىن تۆتى جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.               
                    قالىكەش، قادىرلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ كېچىسى كونىشەھەر خانىقا مەسچىتىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندىلا خانىقا ئالدىدا بىر قانچەيۈز كىشىلىك جامائەت توپى سەپ تارتىپ تۇرىدۇ. ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار بىلەن پولك شىتابىنىڭ ئوفتىسىر خادىملىرى ۋە بىر قىسىم باتالىيۇن، روتا كۇماندىرلىرى بەللىرىگە ئاق پوتا باغلىغان ھالدا خانىقا ئالدىدا ھازىر بولىدۇ. مىيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ياربېشى قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىلىپ يەرلىكتە قويىلىدۇ ۋە قەبرىلىرى قاتۇرىلىدۇ. ئاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش قوشۇنىنىڭ سىياسى كومىسارى، پولكوۋنىك ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ مىيىت ئوزاتقىلى چىققان جامائەت ئالدىدا تەزىيە نۇتقى سۆزلەيدۇ. «سېپىلغا چىققان قالىكەش قاتارلىق 12 جەڭچىمىز،-دەيدۇ ئۇ،-يېڭىشەھەرنىڭ بىريېرىم ئەسىرلىك ئىگىز، كونا قەلئەسى ئۈستىگە مەردانىلىق بىلەن ئۆرلەپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۆمۈر دەرۋازا، تۆمۈر پەنجىرىلىك قاماقخانا ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، سېپىل ئۈستى، شەھەر ئىچى ۋە قاماقخانا ھويلىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قىسقىغىنە ئون مىنۇتلۇق  قانلىق ئېلىشىشتا دۈشمەننىڭ 40 نەچچە ئەسكىرى ۋە ساقچىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە پوتەينى ۋەيران قىلدى. قازاق خەلقىنىڭ ئىپتىخارلىق ئوغلانى قالىكەش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باتۇر جەڭچىسى قادىر تېنچ يېتىڭلار! پاك جەسىتىڭلار دۈشمەننىڭ نىجىس قولىدا قالغان ئون نەپەر قەھرىمان جەڭچىمىز سىلەرمۇ تېنچ يېتىڭلار!...» ئۇنىڭ كەينىدىن قاسىمجان قەمبىرى بىلەن سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلارمۇ سۆز قىلىپ، بۇ 12 نەپەر قەھرىمان جەڭچىنىڭ مىللىي ئارمىيىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئىش-ئىزلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. دەپنە مۇراسىمى ئاخىرلىشىپ جامائەت قەبرىستانلىقتىن تارقايدۇ.   
مىللىي ئارمىيە جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى بىرىنچى قېتىملىق سېپىلغا چىقىش ئورۇشىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئىككىنچى قېتىملىق سېپىلغا چىقىش ئورۇشىغا جىددىي تەييارلىق كۆرىدۇ. بۇ قېتىم سېپىلغا تۆت تەرەپتىن تەڭلا چىقىش پىلانلىنىپ، تۆت دانە شۇتا ياسىلىدۇ. پۈتكۈل پولك 12 نەپەر جەڭچىنىڭ ئۈلۈمى ئۈچۈن دۈشمەندىن ئىنتىقام ئېلىش ۋە ئۇلار ئورۇندىيالماي قالغان ئىشنى ئىككىنچى قېتىم  قەتئىي ئورۇنداش ئىرادىسىگە كېلىپ، جەڭچى ۋە كۇماندىرلار ئارىسىدا سېپىلغا چىقىشنى تەلەپ قىلىش بۇيىچە مىسىلسىز دولقۇن كۆتىرىلىدۇ. پولك شىتابىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق، ئىككىنچى قېتىملىق سېپىل ئۈستى ئورۇشى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى موڭغۇل يىگىتى كۆكە كۇماندىرلىق قىلىۋاتقان ھۇجۇمچى باتالىيۇن بىلەن راشىدىنجان كۇماندىرلىق قىلىدىغان قىلىچۋازلار باتالىيۇنىغا تاپشۇرىلىدۇ. كۆكە باتالىيۇنىنىڭ ئىككى روتىسى شەھەرنىڭ شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىن سېپىلغا چىقىشقا، راشىدىنجان باتالىيۇنىنىڭ ئىككى روتىسى  شىمال ۋە غەرب تەرەپتىن سېپىلغا چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە  سېپىلغا ئۆرلەش مەشقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىدۇ. پولك كۇماندىرى سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ ئورۇش سېپىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئېتىغا  مىنىپ كانىۋىيى بىلەن بىللە سېپىل تەرەپكە ماڭىدۇ. ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ بىلەن قاسىمجان قەمبىرى سېپىل ئۈستىدە قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇمنىڭ باشقا تەييارلىقلىرى ئۈستىدە بىر قۇر مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن، پولك شىتابىنىڭ ئارقىسىدىكى باغقا ئۆتۈپ شۇتىلارنى ئاخىرقى قېتىم تەپسىلى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. دەل شۇ چاغدا، سېپىلغا چىقىشنىڭ رەسمىي مەشىقلىرىنى باشلىۋېتىش ئۈچۈن ھۇجۇمچى باتالىيۇن بىلەن قىلىچۋازلار باتالىيۇنىدىن  ئونغا يېقىن جەڭچى شۇتىلارنى ئالغىلى كېلىدۇ. ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ بىلەن قاسىمجان قەمبىرى غۇلجا تەرەپنى ئىككىنچى قېتىملىق سېپىلغا چىقىش پىلانىدىن خەۋەردار قىلىپ قويۇش مەقسىدىدە رادىئوگرامما تېكىستى يېزىش ئۈچۈن ئىشخانا تەرەپكە ماڭغاندا، رادىست ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ ئالدىغا  كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بىلەن مىللىي ئارمىيە باش شىتابىدىن رادىئوگرامما ئارقىلىق يېڭى ئەۋەتىلگەن جىددىي بۇيرۇقنى يەتكۈزىدۇ. سىياسى كومىسارلار رادىئوگراممىنى بىرقۇر ئوقۇپ چىقىدۇ-دە، ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا ئېغىر سۈكۈناتقا چۈمۈپ ئىشخانىغا كىرىپ كېتىدۇ. سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋنىمۇ چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئادەم ماڭدۇرىلىدۇ، شۇتىنى ئېلىشقا كەلگەن جەڭچىلەر قايتۇرۇۋېتىلىپ، شۇتىلار مىدىر-سىدىر قىلماي شىتاب بېغىدا قالدۇرىلىدۇ. بۇنىڭدىن جەڭچىلەرمۇ، پولك شىتابىدىكى ئوفتىسىرلەرمۇ چۈشىنىكسىز ھېس قىلىپ، ھەيرانلىق ئىچىدە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق سېپىلغا چىقىش ئورۇشىغا بولغان قىزغىنلىق ۋە چەبدەسلىكلەر بىردىن پەسىيىپ، شىتاب  ئىچى جىمىپ قالغاندەك بولىدۇ. غۇلجىدىن بۇ قېتىم كەلگەن رادىئوگرامما تامامەن يېڭى، ھىچكىم شۇ چاققىچە ئويلاپ باقمىغان مەزمۇندا بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن سەپ بۇيىچە ئورۇش توختىتىشى توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىلگەن ئىدى. بۇ بۇيرۇققا ئاساسەن ئىككىنچى قېتىملىق سېپىلغا چىقىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بۇيرۇقتا خەلقئارا فاشىزىمغا قارشى ئورۇش غەلىبىگە ئېرىشىپ، دۇنيا ۋاقىتلىق تېنچلىق دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقى، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى جياڭ جيېشى يېقىندا رادىئو نۇتقى سۆزلەپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە ئورۇش توختىتىپ ئۆزلىرى بىلەن تېنچلىق سۆھبىتى  ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلغانلىقى، شۇڭا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭمۇ ئورۇش توختىتىپ تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكى، ئاقسۇدىكى مىللىي ئارمىيە پولكىنىڭ دەرھال ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئېيتىلغان ئىدى. غۇلجا تەرەپتىن كەلگەن بۇ بۇيرۇق پولك شىتابىدا قىسقا بىر مەزگىل تېڭىرقاش ۋە ھەيرانلىق پەيدا قىلىدۇ. ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ چوڭقۇر خىيال بىلەن پىشانىسىنى تۇتقىنچە ئولتۇرۇپ قالىدۇ، قولىدىكى قەلەم ئۈستەلگە سىرىلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ. قاسىمجان قەمبىرى ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك كۆزلىرىنى ئۇۋىلىۋېتىپ، رادىئوگراممىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇيدۇ. ئاڭغىچە سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋمۇ سېپىل ئەتراپىدىن پولك شىتابىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇندىن كېيىن تېخى ھېلىلا سېپىل ئۈستى ئورۇشىنى تەشكىللەش ئۈستىدە ئىنتايىن قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان  ئىشخانىدا ئەمدى تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىچە ئورۇشنى بىراقلا توختىتىپ، ئاقسۇ فرونتىدىن قايتىپ كېتىش مەسىلىسى سۆزلىنىشكە باشلايدۇ.           
        -بۇ رادىئوگراممىدا دىيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇيرۇق،-دەيدۇ ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ ئىشداشلىرىغا،-بىز ئەمدى ئاقسۇدىن كېتىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ بۇيرۇق ئىككى كۈن كېچىكىپ كەلگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە! ئەتە ئاخشام سېپىلغا چىقاتتۇق، شەھەر ئىچىگە بۆسۈپ كىرەتتۇق، يېڭىشەھەرنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئازات قىلىناتتى، بۇنىڭغا ئەمدى نىمە ئىلاج؟ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىققا ئامالىمىز يوق.                                                         
       سىياسى كومىسارلار بىلەن پولك كۇماندىرى تولۇق بىر پىكىرگە كېلىپ، ئورۇش ئوتىنى ئۆگۈنلۈككە تاڭ سەھەر بىلەن توختىتىپ يولغا چىقىشنى قارار قىلىدۇ. جەڭچىلەرنى ئورۇش توختىتىشقا قايىل قىلماستىن تۇرۇپ، ئۇلارغا ئاقسۇدىن كېتىشنى ئېيتىشنىڭ ناھايتى تەس ئىكەنلىكىنى پەملىگەن پولك رەھبەرلىرى ئاقسۇدا يەنە بىر-ئىككى كۈن تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن جەڭچىلەرگە ئورۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن قايتىش تەييارلىقىنى دۈشمەنگە سەزدۈرمەي  پۇختا ئىشلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئورۇش توختىتىش ئىشىنى جەڭچىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، سېپىلغا چىقىشقا بەلگىلەنگەن ھۇجۇمچى باتالىيۇننىڭ كۇماندىرى كۆكە بىلەن قىلىچۋازلار باتالىيۇنىنىڭ كۇماندىرى راشىدىنجان دەرھال پولك شىتابىغا چاقىرتىلىپ كېلىنىدۇ. ئۇلار ئابدۇكىرىم ئابباسۇپنىڭ ئورۇش توختىتىش توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنە غۇلجىدىن كەلگەن رادىئوگراممىنى ئۆزلىرى بىۋاستە ئوقۇپ چىقىدۇ. ھەربىي ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىشنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان بىر مىزان ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدىغان بۇ ئىككى كۇماندىر روھىي چۈشكۈن ھالدا پولك شىتابىدىن چىقىپ، ئۆز باتالىيۇنلىرى تەرەپكە كېتىدۇ. ئارقىدىن ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار ھەرقايسى باتالىيۇلارغا بۆلۈنۈپ بېرىپ، جەڭچىلەرگە سۆز قىلىپ رادىئوگراممىنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇلارنى خەۋەردار قىلىدۇ. قايتىش تەييارلىقى دۈشمەنگە قارشى بىرەر ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەييارلىقىدەك جىددىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى رادىئوگراممىدا مىللى ئارمىيە پولكىدىن ئورۇشنى تېز توختىتىپ، چاپسانراق قايتىش تەلەپ قىلىنغانىدى. مۇبادا قايتىش تەييارلىقى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتسە، دۈشمەن بۇ ئىشنى سىزىپ قېلىپ، كۈتۈلمىگەن پۇتلىكاشاڭ ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشى مومكىن ئىدى. شۇڭا، جەڭچىلەرنى ئورۇش توختىتىشقا قايىل قىلىش خىزمىتى دەسلەپ ئىزۋوتلاردا، ئاندىن روتا ۋە باتالىيۇنلاردا بىر تۇتاش مەجىلىسلەرنى ئېچىپ جەڭچىلەرگە قايتا-قايتا سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. كونىشەھەردىكى ۋاقىتلىق ھەربى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يارىدار جەڭچىلەر ئاتلارغا چېتىلغان يۇمشاق نوسىلكا ياكى چىرىقلارغا سېلىنىپ ئالدىنئالا ئىلى تەرەپكە ماڭدۇرىلىدۇ، مەيدىسىگە ئوق تىگىپ ياكى قورساق قىسمىدىن ئېغىر زەخمىلىنىپ جايىدىن قوزغاشقا بولمايدىغان ئېغىر يارىدارلارنى ئېلىپ كېتىش مومكىن بولمىغاچقا، كونىشەھەردىكى بەزى تىۋىپ ۋە يەرلىك دوختۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈرىلىدۇ. سېپىل ئەتراپىدا بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەربى مۇھاسىرىنى بىر يولى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پۈتۈن جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى بۇيىچە ئاقسۇدىن قايتىپ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا مېڭىش ئىشىنى دۈشمەنگە قەتئىي سەزدۈرمەسلىككە توغرا كېلەتتى. ئۇنداق بولمىغاندا دۈشمەنگە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىۋېلىش پۇرسىتى توغۇلۇپ قالاتتى. مۇشۇ ئىش يۈزىسىدىن قايتىش ئالدىدىكى كەچتە بارلىق باتالىيۇن، روتا كۇماندىرلىرى بىلەن سىياسى يېتەكچىلەر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پولك شىتابىغا يىغىلىپ، قايتىشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاڭلايدۇ. بۇ كېچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇدا ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر كېچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن قوشۇن تۈن يېرىمىدىكى باش توخۇ ۋاقتى بىلەن مۇھاسىرە چەمبىرىكىنى بوشۇتۇپ قايتىشقا باشلايدىغان، ئاز دىگەندە بىر روتا جەڭچى قېلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ تېخىچە سېپىل ئەتراپىدا بارلىقىنى دۈشمەنگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئارىلاپ-ئارىلاپ ئوق ئېتىپ تۇرىدىغان بولىدۇ. قايتىشنى شاۋقۇنسىز، شەپىسىز، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاۋال 2-ئوقچىلار باتالىيۇنى سېپىل ئەتراپىدىن كېتىش، ئاندىن 1-ئوقچىلار باتالىيۇنى مېڭىش، ئەڭ ئاخرىدا ھۇجۇمچى باتالىيۇن سېپىل ئەتراپىدىن كېتىش بەلگىلىنىدۇ. مىللىي ئارمىيىنىڭ قايتىۋاتقانلىقىنى دۈشمەنگە تۇيدۇرماي، سېپىلنى ۋاقتىنچە قورشاپ تۇرۇش ۋەزىپىسى موڭغۇل يىگىتى كۆكەنىڭ ھۇجۇمچى باتالىيۇنىغا تاپشۇرىلىدۇ. كۆكە قايتۇرما ھۇجۇمغا توسۇپ زەربە بېرىش، قوغدىنىپ تۇرۇپ چېكىنىش جەھەتتە تەجرىبىلىك بولغان كونا جەڭچىلەردىن بىر روتا تەشكىللەپ، ھەربى سىتراتىگىيە جەھەتتىكى بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.                           
      يېرىم كېچە ئۆتۈپ تاڭ يورۇشقا يېقىنلاپ، ئاقسۇنىڭ ياتالماس، گۈلباغ، ئىگەرچى مەھەللىلىرىدىكى توخۇلار ئارقىمۇ-ئارقا چىللاشقا باشلايدۇ. مانا بۇ جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىدىكىلەرنىڭ قايتىش سەپىرىگە قەدەم قويۇشى ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك بەلگە ۋە كاناي ئورنىدا ئىشلەيدىغان سىگىنال ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى جىددىي سەپەرۋەرلىكتىن كېيىن پۈتۈن پولك ئاتلىنىپ يولغا چىقىدۇ. سېپىل ئەتراپىدا پەقەت كۆكە ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر روتا-90 نەپەر جەڭچىلا دۈشمەننى بەند قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋاقتىنچە قېپقالىدۇ. جەنۇبىي يۆنىلىش پولكى يېڭىشەھەردىن قوزغىلىپ كونىشەھەردىكى دەپسەڭگە يېتىپ بارغىچە تاڭ سۈزۈلۈپ، ئەتراپ يورۇپ قالىدۇ، مەزىنلەرنىڭ ئەرزان توۋلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلايدۇ. مۇشۇ يەرلىك جەڭچىلەر ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىۋېلىش ئۈچۈن مەھەللە-مەھەللىلەرگە ئات چاپتۇرۇپ ماڭىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ قايتىۋاتقانلىقى شۇ ھامان كىشىلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كېتىدۇ، ئۇلار ئۆي-ئۆيلەردىن چىقىپ، مىللىي ئارمىيىنى ئوزىتىپ قويۇش ئۈچۈن يار ئۈستىگە ماڭىدۇ. بامدات نامىزىدىن يانغان جامائەتمۇ ئوزاتقۇچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ، يار ئۈستىدە ئادەم دېڭىزى ھاسىل بولىدۇ. خەلق ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك غۇجىمەك بولۇپ كېلىپ، پولك رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئاقسۇدىن كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ خەلققە سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ۋە يۇقىرىنىڭ ئورۇش توختىتىش بۇيرۇقىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئاڭغىچە سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ يېڭىشەھەرنى تېخىچە سېپىلنى مۇھاسىرە قىلىپ تۇرغان كۆكە باشچىلىقىدىكى بىر روتا جەڭچىگە قايتىشنى بۇيرۇپ ئادەم ئەۋەتىدۇ. 30 نەچچە كۈندىن بۇيان مىللىي ئارمىيە ئۈچۈن سەمىمىي-ساداقەتلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن مەقسۇتئاخۇن ساتىراچ، سالاخۇن ئاشپەز، تاجاخۇن باغۋەن قاتارلىق ئاشپەز، ناۋايلار، كىيىم تىككۈچى، ياغاچچى ۋە مال باقارلارمۇ ئادەملەر توپىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئابدۇكىرىم ئابباسۇپ، قاسىمجان قەمبىرى، سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋلار ئۇلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ خەيرىلىشىدۇ ھەمدە ھەربىلەرگە خاس قىياپەتتە كىشىلەر توپى ئىچىدە تىك تۇرۇپ چۆگىلەپ ھەممەيلەنگە تەكشى چاس بېرىش ئارقىلىق، ئوزىتىشقا چىققان كىشىلەر بىلەن ئاداققى قېتىم خوشلىشىدۇ.      
       مىللىي ئارمىيە ئۆز تەركىبى بۇيىچە قايتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. خەلق ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا تاكى جەڭچىلەرنىڭ    قارىسى يۈتكىچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن خېلى ئوزاق قاراپ تۇرىدۇ. كونىشەھەردە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىغا ياللانغان ئەشەددىي ئىشپىيۇن ۋە پايلاقچىلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇ كونىشەھەردىكى 30 نەچچە كۈنلۈك ھاكىمىيىتى دەۋرىدە مۆمىن، مۇلايىم تۈسكە كىرىۋېلىپ، پاش قىلىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى. كونىشەھەر خەلقى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنى ئوزىتىش ئۈچۈن يار بېشى قەبرىستانلىقىغا چىقىپ كەتكەندە بۇ ئەبلەخلەر يەنە قۇتراشقا باشلايدۇ-دە، ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى ۋە 5-ئاتلىقلار پولكىدىكى گومىنداڭچى خوجايىنلىرىغا مىللىي ئارمىيە پولكىنىڭ قايتىپ كېتىۋاتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يوشۇرۇنچە ئات سېلىپ، دالدا يوللار بىلەن يېڭىشەھەر تەرەپكە چېپىپ كېتىدۇ. ئۇلارغا ھىچكىم دىققەت قىلمايدۇ.                                                              
         بۇ چاغدا يېڭىشەھەردە تېخى ئورۇش داۋام قىلۋاتاتتى، موڭغۇل كۇماندىرى كۆكەنىڭ دۈشمەننى بەند قىلىپ تۇرغۇچى روتىسى شەھەرنى ئاۋالقىدەكلا قورشاپ، جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىدىكى جەڭچى سەپداشلىرىنى ۋە پولك رەھبەرلىرىنى يىراققا ئوزىۋېلىشقىچە قوغداپ، سېپىل ئۈستىدىكى گومىنداڭچىلارغا  مىلتىق ۋە مىناميوت ئوقلىرىنى ياغدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار جەنۇبىي يۆنىلىش پولكىنىڭ كونىشەھەردىن كېتىپ بولغانلىقىنى تەخمىنەن پەرەز قىلىپ قايتماقچى بولۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇپاخۇن سۇۋۇرۇۋ ئەۋەتكەن خەۋەرچى جەڭچىلەرمۇ كېلىپ قايتىش بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈپ بولغانىدى. دەل شۇ چاغدا، تاشقىرقى بازاردىكى خارابە دوكانلارنىڭ بىرىنىڭ كەينىدە دالدىلىنىپ قايتىش ئالدىدا ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇرغان كۆكە سىرلىق ئىككى كۆلەڭگىنىڭ ئات چاپتۇرۇپ سېپىلغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ئىككى كۆلەڭگە بىرى توختىسا يەنە بىرى، بەزىدە ھەر ئىككىسى تەڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تىنىمسىز توۋلىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئەمما ئۇلار دەل شۇ يەردە بىر روتا جەڭچىنىڭ خارابە ئۆي ۋە دوكانلارنىڭ ئارىلىقلىرىدا سېپىل ئۈستىنى نىشانلاپ مۆكۈنۈپ ياتقانلىقلىرىنى بىلمەيتتى. «جاۋتۇەنجاڭغا خۇشخەۋەر، ۋۇجۈيجاڭغا خۇشخەۋەر!-دەپ ۋاقىرىشاتتى ئۇلار،-ئىلى ئوغرىلىرى كەتتى، ئۇلارنىڭ يېڭىشەھەر بىلەن كونىشەھەردە ھىچقانداق روھى-ئەرۋاھى قالمىدى...» بۇ ئىككى قارا نىيەت بىرى توختىسا يەنە بىرى تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلاپ، سېپىل ئۈستىدىكى خوجايىنلىرىغا مومكىنقەدەر تېز ئاڭلىتىۋېلىشقا تىرىشاتتى. بىراق، ئۇلار بىلەن سېپىل ئارىلىقى يەنىلا يىراق بولۇپ، گومىنداڭچىلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ئېنىق ئاڭلىۋېلىشى ياكى بۇ كىشىلەرنى رۇشەنرەك كۆرۈۋېلىشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلدىكى دۈشمەنلەر مىللىي ئارمىيىنىڭ قايتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز بولغانلىقتىن، بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى مۇجىمەل ۋە چۈشىنىكسىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ سىرلىق ۋە گۇمانلىق بولۇپ كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئاخىر بۇ ئىككى كىشى ئاتلىرىنى قامچىلاپ سېپىل تۈۋىگە يېقىنلاشماقچى بولغاندا، سېپىل ئۈستىدىكى گومىنداڭچىلار بۇنى ئاشكارە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ-دە، دەرھال ئوق ئۈزۈپ بۇ ئىككى غالچىنىڭ بىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. يەنە بىرى قورقۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا كۆكە ئۇنى ئېنىق كۆرۈپ، ئىنقىلابنىڭ جازا ئوقى بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. بۇ ئادەم دەسلەپتە گومىنداڭ ساقچى ئورگىنىنىڭ ئىشپىيۇنى بولۇپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپتىن كونىشەھەردە قاماققا ئېلىنغان، كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان توۋا ئىستىغبارىغا ئاساسەن قويۇپ بېرىلگەن ماجەن ئىدى. بۇنىڭدىن سەل ئۆتۈپ كۆكە گۈلباغ دەرۋازىسى تەرەپتە باشقا بىر كىشىنىڭ سېپىلغا چاپلىشىپ دىگىدەك يېقىن بېرىپ، گومىنداڭچىلارغا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاقسۇدىن كەتكەنلىكى توغرىسىدا «خۇشخەۋەر» يەتكۈزىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ئادەم يېرىم ئاي ئىلگىرى مىللىي ئارمىيە پولك شىتابىغا خەنزۇچە بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن، ئەمما شىتابتا تەرجىمان ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماي قايتۇرۇۋېتىلگەن چىيار ئىدى. كۆكە ئۇنى بىر قاراپلا تونۇۋالىدۇ-دە، شۇ مەھەل ئوق ئۈزۈپ ئېتىپ تاشلايدۇ. بىراق، بۇ چاغدا جاۋخەنچى سېپىل ئۈستىدە بولۇپ، چىيار ئېلىپ كەلگەن خەۋەرنى ئېنىق ئاڭلىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ ھۇجۇم سىگىنالى چېلىنىش بىلەن تەڭ گۈلباغ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، گومىنداڭ 5-ئاتلىقلار پولكىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى باشلىنىپ كېتىدۇ، كۆكە روتىسى قايتىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ. ئۇلار دەرۋازىدىن يامراپ چىققان گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئورۇش قىلغاچ چېكىنىدۇ. كونىشەھەرنىڭ ياربېشى قەبرىستانلىقىغا بارغاندا، مىللىي ئارمىيە روتىسى تۆت تەرەپتىن قورشاپ قىلىنغان ھۇجۇمغا دۇچ كېلىدۇ. ئاخىرقى قېتىملىق ھايات-ماماتلىق ئورۇشى كەپتەرخانا ئەتراپىدا داۋام قىلىدۇ. ئۇلارنى بۇ يەردە دۈشمەننىڭ ئىككى يۈزدەك ئەسكىرى قورشىۋالغان ئىدى. كۆكە ۋە ئۇنىڭ جەڭگىۋار ھەمراھلىرى كەپتەرخانىدىكى بىر چوڭ گۈمبەز ئىچىدە  دالدىلىنىپ تۇرۇپ قوغدىنىش ئورۇشى قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردە ئورۇش ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا دۈشمەننىڭ 12 ئەسكىرى ئۆلۈپ، كۆكە روتىسىدىنمۇ شۇنىڭغا باراۋەر چىقىم بولىدۇ. ئاڭغىچە گۈمبەز تەرەپكە يەنە بىر روتىچە گومىنداڭ ئەسكىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئەھۋال ناھايتى خەۋپلىك بولۇپ، ئورۇش مۇشۇ ۋەزىيەتتە داۋام قىلىۋەرسە، مىللىي ئارمىيە روتىسى پۈتۈنلەي ھالاك بولۇپ كېتىشى مومكىن ئىدى. ئاخىرى كۆكە جەڭچىلەرگە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، مۇزات تەرەپكە كېتىش توغرىسىدا قەتئىي بۇيرۇق بېرىدۇ، ئۆزى جەڭچىلەرنىڭ چېكىنىشىنى قوغداپ گۈمبەز ئىچىدە قالىدۇ. چېكىنىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ساق قالغان 75 نەپەر جەڭچى ئاتلىرىنى چاپتۇرغان پېتى شىمالغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ بىرقىسمى جەڭچىلەرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭىدۇ، قالغانلىرى گۈمبەزگە باستۇرۇپ كېلىدۇ. كۆكە گۈمبەزنىڭ ئىشىك تۈۋىگىچە يېقىنلاپ كەلگەن تۆت دۈشمەننى ئاپتۇمات ئوقىغا تۇتۇپ، ئۈچىنى ئۆلتۈرۈپ بىرىنى يارىدار قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن دۈشمەنلەر قېچىپ، ھۇجۇم بىر پەس جىمىپ قالىدۇ. كۆكە بۇ يەردىن بۆسۈپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئېتىنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئاخىرقى قوغدىنىش تەييارلىقىنى قىلىپ، ئاپتۇمات ۋە تاپانچىغا ئوق باسىدۇ، قول بومبىلىرىنىڭ پىلتىلىرىنى چىقىرىپ تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. دۈشمەنلەر يەنە يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ. كۆكە ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قول بومبىسى تاشلاپ، يەنە ئىككى دۈشمەن ئەسكىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. بىراق، دۈشمەنلەر ئاتقان قول بومبىسىدا گۈمبەزنىڭ ئۈستى قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، كۆكەنى خېلى ئېغىر زەخمىلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭ بىلىكىگە ئوق تىگىپ، جەينەك تەرەپتىن چېقىلىپ، ئۇنى قورال تۇتالماس قىلىپ قويىدۇ. ئاخىرى ئۇ يارىدار ھالەتتە دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.                                                              
      مىللىي ئارمىيە پولكىنىڭ ئەڭ كېيىنكى كۈنلەرگىچە ئۈستۈنلۈكتە تۇرغانلىقىغا قارىماي، ئاقسۇدىن ئۇشتۇمتۇت قايتىپ كەتكەنلىكى گومىنداڭچىلار ئۈچۈن تولىمۇ چۈشىنىكسىز بولۇپ تۇرغان بىردىنبىر سىر ئىدى. ئۇلار بۇ سىرنى يىشىش ئۈچۈن، يارىدار ھالەتتە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، قاراڭغۇ، زەي زىنداندا تۆت كۈندىن بۇيان قامىلىپ ياتقان كۆكەنى كۆپ قېتىم سوراققا تارتىپ، قاتتىق قىيىن-قىستاق ئاستىغا ئالىدۇ. كۆكە  دۈشمەننىڭ ئورۇش، قىيناشلىرىغا باش ئەگمەي، گاس-گاچىلارغا ئوخشاش ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالىدۇ. كۆكەدىن سىر ئېلىش ئۈمىدى بىر يولى يوققا چىققان گومىنداڭچىلار بۇ تېز پۈكمەس موڭغۇل يىگىتىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە قەيسەرلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى ئەسكەرلىرىدىن يوشۇرۇپ، نائىلاج ئۇنى قاتتىق قورقۇش ئىچىدە ئېلىشىپ قالغان، گاس-گاچا كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان، دەپ ئېلان قىلىپ،  دارغا ئاسماقچى بولىدۇ. دار گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈلۈپ ۋەيرانلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن تاشقىرىقى بازارغا تىكلىنىدۇ. كۆكەنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قويۇش ئۈچۈن، شەھەر خەلقى مەھەللە-مەھەللىلەردىن دار ئالدىغا ھەيدەپ كېلىنىدۇ. ساق قولى بىلەن چېقىلغان قولى بىر-بىرىگە چېتىلىپ كۆكرىكى بىلەن بىرلىكتە چەمبەرچەس باغلانغان كۆكە ئىككى قوراللىق ئەسكەرنىڭ يالىشى بىلەن سېپىل ئىچىدىن ھەيدەپ چىقىلىپ دار ئاستىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. شۇ چاغدىكى ئاقسۇنىڭ ھەربىي، مەمۇرى ھوقوقدارى بولغان جاۋخەنچى يىغىلغان خەلققە دوق-پوپوزا قىلغان ھالدا سۆز قىلىپ، خەلقنى «ئىلىلىق تاغ ئوغرىلىرىغا ئەگەشمەسلىك»كە دەۋەت قىلىدۇ. گومىنداڭ پولكوۋنىكىنىڭ دوق-پوپوزىلىرى توختىشى بىلەن كۆكە باغلاقتىن بوشىتىلىپ دار ئاستىغا ئېلىپ كېلىنىپ، بەش قەۋەت تىزىلغان كېسەك سۇپىغا چىقىرىلىپ بوينىغا سىرتماق سېلىنىدۇ. ئەسلى يۇرتى تېكەستىن بولغان بۇ موڭغۇل يىگىتى كىچىكىدىن باشلاپ شۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قازاقلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق ئۆگىنىۋالغانىدى. نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان گومىنداڭچىلارغا زادىلا ئېغىز ئاچمىغان كۆكە دەل شۇ چاغدا دار ئالدىغا يىغىلغان خەلققە قاراپ راۋان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلەپ، گومىنداڭنىڭ زالىملىقى، نۇمۇسسىزلىقى ۋە يالغانچىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ، ئەكسىيەتچىل گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئوزاققا قالماي گۇمران بولىدىغانلىقىنى، ئازاتلىق كۈنلىرىنىڭ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى خەلققە بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن غەزىپى ئۆرلەپ چىچاڭشىپ كەتكەن گومىنداڭچىلار شۇ ھامان كۆكەنىڭ پۇتىدىكى كېسەكنى ئېلىۋېتىدۇ، مىللىي ئارمىيىنىڭ بۇ باتۇر موڭغۇل جەڭچىسى سىرتماققا ئېسىلىپ  قۇربان بولىدۇ. كۆكەنىڭ پاك جەسىتى داردا بىرەر ھەپتە تۇرۇپ قالىدۇ، خەلق ئۇنى ئاۋايلاپ ئېلىۋېلىپ، قەدىر-قىممىتى بىلەن دەپنە قىلىشقا تەقەززا بولسىمۇ، گومىنداڭچىلار دار تۈۋىگە قوراللىق ساقچى قويۇپ قويغانلىقتىن، دەپنە قىلىشقا مومكىن بولمايدۇ. كىشىلەر ھەرقېتىم تاشقىرىقى بازاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇ موڭغۇل يىگىتىنىڭ مۇڭلۇق جەسىتىنى كۆرگەن چېغىدا، چوڭقۇر مۇسىبەتكە چۆكىدۇ. ئاقسۇ سېپىلىدا ئورۇش توختىغان تۇنجى پەيشەنبە ئەتىگەنلىكى شەھەر، يېزىلاردىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر ياغ پۇرۇتۇش ئارقىلىق، ئۆز يۇرتىدا زۇلۇمغا قارشى بىر ئايدىن كۆپرەك داۋام قىلغان قانلىق كۈرەشنىڭ شانلىق قۇربانلىرىغا بولغان مەرسىيىسىنى بىلدۈرىدۇ. پۈتكۈل ئاقسۇ بارلىق مىللىي ئارمىيە قۇربانلىرى ئۈچۈن ئوزاققىچە چوڭقۇر مۇسىبەت ئازابىدا ئۆتىدۇ...                                                                                                                                   

       ئاقسۇ سېپىلى ھەققىدىكى بۇ يازمام مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئەكسىيەتچىل گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرىنىڭ شاھىدى بولغان ئاقسۇ سېپىلى ئاللىقاچان مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ بۇ سېپىلنى ئېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان تىللاردا داستان بولغىدەك قەھرىمانانە كۈرەشلىرى، قۇربان بولۇشتىن قورقمايدىغان  جەسۇرانە روھى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ!                              

                                                             مەنبە : ئۆز قەلىمىم                        

       پايدىلانغان ماتىرىياللار:                                         
      «ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىلى 9-ئاي نەشىرى.
       ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945-يىل» ناملىق تارىخىي قىسسە، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1987-يىل 9-ئاي نەشىرى.  
       بۇ يازمىنى يېزىشىم ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك تارىخ- تەزكىرە ئىشخانىلىرىغا
      رەھمەت ئېيتىمەن.                                                   

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-4-27 22:58:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن! سالامەت بولۇڭ ئاكا!
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-4-28 11:29:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئاقسۇ  سىپىلىنىڭ ئىزناسى پەقەت قالماپتۇ - دە  .
مەن خىلى كۆپ كىتابلاردا  ( تارىخى رۇمان) ئاقسۇ سىپىلى توغرىسىدا  مەلۇمات كۆرگەن ئىدىم .

قەشقەر شەھرىدىمۇ سىپىللارنىڭ ئاز قىسمى ساقلىنىپ قالغان ئىكەن ، مىنىڭ ئۆيۈممۇ دەل شۇ جانقورغان سىپىلنىڭ ئۇدۇلىدا ، ھۆكۈمەت يىقىندىن بۇيان شەھەرنىڭ قەدىمدىكى تۆت دەرازىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ، سىپىللارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ ، بۇلاقبىشى مەنزىرە رايۇنىمۇ يىڭىدىن پۈتتى ، نۇرغۇن قەدىمى ئىزلارنى يىڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ .  ئالاھىدە  ساياھەتچىلىكنى  يولغا قويۇش ، 5 ئا دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن  قەشقەر شەھرىدە نۇرغۇن ئالاھىدىلىككە ئىگە جايلار ، تارىخى جايلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈۋاتىدۇ .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

1

تېما

97

يازما

321

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1008
يازما سانى:
97
تىللا:
224
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
71 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21
يەر
ۋاقتى: 2016-4-28 13:38:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇھەل0201 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-28 13:43  
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2016-4-28 11:29
ئاقسۇ  سىپىلىنىڭ ئىزناسى پەقەت قالماپتۇ - دە  .
مەن خىلى  ...


ئەسلىگە ئوبدان كەلتۈردى ھە.
مەن كىم؟

9

تېما

73

يازما

221

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 816
يازما سانى:
73
تىللا:
148
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
29 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-27
5#
ۋاقتى: 2016-5-1 16:19:39 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قەلەم تۇتقان قولڭىزغا بەركەتلەر ياغسۇن ئېسىل مەزمۇنلارنى ئېلىپ كەپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:04 , Processed in 0.135989 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش