 ئاتا راك كېسىلىگە گىرىپ مۇپتىلا بولۇپ قالدى، بىراق ئۇنى كېسەل ئازابىغا قارىغاندا، قورقۇنچ تۇيغۇسى بەكرەك قىيناۋاتاتتى. ئۇ چاغلاردا ئاتا دائىم مۇنداق بىر قورقۇنچلۇق چۈشنى كۆرەتتى: ئۇ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر دۇنياغا بېرىپ قالدى، بۇ دۇنيا شۇنچىلىك قاراڭغۇ ئىدىكى، ھەرقانچە قارىسىمۇ بىرەر نۇر دىدارىنى كۆرگىلى بولمايتتى...
قىزى ئاتىسىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق كەيپىياتنى سەزگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ مۇنداق دېدى:« ئاتا، چۈشىڭىزدىكى ئۇ دۇنيانى مەنمۇ چۈشۈمدە كۆرگەن، ئۇ يەر ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئەمەس، چۈنكى ئۇ يەرنى جەننەت دەيمىز، ئۇ يەرمۇ بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنياغا ئوخشاش قۇياش نۇرىغا پۈركەنگەن، ئۇ يەردىمۇ گۈل-گىياھ ۋە قۇشلار بار، ئۇ يەردە سىز خۇشال ھەم ئازادە ياشايسىز... ھەپتە ئاخىرىدا مەن ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەرگە سىزنى يوقلاپ بارىمەن. مەن يەنە چۈشۈمدە ئۇ دۇنياغا بېرىپتىمەن، سىزنىڭ كېسەل ئازابىڭىز پۈتۈنلەي يوقاپتۇ، راك كېسىلىڭىزمۇ ساقىيىپ كېتىپتۇ...».
ــ قىزىم، ــ دېدى ئاتا بىر كۈنى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ــ ئۇ دۇنيا راستىنلا سەن تەسۋىرلىگەندەك شۇنچىۋالا گۈزەلمۇ؟
ــ ئەلۋەتتە ئاتا، ــ دېدى قىز كۈلۈپ، ــ ھەقىقەتەن گۈزەل!
بىز بىلىمىز، قىز ئاتىسىنى ئالداپ قويدى، بىراق بۇ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قىلىنغان ئالدامچىلىق، شۇنداقلا ئىنتايىن گۈزەل يالغانچىلىق، چۈنكى ئۇ بىر ئادەمگە ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇنىڭ قەلب دۇنياسىدىكى قورقۇنچنى يوقىتالايدۇ!
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى |