|
‹‹سايرام ئىلھاملىرى››غا،پەيۋەندە ئىلھام
قاراخان
بورتالا موڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دانا يتەكچىلىكىدە 2014-يىلى 10-ئايدا ‹‹سايرام ئىلھاملىرى›› ناملىق ئەدەبى توپلام نەشىر قىلىنىپ ، بورتالا موڭعۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلعانلىقىنىڭ60يىللىق تويىغا سوۋغا قىلىندى تىرىكنىڭ يۈزىنى ،ئۆلۈكنىڭ روھىنى خوش قىلىدىغان ئۈشبۇ توپلامنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن مۇشەققەت تارتقان بارلىق ئۇستازلارعا،شۇنداقلا ھالال ئەجىر مېھنىتى يورۇق كۆرگەن كەسپداش ئەدىپ ،ئەدىبە،شائىر ،شائىرە،تىلماچ-تەرجىمانلارغا چىن يۈرەكتىن قىزغىن تەسەددۇق،كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە كۈنسايىن ئۇتۇق تىلەيمەن. مەزكۇر ئەدەبى توپلام ‹‹سايرام ئىلھاملىرى›› ‹‹كىرىش سۆز››دە ئيتىلعاندەك ‹‹ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاش،كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش›› ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۉرۈشتى ، بۇ ئەدەبى توپلامعا بورتالا ئوبلاستلىق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن لىرىك ۋە ئويچان شائىر ئەمەتجان ياسىن ئىقبال،شۇنداقلا تىنىمسىز ئىزدەنگۅچى دۉلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام ،2-دەرىجىلىك فوتوگراف ۋە تارىخ تەتقىقاتچىسى نۇرمۇھەممەت توحتى مەرگەن ،ئاتاقلىق ئادۋوكات ۋەچەندان سۇخەن شائىر ئۆمەرجان نىيازى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنىڭ نىمە سەۋەپتىن كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ ئوبىكتىپ سوبىكتىپ سەۋەپلىرىنى زىغىرلىمىغاندا توپلامنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان بىر ئەدەبى مەجمۇئە دەستۈر دىيىشكە بولىدۇ.توپلامدىكى ‹‹ئەل ۋەتەن ،ئاتا-ئانا ،ئۇستاز ۋە كىشىلىك دۈنياقاراش ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەر ئەلنىڭ ھوزۇرىغا ھوزۇر بېغىشلايدۇ.
ھازىر بۇرۇنقىدەك نەشىرىيات قەھەتچىلىكى دەۋرىدە ئەمەسمىز،بىر قىسىم يازارمەنلەر تاڭ ئاتقۇچە كۆرگەن چۈشىنى،سۈبھى يورۇغىچە سۈرگەن خىياللىرىنى توم-توم كىتاپ قىلىپ ئەلگە سۇنىۋاتىدۇ ،ئەپسۇسكى بۇ توپلامدا بىر قىسىم يازارمەنلەرنىڭ چارەك ئەسىرلىك قول يازما ،پۈتۈكلىرى ئاپتاپ كۆرگەن،ئۇنىڭدا بىر قىسىم ‹‹ئالما تاتلىقى›› ئەسەرلەرمۇ بار ،‹‹جوڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى›› شەھەردىن يېزىغا،مەدەنىيەتنى يېزىغا يۈزلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى شېخىدىن يىلتىزىغا قاراپ مېڭىۋاتقان،شىنجاڭ ئاخبارات نەشىرىياتچىلىقىنىڭ ‹‹شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى››كىتاپ نەشىر قىلىش تۈرىنى كېڭەيتىپ ھەقسىز تەقدىم قىلىنىدىغان تۈرلۈك نەشىر بۇيۇملىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى زورايتىۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ قاندۇرۇپ زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە ھالقىما تەرەققىياتقا ، ئەمىنلىككە ئىرادىسى قىيام بولىۋاتقان مۇشۇنداق مەمۇرچىلىق ،‹‹تالقان تۆكتى›› دەۋردە بۇ بىر -بىرىدىن ساغلام بولغان ئىجادىيەت مىۋىلىرىنىڭ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۈرسىتى ھەممىنىڭ قەلبىنى قايىل مەيلىنى مايىل قىلدى. شۇنداقلا بىر قىسىم ئىجاتكارلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەلەمكەشلىك ھاياتى ياكى ئىجادىيەت بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىش يولىغا يورۇق بىلەن كۆلەڭگۈ تاشلىدى .
توپلامنىڭ تىتول بەتلىرىدە يىراق يېقىننى ئۆزىگە تارتقان سايرام،ئېبنۇرنىڭ تاڭ بىلەن ئاڭدىن ئاپىرىدە بولغان تەرەققىيات بىشارەتلىرى،يىپەك يولى روھىنىڭ بوزقىر بويلىرىغا ئاتا ئەتكەن مىلودىيە كۈيلىرى،شارشىلى،قويتاش،قارا تورۇقنىڭ يول جىلغا كەچكۈز قىياپىتىدىكى دىلنى رام قىلغۇچى گۈزەل،يىگانە سۈرەتلىرى كۆزگە چېلىقىپ دىلنى مەپتۇن ئەيلەيدۇ.
بىز توپلامنى ۋاراقلاپ ‹‹تاڭ ئالدىدىكى بورتالا››نى ئوقۇپ مەرھۇم ئەخمەت تۇردىيۇپنىڭ ئارمانلىق ھېسلىرىغا مىنگىشىمىز،ئاخىرقى ئەسكەر روزى ياسىننىڭ ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ››بورتالادا دىگەن تەزكىرىسىنى ئوقۇپ تارىخ دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىن ئىچىگە شۇڭغۇيمىز،‹‹بورتالادىكى ئىشلار››‹‹ئالتۇنلۇق خارابىسى ھەققىدە ››دىگەن تارىخ ئۇچۇرلىرىدىن ياسىن ھەسەن، ئىمام ھەسەن ياقۇپ ئۇستازلىرىمىزنىڭ يۇرتىمىزنىڭ نامى، مەھەللىمىزنىڭ دەستۇرىنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغان مۇرۇۋەتلىك خىياللىرىغا ئەسرا ،تەشنا بولىمىز،قۇربان داۋۇت ،تۇرسۇنقىز گاھىت ،قۇۋانخان قادىر قاتارلىق تاغا ،ھاممىلىرىمىزنىڭ ئەستىلىكلىرىدىن ئەسلىمىسى يوق ئادەم ۋە جەمىيەتنىڭ كېسەل ئادەم ،كېسەل جەمىيەت بولىدىغانلىغىنىڭ ھەقىقىتىگە چىن پۈتىمىز.نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز ،ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەرتۇرا قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ زامانىۋى ۋە كىلاسسىك تېمىلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىدىن دىلىمىز باشقىچە يورۇپ ،تىلىمىز تاشقىچە تەشەككۈرگە قەرزدار بولىمىز.
تىلسىم،خىرامان ئويلارغا بەخشەندە يازغۇچى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ ،ئابدۇۋېلى ئىسھاقنىڭ ھىكايە قىسسىلىرىمۇ بىزنى تۇرمۇش دوقمىشىدا ئەتىراپقا ئىنچىكە نەزەر تاشلاشقا سۆرەپ كىرىدۇ.
نەزمە بابىدا تۆلەندىن ئەزىم زۇليارىنىڭ ‹‹نەي ئاۋازى›› ،تۇرسۇن ئىمىننىڭ ‹‹تاڭ ئىشقى››،نۇردۇن ئىبراھىمنىڭ ‹‹ھايات››تەلقىنلىرى ،ياسىنجان ئىبراھىمنىڭ ‹‹يار ئۈچۈن ››چەككەن ئىزتىراپلىرى ،غەيرەت كەنجىبەكنىڭ‹‹ئاتا قەسىدىسى ››ئەخمەت ئىسمائىل تەركىنىڭ ‹‹گۈلگۈن سەھەر››گە بولغان ئىستەكلىرى ئايال شائىرەلەردىن سايرام قىزىنىڭ سۈزۈك تۇيغۇلىرى،زەمزەمنىڭ ‹‹تۇنجى قار لىرىكىلىرى›› باغرىمىزنى تېشىپ ئۆتىدۇ.
‹‹سايرام ئىلھاملىرى››نىڭ 310-بېتىدە شائىر تۆلەندىن ئەزىم زۇليارى ‹‹ئادىمى مەن مۇشۇ زېمىننىڭ ››دەپ نىدا قىلسا،348-بېتىدە شائىر تۇرسۇن ئىمىن ‹‹سەن پۈتمەس بىر سۆيگۈ ،مۇقەددەس تۇپراق››دەپ زېمىنغا تېۋىنىدۇ،337-بېتىدە مۇسا ئەھەد تىركەش ئەپەندى ‹‹توپاڭ بولسام دەيمەن بىر سىقىم ››دەپ يۇرتىغا ‹‹خەلقىگە›› جان تەسەددۇق ئەيلەيدۇ،ئاخىرىدا نۇردۇن ئىبراھىمنىڭ غەزەللىرى بىلەن تېخىمۇ مۇڭغا پېتىپ بۇ توپلامنىڭ ۋەزنىگە بولغان چىگىك خىياللىرىمىز يېشىم تاپىدۇ.ئۇلارنىڭ باغلانما تەسەۋۋۇرلىرى ئالدىدا بىزنىڭ چۈشىنىشىمىز ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغاندەك قىلىدۇ،لېكىن نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ توپلامدىكى ئىلھام سەمەرىلىگە پەيۋەندە بولۇپ بەخت ۋە خوشاللىقنىڭ مېغىزىنى چاققانلىغىمنى پىنھان تۇتالمىدىم،تامام.
2015-يىلى 22-سىنتەبىر
|
|