
ئۆيۈڭدىن، كىتابلىرىڭدىن يىراقتىمۇسەن؟ ئۇنداقتا ئۆزۈڭگە بىر تېلېفون قىلغىن،
مەكتۇب يازغىن جاۋابىنى كۈتمەستىن،
بارغان ھەربىر يېرىڭدىن تەبرىك كارتىلىرىنى ئەۋەتكىن.
سۆيۈملۈكۈم دەپ باشلىنىپ، سېنى سۆيىمەن دەپ ئاخىرلاشقان مەكتۇبلارنى ياز.
سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭمۇ بار ئىدى ئىزدەي دېسەڭ؟!
*
پويىزدىن ياكى ئايروپىلاندىن چۈشكىنىڭدە يالغۇزلىقىڭنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە كۈتىۋالغىن.
ئۆز-ئۆزۈڭنى قايتىش بولمىغان سەپەرگە ئاتىۋەتكىن.
ئۆزۈڭنى كۈتكىن، «قايتىپ كەل» دەپ سەبىر ئىچىدە كۈتكىن،
سېنىڭ سەندىن باشقا كىمىڭ بار ئىدى كۈتىدىغان؟!
*
شاراب ئۈستىلىدە ئۆزۈڭ ياپ -يالغۇز قالدىڭمۇ؟
سەن ئۆز- ئۆزۈڭگە يېتىپ ئاشىسەن.
ئۆزۈڭ بىلەن قانغۇدەك مۇڭداشقىن...
قەدەھنى ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتىگە كۆتۈر!
ئۆزۈڭ بىلەن يىغلا،كۈل،تارتىشىپ ئوينا،
سېنىڭ سەندىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى؟!
*
دۈشمىنىڭنىڭ زەربىسىدىن يەرگە يىقىلغىنىڭدا، ئۆز بېشىڭنى ئۆزۈڭ سىلكىپ،
چاچلىرىڭنى يۇلۇپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ كەتكىن،
ساڭا ئۆزۈڭنى تونۇتىدىغان بىر ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىم يوق.
*
ئۆلگەندە سېنىڭمۇ خەۋىرىڭ بولمايدۇ،
شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆلۈم خەۋىرىڭنى يەتكۈز.
سېنىڭ كىمىڭ بار ئىدى ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزىدىغان؟!
*
ئۆزۈڭنىڭ مېھمىنى ھەم ساھىبخانىسەن،
ۋاقتىڭنىڭ بارىدا ئۆز- ئۆزۈڭنى ئەزىزلە...
ئۆزۈڭنى سۆي، ھازىردىن باشلاپ سۆيۈشنى باشلا،
سېنى سۆيىدىغان ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە كىمىڭ بار ئىدى؟! .…
-مەلەك تەرجىمىسى يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن ئېلىندى |