ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 749|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نىمىشقا مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

176

يازما

541

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 928
يازما سانى:
176
تىللا:
365
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-2

كۆيۈمچان ئەزا

نېمىشقا مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدى؟

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى


ئۇيغۇرلارمۇ دۇنيادىكى باشقا نوپۇس سانى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەرگە ئوخشاش ھەممە ساھەلەردە تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدۇ. تېز تەرەققىي قىلىشنى ئويلايدۇ. ئاشۇنداق قىلىشنى كېچە-كۈندۈز ئويلايدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىر دىن ۋە ئېتىقاد بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان كىشىلەر چوقۇم دىن ۋە ئېتىقادنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خىل روھىي تۈۋرۈك ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئامىلنى ئەستىن چىقىرىپ قويسا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۇ نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىشنى شەرت قىلىش ئاساسىدىكى يېڭى ئىدىيىلەرنىڭمۇ ھازىرچە ئانچە قىممىتى بولمايدۇ.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە تورلاردا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە گەپ بولغاندا، بەزى تورداشلار ھازىرغىچە ياخشى تەرەققىي قىلالماسلىقنىڭ سەۋەبى دىن، دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە دىن بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تەھلىل قىلىش، ۋە ئۇنىڭغا ئادىل ۋە توغرا باھا بېرىش ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش بولۇپ، ئۇنداق تېما ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتا ئۇيغۇرچە تور مۇنبەرلىرى بىر مۇۋاپىق سورۇن بولالمايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بۇ ھەقتە گەپ قىلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تورلاردا ئەركىن پىكىر قىلىش ئىمكانىيىتى يوق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرچە تورلاردا ئۇنداق بىر تېما ئۈستىدە ئادىل بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. دىننى ۋە دىنىي تارىخنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر بىلەن دىننى تولۇق ۋە توغرا چۈشەنمەيدىغان، ھەمدە دىنغا گۇمانلىق ياكى ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قارايدىغان كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن دىننىڭ تەرەققىياتقا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارسا، ئۇ پەقەت ۋاقىت ئىسراپچىلىقىلا بولىدۇ. ئەمما، ھەممە كىشى دىن ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئازراق ئىزدەنسە، ھەمدە بۇ ساھەدە يېڭى ۋە زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بولسا، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىمىز ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە پايدىسى بولىدۇ. باشقا بارلىق پايدىلارنى بىر ياققا قايرىپ قويغان تەقدىردىمۇ، بىزلەر بىر مۇسۇلمان خەلق بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

شۇڭلاشقا مەن يېقىندىن بۇيان مۇسۇلمانلارنى تەرەققىياتتا ئارقىدا قالدۇرغان ئامىللار زادى نېمە؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە دىنىي ئامىللارمۇ بارمۇ؟ ئەگەر بار بولسا، ئۇلار قايسىلار؟ دېگەن سوئاللار ئۈستىدە بىر ئاز ئىزدەندىم. نەتىجىدە دوكتور ياسىر قازىنىڭ ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كىرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان بىر قانچە دوكلاتلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنى قايتا-قايتا ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر دوكلات 2015-يىلى 6-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئىللىنوئىس (Illinois) شتاتىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» قۇرۇلتىيىدا سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلار - ھازىرقى قىيىن ۋاقىتلار ئۈچۈن كۆرسەتمە» ئىكەن [1]. بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى بىزنىڭ بەزى نازۇك مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئۆز چۈشەنچىلىرىمىزنى توغرىلىۋېلىشىمىزغا زور پايدىسى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە مەن ئالدىنقى قېتىملىق «نېمىشقا يامانلىقلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن ماقالەمدە بايان قىلغان بەزى ئۇقۇملارغا ئائىت بىر قىسىم مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن. شۇڭلاشقا مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ ماقالە «نېمىشقا يامانلىقلار يۈز بېرىدۇ؟» نىڭ 2-قىسمى، دەپ چۈشىنىلسىمۇ بولىدۇ . ياسىر قازىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا يېقىنقى 100 يىل مابەينىدە مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىشىنىڭ 3 چوڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، 1-سەۋەبتە مەن ئۆزۈمنىڭ 2014-يىلىدىكى «ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟» [2] ۋە «مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار» [3] دېگەن ماقالىلىرىدە تونۇشتۇرغان بىر قىسىم مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇڭا مەن تېخى ئوقۇپ باقمىغان تورداشلارغا ئاشۇ ئىككى پارچە ماقالىنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن (ئۇ ماقالىلەرنىڭ تور ئادرېسلىرى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاستىدا بار). يۇقىرىدىكى دوكلاتتىن باشقا، مەن يەنە ياسىر قازىنىڭ «نېمىشقا ئۈممەتلەرگە بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن بىر قىسقا نۇتۇقىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنىمۇ تونۇشتۇرىمەن. بۇ نۇتۇقتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ 3-سەۋەبىنىڭ داۋامى ۋە 4-سەۋەبى چۈشەندۈرۈلگەن.

تۆۋەندىكىسى ياسىر قازىنىڭ «ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلار - ھازىرقى قىيىن ۋاقىتلار ئۈچۈن كۆرسەتمە» دېگەن دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى. كىچىك تېمىلارنى مەن ئۆزۈم قويدۇم. ئەگەر ئەسلىدىكى مەزمۇنغا مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇلارنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە قىستۇرۇپ قويىمەن.

v06_yasir_doklat.jpg
1-رەسىم: دوكتور ياسىر قازى 2015-يىلى 6-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئىللىنوئىس شتاتىدىكى بىر مۇسۇلمانلار يىغىلىشىدا دوكلات بەرگەن ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.


1. مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنىڭ ئۈچ چوڭ سەۋەبى

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكىنىڭ «مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرۇلتىيى جەريانىدا بىر ياش ئوقۇغۇچى قېشىمغا كېلىپ، مەندىن ناھايىتى قىيىن سوئالدىن بىرنى سورىدى. ھازىر بىز بىلەن بىر دەۋردە ياشاۋاتقان باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاشلا، ئۇمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشتە گاڭگىراپ قېلىپتۇ:

--نېمىشقا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار خەۋەرلەرگە شۇنچە كۆپ چىقىپ قالىدۇ؟
--نېمىشقا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ خەۋەرلەر سەلبىي مەزمۇن بىلەن چىقىدۇ؟
--نېمىشقا مۇسۇلمانلار دۇنياسى شۇنچە قەبىھلىك بىلەن تولۇپ كېتىدۇ؟
--نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ جەھەتلەردە مۇسۇلمانلار دۇنياسى باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ؟

ھېلىقى قېرىندىشىمىز يەنە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى، دۇنياغا داڭلىق ئالىملار، دوختۇرلار، ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ سانى، ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى رەزىل دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە غەرب دۇنياسى بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئاشۇنداق روشەن پەرقلەر ئۆزىنىڭ ئىمانىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ھەققىدە سوئال سوراۋاتىدۇ. ئۇ «ئەگەر بىزنىڭ دىنىمىز بىر ھەق دىن بولسا، نېمە ئۈچۈن يەنە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز شۇنچە ئارقىدا قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىسلامنى رەت قىلغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئىسلامنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ شۇنچە گۈللىنىپ كېتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى داۋاملىق ئۇرۇش-جېدەللەرنىڭ ۋە زوراۋانلىقلارنىڭ ئىچىدىلا يۈرىدۇ؟» دەپ ھەيران قېلىۋېتىپتۇ. ھەمدە بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادى، ئىسلامنىڭ بىر ھەق دىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز-قارىشى، ۋە قۇرئاننىڭ بىر مۇقەددەس كىتاب ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئۆزىدىكى ھېلىقىدەك گۇمانلىرىنى بايان قىلدى.

ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋال بىر ئالاھىدە ئەھۋال ئەمەس. قىسمەن ئۇچرايدىغان ئەھۋالمۇ ئەمەس. شۇڭلاشقا مەن بۈگۈنكى بۇ ئاممىۋى سورۇندا ئۆزۈمنىڭ نۇتۇقىنى يۇقىرىدىكى سوئاللار بىلەن باشلاشقا مەجبۇرى بولدۇم. شۇڭلاشقا، بۇ مەسىلە ئاسانلىقچە چېقىلىشقا بولمايدىغان بىر مەسىلە بولسىمۇ، مەن بۈگۈن ئۆزۈمگە بېرىلگەن 15 مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىپ باقماقچى.

بىز توغرا يول تۇتقان ياخشى كىشىلىرىمىزگە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەمما، بىز شۇنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ھازىر بىز ئېھتىرام بىلدۈرمەكچى بولغان ھەر بىر ياخشى ئادەمگە دىنىمىزدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقان 10 ئادەم توغرا كېلىدۇ. بىز شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ھازىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ناھايىتى ئوبدان گۈللىنىۋاتىدۇ، ئەمما، بۇ بىرلەشمىگە ئەزا بولۇپ كىرىۋاتقان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئىسلامغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان 3-4 ئوقۇغۇچى توغرا كېلىۋاتىدۇ. بۇ بىرلەشمىگە كىرمەكچى بولغان ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا دىنىمىزدىن گۇمانلىنىۋاتقان 5-6 ئوقۇغۇچى توغرا كېلىۋاتىدۇ. گۇمانلىنىش ۋە قايمۇقۇپ قېلىش تۇيغۇلىرى ھازىر بىزنىڭ تېنىمىزگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ بىزنىڭ دەۋرىمىزدە، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دەۋرىدە ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق. گەرچە بۇ مەسىلە بىر ئاسانلىقچە تەگكىلى بولمايدىغان بىر تېما بولسىمۇ، بىز بۇ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلالايدىغان غەيرەتكە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.

كېيىنكى 12 مىنۇتتەك ۋاقىت ئىچىدە، مەن ئاشۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش ھەققىدە بىر سۆھبەتنى باشلىماقچى. ئاشۇنداق سۆھبەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر مەسىلىلەر ئۈستىدە يېڭىچە ئويلىنىش، ۋە ئۇ مەسىلىلەرنى يېڭىچە ئانالىز قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالىشى، ئولتۇرغانلارنىڭ چوڭقۇرراق ئويلىنىش قىزغىنلىقىغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن.

مېنىڭ بۈگۈن دەيدىغانلىرىم ئۆزۈمنىڭ مەندىن سوئال سورىغان ھېلىقى ياشقا بېرىدىغان ئۇچۇرلىرىم، شۇنداقلا ئۇ ئارقىلىق ئاشۇ ياش بىلەن ئوخشاش قىيىنچىلىقلار ۋە ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان باشقا بارلىق ياش قېرىنداشلىرىمغا بېرىدىغان مەلۇماتلىرىمدىن ئىبارەت.

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان دۇنياسى ئارقىدا قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسى قەبىھلىككە، ۋە زوراۋانلىققا پېتىپ قالىدۇ؟ نېمىشقا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ دۆلەت كىرىمى تۆۋەن بولىدۇ؟ نېمىشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدە ئىلىم-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەلىرىدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىگىلى بولىدۇ. ئەمما مەن بۈگۈن بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى 3 ئاددىي نۇقتىغا يىغىنچاقلايمەن. ھەمدە ئولتۇرغانلاردىن بۇ ھەقتە كۆپرەك ۋە چوڭقۇرراق ئىزدىنىپ بېقىشنى سورايمەن.

(1) تارىخىي سەۋەبلەر

بىزنىڭ قانداق قىلىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن، سىزنىڭ تۈنۈگۈن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىشىڭىز شەرت. بۈگۈنكى ۋەقەلەرنى تۈنۈگۈنكى ۋەقەلەردىن ئايرىپ تۇرۇپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. 2015-يىلى بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن بۇرۇن نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. تارىختىكى بىز قاراپ بېقىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتلارنىڭ بىرى بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇنقى 1915-يىلىدۇر. 1915-يىلى بەك قەدىمىي ۋاقىتلارمۇ ئەمەس. مېنىڭ بوۋام ئۇ ۋاقىتلاردا ئون نەچچە ياشلىق بىر يىگىت ئىدى. ئۇ چاغدىكى دۇنيا ھازىرقىدىن كۆپ پەرقلىنەتتى. ئۇ چاغدا خەلىپىلىك تۈزۈمى تېخىچە مەۋجۇت بولۇپ، گەرچە ئۇ خەلىپىلىك بەك داڭلىق بولمىسىمۇ، ئۇ 1350 يىللىق ئىسلام ئەنئەنىسىنىڭ داۋامىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ئەمما شۇ يىلى، يەنى 1915-يىلى ئەنگلىيە ۋە باشقا بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى بىرلىكتە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە قارشى تۇنجى ھۇجۇمنى باشلىدى. خەلىپىلىككە ھۇجۇم باشلىدى. خەلىپىلىك ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇلغا ھۇجۇم باشلىدى. مۇشۇ ئۇرۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد دەۋرىگىچە داۋاملاشقان سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ يىمىرىلىپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ چاغدا ئەنگلىيە «پارچىلاپ بويسۇندۇرۇش» تاكتىكىسىنى ئاللىقاچان باشلىغان ئىدى. ئۇلار ئۈممەتلەرنىڭ قەلبىگە «مىللەتچىلىك» ئۇرۇقىنى چاچتى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈممەتلەر «مىللەتپەرۋەرلىك» دېگەن ئۇقۇمنى بىلمەيتتى. ئەنگلىيىلىكلەر ئەرەبلىكلەرگە «سىلەر قانداقمۇ تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايسىلەر؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئۇلار سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ئەمەس» دېدى. ھەمدە ئەرەبلەرگە «ئەگەر سىلەر تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى يەڭسەڭلار، سىلەرگە ئىراقتىن تارتىپ جەنۇبىي ئافرىقىغىچە بولغان زېمىننى ئايرىپ بېرىپ، ئەرەبلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر خەلىپىلىكى بار بولۇش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىمىز. يېرۇسالېم ۋە پەلەستىنمۇ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ» دېگەن ۋەدىلەرنى بەردى. بىر گۇرۇپپا ئەرەبلەر بۇ قۇرۇق ۋەدىلەرگە ئالدىنىپ، خەلىپىلىككە قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ھەمدە ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن كۈچىنى بىرلەشتۈردى. ئەنگلىيە ئۇرۇش قوماندانلىق ھوقۇقىنى ئاشۇ گۇرۇپپىغا بېرىپ، ئۇلارنى خەلىپىلىككە قارشى ئۇرۇشقا سالدى.

ئەنگلىيە بىر تەرەپتىن ئەرەبلەرگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەققىدە ۋەدە بېرىش بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئەرەب زېمىنلىرىنى ئۆزلىرىگە قانداق تەقسىم قىلىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. بۈگۈنكى سۈرىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان، ئىراق، ۋە ئەرەبىستان، قىسقىسى بارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى شۇ چاغدا ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ چىقىلغان. شۇ چاغدا تۈزۈلگەن لايىھە «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك، ئەنگلىيە شۇ چاغدا ئىزچىل تۈردە ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئەرەبلەرنىڭ بىر ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىرلىككە كەلگەن خەلىپىلىكىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىزچىل تۈردە بىلىپ تۇرغان ئىدى. ئەمەلىيەتمۇ دەل شۇنداق بولدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئۈممەتلەر يۇقىرىدىكىدەك ئەللەرگە بۆلۈپ تاشلاندى.

ئەرەبلەرگە بەرگەن ئاشكارا ۋەدىسى بىلەن فىرانسىيە ۋە رۇسىيەگە بەرگەن مەخپىي ۋەدىسىدىن باشقا، ئەنگلىيە 3-ۋەدىنى، يەنى «بالفور خىتابنامىسى» (The Balfour Declaration) دەپ ئاتىلىدىغان 3-ۋەدىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۇلار بۇ ۋەدىسى ئاستىدا دۇنيا يەھۇدىي زىئونىست فېدىراتسىيەسى بىلەن مەخپىي كېڭىشىش سۆھبىتى (negotiation) ئۆتكۈزۈپ، ئەگەر ئەنگلىيەگە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلسا، ئۇلارغا پەلەستىنلىكلەر زېمىنىنىڭ كىندىكىدە بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

دېمەك، شۇ چاغدا ئەنگلىيە ئاشۇنداق 3 خىل ۋەدىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى ھەممە مۇسۇلمانلار بىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى ئالدى بىلەن دەمەشققە كىردى، ئاندىن يېرۇسالېمغا، ئاندىن باغدادقا، ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلنىڭ ئۆزىگە كىردى. ئۇلار كىرگەن شەھەرلەر بۇنىڭدىن جىق كۆپ، ئەمما مەن بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ 4 شەھەرنىلا تىلغا ئالدىم. سەۋەبى بۇ 4 شەھەر ئەينى ۋاقىتتا خەلىپىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بازىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ ئەڭ ئېچىنىشلىق بولدى. يېرۇسالېم بولسا 3 چوڭ دىننىڭ بىر ئەڭ مۇقەددەس جايىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. ئۇمەييەنىڭ خەلىپىلىكى دەمەشققە جايلاشقان ئىدى. ئۇ يەرنى ئەنگلىيە قوشۇنلىرى داغدام قەدەملەر بىلەن كىرىپ ئىگىلىۋالدى. يېرۇسالېمنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئۇ چاغدا باغداد ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ئورنى ئىدى. ئىستانبۇل بولسا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى خەلىپىلىكى جايلاشقان ئورۇن ئىدى. ئاشۇ 2-3 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئىسلامنىڭ سىمۋولى بولغان ئاشۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.

ئەگەر بىز ھازىرقىدىن 200 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قايتساق، ئەنگلىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھەققىدە سۆزلىيەلەيمىز. ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بۇرۇنقى ۋاقىتقا قايتساق، يەنە نۇرغۇن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختىلالايمىز. ئەمما بۇ يەردە ئۇ ھەقتە سۆزلىمەي قويايلى.

قىسقىسى، ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەللەر شۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسى بىلەن ئورگانىك ھالدا شەكىللەنگەن ئەمەس. ھازىر ئاشۇ رايوندا ھەر خىل توقۇنۇشلارنىڭ مەنبەسى بولۇۋاتقان دۆلەت، مىللەت، چېگرا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى كۈچلەرنىڭ قولى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىمۇ ئەنگلىيەنىڭ باشقا بىر ئەلنىڭ يېرىنى زىئونىست يەھۇدىيلارغا بۆلۈپ بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

بۇ يەردە مۇسۇلمانلار جۇدائىزم بىلەن زىئونىزمدىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى مەن ئۆزۈم ئاشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلغان. مەن ئۇنىڭغا تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ مەندىن كەتكەن بىر خاتالىق. بىز بىلەن جۇدائىزم دىنى ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق مەسىلە يوق. بىزنىڭ ياقتۇرمايدىغىنىمىز زىئونىزمدىن ئىبارەت ئىرقىي كەمسىتكۈچى سىياسىي پەلسەپە قۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت. تارىختىن بۇيان يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ياخشى ئۆتۈپ كەلگەن. ئىسرائىلىيە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ياخشى ئۆتكەن. ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلار ئىچىدىن چىققان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەرەبلەر زېمىنىدا تۇغۇلۇپ، ئەرەبلەر زېمىنىدا ياشاپ، ھەمدە ئەرەبلەر زېمىنىدا روناق تاپقان. تارىختا بىر قانچە قېتىم خرىستىئانلار يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلغاندا، يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلار زېمىنىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن پاناھلىق جاي تاپقان. شۇڭلاشقا، قېرىنداشلار، بىزنىڭ دىنىمىزدا يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى (anti-semitism) گە ئورۇن يوق. ئەمما، بىز سەمىمىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىمىز كېرەك: ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەش ۋە ئىسرائىلىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تارىخى ئۈستىدە بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق.

مېنىڭ بۈگۈن دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۈگۈن مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، تۈنۈگۈن ئاشۇ زېمىنلاردا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان ۋەقەلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالساق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز تارىخنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. تارىخنىڭ مۇنداق ئىككى تەرىپىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، مۇستەملىكىچىلىك. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى بولسا، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرققە كۆرسەتكەن تەسىرلىرى. ئەگەر سىز مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چۈشەنسىڭىز، ھازىر بىزنىڭ مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بىر قىسىم توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلەلەيسىز.

(2) سىياسىي سەۋەبلەر

دۇنيا سەھنىسىدە ئاساسلىق رول ئېلىۋاتقان بىر قانچە چوڭ كۈچلەر بار بولۇپ، دۇنيا ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش قائىدىلىرىنى ئاشۇ كۈچلەر تۈزۈپ چىقىدۇ. باشقا نۇرغۇنلىغان كىچىك كۈچلەر ئاشۇ قائىدىلەرنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۆزلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ساقلاپ مېڭىشقا تىرىشىدۇ. سىياسەت بىر خىل مەينەت ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بۇ ئويۇندا زىيانغا ئۇچرايدىغانلار بايلار ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئەمەس. بۇ مەينەت ئويۇننىڭ كاساپىتىدىن زىيانغا ئۇچرايدىغانلار كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت. سىياسەت ئىككى تەرەپ باراۋەر ھالەتتە تۇرۇپ مۇسابىقىگە چۈشىدىغان مەيدان ئەمەس. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلار زېمىنلىرى ھەممىدىن كۆپ زىيانغا ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ ھازىر زوراۋانلىق ۋە ئىسلامىي رادىكالىزملىقنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان جايلار تېخىمۇ شۇنداق. بۇ دېگەنلىك «رادىكالىزم بىر ئورۇنلۇق ئىش» دېگەنلىك ئەمەس. «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىز ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. بىز ئۇلار كۆتۈرۈپ چىققان ئىسلام چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلمايمىز. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتىمىز يوق. بىز ئۇلار سادىر قىلغان جىنايەتلەرنى باشقىلارغا ئارتمايمىز. ئۇ جىنايەتلەرنى شۇلار ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما، بىز ئاشۇ ئىشلارنى توغرا چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىمىز. بىز ئاشۇ زوراۋانلىقلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز. ئۇ زوراۋانلىقلار قۇرئاندىن كەلمەيدۇ. ئۇلارنى بىزنىڭ ئەنئەنىمىز كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بىزنىڭ باشقا ئامىللار ئۈستىدىمۇ ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

بىر قانچە ئاينىڭ ئالدىدا «نيۇ يورك دەۋر گېزىتى» گە بىر پارچە ماقالە چىقتى. ئۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئەرەب باھارى» ئىشلىرىدا قانداق مەخپىي روللارنى ئوينىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن «ئەرەب باھارى» دىكى بەزى كىشىلەر سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقلىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ياقتۇرىدىغان بەزى كىشىلەر دەسسىتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەھۋاللارنىڭ ھازىرقىدەك بولۇپ قېلىشى ئۆزلۈكىدىن ياكى تاسادىپىي ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىشلار ئەمەس. ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلار ئاشۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلمايۋاتىدۇ. «ئىسلام دۆلىتى» نىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە پەيدا بولۇۋاتقىنى تەبىئىي ھالدا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس. رادىكالىزمنىڭ رەزىل دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان يەرلەردە يۈز بېرىۋاتقىنى تاسادىپىي ھادىسىلەر ئەمەس. بىز بۇ يەردە «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى ئەمەسمىز، بەلكى، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى توغرا چۈشەندۈرمەكچىمىز. سىز گۇناھنى مۇسۇلمانلارغا، پەقەت مۇسۇلمانلارغىلا ئارتىشتىن بۇرۇن، ئارقىغا بىر قەدەم چېكىنىپ، تارىخنى ۋاراقلاپ بېقىڭ، ھەمدە سىياسەتنى تەتقىق قىلىپ بېقىڭ. تارىخ بىلەن سىياسەت ئىسلام ۋە ئىسلام دىنىغا قارىغاندا بىزگە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

(3) ئەقىدە جەھەتتىكى سەۋەبلەر

ئاللاھقا ئىشىنىدىغان كىشىلەر ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ھازىر شۇنچە ئېغىر ئازابلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىر ئەقىدە نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بىزنىڭ زېمىنىمىزنىڭ شۇنچە ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەبلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بىزگە ئوخشاش ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشىنىدىغان كىشىلەر، ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئىشىنىدىغان كىشىلەر بىر كۆيۈمچان ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى بۈگۈنكىدەك سىناقلار بىلەن سىنىشىنى بىر ئېتىقاد نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىشى كېرەك؟ بۇ بىر ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپىلىك ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ يامانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە بىر ئادەمنىڭ يامانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى قانداق چۈشىنىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ مەسىلىنى مېنىڭ قېلىپ قالغان 5 مىنۇت ۋاقتىمدا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما بىز مۇنداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز: بىز مۇسۇلمانلار يامانلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتتىن كېلىپ چىقىدىغان ياخشى ئەھۋال ئۇلاردىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئەھۋاللاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ۋە توغرا يول تۇتقان ئادەم دۇچ كەلگەن يامانلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئورنىنى ئاللاھ ئۇلاردىن جىق كۆپ بولغان مۇكاپاتلار بىلەن تولدۇرۇپ بېرىدۇ، دەپ قارايمىز. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، بىر توغرا يول تۇتقان ئادەم ھەر قانداق قىيىنچىلىق، ھەر قانداق ئازاب، ۋە ھەر قانداق قايغۇنىڭ دەردىنى تارتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ھاياتىدا شۇنچە كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ (بۇ يەردىكى قالغان ئازراق مەزمۇن قىسقارتىلدى) [1].

ئىلاۋە: مەن يېقىندا «نېمىشقا يامانلىقلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن ماقالىدە ئىشلەتكەن «يامانلىق» دېگەن سۆز ئىنگلىزچىدىكى «bad thing» ۋە «calamity» دېگەن سۆزلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى «calamity» يۇلغۇن لۇغىتىدە «ئاپەت، بالايىئاپەت، كۈلپەت» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.  مەزكۇر كىچىك تېمىدىكى «يامانلىق» ئىنگلىزچىدىكى «evil» ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىنگلىزچە سۆز «good and evil» دېگەن شەكىلدە «ياخشىلىق» نىڭ قارىمۇ-قارشى مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.  ئىنگلىزچە «evil» دېگەن سۆز يۇلغۇن لۇغىتىدە «يامان، ئوسال، رەزىل، قەبىھ، زىيانلىق، بالا، قازا، كېلىشمەسلىك، بەختسىزلىك، زەھەرلىك، زەھەرخەندىلىك» دەپ ئىزاھلىنىپتۇ.  قىسقىسى، مەن ئوقۇرمەنلەردىن مەزكۇر كىچىك تېمىدىكى «يامانلىق» بىلەن كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىدىغان «يامانلىق» ئوتتۇرىسىدا پەرق بارلىقىنى بىلىۋېلىشىنى سورايمەن.


2. نېمىشقا ئۈممەتلەر ھازىرقىدەك كۈنگە قالىدۇ؟

تۆۋەندە مەن ياسىر قازىنىڭ «نېمىشقا ئۈممەتلەرگە بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن بىر قىسقا نۇتۇقىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىمەن [4]. بۇ نۇتۇق بىر مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيىدا سۆزلەنگەن «ئۈممەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى» دېگەن بىر سائەتلىك دوكلاتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ [5]، تورلارغا بىر ئايرىم 12 مىنۇتلۇق سىن ھۆججىتى قىلىپ يوللىنىپتۇ.

تۆۋەندىكىسى «نېمىشقا ئۈممەتلەرگە بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن نۇتۇقنىڭ مەزمۇنلىرى.

--ئۈممەتلەر نېمىشقا بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كىرىپ قالدى؟
--بىز مۇسۇلمانلار ئەمەسمۇ؟
--بىز ئاللاھقا ئىشەنگۈچىلەر ئەمەسمۇ؟
--بىز مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممەتلىرى ئەمەسمۇ؟
--بىز قۇرئان كەرىمىنىڭ ئادەملىرى ئەمەسمۇ؟ بىز ئەلۋەتتە شۇنداق.
--ئاللاھ بىز تەرەپتە تۇرمامدۇ؟
--ئۇنداقتا نېمىشقا ھازىرقىدەك ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
--بىز نېمىشقا ھازىرقىدەك سەلبىي ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىمىز؟
--نېمە ئۈچۈن بىز توغرۇلۇق چىققان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى چۈشكۈنلۈككە تولىدۇ؟
--بىزنىڭ ئىززىتىمىز ۋە شۆھرىتىمىز نەگە كەتتى؟

مانا بۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنىدىغان ھەر بىر دىندار مۇسۇلمان، ھەر بىر ئەقىللىق، تەپەككۇرچى ۋە راتسىئونال ئىنسان ئۆز كۆڭلىدە شەكىللەندۈرۈۋاتقان سوئاللار. ئىمام ئەھمەدنىڭ «مۇسنەد» ھەدىسىدە رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پات يېقىندا شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، يەر يۈزىدىكى ئەللەر بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ ۋە رىقابەتلىشىدۇ. ئۇلار كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. خۇددى ئاچ قالغان كىشىلەر كۆپلىگەن يېمەكلىكلەر قويۇلغان بىر ئۈستەلنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، يەر يۈزىدىكى ئەللەر مۇسۇلمانلارغا قارشى توپلىنىدۇ.» ساھابىلەر «بىزنىڭ سانىمىز بەك ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلامدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «ياق، ئۇنداق ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئاز سانلىق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولمايدۇ. بۇ ئىش مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولغان، ئەمما ئۇلار دېڭىز سۈيىنىڭ كۆپۈكلىرىگە ئوخشاپ قالغان بىر ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ.» دېڭىز سۈيىنىڭ كۆپۈكلىرى سان جەھەتتىن ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سۈپىتى بولمايدۇ. دېڭىز سۈيىگە قارىساق، ھەممە يەرلەردە ئاشۇنداق كۆپۈكلەرنى كۆرىمىز. ئەمما ئۇلار كېلىپ-كېتىپ تۇرىدۇ. بىر جايدا ئازراق ۋاقىت ساقلىنىپ تۇرمايدۇ. ئۇنىڭ تەسىرى يوق. ئۇنىڭ مەقسىتى يوق. ئۇنىڭ قىممىتى يوق. سانى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما سۈپىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ئۇلار مۇشۇ دۇنيادىكى ماددىي ھاياتقا قاتتىق بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇلۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ نىشانى، نەزەر دائىرىسى، ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇشۇ دۇنيانىلا مەركەز قىلغان. ئاخىرەتتە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ قالغان.

بىزنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقىنىمىز بىر خىل سىناق بولۇپ، بۇ سىناققا مەلۇم بىر ھېكمەت، مەلۇم بىر غايە يوشۇرۇنغان. ئۇ نىشان قۇرئاندا ئېنىق تىلغا ئېلىنغان. سۈرە ئەنكە بۇت (29-سۈرە) دە مۇنداق مەزمۇنلار بار: ئىنسانلار ئۆزلىرىنى سىناقسىز قالىدۇ، ئۆزلىرىگە سىناقلار چۈشۈرۈلمەيدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ ئۆزلىرىنى «مەن ئىشىنىمەن» دەپ قويسىلا ئىش پۈتىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ بىز بۇرۇنقىلارنى سىناقلارنى چۈشۈرۈپ سىنىغان. ئۇنداق قىلىشتىن مەقسەت كىملەرنىڭ ھەقىقىي ئىشەنگۈچىلەر ئىكەنلىكى، ۋە كىملەرنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈش.

بىر ئادەم «مەن مۇسۇلمان» دەپ قويسىلا ئاللاھ شۇ بويىچە ئىشەنمەيدۇ. بەلكى بىر قىسىم سىناقلارنى چۈشۈرۈپ، كىمنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمان ئىكەنلىكى، ۋە كىمنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى سىنايدۇ. بىز ئۆگىنىشىمىز، شۇ ئارقىلىق دىنىمىز بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

ئىلاۋە: مەن يېقىندا تورلاردا ئېلان قىلغان «ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتى»، «تىرىشچانلىق ۋە ئىبادەت»، ۋە «نېمىشقا يامانلىقلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن 3 پارچە ماقالىدە ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلاردىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم.

بىر تال شامنىڭ مەقسىتى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىش.

سىزدىكى بىلىملەرنىڭ مەقسىتى ئۆزىڭىزنىڭ قوسىقىدا ساقلىنىش ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا تارقىلىش.

سىز ئىسلامنىڭ ۋەكىلى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇنداق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىڭىز كېرەك. ئائىلىڭىزدە، بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا، دوستلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە، تونۇشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە، ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە سىز ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىسىز. سىز بۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. سىز ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭىز كېرەك. ئۆگەنگەن نەرسىلىرىڭىزنى ئىشلىتىڭ. ئۇلارنى ئىش-ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇڭ. ئۇلارنى بىكار قويۇپ قويماڭ. مۇسۇلمانلار ھەقىقىي مۇسۇلماندەك ئىش تۇتقاندىلا ئاندىن ئىسلام باشقىلارغا تارقىلىشقا باشلايدۇ. مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنىڭ ئىدېئالىغا لايىق ئىش قىلغاندىلا، دەۋەتچىلىك سۆزلەر بىلەن ئەمەس، ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

قېرىنداشلار، مەن سۆزۈمنى مۇنداق بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن خۇلاسىلەي: كۆپىنچىمىز «سىناقلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن مەن قانداق ئىشلارنى قىلالايمەن؟ مەن ئىنسانلارنىڭ دۇنياۋى ئەھۋالىنى قانداق ئۆزگەرتەلەيمەن؟ مېنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىم نېمە؟ » دەپ ئويلايمىز. مېنىڭ جاۋابىم: دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆز نەزىرىڭىزدىن چۈشۈرۈپ قويماڭ، ئەمما ياخشى ئەمەللەرنى ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان يەردە قىلىڭ.

--مەن ئۆز ئائىلەمدە نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن؟
--مەن ئۆز جەمئىيىتىمدە نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن؟
--مەن ئۆز دوستلىرىم چەمبىرىكى ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن؟

سىزنىڭ ئىش باشلاش نۇقتىڭىز ئەنە شۇنداق باشلىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز سىناقلاردىن ئۆتۈپ، سىناقلاردىن ئۆزىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز. شۇنداق قىلسىڭىز، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارغىمۇ تارقىتالايسىز. ئەگەر ھەممىمىز مۇشۇنداق قىلىشنى باشلىساق، قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ بىر تىنچلىق دولقۇنى، بىر ئىسلام دولقۇنى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بىزنىڭ ئىستەيدىغىنىمىز ئەنە شۇ. بىز كىشىلەرنىڭ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي تەلىماتلىرىنى بىلىۋېلىشىنى ئىستەيمىز. ئەگەر بىز ھەممىمىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇشۇنداق قىلىشقا باشلىساق، ئاندىن شۇ چاغدا، پەقەت شۇ چاغدىلا بۈگۈنكى ئۈممەتلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا تاقابىل تۇرالايمىز.

قېرىنداشلار، ئىسلامنى ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ ئەڭ ياخشى يولغا قويۇڭ. ئاللاھنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنى ئەنە شۇ. سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىزمۇ ئەنە شۇ. ھازىر دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمۇ ئەنە شۇ.

ياسىر قازىنىڭ «نېمىشقا ئۈممەتلەرگە بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن نۇتۇقىنىڭ مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان مەزمۇنلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مەن بۇ يەردە بايان قىلىنغان سەۋەبلەرنى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەن 3 چوڭ سەۋەبنىڭ ئىچىدىكى 3-سەۋەبنىڭ داۋامى، ھەمدە 4-سەۋەب، دەپ چۈشەندىم. يەنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئەھۋاللارغا كىرىپ قېلىشىدىكى 4-سەۋەب، ئۆزلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياكى ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلالمىغانلىقىدىن ئىبارەت. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان، مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئارقىدا قېلىشىنىڭ 4 سەۋەبى ئۇيغۇرلارغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ماس كېلىدىغان بولۇپ، مەن تورداشلارغا مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا تەدبىقلاپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


3. ئاخىرقى سۆز

مەن يېقىندا ئۆز تېمىلىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا جاۋابەن بىر قىسىم كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. مەن ئۇ جاۋابلارنى يازغاندا «ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلار - ھازىرقى قىيىن ۋاقىتلار ئۈچۈن كۆرسەتمە» دېگەن دوكلاتنى تېخى ئاڭلىمىغان، شۇنداقلا «نېمىشقا ئۈممەتلەرگە بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن نۇتۇقتىكى مەزمۇنلارنى ئېسىمگە كەلتۈرمىگەن ئىدىم. ئۇ كۆز-قاراشلارنىڭ بىر قىسمى نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە بولۇپ، مەن ئۇلارنى مەزكۇر ماقالىگە تۆۋەندىكىدەك قوشۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:

-- ئىنسانلار 3 خىل ئېھتىياج بىلەن يارىتىلغان: (1) فىزىكىلىق، جىسمانىي، ياكى ماددىي ئېھتىياج. (2) ئىلاھىي، دىنىي، ياكى روھىي (sipiritual) ئېھتىياج. (3) ئەقلىي (intellectual) ئېھتىياج. ھەممە ئىنسانلار ئۈچۈن 1-ئېھتىياج ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق بولىدۇ. ئەمما، 2- ۋە 3-ئېھتىياجنىڭ ھەر بىر ئىنساندىكى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشىمىغان ئىنسانلارغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. دىنغا بەكرەك بېرىلىپ، پەنگە بوشراق بېرىلىدىغان ياشلار روھىي ئېھتىياجى كۈچلۈكرەك بولغانلارغا كىرىدۇ. پەنگە بەكرەك بېرىلىپ، دىنغا بوشراق بېرىلىدىغان ياشلار بولسا ئەقلىي ئېھتىياجى كۈچلۈكرەك بولغانلىرىغا كىرىدۇ. مېنىڭچە ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ 2- ۋە 3-ئېھتىياجلىرى بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايتتى. ئەسلىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايتتى. ئەمما ھازىر ئىسلام دىنىنى چۈشەنمەسلىك، ياكى توغرا چۈشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ياشلار پەيدا بولدى. مەن ھازىر ئاشۇ ئىككى خىل ياشلارنىڭ ئوتتۇرىسىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىۋاتىمەن.

-- مېنىڭچە ھازىر يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ناچار ئىشلارنى دىن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. ئۇنى ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما «مۇسۇلمانلىق شەرتلىرى» گە ئاساسەن توشمايدىغان كىشىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاشۇ كىشىلەر ناچار ئەھۋاللارنى ھازىرمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا شەخسىي دۇكىنى بار «مۇسۇلمانلار» كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى يالغانچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمەتكە باج تۆلىمەيدىكەن. ئۇلاردىن «نېمىشقا باج تۆلىمەيسەن؟» دەپ سورىسىڭىز، «كاپىرلارغا باج تۆلىمىسە گۇناھ بولمايدۇ»، دەپ جاۋاب بېرىدىكەن. ئەمما ئاشۇنداق جاۋاب بەرگەن بەزى كىشىلەر ئۆز دۇكانلىرىدا پىۋا بىلەن ھاراق ساتىدىكەن.

-- مەن مۇنداق ئويلايمەن: ئەگەر ئاللاھ بىر كۈنى ئىسلام دىنىنى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ياپونلارغا بەرسە، ياپونلارنىڭ قولىدا بۇ دىندىن ھازىرقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان نەتىجە چىقىدۇ. سەۋەبى، (1) ياپونلاردا ئىسلام دىنىنى توغرا ۋە تولۇق چۈشەنگۈدەك ئەقىل بار. بۇ ئەقىلنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يولغا قويۇلغان يۇقىرى سۈپەتلىك مەجبۇرى مائارىپىدىن كەلگەن. (2) ئۇلاردا دىننى توغرا ئېلىپ ماڭالايدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاڭ ۋە سەمىمىيلىك بار. (3) ئۇلاردا ئىسلامدا تەلەپ قىلىنغان ئەخلاقىي سۈپەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق. مېنىڭچە ئاللاھ ئەسلىدە مۇسۇلمانلاردىن ئىسلام دىنىغا خۇددى ياپونلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ روھىغا ئېتىقاد قىلغاندەك ئېتىقاد قىلىشنى تەلەپ قىلغان. مۇسۇلمانلاردىن ئاخىرەتنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغان ئاساستا بىر ئىناق، ئادىل، ئەركىن، ۋە ھۆرلۈككە تولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، ئۆزىدىكى بارلىق ئەقىل، بارلىق يوشۇرۇن قابىلىيەت ۋە باشقا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، شۇ ئاساستا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ تۇرۇپ ياشاشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما مېنىڭچە ھازىرقى مۇسۇلمانلار ئاللاھنى رەنجىتتى. ئىسلامنىڭ يۈزىنى تۆكتى. باشقا ھەممە ئىشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ بىر، قۇرئان بىر ۋە پەيغەمبىرىمىز بىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەگەر ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا يۇقىرىراق ساپا بار بولغان بولسا، ئۇلار ئەقىل ئىشلەتكەن بولسا، ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك ئۇنچىۋالا كۆپ گۇرۇھ-مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتمەيتتى. بىر-بىرىنى ۋەيران قىلىش ئىشى تېخىمۇ يۈز بەرمەيتتى.

-- ھازىر ئۆز ئىچىمىزدىكى دىنىمىز ھەققىدە قالايمىقان سۆزلەپ يۈرگەن كىشىلەر ئاساسەن دىنىمىز توغرىلىق ھەقىقىي تۈردە چوڭقۇر ئىزدىنىپ باقمىغان، دىنىمىزنى تولۇق ۋە توغرا چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان. مېنىڭچە ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە دىنىي ئېتىقاد زىيانلىق ئەمەس بولۇشى، ئەمما بىر ئىنسانپەرۋەرلىككە باي، ئادىل، ئەركىن، ئەخلاقلىق ۋە گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا چوقۇم بىر دىنىي ئېتىقاد ياكى باشقا بىرەر ئېتىقاد (مەسىلەن، ياپونلارغا ئوخشاش ئەجدادلارنىڭ روھىغا بولغان ئېتىقاد) كەم بولسا بولماسلىقى مۇمكىن. پۇلغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەر بىلەن تولغان بىر جەمئىيەت ۋاقتىنچە ماددىي جەھەتتىن باياشات ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن بىچارە كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ مەقسىتى بولمايدۇ، ھەمدە ئازراق شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

--مېنىڭ مەقسىتىم مۇنبەرلەردىكى باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش: مىللەتنىڭ كۈنىنى ياخشىلاش ۋە مىللەتنى كەلگۈسىدە روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ ياشاش. مەن ئاشۇنىڭغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ مېڭىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. يېقىندىن بۇيان تورلارغا «ئىسلامنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان زىيىنى» ھەققىدىكى سۆزلەر چىقىۋاتىدۇ. مەن بىر تەبىئىي-پەنچى بولغاچقا، بۇنداق ئىشلاردا ئابستراكت بايانلارنى ياخشى كۆرمەيمەن، بەلكى پاكىتلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئىستەيمەن. مېنىڭچە ھازىر يۇرتتىكىلەر دىنغا مايىل كىشىلەر بىلەن دىنغا مايىل ئەمەس كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىر ئادىل ۋە باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان شارائىتقا ئىگە ئەمەس. بولۇپمۇ سىياسەتنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولۇشى بىلەن دىنغا مايىل ئەمەسلەر قورقماي تۇرۇپ بىر قىسىم نەرسىلەرنى يېزىۋاتقان بىلەن، يەنە بىر تەرەپ ئۇنداق قىلالمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن شەخسەن تورلاردا دىنىي تېمىلاردا بەك كۆپ بەس-مۇنازىرە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. مەن دىن ھەققىدە ئىزدەنگەنسېرى دىن ئۈستىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئۇنداق ئاددىي ياكى ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ بەدەل ياكى ئەجىر تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان خېلى كۆپ ناچار ئىشلارنىڭ سەۋەبى ئىسلام دىنى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال بىلىم سەۋىيىسى ياكى بىلىم ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنى ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە ئەكېلىپ قويغان نەرسىمۇ ئەنە شۇ: مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان كىشىلىك ساپانىڭ تۆۋەنلىكى. ساپاسى تۆۋەن خەلققە بىر دانە گۆھەر بەرسىڭىز، ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر تال تاشنىڭ ئورنىدا پايدىلىنىدىغان گەپ ئىكەن. شۇڭلاشقا مەن گۇناھنى ئىسلامغا ئارتىۋاتقان قېرىنداشلارغا ئىزچىل تۈردە يامان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسان ئامىلى بىلەن دىنىي ئامىللارنى ئايرىپ چىقىشنى، مەسىلىلەرگە بۇ ئىككى ئامىلنى پەرقلەندۈرگەن ئاساستا قاراشنى، ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي تۈردە توغرا ۋە تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا باھا بەرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ جەھەتتە مېنىڭ مەيدانىم ھازىرمۇ ئوخشاش. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن 1-دەرىجىلىك مۇھىم ئىش پۈتۈن خەلقنىڭ ئومۇمىي بىلىم سەۋىيىسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. ئۇيغۇرلارنى ماددىي ۋە ئەقلىي تۇرمۇشتا تەرەققىي قىلغان ئەللەر خەلقلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، مائارىپقا تايىنىپ، تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكىنى بارلىق كۈچ بىلەن يۈكسەلدۈرۈپ، شۇ ئاساستا پۈتۈن ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئىچىدىكى ئىشچىلار بىلەن ئىنژېنېرلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. بەزى دىنسىز جەمئىيەتتە پۇلدارلارنىڭ سانى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپەيگەن بىلەن، ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىت، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق ساپاسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي سۈپىتى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە، ھەمدە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە بۇزۇلدى ۋە تۆۋەنلەپ كەتتى. ئاشۇنداق ئەھۋالنى بىر خىل دىنسىز تۈزۈلمە ياكى ئىلاھىي ئېتىقادسىز تۈزۈلمە ئاستىدا تۇرۇپ ھەل قىلغىلى بولامدۇ-يوق، ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ.

يۇقىرىدىكىلەر مېنىڭ شەخسىي كۆز-قاراشلىرىم. ئەمدى مەن مەزكۇر ماقالىنى ياسىر قازىنىڭ «ئىسلام ھەققىدىكى گۇمانلار - ھازىرقى قىيىن ۋاقىتلار ئۈچۈن كۆرسەتمە» دېگەن دوكلاتىنىڭ خۇلاسە قىسمى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەردە ئىلاھلىق (sipirituality) بار بولغان، گۈزەل ئەخلاق بار بولغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ مەقسىتى بار بولغان. بىزنىڭ ئۈممەتلىرىمىزدە بار بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر دەل ئەنە شۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مەقسەتنى بىلىمىز. بىز ئەخلاققا ئەڭ باي، ئەڭ مەرد، ياشانغانلارغا ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان، ۋە ئادەمگەرچىلىكى بىلەن غۇرۇرى بار كىشىلەرمىز. ئاشۇ سۈپەتلەر بۇ دۇنيادىكى ماددىي مۇكاپاتلاردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. بىزنىڭ دۇنياغا بېرەلەيدىغىنىمىز بىزنىڭ پۇلىمىز ئەمەس، بىزنىڭ ئۇنۋانىمىزمۇ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە بىر ئىسپاتچى بولۇپ يارىتىلغانلىقىمىز. زىممىمىزگە باشقىلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش، ئەخلاقلىق ئۈستىدە تەلىم بېرىش، ئادالەتلىكنى گەۋدىلەندۈرۈش، مۇسۇلمانلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، ئالىيجانابلىقنى كۆرسىتىپ بېرىش، ھەمدە، ئەڭ مۇھىمى، ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچۇرغا ۋەكىللىك قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. قېرىنداشلار، بىز ھازىر بىر ناھايىتى قالايمىقان دەۋردە ياشاۋاتىمىز. دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن سىلەردىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئەنئەنە ۋە يادىكارلىقلىرىدىن پەخىرلىنىشنى، ئۆزۈڭلارنىڭ كىملىكىدىن پەخىرلىنىشنى، ئۆزۈڭلارنىڭ روھىي قانداشلىقىدىن مىننەتدار بولۇشنى تەلەپ قىلىمەن. ياراتقۇچىمىز سىلەرگە ئاتا قىلغان سوۋغاتنىڭ بىر ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى، ئۇ سوۋغات سىلەرگە دۇنيا بىلەن ھەمبەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن ئاتا قىلىنغانلىقىنى، ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ سوۋغاتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Doubts about Islam - Guidance for Challenging Times
https://www.youtube.com/watch?v=-dL-SDO2k2w

[2] بىلىمخۇمار: ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟
http://bbs.bagdax.cn/thread-23219-1-1.html

[3] بىلىمخۇمار: مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار
http://bbs.bagdax.cn/thread-23424-1-1.html

[4] Why Is This Happening To The Ummah
https://www.youtube.com/watch?v=BZaGcLkwzfU

[5] Current State of the Ummah
https://www.youtube.com/watch?v=htwB5-n-Qos


بۇ ماقالىنى ئىنىمىز «پىداكار» تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


مەنبە-مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
سەن ئوزۈڭنى  جاھاندا بىر سانىساڭ  ، بىلىپ قال بىزمۇ ئككى ئەمەس.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-12-10 22:11:41 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
باغداش تورىدا كۆرۈپتىدىم بۇ تىمىنى بۇ مۇنبەردە كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم ،ئىشقىلىپ ئالدىرماي ئەستايىدىل ئوقۇيدىغان ماقالە بۇ
سىزگە كۆپ تەشەككۈر
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.119973 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش