بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يارقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-7-16 04:27
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدىكى چوڭ كىچىك توڭ پىششىق ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلەر قانداق ئەھۋالىڭلار ياخشى تۇرغانسىلەر ، بىر مەزگىل تور ئالدىغا كىلەلمەي ئۇزۇن بوپتۇ سىلەر بىلەن ئەھۋاللاشمىغىلى ، بىر ئىككى كۈن بولدى قاراپ باقسام مۇنبەر بۇرۇنقىدىن سەل جىمىپ قالغاندەك شۇڭا سىلەر بىلەن ئەھۋاللىشاي دەپ مۇنۇ سۆزلەرنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، قۇرۇق قۇلاق- قۇرۇق قۇلاققا خوش ياقمايدۇ دىگەندەك ئاز بولسىمۇ بىرقانچە كۇپلىت ئۇيەر بۇيەردىن دىگەندەك شېئىرلارنى ئىپ كەلدىم ، ھە راس ماۋۇ شېئىرغا ماۋزۇ قوياي دىسەم بىر كۇپلىتى يەنە بىرسىگە باغلاشمىغان بولغاچقا ئىسىم قويالمىدىم مەن ئۆزۈممۇ مۇشۇنداق تاققۇ قۇققۇ بالا شۇڭا قولۇمدىن پارچە پۇرەت يىزىشتىن باشقىسى كەلمەيدىكەن توغرا چۈشۈنەرسىلە ھە ، كەسپى يازغۇچى بولمىغانكىن مەن
يامغۇر توختاپ قالدى مەڭزىمدە،
ئيتقىن كۆڭلۈم ساڭا نە كىرەك.
سىقىلدى جان ھىجران دەردىدە،
ئاھ ،نىمانچە ئاغرىيدۇ يۈرەك.
ئۇچراپ تۇرار كۈتمىگەنلىرىم ،
كۈندە بىررەت ياكى نەچچە رەت .
كۈتكەنلىرىم سايىسىزمىدۇ ،
ئۇچرىمايدۇ نىچۈن ئۇ پەقەت .
بىغۇبانە كۆڭلۈم سۇنۇپ چۆكۈپ ئەلەمگە،
ئارام ئىزلەپ ئازاپ تۈسى سۇنۇق كۆڭلۈمگە.
چۆكۈپ كەتتىم ئازغۇنلارنىڭ پاتىققىغا ھەم،
بەلكىم قىسمەت باشلاپ ماڭار مىنى ئۆلۈمگە.
|