ناتۇنۇش يىگىت
ناگانلاردىن چىكىلگەن ئىشكىم، قىلدى نىمجان ،ئەيلىدى بىھۇش. تۇنۇش سىزىم بەرگەن سىمايىڭ، ماڭا تېخى شۇنچە ناتۇنۇش.
چىكىلگەندە قەلبىم قايتا رەت ، مەغرۇرلۇقۇم سۇندى قاراسلاپ. سۇندى دىسەم ۋىسالىن شەربەت، كەلگەن پېتى كەتتىڭ يىراقلاپ.
چىكىپ كەتتىڭ چوغ كەبى زەخمەك، تاپالمىدىم قايتا ئىزىڭنى. ئەۋەتمىدىڭ سەدىقە قىلىپ، دىلغا مەلھەم خۇشبۇي ھىدىڭنى.
ئىككى كۆرمەك توزدى ئۆمۈرنى، دىلدىن -دىلغا سوزۇلدى داۋان. يايدا بولساڭ ئاڭلىغىن يىگىت، تەنھا ئاشىق دەردى بەك يامان.
كۈتمىگەن يۈرەك
ئۈمىدسىز يوللارغا تەلمۈرمە يۈرەك، كىلەردە يول توسقان نازۇك چىمەن بار. بولدى قىل سايراشتىن ساقلىغىن تېلغۇن، كۈتكەنگە زارلىتىپ ئەتمىگىن بىزار
كۈتمىگىن زارلىنىپ كۈتمە دۇنيانىڭ، سەن تېخى قانمىغان ئازاپلىرىنى. كۈتمىگىن ۋەسلىدىن زەھەر ئۇزاتقان، شۇ ئازغۇن ئاھۇ كۆز جانانلىرىنى.
قۇياشتەك چىھرىمدە ئۆكسىۋال قەلبىم، بۇلۇتتەك زارلاشقا يوق سىنىڭ رايىڭ. زىمىننى ئەزسىمۇ ئاھلىرىڭ قانچە، شىرىن چۈش ئىلكىدىن ئويغانماس يارىڭ. باھانە ئىزدىمە تاڭغا ،قۇياشقا، توزۇشقا گۈللەرمۇ كۈلىدۇ ئوقچۇپ. بۇ ئازغۇن جاھانلەر شۇنچە بىۋاپا، نىكەملەر بىل سىنى كەتكەن ئۇ ئۇنتۇپ.
مەندە يوق مۇھەببەت،مەندە يوق ئازاپ
مەن ئەمەس خۇشناۋا كۈي كەبى لەرزان ، كۈتمەيمەن باھارنىڭ كۆزىگە قاراپ. ئۇنتۇلغان بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرغىنىم، مەندە يوق مۇھەببەت ،مەندە يوق ئازاپ. بىر قېنىق ھارارەت ،ئاتەش تەپتىدىن، مەن ئەمەس زىمىننى قىزدۇرغان قۇياش. مەندە يوق مۇھەببەت ،مەندە يوق ئازاپ، شەپەقتەك زۇلمەتكە يەم بولغىنىم راس.
بۇلۇتنىڭ زارىدا ئۆكسىسە زىمىن، قەلبىمدە بىر سەھەر كۈلىدۇ پارلاپ. شەبنەمنى قۇرۇتقان شامالدۇر ئەكسىم، مەندە يوق مۇھەببەت،مەندە يوق ئازاپ. مەندە بار پەقەتلا ئۈلۈمدەك پىنھان، دىڭىزدەك سۈكۈتتە چايقىلار يۈرەك. مەندە يوق مۇھەببەت،مەندە يوق ئازاپ، ئازاپمۇ يوق مەندە سۈكۈتتىن بىلەك.
قىز كۆڭلى
قىز كۆڭلى ئۇ كەبى تىلسىم دۇنياكەن، قىز سۆيگۈسى ئېقىپ پۈتمەس دەرياكەن. گاھى شاتلىق ،گاھى قايغۇ ھەمراكەن، پەسىللەرنىڭ سىرى پىنھان قىز كۆڭلى. دىل سىرىنى ساڭا بايان ئىتەلمەي، يوللۇرۇڭدا جىلۋە بىلەن كۈتەلمەي. ۋىسالىڭسىز يا مۇرادقا يىتەلمەي، ئۆز باغرىنى قان ئىتەركەن قىز كۆڭلى. سالاملىرىڭ سۈيۈپ ئۆتسە يۈزىنى، تىزىدۇ-يۇ پاك ساداقەت گۈلىنى. ھايا توسسا سۆيگۈ ئىزلەر يۇلىنى، سۈيۈپ تۇرۇپ ياق دەيدىكەن قىز كۆڭلى. ئۆزگە بىلەن تاپسا ھاسىل مۇرادىڭ، دىلنى ئىزىپ تۇرسىمۇ دەرت ،پىراغىڭ. ياشلىرىنى سۈرتۈپ بىر ھال مۇلايىم، بەختىڭ ئۈچۈن كېچەر ئىكەن قىز كۆڭلى. بىھۇش بولما ھۆر-پەرىلەر نازىدىن، ئۈزۈڭ ئۇنتۇپ شوخ مەلئۇنلار سازىدىن. دىمە ھەرگىز يىراق قايغۇ-زارىدىن، 'كۈلۈپ تۇرۇپ يىغلايدىكەن قىز كۆڭلى.
دىلخازان
|