ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

گەنجۇئۇيغۇرلىرى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

گەنجۇئۇيغۇرلىرى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى
ئەخمەت مۆمىن تارىمى
(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي   مۇھەررىرى،نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)


      مىلادىيە840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى بىلەن يىمىرىلگەندىن كېيىن ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارمەۋجۇتلۇقنى كۆزلەپ غەربكە ۋە جەنۇبقا كۆچتى( بىرقىسمى ئۆز ماكانىدا قېلىپ قالدى).ئەسكەرتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان قارابالغاسۇننىڭ قىرغىزلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلىشى، قاغاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى،ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى جايلارغا كۆچۈپ كېتىشى، قانداقتۇر ئۇيغۇر ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيتتى. چۈنكى، «كۆچمەنخەلقلەرنىڭ دۆلەت تەشكىلاتلىرى ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا يولۇققاندا ئەلۋەتتە چوڭ چىقىملارغا ئۇچرايدۇ، لېكىن ئۇلاردا تولۇق مۇنقەرز بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئاز دېگەندە مۇنداق ئىككى خىل ئىمكانىيىتى بار: بىرى، دۈشمەن شۇچاغنىڭ ئۆزىدە يېتىپ بارالمايدىغان يىراق رايونلارغا (تەشكىللىك ياكى تەرتىپسىزھالدا) تېزلىكتە كۆچۈپ كېتىش؛ ئىككىنچىسى، ئىمكانىيەت بولسا بېسىپ كەلگۈچىگە قوشۇلۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى بۇلاڭچىلىق ئۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلىش»(1). گەرچە قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپىنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتەلمىگەن ياكى بويسۇندۇرالمىغان، قاغاننىڭ ئاغا - ئىنىلىرى،پەرزەنتلىرى، ئەمەلدارلىرى، ئېسىلزادە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۆپچىلىكى يەنىلا ئۆزقوۋملىرىنى كونترول قىلىپ تۇرغان. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆچۈشى قانداقتۇر بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈشى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي بۆلىكىنىڭلا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي رايونى بولۇپ كېلىۋاتقان موڭغۇل يايلىقىدىن يەنە شۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان، ئۆز قېرىنداشلىرى بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان خېشى كارىدورى ۋە جۇڭغار، تارىم رايونلىرىغا يۆتكىلىشى ئىدى(2).
     «كوناتاڭنامە»((旧唐书، «يېڭى تاڭنامە »((新唐书، «ئەلنى ئىدارە قىلىشقاپايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»((资治通鉴دىكى خاتىرىلەرنى تەتقىق قىلغاندا، غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار دەسلەپتە بەشبالىق ئەتراپىدىكى قارلۇقلارنىڭ يېرىگە كەلگەن ، كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش يۈزبەرگەنلىكتىن ، يەنى قىرغىز ئاقسۆڭەكلىرى ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختىنى ئىشغال قىلغانلىقىغىلا قانائەت قىلماي،  842 – يىلى يازدا غەربكە كۆچكەن پان تېكىن باشچىلىقىدىكى 15 قەبىلىگە ئىككىنچى قېتىم زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن، بۇلار تېخى مۇستەھكەملىنىپ بولالمىغاچقا، قىرغىزلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ بولالماي، بىر قىسىمى يەنىلا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا قېلىپ قىرغىزلار بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرغاندىن باشقا، بىر قىسىمى تىبەتلەر ئىگىلەپ تۇرغان خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قېشىغا ــــ گەنجۇ ، لياڭجۇ، چىنجۇ، سۇجۇ ئەتراپلىرىغا ، يەنە بىر قىسىمى پان تېكىن باشچىلىقىدا تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ ئەنشىگەــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغا  كەتكەن(3). يەنە بىر قىسمى بولسا يەتتىسۇ،سۇياب دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقان(4).
       پان تېكىن باشچىلىقىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرلار ئەنشىگە ــــ قاراشەھەر، كۇچا ئەتراپىغاكەلگەندىن كېيىن ، 842-يىلى پان تېكىن ئۆزىنى يابغۇ دەپ جاكارلىغان. چۈنكى بۇچاغداجەنۇپقا كۆچكەن ئۇيغۇرلار تىكلىگەن ئۇكا قاغان تېخى ھايات ئىدى ھەم ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قاغانى ئىدى. كېيىن پان تېكىن ئۇكا قاغاننىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنىسى ئوكنىر(ئىنان) قاغان ۋە ئادەملىرىنىڭ پىتىراپ كەتكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن 848 – يىلى 1 – ئايدا ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ(5)،ھاكىمىيەت تىكلىگەن(تەتقىقاتچىلار بۇ ھاكىمىيەتنى «غەربىي ئۇيغۇردۆلىتى» دەپ ئاتايدۇ). ۋاھالەنكى، كېيىنچە «ھاكىمىيەتتە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەن»، يەنى 870-يىلى ئەتراپىدا پان تېكىن بەشبالىقتىكى سەردارى بۆگۈچىن(بۆگۈ تېكىن) تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.پان تېكىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۆگۈچىننىڭ قۇچۇ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇۋېلىشى بىلەن پان تېكىننىڭ ئۇرۇق - جەمەتى، بۇيرۇق - تارقانلىرى ۋە بىر قىسىم ئادەملىرى بۆگۈ چىننىڭ رەھبەرلىككە ئىتائەت قىلىشىنى خالىماي ئۆز ئالدىغا يول تۇتۇشقان(6) ، يەنى ئۇلاردىن بىرقىسمى خېشى رايونىدىكى گۇاجۇ، شاجۇغا كەتكەن(7). نەتىجىدە « مىلادىيە 870-يىلى پان تېكىن ئۆلۈپ ئۇزۇنغا قالماي، غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ھەم گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قورۇلغان»(8).جۈملىدىن تاكى مۇشۇ مەزگىلگىچە غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىگە تەۋە بولۇپ تۇرۇۋاتقان خېشى ئۇيغۇرلىرى 875 – يىلىدىن كېيىن ئۆزئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇش يولىغا ماڭغان (9) .شۇنىڭدىن كېيىن ، خېشى ئۇيغۇرلىرى ئىچكى جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن. بولۇپمۇ پان تېكىننىڭ  ئۇرۇق - جەمەتى خېشى رايونىغا كەلگەندىن كېيىن تەدىرىجى ھالدا بۇيەردىكى ھەر قايسى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ئۇيۇشتۈرغۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، خېشى ئۇيغۇرلىرى تەدىرىجى بىرلىككە كىلىشكە باشلىغان. جۈملىدىن ئۇلار گەنجۇ رايونىنى مەركەز قىلىپ ، كۈچىنى زورايتىپ، ئەڭ ئاخىرى مۇستەقىل بىرسىياسىي، ھەربىي گوروھ سۈپتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققان(10).
      گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تارىخى ماتېرىياللار ناھايىتى ئاز.شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىدە بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.دۇنخۇاڭ ۋەسىقىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 870-يىلى غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسى بولغان پان تېكىننى ئۆلتۈرۈپ قوچۇ ئۇيغۇرخانلىقىغا ئاساس سالغان بۆكۈچىن  876 –يىلى 4-ئايدا ئىۋىرغول( يەنى قۇمۇل ) نى ئىگىلىگەن (11) ، بۇنىڭ بىلەن قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا خوشنا بولۇپ قالغان.گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى ئالدى بىلەن قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن بولغان دىنى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتكەن. بۇچاغدا قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بۇددا راھىبلىرى دائىم گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىغا كېلىپ دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بۇددا راھىبلىرى بىلەن بىللە ئىران، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ كۆپ راۋاجلانغان بولسا كېرەك، لېكىن بۇ ھەقتىكى تارىخى ماتېرىياللار ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ(12).
       مىلادىيە11 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقى ھەر خىل سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. جۈملىدىن ئوردىدىكى ئەمەلدارلار ۋەھەرقايسى جايلاردىكى سەردارلار كۈچىيىپ كېتىپ، قاغاننىڭ نوپۇزى تۆۋەنلەپ كەتتى،ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى ماجراسى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىپ،  ئوردىدا سىياسىي ئۆزگىرىشلەر توختىماي  يۈز بېرىپ ، بەزى قەبىلىلەر قارشىلىق كۆرسىتىپ ، ھاكىمىيەت ئاجىزلاپ كەتتى. نەتىجىدە خانلىقنىڭ ئىگىلىكى خارابلىشىشقا يۈزلەندى، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان سودا – تىجارەتلىرىنىڭ كۆلىمىمۇ بەك تارىيىپ كەتتى. مەملىكەت سىياسىي جەھەتتە مۇقىم بولمىغان،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىزلاشقان مۇشۇنداق چاغدا، تاڭغۇتلار تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېلىپ، گەنجو ئۇيغۇر  خانلىقىغا  ئېغىر خەۋپ تۇغدۇردى.
      1028 -يىلى تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى لى يۈەنخاۋ گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى گەنجۇنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، قاغان گەنجۇدىن قېچىپ چىقىپ، ئۇيغۇر قۇشۇنىنى قايتا تەشكىللەپ تاڭغۇت قوشۇنىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى.ئەمما مەغلۇپ بولۇپ يارىلىنىپ چېكىندى.ئۇ ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋەزىپىسىنى ئۆزىنىڭ ئوغلىغا تاپشۇرۇپ،  قايتىدىن قوشۇن تەشكىللىدى. تاڭغۇت قوشۇنى ئۇنىڭ ئوغلىنى ئەسىرگە ئالغاندىن كېيىن، قاغان چىليەنشەن تېغىنى بويلاپ شەرققە يۈرۈش قىلدى ھەم چىڭتۇشەن تېغىغا كەلگەندە بۇرۇنقى يارىسى قوزغىلىپ قازا تاپتى، شۇنىڭ بىلەن شەرققە قىلغان يۈرۈش مەغلۇپ بولدى(13). قاغاننىڭ ئوغلى تاڭغۇتلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن قالدۇق ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى باشلاپ، غەربتىكى سۇجۇ، گۇاجۇ ۋە شاجۇ رايۇنلىرىغا كېلىپ تاڭغۇتلار بىلەن داۋاملىق قارشىلاشتى. بۇ چاغدا تاڭغۇتلارنىڭمۇ سۇجۇ،  گۇاجۇ، شاجۇغا ئىلگىرىلەپ ھۇجۇم قىلغۇدەك مادارى تېخى يوق ئىدى. ھالبۇكى 1032-يىلى(ياكى1033-يىلى) تاڭغۇت قۇشۇنى لياڭجۇنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،  ئۇلارغا باش ئىگىشنى خالىمىغان نەچچە تۈمەن ئۇيغۇر جەنۇبقا كۆچۈپ كېتىپ ، گۇاجۇ، شاجۇ، سۇجۇدىكى ئۇيغۇرلار تېخىمۇ يېتىم قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تاڭغۇتلارنىڭ سەردارى لى يۈەنخاۋ 1036 – يىلى يەنە غەرىبتىكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى ھەم گۇاجۇ، سۇجۇ،شاجۇلارنى بىر يولىلا تارتىۋالدى. بۇ ھەقتە « سۇڭ سۇلالسى تارىخى» 485 -جىلىد«تاڭغۇتلار تەزكىرىسى»دە: «(لى يۇەنخاۋ) ... گۇاجۇ، شاجۇ، سۇجۇ ئۈچ ئايماقنى ئالدى»خاتىرىلەنگەن(14). لى يۇەنخاۋ خېشى كارىدۇرىنى تامامەن ئىگىلىگەندىن كېيىن قېپقالغان ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئارقا تەرىپىگە تەھدىت سالىدىغان مۇھىم كۈچ دەپ قاراپ، نۇرغۇن لەشكەر قۇيۇپ ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندى(15). شۇنداق قىلىپ 11ـ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىغا كەلگەندە خېشى رايونىدا 160 يىل ئەتراپىدا ھۆكۈم سۈرگەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تامامەن ھالاك بولدى(16) (مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن «ئۇيغۇر»دېگەن بۇ نام گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنى كۆرسەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن).
     ئەمماھاكىميەتنىڭ ئاخىرلىشىشى ھەرگىزمۇ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇنىڭدىن ئىتبارەن تارىخ سەھنىسىدىن پۇتۇنلەي غايىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن كۆچۈش، يۆتكىلىش، ھەتتا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشتەك تارىخى جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن.جۈملىدىن   ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پاناھ ئىزدەپ چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تىبەتلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىغا كەتكەن(17) ، بىرقىسمى دۇنخۇاڭنىڭ غەربىدىكى تەڭرى تېغىنىڭ ۋەئالتۇنتاغنىڭ كۈنگەي-تەسكەي تەرەپلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا ، يەنى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئۇدۇن (خوتەن ) خانلىقىنىڭ تەۋەسىگە كۆچۈپ كەتكەن ، ئازساندىكى بىر قىسمى سۇڭ سۇلالىسى تەۋەسىگە كەتكەن، يەنە بىرقىسىمى تاڭغۇت دۆلىتىگە ئەل بولغان( تاكى مىلادى 1227 – يىلى چىڭگىزخان تاڭغۇت خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىنلا ئۇلار تاڭغۇتلارنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلغان)(18).گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىرقىسمى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىگە  كۆچكەندىن كېيىن، قۇچۇ ( تۇرپان ) ئۇيغۇرلىرىغا ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن: بىرى، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانىنىڭ ۋارىسلىرىدا ئۆزگىرىش بولغان. يەنە بىرى، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تېررىتورىيىسىدە ئۆزگىرىش بولغان.
  بىرىنچى ئۆزگۈرۈش: تارىخىي ماتېرىياللاردا قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانلىرىنىڭ نەسەبى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىقراق بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىش تەس. ھالبۇكى، گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمى قۇچۇ ( تۇرپان ) غا كەلگەندىن كېيىن، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانىنىڭ ۋارىسلىرىدا ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بۇ ئۆزگۈرۈش قىتان خانلىقى ھالاكەتكە يۈزلىنىپ ، قىتانلارنىڭ خان جەمەتىدىن بولغان يەللىغ(ياغلاقار) تايشى غەربكە كۆچۈشكە ئاتلانغاندىلا ئاندىن ئاشكارىلانغان.جۈملىدىن «لياۋ سۇلالىسى تارىخى.تيەنزوخان ھەققىدە خاتىرە»دە خاتىرىلىنىشىچە، يەللىغ تايشى 1123- يىلى 2-ئايدا كۆك ئۆكۈز، ئاق ئاتلارنى ئۆلتۈرۈپ ئاسمان-زېمىنغا، ئەجداتلىرىغا ئاتاپ نەزىر قىلىپ، غەربكە سەپەرقىلىشقا تۇتۇنغاندا، ئاۋال ئۇيغۇر خانى بىلگەگە مەكتۇپ يوللاپ، « ئۆتمۈشتە ئۇلۇغ پىشۋا خانىمىز (يەنى لياۋ تەيزۇ ئاپاگى) بۆگۈ قاغان شەھىرى(يەنى ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ پايتەختى قارابالغاسۇن شەھىرى)دىن ئۆتكەندە، گەنجۇغا ئەلچى بىلەن مەكتۇپ يوللاپ ، پىشۋا بوۋىڭىز ئورمۇزد قاغانغا(ئەينى ۋاقىتتىكى گەنجۇ ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ قاغانى): ‹ ئەگەر ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ ماكانىنى سېغىنغان بولسىڭىز ،شۇنداقلا قايتىپ بېرىشتىن غەم يېگەن بولسىڭىز، مانا مەن ھازىر بۇ جايلارنى ئىگىلىدىم ، سىزگە ئايانماستىن قايتۇرۇپ بېرەي، مېنىڭ ئىلكىمدىكىسى سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىكىدۇر› دېگەن، پىشۋا بوۋىڭىز دەرھال جاۋاپ مەكتۇپ يوللاپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ، ئېلىنىڭ ھازىرقى ماكانىغا كۆچكەندىن كېيىن نەچچە ئەۋلادقىچە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ، پۈتۈن ئەلنىڭ ھازىرقى ماكانغا مېھرى چۈشۈپ قالغانلىقتىن باشقاجايلارغا كۆچۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭمۇ قەدىم ماكانىغا قايتىپ بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ، مېنىڭ ئېلىم بىلەن سىزنىڭ ئېلىڭىزنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيان ئىجىل ئۆتۈپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.ھالا بۆگۈنكى كۈندە مەن غەربكە سەپەر قىلماق ئۈچۈن سىزنىڭ ئېلىڭىزدىن يول ئالماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن،بۇنىڭدىن ھەرگىز شۈبھىلەنمىگەيسىزلەر» دېگەن (19).بۇ يەردىكى ئۇيغۇر خانى بىلگە دەل قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانى بولۇپ، يەللىغ تايشىنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانى ئورمۇزدنى ئۇنىڭ پىشۋا بوۋىسى دېگىنىدىن بىلگەنىڭ گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ نەسەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. قارىغاندا، جەڭگىۋارلىقى يەنىلا ئۈستۈن بولغان گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمى قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ زېمىنىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇن –تىنسىزلا بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگۈرۈشنى قوزغاپ، قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاغانلىق تەختىگە چىققان بولسا كېرەك.بۇنى ئەلۋەتتە يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا توغراكېلىدۇ.
    ئىككىنچى ئۆزگۈرۈش: گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قىسىمى قۇچۇغا كىرىپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن،ھاكىميەتنىڭ شەرقىي چىگىرىسىنىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن. جۈملىدىن قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەرقىي چىگىرىسى خېشى كارىدۇرىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بۇيلاپ شەرققە سىلجىغان، يەنى  جەنۇبتا چىڭخەيگىچە سوزۇلۇپ ، ئۇدۇن (خوتەن) نىڭ شەرقى، تىبەتلەرنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتكەن( شۇڭا، « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا تىبەتلەرنىڭ زېمىنى« شىمالدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىگە تۇتىشىدۇ » دېيىلگەن)(20)،شىمالدا بولسا جيۇچۇەننىڭ شىمالىغىچە سوزۇلغان(21). بۇ تەۋەلىكتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار دېگۈدەك بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى تېخىمۇ زورايتقان.


پايدىلانمىلار:
(1) (2) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2006 – يىل 5-ئايئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
(3) سۇبېيخەي، لى شيۇمېي :«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىنى ۋە موڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى»، «دۈنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى»1990 - يىللىق 2 - سان (ئومۇمىي 18 - سان).
(4) (6) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: « يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2010 – يىل 12-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(5) ليۇ شيۇ: «كونا تاڭنامە» 195-جىلد «ئۇيغۇرلارتەزكىرىسى»، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1975-يىلى خەنزۇچە نەشرى ؛ سىماگۇاڭ: « ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇمۇمىي ئۆرنەكلەر » 428 – جىلىد، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1956-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(7) چېن بىڭيىڭ:« يەنە گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا»، «دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى» 1990-يىللىق 2-سان(ئومۇمىي 18-سان).
(8)چېن جياخۇا قاتارلىقلار:«سوڭ،لياۋ،جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مىللەتلەر تارىخى»،321-322-بەتلەر، سىچۈەن مىللەتلەر نەشرىياتى 1996-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(9)چيەن بوچۇەن: « ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنخۇاڭدىكى تارىخى»،« دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى »1989 -يىللىق 1-سان (ئومۇمىي 15-سان ).
(10)لى شۇخۇي:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرنىڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش(2) ـــــــ ئۇغۇزلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات-10 »، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى»2007 – يىلى 7-ئاي28-قىسىم4-سان.
(11) جاڭ گۇاڭدا، روڭ شىنجياڭ:« شىجۇ ئۇيغۇرلىرىغا دائىر بىر پارچە خەنزۇچە دۇنخۇاڭ ھۆججىتى »، « بېيجىڭ ئونۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى » 1989 – يىللىق 2 – سان.
(12) ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق : «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى »،571–597 – بەتلەر،  مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991– يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(13)(18) تۆمۈر: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ، مىللەتلەر نەشرىياتى1999-يىل7-ئاي خەنزۇچە1-نەشرى.
(14) « سۇڭسۇلالسى تارىخى»485-جىلىد «تاڭغۇتلار تەزكىرىسى »، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1977-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(15)گاۋ زىخۇ :« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ گەنجۇنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر ـــــــ گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ھەققىدە مۇھاكىمە » ، «گەنسۇ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى » ژورنىلى 1983 – يىللىق 1 – سان.
(16)مورىياسۇ تاكائو(ياپونىيە): «شاجۇ ئۇيغۇرلىرى  ۋە  غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتى»،«دۇنخۇاڭشۇناسلىق مەجمۇئەسى»2000-يىللىق2-سان(ئومۇمىي 38-سان).
(17)لى فۇتۇڭ:« سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە »، « چىگرا سىياسىيسى مۇھاكىمىسى»، 1943 –يىلى 3- توم 8 – سان.
(19) « لياۋ سۇلالىسى تارىخى» 30-جىلىد « تيەنزوخان ھەققىدە خاتىرە(4) »، جۇڭخۇا كىتاپچىلىق ئىدارىسى 1974-يىلى خەنزۇچە نەشرى.
(20)مەھمۇد كاشىغەرى:« تۈركىي تىللار دىۋانى » ئۇيغۇرچە 1- توم 461 – بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1980 – يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشىرى.
(21)تاڭ كەيجيەن:« گەنجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قالدۇق قۇۋىملىرىنىڭ كۈچۈشى ۋە ئۇلارنىڭ شىجۇ ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى » ، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژورنىلى خەنزۇچە 1984 – يىللىق 3 – سان.


مەنبە: ئەجداد تارىخ مۇنبىرى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12

تېما

105

يازما

1002

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 502
يازما سانى:
105
تىللا:
892
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
93 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

جانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-7-6 23:04:46 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ،جاپا چىكىپسىز .
قۇياش ھامان كۈتۈرۈلىدۇ.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-14 18:10:27 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە  بىر  تارىخى  تىمىڭىزنى  كۆرگىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن  .
تەشەككۈر !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

9

تېما

134

يازما

1498

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 92
يازما سانى:
134
تىللا:
1244
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
25 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-10

سادىق ئەزاسۆيۈملۈك ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-1-22 16:10:37 | ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت  ياخشى  تىما  ئىكەن
كېتىدىكەن ھەممىسى تاشلاپ،  يۇرەكلەرنى دەرىتلەردە داغلاپ.

51

تېما

148

يازما

643

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 752
يازما سانى:
148
تىللا:
491
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-1-23 12:45:03 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخقا شۇنداق قىززىقىمەنكى ھەربىر تارىخى يازمىلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئۇقۇپ كېلىۋاتىمەن رەھمەت جاپا چەكتىڭىز
كۆزۈمنىڭ ياشلىرى يۈزۈمنى يۇدى،
قوللىرىم بەخىتنى ئۇزاتتى ئاران.
ئەمدى شۇ كۈنلەرنى ئەسلەشلا قالدى،   
بەخىتكە ئىنتىلىش بوپ قالدى ئارمان

ئۈندىدار :1902826571،1505621846
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:04 , Processed in 0.131454 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش