ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن‹‹ھېكايە››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

60

تېما

125

يازما

987

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 526
يازما سانى:
125
تىللا:
832
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
70 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-11

كۆيۈمچان ئەزا


                   كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن ، ئەزىز نەسىن

                               ئەزىز نەسىن (تۈركىيە)

                              باۋۇدۇن ھەسەن تەرجىمىسى



ـ بۈگۈن بىز ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىغان بىر ئايالنى قۇتۇلدۇرۇۋالدۇق، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپمۇ كەلدۇق، - دېدى ساقچى.
ـ دوختۇرغا تەكشۇرتتىڭلارمۇ؟ - دېدى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.
- تەكشۈرتتۇق، دوختۇر ئۇنى داۋالىمىساقمۇ بولىدۇ، دېدى ساقچى.
ـ باشلاپ كىرىڭلار!
ئۆستى - بېشى چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن. چاپىنىنىڭ پېشىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى.
ـ ئىسمىڭىز نىمە؟
ـ بېدىيا…
ـ قانچىگە كىردىڭىز؟
ـ يىگىرمە توققۇزغا، - دېدى ئايال سەل ئويلىنىۋېلىپ.
ـ تۇرمۇش قۇرغانمۇ؟
ـ قۇرغان دېسەممۇ بولىدۇ…
ـ خانىم… تۇرمۇش قۇرغانمۇ - قۇرمىغانمۇ ياكى تۇل قالغانمىدىڭىز؟
ـ تۇرمۇش قۇرغان دەپ يېزىڭ…
ـ نىمىشقا ئۆلۈۋالماقچى بولدىڭىز
ـ ئۆلۈۋېلىشنىڭمۇ سەۋىبى بولامدىكەن؟ ئۆلگۈم كەلدى - دە، ئۆزۈمنى دېڭىزغا تاشلىدىم شۇ. بۇ ئىشتا ھېچكىمنىڭمۇ جاۋابكارلىقى يوق…
ـ نىمىشقا ئۆلۈۋالغىڭىز كەلدى؟
ـ ۋاي جانەي، ئۆلەمتىم، ياشامتىم، ئۆزۈمنىڭ ئىشىغۇ؟ ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەجرىبىلىك ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئايالنىڭ راستىنى ئېيتماۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدى.
ـ ئېھتىمال، ئېرىڭىزگە بىرەر نەرسە ئېلىپ بەر دېگەنسىز… ئېرىڭىز ئېلىپ بەرمىگەن بولسا، دېڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئاتقانسىز…
ـ نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىز…
ـ بۇ ئىشتا ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ چېتىشلىقى بارمۇ - يە؟
ـ نىمە دېدىڭىز؟…
ـ مەسىلەن، بىر نامەلۇم كىشىنى دەيلى…
ـ يوق. ھە، ئەمدى بىلدىم. ئېرىڭىز سىزنى كۈن بويى ئۆيگە قاماپ قويغان، سىز «شۇمۇ كۈن بولدىمۇ» دەپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي دېڭىزغا ئۆزىڭىزنى ئاتقان…
ـ مەن سىزگە ئۇنداق ئەمەس دەۋاتىمەن…
ـ ئېرىڭىزنىڭ باشقا بىر سۆيگىنى بارمۇ - يە؟
ـ ئو - ھوش، جىلى قىلىپ جېنىمنى ئالدىغان بولدىڭىزغۇ…
ـ ئەمىسە، ئېرىڭىز قېچىپ كەتكەنمۇ؟
ـ ياق، ئۇ تېخى ياش…
ـ ئۇنىڭ تاپاۋىتى ئازمۇ؟ بىرەر يەردە تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولسا كېرەك - ھە؟
ـ ياق، ئۇ سودىگەر.
ساقچى باشلىقىنىڭ ئاچچىقى تۇتتى:
ـ بىلىپ قويۇڭ،خانىم، مەن ساقچى باشلىقى بولغىلى يىگىرمە تۆت يىل بولدى. تۈرلۈك - تۈمەن ئۆلۈۋېلىش دېلڭلىرىنى كۆرگەنمەن، بۇنداق دېلولاردىن ئاز دېگەندە بەش يۈزنى ئۇچراتقاندىمەن… ئاياللارنىڭ ئۆلۈۋېلىش سەۋەبلىرى ئەرلىرىنىڭ كىنوغا ئاپارمىغانلىقى، ئۇپا - ئەڭلىكنى بەك قويۇق سۈرتمىگىن دېگەنلىكىدىن… باشقىچە بولمايدۇ. بىرەر جۈپ پايپاق ياكى بىرەر جۇۋا سەۋەب بولغانلىرىمۇ يوق ئەمەس…
ـ تۇترۇقسىز سۆزلەرگە ئەجەپمۇ زۇقىڭىز بار ئىكەن سىزنىڭ … بەس، قارىسىغا ھۆكۈم قىلىۋەرمەسلىگىڭىز ئۈچۈن، توغرىسىنى ئېيتىپ بېرەي: ئېرىم ئاخشام ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا ماڭا بىر قۇر كۆك كىيىم ئېلىپ بېرىڭ، دېسەم، «ماقۇل، قەدىرلىكىم» دېدى. «كىيىم - كېچەك ماگىزىنىغا ھازىرلا بارايلى» دېسەم «بولىدۇ، قەدىرلىكىم» دېدى. كىيىم - كېچەك ماگىزىنىدىن چىققاندا، ئېگىز پاشنىلىق توفلىدىن بىر جۈپ ئالغۇم كېلىۋىدى، ئېلىپ بەردى. «بۈگۈن كەچتە رىستۇرانغا بېرىپ تاماق يەيلى» دېسەم، «ماقۇل قەدىرلىكىم» دېدى. مېنىڭ كىنوغا بارغۇم كېلىۋىدى، ئاپاردى. كىنوخانىدىن چىققاندا: «ئىچىم پۇشۇپ كەتتى، پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىستامبۇل بوغىزىغا بېرىپ شامالداپ كېلەيلى» دېۋىدىم «بولىدۇ، قەدىرلىكىم» دېدى. ئۇ ئەتىگەندە ئۆيدىن چىماقچى بولۇپ تۇرغاندا: «بۈگۈن كايپىم چاغ ئەمەس، ئىشقا بارماڭ» دېۋىدىم، «ماقۇل، قەدىرلىكىم» دېدى. «ماڭا بىر ھالقا ئېلىپ بېرىڭ» دېۋىدىم. ئۈچ مىڭ لىرا پۇل خەجلەپ بىر جۈپ ھالقا ئېلىپ بەردى.«سەتكەن، باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىڭ» دېۋىدىم، يەنە ئىككى مىڭ لىرا قوشۇپ باشقىغا ئالماشتۇرۇپ بەردى. مەن نىمىلا دېسەم، ئۇ: «ماقۇل، قەدىرلىكىم» دەيدۇ. مەن نىمىنى تەلەپ قىلسام، «بولىدۇ، قەدىرلىكىم» دەيدۇ، شۇمۇ كۈن بولدۇمۇ؟… مۇشۇنداقمۇ ياشاپ بولامدۇ كىشى؟ خۇددى داغ سۇدەك لەززەتسىز ھايات… مۇشۇنداقمۇ ياشىغان بارمۇ؟ شۇ ئەسنادا ئايالنىڭ ئېرى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يېتىپ كەلدى.
ـ مۇشۇ ئەپتىم بىلەن پىكاپقا قانداقمۇ چۈشەي؟ - دېدى ئايال ئېرىگە.
ـ ماقۇل، قەدىرلىكىم، بىز ھازىرلا كىيىم - كېچەك ماگىزىنىغا بارايلى، - دېدى ئېرى.
ـ ئەپەندى، ئاڭلىغانسىز؟… ماۋۇ نىمىنى كۆزۈمدىن يوقاتساڭلارچۇ!
ـ توغرا ئېيتتىڭىز خانىم… ئايال ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئارخىبىغا ئىمزا قويدى. ئۇ ئېرى بىلەن بىللە ساقچى ئىدارىسىدىن كەتكەندىن كېيىن، ئىدارە باشلىقى ساقچىلارغا بۇيرۇق قىلدى:
ـ ئۇ ئايال قاچانىكى يەنە ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ قالسا، قۇيۇۋېتىڭلار، قۇتۇلدۇرماڭلار… كىشلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن!


مەنبە" («مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم» ناملىق كىتاپتىن)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئارتىس119-ھەر قانداق نەرسىنىڭ بىر ۋاقتى بار، ياشاشنىڭ،سۆيۈشنىڭ،ئۆلۈشنىڭ!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

158

يازما

465

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 932
يازما سانى:
158
تىللا:
298
تۆھپە:
3
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
51 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-7

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-10-26 11:20:12 | ئايرىم كۆرۈش
بەلكىم ئىنسان ھاياتىدا ئازاپتىن يىراق تۇرۇش بولمىسا كىرەك،مىھىرنى قانچىكى چوڭقۇر سالغان يەردىن دەل ئازاپ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدىكەن بەزى چاغلاردا.
سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-10-26 12:58:41 | ئايرىم كۆرۈش
ئادەم بەختنىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتتا بەختنىڭ نىمىلىكنى ھېس قىلمايدۇ.بەختتىن قۇرۇق قالغاندا ئاندىن قەدىرى ئۆتۈلىدۇ.
ئەلمىساقتىن قەدىر يوقتۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوقنىڭ ئىنتىزارى .


دىگەندەكلا ،"قەدىرلەيمەن قەدرىمنى بىلسەڭ"دىگەن بىر جۈملە سۆز يادىمغا كېلىۋاتىدۇ.شۇ تاپ كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىم شۇنچە كۆپ ،لېكىن دەماللىقا نىمە دېيىشىمنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن دېسە .
مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلارنى بىزگە سۇنغانلىقىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم قېرىندىشىم.كۆچۈرمە تېما بولسىمۇ مەيلى ،لېكىن ئېسىل بولسۇن دەيمىزغۇ مانا مۇشۇنداق.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-10-26 14:43:35 | ئايرىم كۆرۈش
ئەزىزلىرىم  مۇمكىن بولسا‹ئىسىت ئۇ تۈگەشتى›  ناملىق   بىر  كىتاب  بولىدىغان    شۇنى  توردىن تىپىشپ بەرسەڭلار كۆپ  مىننەتدار  بولارىدىم

مىسىر   يازغۇچىسىنىڭ  كىتابى
شاھزاد

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-10-26 16:27:43 | ئايرىم كۆرۈش
تۆۋە  دۇنيادا  مۇشۇنداقمۇ ئايال بارئىكەن - دىسە  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-10-27 00:08:47 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-27 00:10  

تولىمۇ  ئەھمىيەتلىك  تىما  ئىكەن  
،   شۇڭىچۇ    قەدرىمگە  يىتىسەن  دەپ   ناخشا  تولىغان  ئەرەفات   خەمىت  ، يەنە  ھېلىقى  ئالىمجان ھەسەن  قەدرىم  ئۆتكەندە دىگەن  ناخشىلارنى   چىقارغان   ئەينووووو......... قەدرىگە  يەتكەن  ئوخشايدۇ خەخنىڭ   بالىلىرى   
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-10-27 11:41:13 | ئايرىم كۆرۈش
دىمەك،ئۇ ئايال بىر خىل رېتىمدىكى تۇرمۇشتىن بەسىنىپتۇ،تۇرمۇشتىن يېڭىچە ھۇزۇر ئالغۇسى باركەن.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-10-30 15:56:35 | ئايرىم كۆرۈش
ھايات ئۇ ئىشەنچ ۋە مىھىرگە تولغان بۇلىشى كىرەكقۇ.
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-10-31 12:02:15 | ئايرىم كۆرۈش
تەڭشەلمىگەن جاھاندە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

8

تېما

172

يازما

526

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 797
يازما سانى:
172
تىللا:
354
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
57 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
10#
ۋاقتى: 2015-11-5 20:38:12 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇ ئايالمۇ شۇنداق كىچىك ئىشلارنى  دەپلا  ئۈلۋالغىلى  تۇرسا ،توۋۋا  خۇدايىم ،جان توشۇمايدۇدە
بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:27 , Processed in 0.175188 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش