ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەلبۇم: سېغىنىشتا يېگەن پىچاقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

سېغىنىشتا يېگەن پىچاقلار

ئەلبۇم

ئۆزۈمنىڭ قۇم بارخانلىرىنى سۆيەلمەي چاك - چاك يىرىلغان قىرغاققا نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىمنى بارا - بارا ھېس قىلماقتىمەن. چۇۋۇق تۇيغۇلارنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى بارماقلىرىمنى، يۈرىكىمنى، بارچە تىنىمنى ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئالتۇن بېلىقتەك سۈزۈك كەچمىشلەرگە يېقىنلاشتىم. ناخشىلارنىڭ يىرتىلغان قەغەز پارچىلىرىدا مەيۈسقىنە جىلمىيىۋاتقان مىسرالىرىدا مېنى كۆرگەيسىلەر، دېدىم يېقىنلىرىمغا. سەھەردىكى يېڭىدىن بىخ سۈرگەن ئەتىرگۈلنىڭ ھىدىنى سېغىنغان شەبنەم تۇپراقتا بوغۇلار. كۆزلىرىمنىڭ ئاق - قارىلىرى نەلەرگىدۇر تىت-تىتلىق بىلەن قاراپ چىقتى. كىمدۇر بىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلسىمۇ، يەنە نېمىلەردىندۇر ھودۇقۇشنىڭ چېچەكلىرى جۇلالىناتتى. ئاپئاق قارنىڭ ئاياغ ئىزلىرىمنى مۇجۇلىشىدىن قانداقتۇر بىر تۇيغۇلار مۇرەسسە قىلماقتا. بىر ئاشىق ئۆز ھېكايىسىنى داۋام ئەتمەكتە.
قاپقاراڭغۇ ئۆڭكۈردەك سۈكۈناتقا چۆمگەن يۈرىكىمنى ئوغۇرلىۋالغان مەسۇم چىراي قىز، ھىلىلا سارغىيىپ پىشقان بۇغدايدەك ئالتۇن يۈزلىرىڭنى يەنە سېغىنماقتىمەن. پىلتىڭلاۋاتقان بارماقلىرىڭدا كىملەر ئۈچۈن كەشتە توقۇپ ئولتۇرغانسەن بۇ ئاخشام؟
قار يىغىۋاتىدۇ، سەن يىغىۋاتقاندەك تۇيغۇلىرىمغا. يىراق-يىراقلاردىن بىر ئاشىقنىڭ دەمدەردەك سۈزۈك ناخشىسى ئاڭلىنار:
گەر كۈي بولساڭ قايسى تاردىن تارالغانسەن،
كۆزلەر بولساڭ قاي تامانغا قارالغانسەن.
ھەيران ئىدىم، بىلەلمىدىم مۇھەببەتتە،
مەن سەن ئۈچۈن، سەن كىم ئۈچۈن يارالغانسەن
...
بىلەتتىم نازلىق قاراشلىرىڭدا پارتلاپ كېتىشلىرىمنىڭ سەن ئۈچۈن ھەزىلگە ئوخشايدىغانلىقىنى. ھاياتىمنىڭ دوغا تىكىلگەن دەملىرىنى سەن ئۈچۈن دېسەم ئىشەنمەيدىغانلىقىڭ كۆزلىرىڭدە ئاشكارا ئىدى. سەن مەندىن يىراقلارغا كېتىشنى ئويلىساڭمۇ كېتەلمەس ئىدىڭ، يۈرىكىڭنىڭ بىر پارچىسىدا ئېقىپ يۈرسەممۇ سەن ئۇنى سۈرتىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىڭ. مۇھەببەتنىڭ جۇل دەرۋازىسىدىن كىرەلمەي بوسۇغا تۈۋىدە تۈنەپ ئىسمىڭنى توۋلاپ چىققان كېچىلەردە چۈشلىرىڭدە كىملەر سېنىڭ بارماقلىرىغا نەزىنى ئاغدۇرغاندۇ. كىملەر شامال بولۇپ دەرىزەڭدىن ئاستا ئۇچۇپ كىرىپ چۈشلىرىڭدىن ئۆزىنى ئىزدەۋاتقاندۇ؟ كىملەر مېنى سەندىن يىراق قىلىش ئۈچۈن قوش بىسلىق پىچاقلىرىنى بىلەۋاتقاندۇ-ھە؟
تۆكۈلۈپ كەتمەكتىمەن، تۆكۈلگەندەك سۆيگۈ گۈللىرى، توزۇغاندەك سۆيگۈ گۈللىرى.
ۋۇجۇدۇمدا جىمجىت ئولتۇرۇپ قەدەھلەردە ئۆزىنى كۆرىۋاتقان ئەي نازىنىن، چاچلىرىڭنى كىم ئۈچۈن ئەشكەنسەن، ئۇنىڭ چوغلىرىدا كىملەرگە ھارارەت ئاتا قىلغانسەن، چەكسىز سېغىنىشلىرىمنى پىنھان قالدۇرۇپ.
بىر كۈنلەر كېلىپ بىر كوچىدا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئۇچرىشىپ قالساق، بەلكىم مېنى تونۇماس بولۇپ ئۆتۈپ كېتەرسەن، سېنى ئىزدەۋاتقان كۆزلىرىمنىڭ نۇرسىز بولۇشىنى كۈتۈۋاتقىنىمدا، سەنمۇ كۆزلىرىڭنىڭ نۇرسىز بولۇشىنى شۇ دەقىقە ئىزدەمدىغانسەن؟
تىنىقىمنىڭ ئاخىرىغىچە سېنى كۈتەلىشىم ناتايىن، بىراقكى تىنىقىمنىڭ ئاخىرىغىچە سېغى ئىزدىسەم، مەن ئۈچۈن زەررە ۋاقتىڭدا ئەسلەشنىڭ نۇرلىرى ھاسىل بولسا شۇ دەقىقىدە سەن بىلەن خوشلىشىۋالسام دەيمەن.
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-12-6 09:02:33 | ئايرىم كۆرۈش
قەلىمىمنى بەرگەنمۇ ، ئىلۋالغانمۇ سەن نەسىر ، ئوماق نەسىر ، تىلى تاتلىق ، سىھىرلىك نەسىر …… سىنى يازغان ھەر بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ سەن سەۋەپلىك قەلەم تاشلىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ……
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-15 05:25:08 | ئايرىم كۆرۈش
قار يىغىۋاتىدۇ، سەن يىغىۋاتقاندەك تۇيغۇلىرىمغا....
نەسىرنىڭ ئەڭ جەزبىدار جىنى بولغان جۈملە .

53

تېما

2256

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 32
يازما سانى:
2256
تىللا:
7544
تۆھپە:
729
جەۋھەر يازما:
10
توردا:
354 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2016-12-19 21:46:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كۈنلەرنىڭ بىرىدە  مىنى ئىزدىمەكچى بولساڭ ئەڭ ئاۋال سۇۋۇپ كەتكەن چاينى ئىچكەندىكى ھېس تۇيغۇنى خىيالىڭدىن بىر قۇر  ئۆتكۈزىۋەت ، دەل شۇندىلا ئىزدەلمىگىنىڭگە ئاز تولا قانائەتلىنەرلىك ھاسىلات پەيدا قىلالايسەن ئۆز كۆڭلۈڭدە……

  نىمىشقا قەلىمىمنى يوقىتىپ قويغاندىمەن ، ئىزدەپ تىپىۋاسام بولاتتى……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:49 , Processed in 0.130299 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش