ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 415|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت زۆرۈر ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر
ئەخمەت مۆمىن تارىمى
(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرانتى)


  ئۇيغۇر تارىخى دېگەندە ، كەڭ مەنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخى ،تار مەنىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىنكى تارىخى كۆزدەتۇتۇلىدۇ. بۇ بىر ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ، ھەرقايسى تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىغا نەزەر ئاغدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
   نۆۋەتتەمەملىكەت ئىچىدىكى تارىخشۇناسلارنىڭ ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن قارىشى بۇيىچەئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخنامىلەردە خاتىرىلەنگەن دىلار،دىڭلىڭلار، تېلىلار ، قانقىللار (ئېگىز ھارۋىلىقلار) بىلەن چوڭقۇر تارىخىييىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بۇلۇپ، دىلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان شىمالىي دىلارمىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىللاردا غەربىي شىمالدا ئوردوس يايلىقىنى مەركەزقىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان . مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردە  شىمالىي دىلار شەرقىي دىڭلىڭلار دېگەن نامبىلەن ئاتىلىشقا باشلاپ، بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇغلا دەرياسىنىڭ شىمالىيتەرەپلىرىدە دىڭلىڭ قەبىلىلىرى بىرلەشمىسىنى تەشكىل قىلغان. مىلادىيە 3 - ئەسىردىنكېيىن تېلېلار،  قانقىللار دەپ ئاتالغان.بۇ ناملار گەرچە ھەرخىل بولسىمۇ، بىراق ئاھاڭ جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن، يەنىبىر مىللەت نامىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ھەممىسى «تۈرك» دېگەننامنىڭ خەنزۇچە ھەر خىل ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت(1). ئۇلار ھۇن ئىمپېراتۇرلۇقى دەۋرىدە ھۇنلارنىڭ تەركىبىدە بولغان. 4 - ئەسىرگە كەلگەندەقانقىللار (يەنى تېلېلار) شەرقىي قانقىللار ۋە غەربىي قانقىللار دەپ ئايرىمئاتالغان، 4 ـــ 5 - ئەسىرلەردە تېلېلار ياكى قانقىللارنىڭ غەربىي قىسمىتەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، ئالتاي تېغى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقى، يەتتەسۇۋادىسىغا ماكانلىشىپ، بۇ يەردىكى غەيرىي تۈركىي خەلقلەر (ئاساسلىقى ساكلار ،تۇخرىلار)  بىلەن قوشۇلۇپ ياشاپ، تەدرىجىيتىل - يېزىق، ئۆرپ - ئادەت، مەدەنىيەت ۋە ئىگىلىك جەھەتتە تۈركلىشىش ۋەزىيىتىنىكەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇ قانقىللارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىسى ۋە يولباشچىسى ئۇيغۇرلار بولغان.
    مىلادىيە6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، تېلېلار ياكى قانقىللارغا مەنسۇپ بولغانئاشىنا قەبىلىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، جۇرجان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىلادىيە 552 - يىلى موڭغۇلىيە يايلىقىدىكى ئۆتۈكەن تېغىنى مەركەز قىلىپ،داڭلىق كۆكتۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. «كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تېررىتورىيەسى شەرقتەلياۋخەي دېڭىزىدىن غەربتە ئارال دېڭىزىغىچە، جەنۇبتا چوڭ قۇملۇقتىن شىمالداشىمالىي دېڭىزغىچە(بايقال كۆلىگىچە) يەتكەن»(2). نەتىجىدە بارلىق تېلېقەبىلىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئۇيغۇرلاركۆكتۈرك خانلىقى دەۋرىدە خانلىقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ،بۇ خانلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ھەم ئۇيغۇر دېگەن نام قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامىغا ئايلانغان.
   تەخمىنەن مىلادىيە   744  -يىلى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى كۈچىيىپ، تۈرك خانلىقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ ، يەنىلا ئۆتۈكەن تېغى باغرىنى مەركەز قىلىپ ئورقۇن ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇرغان.بۇ خانلىق  كۈچەيگەن مەزگىلدە زېمىنى بۇرۇنقى ھۇنلار ،تۈركلەرنىڭ زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنىمۇ كېڭەيگەن . جۈملىدىن شەرقتە ھىنگان تاغلىرىغا، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، شىمالدابايقال كۆلىگە ، جەنۇبتا ھازىرقى گەنسۇغا يەتكەن. ھازىرقى شىنجاڭ رايونى يەنىلا ئۇلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت رايونى بولغان (3). بۇخانلىق ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تۈرك خانلىقىغا ۋارسلىق قىلىپ، نىسبەتەن مۇقىم فېئودال ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلغان يايلاق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتامۇھىم رول ئوينىغان.
     مىلادىيە 840 -يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن يىمىرىلىپ، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىككى تارماققا بۈلىنىپ جەنۇبقا (ھازىرقى سەددىچىن بويلىرىغا) ۋە غەربكە (ھازىرقى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرىغاۋە يەتتىسۇ، ئىسسىقكۆل،  پامىر ئەتراپلىرىغا ) كۆچكەن،بىرقىسمى ئەسلى ماكانىدا قېلىپ كېيىنچە باشقا خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئورقۇن ئۇيغۇرلىرى غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ، شىنجاڭ رايونى تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ماكانىغا ئايلانغان.بۇنىڭ بىلەن بۇ رايوندا  ئۇيغۇرلىشىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىققان.نەتىجىدە بۇيەردە ياشىغان خەلقلەرمۇ كېيىن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنىتەشكىل قىلغۇچى خەلقلەردىن بولۇپ قالغان.
  ئۇيغۇرلار ئىككى تارماققا بۈلىنىپ كۆچكەندىن كېيىن غەرىبكە كۆچكەن تارامى دەسلەپتە ئالتاي تېغىدىن ئۈتۈپ ئۇيەردىكى قارلۇقلار بىلەن ئۇچراشقان. كېيىن ئۇلارنىڭ بىرقىسمى ھازىرقى گەنسۇدىكى خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن. بىرقىسمى  ئاۋال تۇرپان، بەشبالىققا(جىمىسار ئەتراپىغا)،ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن. يەنە بىر قىسمى داۋاملىق غەرىپكەمېڭىپ، يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋە پامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن. كېيىنچە خېشى كارىدورى ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋەجەنۇبقا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقىسمى بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 870-يىلى ئەتراپىدا گەنجۇنى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ئەتراپى ) مەركەز قىلغان گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇخانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتە ھازىرقى گەنسۇدىكى تيەنشۈيگە،غەربتە قۇمۇلنىڭ شەرقىگە، شىمالدا ھازىرقى ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىگە، جەنۇبتاخېلەنشەن، چىلەنشەن تاغلىرىغىچە يەتكەن بولۇپ(4)، كېيىن ئۇلارتاڭغۇتلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن. تۇرپان،بەشبالىققا، ئاندىن كۈسەن(كۇچا)، قاراشەھەر ئەتراپىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردە بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ تەخمىنەن مىلادىيە 866 – يىلى ئەتراپىدا تۇرپان ،بەشبالىقنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان ، بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردەزېمىنى شەرىقتە شاجۇ (گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ) غىچە، غەربتە كۇچانىڭ غەربىگىچە، شىمالدا جۇڭغارئويمانلىقىغىچە، جەنۇبتا خوتەننىڭ شىمالىغىچە يەتكەن بولۇپ(5) ، بۇخانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. بۇ خانلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى بىلەن زىچ ئىقتىساد ،مەدەنىيەت ئالاقىسى قىلغان بولۇپ، دەل مۇشۇ خانلىق دائىرىسىدە بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنىڭ تەسىرىدىكى گۈللەنگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. كېيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئاۋال قارا قىتانلارغا ، ئارقىدىن موڭغۇللارغا قارام بولغان.
  يەتتىسۇ ، سوياپ دەرياسى ۋەپامىر ئەتراپلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇيەردەبۇرۇندىن ياشاۋاتقان بىلەن قېرىنداش خەلقلەر بىلەن  قوشۇلۇپ، تەخمىنەن مىلادىيە 850 - يىلى ئەتراپىدا بالاساغۇن (ھازىرقى قىرغىزىستاندا) ۋە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار خانلىقىنى قۇرغان ، بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرىقتەكۇچاغىچە، غەربتە ماۋەرائۈننەھىر(ئامۇ، سىر دەريالىرى ۋادىسى)گىچە، شىمالدا ئىلى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا خوتەنگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  بولۇپ(6)،10-ئەسىردە قاراخانىلارنىڭ ئىسلام دىنىنى رەسمىي قۇبۇل قىلىپ دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرۇشى بىلەن بۇ خانلىق دائىرىسىدە تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى ئاساس قىلغان، ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شەكىللىنىپ چىققان.  كېيىن قارا خانىلار خانلىقىنىمۇ ئاۋال قاراقىتانلار، ئارقىدىن موڭغۇللار بويسۇندۇرغان.
   ئەلۋەتتە ،مىلادىيە 9-ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي –ئىجتىمائىي ھاياتىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىمۇ مۇرەككەپ بىر ئەھۋالنى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبىگە كىرگەن خەلقلەرنىڭ9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن نىسبىي مۇستەقىل ئۈچ خانلىققا بۆلۈنۈپ كېتىشى ۋەبۇلارنىڭ تارىخىي ، ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان تەرەققىيات يولىغا مېڭىشى بۇ مەزگىلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىككى خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، يەنى بۇددا ۋە مانى دىنلىرى ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇرمەدەنىيىتى) بىلەن ئىسلام دىنى ۋە ئەرەپ- پارس مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدىكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تامامەن ئايرىم تەرەققىيات يولىغا ماڭغان. ئەمما ،مەيلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى(شۇنداقلا گەنجۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى) بولسۇن ياكى قاراخانىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولسۇن ئەسلىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن ،جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدىن تايماي تەرەققىي قىلغان.
  ئۇيغۇرلارمىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ، 13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ئەسىرگىچە  موڭغۇللارنىڭ( جۈملىدىن تۈركلەشكەن  موڭغۇللارنىڭ ـــ موغۇللارنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرغان . بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىدە ۋە مەدەنىي ھاياتىدا يەنە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن.  ئۇيغۇرلار بۇرۇنقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىلار خانلىقى دەۋرىدىكى كەسكىن ھاكىمىيەت چېگرىسىنى يوقىتىپ، ئۆزئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىپ، دىنىي ئېتىقاد  جەھەتتە ئىسلام دىنىغا ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىقادقىلىشقا باشلاپ، كەڭ زېمىن ئىچىدە پەيدىنپەي مەدەنىيەت بىرلىكىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇپ،بىرقەدەر ئورتاق بولغان مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . مۇشۇنداق تارىخىي شارائىتتا،  مىلادىيە 1514 - يىلى سەئىدخان يەركەننى پايتەخت قىلغان  سەئىدىيەخانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ خانلىق كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئەمەلىي باشقۇرغان زېمىنى شەرىقتە قۇمۇلغىچە، غەرىبتە پامىرغىچە، شىمالدا بالقاش كۆلىگىچە، جەنۇبتاكەشمىرگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان(7). مانا مۇشۇ سەئىدىيەخانلىقى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار  بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇپ(8) ھەم ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە زور يۈكسىلىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن . كېيىن بۇ خانلىقنى ئاپاق خوجا جۇڭغارلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاغدۇرۇپ ، ئۆزى قورچاق خان بولغان. جۈملىدىن سەئىدىيە خانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا جۇڭغارخانلىقىغا قارام بولغان.
  مىلادىيە18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى ۋە خوجىلارنى تىنچىتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغائالغان. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغائۆتكەن ۋە يېڭى بىر  ۋەزىيەت ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالغان.
    ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مانا مۇشۇنداق بىرپۈتۈن جەريانىنى ئۇمۇمىي نۇقتىدىن ھەم ھەرقايسى دەۋرلەر نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئەلۋەتتە كۆپ زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. گەرچە بۇخۇسۇستا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت)تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار تەتقىقاتتىكى يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ، ئەينى بىر تارىخىي پاكىتتىن پەرىقلىق يەكۈن چىقىرىپ، ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قارىغان. گەرچە بۇنداق مەسىلىلەر ئىلىم ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تۈزىتىلىپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن زور مەسىلىلەرئۈستىدە يەنىلا ئىنتايىن پەرىقلىق قاراشلار ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرتارىخىغا قىزىققۇچىلاردا تولىمۇ قايمۇقۇش، گاڭگىراش پەيدا قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخىنى ھەقىقەتكە ئۇيغۇنراق كېلىدىغان بىر ئەھۋالدا چۈشىنىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ، ئۆز تارىخچىلىرىمىز ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە باشقا تىل –يېزىقلاردا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ، ئاندىن مەلۇم بىرتارىخىي مەسىلە ئۈسىتىدە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.
    مەن يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز تارىخىمىزغا قىزىققۇچى كۆپچىلىك  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا يېزىلغان ۋە باشقا مىللەت (ياكى دۆلەت) تارىخچىلىرى تەرىپىدىن باشقاتىل – يېزىقلاردا يېزىلىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان (قىسمەن خەنزۇ تىلىدايېزىلغان ياكى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان) ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەرئىچىدىكى بىرقەدەر ئىلمىي پوزىتسىيەدە يېزىلغان دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ تىزىمىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم. بۇيەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە تارىخىي رومانلار كىرگۈزۈلمىدى. چۈنكى، تارىخىي رومانلار رومان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىي ئەسەرلەرگە مەنسۇپكى، گەرچە ئۇلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىدىغىنى تارىخىي ۋەقەلەربولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا يازغۇچىنىڭ مۇئەييەن ھېسسىياتى، بەدىئىي توقۇلمىسى قۇشۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھەقىقىي ئىلمىي تارىخ ئەسىرى بولۇش سۈپىتىنى ھازىرلىيالمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت تارىخنى بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئەدەبىي ئەسەر دەپلا قاراشقا بولىدۇ.


بىرىنچى،  ئومۇمىي ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر :1.
«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە 2-نەشرى.
2.تۇرغۇن ئالماس:«ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر  نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى
3. لىن گەن ، گاۋزىخۇ :« قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000- يىلى 12 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
4. ليۇ زىشياۋ:«ئۇيغۇر تارىخى»، ئىككى قىسىم (جەمئىي تۆت كىتاب)، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى(1-قىسىم ئىككى كىتاپ)؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى(2-قىسىم ئىككى كىتاپ).
5. ياڭ شېڭمىن :« قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
6. قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات  ئورنى تۇزگەن: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۇركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
  7. ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق: « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى » ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1991 – يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
8.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر، تارىخ تەتقىقات ئورنى تۈزگەن:« شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، جەمئىي ئۈچ قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىل ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى.
9. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى تۈزگەن:«جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى تەتقىقاتى(مەجمۇئەسى)»، جەمئىي 6قىسىم،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1998 -2013-يىللار نەشرى.
10. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى نەشىرگە تەييارلىغان:«24 تارىختىكى غەربىي يۇرت تارىخىغا دائىرماتېرىياللار»(«تارىخىي خاتىرىلەر»دىن «مىڭ سۇلالىسى تارىخى» غىچە ، جەمئىي توققۇزكىتاپ)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2012-يىلى ئۇيغۇرچە يېڭى نەشرى.
11. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرىپىدىن تۈزۈلگەن :«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، جەمئىي 54 قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
12. قۇربان ۋەلى: «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
13. خانىدا تورۇ :«غەربى يۇرت مەدىنىيەت تارىخى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
14. توختى مۇزارت:«ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدەتەتقىقات»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1995-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
15. ھاجى نۇرھاجى، چېن گوگۇاڭ:«شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
16. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
17. غەيرەتجان ئوسمان:« ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
18. ئەخمەت مۆمىن تارىمى:«ئۇيغۇرتارىخشۇناسلىق تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2014-يىل ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
19.رېن يىفېي ، ياسىن ھوشۇر:«ئۇيغۇرلار»، مىللەتلەر نەشرىياتى 2014-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.


ئىككىنچى، ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى، تۈرك خانلىقى ، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە): 1.
تۇرغۇن ئالماس:«ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر  نەشرىياتى 1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى
2. لىن گەن: « ھۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2004– يىلى ئۇيغۇرچە 1– نەشىرى.
3. لىن گەن:«تۈرك تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
4.ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
5. بېرنىشتام:« 6 ـــ 8-ئەسىرلەرىدىكى ئۇرخۇن – يېنىسەي تۈركلىرىنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تۈزۈمى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
6. ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن: «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 - يىل  ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
7. ئابدۇقەييۇم خوجا: «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
8.ئابلىز مۇھەممەت سايرامى:«سۈي،تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
9. ۋىلىيام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن:«ئوتتۇرائاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2013 - يىل ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
10.ۋ.ۋ. بارتولىد:«يەتتىسۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
11.  ۋ.ۋ. بارتولىد:«ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخىدىن12 لېكسىيە »، مىللەتلەر نەشرىياتى 2012-يىلى ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.


ئۈچىنچى،قاراخانىيلار خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):

1. ھاجى نورھاجى:« قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983 – يىلى  ئۇيغۇرچە 1– نەشىرى.
2.  ھاجى نورھاجى :«قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋەقاراخانىيلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى  ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
3. موللا ھاجى:«تەزكىرەتۇل بۇغراخان»، ئابدۇرېھىم سابىت نەشىرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتى 1988- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
4. ۋېي لياڭتاۋ: «قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
5. خۇا تاۋ: «غەربىي يۇرت تارىخى ھەققىدە تەتقىقات» ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002 – يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
6. رىشات گەنچ:«قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1990-يىل ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
7.  مەھمۇد كاشىغەرى:«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»1-،2،-3-توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1980-1984-يىللار ئۇيغۇرچە 1-نەشرى..
8. يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك»،مىللەتلەر نەشرىياتى 1984-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.


تۆتىنچى،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):1.
د.ئى. تىخونوف:«ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈمى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2000- يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
2. ئا.گ. مالىياۋكىن:«9ـــــ 12-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1993- يىلى ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
3. تيەن ۋېيجياڭ : « ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىدىن بايان»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 4-ئاي خەنزۇچە 1-نەشرى.


بەشىنچى،چاغاتاي خانلىقى ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئائىتئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):1.
ليۇ يىنشېڭ:« چاغاتاي خانلىقى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات»، شاڭخەي قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى2011-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
2. شاڭ يەنبىڭ:« يۇەن سۇلالىسىدىكى ئۇيغۇرلار» ، مىللەتلەرنەشرىياتى 2008-يىلى ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
3. ئابلىز مۇھەممەت سايرامى، ئابدۇرازاق توختى: «يۇەن سولالىسىدە ئۆتكەن مەشھور ئۇيغۇر شەخسلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1991-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.


ئالتىنچى،يەركەن سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە):1.
1.مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كوراگان:«تارىخى رەشىدى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى..
.2. شاھ مەھمۇد جۇراس:«سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى1988-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
3.  موللامىرسالىھ كاشىغەرى: « چىڭگىزنامە » ،قەشقەر  ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985 – يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
4. ھاجى نۇر ھاجى:«يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
5. ۋېي لياڭتاۋ: « يەركەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
6. توختى مۇزارت:«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، خەلق نەشرىياتى(بېيجىڭ) 2013-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.
7. توختى مۇزارت:«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2015-يىلى خەنزۇچە 1-نەشرى.


يەتتىنچى، خوجىلاردەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە):
1. مۇھەممەد سادىق كاشغەرى:«تەزكىرەئى ئەزىزان»، نىجات مۇخلىس، شەمسىدىن ئەمەت نەشىرگە تەييارلىغان، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988- يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
2. يۈنۈسجان ئېلى :«17-18-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭغارلارنىڭ مۇناسىۋىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.


سەككىزىنچى ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(تەخمىنەن مىلادىيە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن مىلادىيە 20-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە):
1. مۇللا بىلال نازىمى : « غازات دەر مۈلكى چىن »، ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژورنىلىنىڭ1995-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسى.
2. موللا شاكىر:«زەپەرنامە»، ئۇيغۇرچە «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ1981-،-1982 يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغاننۇسخىسى.
3. موللا موسا سايرامى: «تارىخى ئەمىنىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1988-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
  4. موللا موسا سايرامى: «تارىخى ھەمىدى»،مىللەتلەر نەشرىياتى1986-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
5.ئا. ن. كىروپاتكىن: «قەشقەرىيە»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1983-يىلى ئۇيغۇرچە 1- نەشرى.
   6. چارلىز بولگېر : «ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىلى ئۇيغۇرچە1- نەشرى.
  7. سۇبېيخەي ، خۇاڭ جيەنخۇا:«قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىلى ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.


توققۇزىنچى، جۇڭخۇا مىنگو دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر(مىلادىيە1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە):

1. بۇرھان شەھىدى:«شىنجاڭدىكى 50 يىلىم»، مىللەتلەرنەشرىياتى  ئۇيغۇرچە  نەشرى.
   2. چېن خۇيشېڭ قاتارلىقلار يازغان:«مىنگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
  3. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى  تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان:«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى» ، مىللەتلەرنەشرىياتى  ئۇيغۇرچە نەشرى.
4. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى  تارىخىنى يېزىش گۇرۇپپىسى يازغان:«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلارخاتىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
5. سەيپىدىن ئەزىزى:«ئۆمۈر داستانلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.                                                                                                                                                                                                                                                                                    
6. ساۋدانوپ زاھىر:«5-كورپۇسنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلابىي مۇساپىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.
7. سۇپاخۇن سوۋۇروپ:«مەن كەچكەن كېچىكلەر» ،مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى.


پايدىلانمىلار:
(1)(8) ياڭ شېڭمىن : « قەدىمكى ئۇيغۇرلار»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1998 – يىل 8 – ئاي ئۇيغۇرچە 1- نەشىرى.
(2)فەن ۋېنلەن : «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى» 4-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2009 - يىلى 10 -ئاي  ئۇيغۇرچە 1 - نەشرى.
(3) ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچەتارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىلى 5-ئاي ئۇيغۇرچە 1-نەشرى.
(4)ليۇزىشياۋ: «ئۇيغۇر تارىخى»، بىرىنچى قىسىم 2 -كىتاب، مىللەتلەر نەشرىياتى 1987- يىلى10-ئاي ئۇيغۇرچە1-نەشرى.
(5)(6) ھاجى نورھاجى :«قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى2001 – يىلى 8– ئاي  ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.
  (7) لىن گەن، گاۋ زىخۇ: « قەدىمكى ئۇيغۇرلارتارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000– يىلى 12 – ئاي ئۇيغۇرچە 1 – نەشىرى.


   (ئەسكەرتىش: ماقالىدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر 1980-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرتىل-يېزىقىدا ۋە قىسمەن خەنزۇ تىل-يېزىقىدا نەشىردىن چىققان ئەسەرلەر ئىچىدىكى مەن ئۆزۈم مۇھىم ھەم زۆرۈر دەپ قارىغان ئەسەرلەر بولۇپ، بۇ پەقەت مېنىڭلا قارىشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىمكانىيىتىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى يەنە بەزى مۇھىم ئەسەرلەرنى كۆرەلمىگەن بولۇشۇم ، بۇسەۋەبتىن ئۇلارنى بۇيەردە كۆرسىتەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن.شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە ئىمكانىيىتى بولسا تولۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە كېلىپ ئۆزۈم ھازىر نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولغانلىقىمدىن ،يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى يېنىمدا بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ناملىرى، نەشىر قىلغان نەشرىيات ۋە نەشىر قىلىنغان ۋاقتى توغرىسىدا سەۋەنلىكلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنىمۇ قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋەئىمكانىيىتى بولسا توغرىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).  


مەنبە: باغداش مۇنبىرى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-22 19:35:28 | ئايرىم كۆرۈش
باشقىسىنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.لېكىن تۇرغۇن ئالماس يازغان "ئۇيغۇرلار "دىگەن كىتابنىڭ يىغىلىۋېلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم قەدىم دەۋىردە
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-6-26 08:21:33 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخ كەسپىدە ئوقۇمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بىلىملەرنى سىستېمىلىقراق ھالدا چۈشىنىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەب ماقالە بوپتۇ ، ئاپتۇرغا ۋە مۇناجات ئاكامغا تەشەككۈر . مۇنبەردىن بەك يوقاپ كەتتىڭىز ئاكا ،  كىرىپ تۇرۇڭ .

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2015-6-26 08:24:49 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تىمىدا گەرچە مۇھىم تارىخ سۆزلەنگەن بولسىمۇ كىتاپلارنى تىزغاندا بىر قىسىم مۇھىم ئەسەرلەر چۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ . تەپسىلى دىمىسەممۇ مۇناجات ئاكاممۇ بىلىپ بولدىغۇ دەيمەن .
مىنىڭ نەزىرىمدە دۆلەت ئىچىدىكىلەر يازغان تارىخ ئانچە چىن چىقمايدۇ ، چەتئەللەرنىڭكىنى ئوقۇساق بەلكىم ئۇيغۇر تارىخى بىر قەدەر چىن بولىشى مۇمكىن .
ئەھمىيەتلىك تىمىلار ئۈزۈلمىسۇن ئاكىجان ، تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى .

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 15:15:17 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-6-22 19:35
باشقىسىنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن.لېكىن تۇرغۇن ئالماس يا ...

شۇنداق ئۇ كىتاپ نەشىر قىلىپ تارقىتىلىپ بولۇپ كىيىن يىغىۋىلىنغان، مۇئەللىپمۇ خىزمەت ۋە كىتاپ -ماقالە يىزىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان. بەزىلەر بۇ ئىشنى مەلۇم مەرھۇم داڭلىق يازغۇچىمىزدىن كۆرىدىكەن .............
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 15:16:28 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-6-26 08:21
تارىخ كەسپىدە ئوقۇمىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ...

رەھمەت ئىنىم، ئۆزىڭىز سالامەت تۇرۋاتامسىز؟ مەنمۇ پاتيىقىندا قايتىمەن ،ھازىر سىرىتتا .
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-26 15:19:53 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2015-6-26 08:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇ تىمىدا گەرچە مۇھىم تارىخ سۆزلە ...

توغرا ئىيتىسىز، بۇ تىزىش ئەسەر ساھىبى دىگەندەك ئۆزىنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بىراق دۆلەت ئىچىدە يىزىلغان ئەسەرلەرنىڭمۇ مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتى بارلىقىنى چەتكە قاقمايمىز، موھىمى قانداق چۇشىنىش ۋە ئۆزىمىزنىڭ قانداق مەيداندا تۇرۇپ چۇشىنىشىمىزدە.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-6-26 19:32:56 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات يوللىغان ۋاقتى  2015-6-26 15:16
رەھمەت ئىنىم، ئۆزىڭىز سالامەت تۇرۋاتامسىز؟ مەنمۇ پات ...

مەنمۇ تىلسىمنىڭ يىنىدا بىر يەردە ئىشلەۋاتىمەن ، ئاللا خالىسا 15 كۈنلەردىن كىيىن قايتىشقا نىسىپ بولۇر ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.135990 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش