ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدىكى قىرىنداشلىرىم ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاختى خەيرىلىك بولسۇن
ھەي ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى شۇڭا ئازراق بولسىمۇ بىر پارچە تىما ئەكەلگەن توراداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
يىگىت بولساڭ
يىگىت بولساڭ بىرىنى سۆيمە يالغان،
چىن ئەقىدە سۆيگۈنى پايخان قىلغان،
جىمى نەسلىك ئىللىتىنى ئىلكىگە ئالغان،
ۋىجدان بىلەن ياشا ئۇندا يىگىت بولساڭ.
مۇھەببەتنى ئويۇن دەپ يۈرمە ھەرگىز،
كېلەر بىر كۈن ساڭىمۇ يىغلايدۇ كۆز،
ئۆلمەيدۇ ئۇمۇ ياشايدۇ سەنسىز،
ياشلىقىڭنى قەدىرلە يىگىت بولساڭ.
سەنمۇ بىر ئۆي ئاتىسى بولىسەن بىر كۈن،
تۇرمۇش ھەقتە يوللارغا ماڭىسەن بىر كۈن.
تۇلپار ئارا يۇرتلاردا يۈرىسەن بىر كۈن،
بۇرچۇڭ نېمە ئويلاپ قوي يىگىت بولساڭ.
«كالا بېشىغا كەلگەن كۈن موزايغا كېلەر»،
داداڭ كۆرگەن كۈلپەتلەر ساڭىمۇ كېلەر،
دۇئا بولسا بەختلەر كۈلۈپمۇ كېلەر،
شۇڭا ئاتاڭنى رازى قىل يىگىت بولساڭ.
كەيپ - ساپاغا بېرىلمە گۇناھ بولۇر،
بىلىم بىلەن ياشىغان ئالىم بولۇر،
تەن ساقلىقىڭ ئۆزۇڭگە كېرەك بولۇر،
بۇ ئىشلارنى ئويلاپ قوي يىگىت بولساڭ.
قىز بولساڭ
ھايا - ھۆرمەت، نازاكەت ساڭا مائىل،
سېنىڭ ھازىر تۇرمۇشىڭ گۈلدەك ئېسىل،
شۇڭا سېنى مەدھىيەلەپ شىئېر يازدىم،
كۈنلىرىڭنى قەدىرلە قىزچاق بولساڭ.
ئەخمەق قىلما بىراۋنى ھۆسنۈڭ بىلەن،
شېرىن - شېكەر، بال كەبى سۆزۈڭ بىلەن،
ئۆتەلىسەڭ مەڭگۈگە ئۇنىڭ بىلەن،
ئۆز - ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن قىزچاق بولساڭ.
كۆڭۈل دېگەن شۇ ساراڭنى قويۇپ بەرمە مەيلىگە،
ھېسسىياتىڭغا بېرىلمە پاك ۋىجدانلىق قىز بولساڭ،
پۇل ئەمەستۇر مۇھەببەت چېچىپ، ئۈنچە بۇزىدىغان،
ئاتا - ئاناڭ ھۆرمىتىگە داغ تەككۈزمە قىز بولساڭ.
سورۇن - سورۇنلاردا يۈرۈش دۇرۇس ئەمەس ئەسلىدە،
ئىسلام نۇرىدا تۇغۇلغان پاك بەدەنلىك قىز بولساڭ،
سۈرگەن شۇنچە خىياللار ئۇچۇپ كېتەر ھەر ياققا،
سىرلىرىڭنىڭ يىشىلىشىدىن قورققىن ئەگەر قىز بولساڭ.
كەلگۈسىدە بىرئانا بولۇشنىمۇ ئارزۇ قىل،
شۇ ئارزۇغا يېتىشتە ئۆزۈڭگىمۇ دىققەت قىل،
قىزلار دېگەن بىر ئەينەك، سۇنسا ھەرگىز ئوڭشالماس،
قورقساڭ ئەگەر بۇلاردىن توۋا قىلغىن قىز بولساڭ.
بۇرۇن ساقلىۋالغان كۆڭلۈمدىكى نادىر تىما |