ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تەلۋەنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

يازما

39

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 985
يازما سانى:
6
تىللا:
33
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2016-3-3 20:21:07 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
                        تەلۋەنامە
                          (نەسىر)

     سۈبھىنىڭ قوينىدىن تۇغۇلغان قۇياش كېچىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشمەيدىغان يەنە بىر شارنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆزلىرىمنى تاپقىنىدا مەن ئۇنىڭدىن قىساس ئالماقچى بولىۋاتاتتىم.ئۇنىڭ راستقا ئايلىنىپ كەتكەن مەۋجۇتلۇقنىڭ يالغانلىقىغا گۇۋاھچى بولۇپ دەرىزەمدىن كىرىشى ماڭا ئۆلۈپ كەتكەن گۇماننى ئەسلىتەتتى-دە، ماڭا ئازاپ يورۇپ كېتەتتى.مەن تاكى قۇياشنىڭ كېچىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىغا ئىشەنگۈچە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقتىكى مۇكەممەل تەسەۋۋۇرلىرىمنى سوقىۋېتىشىنى قەستەنلىك،دەپ بىلەتتىم.بۈيۈك قۇدرەتنىڭ تاساددىبىيلىققا جازا بەرمەسلىك پىرىنسىپىغا كۆنگەن قۇياش مەندىنمۇ قىساس كۈتەلمەيتتى.بىراق ئىنساننىڭ رەزىللىكى ۋە ئاجىزلىقىغا چىن پۈتۈش ئۈچۈن مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەد، كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىشنى ۋاستە قىلىپ تاللىدىم.

    كېچە داۋام قىلماقتا.پارچىلىنىپ كەتكەن دۇنيا قايتىدىن بىرىكتى.رېئاللىقتىن باشقا ھەممىسى جەم بولۇپ سېزىم گۈزەللىككە ئايلاندى.ئۇ يەر شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل ئىدىكى ئۇ يەردە سەن بار ئىدىڭ.توغرىسى ئۇ يەر سەندە بار ئىدى.بارچە مېنىڭ،مەن سېنىڭ ئىدىم.مەن ھەممىگە بار كۈچۈم بىلەن توۋلايتتىم:«مەن قەيەردە؟».تاغلار «ۋىسال ئارمانىدا»دەپ سادا قايتۇراتتى،سۇلار «بەخىت ئوكيانىدا»دەپ شاۋقۇنشىيتتى،ئورمان «سۆيگۈ داستانىدا» دەپ شىۋىرلايتتى.بۇ يەردە ماڭا كېرەكلىك ھەممە توغرا جاۋاپلار بار ئىدى.قەلبىمنىڭ قۇدرەتلىك سېزىمگە بولغان ئېھتىياجى مېنىڭ بىلىشكە بولغان زۆرۈرىيىتىمنى تۇغدۇراتتى.شۇڭا يەنە ئاسماندىن سورايتتىم:«مەن قەيەردە؟»ئاسمان جاۋابەن:«سەن باغرىمنىڭ ئاستىدا»دەيتتى.زېمىندىن سورايتتىم:«مەن قەيەردە؟»زېمىن دەيتتى:«سەن قەلبىمنىڭ ئۈستىدە».

     «ئۆزۈڭ سوراپ ئۆزۈڭ جاۋاپ بېرەمسەن!؟»تۇيۇقسىز ئالەم ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى بۇرغا ئاۋازىدەك ئېچىنىشلىق ئاۋاز ھەممە ياقتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى.ئاسمان-زېمىن مەندىن يۈز ئۆرىدى،مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمغا ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.ساڭا مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى.سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭ ئۈچۈن قۇلاقلىرىمنى يوپۇردۇم،كۆزلۈرۈمنى يۇمدۇم.كۆرگەن ھالاكەتلىرىم ۋە ئاڭلىغان نادامەتلىرىم يالغان بولغان بولسا،ھەتتاكى گۈزەل سېزىملىرىم قۇربان بولغان تەقدىردىمۇ خالايتتىم،دەيتتىم.ئۈمۈدكى بىرلا تىلىكىم _سېنىڭ مۇكەممەللىكىڭنىڭ ئەسلىگە قايتىشىنى ئىستەيتتىم.زېمىننىڭ سىلكىنىشى توختىغاندا قولۇقۇمنى ئەتكەن قولۇمنى چۈشۈردۈم،يۇمغان كۆزۈمنى ئاچتىم.كۆزۈمگە مەكتەپ ياتىقىنىڭ چاك كەتكەن تورۇسى كۆرۈنگىنىدە بايامقى بۇرغا ئاۋازىنى چىقارغان دەرىزە سىرتىدىكى قۇشلارغا ۋە قۇشلارنى ئويغاتقان قۇياشقا نەپرەت بىلەن تىكىلدىم.ئىشەنگىنىمدەك سەن بىلەن مېنىڭ مەڭگۈلۈك بىرىكىشىم قۇياشنىڭ كۆيۈپ تۈگىشىنى كۈتەتتى.شۇ ۋاقىتتىلا بىزنىڭ دۇنيايىمىز يالماۋۇز قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ئىچىدە مۇددەتسىز قارار تاپاتتى.شۇ ۋاقىتتىلا بىزنىڭ دۇنيايىمىزدىكى ھەر بىر قۇم دانچىسىدىن ئەندىشىسىز ھالدا سورىيالايتتىم:«مەن قەيەردە؟!».

_مەنبە:ئۆزۈم
2016.3.1
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-3-3 23:25:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئەڭ ئاۋۋال " ئوقۇغۇچى " غا كەلگەن قەدىمىڭىزگە  مەرھابا  !  
تۇنجى  قەدەمنى تاتلىق بىر  نەسىر بىلەن باشلاپسىز ، مۇبارەك بولسۇن .  قەلىمىڭىز    بەركەتلىك بولسۇن.  بولسا  ئوقۇغۇچغا  يىلتىز تارتىپ ئورۇنلىشىپ قېلىڭ!
  


4

تېما

6

يازما

39

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 985
يازما سانى:
6
تىللا:
33
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-1
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 23:44:57 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
چېچەك يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 23:25
ئەڭ ئاۋۋال " ئوقۇغۇچى " غا كەلگەن قەدىمىڭىزگە  مەرھابا   ...

خۇش بولدۇم قېرىندىشىم.

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-3-4 00:29:37 | ئايرىم كۆرۈش
لىكىن   تىما  ماۋزۇسى  بىر قانداراقمۇ  ھە ؟

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-3-4 17:43:40 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇسلۇپتا  يىزىلغان ئەسەر ئىكەن  ،  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-3-5 00:22:39 | ئايرىم كۆرۈش
مەن نەسىرنى ئانچە ياخشى يازالمايمەن. ئەمما سىز ياخشى يازىدىكەنسىز. ئەمما ماڭا ماۋزۇسى تازا جايىغا چۈشمىگەندەك بىلىدىغۇ؟
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:50 , Processed in 0.116798 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش