قەلىمىم سۇنمىدى،
يۈرىكىم سۇندى،
سەن قەلبىمنى ئېلىپ كەتكەنتىڭ،
شۇندىن بۇيان ھەممە ئۇنتۇلدى.
كىچىككىنە،
كىچىك يۈرەككە
بارلىق ئازاب سىغدىلىپ كىردى.
كىچىككىنە،
كىچىك كۆزۈمدىن
ھەممە - ھەممە ئېتىلىپ چىقتى.
يۈرىكىم كۆيدى،
قەلبىم يىرتىلدى،
سېنىڭ ئۈچۈن قەلەم تۇتقان قول ــ
قەلب بېغىدىن دەستىلەر ئېلىپ
يەنە ئۇلارنى چەيلىۋەتتى.
قەلەملەر ئۇنتۇلدى،
قەغەز يىرتىلدى،
مىسرالىرىم شۇنچە بىچارە،
تۈنىمىدىڭ ئۇنىڭدا ئەمدى....
ئاشىق، دېدى مېنى بىرلىرى،
شائىر، دېدى يەنە بىرلىرى،
سەن يېنىمدىن كەتكەندىن بۇيان،
شېئىر يازمىدىم خېلىدىن بېرى.
|