ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يەتتە تۈرلۈك يېڭى
ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ
«گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھاننى قانون ئارقىلىق باشقۇرۇش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە قاتتىق بولۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق بىرىنچى قىتىملىق يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە يەتتە تۈرلۈك يېڭى ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى بەلگىلىدى.
يېڭى تەدبىر ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلىنى تەڭشەش، باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش)، پاراللېل ئارزۇ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە تۈركۈملەرگە تەسىس قىلىنغان ئارزۇنى تەڭشەش، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تەسىس قىلىنغان ئارزۇنى تەڭشەش، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ماتېماتىكا نومۇر چېكى سىياسىتىنى تەڭشەش، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتىنى تەڭشەش، نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىرىنچى تەدبىر: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرىدۇ ۋە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش) ئېلىپ بېرىلىدۇ
ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان نەتىجىسى (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى)، ئورنى (ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ پۇتۈن شىنجاڭدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىكى رەت ئورنى)، نومۇر چېكى (ھەر قايسى تىل تۈرى، ھەر قايسى تۈركۈملەرنىڭ نومۇر چېكى) نى بىلگەندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.
باسقۇچ بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش (ئۆزگەرتىش) ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدىن ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) 2-تۈركۈمگىچە بارلىق ئارزۇلىرىنى تولدۇرالايدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدىن باشلاپ ئالدىنقى تۈركۈمنىڭ تولمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كېيىنكى تۈركۈمگە ئارزۇ تولدۇرىدۇ (ئۆزگەرتىدۇ)، بۇ ئارقىلىق ئارزۇنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانائەتلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى، ئارزۇ تولدۇرۇش خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىپ، قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى تەدبىر: تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە ئومۇميۈزلۈك پاراللېل ئارزۇ يولغا قويۇلىدۇ
2015- يىلىدىن باشلاپ، تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمدە ئومۇميۈزلۈك پاراللېل ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ يەنى بىرلا ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا 6 پاراللېل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۈچىنچى تەدبىر: تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەرنىڭ ئارزۇسى تەڭشەلدى
ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ، تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈملەرنىڭ ئارزۇسىنى تەڭشەيدۇ. تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمدە بىرلا ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا 7 پاراللېل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ. تولۇق كۇرس 2- تۈركۈمدە بىرلا ئارزۇ گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا 7 پاراللېل ئارزۇ تەسىس قىلىنغان، ھەر بىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
تۆتىنچى تەدبىر: نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تەسىس قىلىنغان ئارزۇ تەڭشەلدى
مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىدىن ئىبارەت خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تەسىس قىلىنغان ئارزۇغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى.
خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ، يەنى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تولۇق كۇرس 0-تۈركۈمدىن كېيىن، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرس 2-تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمدىن كېيىن، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمدىن ئاۋال ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ؛ مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلار، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىغا شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئادەتتىكى تولۇق كۇرس پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركۈمدىن كېيىن ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرس 1-، 2-تۈركۈم نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەش پىلانىنىڭ ھەر قايسىسىغا 2 ئارزۇ تەسىس قىلىنىدۇ، ھەربىر ئارزۇغا 6 كەسىپنى تاللاپ تولدۇرۇشقا بولىدۇ.
بەشىنچى تەدبىر: مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ماتېماتىكا نومۇر چېكى سىياسىتى تەڭشەلدى
2015- يىلىدىن باشلاپ، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىگە ماتېماتىكا نومۇر چېكى بېكىتىلمەيدۇ. ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى مەكتىپىنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش نىشانىغا ئاساسەن، ماتېماتىكا يەككە پەن نەتىجىسىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.
ئالتىنچى تەدبىر: قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى ۋە قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئۇسۇلى تەڭشەلدى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىخچاملاش، ئىمتىھاننى تەشكىللەش-باشقۇرۇش ۋە كىيىنكى خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2015-يىلىدىن باشلاپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى (ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى سوئال چىقىرىدۇ، نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە قوشۇلماي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىشتا پايدىلىنىشىغا تەمىنلەپ بېرىلىدۇ) نىڭ ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 17:00~15:00 دىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:00~9:00 گە تەڭشىدى.
2015- يىلدىن باشلاپ ئىجتىمائىي پەن ئۇنىۋېرسال پەنلىرىدە، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەن قوش تىل ئىجتىمائىي پەن سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى (1-خىل ئەندىزە) پەقەت مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرگىلا ئارزۇ تولدۇرالايدۇ؛ باشقا قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئارزۇسىغا قوش تىل سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنىلا تولدۇرسا بولىدۇ، «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر»، «مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر» ۋە «خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي» لارنى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى مەكتەپلەرنى تولدۇرسا بولمايدۇ.
يەتتىنچى تەدبىر: نومۇر قوشۇش سىياسىتى تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ
«گوۋۇيۈەننىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە «مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەنتەرنىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرى ۋە قوشۇپ بېرىلىدىغان نومۇرلارنى يەنىمۇ ئازايتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» نىڭ روھىغا ئاساسەن، توغرا بولغان ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكتىپ، ئىشەنچىلىك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەكچى پرىنسىپنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نومۇر قوشۇش سىياسىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرتىپكە سېلىنىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىلىدۇ.
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىتىبار ۋە سىياسەتلەردىن ياخشى خەۋەردار بۇلۇپ،ئىمتىھاندا كۈتكىنىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەنبە:بارمۇ بىلوگى |