ئالمــــا يەتتـــە ئالىـــمەن بۈگـۈن
سەمىي ھەسەن(ھايات♡يولۇم)
ـ
قولۇمـــدىكى ئالمـــــا ئالـــــتىنى،
بەكـــلا ئەرزان ســــاتىمەن بۈگـۈن.
يېڭىســــىمۇ چىــــقىپــتۇ دەيـــدۇ،
ئالمـــا يەتـــتە ئالىمـــەن بــۈگۈن.
ـ
تېلفـــۇن قىلـــىپ دىــدىم دادامغا،
دادا مــــاڭا پۇل سېـلىپ بەر دەپ.
ئاچ قالىمــەن دىـــدىم قايتـــىلاپ،
زورلىدىمــغۇ تــېز تېپىپ بەر دەپ.
ـ
خۇشـــال بولـدۇم قويۇپ تېلفۇننى،
چۈنـــكى يېــــڭى تېـلفۇن ئالىمەن.
گەر ســـالمىسا ئـــۇلار ماڭــا پۇل،
بۇلـــدى شـــۇئان بىـراق تانــىمەن.
ـ
پاقىـــراتتــىم ئاياغـــنى مايــلاپ،
كىــيىۋالدىم كىـــيىمنى قــــىرلاپ.
تېلـــفۇن كــۈتۈپ ئولتۇردۇم مانا،
قىــممىتىنى ئــالاي دەپ خىلــلاپ.
ـ
تېلــفۇن كەلدى دادامـدىن يىغلاپ،
ئاران تاپــتىم بالام بــەش يـــۈزنى.
دېھقــانلاردا نــەدە كـــۆپ پۇل بار،
ساقلاپ تۇردۇق دىدى كەچ كۈزنى.
ـ
چۈشــتى شۇ چاغ كەيپىيات نۆلگە،
دىــدىـم ســـالە شــۇنى بولسىمۇ.
ئاچــچىق بىلەن تېلفۇننى قويدۇم،
ئۇنىــڭ كــۆزى ياشــقا تولسـىمۇ.
ـ
ئۇچـۇر كـەلدى قاراپ ئولتۇرسام،
ساپــتۇ مــانا بەش يۈزنى ئـاران.
غەزەپ بىــلەن يېـــرىلار بولــدۇم،
بۇ پـــۇل بىـــلەن بارىمـەن قايان.
ـ
شۇ خىيـــالدا چىـــقتىـمغۇ يولغا،
قاراپ قـالدىم كۆرۈپ بىر ئىشنى.
ئىشلىـــمەكــتە ئىكـەن مىيـىپمۇ،
جاپالارغا چىشلەپ چىڭ چىـشنى.
ـ
شۇ چاغــدىلا قايتتـىم ئۆزۈمـــگە،
مــەن ۋاپــاسىز نىمـىلەر قىــلدىم؟
رەھــمەت دىمـەي ئۇلار ئەجـرىگە،
ئەلەم بىــلەن باغــــرىنى تىلــدىم.
ـ
يىغلاپ سالدىم توۋىــلار ئېيتـىپ،
مىڭ ئۆلتـــۈرمەك بولۇپ ئۆزمنى.
توختىـــمىدى ئەمــدى ياشـلىرىم،
ھەســرەتلىــرىم تىشىپ كۆزۈمنى.
ـ 2016/9/21 |