پېتېر گاي (ئا ق ش)
فرېئۇد
Sigmund Freud
— سىگمۇند فرېئۇد تەرجىمىھالى
ئا. ئابدۇلھەق بوران تەرجىمىسى (تەرجىمە پۈتكەندە تۈزىتىلىدۇ)
ئاپتور ھەققىدە
«فرېئۇد تەرجىمىھالى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئامېرىكىلىق پېتېر گاي بولۇپ، ئاپتور بۇ كىتابتا پسىخوئانالىز، تەرجىمىھال ۋە تارىخنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە بىر ئېقىم ياراتقۇچىنىڭ ئوبېكتىپ دەۋر سىستېمىسى بىلەن سوبېكتىپ كىشىلىكنىڭ ئۆزئارا كىرىشىپ كەتكەن ئۆزگىرىشچانلىق ئالاھىدىلىكى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ ئەسلى ئىجادىيەت قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ چىقىشقا تىرىشقان. بۇ كىتاب بىر خىل كىشىلىك، جەمىيەت، سىياسىي، مەدەنىي، پسىخولوگىيىلىك جەھەتلەرنى ئونىۋېرسال كەڭ دائىرىلىق تەرجىمىھال تارىخى شەكلىدە يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، ھەممە مەزمونلار تەڭ بايان قىلىنغان بەكلا چۈشىنىشلىك بىر كىتاب دەپ قاراشقا بولىدۇ.
پېتېر گاي، 1923-يىلى بېرلىندا تۇغۇلغان بولۇپ، 1938-يىلى ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۈنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىشقەدەم تارىخ پروفىسسورى، گوتىنخام ۋە روكېفىللېر فونت جەمىيىتى ئالىمى، كامبرىج چېرچىل ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك ئالىمى بولۇپ ئىشلىمەكتە. ھازىرغىچە ھېينېكېن قاتارىدىكى ھەر تۈرلۈك تەتقىقات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىپ كەلدى. يازغان ئەسەرلىرى نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكا دۆلەتلىك كىتاب مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
قىسقىچە مەزمۇنى
ئاۋىسترىيىلىك پسىخولوگ بولغان پروفېسسور دوكتور سىگمۇند فرېئۇد، 20-ئەسىردىكى دۇنياغا داڭلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىشلارغا دۈچ كەلگەن بىر كىشى ئىدى. 20-يىللاردا، ئۇ بەرپا قىلغان پسىخوئانالىز ئىلمى دۇنياغا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى كلاسسىك يۈزەكى پسىخولوگىيە ساھەسى سەل قاراپ كەلگەن يوشۇرۇن ئاڭغا بېرىپ تاقالغان بولۇپ، پسىخولوگىيە تەتقىقات ساھەسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ پسىخولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ قاتلاملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تەلىماتلىرى ئەدەبىيات، مىدىتسىنا، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى. ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر بۇ تەلىماتنى تەنقىدى ئاساستا قوبۇل قىلىپ، ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى ۋە ئوبزور قۇرالى سۈپىتىدە پايدىلانماقتا. شۇنداقتىمۇ فرېئۇد تەلىماتلىرى ئادەم پسىخىكىسىنىڭ فىزىيولوگىيە ۋە پسىخىكا رولىنى ئىجتىمائى مۇھىت تەسىرىنىڭ ئالدىغا قويىۋالغان. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ زامانداشلىرى ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئارىسىدا بۇ تەلىماتقا بولغان گۇمانىنى ۋە تەنقىتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ كىتابتا، سىگمۇند فرېئۇدنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇش ۋە كېڭەيتىش جەريانىدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىق ھاياتى ئىنتايىن تەسىرلىك ۋە تەپسىلى بايان قىلىنغان. كىتاپخان بۇ كىتاپنى ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىققىنىدا، فرېئۇدنىڭ قانداق بىرسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇ بەرپا قىلغان پسىخوئانالىز تەلىماتلىرى ھەققىدە خېلى ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدۇ.
مۇندەرىجە
1. يەھۇدىي ئائىلە جەمەتى
2. بالىلىق دەۋرى
3. ۋيېنا ئۇنىۋېرسىتېتى تىببى ئىنىستىتۇتتا
4. سۆيگۈنى ۋە توي
5. دەسلەپكى تىىببى پائالىيەتلىرى
6. ھېستىرىيە كېسەللىك تەتقىقاتى
7. ئۆزىنى ئانالىز قىلىش ۋە چۈش ئۆرۈش
8. ھاياتلىق سىرلىرى
9. نورمال مىجەز ئانالىزى
10. تانىيە
11. جىنىسىي سۆيگۈ پسىخولوگىيىسى
12. ئامېرىكىدا ئىلمى دوكلاد بېرىش
13. نيۇرۇنبۇرگ قۇرۇلتىيى
14. ئادلېر ۋە ستېيكېر
15. خۇراپاتلىقنىڭ پىسىخولوگىيىلىك ماھىيىتى
16. ”شاھزادە“ جيۇڭ
17. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى
18. 20-يىللاردىكى نەزەرىيە تىكلەش پائالىيەتلىرى
19. سەنئەت، سىنارىيە ۋە ئەدەبى ئىجادىيەتلەردىكى تەسىرى
20. ئىڭەك راكى بىلەن جاپالىق ئېلىشىش
بىرىنچى بۆلۈم
بىر يەھۇدىي ئائىلە جەمەتى
1
يەھۇدىيلار، سەرگەردان بولۇپ ياشىغان ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە ئوتتۇرا، جەنوبى ۋە شەرقى ياۋرۇپادا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كۈنلەرنى كۆردى. ئىيسادىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرلەردە ئىسرائىل خانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس ئوردىسى ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىن، يەھۇدىلار كەينى-كەينىدىن چۇۋۇلۇپ ئورتا ئاسىيا، غەربى جەنوبى ئاسىيا، شىمالى ئافرىقا ۋە ياۋرۇپا تەرەپلەرگە سەرگەردان بولۇپ تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇلار خۇددى چېچىلغان ئۇرۇقتەك دۇنيانىڭ ھەممە تەرىپىگە چېچىلىپ، ھەرخىل شەكىللەردە يات ئىرقلار، يات مىللەتلەر ئارىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەسىرلەر بويى داۋاملاشقان بۇ جاپالىق ھاياتلىرى جەريانىدا يەھۇدىيلار ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى، تىل-يېزىقىنى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەنلا قالماستىن، ھەر قايسى مىللەت مەدەنىيەتلىرى ئۈچۈنمۇ تۈۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى. يېقىنقى بىر ئەسىرلىك ئىنسانىيەت تارىخىنىلا ئالىدىغان بولساق، ئەڭ بولمىغاندا دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئۈچ يەھۇدىينى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز: ماركس، ئەيىنشتېيىن ۋە فرېئۇد.
فرېئۇد ئۆزى يازغان «تەرجىمالىم» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئاتا-ئانامنىڭ ھەر ئىككىسىلا يەھۇدىي. مەنمۇ تا بۈگۈنگىچە ئۆزەمنى يەھۇدىي دەپ ھېساپلاپ كەلمەكتىمەن. مەن، ئاتا جەمەئىتىمىزدىكىلەرنىڭ رېين دەرياسىنىڭ كيۇلىن ئەتراپىدا ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللىرىم بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بۇ جايلاردا ئەسىرلەر بويىچە ماكان تۇتۇپ ياشىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئەمما، 14~ 15-ئەسىر ئوتتۇرلىرىدا يەھۇدىيلار بۇ يەرلەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئامال يوق شەرققە قاراپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئۇلار قايتىدىن لىتۋىيىدىن گالىتسىيە ئارقىلىق گېرمانىيىگە قارام بولغان ئاۋۇسترىيىگە قايتىپ كەلگەنىكەن.
فرېئۇدنىڭ يەھۇدىي بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بۇنداق تەسىرلەر يەھۇدىيلارنىڭ تىلى، تەپەككۈر قىلىش ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىلا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى،1 ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەھۇدىيلارنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخى جەريانلاردا ئۇچراپ كەلگەن بوزەك قىلىنىش ۋە كەمسىتىلىشلەر فرېئۇد ئۈچۈن قانداقتۇ بىر كۈچلۈك روھى كۈچ بولۇپ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشى، پۈتۈن زىھنى بىلەن ئىنسانىيەت روھى پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمى تەھلىل ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشىغا رىغبەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ كەلگەن ئىدى. يەنى فرېئۇدنىڭ ئۇلۇغ بىر پسىخولوگىيە ئالىمى بولۇپ يېتىلىپ چىقىشىدا يەھۇدىيلارغا بولغان ئېغىر بېسىم ۋە كەمسىتىلىش مۇھىم رول ئوينىغان دېيىش مۇمكىن. بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ:
مەن ھەردائىم ئۆزەمنى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۆز مۇقەددەس ئورۇنلىرىنى قوغداشتا ئىگە بولغان ھېچنېمىنى مەڭسىتمەسلىكتەك بارلىق كۆتۈرەڭگۈ ھېسسىياتلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بىرسى دەپ ھېسابلايمەن؛ شۇڭا، مەن تارىخىمىزدىكى ئۇ ئۇلۇغ پەيتىمىز ئۈچۈن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ھاياتىمنى بېغىشلاشقا ھەر دائىم تەييارمەن.
ئۇنىڭ بۇنداق كەمسىتىلىشكە بويۇن ئەگمەسلىكتەك روھى ھالىتى پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كەلدى. ئۇ خۇددى ۋولقان ئاستىغا يوشۇرۇنغان ماگمىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ، ئاخىرى پۈركۈپ چىقىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى.
فرېئۇد مەردانىلىق بىلەن مۇنداق دەيدۇ:
مەن نېمە ئۈچۈن ئەجداتلىرىمىزدىن نومۇس قىلىشىم كېرەكلىكىگە مەڭگۈ ئەقلىمنى يەتكۈزەلمەيمەن. ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر ئېيتقىنىدەك مەن نېمە ئۈچۈن ئۆز مىللىتىمدىن نومۇس قىلغۇدەكمەن؟ شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇنداق بىر تۇيغۇنى قەتئى قوبۇل قىلمايدىغان مۇئامىلىدە بولۇپ كەلدىم. بۇنداق قارشىلىق بىلدۈرۈشۈمدىنمۇ ھەرگىز پۇشايمان ئەمەسمەن. …
فرېئۇدنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرى، دەل شۇنداق مىللى كەمسىتىلىش بىلەن مىللى ئىزىلىش مۇھىتى ئىچىدە ئۆتىدۇ.
فرېئۇدنىڭ بۈيۈك بوۋىسىنىڭ ئىسمى ئېفرايىم فرېئۇد بولۇپ،2 ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى شلومو فرېئۇد ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسى فرېئۇد توغۇلۇشتىن سەل ئاۋال، يەنى 1856-يىلى غېنىۋاردا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان. شۇڭا، فرېئۇد تۇغۇلغان ۋاقتىدا، بوۋىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ يەھۇدى ئىسمىنىمۇ شلومو دەپ قويۇشقان ئىدى. فرېئۇدنىڭ دادىسى بولغان ياكوب فرېئۇد 1815-يىلى گېرمانىيىنىڭ گالىتسىيە رايونىنىڭ تىسمېنىتز دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.
ياكوب، بىر يۇڭ توقۇلما توۋار سودىگىرى ئىدى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ قولىدا بەكلا ئاز دەسمايە قالىدۇ.
1855-يىلى، 40 ياشلىق ياكوب فرېئۇد ئۆزىدىن 20 ياش كىچىك بولغان يەھۇدى قىزى ئامالىيە ناتانسىوھن بىلەن توي قىلىدۇ. كېيىنكى يىلى، يەنى 1856-يىلى 6-ماي كۈنى، بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ بالىسىغا سىگمۇند فرېئۇد دەپ ئات قويىدۇ.
فرېئۇد، موراۋيەنىڭ فرېيبېرگ شەھىرىدىكى ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىر بىنادا تۇغۇلىدۇ. بۇ ئادەتتىكىچە بىنانىڭ بىر قاناتلىق دەرۋازىسى چوڭ كوچىغا ئېچىلاتتى. فرېئۇد تۇغۇلۇپ 3 ياشقىچە ئەنە شۇ قورادا تۇرىدۇ.
2
فرېئۇدنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى دېگەندەك باياشات ھېسابلانمايتتى. دادىسى فرېئۇدنىڭ ئاپىسى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن بولۇپ، بىرىنچى قېتىم ئۆيلەنگەن ۋاقتىدا ياكوپ ئەندىلا 17 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىرىنچى ئايالى چوڭ ئوغلى ئېمانۇئېلنى تۇغۇدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ياكوپنىڭ ئىككىنچى ئۆيلەنگەن ئايالى 1836-يىلى ئۇنىڭغا ئىككىنچى ئوغلى فىلىپىپنى تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، فرېئۇد تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىسى ئېمانۇئېل 24 ياشقا كىرگەن، فىلىپىپمۇ 20 ياشلىق بىر يىگىت ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىككىلا ئاكىسى سودا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ يۈرەتتى. ئەپسۇسكى، ئېمانۇئېل بىلەن فىلىپىپ ئىككىسىنىڭ سودىسى كەينى-كەينىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، فرېئۇدنىڭ دادىسى ئامالسىز نۇرغۇن پۇل سەرىپ قىلىپ ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. فرېئۇد ئەقلىنى بىلگىدەك ۋاقىتلارغا كەلگىنىدە دادىسىنىڭ پۇلىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى.
ياكوپ فرېئۇد ئاق كۆڭۈل، ياردەم سۈيەر بىر يەھۇدىي سودىگىرى ئىدى.3 فرېئۇد كېيىنكى كۈنلەردە دادىسى ھەققىدە گەپ بولغىنىدا، دادىسىنىڭ خۇددى چارلىس دىكېنسنىڭ رومانى «داۋىد كوپپېرفيىلد» تىكى پېرسۇناژ مىكاۋبېرغا ئوخشاش ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىرسى ئىكەنلىكىنى، ”كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان بىرسى ئىكەنلىكى“ نى ئېيتىدۇ.
ياكوپ فرېئۇد باشقىلارغا ھەمدە ئەتىراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ھەردائىم ياخشى تەرەپتىن قارايتتى. ئۇ گەرچە بىر سودىگەر بولسىمۇ، ئىشىدا ساپ، كىشىلەرگە راستچىل ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى مىجەزلىرى فرېئۇدغا كۈچلۈك تەسىر قالدۇرىدۇ. فرېئۇدنىڭ دوستى جونېسنىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا، ئۇ فرېئۇدنىڭ تەرجىمىھالىنى يازماقچى بولۇپ فرېئۇدنىڭ قىزى ئاننادىن ”فرېئۇدنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى نېمە؟“ دەپ سورىغىنىدا، ئاننا قىلچە تەمتىرىمەستىن: ”ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ بەكلا ساددا بولىشى“ دەپ جاۋاب بەرگەن. فرېئۇدنىڭ دادىسىدىن مىراس ئالغان بۇنداق ئالاھىدە ساددا مىجەزى ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىش-ھەرىكەتلىرىدە بۇنداق ساددىلىقى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. جونېسنىڭ دېيىشىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، فرېئۇد ئەڭ يامان كۆرىدىغىنى تۇرمۇشنى بەكلا مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىغان ئىشلار ئىكەن. ئۇنىڭ بۇ تۈر ئالاھىدىلىكى، ھەتتا ئۇنىڭ بۇ مىجەزى بارلىق كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلارغىچە سىڭىپ كەتكەن. مەسىلەن ئالايلۇق، ئۇنىڭ جەمى ئۈچ قۇرلا كېيىمى، ئۇچ جۈپ ئايىقى، ئۈچ قۇر ئىچكى كىيىمىلا بار بولۇپ، سىرتلارغا دەم ئېلىشقا چىققاندىمۇ ئۇنىڭ چامىدانى ئەڭ يىغىنچاق بولاتتىكەن.
فرېئۇدنىڭ دادىسى بۇ ئوغلىغا مىراس قالدۇرغان مىجەزلەر فرېئۇدنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن تەپەككۈر ئۇسلۇبىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەپتىن فرېئۇد ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان روھى ھادىسە ئانالىزىنى ئاددىلاشتۇرۇپ ”يوشۇرۇن ئاڭ“ ۋە ”جىنىسى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ“ كە يىغىنچاقلاپ ئىپادىلىگەن، شەيئىلەرنى ئەڭ ئاددى تۈزۈلۈشكە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرەتتى، شۇ سەۋەپتىن بارلىق شەيئىلەرنى ئەڭ ئاددى بىرلىك ھالىتىگە كەلتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئارزۇسىدا بولغان دېيىش مۇمكىن. فرېئۇدنىڭ قارىشىچە، ھەر تۈردىكى ماددىي شەيئىلەرلا ئەڭ ئاددى ئېلېمېنتلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ قالماستىن، بەلكى كۆرۈنۈشتە ھەر قانچە مۇرەككەپ، ئادەمنى قايمۇقتۇرغىدەك قالايماقان ئۆزگىرىشلىك بولۇپ كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ چوقۇم ئۇلاردا بەكلا ئاددى قانۇنلارغا بوي سۇنىدىغان ئالاھىدىلىكى بولىدىكەن. فرېئۇدنىڭ بۇ تۈردىكى خاراكتېرى، ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈرىدە بىر خىل ئاددى تۇرمۇش ئادىتىدىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ بىر تۈرلۈك ئىدىيىۋى ئۇسلوپقا ۋە بىر تۈرلۈك دۇنيا قاراشقا ئايلىنالىغان.4
ئېرنىست جونېسمۇ قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ”فرېئۇدنىڭ بۇنداق ئاددىلىقنى ياخشى كۆرۈپ مۇرەككەپلىكنى يامان كۆرىدىغانلىقى ئۇنىڭ باشقا ئىككى مىجەزىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى: ئۇ بىر تەرەپتىن شەكىلۋازلىققا ئۆچ، ھەر تۈرلۈك سۇنئى چەكلىمىلەرگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭ شەكىلۋازلىققا ئۆچ بولىشىنىڭ بىر قىسمى ئۇنىڭ يوقسۇللۇق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنى ئىجتىمائى بېرىش-كىلىش پۇرسىتىنى ھەددىدىن ئارتۇق چەكلەپ قويغان. … فرېئۇد مۇرەككەب قوغدىنىش تەدبىرلىرىگە، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدە پايدىلىنىدىغان قانۇن جەھەتتىكى قوغدىنىش تەدبىرلىرىگە بەكلا ئۆچلۈك قىلاتتى. ئۇ، ئەگەر ئىككى كىشى بىر-بىرسىگە ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنچ قىلغان بولىدىكەن، بۇنداق قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئارتۇقچە؛ ئەگەر ئىككى ئادەم بىر-بىرسىگە ئىشەنمىگىدەك بولسا، بۇنداق مۇرەككەپ قائىدە تۈزۈملەر ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر قىلچە كار قىلمايدۇ، دەپ قارايتتى. …“
فرېئۇدنىڭ دادىسى بىلەن فرېئۇد ئىككىسىدىكى بۇنداق چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمە مىجەزلەر، ئۇلار ياشاۋاتقان يوقسۇللۇق ئىچىدىكى ئائىلە مۇھىتى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار ھەر دائىم جەمىيەتتىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك بېسىم ۋە كەمسىتىلىشلەرگە ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يېرىم سەرگەندارلىق تۇرمۇش ئىچىدە ياشاپ كەلگەن. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرىمۇ بەكلا ئاددى ئىدى. شۇنىڭدەك تەبىئى ھالدا ”يوقۇرى تەبىقە“ نىڭ ئۇنداق چاكىنا شەكىلۋازلىق ئادەتلىرىگە بەكلا ئۆچ ئىدى. فرېئۇدنىڭ دادىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىلا ئوقۇيالىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلىدىغان دۇنياسى ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاستە كۆرگەن ھەمدە ئەتراپىدىكى بەكلا ئاز يېقىنلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىدىغان بەزى بىلىملەردىن باشقا، تۈزۈك ساۋادىمۇ يوق دېيش مۇمكىن ئىدى.
شۇنداقتىمۇ، فرېئۇدنىڭ دادىسى بىلەن ئۇ ئىككىسى ياشىغان دۇنيا بىلەن جەمىيەت، ئەسلىدە ئۇلار ئىككىسى ئويلىغىنىدەك ئۇنچىۋالامۇ ئاددى ھېسابلانمايتتى. فرېئۇد تۇغۇلغان ۋاقىتلارنىڭ ئالدى-كەينىدە، يەنى ياكوب فرېئۇد گالىتسىيىدىن موراۋىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتلارنىڭ ئالدى-كەينىدە، ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىر قاتار زور تارىخى ھادىسىلەر يۈز بەرگەن؛ بۇ ۋەقەلەر ياۋروپا تارىخىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكىدەك چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقەلەر ئىدى. فرېئۇدنىڭ دادىسى بۇ تۈردىكى تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى چۈشىنىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى ھادىسىلەر فرېئۇدنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا قەتئى سەل قاراشقا بولمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.5
فرېئۇدنىڭ ئائىلە جەمەتى يەھۇدىي ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، فرېئۇدنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادەتلىرى، مەدەنى ئەنئەنىلىرى ۋە شۇنىڭدەك يەھۇدىيلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پەۋقۇلئاددە ئىجتىمائى مۇئامىلىلەر، باشتىن ئاخىرى فرېئۇدنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆز تەسىرىنى يۇقتۇرۇپ كەلگەن. شۇنداقتىمۇ، يەنە بىر جەھەتتە ياۋروپاغا ماكانلاشقان باشقا يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، فرېئۇد جەمەتىمۇ ئۇلار ئۇچراشقان ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن، بولۇپمۇ ئۇلار ياشاۋاتقان ئەينى ۋاقتتا شۇ يەرنىڭ ئىجتىمائى تارىخى مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇشتىنمۇ ساقلىنالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
فرېئۇدلار جەمەتى ئۈچ ئەسىر جەريانىدا نېمىس مىللىتى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەمىيەت ئىچىدە ياشاپ كەلگەن. شۇنداق بولغاچقا، نېمىس مىللىتىنىڭ 15-ئەسىرلەردىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن تارىخى ئۆزگىرىشلەر بىلەن مەدەنى ۋە ئىدىيىۋى تەرەپلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى فرېئۇدنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن تەپەككۈر ئۇسلۇبىغا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىدى. فرېئۇد 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مۇراۋىيەنىڭ كىچىك بىر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتلاردا، گېرمانىيە بىلەن ئاۋىسترىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ نېمىس دۆلىتى 15~16-ئەسىرلەردىكى دىنى ئىسلاھات ھەرىكىتى دەۋرلىرىدە يۈز بەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. فرېئۇدقىمۇ يالغۇز يەھۇدىي مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭلا تەسىرى يۇققان دېگەندىن كۆرە يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى جەريانىدا جوغلانغان مۇرەككەپ تارىخى مىۋىلىرىنىمۇ بىر يەرگە كەلتۈرگەن دېيىش مۇمكىن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، ياكوب فرېئۇد گالىتسىيىدىن موراۋىيىگە كۆچۈش ئىرادىسىگە كەلگەن ۋاقىتلاردا، پۈتكۈل ياۋروپادا ھەقىقى ئىنقىلاپ دەۋرى ياشاۋاتقان ئىدى. يەنى 1848-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ياۋروپا ئىنقىلابى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئىنقىلاب، مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فرانسىيىدە ناپولىيوننىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشى، تارمار كەلتۈرۈلۈپ ئاجىزلىشىپ كېتىشى، پرۇسىيە، چاررۇسىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان چىرىك فيودال كۈچلەر، كاتولىك دىنى جەمىيەت كۈچلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر ئىنقىلاپ ئىدى. ئىزچىل تۈردە كاتولىك دىنى جەمىيەتلىرى بىلەن پرۇسىيىنىڭ چىرىگەن كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن يەھۇدىيلار، فرېئۇد جەمەتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ناپولىيوننىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىدىن باشلاپ پۈتكۈل ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا يۈز بەرگەن ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلەر بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىكلەر بىلەن ئىستىخىيىلىك ھاياجانلىق ھېسسىياتلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.6
پاۋل روسسېلنىڭ دېيىشىگە ئاساسەن، قېدىمقى گاللار چەۋەندازى خاننىبال بىلەن ناپالىيون، فرېئۇدنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن ئىككى قەھرىمان ئىكەندۇق. چۇنكى، دەل شۇ تارىختىكى بۇ ئىككى قەھرىمان، قۇدرەتلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئالپىس تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ يەھۇدىيلارنى كەمسىتىپ ئۇلارنى ئېزىپ كېلىۋاتقان ”ئىلاھى رىم ئىمپىرىيىسى“ بىلەن كاتولىك دىنى جەمىيىتىنى مەغلوپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن فرېئۇدنىڭ قىساس ئېلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرگەن ھېسابلىنىدىكەن.
ئەينى ۋاقتىدا موراۋىيە ئاۋىسترىيە خابسبۇرگلار خاندانلىقىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. ئۇ يەر ئاۋىسترىيىنىڭ باشقا يەرلىرىگە نىسبەتەن مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بار ئىدى:
بىرىنچى ئالاھىدىلىكى، بۇ يەر ئاۋىسترىيىنىڭ بىر قەدەر تەرەققى قىلغان ئىقتىسادى رايونلىرىدىن بىرسى ئىدى. چېخ ھېسابلىنىدىغان بۇ قىسمدا، ئاۋىسترىيىنىڭ قالغان رايونلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن زامانىۋى سانائەت بالدۇرىراق تەرەققى قىلغان ئىدى. چېخىيىنىڭ يېقىنقى زامان سانائەتلىشىشىگە قاراپ تەرەققى قىلىشى ئۇنىڭ شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدىكى باشقا سلاۋىيان دۆلەتلىرىدىن خېلى بالدۇر باشلانغان. ئۇنى ئېزىپ كېلىۋاتقان ئاۋىسترىيىگە سېلىشتۇرغاندىمۇ، چېخ ئىقتىسادى جەھەتتە يەنىلا كۆپ تەرەققى قىلغان ھېسابلىناتتى.
ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى، موراۋىيە، سلوۋاكىيەگە ئوخشاش مىللى زىدىيەتلەر بەكلا ئۆتكۈر بىر يەر ھېسابلىناتتى. چېخىيە 1620-يىلقى ”ئاق تاغ جېڭى“ دىن كېيىن مۇستەقىللىقىنى يوقۇتۇپ ھابىسبۇۋرگلار خاندانلىقىنىڭ قولىدىكى ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا ئۆزگىرىدۇ. رۇسسىيىنىڭ 19-ئەسىردىكى داڭلىق يازغۇچىسى خېرلىن مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”ئاۋسترىيە ئىككى ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە سىستېمىلىق ھالدا چېخلارغا خاس مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بارلىق نەرسىلىرىنى يوق قىلىپ بولدى.“ («خېرلىن ئەسەرلىرى») كونا پراگا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ بارلىق ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى بۇغۇش يولىنى تۇتقان خرىستوس جەمىيىتىگە مەنسۈپ كىشىلەرنىڭ تىزگىنىدە قالغان ئىدى.7
ئەگەر، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چېخلارنى ئاۋىسترىيىنىڭ مىللى زۇلۇمى ئاستىدا قالغان دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا يەھۇدىيلارنى بۇنداق ئېزىلىشنىڭ ئەڭ تېگىدە مىجىلگەن كىشىلەر دېيىشكە بولاتتى. فرېئۇد دۇنياغا كەلگەن 1856-يىلىدا، موراۋىيىدىكى يەھۇدىيلار دۈچ كەلگەن كەمسىتىلىشلەر بىلەن بېسىملار فرېئۇد جەمەتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئازابلاپ كەلگەن. يەھۇدىيلارغا بولغان بۇنداق كەمسىتىلىشلەر فرېئۇدنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى پۈتۈن مۇھىتنى قاپلىغان ئىدى. گەرچە شۇنىڭدىن كېيىنكى 80 نەچچە يىل جەريانىدا يەھۇدىيلارغا بولغان بۇ تۈردىكى كەمسىتىلىشلەر ھەر خىل دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان بولسىمۇ، بەرىبىر تۈپ يىلتىزىدىن تازىلىنىپ بولۇنمىغان بولۇپ، ھەتتا فرېئۇدنىڭ ئۆزىمۇ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچىلا ئەنە شۇنداق نامۇۋاپىق كەمسىتىلىش مۇھىتى ئىچىدە ياشايدۇ.
فرېيبېرگ ئانچە بەك چوڭ ھېسابلانمايدىغان كىچىك بىر شەھەر ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، يەنى فرېئۇد دۇنياغا كەلگەن مەزگىللەردە، بۇ شەھەردە تەخمىنەن 5 مىڭدەك ئادەم ياشايتتى. پۈتۈن شەھەرنىڭ ئارانلا بىر قانچە كوچىسى بار بولۇپ، شەھەر ئىچىدە نەچچە ئوندەك ئۇششاق كارخانىلارلا بار ئىدى. بۇ يەر ئەسلىدە بۈيۈك موراۋىيە سلاۋىيان دۆلىتىنىڭ كىچىك بىر مەھەلىسى ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ يەردە ھەر تۈردىكى قول ھۆنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ يەر يېقىن خوشنىسى بولغان سلوۋاكىيىدىن خېلى كۆپ تەرەققى تاپقان بىر يەر ھېسابلىناتتى. فرېئۇدنىڭ ئاتىسى بۇ يەردە قۇرغان يۇڭ توقۇلما بۇيۇملا تىجارىتى فرېئۇدلار ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئارانلا قامداپ كەلمەكتە ئىدى. ئىقتىسادى جەھەتتە بەك ۋاي دېگىچىلىكى بولمىسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى يەنىلا ئۆم ياشاپ كەلگەن ئىدى.
فرېئۇدنىڭ ئاپىسى ئامالىيە ناتانسوھننىڭ يەنە بىر ئىسمى مارىيە بولۇپ، ئىنتايىن ئەقىللىق بىر ئايال ئىدى. ئۇنىڭ فرېئۇدقا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاتىسىغا قارىغاندا بەكلا كۈچلۈك ئىدى. بۇنىڭ سەۋىبى مارىيە، فرېئۇدقا ئىنتايىن سەمىمى كۆڭۈل بولۇشى نەتىجىسىدە فرېئۇد ئاپىسى بىلەن چوڭقۇر ھېسسى باغ ئورناتقانلىقىلا ئەمەس، بەلكى مارىيە، فرېئۇدنىڭ ئاتىسىغا قارىغاندا بۇ ئوغلى بىلەن تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل بىرگە ياشىغانلىقى، يەنى ئوغلى بىلەن تا 1930-يىلغىچە بىرلىكتە ياشىغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى. ئەمما فرېئۇدنىڭ ئاتىسى بولسا 1896-يىلىلا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان ئىدى.8
فرېئۇدنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسىلا سادىق يەھۇدىي دىنى مورتلىرى ئىدى. ئۇلار ئادەتتىكىچە يەھۇدىي دىنى تۇرمۇشىنى ياشىماقتا ئىدى. يەھۇدىي دىنى مورتلىرىدىن ئورتاق بىر ”دىنى قانۇن“ غا ئېتىقات قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. يەنى ئىبرانىيچە تىلدىكى ”دوللا“ غا ئېتىقات قىلىشى كېرەكلىنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ يەردىكى ”دىنى قانۇن“ ياكى ”دوللا“ دېگىنى «ئىنجىل» دىكى «تەۋرات» تا يېزىلغان ئەخلاق ۋە دىنى تەلىمات سىستېمىسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، يەھۇدىيلاردىن يەھۇدى دىنىنىڭ ئەڭ ئالى تەڭرىسىگە، يەنى يەھياغا سادىق بولىشىنى، شۇنىڭدەك يەھۇدىي دىنىنىڭ شەرىئەتى بولغان ”لاپى“ دىكى تەلىماتلارغا ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا سادىق بولىشىنى تەلەپ قىلاتتى. بۇ يەردە دېيىلگەن ”لاپى“ سۆزى ئەسلىدە ئەڭ بۇرۇنقى يەھۇدىي دىنىنىڭ ”شەرىئەت ئىلىم ئەھلى“ دېگەننى كۆرسىتەتتى. ئۇلار مىلادىيە 2-ئەسىرىدىن 13-ئەسىرىگىچە بولغان ئارىلىققىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد «تەۋرات» بىلەن يەھۇدىي دىنى تەلىماتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، يەھۇدىي دىنى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان يېڭى مەزمۇنلارنى ئېلىپ كېلىپ، تەدرىجى شەكىلدە يەھۇدىي دىنى شەرىئىتىنىڭ سىستېمىلىشىشىغا تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ئىدى. يەھۇدىي دىنى قائىدىلىرىدا بەلگىلەنگىنىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار يېمەك-ئىچمىكىدە چوقۇم ئالاھىدە چەكلىمىلەرگە بوي سۇنىشى شەرت ئىدى. يەنى ئەرلەر چوقۇم سۈننەت قىلىشى، ھەر شەنبە كۈنى ”ساباس“ قىلىشى لازىم ئىدى. يەھۇدىي دىنىنىڭ شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بۇ كۈنى يەھۇدىيلار چوقۇم ساباس يولى دەپ ئاتالغان ئۈچتە ئىككى چاقىرىم پىيادە يول يۈرىشى شەرت ئىدى. يەھۇدىي شەرىئىتىدە يەنە يەھۇدىيلار ھەر ھەپتىدە يەھۇدىي چىركاۋىغا بېرىپ ئىبادەت قىلىشى ۋە ئۇ يەردە دىنى تەلىمات ئېلىپ تۇرىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن.
فرېئۇدنىڭ ئاتىسى بۇ تۈردىكى يەھۇدىي قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، فرېئۇدنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا يەھۇدىي دىنى تەربىيەسى بويىچە يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭدەك كىچىكىدىن تارتىپلا «تەۋرات» نى پىششىق بىلىدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى. فرېئۇدنىڭ ئاتىسى گەرچە ئالى مەكتەب تەربىيىسى كۆرمىگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ يەھۇدىي دىنى رىسالىلىرىدىن «تالمۇد» نى تەتقىق قىلغان بىرسى ئىدى. فرېئۇدنىڭ ئاتىسى بۇ يەھۇدىي ئائىلىسىنىڭ بېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فرېئۇدنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز مىللىتىنىڭ دىنى قائىدىلىرىگە سادىق بولىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
فرېئۇد كىچىك ۋاقىتلىرىدا، كاتولىك بولغان بىر بالا باققۇچىنىڭ قولىدا ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ. بۇ بالا باققۇچى ئايلا، كىچىك فرېئۇدقا بەكلا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرىدۇ. ھەتتا فرېئۇد قورامىغا يەتكەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ بالا باققۇچىنىڭ قىياپىتى ھەققىدە بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى ئەسلىيەلەيتتى. فرېئۇد «پسىخوئانالىزنىڭ كېلىش مەنبەسى» ناملىق كىتابىدا، بۇ كاتولىك مورتى بولغان بالا باققۇچى ئايالنىڭ ”چىرايى بەكلا سەت ئىكەنلىكىنى، يېشىمۇ خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى، ئەمما بەكلا ئەقىللىق بىر ئايال ئىكەنلىكىنى“ تىلغا ئالىدۇ.9 ئۇ ئايال فرېئۇدقا ”تۇرمۇش ۋە ھاياتلىقنىڭ تەدبىرلىرى“ نى ئۆگەتكەن، شۇنىڭدەك ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپلا ”ئۆزەمنىڭ قابىلىيىتىم ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتقا ۋە يېتەرلىك پەرەزگە ئىگە قابىلىيىتىمنىڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئىدى“ دەپ يازىدۇ. ئۇ ئايال فرېئۇدنى ھەر دائىم كۆتۈرۈپ چىركاۋغا ئاپىراتتىكەن، ھەمدە ئۇنىڭغا كاتولىك دىنى ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرەتتىكەن. فرېئۇد ئېسىنى بىلگەن ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا بۇ بالا باققۇچى ئايالدىن جەننەت، جەھەننەم ۋە «ئىنجىل» ھەققىدىكى بەكلا كۆپ تەسىرلىك ھىكايىلارنى ئاڭلاپ تۇراتتىكەن. شۇڭا، فرېئۇدنىڭ ئاپىسىمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا فرېئۇدنىڭ يېڭىدىن تىلى چىقىۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا ئۆيدىكىلەرگە ”تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق يول كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى“ ھەققىدە سۆزلەپ كېتەركەندۇق. فرېئۇد بۇ بالا باققۇچى ئايلاشنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرەتتىكەن. بۇ ئايال بەلكىم فرېئۇدنىڭ ھاياتىدا ئەڭ بالدۇر «ئىنجىل» بويىچە تەربىيە بەرگەن بىرسى ھېسابلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بۇ ئايلا فرېئۇد بىلەن ئۇزۇنغىچە بىرگە بولۇش ئىمكانىغا ئېرىشەلمەي قالىدۇ. گەپ-سۆزلەردىن قارىغاندا، فرېئۇد ئەڭ كۆپ بولسا ئىككى يېرىم ياش ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك، بۇ بالا باققۇچى ئايال ئۆيدىن نەرسە ئوغرىلىغان، دېگەن گەپ بىلەن ئىشتىن چىقىرىلغان ئىكەن. كېيىن، فرېئۇد ئۆزىنىڭ كىتاپلىرىدا نۇرغۇن قېتىم بۇ ۋەقەدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى يازىدۇ.10
فرېئۇدنىڭ ئاپىسىمۇ خەير-ساخاۋەتچى، ئىخلاسمەن يەھۇدىي دىنىي مورتى بىر ئايال ئىدى. ئۇ 7 بالا تۇغىدۇ. ئۇ ئائىلىسىدە يۇرتى گالىتسىيەنىڭ تىلى بولغان ”گالىت نېمىسچىسى“ (ئەسلىدە گېرمانىيىنىڭ جەنۇبى بىلەن ئوتتۇرا قىسىمىدا سۆزلىشىدىغان نېمىس تىلى بولۇپ، ھازىر بۇ تىل گېرمانىيىنىڭ ئۆلچەملىك نېمىس تىلى دەپ قوبۇل قىلىنغان) بىلەن سلۆزلەشمەي، پەقەت يەھۇدىيلارلا سۆزلىشىدىغان ”يىددىش تىلى“ (بىر تۈرلۈك خەلقئارا يەھۇدىي تىلى) بىلەن سۆزلەيتتى.
فرېئۇد ئاپىسىغا بەكلا ۋاپادار ئىدى. ئۇ ئەسەرلىرىدە ئاپىسى ئۈستىدە توختالغىنىدا، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، كەسىپىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق قاتارلىقلار ئاساسەن ئالغاندا ئاپىسىنىڭ تەسىرىدىن كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. فرېئۇد، ”ئاپام ئوغلى بىلەن مۇناسىۋىتىدە ھەر دائىم چەكسىز رازى قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولاتتى؛ بۇ تۈر پوزىتسىيە ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپتىن ياخشى كۆرۈپ يەنە بىر تەرەپتىن يامان كۆرۈشتەك زىددىيەتلىك مىجەزلەردىن تولۇق ۋە ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلغان بىر مۇناسىۋەت ئىدى“ دەيدۇ. فرېئۇد ھەقىقەتەنمۇ ئىزچىل تۈردە ئاپىسىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ھۆرمەت قىلاتتى. فرېئۇدنىڭ دوستى جونېسمۇ، فرېئۇد ئۈچۈن ئاپىسىنى ياخشى كۆرۈشى پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە، بىرەر ئايال كىشى ئۇنىڭغا يۈزسىزلىك قىلغانلىقى ياكى ئۇنى بوزەك قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچ قاچان دەرت تۆكۈپ باققان ئەمەس، دەيدۇ.
فرېئۇدنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئامىراق ئىدى. شۇنداق توغرا كېلىپ قالغانكى، فرېئۇد ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دىككېنىس رومانى «داۋىد كوپفىېر» دىكى ئەر باش قەھرىمانغا ئوخشاش، ئۇ تۇغۇلغىنىدا بالا ھەمراھى بىلەن بىرگە چىققان. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا، بۇ ئىش بۇنداق بالىنىڭ كەلگۈسىدە بەكلا تەلەيلىك بىرسى بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن. فرېئۇد كېيىن بۇنىڭدىن ھەر دائىم مەغرۇرلىنىپ، مەن ئاپامنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۆلچەرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر ئەۋزەللىككە ئېرىشكەنىدىم، دەيدۇ. — ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ، ”ئاپىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە جاندىن ئەزىز كۆرۈلگەن بىر بالا، ئۆمۈر بويى بويسۇندۇرغۇچى تۇيغۇ ئىچىدە ياشىيالايدىكەن؛ بۇنداق ئۇتۇق قازىنىش ئىشەنچى كۆپۈنچە ھاللاردا راستىنلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىكەن.“ ئۇ، 7 بالا ئىچىدە ئەڭ چوڭى — ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ كىچىك ئىنىسى ئالىكساندىر ئوتتۇرسىدا 10 ياش پەرقى بار بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا يەنە 5 قىز بار ئىدى. ئاپىسى چوڭ ئوۈلىغا بەكلا چوڭ ئۈمىدتە بولۇپ، بۇ ئوغلىنىڭ كەسىپى جەھەتتە ئۇتۇق قازىنىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى.
فرېئۇدنىڭ ئاپىسى ئەسلىدە گېرمانىيىنىڭ شەرقى شىمال قىسمىدىكى گالىتسىيەدە تۇرغان. ئۇ يەر رۇسىيىگە يېقىن بىر يەر ئىدى. كېيىنچە، ئامالىيە رۇسىيىنىڭ ئودېسسا دېگەن يېرىدە بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئامالىيە ئىككى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە، گۈزەل قارا دېڭىز ساھىلىدە تۇراتتى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئەقىللىق، جانلىق ۋە گۈزەل ئىدى. كېيىنچە، ئامالىيە دادىسى بىلەن بىرلىكتە ۋيېنناغا كۆچۈپ كېلىدۇ؛ ئۇ ۋيېنناغا كېلىپ 1848-يىلقى ئىنقىلاپقا دۈچ كېلىدۇ. ئامالىيە تا 70~80 ياشقا كەلگىچە 1848-يىلقى ۋيېننا قوزغىلىڭىنى ئېنىق ئەسلىيەلەيتتى.
1856-يىلى، ئامالىيە فرېئۇدنى تۇغقان ۋاقتىدا، ئېڭىرىغىنىچە تۇغۇلغىنىدا فرېئۇدنىڭ بېشىدا ئۇزۇن قارا چاچلىرى بار ھالدا تۇغۇلغان ئىدى. شۇڭا ئامالىيە فرېئۇدقا ئامىراقلىق قىلىپ ”قارۋايچىغىم“ دەپ لەقەم قويىۋالىدۇ.
فرېئۇدنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، فرېيبېرگتا تۇرغان يىللىرى، بىر قېتىم ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياتقان ئۆيىگە كىرىپ سالىدۇ. ئۇ يەردە كىچىك سىگمۇند چوڭلارنىڭ جىنىسى پائالىيىتىگە قىزىققىنىچە ھەيران بولۇپ قاراپ قالىدۇ. شۇڭا، غەزەپلەنگەن ئاتىسى ئۇنى ئۆزىنىڭ ياتىقىغا قوغلاپ چىقارغان ئىدى.11
يەنە بىر قېتىمدا، فرېئۇد ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ دائىم ئورنىغا سىيىپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئەيىپلىگىنىدىن كېيىن، كىچىك فرېئۇد ئاتىسىغا، ”ئالدىرىماي تۇر، ئاتا، مەن ساڭا قايناق بازاردىن يەپ-يېڭى، چىرايلىق قىزىل رەڭلىك كارىۋاتتىن بىرنى ئېلىپ تۆلەپ بېرىمەن.“ بۇ ئىشلار نەتىجىسىدە، فرېئۇدنىڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر تۇيغۇ شەكىللىنىشكە باشلايدۇ: ئاتا بىر رېئالىست، ئەمما ئاپىسى بولسا ئۇنىڭغا دائىم مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان يېقىملىق بىرسى، دېگەن قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ.
فرېئۇدنىڭ فلېيبېرگتىكى ھاياتى ئۇنىڭ ئۇزۇن ھاياتىنىڭ تېخى ئىش ئۇققىدەك ياشقا كەلمىگەن دەسلەپكى ئۈچ يىللىغا تەۋە يىللىرى ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، فرېئۇدنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ كىچىك شەھەردە بەرپا قىلغان يەھۇدىي ئائىلە بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى فرېئۇدقا بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز يارا ئىزلىرىنىمۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. شۇندىن كېيىن فرېئۇد ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ فرېيبېرگتىكى بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلىگەن ۋاقتىدا، ئۇ ھەر دائىم سەھرا شائىرلىرىدا بار چوڭقۇر ھېسسىيات ئىچىدە بۇ كىچىك شەھەرنى سېغىناتتى.
فرېيبېرگ شەھىرى موراۋىيەنىڭ شەرقى جەنوب قىسمىدا بولۇپ، سىلىتسىيەگە يېقىن بىر يەر ئىدى. بۇ يەر ۋيېننانىڭ شەرقىي شىمالىغا 150 مىل (200 ك م) كېلىدىغان يەردە ئىدى. شەھەر ئىچىدە سان مارىي نامىدا بىر چىركاۋ بار بولۇپ، بۇ چىركاۋنىڭ ئۇچلۇق مۇنارىلىرىنىڭ ئىگىزلىكى 200 فۇند (60 م) كېلەتتى. ئۇ يەردىن ئاڭلانغان جاراڭلىق قوڭغۇراق ئاۋازىنى شەھەرنىڭ بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن ئاڭلىغىلى بولاتتى. فرېيبېرگتىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رىم كاتولىك دىنى مورتى بولۇپ، پەقەت 2 پىرسەنت قىسمىلا پروتېستىيان ۋە يەنە شۇنچىلىك ئاھالە يەھۇدىي ئىدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى كاتولىك لار چىركاۋىغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەتلا بارمايدىغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ فامىلىسىنى ئاساسەن دېگىدەك ئېيتىپ بېرەلەيتتى.
فرېيبېرگنىڭ سانائىتى ئاساسەن توقۇمچىلىق ئىدى. بۇ توقۇمچىلىقنىڭ ئاساسى قىسمى قول ھۈنەر توقۇمچىلىقىغا تەۋە ئىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن، فرېئۇد جەمەتى بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشتىن بۇرۇنقى 20 يىل جەريانىدا بۇ تۈردىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان توقۇمچىلىق ئىشلىرى كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىپ كېلىۋاتقان ماشىنىلاشقان توقۇمچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ بارغانسىرى ۋەيران بولۇش يولىغا كىرىپ قالغان ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىغا كەلگىنىدە، ۋيېننادىن شىمالغا قارىتىپ ياتقۇزۇلغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى فرېيبېرگتىن يىراقتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەرنىڭ جوغراپىيىلىك ئورنى بىراقلا مۇھىم بولمىغان بىر يەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ يەرنىڭ قېدىمىي ۋە قالاق قول ھۈنەر سانائىتى ۋەيران بولۇش خەۋىپى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ.12
شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، بۇ يەردىكى چېخ يەرلىك مىللەتچىلىك كۈچلىرىمۇ كۈچىيىپ بېرىشقا باشلايدۇ. ئۇلار گېرمانىيە، ئاۋىسترىيە سىياسى ئىقتىسادى كۈچلىرىگە چەكلىمە قويۇش ۋە چەتكە قېقىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە كىرىشىدۇ. چېخلار يەنە نېمىسچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلارغا بەكلا ئۆچلۈك قىلاتتى. 1848-يىللىرىدىكى پراگا قوزغىلىڭى دەۋرىلىرىدىلا پراگا شەھىرىدىكى يەھۇدىي توقۇمچىلىق ئىشلىرى سودىگەرلىرىگە زەربە بېرىشكە كىرىشكەن ئىدى. چېخ مىللىي ئىگىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە گېرمانىيە-ئاۋىسترىيە ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قاتمۇ-قات شۈلىۋېلىشىغا ئەگىشىپ، موراۋىيە رايونىدىكى يەھۇدىي سودا سانائېتىنىڭ ئەھۋالىمۇ كۈنسايىن ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا، فرېئۇد جەمەتىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بىر بۇرۇلۇش نوقتىسىغا كېلىپ قالغان ئىدى. بۇ جەمەتنىڭ ئائىلە باشلىقى بولغان ياكوب فرېئۇد دەرھال بىر يول تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. فرېئۇدنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش يولى ئەنە شۇ قېتىملىق يېڭى يول تاللىشىغا باغلىق بولۇپ تۇرماقتا ئىدى.
ئىككىنچى بۆلۈم
بالىلىق دەۋرى
1859-يىلى، فرېئۇدلار ئائىلىسى فرېيبېرگتىن ئايرىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ساكسونىيە رايونىنىڭ لېيپزىگ دېگەن شەھىرىگە بېرىۋالىدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق كۆچۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. مۇلاھىزىلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەب كۆچۈشكە سەۋەب بولغان بولىشى ئېھتىمال: بىرىنچى سەۋەب، ئىقتىسادى سەۋەب بولۇپ، يەنە بىر سەۋەب بولسا ئۇرۇش كەلتۈرگەن سەۋەبلەر بولىشى مۇمكىن.
ئىقتىسادى جەھەتتىكى سەۋەبنى ئالساق، ئەينى ۋاقتىدا فرېئۇدنىڭ ئانا باشقا ئۈگەي ئاكىسى ئىمانۇۋېل بىلەن فىلىپىپ ئىككىسى جەنۇبىي ئافرىقىغا تۈگەقۇشى مامۇق سودىسىنى قىلغىلى بېرىپ مەغلوپ بولغانىكەن. فرېئۇدنىڭ ئاتىسى ئۆزى قۇرغان يۇڭ توقۇلما مەھسۇلاتلار دۇكىنىنىڭ مەبلىغىنى ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەشكە ئىشلىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ياكوب فرېيبېرگتا سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانى قالمايدۇ.
ئەسلىدە، فرېيبېرگتىكى ۋاقتىدىلا فرېئۇد ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە فرېئۇدنىڭ ئاپا تەرەپ چوڭ ئانا جەمەتى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئىقتىساد ۋە ياردىمىگە قاراشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.13
يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋسترو-ۋىنگېر ئىمپىرىيىسى بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرسىدا شۇ يىللاردا بىر قېتىملىق ئۇرۇش بولغان ئىدى. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا، خابسبۇرگ خاندانلىقى مەملىكەت بويىچە يېشى توشقان بارلىق ياشلار ھەربى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، دەپ بەلگىلەيدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، فرېئۇد ئائىلىسىدە فرېئۇدنىڭ ئاتىسى ۋە يەنە ئىككى ئاكىسى بولۇپ جەمئى 3 ئەر بار، ئۇلار ئۈچىسىنىڭلا ئەسكەرگە ئېلىنىش خەۋىپى بار ئىدى. ئەسكەر بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئەڭ ئەقىللىق چارە ئىدى. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ باشقا يۇرتقا كۆچۈشىنىڭ بىر باھانىسى بولۇپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ياقۇپ فرېئۇد، ئاۋسترو-ۋېنگىر ئىمپىرىيىسىگە تەۋە بولغان موراۋىيىدىن گېرمانىيىنىڭ ساكسونىيىسىگە كۆچۈپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاۋسترىيە-ئىتالىيە ئۇرۇشى ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فرېئۇدلار ئائىلىسى لېيپزگتىن ۋيېنناغا كۆچۈپ بېرىۋالىدۇ. ئەمما فرېئۇدنىڭ باشقا ئانىدىن بولغان ئىككى ئۈگەي ئاكىسى بولسا لوندونغا كېتىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.
ئۇ دەۋرلەردە، ھەربى قىسىملاردا يەھۇدىيلار ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رەھىمسىزلارچە يەكلىشىگە ئۇچراپلا قالماي، بارلىق يەھۇدىي تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلىناتتى. شۇڭا، ھەربى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەش يەھۇدىيلار ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىش بەكلا قىيىن بىر ئىش ھېسابلىناتتى.
ۋيېننا، ياۋروپانىڭ ئەڭ داڭلىق مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى. يەنە كېلىپ ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ تا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كەلگىچە بولغان ئارىلىق ۋيېننانىڭ تازا روناق تېپىۋاتقان دەۋرلىرى ئىدى. بۇ دەۋرنى بىر مەنىدە ۋيېننانىڭ ”مەدەنىيەت گۈللەنگەن دەۋرى، يەنى رېنوسانس دەۋرى“ دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ۋيېننا مۇزىكا، پەلسەپە، ئەدەبىيات، ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنياغا داڭلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بىر دەۋرنى ياشىماقتا ئىدى. كونا ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئالىملار يىغىلغان ئالى بىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ يەردىن چىققان نۇرغۇنلىغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى يېڭىلىقلار خەلقئارادىكى مەدەنىيەت ئىلىم-پەن سەھەسىدىكىلەرنى تىنماي ھاياجانغا سېلىپ تۇراتتى. ۋيېنناغا يىغىلغان ئاتاغلىق ئالىملارنىڭ مۈتلەق كۆپ قىسمى، خۇددى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرغا چىقىدىغان فرېئۇدقا ئوخشاش ۋيېنناغا سىرتتىن كەلگەن كىشىلەر ئىدى. بۇ كىشىلەر خابسبۇرگ خاندانلىقىغا تەۋە ھەر قايسى يەرلەردىن كېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىنمۇ كەلگەن ئىدى.
شۇنداق بولغاچقا، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋيېننانىڭ شانلىق ۋە قېدىمى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىنتايىن مول ئۇزۇقلۇق مەنبەسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ۋيېننا، فرېئۇدنىڭ ئىلمىي جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇلۇغ تەلىمات يارىتىشنىڭ تەبىئى بۈشۈكى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.14
تارىختا، يەھۇدىيلار ۋيېننادىن ئۈچ قېتىم قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى. خابىسبۇرگ خاندانلىقى زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ فىئودال مەركەزىيەتچى ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىۋالغان؛ ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر قانلىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراپ تۇراتتى. بۇنداق ۋەھشىلەرچە باستۇرۇشلاردا ۋيېننادا تۇرۇشلۇق يەھۇدىيلار ھەر دائىم بىرىنچى بولۇپ زەربە يەيدىغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا بارلىق يەھۇدىيلار قېرى-ياش دېمەي ۋيېننادىن مەجبۇرى تۈردە تولۇق ھەيدەپ چىقىرىلىپ، چەت، قالاق رايونلارغا كۆچۈرىۋېتىلەتتى. ئون سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، دۆلەت ئىچىدە كاپىتالىستىك سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلىدىن، ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسى تەۋەسىدە ئاستا-ئاستا بىر قىسىم ئىسلاھاتلار يۈرگىزىلىشكە باشلايدۇ: دېھقانلارنىڭ پومىشچىكلارغا بولغان بېقىندىلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يەر ئىگىسىنىڭ دېھقىنى بولۇپ ئىشلەش ئورنىغا يەر ئىجارىسىنىڭ دەسسىتىلىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلىشىگە يول قويۇش دېگەندەك ئۆزگەرتىشلەر يولغا قويۇلىدۇ. ئون توققۇزىنچى ئەسىرگە كەلگەندە، ئاۋسترىيىدىكى سانائەتلىشىش دەرىجىسى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلىشى نەتىجىسىدە، يەھۇدىيلارنىڭ ۋيېنناغا قايتىشىغىمۇ رۇخسەت قىىلىنىدۇ. ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ 70-يىللىرىغا كەلگىچە بولغان 30 يىل جەريانىدا، ۋيېننادىكى يەھۇدىيلار نوپۇسى شىددەت بىلەن ئارتىپ، 2 مىليونلۇق ۋيېننا ئاھالىسىنىڭ ئون پىرسەنت قىسمىنى ئىگەللەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىدۇ. تىرىشچان ۋە زىرەك يەھۇدىيلار تەدرىجى شەكىلدە نۇرغۇنلىغان بانكا ۋە بارلىق گېزىتلارنى دېگىدەك قولغا ئېلىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرىمۇ يەھۇدىي قېنىدىن بولغان ئالىملار تەرىپىدىن ئىگەللەنگەن ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە، شۇ ۋاقىتلاردىكى ئاۋسترىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىراتورى فرانز جوسېف يەھۇدىيلارنى يەكلەش قارىشىنى پەقەتلا قوللىمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئاۋسترىيىدىكى بىر قىسىم چېكىدىن ئاشقان يەھۇدىي دۈشمەنلىك قارىشىدىكى كىشىلەر بۇ پادىشاھنى ”يەھۇدىي پادىشاھى“ دەپ ئاتىشاتتى.
گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ ۋيېنناغا قايتىشىغا يول قويۇلغاندەك قىلسىمۇ، يەھۇدىيلار يەنىلا ھەر يەردە ھەر دائىم دۈشمەنلىك قىلىدىغانلارنىڭ بوزەك قىلىنىشى ۋە تۇيۇقسىز زەربە بېرىشلىرىدىنمۇ خالى بولالمايتتى. شۇڭىلاشقا، فرېئۇد ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئىزچىل تۈردە يەھۇدىلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە دۈچ كېلىپ ياشايدۇ. بۇنداق بىر مۇھىت، فرېئۇدتا تەدرىجى تۈردە كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش مىجەزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ، بۇ تۈردىكى كەمسىتلىشلەرگە پەقەتلا چىدىيالماي، قەلبىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى يالقۇنجاپ تۇراتتى.
ئۇ بىر قېتىم، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى يەھۇدىيلارنى يەكلەيدىغانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئەسلەپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ:15
تەخمىنەن 10-12 ياشلىق ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، دادام مېنى ئايلىنىپ كېلىشكە بىرگە ئېلىپ ماڭدى. ئۇ يولدا پاراڭلاشقاچ كېتىۋېتىپ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا بولغان قارىشىنى سۆزلەشكە باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئۇ ماڭا بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ كېلىپ، بۈگۈن ئۇ ۋاقىتلارغا قارىغاندا ۋەزىيەت كۆپ ياخشىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ: ”مەن ياش ۋاقتىمدا بىر شەنبە كۈنى، سەن تۇغۇلغان يەرنىڭ چوڭ كوچىسىدا سەيلىگە چىقىپ كېتىۋاتاتتىم؛ مېنىڭ كىيىنىشلىرىم بەكلا رەتلىك، بېشىمغا يېڭى بىر قالپاق كىيىۋالغان ئىدىم. يولدا كېتىۋاتقان بىر خرىستىيان يېنىمغا كېلىپ مېنى ئۇرۇپ كەتتى. تاياق زەربىسىدىن بېشىمدىكى تۇمىقىممۇ يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈپ دۇمىلاپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ’يەھۇدىي ئالۋاستى! يوقال پىيادىلار يولىدىن!‘ دەپ ۋارقىرىغان ئىدى.“ مەن بۇ يەرگىچە ئاڭلاپ دادامدىن: ”شۇ چاغدا سەن ئۇنى قانداق قىلدىڭ؟“ دەپ سورىدىم. دادام خاتىرجەم ھالدا ”ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمچە بۇرۇلۇپ چوڭ يولغا چۈشتۈم ۋە يەردىكى تۇمىقىمنى ئالدىمدە گەپمۇ قىلماەي يولۇمنى داۋام قىلدىم“ دەپ بىر خىيالىدا يوق جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ بۇ دېگىنى ماڭا بەكلا ئېغىر كەلگەن ئىدى؛ مەن، شۇنچە ئىگىز، بەستلىك، ئوغلىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان بىر ئەر كىشىنىڭ شۇنچىۋالا بوزەك بولۇپ بەرگەنلىكىگە ھەيران قېلىپ ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي سوۋىغان ئىدىم. مەن بۇنداق بىر ئەھۋالنى مېنىڭ مىجەزىمگە بەكلا ماس كېلىدىغان باشقا بىر ۋەقە بىلەن سېلىشتۇردۇم. يەنى، خانىبالنىڭ ئاتىسى قۇربانگاھ ئالدىدا تۇرۇپ ئوغلىنى رىملىقلاردىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن قەسەم قىلدۇرۇشتەك تەسىرلىك سورۇنغا سېلىشتۇراتتى. شۇ كۈنىدىن كېيىن، خانىبال مېنىڭ خىيالىمدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر قەھرىمان بولۇپ قەلبىمدىن ئورۇن ئالدى.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، فرېئۇدنىڭ سەبى قەلبىدە خېلى بۇرۇنلا جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش غەيرىتى تىكلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
فرېئۇد بىر تەرەپتىن دادىسىنىڭ ئاق كۆڭۈل ۋە ئۈمىدۋار مىجەزىنى مىراس قىلىۋالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دادىسىدا بولمىغان كۈرەشچان روھنىمۇ يېتىشتۈرمەكتە ئىدى. بۇ خىل كۈرەشچان روھ بىلەن ئاق نىيەتلىك پەزىلەت بىرلىشىپ، فرېئۇددا نىسبەتەن مۇكەممەل كىشىلىك خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە قىيىن ھەم مۇرەككەپ تۇرمۇش يىللىرىدا دۈچ كەلگەن بارلىق رىقابەتلەرنى يېڭىپ چىقىش روھىنى بەخىش ئەتكەن دېيىش مۇمكىن.
فرېئۇد، ئۆزىنىڭ 3 ياش بىلەن 7 ياش ۋاقىتلىرى ئارىسىدىكى تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇ ۋاقىتلار ئىنتايىن جاپالىق يىللار ئىدى. شۇڭا ئۇ يىللارنى ئەسلەشكە ئەرزىمەيدۇ.“ ئۇ ۋاقىتلاردا، فرېئۇدلار ئائىلىسى تېخى يېڭىلا ۋيېنناغا كېلىپ ماكانلاشقان ۋاقىتلار بولۇپ، ئىقتىسادى جەھەتتە بىر قەدەر قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتلار ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئۈگەي ئاكىسى، يەنى ئىمانوئېل بىلەن فىلىپىپ ئىككىسى ئاياللىرى ۋە بالا-چاقىسىنى ئېلىپ ئەنگلىيەنىڭ مانچېستىر شەھىرىگە كۆچۈپ كېتىدۇ. مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىمانۇئېل بىلەن فىلىپىپ ئۇ يەردە يۇڭ توقۇلما مەھسۇلاتلار زاۋۇدى ئاچقان بولۇپ، تىز ۋاقىت ئىچىدىلا روناق تېپىشقانىكەن. فرېئۇد چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەرگە بېرىشنى دائىم ئارزۇ قىلىپ يۈرىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە، ئەنگلىيە دېگەن دۆلەت ئەركىنلىكلەر ئۆلكىسى ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئەنگلىيەگە كېتىۋالغانلىقىدىن بەكلا زوقى كېلەتتى. شۇڭا ئۇ، ئاتا-ئانىسى بىلەن ۋيېننادا تۇرۇپ قالغى ئۈچۈن دەسلەپكى يىللاردا كۆڭلى يېرىم بولۇپ بەكلا زىرىكىشلىك ھېس قىلاتتىكەن.16
1860-يىلىدىن 1874-يىلىغىچە، فرېئۇدلار ئائىلىسى ۋيېننانىڭ لىئوپولدستاد رايونىدىكى پفېفېر كوچىسىدا تۇرىدۇ. بۇ رايون ۋيېننا شەھىرىدىكى يەھۇدىيلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون ئىدى.
بۇ دەۋردىكى كۈنلىرى ھەققىدە فرېئۇد پەقەتلا بىر قانچە ئىشنىلا ئەسلىيەلەيدۇ.
بىر قېتىم، فرېئۇد بىر سافانى مەينەت قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاپىسىغا تەسەللى بېرىپ، چوڭ بولغاندا بۇنىڭ ئورنىغا يېپ-يېڭى بىر سافا ئېلىپ تۆلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ھىكايىمۇ يوقۇرىدا بايان قىلىنغان يېڭى بىر كارىۋات ئېلىپ تۆلەش ھىكايىسىغا ئوخشاشلا فرېئۇدنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنتايىن ساپ نىيەتلىك، غۇرۇرلۇق بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ، باشقىلارغا زىيان سېلىشنى بىر نومۇس دەپ بىلەتتى.
يەنە بىر ئىش، ئۇ 5 ياشلىق ۋاقتىدا دادىسى ئۇنىڭ بىلەن سىڭلىسىغا ئىران ساياھىتى ھەققىدىكى بىر كىتابنى بېرىپ ئىچىدىكى رەسىملىرىنى يىرتىپ ئويناڭلار دەيدۇ. روشەنكى، ئاتىسىنىڭ بۇ قىلغىنى بەكلا يەڭگىللىك قىلغانلىقى ئىدى. گەرچە بۇ ئىش ئويۇندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، يەنىلا چۈشىنىش قىيىن بولغان بىر تۈرلۈك بالا تەربىيىلەش ئۇسلۇبى ھېسابلىناتتى. بۇ ئىش فرېئۇدقا پۈتۈنلەي ئەكسىچى تەسىر كۆرسىتىپ، كېيىن بۇ ئىش فرېئۇدنىڭ كىتاپ ساقلاش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ئۇ 6 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، ئاپىسىنىڭ ”ئادەم لايدىن ياسالغان، شۇڭا چوقۇم توپراققا قايتىپ كېتىشى كېرەك“ دەپ ئېيتقانلىقىنى ئەسلەيدۇ. ئەمما ئۇ ئاپىسىنىڭ دېگىنىگە ئىشەنمەي تۇرىۋالىدۇ. ئاپىسىمۇ بۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئوغلىغا ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىككى ئالقىنىنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچەپ يىمىرىشقا كىرىشىدۇ. ئاندىن ئاپىسى قولىدا يىمىرىلىپ شەكىللەنگەن تىرە كىرىدىن بولغان دانىچىنى كۆرسىتىپ، ”مانا بۇ لاي-توپىغا ئوخشايدىغان نەرسە“ دەيدۇ. بۇنى كۆرۈپ كىچىك فرېئۇد راستىنلا قاتتىق ھەيران قالغان ئىدى. شۇندىن كېيىن، ئۇ كاللىسىدا مۇنداق بىر سادانىڭ ياڭرىغىنىنى دائىم ھېس قىلىدىغان بولىدۇ: ”سەن بەرىبىر ئۆلىسەن.“ يەنى، ئۇنىڭ ئاپىسى ئېيتقىنىدەك ”چوقۇم توپراققا قايتىپ كېتىش“ دېگىنى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.17
فرېئۇد 7~8 ياشلىق ۋاقىتلىرىدا، ئاتا-ئانىسى ياتىدىغان كارىۋاتقا سىيىپ قويىدۇ. ئاتىسى بۇنىڭدىن قاتتىق خاپا بولۇپ ۋارقىراپ كېتىدۇ: ”بۇ بالا پەقەتلا كارغا كەلمەيدىغان بىرسى بولغىدەك!“ بۇ گەپ فرېئۇدنىڭ روھىغا قاتتىق زەربە بولۇپ تېگىدۇ. فرېئۇد كېيىن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ گەپ مېنىڭدىن كۈتىلىدىغان ئۈمىدكە بەكلا ئېغىر زەربە شەكىللەندۈرگەن بولىشى كېرەك؛ شۇندىن كېيىن ئەينى ۋاقتىدىكى قىياپىتىمدىن ئەكىس ئەتكەن كۆرۈنۈشلەر قايتا-قايتا چۈشۈمدە ئەكىس ئېتىپ تۇردى. شۇنىڭدەك، چۈشۈمدە، بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنىڭ كەينى-كەينىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىم بىلەن زىچ باغلىنىپ ئەكىس ئېتىپ، خۇددى ماڭا: ’مانا قارا، سەنمۇ نەتىجە قازىنالايدىكەنسەنغۇ!‘ دېگەندەك قىلاتتى.“ فرېئۇدنىڭ يېقىن شاگىرتى جيۇڭنىڭ دېگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا، فرېئۇد تا قورامىغا يەتكەن كۈنلەرگىچىلا ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان ئالامەتتىن قۇتۇلالمىغان. شۇڭا، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ياتىقىدا ۋە ئۆزىنىڭ ياتىقىدا كارىۋاتقا سىيىپ قويىشى ئۇنىڭ بىلىپ تۇرۇپ قىلغان ئىشى ھېسابلانمايتتى. دادىسى ئۇنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇشىنى ئىككى قېتىم تەنقىتلىگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭغا ئېغىر روھى زەربە بولغان ئىدى. شۇنىڭدەك، فرېئۇد بۇ ئىش سەۋەبىدىن دادىسىغا بولغان يېقىنلىقى ھەر دائىم ئانىسىغا بولغان يېقىنلىقىدەك قىزغىن بولالمايدۇ.
فرېئۇد 10 ياشقا كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئائىلىسىدە تەربىيە كۆرىدۇ. فرېئۇد ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلغىنىدىن كېيىن، ئاتىسى ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشىنى ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. يوقۇرىدا دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بەكلا تۈۋەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلىدىغان نەرسىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تەۋراتتىن ئالغان بولسا، يەنە بىر قىسمى ئۇنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن كەلگەن ئىدى. مانا بۇ، ئۇنىڭ بىلىمىنىڭ چەكلىك بولىشى ۋە تار دائىرىلىك بولىشىنى بەلگىلىگەن ئىدى.
ئەمما فرېئۇدتا تۇغما قابىلىيەت بار بىرى بولغاچقا، ئۇ ئاتىسى ئۆگەتكەن ھەر بىر بىلىملەرنى تولۇق چۈشۈنۈپ ماڭاتتى. ئۇنىڭدا ئىنتايىن كۈچلۈك تەھلىل قىلىش قابىلىيىتى بار ئىدى. بۇنداق بىر ئائىلە تەربىيىسى ئىچىدە، فرېئۇدنىڭ ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىېۋىتى بۇرۇنقىسىدىنمۇ چوڭقۇرلىشىپ بېرىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر، بۇندىن بۇرۇن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەتلا ئاتا-بالىلىق دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۇ ھالدا، شۇندىن كېيىن ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇستاز-شاگىرت ئوتتۇرسىدىكى ھېسسىياتقا ئۆزگەرگەن دېيىش مۇمكىن.18
ئۇنىڭ ئاتىسى پۈتۈن پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئوغلىغا ئاساسىي ساۋات ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
20 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ، فرېئۇد دائىم دېگىدەك ئاتىسىغا ھەمرا بولۇپ ۋيېننا كوچىلىرىنىڭ پىيادىلار يولىدا بىرگە شامالداپ ماڭاتتى. ئۇ يىللاردا ئېقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، فرېئۇد ئاتا-بالا ئىككىسى باشقا تۈرلۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇ دەۋرلەردە، ئورتا ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئوتتۇرا ھالدىن يوقۇرى سىنىپقا مەنسۈپ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك بوش ۋاقىتلىرىنى ياكى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنى ھەر تۈرلۈك توپ ئويۇنلىرى ئويناش ۋە گېمناستىكا ئويناش، ياز ئايلىرىدا سۇ ئۈزۈش، قىشتا چاڭقىي تېيىلىش قاتارىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىشەتتى. ئەمما فرېئۇد پەقەتلا كوچىلاردا سەيلە قىلىپ مېڭىش بىلەنلا شوغۇللىناتتى. بەزىدە دادىسى بىلەن بىرلىكتە تاغقا چىقىش ھەرىكىتى بىلەنمۇ شوغۇللىناتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇنداق شامالداپ يول يۈرۈش كېيىنچە فرېئۇدنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلىنىپ، ئۆزى يالغۇز ئايلىنىپ يۈرىدىغان بولىدۇ. ئۇ ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مىدىتسىنا كەسىپى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، يول مېڭىش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قىزىقىشلىرىدىن بىرى ئىدى. فرېئۇد، كېيىن سۇ ئۈزۈش بىلەن كاڭكى تېيىلىشنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆگۈنىۋالىدۇ. ئۇ بۇلارنى ئۆگەنگەندىن كېيىن دەرھال ئەمەلدە كۆرسىتىشكە ئالدىرايتتى. فرېئۇد، ئازىراقلا پۇرسەت چىقتىمۇ، دەرھال سۇ ئۈزۈش كۆلىگە ياكى ئۆستەڭ-دەريا، كۆل-دېڭىزلارغا بېرىپ سۇغا چۆمىلەتتىم، دەيدۇ. فرېئۇدنىڭ دوستى جونېسمۇ، فرېئۇد ھەقىقەتەنمۇ ئۆستەڭ-دەريالاردا، كۆل-دېڭىزلاردا سۇ ئۈزۈشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى، شۇنىڭدەك ئۇ ھەر قېتىم سۇغا چۆمۈلبۈشكە بارغىنىدا ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ھاياجان ئىچىدە قالاتتى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ”بېلىقتەك سۇغا ئامىراق“ ئىدى دەيدۇ. فرېئۇدمۇ جونېسقا، مەن پەقەت بىرلا قېتىم ئاتقا مىنىپ باقتىم، ئەمما بۇنىڭدىن ئۇنچە بەك لەززەتلىنىپ كېتەلمىدىم، دەپ ئېيتقان. نېمىلا بولسا بولسۇن، فرېئۇد ھەقىقەتەنمۇ شامالدىغاچ يول يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرى ئىدى. جونېس يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئېسىمدە، فرېئۇد 65 ياش ۋاقتىدا 6~7 ياش كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خارس تېغىغا ياماشقان بولۇپ، بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك 25~26 ياشلاردىكى يىگىتلەر ئىدى. ئەمما مەيلى تاغقا چىقىش تېزلىكى ياكى چىداشچانلىقى جەھەتلەردە بولمىسۇن، فرېئۇد ھەقىقەتەنمۇ ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالاتتى. بىز بۇ يەردە فرېئۇدنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ھەمدە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ فرېئۇد ئۆزىنىڭ بەدىنىگە كۆرسەتكەن چېنىقىش رولىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بۇ ئىشلارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى، فرېئۇدنىڭ دادىسى ئۇنى ھەر دائىم ۋيېننا كوچىلىرىدا يول يۈرۈشكە بىرگە ئېلىپ يۈرۈشىدىن كەلگەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.
فرېئۇد كىتاپ ئوقۇشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىدىن تارتىپ تارىخ بىلەن ئەدەبىيات ئوقۇشىغا بەكلا قىزىققانىدى. فرېئۇد تارىخ بىلەن ئەمەلىي تۇرمۇشنى بەكلا تەبىئىي ھالدا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشقا قارىتا مۇئامىلە قىلىشىنى ئىپادىلىيەلىگەن ئىدى.19 ئۇ، تارىخى ۋەقەلىكلەر بىلەن تارىخىي شەخىسلەر ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئگىنىشكە بەكلا ماھىر ئىدى. ئاندىن بۇلارنى ئەقلىدە چىڭ ساقلىۋالاتتى. يوقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئۇ، ناپولىئون بىلەن گوتىگلارنىڭ داڭلىق قەھرىمانى خانىبالغا بەكلا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. مانا بۇ ئۇنىڭ تارىخ ئوقۇشىدىكى يوقۇرىقى ئالاھىدىلىكىنىڭ تىپىك بىر مىسالى. ئۇ، ناپولىئون بىلەن خانىبالنىڭ مۇئامىلىلىرىدىن ھەم ئۆزىنىڭ تارىخى شەخسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى چوڭقۇر ئىگەللىۋالاتتى، شۇنىڭدەك ئۇ ئەينى ۋاقتىدا يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىمۇ ئىپادىلەيتتى. شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنى رىئاللىقنى ئۆزگەرتىدىغان بىر قەھرىمان قىلىپ چېنىقتۇرۇپ چىقىشقا قەتئى ئىرادە تىكلىشىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى.
بۇ تۈردىكى تارىخنىڭ يۈكسەك روھىغا بولغان چوڭقۇر چۈشىنىش، ئۇنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز تەڭداشلىرى ئارىسىدا شەيئىلەرنىڭ يىشىلمىگەن تۈگۈنلىرىنى تېخىمۇ سەزگۈرلۈك بىلەن ئېچىپ تاشلىيالايدىغان قابىلىيەتنى يېتىشتۈرگەن ئىدى.
فرېئۇدلار ئائىلە ھاياتىدا فرېئۇدنىڭ بۇنداق پەۋقۇلئاددە كۈزىتىش قابىلىيىتى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئوغلىدىن پەخرىلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ.
فرېئۇدلار ئائىلىسىدە ھەر دائىم ئائىلە يىغىنى بولۇپ تۇراتتى. يەھۇدىي دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە، ئاتا بولغۇچى تەبىئى ھالدا يىغىن رەئىسى ھېسابلىناتتى. بۇ تۈردىكى ئائىلە يىغىنلىرى ئائىلىنىڭ دۈچ كەلگەن بارلىق قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەمدە مۇھىم ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىشاتتى. ئائىلىنىڭ مەيلى بالىلار بولسۇن، مەيلى تېخى بالا ھالىدىكى كىچىكلەر بولسۇن ھەر بىر ئەزاسى بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىپ پىكىر قاتناشتۇراتتى ياكى قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرەتتى. بۇنداق ئائىلە يىغىنلىرىدا فرېئۇد دائىم دېگىدەك كىشىنى قايىل قىلدۇرارلىق پىكىرلەرنى بېرىپ قوياتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئوغلىنىڭ پىكىرىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى دېگەنلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇپ، فرېئۇدنىڭ دېگىنىنى قوبۇل قىلىشاتتى.
بىر قېتىمدا، ئائىلە يىغىنى فرېئۇدنىڭ ئىنىسىغا قايسى ئىسىمنى قويۇش مەسىلىسى مۇھاكىمىگە قويۇلىدۇ. فرېئۇد ئۆزىدىن 10 ياش كىچىك بولغان بۇ ئىنىسىگە ئالېكساندىر دېگەن ئىسىمنى قويۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ، ئىمپراتور ئىسكەندەرنىڭ يېڭىلمەس بىر قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە ماكىدونىيىدىن غەلىبىسىرى ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭغانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىلارنى تىنماي سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرىدا پۈتۈن ئائىلە بىردەك ئۇنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنىسىغا ئالېكساندىر دېگەن ئىسىمنى قويۇشىدۇ.20
فرېئۇدتا ھەر قانچە خىسلەتلىك زېھىن بار بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ ئاتىسى بولغۇچى بەرىبىر ئۇنىڭ ئالدىدا ئاتىلىق ئىناۋىتىنى ساقلايتتى. رويال ئوقۇتقۇچىسى مورىتز روزىنتال بىر كۈنى فرېئۇدنىڭ دادىسى بىلەن كوچىدىلا مۇنازىرىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ياكوپ ئۇنىڭغا ”ھە، ئەندى سەن داداڭ بىلەنمۇ زىدلاشقىچە بولۇپ كەتتىڭمۇ؟ مېنىڭ سېگمۇنچىكىمنىڭ تاپىنىمۇ مېنىڭ كاللامدىن ئەقىللىك ھېساپلانسىمۇ مەن بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقا ھەرگىز پېتنالمايتتى!” دېگەن.
فرېئۇدنىڭ بىلىدىغان بىلىملىرىنىڭ كوپ قىسمى يەھۇدىي شەرىئەتلىرىدىن ھەمدە يەھۇدىي دىنىي تۇرمۇش تەجرىبىلىرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوغلى فرېئۇدقا ئۆگەتكەنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەھۇدىيلار دىنىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخ، جوغراپىيە ۋە باشقا بىلىملەر ئىدى. فرېئۇد كىچىكىدىن تارتىپلا يەھۇدىي دىنىي تەربىيە ئاساسلىرىنى تىكلەپ، يەھۇدىي دىنىنىڭ ئادەتلىرى، مۇراسىملىرى، بايراملىرىنىڭ مەزمۇنى، تارىخىي كېلىپ چىقىشى ھەمدە ئۆزگىرىپ بۈگۈنكى ھالىغا كېلىشىنى ئىنتايىن پۇختا بىلەتتى.
1891-يىلى، فرېئۇد 35 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش ۋاقتىدا، دادىسى ئۇنىڭغا بىر پارچە «تەۋرات» سوغات قىلىدۇ. ياكوپ بۇ كىتاب ئۈستىگە يەھۇدىي يېزىقىدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى يېزىپ قالدۇرىدۇ:
سۈيۈملۈك ئوغلۇم،
تەڭرى روھى سېنى ئوقۇشقا يېتەكلىگەن ۋاقتلاردا سەن يەتتە ياشقا كىرگەن ئىدىڭ. تەڭرى روھىنىڭ ساڭا مۇنداق دەپ مۇراجەت قىلغانلىقى چوقۇم: ”كىتاۋىمنى ئوقۇغىن، بىلىم ۋە ئەقىل بۇلاقلىرى ساڭا ئېچىلسۇن.“ بۇ كىتاپ، پۈتۈن كىتاپلاردىن ئۈستۈن بىر كىتاب. بىلىم، ئىنسانىيەت قېزىپ چىقارغان، قانۇن تۈزگۈچىلەرنى بىلىم سۈيىگە ئېرىشتۈرگەن بىر قۇدۇق. بۇ كىتابتا رەببىڭنىڭ تەسۋىرىنى كۆردۈڭ، ئۇنىڭ سۆزىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئاڭلىدىڭ، ئىشلىدىڭ ۋە مۇقەددەس روھنىڭ قاناتلىرى بىلەن ئۇچۇشقا تىرىشتىڭ. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئەنە شۇ مۇقەددەس كىتابنى ساقلاپ كەلدىم. ئەندى، ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ئۇنى ساقلىغان يەردىن چىقاردىم، ياشانغان ئاتاڭدىن بىر سۆيگۈ ئىپادىسى سۈپىتىدە ساڭا سۇندۇم.21
بۇ ئىش شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، فرېئۇدنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئىچىدە دىنى بىلىملەر تەربىيىسى خېلى زور سالماقنى تەشكىل قىلاتتى؛ شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئوغلىنى روھى جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ تەۋرات بويىچە قۇراللاندۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىرى ئىدى. شۇنداقلا ئۇ، ئوغلىنى بۇ جەھەتتە تىنماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە رىغبەتلەندۈرەتتى.
شۇنداقتىمۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا، فرېئۇدنىڭ ئۆزى تەۋراتقا بولغان ئېتىقادى دېگەندەك تولۇق ئەمەس ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىگە خاس قاراشلار بويىچە تەۋراتنى چۈشىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ تەۋراتتىن ئالغىنى، دىنىي ئېتىقاتقا دائىر بىلىملەر دېگەندىن كۆرە، ئەخلاق ۋە ئېتىك بىلىملەر بىلەن بىر قاتاردا قېدىمى تارىخ ئىلىمى دېگەن تۈزۈك ئىدى. ئەمەلىيەتمۇ شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى، فرېئۇدنىڭ كېيىنكى ئۇزۇن ئۆمۈرى جەريانىدا ئۇ ھېچقاچان بىرەر تەڭرىگە ياكى ”ئۇلۇغ بىر روھ“ قا ئېتىقات قىلىش دېگەن ھەر قانداق بىر مەجبۇرىيەتنى ھېس قىلماي ئۆتىدۇ. ئۇ ئىزچىل تۈردە ئاتېيست قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانىيەت روھىي دۇنياسىنى تەتقىق قىلىشتا پۈتۈنلەي تەۋرات ياكى باشقا ھەرقانداق بىر دىن قائىدىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ئۇ، ئادەم روھىيىتىنىڭ تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ تەركىۋى قىسمى، مۇرەككەپ ئىنسان نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش مۇرەككەپ ئىقتىدارىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ قارايتتى. گەرچە ئۇ بۇ تۈردىكى ماددىي ئىقتىدار چۈشەندۈرۈشى بىلەن بۇ تۈردىكى ماددىي دۇنياقاراشلىرى ھەر تۈردە بىر تەرەپلىمىلىك ياكى خاتالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئادەم روھىي پائالىيەتلىرىنى ھېچ قاچان بەدەن سىرتىدىن خۇددى دىنىي تەلىماتلاردا كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇنداق ”تەبىئەتتىن ھالقىغان“ ياكى ئادىمىي بولمىغان سىھىرلىك كۈچلەر بويىچە چۈشەندۈرۈش خىيالىدا بولۇپ باققان ئەمەس. بۇ نوقتىنى ئۇنىڭ دادىسى ئىزچىل تۈردە پەرق قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
فرېئۇدنىڭ يەھۇدىي دىنىي تەلىماتلىرىدىن ئۆگەنگىنى يەھۇدىيلارغا خاس تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەر بولۇپ، فرېئۇدلار تۇرغان يەردە ئۇنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن يەھۇدىي تەلىماتلىرىدىن پەقەتلا مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگىلا ئىگە نەرسىلەر، ئېنىقىراق ئېيتقاندا دىنىي تەلىماتلارغا پۈركەنگەن مىللىي ئۆرف-ئادەتلىرىدىنلا ئىبارەت ئىدى.
فرېئۇد 9 ياش ۋاقىتلىرىدا، پەۋقۇلئاددە ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ئادەتتە قاتتىق تىرىشىپ ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش كۈچىگە تايىنىپ ئەلا دەرىجىلىك نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپكە (گېمنازىيىگە) كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، نورىمال ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش يېشىدىن بىر يىل بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ.22
گېرمانىيە بىلەن ئاۋۇسترىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشى 8 يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلاتتى. بۇ تۈر مەكتەپلەردە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بارلىق دەرسلىرى ئۆتۈلگەندىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپ تەييارلىق دەرسلىرىمۇ بىرگە قوشۇپ ئوقۇتىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇ يەردىكى گېمنازىيىلەردە ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قارىغاندا كەسىپى خاراكتىرلىق دەرسلەرمۇ قوشۇمچە ئۆتۈلەتتى. بۇنداق مەكتەپلەر گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەدە ئادەتتىكىچە ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ ئاتالماي ”گېمنازىيۇم“ دەپ ئاتىلاتتى. فرېئۇد، گېمنازىيىگە كىرگەندىن تارتىپ تا مەكتەپ پۈتتۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئىزچىل تۈردە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇ 8 يىللىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ ئوقۇشىنىڭ كېيىنكى 6 يىلىنى ئىزچىل تۈردە سىنىپ بىرىنچىسى بولۇپ ئوقۇيدۇ. ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ئەقلىي جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتلىك بىر ئوقۇغۇچى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ يازغان «تەرجىمىھالىم» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇدا 7 يىل ئالدىنقى ئورۇندىكى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان ئېتىۋارلىنىشلارغا ئېرىشىپ، ئالىي مەكتەپكە كىرىشىم ئۇچۇن بەكلا كۆپ قولايلىقلار يارىتىلغان ئىدى.
فرېئۇد 17 ياش ۋاقتىدا، ”پۈتۈن دەرسلەردە ئەلاچى“ دېگەن نەتىجە بىلەن گېمنازىيەنى پۈتتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دادىسى ئۇنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن ”سېنى چوقۇم ئەنگلىيە ساياھىتىگە ئىۋەرتىمەن“ دەپ ۋەدە بېرىدۇ. دەرۋەقە ئۇ ئارىدىن ئىككى يىل ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇزۇن يىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئەنگىلىيەنى ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
فرېئۇد، پۈتكۈل كىمنازىيە ئوقۇشى جەريانىدا ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇغان ئىدى. ئۇ ھەر دائىم سىڭلىسىنىڭ دەرس تەييارلىشىغىمۇ ياردەم قىلىپ تۇراتتى. ئۇ سىڭلىسىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا يول كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشى ھەمدە تەدرىجى ھالدا ئۆنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىشىگىمۇ ياردەمدە بولاتتى. ھەتتا ئۇ سىڭىللىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش يېتەكچىلىكىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ بەزەدە سىڭىللىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى كىتابلارنى بەك بالدۇر ئوقۇۋېلىشىنى توسايتتى. ئالايلۇق، سىڭلىسى ئاننا 15 ياش ۋاقتىدا بالزاك بىلەن دان توماسنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇپ باقماقچى بولغىنىدا، فرېئۇد ئۇنىڭغا ئالدىرىماي تۇر دەپ توسۇپ قويغان. تەبىئىيكى ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ھەر دائىم توغرا بولۇپ كېتەلىشىمۇ ناتايىن ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە فرېئۇدنىڭ مەنمەنچىلىكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
فرېئۇد كىتاب ئوقۇشتىن قەتئىي زېرىكمەيتتى. بۇ ئىشتا ئۇ بەكلا ھەۋەسلىك ئىدى. ئۇ پۈتۈن دەرسلىرىنى بەكلا ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەنلا قالماي، دەرستىن سىرتقى كىتاپلارنى ئوقۇشقىمۇ ئامىراق ئىدى. ئۇ كىتاب ئوقۇشتىن ھەرگىز زىرىكمەيتتى. ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن تەپەككۈر قىلىشى تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى ھالىغا كېلىپ بولغان ئىدى.23 ئۇ يەنە ساۋاغداشلىرى بىلەنمۇ ھەر دائىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشاتتى ياكى كىتاپلاردىكى ھەقىقەتلەر ھەققىدە مۇھكىمىلەر يۈرگۈزىشەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا بۇ جەھەتتە قىاتتىق مۇنازىرىمۇ قىلىشىپ كېتەتتى. ئۇ ئۆيىدە ساۋاغداشلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا كىرىشكىنىدە سىڭىللىرىنىڭ ئۆگۈنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئىشىكنى چىڭ تاقاپ قوياتتى.
ئۇ دەرس كىتاپلىرىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان نەق جاۋاب مەزمۇنلارغا ئاسانلىقچە رازى بولۇپ كەتمەيتتى. شۇڭا ئۇ دائىم دېگىدەك دەرسلىكلەردە كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قېتىرقىنىپ ئوقۇيدىغان كىتاپلىرى تارىخ، ئەدەبىيات، جوغراپىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، چەتئەل تىلى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇ ھەر دائىم ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بەرگەن تاپشۇرۇقلىرى سىرتىدا بەكلا كۆپ مەشىق ئىشلەيتتى. بولۇپمۇ قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىشكە ئامىراق ئىدى. ئۇ، يېشىشتىن ئۈمىد قالمىغان قىيىن مەسىلىلەردىن بۆسۈش نوقتىسى كەشىپ قىلىشقا بەكلا ماھىر ئىدى. ئۇ بۇ تۈردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ ئەزەلدىن بار مەنتىقىسى بويىچە نۆۋەت بويىچە يېشىپ چىقاتتى. شۇنىڭدەك ئۇ بۇنداق قىيىن مەسىلىلەر ئۈستىدىكى كۆرۈنمىگەن ئەمما مەسىلە يېشىشكە پايدىلىق بولغان شەرتلەرنى تېپىشقىمۇ ئۇستا ئىدى. ئۇ بۇ تۈردىكى يېڭى شەرتلەر بويىچە دەسلىۋىدە يېشىلىشتىن ئۈمىد قالمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ چىقاتتى.
فرېئۇدتا قۇيۇق يەھۇدىي مىللىتىگە خاس ھېسسىياتقا ئىگە بولغىنى بىلەن، ئۇمۇ نېمىسلار ياشايدىغان رايونلاردا يەرلەشكەن باشقا يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي ئەۋزەللىكلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ماھىر ئىدى. شۇڭا ئۇ، نېمىس ئەدەبىياتى بىلەن نېمىس تىلىنى پۇختا بىلىدىغان بىرسى ھېسابلىناتتى. فرېئۇد، قېدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ ياشىغان دەۋرىگەىچە بولغان ئېسىل ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېمىس ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇيتتى.
ئالايلۇق، فرېئۇد گيوتىنىڭ ئەسەرلىرىگە بەكلا قىزىقاتتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ «فائوست» تى بىلەن «ياش ۋېيتنىڭ دەردى» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئالاھىدە قىزىقىپ ئوقۇيتتى.
گيوتىينىڭ ياشىغان دەۋرى بىلەن فرېئۇدنىڭ ياشىغان دەۋرى ئوتتۇرسىدا بىر ئەسرلىك دەۋر پەرقى بولسىمۇ، گيوتىينىڭ شىئېرلىرى، ھىكايىلىرى، سەھنە ئەسەرلىرى فرېئۇد ئۈچۈن يەنىلا ئالاھىدە يېقىملىق ھېساپلىناتتى.
فرېئۇد «فائوست» نى بەكلا پىششىق بىلەتتى. ئۇ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە «فائوست» تىكى ئالۋاستى مېفتوفسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بولغان مۇنۇ بىر ئابزاسنى نەقىل كەلتۈرىدۇ:24
”بىلىمگە بەكلا كەڭ دائىرىدە بىرىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، ھەر ئادەم ئۆگىنەلىگىدەكلا بىلىملەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.“
گيوتىي 14 مىسرالىق بىر شىئېرىدا مۇنداق يازىدۇ:
كىمىكى چوڭ ئىش چىقارماقچى بولىدىكەن،
چوقۇم پۈتۈن زېھنىنى شۇ ئىشقا مەركەزلەشتۈرىشى كېرەك،
ئۆزىنى شۇنداق چەكلەش ئارقىلىقلا قابىلىيىتىنى نامايەندە قىلالىشى مۇمكىن،
پەقەت قائىدىلەرلا بىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.
بۇ تۈر يۈكسەك غايىلار گويا باھار يامغۇرىدەك ياش فرېئۇدنىڭ قەلبىنى ياشارتىپ، كۆزلىرىنى ئاچاتتى، ئىشەنچىنى ئاشۇراتتى.
ھەقىقەتەنمۇ گيوتىينىڭ تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە، چوڭقۇر ئەقىدىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان شىئېرلىرى تىلى كۈچلۈك، ھەر بىر سۆزى فرېئۇدنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالاتتى. شۇڭا ئۇ ھەر دائىم گيوتىينىڭ مۇنۇ شىېرىنى دېكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇيتتى:25
بېقىندى بىر ئىدىيە،
ئېغىر غەم ئىچىدە تەۋرىنىدۇ،
…
…
ئىلاھلار مۆرىسىدە!
فرېئۇد يەنە شېكىسپىرنىمۇ ئالاھىدە مەدىھلەيتتى. ئۇ، شېكىسپىر ئەسەرلىرىنى تا 8 ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئوقۇشقا كىرىشكەن. ئاخىرىدا ئۇ، شېكىسپىرنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۈگىتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىدا ھەر دائىم شېكىسپىرنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئەڭ مەنىلىك قىسىملارنى ئايرىپ پىششىق يادلىۋالاتتى. ئۇ، شېكىسپىرنىڭ مۇكەممەل ۋە چوڭقۇر ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە بەكلا ھەۋەس قىلاتتى. بولۇپمۇ شېكىسپىرنىڭ تۇرمۇشنى پىششىق بىلىدىغانلىقىغا بەكلا ھەيران ئىدى.26 جونېس ئۇنىڭ شېكىسپىرغا قىزىقىشى ھەققىدە توختىلىپ كېلىپ، فرېئۇد ھەقىقەتەنمۇ بىر ”شېكىسپىر مەستانىسى“ ئىدى دەپ تەرىپلەيدۇ. فرېئۇد يەنە، شېكىسپىرنىڭ خاراكتېرى ھەرگىزمۇ ئانگىلو-ساكسونلارغا ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە ئۇ بىر فرانسۇز بولىشى كېرەك دەپ قەتئىي چىڭ تۇرىۋالاتتى؛ شۇنىڭدەك يەنە فرېئۇد، شېكىسپىر دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ فرانسۇزچە ”ژاكوېس پىيېر“ دېگەن ئىسىمدىن بۇزۇلۇپ كەلگەن بىر ئىسىم بولىشى مۇمكىن دەپ قارايتتى.
فرېئۇد بىر تەرەپتىن يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىدىنمۇ ئۆزىگە بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر ئىدى. ئۇ، يەھۇدىي دۈشمەنلىكىگە قاتتىق ئۆچلۈك قىلاتتى. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يەھۇدىي بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۇ يەنىلا كونا يەھۇدىيلارنىڭ تار دائىرىلىك بىكىنمە تۇرمۇش ئادەتلىرىگىمۇ قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇ، يەھۇدىيلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى. شۇڭا ئۇ، يەھۇدىيلاردىكى ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ يۈرىدىغان بىكىنمىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى.
فرېئۇد تىل ئۆگۈنۈش جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ قابىلىيەتلىك ئىدى. ئۇ لاتىنچە بىلەن يونانچىنى تولۇق بىلەتتى، فرانسۇزچە بىلەن ئېنگلىزچىنىمۇ پىششىق ئىگەللىگەن، ئۇ يەنە ئىتالىيانچە بىلەن ئىسپانچىنىمۇ ئۆگىنىپ يۈرىدۇ. ئۇ ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ تىلى بولغان ئىبرانىيچىنىمۇ ئالاھىدە پىششىق بىلەتتى. ئۇ ئادەتتە ئېنگلىزچىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. بىر قېتىم، ئۇ جونېسقا توپ-توغرا ئون يىل بولدى، مەن بۇ جەرياندا ئەنگلىزچىدىن باشقا بىرەر كىتاب ئوقۇپ باقماپتىمەن دېگەن.
1870-يىلى، فرانسىيە-پرۇسىيە ئۇرۇشى پارتلايدۇ. ئۇ چاغدا، فرېئۇد 14 ياشقا كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرى ئىدى. شۇڭا ئۇ، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا بەكلا قىزىقىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىپ يۈرىدۇ.ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ دېيىشىدىن قارىغاندا، فرېئۇد ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۈستىلىدە ئىزچىل تۈردە بىر پارچە خەرىتە يېيىغلىق ھەمدە ئۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدىغان ئۇششاق بايراقلارنى قادىۋىتەتتىكەن. ئۇ سىڭلىسىغا ھاياجانلىق بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ، ھەر قايسى ئۇرۇشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ كېتەركەن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ بولغىنىدا چوقۇم بىر گېنېرال بولىمەن دەپ خامخىيال قىلىپ كېتەركەن. ئەمما كېيىنچە ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى يوققا چىقىدۇ؛ بولۇپمۇ فرېئۇد 23 يېشىدا ھەربىي سەپكە قېتىلغىنىدىن كېيىن ئەسكەرلىكتە بىر ئۆمۈر ۋەزىپە ئۆتەيمەن دەيدىغان ئارزۇسىدىن پۈتۈنلەي سوۋۇپ، نىشانىنى ئۆزگەرتىپ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا قىزىقىشقا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ.27
1860-يىلى ۋيېنناغا كۆچكىنىدىن، فرېئۇدنىڭ تۇرمۇشى تار دائىرىلىك قاراشلار ئىچىدىن ھالقىپ چىقىدۇ. بۇنى مۇنداق ئىككى تەرەپتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
بىرىنچىسى، فرېئۇد ۋيېنناغا كەلگىنىدىن كېيىن ياۋروپانىڭ مەركىزىدە ياشاشقا باشلىغانلىقى بولۇپ، ۋيېننا شەھىرى، ياۋروپانىڭ سىياسىي، قاتناش ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بىر شەھەر بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلىپ كېڭىيىشكە باشلايدۇ. ئۇ چاغدىكى فرېئۇدنى بۇرۇنقى چەت بىر يەر بولغان فرېبېرگقا نىسبەتەن بۇ شەھەردە نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ دۇنيادا، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنى كۆرۈش ۋە خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردىكى فرېئۇد تېخىچىلا كىچىك بىر ئۆسمۈر بالىدەك قىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئەقلى ۋە مەدەنىيەت بىلىم جەھەتتىكى پەۋقۇلئاددە قابىلىيىتى ئۇنى تارىخ تەرەققىيات باسقۇچىنى ھېس قىلىشتا ئىنتايىن سەزگۈر ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ۋيېننا دېگەن بۇ شەھەر ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، فرېئۇد 1860-يىلىدىن تارتىپ 1873-يىلى ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرۈشىگىچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيا تارىخى بىلەن ياۋروپا تارىخى، بولۇپمۇ گېرمانىيە تارىخى تۇيۇقسىز ئۆزگىرەش باسقۇچىغا كىرگەن بىر دەۋرگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئون نەچچە يىل جەريانىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەر، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ۋە ئىلمىي كەشپىياتلار فرېئۇدنىڭ تىپ-تىنىچ ئۈگىنىش ھاياتىدا كەينى كەينىدىن زىلزىلە پەيدا قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇنى روھىنىڭ ئۇرغۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر كۈچ ھالىغا كېلىپ، ھەر تۈرلۈك مەدەنىي بىلىملەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۈندىمەكتە ئىدى. بۇلار، فرېئۇدنىڭ كەلگۈسىدە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن روھىي مەنبە ھالىغا كەلگەنلىكى ئېنىق.
فرېئۇدقا نىسبەتەن ئالغاندىمۇ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن قۇرامىغا يېتىش باسقۇچىنى پۈتتۈرگەن بىر دەۋر ھېسابلىناتتى. بۇ جەرياندا، فرېئۇد روھىي جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى جىسمانىي ۋە كىشىلىك خاراكتېر جەھەتتىمۇ تەدرىجى پىشىپ يېتىلمەكتە ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە قولىمىزدا بار ھەر تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، فرېئۇدنىڭ خاراكتېرى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە نورىمال ھالەتتە تەرەققىي قىلىپ بارغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
فرېئۇد 16 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، تۇنجى قېتىم مۇھەببەت ھاياتىنى باشلايدۇ. بۇ ئىش 1872يىلى يۈز بېرىدۇ: فرېئۇد تۇغۇلغان يۇرتى فرېيبېرگنى زىيارەت قىلىشقا بارىدۇ. فرېئۇد ئۇ يەردە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان كۆرۈشمىگەن قىز دوستى گىسېلا بىلەن ئۇچرۇشىدۇ.28 بۇ قىزنىڭ دادىسىمۇ فرېئۇدنىڭ دادىسىغا ئوخشاش يۇڭ توقۇلما ماللىرى سودىگىرى ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىككىسى كىچىكىدىن تارتىپلا بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئىدى. گىسېلا، فرېئۇدتىن بىرەر-ئىككى ياش كىچىك بولغاچقا، ئۇ قىزنى كۆرگىنىدە قەلبى ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ سوقۇپ، يۈزلىرى لاۋىلداپ يېنىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي فرېئۇ ئۇ قىزغا سىزنى سۆيىمەن دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقا جاسارەت قىلالمايدۇ. گىسېلا كەتكەندىن كېيىن فرېئۇد دەرەخلىكتە يالغۇز قېلىپ ھاياجاندىن قىلمىغان خىياللىرى قالمايدۇ. ئۇ، ئەگەر ئائىلىمىز فرېيبېرگتىن ئايرىلمىغان بولسا بەلكىم فرېيبېرگتا ياكى ئەتراپتىكى يېزىلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن قوپال بىر يېزا بالىسىغا ئايلانغان بولىشى، بەلكىم شۇ چاغلاردا گىسېلا بىلەنمۇ توي قىلىشى مۇمكىنلىكىنى خىيال قىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ھەۋەسلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇ تۈر خامخىياللار ئۇنىڭغا كېيىنكى بىر قانچە يىل جەريانىدا ھەر دائىم ئۇنىڭ بىلەن ھەمرا بولىدۇ. كېيىنچە ئۇنىڭدىكى بۇ تۈر خام خىيال يەنە بىر خام خىيالغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىدۇ. فرېئۇد، دادىسى بىلەن ئاكىسى ئىمانۇئېل ئىككىسى ئۇنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرىشىدىن كېيىن سودا ئىشلىرىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئۇقۇشتىن توختىتىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنى ئەنگلىيەنىڭ مانچىستېر شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش خىياللىرى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ قەلبىدە باشقا بىر خىيال، يەنى ئىمانۇئېلنىڭ قىزى پاۋلىنا بىلەن، يەنى گىسېلانىڭ يېقىن دوستى بىلەن توي قىلىشنى خامخىيال قىلىپ يۈرىدۇ. فرېئۇدنىڭ تەلىماتلىرىغا ئاساسەن، فرېئۇد بۇ چاغدا كۆرۈلگەن يوقۇرقىدەك ئىككى تۈرلۈك خامخىياللىرىغا قاراپ ئۇنىڭدا ”ياشلىق باھىرىنىڭ باشلانغان كۈنلىرى“ شۇ ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
1873-يىلى، فرېئۇد ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا، ئۆمۈر بويى شوغۇللىنىدىغان كەسىپىنى تاللاش مەسىلىسىگە دۈچ كېلىدۇ. فرېئۇد بۇرۇن ھۆكۈمەت مىنىستىرى ياكى بىرەر سىياسەتچى بولۇشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «تەرجىمىھالىم» دېگەن كىتابىدا، ”مەن ئۇ ۋاقىتلاردا دوختۇرلۇق دېگەن بۇ كەسىپكە ئۇنچە بەك قىزىقمايتتىم. تەبىئىكى بۈگۈنمۇ شۇنداقمەن. مەن قىزىقىش دېگەندىن كۆرە ئىنسانىيەتكە بولغان بىر تۈرلۈك قىزىقىشىمنىڭ تۈرتكىسىدە بولسا كېرەك، … مەكتەپتە سىياسەتچى بولۇشقا ئىرادە باغلىغان يوقۇرى يىللىق بىر ئوقۇغۇچى بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىپ ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ قانۇن ئۆگۈنۈش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىش ئارزۇسىغا كېلىپ قالغان ئىدىم. ئەمما يەنە شۇ ۋاقىتلاردا، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قىزىقارلىق بولغان دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات تەلىماتىمۇ مېنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. بۇ تۈردىكى نەزەرىيىلەر مېنىڭدە دۇنيانى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىش ئارزۇسىنى ئۇيغاتماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن ئىلگىرى پروفېسسور كارل برۈھلنىڭ دەرسىدە ئۇنىڭ گيوتىي شىئېرلىرىدىن ئىنتايىن گۈزەل تەبىئەت تەسۋىرى نەسىرىنى دېكلىماتسىيە قىلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن مىدىتسىنا كەسىپىدە ئوقۇشنى قارار قىلدىم.“29
ئۈچىنچى بولۈم
ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا
فرېئۇد، كىچىكىدىن تارتىپلا تاغلارنى، ئورمانلىقلارنى، ئاسماننى، قۇش-ھايۋانلارنى ياخشى كۆرەتتى. يەنى ئۇ تەبىئەتتىكى ھەممىلا نەرسىنى ياخشى كۆرەتتى. دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن گيوتىينىڭ تەبىئەت ھەققىدىكى نەسىر ۋە شىئېرلىرى ئۇنى گۈزەل تەبىئەت دۇنياسىغا باشلاپ كېتەتتى.
گېمنازىيە ئوقۇشى مەزگىلىدە، فرېئۇد دائىم دېگىدەك گيوتىينىڭ ئەسەرلىرى ئىچىگە چۆكۈپ كېتەتتى. بۇ ئەسەرلەر گويا قوياش نۇرى ۋە يامغۇر سۈيىدەك ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان فرېئۇدقا ئۇزۇق بېرەتتى. كەسىپ تاللاش كۈنلىرىدىمۇ فرېئۇد يەنىلا شۇ گيوتىينىڭ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تەبىئەت دۇنياسىنى مەدھىيلەيدىغان شىئېرلىرى قۇلىقىنىڭ تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى:
ئۇزاقلارغا تىكىلىمەن، يېقىنلارنى كۈزىتىمەن،
يوقۇرىدا ئاي ۋە يۇلتۇزلار، يەر يۈزىدە دەل-دەرەخ بۇغا-قويلار.
مىڭلىغان ھادىسىلەر ئەتراپتا، ئەزەلى بېزىمەكتە يەر يۈزىنى،
مەن بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى سۆيدۈم، ۋە ۋۇجۇدۇمنىمۇ.
…
…30
گيوتىينىڭ بۇ تۈردىكى قەلبلەرنى ئۇرغۇتىدىغان مىسىرالىرى فرېئۇدنىڭ قەلبىدىكى تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرلىرىنى ئىزدىنىشكە بولغان روھىنى ھاياجانلاندۇرۇپ زىلزىلىگە سالاتتى. فرېئۇد بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ قىزىقىشىم ئاۋال ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىزىقىپ كەلگەن شەيئىلەرگە يۈزلەنگەن ئىدى دەيدۇ. روشەنكى، ئىنسان شەخسىيىتىنىڭ ماھىيىتىمۇ دەل ئىنسانلار قىزىقىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
فرېئۇدنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە بولغان قىزىقىشى ئەسلىدە ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىدىن تارتىپلا باشلانغان دېيىش مۇمكىن. ئۇ، ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، مىجەز-خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك خىياللىرى، ئادەمدىكى باستۇرىۋېتىلگەن ھېسسىياتلىرىنى خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا سېزىپ كەلگەن ئىدى. گەرچە فرېئۇدنىڭ بالىلىق دەۋردىكى ئىزدىنىشلىرى بەكلا ساددە، بەكلا يۇمىران ھالەتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئۇ بىر ۋاقىتلاردا بەكلا ئاددى تەپەككۈر ئۇسۇلى بىلەن بۇ تۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ باققان ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ باشتىن ئاخىرى ئادەم ۋۇجۇدىدىن ئادەمنىڭ ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىش دەيدىغان بىر پىرىنسىپ ئۈستىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ھېچقاچان دىنى قاراشلاردىكىدەك ئۇنداق ئادەم بەدىنى سىرتىدا، بەكلا سىرلىق دۇنيالاردا ئادەم ماھىيىتىنى ئىزدىنىش يولىنى تاللىغان ئەمەس ئىدى.
شۇڭا ئۇنىڭ، مىدىتسىنا تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىش ئىرادىسىگە كەلگەن ۋاقىتلىرىنىڭ ھەيران قالارلىق بىر يېرى يوق دېيىش مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق بىر تاللاش يولىغا كىرىشىنىمۇ گيوتىي بىلەن دارۋىن قاتارىدىكى كىشىلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇققانلىقىدىن بولغان دېيىش مۇمكىن.
1873-يىلى، فرېئۇد ۋيېننا مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا قىلچە قىينالمايلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار، فرېئۇد ئەندىلا 17 ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرى ئىدى.
ئالىي مەكتەپكە كىرپ بىرىنچى مەۋسۈمدە، يەنى 1873-يىلىنىڭ ئۆكتەبىرىدىن 1874-يىلىنىڭ مارت ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا فرېئۇد ھەپتىدە 23 دەرسكە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ 12 سائىتى ئاناتومىيە دەرسىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتسە، 6 سائىتى خىمىيە دەرسىگە قاتنىشىش بىلەن ئۆتەتتى. ئۇندىن باشقا يەنە بۇ ئىككى دەرسنىڭ پراكتىكىسى بىلەن تەجرىبىسىگىمۇ قاتنىشىپ تۇراتتى. كېيىنكى مەۋسۈمدە، يەنى ئاپرېلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىيۇلغىچە ھەپتىسىگە 28 سائەت دەرسكە قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاڭلىغان دەرسلىرى ئاناتومىيە، بوتانىكا، خىمىيە،31 مىكروسكوپ پراكتىكىسى ۋە مېنېراللوگىيە قاتارىدىكى دەرسلىرىدىن تەشكىل تاپاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە زولوگ كلاۋسنىڭ سۆزلىگەن ”بىئولوگىيە ۋە دارۋېنىزم“ دېگەن قوشۇمچە دەرسنىمۇ تاللىۋالغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە پروفېسسور برۈكنىڭ ”ئاۋاز ۋە سۆزلەش فزىلوگىيىسى“ دېگەن دەرسىنىمۇ قوشۇمچە دەرس سۈپىتىدە تاللىۋالىدۇ. شۇندىن كېيىن، پروفېسسور برۈك ئۇنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىدۇ.
ئىككىنچى يىللىقتا، فرېئۇد يەنىلا مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ستۇدېنتى سۈپىتى بىلەن ھەپتىسىگە 28 سائەتتىن دەرسكە قاتنىشىدۇ. بۇ دەرسلەر ئاناتومىيە، فىزىكا، پروفېسسور برۈكنىڭ ئاچقان فىزىئولوگىيە دەرسى بىلەن پروفېسسور كلاۋسنىڭ زولوگىيە قاتارلىق دەرسلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.
ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى 1368-يىلى قۇرۇلغان بىر مەكتەپ ئىدى. 1804-يىلىدىن باشلاپ، مىدىتسىنا ستۇدېنتلىرىغا 3 يىلغىچە پەلسەپە دەرسى ئاڭلاش بەلگىلەنگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، كېيىن يەنە پەلسەپە فاكۇلتىتىغا كىرىپ پەلسەپە دەرسىگىمۇ قاتنىشىدۇ. شۇ پەيتلەردە، پروفېسسور برېنتانو پەلسەپە فاكۇلتىتىدا دەرس سۆزلىمەكتە ئىدى. فرېئۇد ئۇنىڭ پەلسەپە دەرسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەلگۈسىدە پسىخولوگىيە قاراشلىرىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىدا بەكلا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
فرانز برېنتانو (1838~1917) ئاۋۇسترىيە كاتولىك دىنى پەيلاسوپى ئىدى. ئۇ، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە توماس ئاكۇنا تەرىپىدىن بۇرمىلىۋېتىلگەن ھەمدە ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن ئارىستوتىلچىلىقنى كۆككە كۆتىرىدىغان بىرسى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە مەدىرسە پەلسەپەسىنىڭ مورتلىرىدىن بىرى ئىدى. برېنتانونىڭ پەلسەپەسى ئۆز ۋاقتىدا ھەمدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا غەرپ پەلسەپەسى بىلەن پسىخولوگىيە ساھەسىگە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. گەرچە فرېئۇدنىڭ پەلسەپە قارىشى بىلەن ئۇنىڭ پسىخولوگىيە تەتقىقات ئۇسۇلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىمۇ برېنتانونىڭ تەسىرىگە خېلى زور دەرىجىدە ئۇچرىغان بىرسى دېيىش مۇمكىن.
فرېئۇد ئۇدا ئۈچ يىلغىچە برېنتانونىڭ پەلسەپە دەرسىنى ئاڭلاش جەريانىدا، باشقا پەلسەپە قاراشلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ بارىدۇ. ئەينى ۋاقتىدىكى ۋيېننا ئۇنىۋېرسىېتى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلاردىن، ئۇلار مەيلى پەلسەپە پاكۇلتېتىنىڭ ياكى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر پاكۇلتىتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنلا بەلگىلىك پەلسەپەلىك تەلىم-تەربىيە ئېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. تۆتىنچى يىللىققا چىققىنىدا، فرېئۇد برېنتانونىڭ پەلسەپە دەرسىنى داۋاملىق ئاڭلاپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا، برېنتانو ئارىستوتىل پەلسەپەسىنى سۆزلەشكە باشلىغان ئىدى.32
فرېئۇد، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىلا يونانچە بىلەن لاتىنچىنى پىششىق ئىگەللەپ بولغان بولغاچقا، ھەر تۈردىكى تىللاردا بېسىلغان ئارىستىتوتىل بىلەن باشقا پەلسەپە ئەسەرلىرىنى بىۋاستە ئۆگىنەلەيتتى. بۇمۇ ئۇنىڭ ئارستىتۇتىلنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلى ئورگىنال روھىنى ئوبىكتىپ بىر شەكىلدە تەتقىق قىلىشىغا ئىمكان بېرىدۇ.
فرېئۇد ئۆگىنىشتە ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە ئىشىنىش يولىنى تۇتماي، ئۆزىگە خاس قىممەتلىك ئىجابىي روھىنى ئىپادىلەيتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، داڭلىق فىزىئولوگ برۈك، داڭلىق ئاناتومىك پروفېرسسور كلاۋس، پەيلاسوپ برېنتانو قاتارلىق ئالىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ئالىملارغا ئەستايىدىل ھەمدە كىچىك پىيىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ ئاۋال بۇ ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى ئۆزلەشتۈرىۋالاتتى. ئاندىن ئۇ ئىدىيىلەرنى چوڭقۇر ۋە ئىجابىي يۇسۇندا تەپەككۈر قىلىپ ماڭاتتى. ئۇ بىرەر كۆزقاراشنى ئېنىق چۈشىنەلمەي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا ئۇ ئەقىدىلەرنى توغرا ياكى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلىپ كەتمەيتتى.
ئۇ، ئۆزئالدىغا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ۋاقتىدا بەكلا كۆپ كىتاپلارنى كۆرۈپ چىقاتتى. ئۇ، تاپقىلى بولىدىغانلىكى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئېچىرقىغاندەك بىرىلىپ ئوقۇپ چىقاتتى. ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ مەڭگۈ چارچىماس كىتاپ خالتىسىغا ئايلانغان دېيىشكە بولاتتى. ئۇ بىر قېتىم كىتاب سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ھەتتا دادىسى بىلەنمۇ ئازارلىشىپ قالغان ئىدى. فرېئۇد كىتاب سېتىۋېلىشقا ئامراق بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ دادىسى ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن بەك كۆپ كىتاب سېتىۋېلىشىغا يول قويۇپمۇ كەتمەيتتى.
1875-يىلى، فېئۇدلار ئائىلىسى ۋيېننانىڭ پفېففېرگاستىكى نىسبەتەن تارچىلىق ئۆيدىن كايسېر جوزېفستراستىكى نىسبەتەن كەڭرىرەك ئۆيگە كۆچىدۇ. فرېئۇد بۇ ئۆيدە تا 1885-يىلغىچە تۇرىدۇ. يېڭى ئۆي فرېئۇدقا ئالاھىدە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى كۆچۈش فرېئۇدنىڭ ئۆگىنىشىگە بەكلا پايدىلىق بولغان ئىدى.33
بۇ يېڭى ئۆيدە بىر مېھمانخانا، بىر تاماقخانا، 3 ياتاق ئۆي ۋە بىر كىچىك مېھمانخانا بار ئىدى. ئۇ كۈنلەردە فرېئۇدلار ئائىلىسى 8 جانلىق بىر ئائىلە ئىدى. بۇ ئۆينىڭ مونچىخانىسى يوق ئىدى. ئەمما يۇيۇنۇش ئۈچۈن بەكلا يۇغان ياغاچ سوغا، ھەمدە ئىسسىق سۇ بىلەن سوغوق سۇ ساقلاشقا بولىدىغان بىر قانچە ئىدىشمۇ بار ئىدى. بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئاددى مونچىلىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغان نەرسىلىرى ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ بالىلار چوڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن، فرېئۇدنىڭ ئانىسى بالىلىرىنى يىتىلەپ شەھەر ئىچىدىكى ئاممېۋىي مونچىغا ئاپىرىپ يۇيۇپ كېلىدىغان بولىدۇ. فرېئۇدلار ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە پاكىز، ئاددىي-ساددە ۋە ئۇيۇشقان بىر ھالدا ئۆتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، فرېئۇد پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆگىنىش قىلىشقا دەخلىسى بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ شوخ ئۇكا-سىڭىللىرى بىلەن پات-پاتلا گەپ تالىشىپ قالاتتى. بۇ ئۆينىڭ فرېئۇدقا ئايرىلغان ئۆي بەكلا تار، ئۇزۇنچاق بىر ئۆي بولۇپ، كوچىغا قارايدىغان بىر دېرىزىسى بار ئىدى. بۇ كىچىك ئۆي ئىچى فرېئۇدنىڭ سېتىۋالغان ياكى ئارىيەت ئالغان كىتابلىرى بىلەن تولغان ئىدى. بۇ تار ئۆيدە يەنە بىر كارىۋات، كىتاپ ئىشكاۋى، يېزىق ئۈستىلى ۋە بىر قانچە ئورۇندۇقمۇ بار بولۇپ، فرېئۇد بۇ ئۆيدە كىتاب كۆرۈش ياكى پىكىر يۈرگۈزۈپ ئولتۇرۇپ كېتىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا يەنە پات-پاتلا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ مۇنازىرىلىشىپ كېتەتتى. فرېئۇد، دائىم دېگىدەك شۇ كىچىك ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ كىتاپ كۆرەتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئۆينىڭ ئېلىكتىرى بولمىغاچقا، فرېئۇدتىن باشقا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاخشاملىرى شام يېقىپ ئولتۇرىشاتتى. يالغۇز فرېئۇد ئولتۇرىدىغان ئۆيدىلا كىرسىن چىراق يېقىشقا يول قويۇلاتتى. بۇ ئائىلىنىڭ بىردىن-بىر كىرسىن پانىرى ئاتا-ئانىسى ئوغلىغا ياخشىراق ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى ھەمدە كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. فرېئۇدمۇ بۇ كىرسىن چىرىقى ئاستىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇپ تۈن يېرىمىغىچە ئولتۇرىۋالاتتى. تۈن يېرىمىدىن ئاشقاندا، پانار كرېسىنى تۈگىگەندىلا ئاندىن ئۇيقىغا ياتاتتى.
ئاتا-ئانىسىنىڭ فرېئۇدنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە شارائىت يارىتىپ بېرىشى سىڭلىسىنى خاپا قىلپ قوياتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ سىڭلىسى 8 ياش ۋاقىتلىرى بولۇپ، مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغان ئاپىسى قىزىغا بىر پيانىنو ئېلىپ بېرىپ، قىزىغا ئۇستا تۇتۇپ پىيانىنو چېلىشنى ئۆگىتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇ پىيانىنو فرېئۇد ياتقان تارچۇق ئۆيىنىڭ خېلى نېرىسىدىكى بىر ئۆيگە قويۇلغان بولسىمۇ پىيانىنو ئاۋازى بەرىبىر ئۇنىڭ ئۆگۈنۈشىگە تەسىر قىلماقتا ئىدى. شۇڭا، فرېئۇد بۇ پىيانىنونى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. فرېئۇدنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ پىيانىنونى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، فرېئۇدنىڭ سىڭلىسى پىيانىنو ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.34
فرېئۇدنىڭ غەلىتە مىجەزلىرىدىن بىرى مۇزىكىغا بولغان بىر قەدەر كۈچلۈك ئۆچلىگى بولۇپ، بۇ خىل غەلىتە مىجەزىنىڭ پەيدا بولىشى بەلكىم ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىدىن كەلگەن قوشۇمچە مىجەزلەردىن بىرى بولىشى مۇمكىن. ئەمما فرېئۇدنىڭ ئۆزى بالىلىق بولغىنىدىن كېيىن بولسا، ئۆز قىزلىرىنىڭ پىيانىنو ئۆگۈنىشىگە پەقەتلا نارازىلىق كۆرسەتمەيدۇ.
فرېئۇدنىڭ تارچۇق ياتىقىنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى ئون يىلغىچە، يەنى ئۇنىڭ ۋيېننا مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ پراكتىكانت دوختۇرلىقىغا تاللان جەريانغىچە ئىزچىل تۈردە بەك ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزگىرىش كۆرۈلدى دېيىلگەندىمۇ فرېئۇدنىڭ كىتاپ ئىشكاۋىدىكى كىتابلارنىڭ تېزلىكتە ئارتىپ بېرىشىنىلا كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن.
فرېئۇد 19 ياشقا كەلگەن يىلىسى، ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان غايىلىرىدىن بىرى بولغان ئەنگىلىيە زىيارىتى خىيالى ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ زىيارەت ئىشى، ئىككى يىل ئاۋال ئۇنىڭ ”ھەممە پەنلەردە ئەلاچى“ دېگەن نەتىجە بىلەن گېمنازىيەنى پۈتتۈرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ۋەدە قىلىنغان بىر مۇكاپات ئىدى. فرېئۇدنىڭ ئۆزىمۇ خېلى بۇرۇندىن تارتىپلا ئەنگىلىيەنى ساياھات قىلىشنى خىيال قىلىپ كېلىۋاتقان، ھەتتا مۇمكىن بولسا شېكىسپىرنىڭ ۋەتىنى بولغان ئەنگلىيەدە تۇرۇپ قىلىشنىمۇ ئويلاپ يۈرگەن ئىدى. گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىدىكى تەلۋىلەرچە يەھۇدىي چەتكە قېقىش ھەرىكىتى ئۇنى بالدۇرىراق ئەنگلىيەگە كۆچۈپ كېتىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ بەرمەكتە ئىدى. ئۇ ئاكىسى ئېمانۇۋېل بىلەن فىلىپىپنىڭ بالىلىلىرى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيەگە كېتىۋېلىپ بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقىغا بەكلا ھەۋەسلىنەتتى. ئۇ بالىلىق دەۋرى بولغان فرېيبېرگتا ياشاۋاتقان يىللىرىدىلا ئىمانۇۋېلنىڭ ئوغلى جون ۋە قىزى پاۋلا بىلەن بەكلا چىقىشىپ ئۆتكەن ئىدى. فرېئۇدنىڭ يېشى ئاكىسىنىڭ ئوغلى جون بىلەن تەڭ دەمەتلىك، يەنى فرېئۇد ئۇنىڭدىن بىرلا ياش كىچىك بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. گەرچە فرېئۇدنىڭ ئۇلار ئىككىسى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋېتى فرېئۇدنىڭ 3 ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئىشلار بولسىمۇ، بۇ تۈردىكى يېقىنلىق فرېئۇدنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان بولغاچقا، فرېئۇد 17 ياشقا تولغان يىلى مانچېستىرغا بارغىنىدا جون ۋە پاۋلا بىلەن كۆرۈشۈپ ئاجايىپ غەلىتە ھېسسىياتلارغىمۇ كېلىپ كەتكەن ئىدى: ئۇ، پاۋلانى ئۆزىنىڭ ئاشق ھاياتىدا فرېيبېرگتا بېشىدىن ئۆتكەن گىسېلا قىزنىڭ بىر سىموۋۇلى دەپ قارىغان ئىدى. كېيىنكى يىللاردا، يەنى فرېئۇد روھىي ئانالىز ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغاندىن كېيىن، ئۆز يوشۇرۇن ئېڭىغا كۆمۈلگەن بەكلا كۆپ بالىلىق دەۋرىلىرىگە ئائىد ئەسلىمىلىرىنى قېزىپ چىققان، شۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە جون، پاۋلا، گىسېلا قاتارلىقلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى ئەسلىيەلىگەن ئىدى. فرېئۇدنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىدە جون قاتارىدىكى بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ بىىلىنمىگەن ئالىمى بولغان يوشۇرۇن ئېڭىغا ئىستىخىيىلىك ھالدا مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئۆزى ئۈستىدە پسىخوئانالىز يۈرگۈزگىنىدە ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا ئورۇنلىشىپ كەتكەن بالىلىق ئەسلىمىلىرى بىر-بىرلەپ قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان.35 بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، بۇ تۈر مۇناسىۋەتلەر فرېئۇدنىڭ شۇندىن كېيىنكى مىجەز خاراكتېرى، قىزىقىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. فرېئۇد، جون بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، ”ئۈچ ياشلىق ۋاقتىمغا كەلگىچە ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلماس ھالغا كېلىپ بولغان ئىدى، بىز شۇ چاغلاردا بىر-بىرىمىزگە بەكلا يېقىن ئىدۇق، شۇنىڭغا قارىماي يەنە ئۆزئارا ئۇرۇشۇپمۇ يۈرەتتۇق. بۇنىڭغا ئوخشىغان بالىلىق مۇناسىۋەتلەر … مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمدا تەڭ ياشتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىمدە ھەل قىلغۇچ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. … جون ماڭا قوپال مۇئامىلە قىلغان ۋاقىتلىرىدا مەنمۇ چوقۇم قورقماستىن ئۇنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇراتتىم. — دەيدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، — مېنىڭ روھىي دۇنيايىمدا مۇتلەق تۈردە بىر يېقىن دوستۇم ۋە ئۆچ دۈشمىنىم بولۇپ تۇراتتى. مەن ھەر دائىم ئەنە شۇ تۈر مۇئامىلىنى ئوتتۇرغا چىقىرىۋالاتتىم. شۇنىڭدەك يەنە مېنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى يوقۇرقىدەك تىپىك مۇناسىۋەت قىلىش ئادىتىم كېيىنمۇ يەنە شۇنداق مۇكەممەل شەكىلدە قايتىدىن مەندە نامايەن بولۇپ، ھەر قانداق بىر شەخس مېنىڭ كۆزۈمدە خۇددى جون بىلەن بولغان بالىلىق مۇناسىۋېتىمدە كۆرۈلگىنىدەك ھەم دوستۇم ھەم دۈشمىنىم بولۇپ نامايەن بولۇپ تۇراتتى“ دەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، فرېئۇد، ئۇ تونۇيدىغان ھەرقانداق ئادەم، ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلىدە مۇتلەق تۈردە چوقۇم ”بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىش“ ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرغا چىقاتتى (بۇ ئارىيە سۆزلەر فرېئۇدنىڭ «چۈش ئۆرۈش» دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىنغان) ھەمدە بۇ تۈر خاراكتېرلار ئۇنىڭ جون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا ئىپادىلىنەتتى.
فرېئۇد 17 ياشقا تولۇپ ئەنگلىيەدە جون ۋە پاۋلا بىلەن قايتا ئۇچراشقىنىدا ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشتىن ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالىدۇ. بۇ ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ ئۈگەي ئاكىسى ئىمانۇۋېلگە بولغان ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئىمانۇۋېل دادىسىغا خەت يېزىپ، فرېئۇد ئەنگلىيەدە قالتىس قايىل قىلارلىق مىجەز ۋە خاراكتېرنى ئىپادىلىدى، دەيدۇ. ھەمدە ئىمانۇۋېلنىڭ ئېيتىشىچە، فرېئۇدنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇنىڭ ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى زامان ئىنقىلابىنىڭ داھىسى ئولف كروۋېر (1599~1658) گە بولغان چوقۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.36 فرېئۇدنىڭ كروۋېرنى تەكرار-تەكرار مەدھيلەپ كېتىشى ئىمانۇۋېلگە شۇنداق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدىكى، ھەتتا ئۇ كېيىن تۇغۇلغان ئۇۈلىنىڭ بىرسىگە ئات قويۇشتا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ”كلوۋېر“ دېگەن بۇ ئىسىمنى قويغان ئىدى. فرېئۇدنىڭ ئۆزىمۇ كېيىنكى ھاياتى جەريانىدا ئۆزىنى ھەردائىم مەن ئىمانۇۋېلنىڭ ئوغلىمەن دەپ خىيال قىلىپ كېتەتتى. چۇنكى ئۇ، ئۆزىنى ئىمانوۋېلنىڭ بالىسى دەپ تونىغىنىدا ئۇنىڭ كۈنلىرى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن ئىدى. تەبىئىكى ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى خىيالى پۈتۈنلەي خىيالدىنلا ئىبارەت ئىدى.
فرېئۇدنىڭ بۇ قېتىمقى ئەنگلىيە ساياھىتى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار فرېئۇدنىڭ ئوقۇشى مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش دەۋرىگە كىرىۋاتقان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئادەتتىكىچە ئىككىنچى يىللىق ستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى بىلەن ئوقۇيدىغان بىلىمىنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن پەقەتلا رازى بولماي ئۆزى ئۈچۈن تېخىمۇ يوقۇرى تەلەپ قويۇپ ئۆگىنەتتى. 4-يىللىققا بارغىنىدا، ئۇ مىدىتسىنا كەسىپى ئۇچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زولوگىيە دەرسلىرىدىن رازى بولماي، بېرىپ زولوگىيە كەسىپىدىكىلەر ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان زولوگىيە دەرىسلىرىدىن خېلىلا ئۈستۈن سەۋىيىلىك دەرسلەرنى ئاڭلاشقا كىرىشكەن ئىدى. ئۇ، ھەپتىسىگە 15 سائەت زولوگىيە دەرسىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ يەنە ئوخشاش قارارلىق ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق ئىككى سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان فىزىكا دەرسلىرىگىمۇ قاتناشماقتا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ھەپتىسىگە 11 سائەت ۋاقتىنى پروفېسسور برۈكنىڭ سۆزلەۋاتقان فىزىلوئوگىيە دەرسلىرىنىمۇ ئاڭلاشقا سەرىپ قىلىدۇ.
ئۇ، ئىككىنچى يىللىق يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن باشلاپ بىئولوگىيە دەرسلىرىگە تېخىمۇ كۆرىنەرلىك قىزىقىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇ كۈنلەردە، ئۇ ھەر ھەپتە 10 سائەت پروفېسسور كلاۋسنىڭ تەجرىبەخانىسىدا تەجرىبىلەرگىمۇ قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بۇندىن قالغان ۋاقىتلاردا ئۇ ۋاقتىنى ئاناتومىيە ھەمدە بىئولوگىيە دەرسلىرىنى ئېلىشقا سەرىپ قىلىدۇ. ئۇ ۋاختى شۇنچە زىچلىقىغا قارىماي ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم برۈكنىڭ پەلسەپە لىكسىيىلىرىنىمۇ ئاڭلاشتا چىڭ تۇرىدۇ.
تۇنجى ئىلمى تەتقىقاتى
فرېئۇد، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقىۋاتقان 1876-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا، بىر قاتار ئاساسىي پەنلەر تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى باشلىۋېتىدۇ. بۇ تەتقىقات ئىشى پروفېسسور كراۋسنىڭ تەكلىۋى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باشلانغان ئىدى.37
پروفېسسور كارل كراۋس، 1874-يىلى گېرمانىيىنىڭ گۇتتېنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتىگە كەلگەن بىرسى ئىدى. كراۋس، ۋىيېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زولوگىيە كەسىپىنى ئىلغار سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتى دېڭىز ئوكيان زولوگىيە كەسىپىدە ئالاھىدە چوڭقۇر ئىدى. 1875-يىلى، ئۇ ترېيستېدا زولوگىيە لابوراتورىيىسىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشقا ماقۇل بولىدۇ. بۇ تەجرىبىخانا، دۇنيا بويىچە بىرىنچى نومۇرلۇق زولوگىيە تەجرىبىخانىسى ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن، ھەر يىلى ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تاللانغان ئەڭ نەمۇنىلىك ستۇدېنتلار بۇ تەجرىبىخانىدا ئىككى قېتىم پراكتىكا قىلاتتى. ھەر قېتىملىق پراكتىكا ۋاقتى نەچچە ھەپتىلەپ سوزۇلۇپ كېتەتتى. 1876-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا، ئۇ تەستىقلىغان بىرىنچى تۈركۈم پراكتىكا قىلىشقا تاللانغان ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا فرېئۇدمۇ بار ئىدى. بۇ قېتىمقى پراكتىكا ئۈچۈن فرېئۇد ئادرىياتىك دېڭىزىغا بېرىپ بىر قېتىملىق قىزىقارلىق ئىكىسپىدىتسىيىگە چىقىشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ قېتىمقى قىدىرىش جەريانىدا، فرېئۇد جەنۇبىي ياۋروپانىڭ قېدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەردە بىر قىسىم قەدىمى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى توپلاش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاسارە-ئەتىقە يىغىش ئىشى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرى بويىچە ئاسارە ئەتىقە يىغىش ھەۋىسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ.
فرېئۇد ئىككى قېتىم ترېيستې تەجرىبە پونكىتىغا بېرىشى ئارىلىقىدا سىنىپتا پۈتۈن زېھنىنى بىئولوگىيەگە قارىتىدۇ. ئۇ ھەپتىسىگە 15 سائەتلىك ۋاقتىنى زولوگىيە دەرسلىرىگە سەرىپ قىلىپ، قالغان 11 سائەتلىك ۋاقتىنىلا قالغان دەرسلەرگە سەرىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 سائەت برېنتانونىڭ پەلسەپە دەرسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا برېنتانو لىكسىيىلىرىدە ئارىستوتىل پەلسەپەسىدە ئارسىستوتىلنىڭ لوگىكا قىسمىنىمۇ تىلغا ئالماقتا ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا، فرېئۇد يەنە پروفېسسور برۇك ئاچقان فىزىئولوگىيە تەتقىقات بۆلۈمىگە قاتنىشىشنى باشلىغان ئىدى. بۇ يەردە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋەقەلەرگە دۈچ كېلىدۇ. كېيىنكى قىسىملاردا كۆرىدىغىنىمىزدەك، فرېئۇدنىڭ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ فىزىيولوگىيىلىك قابىلىيەتلىرى بىلەن نېرۋا سىستېمىسىغا چېتىشلىق تەتقىقاتلاردىن باشلانغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئىنسانلارنىڭ روھىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدىكى چوڭقۇر ئانالىزلىرى ئىنتايىن پۇختا تەتقىقات ئاساسلىرىغا تايىناتتى. فرېئۇد، دەل شۇ برۇك تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئېكسنېر بىلەن فلېيشىل ئىككىسىنى تونىغان ئىدى. بۇ ئىككى نەپەر ياش فىزىئولوگ برۇكنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بولۇش بىلەن بىرگە، فرېئۇدنىڭ كەسىپدېشى ۋە يېقىن دوستلىرىدىن بولۇپ قالىدۇ.38
فرېئۇد، بۇلاردىن باشقا يەنە ئوپتىك ئانالىز دەرسى بىلەن بوتانىكا دەرسلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈنمۇ بىر قىسىم ۋاقتىنى ئاجرىتىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
ئۇ ۋاقىتتا، فرېئۇد تەتقىق قىلماقچى بولىۋاتقان ئارىستوتىلدىن بېرىقى ئىزچىل ھەل بولماي سىر ھالىتىدە كېلىۋاتقان فىزىئولوگىيىلىك قىيىن مەسىلىلەردىن بىرى بولغان تېمىسى، ، يەنى بىرخىل ئىلان بېلىقنىڭ كۆپىيىش بېزىنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ئىدى. ئۇ ئۆز دېسسىرتاتسىيىسىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، ”گەرچە بىر مۇنچە ئەسىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولىشىغا قارىماي، بىرەرسى چىقىپ بىر تال بولسىمۇ ئۇ بېلىقنىڭ يېتىلگەن ئەركەك ھالىتىنى ئۇچراتمىغان. شۇنىڭدەك بىرەرسىمۇ ئۇ بېلىقنىڭ ئۇرۇقدانىنى كۆرۈپ باقمىغان.“ مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ خىل بېلىقنىڭ جۈپلىشىش دەۋرى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ھەر دائىم ئالاھىدە جايلىشىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. فروئىد، تەجرىبىخانىغا كىرىۋېلىپ 400 دىن ئارتۇق بۇ تۈر بېلىقنى يېرىپ تەجرىبە قىلىدۇ. بۇ جەرياندا مىكروسكوپ ئاستىدا ئۇششاق يوپۇرماقسىمان جىنىسى بەز تۈزۈلۈشىنى پەرق قىلىدۇ. ئۇ، مانا بۇ، بۇ تۈر بېلىقنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەن ئۇرۇغدانى دەپ قارايدۇ. گەرچە ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىسپاتلىنىشقا مۇھتاج بولسىمۇ، ئۇ بۇ جەھەتتە ئىشنى پۈتتۈرۈش يولىدا چوڭ بىر قەدەم تاشلىغان ھېسابلىناتتى.
ئەينى ۋاقتىدىكى شارائىت ئاستىدا، بىرمۇ كىشى بۇنىڭدىن ئارتۇق ۋە بۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر نەتىجىگە ئېرىشىپ باققىنى يوق ئىدى. ئەمما ياش فرېئۇدتا بولسا، بۇ تۈردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش ئۈچۈن تولۇپ تاشقان غەيرەت شىجائەتكە ئىگە ئىدى.
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەن ۋاقىتلاردا، فرېئۇد بۇ ئۈچ يىللىق ئۈگىنىش ھاياتىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇنىۋېرسىتتىكى دەسلەپكى ئۈچ يىللىق ئوقۇشۇم جەريانىدا، ئۆزەمنىڭ نېمىلەرگە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىم بىلەن قانداق ئىشلارغا ئاجىز ئىكەنلىكىمنى سېزىپ قالغان ئىدىم. يەنى مەن، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا قىزىققان ئىلم-پەن ساھەلىرىدە بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىشىم مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالغان ئىدىم. ئاخىرى مەن برۇك فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسدا ئۆزەمنىڭ ماكانىنى تېپىپ خاتىرجەم بولغان ئىدىم. شۇنىڭدەك، مەن يەنە شۇ يەردە ھۆرمەت قىلىپ چوقۇنۇشۇمغا تېگىشلىك شۇ سەۋەپتىن ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك ئادەملەردىن ئۇلۇغ برۇكنىڭ ئۆزى ھەمدە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن سېگمۇندىت ئېكسنېر ۋە يونىيۇست ۋون فلىيشېر مازك قاتارلىقلارنىمۇ تېپىۋالغان ئىدىم. ئۇ كۈنلەردە برۇك ماڭا نېرۋا سىستېمىسى توقۇلمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات تېمىسىدىن بىرنى تاپشۇرغان ئىدى. مەن بۇ تەتقىقات ئىشىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان ئىدىم. برۇكتىن بەكلا رازى بولغانلىقىم، ھەمدە ئۆزەمنىڭ كەلگۈسى تەغدىرىمنىمۇ ئويلانغان ئاساستا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتتىم.“39
پروفېسسور برۇك، ئىزچىل تۈردە فروئىد ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىدىن بىر كىشى ئىدى. بۇ كىشى ئەسلى ئاۋۇسترىيەلىك ئەمەس بەلكى گېرمانىيەلىك بىر نېمىس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭدا نېمىس مىللىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك سەمىمىيلىك، ئەستايىدىللىق ۋە قەتئىي ئىرادىلىك مىجەز-خاراكتېر نامايەن بولۇپ تۇراتتى. فرېئۇدمۇ ئاستا-ئاستا برۇكنىڭ بۇ تۈر خاراكتېرلىرىنى يۇقتۇرۇپ، ئىلىم پەن چوققىسىغا يامىشىدىغانغا ئىرادە باغلىغان كىشىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك شۇ خىل ئېسىل سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە باشلايدۇ.
برۇك تەتقىقات يۇرتى ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق خېلمخولتز تىببىي ئىنىستىتۇتىغا مەنسۈپ بىر شۆبە ھېسابلىنىدىغان پۈتكۈل گېرمانىيە بويىچە بىردىن-بىر ئابرويلۇق تىببىي ئىنىستىتۇت ئىدى. شۇنىڭدەك بۇ تەتقىقات يۇرتى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇنچە فىزىئولوگىيىلىك ۋە مىدىتسىنا قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالىغان بىر ئىنىستىتۇت ئىدى.
پروفېسسور بلۇك، 1874-يىلى «فىزىئولوگىيە لىكسىيىلىرى» دېگەن بىر كىتاب يازغان بولۇپ، برۇك ئۇ كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق دەيدۇ: ”فىزىئولوگىيە دېگىنىمىز ئورگانىزىملارغا مۇناسىۋەتلىك بىر پەن تارمىقى. ئورگانىزىملار جانسىز ئەمما ھەرىكەت قىلالايدىغان جىسىملار — ماشىنىلاردىن پەرقى، ئورگانىزىملاردا ئاسسىمىلاتسىيىلىنىش قابىلىيىتىنىڭ بارلىقىدۇر. ئەمما ئۇلاردىكى بۇ تۈر قابىلىيەت ماھىيەتتە پۈتكۈل ماددىي دۇنياغا ئورتاق بىر ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ئاتوم سىستېمىسى كۈچىگە تايىنىپ ھەركەت قىلىدۇ. بۇنداق كۈچتىن كېلىدىغان ھەرىكەتنى بولسا 1842-يىلى روبېرت مېل كەشىپ قىلغان. ئاندىن خېلمخولتز بۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ئۆزگەرتكەن ئىدى. كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى (كېنېتىك كۈچى بىلەن پوتېنسىئال كۈچ) ھەربىر مۇستەقىل سىستېمىدا باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى، ئىلىم-پەندە ئابىستراكىت ھالغا كەلتۈرۈپ تەسۋىرلەنگەن ’كۈچ‘ دېگەننىڭ دەل ئۆزىدۇر. بىز ’كۈچ‘ ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز قانچىكى ئاز بولىدىكەن، بىر-بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈپ تونىۋالغان كۈچلەرنىڭ تۈرىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ: مېخانىك كۈچ، ئېلېكترىك كۈچى، ماگنىت كۈچى، نۇر، ئىسسىغلىق دېگەندەك. بىلىم تەرەققىي قىلىپ ئاخىرى بىر كۈنى كۈچلەرنى يىغىنچاقلاپ تارتىش كۈچى ۋە تېپىش كۈچى دېگەن ئىككى تۈرلۈك كۈچكىلا يىغىنچاقلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئورگانىك گەۋدە ھېسابلانغان ئادەمگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.“
برۇكنىڭ بۇ دېگەنلىرى، فرېئۇدنىڭ فىزىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشىدىكى يېتەكچى ئىدىيە بولۇپ قالغان ئىدى. روشەنكى، بۇنداق بىر قاراش بويىچە پۈتكۈل ئورگانىك ماددىلار ۋە ھاياتلىق جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ”كۈچلەرنىڭ تارتىشىش ۋە تېپىشىش“ غا يىغىنچاقلاش مۇمكىن ئىدى.40 بۇ ئەسلىدە مېخانىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ھېسابلىناتتى. 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا، بۇ تۈردىكى قاراشلار بىلىم ساھەسىگە سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، فرېئۇدنىڭمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، 1926-يىللىرىدىمۇ فرېئۇد پسىخوئانالىز دېنامىكىسى ئۈستىدە توختالغىنىدا ”كۈچلەرنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللىشى ياكى بىر-بىرىنى چەكلىشى، ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىشى ياكى ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، …“ دەيتتى.
بىز بۇ كىتابنىڭ ئىككىنچى بابىدا مىسال كەلتۈرگەن فرېئۇدنىڭ «تەرجىمىھالىم» كىتابىدىن ئېلىنغان بىر ئابزاس سۆزى، ”ئەينى ۋاقىتتىدا ئەڭ قىزىق تېما بولىۋاتقان دارۋىن تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى“ نىڭ ”فرېئۇدنى نەقەدەر چوڭقۇر جەلىپ قىلىۋالغانلىقى“، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى سىياسەت بىلەن شوغۇللىنىش ئارزۇسىدىن بىراقلا ۋاز كەچتۈرۈپ مىدىتسىنا كەسىپىنى تاللىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، فرېئۇد ئۈچ يىلغا يېقىن مىدىتسىنا ۋە بىئولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشى نەتىجىسىدە، دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىگە نەقەدەر چوڭقۇر باغلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى، فرېئۇدنىڭ شۇندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا پسىخوئانالىزشۇناسلىق تەلىماتىنى تىكلىشىدە يېتەكچى ئىدىيەلەردىن بىرى بولغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلىمخولتز قاتارىدىكى كىشىلەرنىڭ مېخانىك ماتېرىيالىزم ئىدىيىسىنىڭ دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى بىلەن بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەنلىكىمۇ فرېئۇدنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىدىيىۋىي ئاساسلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
دارۋىن (1809~1882)، بىر دوختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇمۇ خۇددى فرېئۇدقا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلى مىدىتسىنا فاكۇلتېتىتىنىڭ (ئەنگلىيەدىكى ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا فاكۇلتېتى) سىنىپلىرىدا ئۆتكەن ئىدى. ئەمما كېيىن دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىغا ئالمىشىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي، بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن دارۋىننىڭ ھەقىقىي مەكتىۋى ئۇنىۋېرسىتېت ئەمەس بەلكى ”بېگر“ ناملىق كېمىدە ئۆتكۈزگەن بەش يىللىق (1831~1836) دۇنيانى ئايلىنىپ قىلغان ساياھىتى ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش سورۇنى بولغان ئىدى. بۇ قېتىمقى ساياھىتىدىن قايتىش يولىدا جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى مەسىلىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا بىئولوگىيەدە ، تۈرلەرنى ياراتقان تەڭرىنىڭ ”ياراتقۇچىلىق پائالىيەتلىرى“ دەيدىغان دىنى ئىدىئولوگىيە بىلەن سىننېي (1707~1778) ھەمدە جۇۋىيې (1769~1832) لەرنىڭ بىئولوگىيەدىكى ”تۈرلەرنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە ئۆزگەرمەسلىكى“ دەيدىغان مېتافىزىكىلىق تەلىماتلىرى ھۈكمىران ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئىدى. كۆپلىگەن ئالىملار تەبىئىي پەنلەردە قولغا كەلتۈرۈپ توپلىغان ئەمەلىي پاكىت ماتېرىياللىرىنىڭ بارلىقىغا پىسەنت قىلماي، ئورگانىزملاردىكى كۆرۈلىدىغان ئېنېرگىيىلەرنىڭ ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە قانۇنىيەتلىك تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى خۇلاسىلاشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دەرلەر ئىدى.41 كۆپلىگەن ئالىملار، خاتا ھالدا بۈگۈنكى كۈندە يەرشارىدا ياشايدىغان ھەر تۈرلۈك ھالەتتىكى ھەر بىر تۈر ئايرىم-ئايرىم ۋە مۇستەقىل ھالدا بارلىققا كەلگەن، ئۇلار باشقا تۈرلەرگە قىلچە مۇناسىۋەتسىز تەرەققىي قىلغان دەپ قارىشاتتى. ئەنە شۇنداق ئاساستا، دارۋىن 1859-يىلى 24-نويابىر كۈنى مەشھۇر ئەسىرى «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» (بۇ كىتابىنىڭ تولۇق ئىسمى مۇنداق ئىدى: «تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ياكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش جەريانىدا ئالىي ئۇرۇقلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى») نى ئېلان قىلىدۇ. بۇ چاغدا فرېئۇد ئەندىلا ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگەن ئىدى. ئەمما ئۇ 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىدا دارۋىننىڭ بۇ كىتابىدا بايان قىلىنغان ئاتاغلىق تەلىماتى پۈتكۈل بىئولوگىيە ساھەلىرىدە ھۈكمىران ئورۇندا تۇرغان بىر دەۋر ئىدى.
دارۋىن بۇ ئەسىرىدە، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بوتانىك تۈرلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئەمەسلىكىنى، بەلكى تىنماي ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقىنى؛ بۈگۈنكى تۈرلەر سىھىرلىق ”ياراتقۇچى ھەرىكىتى“ ياكى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئوتتۇرغا چىققان بولماستىن بەلكى تەدرىجى ھالدا تەبىئىي ھەرىكەت جەريانىدا بۇرۇنقى كونا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تۈرلەر ئارىسىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
شۇنداق قىلىپ، دارۋىننىڭ قاراشلىرى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان شەكىلدە مەنتىقە كۈچلىرى تەرىپىدىن بارلىق تۈرلەر مەڭگۈ ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ دېگەن قۇرۇق سۆزلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. دارۋىننىڭ تەلىماتى، فرېئۇدتا ئورگانىزملارنىڭ قانۇنىيەتلىك تۈردە تەرەققىي قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت قاراش مۇستەھكەم ئورنىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، فرېئۇد ئادەم روھىي پائالىيەتلىرىمۇ قانۇنىيەتلىك ھالدا، — ھەتتا ”چۈش“ كە ئوخشاش كۆرۈنۈشتە بەكلا تەرتىپسىز ياكى خىيالى روھىي ھادىسىلەرنىڭمۇ قانۇنىيەتلىك روي بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
تەبىئىيكى، دارۋىن تەلىماتلىرىدىمۇ بەزى يېتەرسىزلىكلەر بار ئىدى. ھەتتا بۇ يېتەرسىزلىكلەرمۇ فرېئۇدتا بەزى گۇمانلارنى پەيدا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.42
دارۋىن تەلىماتلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەر ئاساسەن ئۇنىڭ ئېيتقان بىر مەشھۇر سۆزىدە ئىپادىلەنمەكتە ئىدى: ”تەبىئەت دۇنياسىدا سەكرەش دېگەن مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس.“ روشەنكى، بۇ سۆزى ئۇنىڭ تۈرلەرنىڭ تەبىئىي تاللىنىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ دەيدىغان تەلىماتىغا زىد كېلەتتى. فرېئۇد، بۇ تۈر بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ تەسىرىدە ئادەم روھىي پائالىيەتلىرىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ.
ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا پۈتمەيتتى: فرېئۇد تۇرىۋاتقان ئۈگىنىش مۇھىتىمۇ ئۇنىڭ دارۋىندىن كەلگەن پاسسىپ تەسىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بېرىش رولىنى ئوينايتتى. فرېئۇد، 1876-يىلىدىن باشلاپ پروفېسسور برۇكنىڭ فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى بىلەن پروفېسسور كراۋسنىڭ تەجرىبىخانىسىدا ئىشلەشكە كىرىشىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى نەپەر پروفېسسورمۇ روبېرت ۋېل بىلەن ھېرمان خېلمخولتزنىڭ مېخانىك ماتېرىيالىزمىنىڭ تەسىرىدە قالغان كىشىلەر ئىدى.
فرېئۇدنىڭ ئوقۇتقۇچىسى برۇك، ھېلىمخولتزنىڭ قاراشلىرىغا پۈتۈنلەي سادىق بىرسى ئىدى. برۇك، پاكار بويلۇق ۋىجىك بىرسى بولىشىغا قارىماي بەكلا ئۇلۇغ ھەرىكەتچان كاللىسى بار بىرى بولۇپ، مېڭىشلىرىدىكى سالاپەتلىك، پۇختا ئىلمىي خادىملىق روھىغا بەكلا ماس كېلەتتى. فرېئۇد، ئۇنىڭ ”زەڭگەر كۆزلىرى“ بەكلا تارتىنچاق، كۆپ سۆزلەشنى خالىمايدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ، خرىستىيان دىنىنىڭ پروتېستان مەزھىپىگە مەنسۈپ كىشى بولۇپ، قۇيۇق پرۇسسىيە شىۋىسىدا سۆزلەيتتى. شۇڭا ئۇ، كۈچلۈك كاتولىك دىنى تەسىرى ئاستىدىكى ۋيېننانىڭ نەرىگىلا بارسا كىشىلەر ئۇنى دەرھال پەرق قىلالايتتى. ئۇنىڭ خاراكتېرى كاتولىكلاردەك ئۇنداق ھەممىنى يامان بولىدۇ دەپ ئېتىقات قىلىدىغان بىرسى ئەمەس بەلكى ئىلىم-پەنگە، پاكىتلارغا قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان، باشقا ھەر قانداق بىر ”نوپۇز“ نى تونىمايتتى. بىر قېتىم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئىلمىي ماقالىسىدا ”يۈزەكى كۈزىتىشلەردىن مەلۇمكى، …“ دەپ يازغىنىدا، برۇك ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆرۈپ ئاستىغا قېلىن قارىلاپ يان تەرەپكە ”ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈزەكى كۈزىتىش ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك“ دەپ ئەسكەرتىپ قويغان. فرېئۇد، 1873-يىلى يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگىنىدە ”كۈزىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ كېتەلمىگەن ئىدىم، كۈزىتىش دېگەننىڭ قىزىقىشنى قاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم.“ ئەمما برۇكنىڭ كەينىدە ئىككى يىلدەك يۈرگىنىمدىن كېيىن كۈزىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسلىق مىتودلىرىنى ئىگەللىدىم، شۇنىڭدەك كۈزىتىشنىڭ شەيئىلەرنى كۈزىتىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە كاللامدا چوڭقۇر چۈشەنچە شەكىللەندۈرەلىدىم، ئەگەر بۇ ئۇسۇلدىن مەھرۇم بولغاندا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىمىز ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونىيالىدىم دەيدۇ.43
بىرۇك ھەقىقەتتەتنمۇ شۇنداق ئەستايىدىل كۈزەتكۈچى ئىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەكلا قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئەگەر قايسى بىر ئوقۇغۇچى چىقارغان سۇئالىنىڭ بىرىنچىسىگە خاتا جاۋاب بېرىپ قويغىدەك بولىدىكەن، برۇك مۇئەللىم قاتتىق خاپا بولغان ھالدا گەپمۇ قىلماي سىنىپتا ئولتۇرىۋالاتتى. ئون-يىگىرمە مىنۇتقىچە شۇ ئولتۇرىشىنى بۇزماي، تا خاتا جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچى قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى ھەتتا پاكولتېت مۇدىرىنىمۇ بىرگە ئالدىغا ئەكىلىپ يالۋۇرغىچە تىك ئولتۇرىۋالاتتى. ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەممىلا كىشى دېگىدەك ئۇنى رەھىمسىز، ئەدەپ-ئەقلى تىرىشچانلىقتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئادەم دەپ قارىشاتتى. دېيىشلەردىن قارىغاندا، 1873-يىلى ئۇنىڭ بەكلا ئامىراق ئوغلى تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇ ۋەقدىن ئۇ روھىي جەھەتتە بەكلا ئېغىر زەربە يەيدۇ. شۇندىن باشلاپ، ئۇ ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئاتىشىغا يول قويمىغان ھەمدە كۆزى ئىلىشكىدەكلا يەردە ئوغلىنىڭ رەسىمىنى قويۇشنى قەتئىي مەنئىي قىلغانىكەن. ئىش ئارقىلىق روھىي ئازابىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلامدۇ قانداق، ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك تىرىشىپ ئىشلەيدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن. ئۇنىڭدا قىلچىمۇ كىبىر يوق، ھىلىمىكىر يوق، ھوقۇق قوغلىشىش دېگەننى زادىلا ئويلىمايتتى. ئۇ، ھەممە ئىشتا تىرىشقاق، قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ مىھرىبان ئاتا ئورنىدا بىرسى ئىدى. ئۇ، بۇ تۈردىكى تىرىشچان ۋە قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئېتىبار قىلىشى ۋە كۆڭۈل بولىشى ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇشقا بولغان كۆڭۈل بولۈشىدىن كۆپ ئارتۇق ئىدى. ئۇ، مۇستەقىل ياراتقۇچىلىق قابىلىيىتى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا قاتتىق ھۆرمەت بىلدۈرەتتى. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياراتقۇچىلىق تەتقىقاتلىرىغا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. بۇ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلمىغىدەك قىلسىمۇ ئۇنداق ئوقۇغۇچىسىغا پۈتۈن ئاماللارنى قىلىپ ياردەم قىلاتتى. شۇڭا، ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن ئۇنى تونۇيدىغانلىرىدىن ئۇنى ھۆرمەت قىلمايدىغىنى يوق ئىدى.
فرېئۇد ھەققىدە يېزىلغان كۆپ قىسىم تەرجىمىھال كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا دېگىدەك فرېئۇدنىڭ پسىخولوگىيە نەزەرىيىسىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشىدا فرېئۇدنىڭ شاركوت (1825~1893) بىلەن بلۇئېر (1842~1925) ئىككىسى بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن باشلانغان دەپ قارىشىدۇ. ئەسلىدە، مەيلى فرېئۇد پسىخولوگىيىسىنىڭ ئاساسى بىلىملىرى بولمىسۇن ياكى ئۇنىڭ پسىخولوگىيە ئىدىيىۋىي ئۇسۇللىرى بولمىسۇن، ئەڭ بۇرۇن تەسىر كۆرسەتكەن كىشى يەنىلا شۇ برۇك ئىدى دېيىش مۇمكىن. فرېئۇدنىڭ ئۇنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ ئىلگىرلىشىنى ھەرگىزمۇ برۇكنىڭ نەزەرىيە ۋە قاراشلىرىنى چۆرىۋەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرغا چىققان نەتىجىلەر بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ۋە قاراشلىرىدىن ئىجادبىي پايدىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىش كېرەك. يەنى برۇكنىڭ نەزەرىيە ۋە تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى روھىي ئالەم تەتقىقاتىدا پايدىلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن.44
ئەمما فرېئۇد برۇكنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنىمۇ ئۆزىگە سىڭدۇرىۋېلىپ، روھىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلغان ۋاقتىدا ئۇستازىنىڭ دېتېرمىنىزم ئىدىيىسىنىڭ مۇتلەقلەشتۈرىۋالغان، سىھىرلىك مەقسەت قارىشىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالغان دېيىش مۇمكىن.
1876-يىلى كۈزدە، فرېئۇد ئىككىنچى قېتىم رياست تەجرىبىخانىسىدىن ۋيېنناغا قايتىپ كەلگىنىدە 20 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. پروفېسسور برۇك ئۇنى فىزىيولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىسىدا رەسمىي ياردەمچىسى قىلىپ قوبۇل قىلىدۇ. فرېئۇد، برۇك فىزىيولوگىيە تەتقىقات بۆلۈمى بىلەن پۈتۈنلىشىشى، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
برۇكنىڭ فزىئولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىسى بەكلا ئاددىي يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەر ئەسلى بىر تاشلاندۇق بىر ھەربىي زاۋۇدنىڭ گەمە قەۋىتى ئىدى. شۇڭا بۇ تەجرىبىخانا بەكلا قاراڭغۇلۇق بولۇپ، ھەممە تەرەپتىن غەلىتە سېسىق پۇراقلار كېلىپ تۇراتتى. بۇ تەجرىبەخانا چوڭ بىر زال ۋە كىچىكىرەك ئىككى ئېغىز ئۆيدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئوقۇغۇچىلار چوڭ بۆلۈمدە مىكروسكوپ بىلەن كۈزىتىش ئېلىپ بېرىش ھەمدە برۇكنىڭ لىكسىيىلىرىنى ئاڭلاش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بىرىنچى قەۋەتتە يەنە بىر قانچە ئېغىز ئۇششاق ئۆيلەرمۇ بار بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ دېرىزىسىمۇ يوق قاپقاراڭغۇ ئۆيلەر ئىدى. بۇ ئۇششاق ئۆيلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىمىيە، ئېلىكتىرىك فىزىئولوگىيە ۋە ئوپتىكا لابوراتۇرىيىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان بۆلۈملەر ئىدى. پۈتكۈل تەجرىبىخانىدا سۇ جۈمىكى ھەمدە يېقىلغۇ گاز، توك يوق بولۇپ، سۇغا ئېھتىياجلىق بولغانلار قورادىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىشى كېرەك بولاتتى. قورادا يەنە تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانلار سولىنىدىغان تاختايلىق ئېغىلمۇ بار ئىدى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، بۇ كونا تۆكۈلۈپ تۇرغان تەتقىقات ئىشخانىسى يەنىلا بىر قىسىم چەتئەللىكلەرنىڭ ھەمدە ستۇدېنتلارنىڭ زىيارىتىنى جەلىپ قىلىپ تۇرىدىغان داڭلىق بىر يەر ئىدى.
گەرچە برۇك ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات تېمىسىنى ئۆزلىرى تاللىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىرسى بولسىمۇ، بىر قىسىم قورقۇنچاق ياكى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ يۈرىدىغان يېڭىياچىلارغا تەتقىقات تېمىسى تاللاپ بېرىپمۇ تۇراتتى. فرېئۇدقا قارىتا پروفېسسور برۇك ئۇنىڭدىكى پەۋقۇلئاددە قابىلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ نېرپ ھۈجەيرىلىرىنىڭ توقۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئائىد تېمىدىن بىرنى تاپشۇرىدۇ.
فرېئۇدقا، كونكىرىتنى ئالغاندا نېرپ تۈگۈنلىرىنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشىنى تەتقىق قىلىپ، ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنىڭ تۈۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار نېرپ ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرسىدا نېمە پەرق بارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن ئىدى.45
بۇ مەسىلىنىڭ يېشىلىشى فىزىئولوگىيە ئۈچۈنلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش بولۇپلا قالماي، بەكلا مۇھىم پەلسەپىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولاتتى. ئالىي دەرىجىلىك ياكى تۈۋەن دەرىجىلىك جانلىقلارنىڭ ئەقىل جەھەتتىكى پەرقلەرنى ئۇلارنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى بويىچىلا پەرقلەندۈرۈش كېرەك دەيدىغان خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولارمۇ؟ ئادەمنىڭ ئېڭى بىر قىسىم يۇمشاق تەنلىك جانلىقلار تۈرىدىكىلەرنىڭ ”ئەقلى“ ئوتتۇرسىدا بىرەر تۈپكى پەرق بارمىدۇ؟ بۇنداق پەرقنى ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى نېرپ تۈگۈنلىرىنىڭ سانىغا قاراپ ياكى بۇ نېرىپ ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىش تورلىرىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىدىكى پەرق بويىچىلا خۇلاسىلاش مۇمكىنمىدۇ؟ ئەينى يىللاردىكى تارىخىي شارائىت ئاستىدا ئالىملارنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب ئاختۇرۇپ يۈرىشىدىكى مەقسەد، ”ئادەم ماھىيىتى“ دېگەن بۇ تۈپكى مەسىلە ئۈستىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىگە ئېرىشىش ئىدى. بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ”تەڭرى بارمۇ“ دەيدىغان مۇھىم مەسىلىگە بىۋاستە بېرىپ تاقىلىدىغانمۇ بىر ئىش ئىدى.
فرېئۇدتىن بۇرۇن، پروفېسسور برۇك بۇ مۇھىم مەسىلە ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ كۆرگەن ئىدى. لېسنېر، بۇرۇن مىكسىنا بېلىقى (تەييارتاپ بېلىق) نىڭ يۇلۇنىدا (تەييارتاپ بېلىق ئىپتىدائىي يۇمۇلاق ئېغىزلىق ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلار تۈرىگە مەنسۈپ) ئالاھىدە بىر خىل چوڭ ھۈجەيرە بايقىغان ئىدى. بۇ تۈردىكى ھۈجەيرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇمۇرتقىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇزۇن يىلدىن بېرى فىزىئولوگىيە تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىق بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىلمەي كېلىنگەن ئىدى. پروفېسسور برۇك بۇ تۈردىكى نېرپ ھۈجەيرىلىرىنىڭ توقۇلما تۈزۈلىشى بىلەن فىزىئولوگىيىلىك قابىلىيىتىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا بەكلا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئىش ئۈچۈن فرېئۇدنى تاللىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ قىيىن مەسىلە ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. فرېئۇد، تەتقىقات جەريانىدا كۈزىتىش تېخنىكىسى ئۈستىدە تۈزىتىش قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى يېشىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، لېسنېر كەشىپ قىلغان ئۇ ھۈجەيرە ئۇمۇرتقا نېرپ تۈگۈنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇ تۈر تەييارتاپ بېلىق تۈرىدىكى تۈۋەن دەرىجىلىك ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلاردا تۆرەلمە باسقۇچىدىكى نېرپ تومۇرلىرى تاشقى نېرپ سىستېمىسىغا تولۇق يۆتكىلىپ بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ تۈردىكى نېرپ تۈگۈنلىرى يەنىلا شۇ ئۇمۇرتقا ئىچىدە ساقلانغان بولاتتى. بۇ تۈردىكى كېڭىيىپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىلەر ئۇمۇرتقا نېرپ تۈگۈنلىرىنىڭ باشتىن ئاخىرى نېرپ ھۈجەيرىلىرىنىڭ پۈتكۈل تەدرىجى تەرەققىيات جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدىكەن. ”بۇ تۈردىكى چۈشەندۈرۈش نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقا چۈشەندۈرۈشلەرگە ئوخشاش، بىر قاتار كۈچلۈك ئىسپاتلاشلارنى تەلەپ قىلىپ، پۈتكۈل ئورگانىزملارنى ― ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلىك ھايۋاناتلاردىن تارتىپ ئىنسانلارغا كەلگىچە ئىزچىل تەدرىجى تەرەققىيات قاتارىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى. بۇ نەتىجە، تەڭرى ئادەمنى ياراتقان دەيدىغان ئىلاھىيەتشۇناسلىقنىڭ خۇلاسىلىرىغا كېڭەيتىلگىنىدە بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.46
فرېئۇدنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كونكىرىتنى مەزمۇنلارغا ئىگە ئىدى. ئۇ، تۈۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ئىزچىللىققا ئىگە بىر سىستېما دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە، ”ئۇزۇندىن بويان بېلىقلارنىڭ ئۇمۇرتقا نېرپ تۈگۈنلىرى قوش قۇتۇپلۇق (ئىككى چىققان قىسىمغا ئىگە) بولىدىغانلىقى، ئەمما ئالىي دەرىجىلىك ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلاردىكى ئۇمۇرتقا نېرپ تۈگۈنلىرىنىڭ بولسا تاق قۇتۇپلۇق بولىدىغانلىقى قارىشى تۇرغۇنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى.“ مانا ئەندى، فرېئۇدنىڭ كۈزىتىشى ئارقىلىق بۇنداق خاتا خۇلاسە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ھېسابلاندى. ”تەييارتاپ بېلىقلاردىكى نېرپ ھۈجەيرىلىرى شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، تاق قۇتۇپلۇقتىن قوش قۇتۇپلۇق (Tشەكىللىك ساقاقلىق ھايۋانلارنىڭ قوش قۇتۇپلۇق ھۈجەيرىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) ھۈجەيرىلىرىنىڭ پۈتكۈل ئۆتكۈنچى جەريانىغا ماس كېلىدۇ“ دەپ قارايدۇ.
فرېئۇدنىڭ بۇ ئىلمىي ماقالىسى مەزمۇن جەھەتتە، ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى مەزمۇن جەھەتتىمۇ ھېچكىمنىڭ گۇمانىنى قوزغىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال، بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن ئېيتقاندا ― تېخى ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرمىگەن بىر سىتۇدېنتقا نىسبەتەن ئالغاندا ھەقىقەتەنمۇ زور ئۇتۇق ھېسابلىناتتى. بۇ ئۇتۇقى ھەقىقەتەنمۇ كۆپلىگەن بىئولوگلارنىڭ مەدھىسىگە ئېرىشىدۇ. 1878-يىلى 18-ئىيۇلدا، پروفېسسور برۇك فرېئۇدنى ئاۋسترالىيە بىلىملەر ئاكادېمىيىسىدە شۇ تەجرىبە دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كەينىدىنلا، يەنى ئاۋغۇست ئېيىدا، بۇ ماقالىسى فىزىئولوگىيە ئىلمىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئىلمىي ماقالە 86 بەتلىك ئۇزۇن بىر ماقالە ئىدى.
شۇنىڭ كەينىدىن، يەنى 1879-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە، فرېئۇد ئۆز ئىختىيار قىلىپ ئىككىنچى تەتقىقات تېمىسىنى ― كراۋداتنىڭ نېرپ ھۈجەيرىسى تەتقىقات تېمىسىنى تاللاپ تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. تەتقىقات جەريانىدا، فرېئۇد ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بولغان مىكروسكوپ بىلەن جانلىق توقۇلمىلارنى بىۋاستە كۈزىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىدۇ. نەتىجىدە، ”نېرۋا تالاسىنىڭ ئوق تۈۋرۈكىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇ باشلانغۇچ تالالاردىن تۈزۈلىدىكەن“ دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. ”نېرۋا فىزىئولوگىيىسى تارىخىدا، فرېئۇد نېرۋا تالالىرىنىڭ بۇ تۈر ئالاھىدىلىكىنى بىرىنچى بولۇپ ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى.
فرېئۇد، شۇنىڭ كەينىدىن، يەنى 1882-يىلى «نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسى تۈزۈلىشى» نامىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ دېسسىرتاتسىيىسىدە نېرۋا تۈگۈنلىرىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك نېرۋا تالالىرىنىڭمۇ ئاساسلىق تۈزۈلۈش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ئىدى.47
فرېئۇدنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۇنىڭ ئەستايىدىل كۈزىتىشىنىڭ، ئەستايىدىل ئانالىز قىلىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاپ كەلگەنلىكىنىڭمۇ بىر نەتىجىسى ئىدى. 1877-يىلى، فرېئۇد، برۇكنىڭ تەتقىقات يۈرتىغا كىرىپ ئۇزۇنغا قالماي تەجرىبە تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۆزگەرتىش قىلىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. فرېئۇد، ئەسلى قوللىنىپ كېلىۋاتقان تېخنىكا ۋە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇللارنى ھېچقاچان چېقىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس رامكا دەپ تونىمايتتى. شۇنىڭدەك ئۇلارنى يەنە ”تەبىئىي قانۇن“ دەپمۇ قارىمايتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ تۈردىكى ئەنئەنىۋىي قانۇنلارنى ئۆزى بىۋاستە ئېنىقلىيالمىغانلا بولىدىكەن ئۇلاردىن قەتئىي تۈردە گۇمانلىناتتى. ھەتتا بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۆنۈملۈك تەدبىرلەر ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىققىنىدىمۇ شۇ كۈنكى سەۋىيىدىن يەنىلا رازى بولالمايتتى. ئۇ يەنىلا ئۆزىگە تېخىمۇ يوقۇرى تەلەب قويۇپ يەنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىپ توختىماي ئىلگىرلەشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئەنئەنىۋىي تەجرىبە تېخنىكىلىرى ئۈستىدىكى ئىسلاھ قىلىش ئىشى مىكروسكوپ مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ. فرېئۇد، بۇ تېخنىكا ئىسلاھاتى بىلەن شوغۇللىنىشتىن ئاۋال لېيستېر تۈزۈپ چىققان مىكروسكوپ كۈزىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. بۇ ئۇسۇل بويىچە نېرۋا توقۇلمىلىرىنى كۈزەتكەندە چوقۇم ئاۋال نىترات كىسىلاتاسى ۋە گلىتسېرىن ئارىلاشمىسىغا ئەۋرىشكىنى چىلىۋېلىش شەرت ئىدى. فرېئۇد تەييارتاپ بېلىق نېرۋا ھۈجەيرىسىنى تەتقىق قىلىش ۋاقتىدا دەل شۇ خىل ئۇسۇل بويىچە ئىش باشلىغان ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتكەندە ئۇ يېپ-يېڭى بىر ئۇسۇلنى كەشىپ قىلىدۇ. يەنى ئۇ ئالتۇننىڭ خلورىدلىرىدىن پايدىلىنىپ نېرۋا توقۇلمىسىنى بويىۋالىدۇ. فرېئۇد بۇ ئۇسۇلنى سترېكنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگۈنۈش ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ چىققان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، فرېئۇد ئىلمىي تەتقىقات جەريانىدا تەدرىجى ھالدا نوقۇل كۈزىتىشنىلا مەقسەت قىلغان تار دائىرىدىن ھالقىپ چىقىدۇ. ئۇ، ئىلمىي تەتقىقاتلار كۈزىتىشنى ئەقلى تەپەككۈر بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. يەنى ئۇ، ھېسسىي كۈزىتىشتىنلا پايدىلىنىپ قالماي، يەنە تەخمىن قىلىش، پەرەز قىلىش، خىيال قىلىش ۋە ئوبرازلاشتۇرۇش قاتارلىقلاردىنمۇ پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، فرېئۇد نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۆزى قىلغان ئەستايىدىللىق بىلەن ئاناتومىيە قىلىش ئىشى بىلەن بىۋاستە باغلانغان ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بىردىن بىر قۇرالى مىكروسكوپ ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، فىزىئولوگىيە دېمەك ھەرگىزمۇ ستاتىستىكىچىلىق ياكى دېنامىكىچىلىق ئەمەس بەلكى توقۇلماشۇناسلىق دېگەنلىك ھېسابلىناتتى. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇ ھېسسىيات بىلەن ئەقىلىي تەپەككۈرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ يۈرگەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا كۈزىتىشكە بەكلا ئەھمىيەت بېرەتتى.48
1879-يىلى، فرېئۇد ھەربىلىككە چاقىرتىلىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار ئاۋسترو-ۋىنگېر ئىمپېرىيىسى بىلەن چاررۇسسىيە، بالقان يېرىم ئارىلىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان پەيتلەر ئىدى.
گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىككى دۆلەت رۇسسىيەنىڭ بالقانلاردىكى كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 1879-يىلى مەخپى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈشكەن ئىدى. ئەينى ۋاقتىدىكى گېرمانىيە-ئاۋسترىيە ئىككىسى ماھىيەتتە بىرلا ھەربىي لاگىر ھېسابلىناتتى. مەملىكەت بويىچە بارلىق ئالىي مەكتەب، گېمنازىيىلەر ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدىلا ھەربىي تەلىم-تەربىيە يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر ياشتىكى ياشلار ھەر قانداق بىر ئىش بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەكتەپتە ئوقۇپ-ئوقۇمىغانلىقىغا قارىماي ھەممىسى ھەربىيلىككە قاتنىشىشى شەرت ئىدى. فرېئۇدمۇ دەل شۇ سەۋەبدىن ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئەينى ۋاقتىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەربىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ستۇدېنتلىرى ۋەتەندىن چىقماي دۆلەت ئىچىدە تۇرۇپ ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا بولاتتى. ئەگەر چەتئەلگە ئىۋەرتىلىشكە توغرا كەلگىنىدىمۇ پەقەلا دوخۇرخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەش بىلەنلا چەكلىنەتتى. تەبىئىيكى، بۇ خىل ئەسكەرلىك ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ مەنىسىز بىر ھايات ھېسابلىناتتى. 1880-يىلى 6-ماي كۈنى، فرېئۇدنىڭ 24 ياشقا تولغان خاتىرە كۈنى، رۇخسەت سورىماي سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قىسىمدا سولاقتا قالىدۇ. ئەينى ۋاقتىدا ئۇنىڭغا بۇ جازانى بەرگەن كىشى ئۇنىڭ ئىزچىل ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەسكەردىن بىرى بولغان گېنېرال پېتراسنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
فرېئۇد ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۈنلىرىدە يېتەرلىك ۋاقىتى بولغاچقا تۇنجى قېتىم تەرجىمە ئىشى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ئۇ ئاۋال ئەنگىلىز پەيلاسوپى جون ستۇئارت موللېرنىڭ ئەسىرىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىدۇ.
فرېئۇد تىل ئۆگۈنۈش جەھەتتە ئاسانلا ئىگەللەش، ئىشلىتىش تالانتىغا ئىگە بىرسى ئىدى. بولۇپمۇ ئېنگىلىزچىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قاراشلىرى موللېرنىڭكىگە كۆپ يېقىن بولغاچقىمىكىن، ئۇنىڭ بۇ پەيلاسوپنىڭ ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بەكلا ئاسان ۋە بەكلا راۋان تەرجىمە قىلالايدۇ. ئۇ ئاۋال موللېرنىڭ 5 بۆلۈملۈك ئەسىرىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى نقېمىسچىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن ئىش باشلايدۇ. ئۇ، تەرجىمە جەريانىدا ئەسلى ئارگىنالنىڭ مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە خاس تەرجىمە ئۇسلۇبىنىمۇ يارىتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تەرجىمە ئىشى بەكلا راۋان ئىلگىرلەيدۇ.49
ئۇنىڭ بۇ تەرجىمە ئىشنى تاللىۋېلىشى پۈتۈنلەي زىرىكىشتىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىمۇ پۇختىلىۋالىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاز-تۇلا پۇلمۇ تېپىۋالالايتتى.
ئۇ تەرجىمە قىلغان موللېرنىڭ 5 بۆلۈملۈك ئەسىرىدىكى 3 بۆلۈم ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە، يەنى ئەمگەك مەسىلىسىگە، ئاياللارنىڭ ئازاتلىقى مەسىلىسىگە ھەمدە سوتسىئالىزم مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. موللېرنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئاساسلىقى ئايالى يېزىپ چىققان. ئەسەرنىڭ 4-بۆلۈمىدە موللېر يونان ئىدىئالىزم پەيلاسوپى پلاتون ئۈستىدە توختالغان ئىدى. شۇڭا، بۇ تەرجىمە ئۇنىڭ پلاتون پەلسەپەسىنى تېخىمۇ تەپسىلى ئۆگىنىش پۇرسىتىنىمۇ بەرگەن ئىدى. روشەنكى، پلاتوننىڭ ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان ئىدىيىچىلىكى فرېئۇدنىڭ ئەمەلىي روھى دۇنياسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چىرىتكەنلىكى ئېنىق. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى 1933-يىلى يازغان بىر پارچە ئەسىرىدە فرېئۇد شۇ قېتىملىق تەرجىمە پائالىيىتى ئارقىلىق پلاتون پەلسەپەسى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ، شۇ قېتىمقى پلاتون تەلىماتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
پلاتوننىڭ قارىشى بويىچە ”ھېس قىلىشقا بولىدىغان ماددىلار دۇنياسى“، يەنى تەبىئەت، ئۆزگەرمەس، مەڭگۈ ھەرىكەت قىلماس روھىي مەۋجۇتلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، يەنى تەبىئەت دۇنياسى چۈشەنچىلەر ئالىمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسىلىرى، شۇڭا ئىدىيىدىكى دۇنيالا ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان بىر دۇنيادۇر. مەۋجۇتلۇقنى سېزىش، مەۋجۇدىيەتنىڭ، يەنى چۈشەنچىلەرنىڭ مەۋجۇتسىزلىق يەنى ماددىيلىقىنىڭ بىر ئارىلاشمىسىدىنلا ئىبارەت، سەزگۈدىن ھالقىغان چۈشەنچە ماھىيىتىنىڭ چۈشەنچىگە كۆچۈرۈلگەن پاسسىپ قوبۇل قىلىنىشى، يەنى ماددىي ياكى مەۋجۇدسىزلىقى ئۈستىدىكى گۇڭگا ئىزناسىدىن ئىبارەت؛ مۇنداق ئېيتقاندا سېزىلگە ماددا ئەسلىدە چۈشەنچىنىڭ بىر سايىسىدىنلا ئىبارەت دەپ قارىلاتتى.
بۇ نەزىرىيە بويىچە كىشىلەرنىڭ بىلىش ئوبېكتىۋى ھەرگىز رىيال دۇنيا بولماستىن، بەلكى سىھىرلىك قىرغاقتا كۆرۈنگەن بىر ئەكىس ئەتكەن دۇنيادۇر. يەنى چۈشەنچىدىكى دۇنيانىڭ بىر سايىسىدىن ئىبارەت. شۇنداق ئىكەن، كىشىلەر ھەقىقەتنى تونىماقچى بولىدىكەن، چوقۇم بارلىق ماددىي، ھېسسىي نەرسىلەردىن تازىلىنىشى، كۆزىنى يۇمۇپ قۇلىقىنى ئىتىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ خىيالى دۇنياسىغا غەرق بولىشى كېرەك.50 ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ يوق بولمايدىغان روھىنىڭ ئەسلىدىكى چۈشەنچە دۇنياسىدا كۆزەتكەن نەرسىلىرىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك ئىكەن. مانا بۇ پلاتوننىڭ خىيالىغا كەلتۈرۈش، ئەسلەش دېگەن سىھىرلىكچىلىك غايىسى، ئۇنىڭ ئاساسى ئادەمنىڭ روھى بەدەنگە بېقىنمايدۇ، مۇھىتقا بېقىنمايدۇ دېيىشى بولۇپ، رۇھنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىدى.
ئېنىقكى، پلاتوننىڭ چۈشەنچە نەزەرىيىسى ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئەسلىتىش، خىيال قىلىش نەزەرىيىلەر پۈتۈنلەي ئاخماقانىلىق، قىلچە ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بىر قاراش ئىدى. ئەمما بۇ تۈردىكى پاسسىپ قاراشلارنى فرېئۇد يۇقتۇرۇپ ئالغان ۋاقىتلىرىدا، يەنە دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ ئىلمىي يولىغا قەدەم قويىۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىدى. فرېئۇد، ئۆز ئەمەلىي تەجرىبىسى ئاساسىدا پلاتوننىڭ چۈشەنچە نەزىرىيىسىنىڭ ئەسلىمە قائىدىسىنىڭ خىيالى ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىپ، خىيال سۈرۈشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرىدىن بىرسىگە ئايلاندۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يەنە، بۇ نەزەرىيىنى يېپيېڭى مەزمۇنلار بىلەن يېڭىلاپ چىقىدۇ. يەنى بۇ قائىدىگە بالىلىق دەۋردىكى پۈتكۈل ۋەقەلىكلەر مەزمۇنىنىمۇ ئەسلەپ ئوتتۇرغا چىقىرىشنى قوشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پلاتوننىڭ ”قايتا ئېسىگە كەلتۈرۈش“ دېگىنى ئۇنىڭ تەرىپلىشىدىكى خىيالى ماھىيىتىنى يوقىتىپ، پۈتۈنلەي فرېئۇدنىڭ ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان ئىلمىي روھىي ئانالىز تەلىماتىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن پلاتوننىڭ ئۇيدۇرۇلغان خىيالى تەسۋىر دېگەن قاراشلىرى فرېئۇدنى روھى دۇنياسىدىكى ئەسلەش دېگىنىنىڭ رولىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇبالىغىلەشتۈرىۋېتىش خاتالىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ ئەسلىمە جەريانىدىكى ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدىغان رولىغا سەل قاراشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1873-يىلىدىن 1881-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، فرېئۇد، ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىشى ئۈچۈن بىلىم ئاساسى تىكلەپ بېرىدىغان بىر دەۋر ئىدى. ئۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بىئولوگىيە، مىدىتسىنا، پاتولوگىيە، ئوپىراتسىيە قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆگۈنۈشكە سەرىپ قىلىدۇ. فرېئۇد بۇ جەرياندا نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشكەن ئىدى. بۇ جەرياندا، برۇك، كلاۋس ئىككىسىدىن باشقا يەنە داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بېرلوس، تېرە كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ھېربۇلا، كۆز بۆلۈم مۇتەخەسسىسى ئالىرد قاتاردىكى ئالىملار بىلەن تونۇشىدۇ. بۇ كىشىلەر، دۇنياۋىي شەھرەتكە ئىگە ئالىم ۋە دوختۇرلاردىن ھېسابلىناتتى. فرېئۇد، ئۇلاردىن بەكلا كۆپ قىممەتلىك بىلىملەرنى ئېلىپ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىشنىڭ توغرا يولىنى ئۆگۈنىۋالىدۇ.51
روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى
1881-يىلى مارتتا، فرېئۇد ئاخىرقى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ئۇ ئىمتىھان ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتا بەك كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلمايتتى. چۇنكى ئۇ، ئادەتتە ھەر بىر دەرس مەزمۇنىنى ئىزچىل تۈردە پۇختا ئىگەللەپ ماڭىدىغان بىرسى بولغاچقا، ھېچ بىر دەرس ئىمتىھانىنى قارىسىغىلا بېرىپ چىقىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ، ھەر قانداق بىر دەرسنى مەيلى خالىسۇن-خالىمىسۇن، مۇتلەق تۈردە پۈتۈن زىھنى بىلەن بېرىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭاتتى. شۇڭا ئۇ، تا ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقىۋاتقان مەزگىلىدىكى ھەر بىر دەرس نەتىجىلىرىنى ئەسلىيەلەيتتى. مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كونا بىناسى بولغان بارۇك پاسونىدا سېلىنغان بىنادا ئۆتكۈزۈلىدۇ. فرېئۇدنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەمدە ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى دوستلىرىدىن رىچارد فروس قاتارلىق كىشىلەر مۇراسىمغا كېلىدۇ.
فرېئۇد ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىدىتسىنا باكلاۋىرلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇنچە بەك ۋاي دېگىدەك نەتىجە ھېسابلىنىپ كەتمەيتتى. ھاياتلىق يولى تېخى ئۇزۇن ئىدى. شۇڭا پات يېقىندا تۇرمۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئېغىر يۈكى بىراقلا كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغانلىقى مۇقەررەر ئىدى. 25 ياشلىق فرېئۇد، ئاللا بۇرۇنلا كەلگۈسى تەغدىرى ئۈچۈن روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغان ئىدى.
تۆتىنچى بۆلۈم
مۇھەببەتلىشىش ۋە توي قىلىش
فرېئۇدنى چۈشەنمەيدىغان بەزى كىشىلەر، فرېئۇدقا ئوخشاش بۇنداق جىنىسىي پائالىيەت روھىي دۇنياسىنى تەتقىق قىلغان بىرسىگە چوقۇم ئەسەبىي شەھۋەتپەرەس ياكى قىزلارنىڭ پېشىدىلا يۈرىدىغان بىر مۇتەھەم دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەسلىدە، ئۇ سۆيگۈ بىلەن نىكاھلىق ئائىلە تۇرمۇشىغا ئىزچىل تۈردە قاتتىق سادىق ۋە قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلگەن بىرسى ئىدى. مۇھەببەت، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىۋىدۇر. بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە تۇتقان مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن مىجەز-خاراكتېرىغا ھۆكۈم چىقىرالىشىمىز مۇمكىن. بىز تۆۋەندە، فرېئۇدنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھلىق ئائىلە تۇرمۇش كەچۈرمىش سەرگۈزەشتلىرىدىن مۇنازىرىسىز تۈردە ئۇنىڭ ئالىيجاناب بىرسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە نىكاھقا بولغان مۇئامىلىسىمۇ خۇددى ئىلمىي ئىشلىرىغا ئوخشاشلا سەمىمىي سادىق، قاتتىق ئەستايىدىل بىرسى ئىكەن دەيدىغان تەسىرات بېرەتتى.52
كىشىلىك تۇرمۇشتا، ھېچ بىر ئىش مۇھەببەتكە ئوخشاش بىرەر ئادەمنىڭ قەلبىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئەخلاقى ماھىيىتىنى سىنىيالايدىغان بىر سىناق بولالمايدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى، ھەر بىر ئېغىز گېپىنى مۇھەببەت ساھەسىدەك ئۇنداق جانلىق ۋە چوڭقۇر سۆرەتلەپ بېرەلەيدىغان، بىر ئادەمنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى مۇھەببەت ۋاقتىدىكىدەك ئۇنداق قىلچە قالدۇرماي ئاشكارە ئوتتۇرغا چىقىرىپ بېرەلمەيدۇ.
فرېئۇدمۇ خۇددى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرگە ئوخشاش ساپ مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈنىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان بىرى ئىدى. گەرچە ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك ھاياتىدا باشقىلارغا ئوخشاش مۇرەككەپ ھېسسىياتلار، ئەگرى-توقاي جەريانلارمۇ بولۇپ تۇرغان، خۇددى شېكىسپىيېرنىڭ «رومىئو بىلەن جولېتتا» سىدا تەسۋىرلەنگىنىدەك ئەڭ ئەقىللىق ئەسەبىيلىك، جىدەل-ماجرالىق سۆيگۈ، قىزغىن ئۆچمەنلىك، رېتىملىق قالايماقانچىلىق، پارلاق تۇتۇقلۇق، زىمىستان يالقۇن، مەڭگۈ ئۇيغاق ئۇيقىلار، تىكەنلىك تاتلىقلىق قاتارىدىكى بىر-بىرىگە تۈپتىن زىت تۇيغىلار ئىچىدە ياشىغان مۇھەببەتلىك ھايات ئىچىدىمۇ فرېئۇدنى يەنىلا سەمىمىي سادىق مۇھەببەت ئادىمى دېيىش مۇمكىن.
كىشىلەر، فرېئۇدنىڭ مۇھەببەت ھاياتىنىڭ سىرلىرىنى تا 1951-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى، فرېئۇد بىلەن ئايالىنىڭ ۋاپاتىدىن خېلى كېيىنكى بىر مەزگىلدىلا ئۇلارنىڭ بىر دۆۋە ئاشق مەكتۈپلىرىدىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدى.
فرېئۇد، سۆيگۈنىگە جەمئىي 900 پارچىدىن ئارتۇق خەت يازغان. ئۇ ئىككىسى چاي ئىچىرىشتىن توي قىلغىچە بولغان 4 يىل 3 ئاي ئىچىدە نەق 3 يىل ئايرىم تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ جەرياندىكى بىر ئادەتلەنگەن ئىشى، ھەر كۈنى دېگىدەك بىر-بىرسىگە خەت يېزىش بولۇپ، ئارىلاپ 2~3 كۈن خەت ئۈزۈلۈپ قالغىدەك بولسىلا ئۇ ئىككىسى چىدىيالمايلا قالاتتى. فرېئۇدقا ئوبېكتىۋىدىن ھەر قېتىم خەت كەلمەي قالسىلا دوستلىرى ئۇنى شاڭخو قىلىپ، سىلەر راستىنلا پۈتۈشكەنمىدىڭلار دەپ جېنىغا تېگەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار بەزىدە ھەتتا كۈنىگە 2~3 پارچىدىنمۇ خەت يېزىشىپ كېتەتتى.53 ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ خەت يېزىشىشىغا قارىماي، بەرىبىر قەلبىدىكى ھېسسىياتلىرىنى تولۇق ئىپىدىلىشەلمەي يۈرەكلىرى يېنىپ كېتەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ يېزىشقان ھەر بىر خېتى بىر-بىرىگە دېيىشىپ بولالمايۋاتقان بەكلا كۆپ كۆڭۈل سۆزى باردەك بەكلا ئۇزۇن يېزىلاتتى. 4 بەتلىك خەتلەر ئۇلار ئۈچۈن بەكلا قىسقا ھېسابلىناتتى. بەزىدە، ئۇلار يازغان خەتلەر ئىجىر-مىجىر بەكلا ئۇششاق خەتلەر بىلەن 12 ۋاراقتىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمۇ بولغان ئىدى. ھەتتا بىر قېتىمىدا 22 ۋاراققا يەتكەن.
فرېئۇدنىڭ مارتا بىلەن يېزىشقان مۇھەببەت خەتلىرى ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى ھەقىقىي ھېسسىياتلىرىنىڭ قەغەز يۈزىگە تۆكۈلىشى ئىدى. بۇ خەتلەردە ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئەگرى-توقاي ھېسسىياتلىرى — قاتتىق خۇشاللىقنىڭ يوقۇرى پەللىسىدىن تارتىپ ئۈمىدسىزلىنىپ چوڭقۇر ھاڭ ئىچىگە تاشلىنىپ كەتكەندەك، مۇز تاغلىق قىيالىقلاردىن خىيالى كائىناتتا ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېسسىياتلار ئىپادىلىنەتتى. قىسقىسى، ھەر خىل خوشاللىق ۋە خاپىلىقلار ئۇلاردا تولۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. بۇ جەرياندا، بىرلا مەقسەت، ھەقىقىي مۇھەببەت ئارزۇسى ئىپادىلىنەتتى.
مارتا دېگەن بۇ قىز فرېئۇدنىڭ شۇنچە ياخشى كۆرۈشىگە، ئۇنىڭ ئىشقىدا شۇنچە پۇچۇلىشىغا سەۋەب بولغىدەك ئەسلى قانداق بىر قىز بولغىيتتى؟
مارتا پانارس، بەكلا گۈزەل يەھۇدىي قىزى ئىدى. 1861-يىلى 26-ئىيۇلدا ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇپ دۇنياغا كەلگەن ئىدى. بۇ قىز، فرېئۇدتىن توپ-توغرا 5 ياش كىچىك ئىدى. ئۇنىڭ بوۋىسى ئىساق پانارس، ئەنئەنىۋىي يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر رۇھانىسى ئىدى. 1848-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە جەمىيەتتە ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلگىنىدە ئۇلار گېرمانىيىنىڭ خامبۇرگ شەھىرىدە يەھۇدىي چوڭ رۇھانىسى بولۇپ يۈرەتتى. ئۇ ئەنئەنىگە سادىق، ئىسلاھاتچىلىققا قارشى بىر دىنى ئادەم ئىدى. روشەنكى، بۇ ئادەم ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق مۇتەئەسسىپ بىرسى بولغاچقا، ئىنقىلاپقا قاتتىق ئۆچ ئىدى. ئۇ، ئىسلاھاتچىلىق نەچچە مىڭ يىل ئاۋاللا بېكىتىۋېتىلگەن دىنىي ئەھكاملار بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تەھدىتكە سالىدىغانلىقىدىن بەكلا قورقاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت دېمەك، ھايات دېمەكلىك ئىدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەنە ئىنقىلابىي شائىر خاھن بىلەن زىچ ئالاقىسى بار بىرى ئىدى. خاھن خەتلىرىدە قايتا-قايتا ئىساق پانارس ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇنى تەپەككۈرگە باي ئادەم دەپ قارايتتى. روشەنكى، ياشانغان پانارس ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك بىرى ئىدى. گېرمانىيە دائىرىلىرى خاھنغا زىيانكەشلىك قىلغان ۋاقتىدا، باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئىساق پانارسنىڭ بىر ئىنىسى پارىژدا قۇرغان «ئالغا» گېزىتىدە خاھننىڭ بىر شىئېرىنى باسقان ئىدى.54 خاھن بۇ تەھرىرگە يازغان خېتىدە شۇ كۈنلەردە پارىژدا سۈرگۈندە يۈرگەن كارل ماركسقا سالام بېرىشىنى ئۆتۈنگەن. ئىساق پانارسنىڭ بىر ئوغلى — مىكائىلمۇ بىر بىلىملىك يەھۇدىي ئىدى. مىخائىل كېيىنچە مىيۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېمىس تىلى پروفېسسورلۇقىنى قىلىدۇ. كېيىن يەنە گېرمان باۋارىيە پادىشاھىنىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىلىكىنى قىلىدۇ. مىكائىل دېگەن بۇ كىشى گيوتى ھەققىدە بىر ئەسەر يازىدۇ. مىكائىلنىڭ يەنە ئىككى ئىنىسى بار بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى ياكوب، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى بولسا پالمان ئىدى. پالمان دېگىنى دەل مارتانىڭ دادىسى ئىدى.
ياكوپمۇ خۇددى مىكائىلغا ئوخشاش پروفېسسور بولغان، ھەيدېربېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدە لاتىن تىلى ۋە گرىك تىلىدىن دەرس بېرەتتى. مارتانىڭ دادىسى بىر سودىگەر ئىدى. ئەمما ئۇ يەھۇدىي دىنىغا بەكلا پۇختا ھەمدە بىلىملىك بىرى ئىدى.
مارتا ئائىلىسى 1869-يىلى خامبورگتىن ۋيېنناغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا مارتا ئەندىلا 8 ياشقا كىرگەن ئىدى. مارتا ئانىسىنىڭ خامبۇرگدىن ئايرىلىش ۋاقتىدىكى كۆڭلى يېرىملىقىنى بەكلا ئېنىق ئەسلەيتتى. شۇ چەغدا ئانىسى بىر تەرەپتىن تاماق ئەتكەچ بىر تەرەپتىن يىغلايتتى. كۆزىدىن تۆكۈلگەن مۇنچاقتەك ياش پىلىتە ئۈستىگە تامچىپ پىژ-پىژ ئاۋاز چىقارغانلىقىنى ھېلى ھەم ئۇنۇتمىغان ئىدى.
ۋيېنناغا كەلگەندىن كېيىن دادىسى ئاۋسترىيىنىڭ مەشھۇر ئىختىساتشۇناسى لوۋرىنس فون ستېيىننىڭ كاتىپلىقىنى قىلىدۇ. 1879-يىلى دېكابىرنى 9-كۈنى، مارتانىڭ دادىسى تۇيۇقسىزلا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ يولدا كېتىۋېتىپلا يېقىلىپ چۈشۈپ جان ئۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى، يەنى مارتانىڭ ئاكىسى ئەيلى دادىسىنىڭ كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى يەنە نۇرغۇن يىل داۋاملاشتۇرىدۇ.
مارتا، ئۇماق، زىلۋا بىر قىز ئىدى. بۇ قىز ھەقىقەتەنمۇ قېدىمقى داستانلاردا تەسۋىرلەنگەن گۈزەل قىزلاردەك چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭ گۈزەل قىياپىتى نۇرغۇن يىگىتلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. بەكلا كۆپ يىگىت ئۇنىڭغا قەلبىنى بايان قىلىپ قىزغىن مۇھەببەت خەتلىرى يېزىشقان، ئۇنداق ۋاقىتلاردا فرېئۇدمۇ ئوتقا چۈشكەن پەرۋانىدەك پۇچۇلاتتى. گەرچە فرېئۇدنىڭ يازغان مۇھەببەت خەتلىرىدە مارتا بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇنقى مۇھەببەتلىك ئىشق جەريانلىرى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، مارتانىڭ كېيىن دېگەنلىرىدىن قارىغاندا، فرېئۇد ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇشتىن بۇرۇن، مارتا ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بولغان بىر سودىگەر، يۇگور كادس بىلەن پۈتۈشۈشكە قىل قالغان ئىكەن. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇنىڭ ئاكىسى بۇ ئىشنى توساپ قويغانىكەن. ئاكىسى ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئاساسى بولمىغان بىر توي، ھېچقاچان بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ دېگەن.55
مارتانىڭ كۆرۈنۈشى ھەققىدە باھا بەرگەن فرېئۇد، ئۇنىڭغا سىز بەلكىم بىرەر رەسسامنىڭ ئالدىدا ياكى بىرەر ھەيكەلتاراشنىڭ ئالدىدا ئۇنچە بەك گۈزەل ھېسابلانماسلىقىز مۇمكىن؛ ئەگەر سىز مەندىن ئەستايىدىل ۋە ئېنىق سۆلەر بىلەن باھا بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنداق ئېيتىمەنكى، سىز ئۇنچە ۋاي دېگىدەك چىرايلىقمۇ ئەمەسسىز، دەپ قىلچە يۇشۇرماي كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە مەن خاتالاشقان بولىمەن. مەن سىزنى خەستەڭگە ماختاپ ئۇچۇرۇش نىيىتىم يوق. ئەسلىدە، مەنمۇ ئۇنداق قۇرۇق ماختايدىغانلاردىنمۇ ئەمەسمەن. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، سىز ئۆز قىياپىتىڭىز بىلەن تەتبىئىي كۆرۈنگەن ۋاقتىڭىزدا ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق بىر قىزسىز. سىزنىڭ كۆرۈنۈشىڭىز، سىزدىكى ئۇماقلىقنى، نازاكەتنى ۋە ئەقىلىڭىزنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرمەكتە، مەن ئادەتتە كۆرۈنۈشتىكى گۈزەللىككە ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىدىغان بىرسى ئەمەسمەن. ئەمما شۇنىمۇ يوشۇرماي دىيەلەيمەنكى، بەكلا كۆپ كىشى سىزنى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا چىرايلىق دېيىشىدۇ. شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ يازغان خېتىدە ”شۇنى ئۇنۇتماڭكى، گۈزەللىك، ئاران بىر قانچە يىللا داۋاملىشالايدىغان بىر ئەۋزەللىك. ئەمما بىز بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىشىمىز كېرەك. ئەگەر ياشلىق باھىرىمىزنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى قالمىغاندا، بىزدىكى بىردىن-بىر گۈزەللىك قەلبىمىزدە ساقلانغان ساپلىق ۋە چۈشەنچىلىرىمىز بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ، سىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەۋزەللىك.“
مارتانى ئۇنچە بەك بىلىمى بار بىرسى دېيىشكىمۇ بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ قىز ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئەقىللىق بىر قىز ئىدى. ئۇ فرېئۇد بىلەن بىرگە ياشىغان يىللار ئىچىدە كۈندىلىك تۇرمۇش ئىشلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن دېققىتىنى تارتىپ كەتكەن بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭدىكى ئەقىللىقلىق ھەر دائىم نامايەندە بولۇپمۇ تۇراتتى.
مارتانىڭ ئاكىسى ئەيلى، 1883-يىلى 14-ئۆكتەبىردە فرېئۇدنىڭ چوڭ سىڭلىسى ئاننا بىلەن توي قىلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر، ئەلىي بىلەن ئاننا ئىككىسى فرېئۇدنىڭ چاي ئىچىرىشىدىن بۇرۇن پۈتۈشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇ ئارقىلىق گويا فرېئۇد مارتا بىلەن ئەلىينىڭ چېيىدىن كېيىن تونۇشقان دېگەن بىر ئۇقۇم ياراتماقچى بولىشىدۇ. ئەسلىدە فرېئۇد مارتا بىلەن 1882-يىلى 17-ئىيۇل كۈنى چاي ئىچىرىشكەن بولۇپ، ئەلىينىڭكىدىن يېرىم يىلدەك بۇرۇن بولغان ئىش ئىدى.
1892-يىلى ئافرېلنىڭ بىر ئاخشىمى، مارتا، بەلكىم سىڭلىسى مىننا بىلەن بىرلىكتە فرېئۇدلار ئائىلىسىگە زىيارەتكە كەلگەن. ئادەتتە فرېئۇد ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقىنىدىن كېيىن داۋاملىق ئۆز تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىناتتى.56 شۇڭا ئۇ، مېھمانخانا ئۆيدە مېھمان بار-يوقلىقىغا پەقەتلا دىققەت قىلمايتتى. ئەمما بۇ قېتىم، فرېئۇد مېھمانخانىدا دەستىخان ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئالما ئاخلىغاچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن چىرايلىق شوخ بىر قىزنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مەستانە بولۇپ قالىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىپ، فرېئۇد كىرىپ سۆھبەتكە قوشۇلىدۇ. قارىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ بىر قېتىملىق ئۇچرىشىلا ئۇلارنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلىگەندەك قىلاتتى. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇلار ئىككىسىنىڭ بەخىتلىك مۇھەببىتى شۇ تۇنجى كۆز ئېتىشقىنىدىن باشلاپ تەبىئىلا داۋاملىشىپ كېتىدۇ. ئەمما، فرېئۇد ئۇ قىز بىلەن تونۇشقان دەسلەپكى ھەپتىلەردە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتتە بەكلا خام ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرۈپلا قويىدۇ. ھەتتا ھەرىكەتلىرىمۇ بەكلا قولاشماي قالىدۇ. بۇ قىزنى ئۇدۇل بېرىپ كەينىگە كىرىۋېلىشقا پېتىنالمايتتى. ئەمما ئۇزۇنغا قالمايلا كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە قانداقتۇ بىر تۈرلۈك كۈچلۈك روھى بېسىمغا دۈچ كېلىپ، چىدىغۇسىز ھېسسىياتلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ قالىدۇ. ”بۇنداق بىر قىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى كۆرمىسەم قەتئى چىيالماس ھالغا كەلگەن ئىدىم.“ شۇنداق قىلىپ ئۇ كونا قائىدە يۇسۇنلارنىڭ توسىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئېلان قىلىش غەيرىتىگە كېلىدۇ. ئۇ قىزغا ھەر كۈنى بىر تۇتام ئەتتىر گۈل سوۋغات قىلىدىغان، ھەمدە گۈل ئارىسىغا بىر تال كارتۇشكىمۇ قىستۇرۇپ قوياتتى. ئۇ، كارتۇشكىغا لاتىنچە، ئىسپانچە، ئېنگىلىزچە ياكى نېمىسچە قىلىپ قەلىبىدىكى گەپلەرنى ياكى ئەقىلىيە سۆزلىرىنى يېزىپ قوياتتى. ئۇ كېيىن شۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ كېلىپ، بىر قېتىم ئۇ قىزنى سېغىنىپ ئاغزىدا ئەتتىرگۈل بىلەن ئۈنچە مارجان چىشلەپ كېلىدىغان بىر پەرى مەلىكىگە ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇندىن باشلاپ، فرېئۇد بۇ قىزنى ”مەلىكەم“ دەپ ئاتايدىغان بولىۋالىدۇ.
1882-يىلى ماينىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئۇ ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ ۋيېننانىڭ قېدىمىي قەلئەسى كارۇنبېرگكە قاراپ ماڭىدۇ. بۇ مېڭىش ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق شەخسى سۆھبەتلىشىشى ئىدى. فرېئۇد شۇ كۈنكى كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئۇ قىزنىڭ ئۆزىدىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا سۇنغان فېكۇس يۇپۇرمىقىنى ئېلىشتىن تارتىنىپ يۈرگىنىنى يازىدۇ. ئۇ خاتىرىسىگە، ئۆزىنىڭمۇ بۇ قىزغا ئوخشاش قېچىپ يۈرەلىشىم مۇمكىنمۇ دەپ يازىدۇ. شۇندىن باشلاپ، فرېئۇد فېكىۇس دەرىخىگە ئۆچ بولۇپ قالغان. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە مارتا ۋە ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە كوچىدا سەيلى قىلىدۇ. ئۇ مارتادىن بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى سورايدۇ. مارتا ئۆيىگە قايتىپ سىڭلىسى مىنناغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ سورايدۇ: ”سېنىڭچە قانداق؟“ ئەمما ئۇنىڭ ئالغان جاۋابى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر جاۋاب بولىدۇ: ”بىزگە بۇنچە قىزىققىنى ئۈچۈن ئۇ دوختۇرغا رەخمەت.“57
8-ئىيۇن كۈنى، فرېئۇد، قىزنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى ماكس ۋېلنىڭ تەرىپىنى قىلىپ تۇرىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىر قەدەم كەينىدە قالدىممۇ قانداق دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ئىككى كۈندىن كېيىن مارتا ئۇنىڭغا ئەكىلىگىنىچە ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بىرلا تەرەپنىڭ قىزغىنلىقىدىن كېلىۋاتقان مۇناسىۋەت ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چاغدا، فرېئۇد قايتا ئۈمىدلىنىپ قالىدۇ. ئىككىنچى كۈنى مارتا ئۇنىڭغا ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان تورت ئاپىرىدۇ. ئۈستىدە ”مارتا پانارس“ دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى. ئۇ تورتنى ئېلىپ يولغا چىقاي دەپ تۇرغىنىدا فرېئۇد ئىۋەرتكەن سوغات — دىكنسنىڭ رومانى «داۋىد كوپفرېد» نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ تورت ئۈستىگە رەخمەت دېگەن سۆزنىمۇ قوشۇپ قويىدۇ. يەنە ئىككى كۈن ئۆتكەندە، يەنى 13-ئىيۇن كۈنى مارتا فرېئۇدنىڭ ئۆيىگە تاماققا بارىدۇ. فرېئۇد مارتانىڭ كارتۇشكىسىنى خاتىرە قىلىپ ساقلىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن مارتا بەكلا يايراپ كېتىدۇ. ئاستا قولىنى ئۇزارتىپ دەستىخان ئاستىدا ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ قويىدۇ. ئۇلار ئىككىسىنىڭ كۆز ئوينىتىشلىرىنى فرېئۇد ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىلا سېزىپ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت باشقىلاتىن يالقۇنجاپ كېتىدۇ. شۇ ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى، ئۇلار توي قىلىشقا ۋەدىلىشىپ قويىدۇ.
مارتا، شەنبە كۈنى فرېئۇدقا بىر ئۈزۈك سوۋغا قىلىدۇ. بۇ ئۈزۈك مارتانىڭ ئاپىسىغا ئاتىسى تەرىپىدىن قولىغا سېلىپ قويغان ئۈزۈك ئىدى. فرېئۇدمۇ بۇ ئۈزۈك نۇسخىسىدا بىر ئۈزۈك سوقتۇرۇپ مارتاغا سوۋغا قىلىدۇ.
ئۇلارنىڭ چاي ئىچىرۈش مۇراسىمى 17-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. فرېئۇد بىلەن مارتا ئىككىسى بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ بۇ كۈننى خېلى يىللارغىچە ئۇنۇتماي ھەر ئاينىڭ 17-چىسلا كۈنى كەلگەندە بىر-بىرىنى تەبرىكلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئىككىسى تونۇشقان كۈندىن باشلاپ فرېئۇدنىڭ مىجەزى مارتاغا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ فرېئۇد خوشال بولغان ۋاقىتلىرىدا مارتا ئۇنى دادىسىغىلا ئوخشىتاتتى.
مارتانىڭ فرېئۇدقا يازغان خەتلىرىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، مارتا شۇ كۈنىدىن ئىتىبارەن فرېئۇدنى رەسمىلا ياخشى كۆرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما فرېئۇد يەنە خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچىلا ئۇنىڭ ھەقىقى ھېسسىياتىدىن گۇمانلىنىپ يۈرىدۇ. فرېئۇد ئۇنىىڭدىن رەنجىپ، سىز مېنى مەن ياخشى كۆرگىنىمدىن كېيىن 9 ئاي ئۆتكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي كۆڭلىڭىزنى بەردىڭىز دەيدۇ. فرېئۇدنىڭ بۇنداق دەپ ئەيىپلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق ئىدى. كېيىن، فرېئۇدنىڭ ئۆزىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىزلار ئوغۇللار ئاشق بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىلا ئاندىن سۆيگۈ شەكىللىنىدۇ دەيدۇ.58
فرېئۇد سۆيگەن كىشىسى ئۈستىدە ھەرگىز ياخشى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى. فرېئۇدنىڭ ھېسسىياتى يەنىلا بىر تۈرلۈك ھەقىقەتەنمۇ ئاچكۆزلەرچە ياخشى كۆرۈش ھېسابلىناتتى. بۇ قېتىم ئۇ ياخشى كۆرۈش دېگەن ھادىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك كۈچ- قۇدرىتىنى بىۋاستە تېتىيدۇ. مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن ئاچچىق-تاتلىقىنى، خوشاللىق-خاپىلىقىنى تولۇق ھېس قىلىدۇ. مۇھەببەت دېگەن بۇ ھادىسە، ھەقىقەتەنمۇ ماگنىتتەك ئۇنىڭ قەلبىدىكى بارلىق قىزغىنلىقىنى تارتىپ چىققان، ئۇنى ھاياجانغا سالغان ئىدى. خۇددى شېكىسپيېرنىڭ «تومۇز كېچىسىدىكى چۈش» دېگەن ئەسىرىدە ئېيتىلغاندەك، ”ھەقىقىي مۇھەببەت يولى ھەر دائىم ئەگرى-توقاي بولىدۇ؛ گەرچە ھەر ئىككىلا تەرەپ كېلىشەلىسىمۇ يەنىلا ھەر دائىم جىدەل-ماجىرالار، ئۆلۈم ياكى كېسەللىكلەرنىڭ زەربىسىگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ، سۆيگۈ، خۇددى ئاۋازغا ئوخشاش، بىر سايىگە ئوخشاش، بىر چۈشكە ئوخشاش، قاراڭغۇ كېچىدىكى ئۇشتۇمتۇت چاقنىغان چاقماققا ئوخشاش قىسقا بولۇپ، ئۇ ئەنە شۇنداق قىسقا بىر مومېنت ئىچىدىلا جەننەت بىلەن جەھەننەمنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ — مانا قارا دېيىشكىمۇ ئۆلگۈرەلمەي قاراڭغۇلۇق ئاللىمۇ قاچان ئاغزىنى ئېچىپ ئۇنى يۇتۇپ بولىشى مۇمكىن … چىن قەلبىدىن ياخشى كۆردىغانلارمۇ ھەر دائىم ئازاپ ئىچىدە قىينىلىدۇ، خۇددى تەقدىر پىشانىدەك؛ ئۇنداق بولسا قېنى ھەممەيلەن بۇنىڭغا چىدايلى؛ چۇنكى بۇ تۈر ئازابلىنىشلار ۋە تەسىراتلار، خىياللار، ئۈمىدسىزلىكلەر، ئارزۇ-ھەۋەسلەر ۋە ئاچچىق يىغلىتىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ بىچارە ئاشىقتا كام بولسا بولمايدىغان ئايرىلماس ھەمرالاردۇر.“ ئەگەر بىرەرسى چىقىپ مۇھەببەتنىڭ بۇ تۈر مۇرەككەپ ئىچكى سەرگۈزەشتىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بىرسىنى ئاختۇرۇپ يۈرگەن بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن فرېئۇد ئەڭ تىپىك ۋە ئەڭ لاياقەتلىك نامزات بولالايدۇ.
ئەمما فرېئۇد بىلەن مارتا ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىككى يەردە ياشايتتى. ئۇلار بىر-بىرى بىلەن خوشلىشىپ ئايرىلغان كۈنىسى، فرېئۇد ئۆزىنىڭ خىيالى بىر چۈش دۇنياسىدىن ئويغۇنۇپ قوپىدىغاندەك بەكلا ئەنسىرەپ يۈرىدۇ. چۇنكى ئۇ، بەخىتلىك مۇھەببەت ھېسسىياتى ئىچىگە چۆكىنىدىن بەك ئىشەنچ قىلىپ كېتەلمەيۋاتقان ئىدى. ئەمما ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، ئۇ پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولىدۇ: مارتا ئۇنىڭغا خەت يازغان بولۇپ، قاتتىق ھەۋەس بىلەن سۆيگۈنىنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى.
فرېئۇدنىڭ ھېسسىيات ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ مارتا بىلەن بولغان مۇنىسىۋىتىدە تولۇق ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.59 فرېئۇد، ھەممىدىن بەك يامان كۆرىدىغان ئىش ئېنىق بىلىنمەسلىك ۋە رىياللىقتىن قېچىش، بولۇپ، ھەممىدىن بەك كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىشقا ھەرگىز يول قويالمايتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇنىڭ مارتا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قەتئىي تۈردە تولۇق يۇغۇرۇلغان دەرىجىگە يەتكەن بولىشى، ئوتتۇرلۇقتا ھېچبىر ئارلاشما بولماسلىقى ۋە ئېنىق بولىشىنى تەلەپ قىلاتتى. شۇنىڭدەك ئۇ مارتا بىلەن بولغان مۇھەببەت ھاياتىنىڭ مۇتلەق ساپ باسقۇچقا يەتكەن بولىشىنى، مارتادىمۇ قىلچە گۇمانلىق گەپ-سۆز كۆرۈلمەسلىكىنى تەلەپ قىلاتتى. فرېئۇدنىڭ بۇ خىل مىجەزى ئىلمىي تەتقىقاتتىكى كەسكىن ئېنىق بولۇش، قىلچىمۇ گۇمان قالدۇرماسلىق دەيدىغان ئىلمىي ئۇسۇلنىڭ مىجەزىدىكى ئۇزانتىسى دېگەندىن كۆرە، ئۇنىڭ كىتابخالتىسى مىجەزىدىن كەلگەن دېگەن تۈزۈك.
گەرچە مارتامۇ نازۇك ۋە سىلىق بىر قىز ھېسابلانسىمۇ، بەرىبىر كۈچلۈك غۇرۇرلۇق قىز بولۇپ، ئۇنداق نېمىلا دېسە ماقۇل دەپ تۇرىدىغان قۇل مىجەز بىرسى ئەمەس ئىدى. شۇڭا، مارتا بىلەن فرېئۇد ئارىسىدا پات-پاتلا كىلىشەلمەي تالاش-تارتىشلار كۆرۈلۈپ تۇراتتى. ئەمما ئۇلار ئايرىلىپ بىرەر ھەپتىگىمۇ قالماي، فرېئۇد بەكلا رومانتىك تەلەپلەر كۆرۈلۈپ پەقەتلا رىيال بولمىغان تەلەپلەرنى قويۇشقا باشلايدۇ. يەنى ئۇ مارتانى كاللىسىدا لايىھىلىگەن قېلىپقا چۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. ئەمما رىياللىق بەرىبىر ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولىۋەرمەيدۇ-دە. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى كېلىشەلمەسلىكلەرنىڭ مەنبەسى ئاساسلىقى فرېئۇدنىڭ ئەمەلىيەتكە باقمىغان سوبىكتىپ خىياللاردا بولىشىدىن كېلىپ چىققان جىدەللەر ئىدى.
بۇ جەرياندا ئەڭ چوڭ مەسىلە ماشانىڭ نەۋرە ئاكىسى ماكس مايېر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن كەلمەكتە ئىدى. مارتا فرېئۇد بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن، ھەقىقەتەنمۇ ماكس مايېرنى تاللىساممۇ قانداق دېگەن ئويى بولغان ئىدى. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىلا فرېئۇدنىڭ قىزغانچۇقلۇق قىلىپ كۈنلەمچىلىك قىلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە فرېئۇدنىڭ سىڭىللىرىدىن بىرسىمۇ ئۇنى ئېچىتماقچى بولۇپمۇ ياكى باشقا بىرەر غەرىزىمۇ بارمۇ قانداق، فرېئۇدقا ماشا ماكسنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن نوتىغا ئېلىپ بەرگەن مۇزىكىسى بىلەن ناخشىسىنى ئېيتىشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى دەپ ئۇنىڭ جان-پېنىنى چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ فرېئۇد خۇددى چوغقا دېسسەپ تۇرغان بىرسىدەك پەقەتلا خاتىرجەم بولالماي قىلمىغان خىياللارنى قىلىپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماكسمۇ فرېئۇدنىڭ جېنىغا تىگەتتى: مارتا ئاللىبۇرۇن مۇھەببەت ئىستەپ يۈرەتتى، ئۇنىڭ خىيالى ئۆزىگە ئەڭ لايىق بىر ئەر بولىدىغان بىرسىنى ئاختۇرۇپ يۈرەتتى دەپ ئۇنى تېخىمۇ جىم قويمايدۇ. شۇنداق قىلىپ فرېئۇد گويا تۇنۇرغا چۈشۈپ قالغاندەك پىتىراپلا كېتىدۇ.
فرېئۇد باشقىلاردىن بەكىرەك غەم يەيدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ مارتاغا يازغان خەتلىرىدىن بىرىدە: ”دۇنيادا مېنىڭدىنمۇ بەكىرەك تەلۋە بىرسى بارمىدۇ؟ ئەسلىدە سىز ئۇنچىۋالامۇ چىرايلىق بىرى ئەمەسسىز، شۇنىڭغا قارىماي ئەڭ سۆيگەن بىرسىنىڭ قەلبىنى ئۆزىڭىزگە پۈتۈنلەي مەپتۇن قىلىۋالالىدىڭىز.60 شۇنىڭغا قارىماي بىر ھەپتە بولمايلا مېنى قىزغانچۇقلىق قىلىپ مېنى ئازاپلاۋاتىسىز دەپ بەكلا ئەيىپلەپ كېتىۋاتىسىز. … مەن بۈگۈن مارتا دېگەن بىر قىز مېنى ياخشى كۆرگەن بولسا مە يەنە ماكس مايېر دېگەن بىرسىدىن ياكى بىر قوشۇن بولۇپ ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان بۇنداق مايېرلەردىن قورقۇپ قالامدىكەنمەن؟ … مانا بۇ مېنىڭ مۇھەببەتلىشىشىمدىكى دۆتلۈكۈمدىن كېلىۋاتقان ئۆزەمگە ئۆزەم بالا تېپىۋېلىش ئالاھىدىلىكىمنى … مانا بۈگۈن ئۆزەمدىكى ئەنە شۇ سۆيگۈ كېسىلىنى خۇددى بىر بىماردەك ۋۇجۇدۇمدىن قېقىپ تازىلىماقتىمەن. … مەن ماكسقا بولغان ئۇنداق تۇيغۇلىرىمىنى ئۆزمگە بولغان ئىشەنچىمنىڭ كاملىقىدىنلا كۆردۈم.“ بۇ گەپلەر فرېئۇدنىڭ ئۆزىچە بىكاردىن بىكارغىلا غەم يەپ كېتىشى ئۈستىدە ئۆزىنى بىلىپ قالغانلىقى ھەمدە ئۆز-ئۆزىنى تەھلىل قىلىشى دېيىش مۇمكىن. بۇنداق ئۆزىنى تونۇشى بىرلا ئىش ئۈستىدە ئوتتۇرغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ يەنىلا تىپىك بىر ئىش ئۈستىدە ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان ئۆزىنى تونۇش جەريانى، فرېئۇدنىڭ مۇھەببەت ھاياتىدا نەقەدەر ئەگرى-توقاي ئىچكى زىدىيەتلەر قاينىمىغا كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئۇ ھەر دائىم ئۆزىنى ئۆزى ئاۋارە قىلىپ بولۇپ، كەينىدىنلا يوقۇرىدىكى خەتتە ئېيتقىنىدەك قايتا ئۆز-ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۆزىنى ئۆزى تەنقىت قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭدىكى بۇ تۈر ئەىللىق، سوغۇققانلىق بەك ئۇزۇن داۋام قىلىپ كېتەلمەيتتى. تېزلا سۆيگۈ ھادىسىسىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلى بولغان كۈنلەش تەرىپىدىن تەۋرىنىپ قالاتتى. شۇڭا ئۇ قايتىدىن ئازاپ ئىچىگە پېتىپ قالاتتى. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي، ماكسنىڭ سايىسى ئورنىدا يەنە بىر كۈلەڭگە پەيدا بولۇپ فرېئۇدنىڭ ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ئېغىر قالايماقان قىلىۋېتىدۇ. بۇ كىشىمۇ فرېئۇدقا ناتۇنۇش بىرسى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بىر يېقىن دوستى بولغان فرىتز خال ئىدى. ماكس، ئەسلى بىر مۇزىكانت ئىدى. فرىتز بولسا بىر سەنئەتچى ئىدى. ئەمما ئەنە شۇ خىل ئالاھىدىلىكى فرېئۇدنى خاتىرجەم قىلالمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى ئىدى. فرېئۇد دائىم دېگىدەك ئۇلارنىڭ قىزلارنى قولغا چۈشۈرۈش ھۈنەرلىرى ھەققىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى خېلى كۆپ ئاڭلاپ كەلگەن ئىدى. بىر قېتىم، بىرسى ئۇنىڭغا فرىتز باشقا بىرسىنىڭ قىز دوستىنى ئالداپ يۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. فرېئۇد كېيىنكى ۋاقىتلاردا ”مېنىڭچە سەنئەتكارلار بىلەن ئۆزىنى ئىلىم-پەنگە ئاتىغان كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ئومۇمىي يۈزلۈك ھالدا بىر خىل دۈشمەنلىك بولىدىكەن. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، سەنئەتكارلاردا قىزلارنىڭ قەلبىنى ئاچالايدىغان بىر مۇنچە ئاچقۇچلىرى بولىدىكەن. ئەمما بىزدەك ئىلمىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئامالسىز سىھىرلىك ئاچقۇچ لايىھىلەيمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ ئۆزىلىرىنى قىيناپ يۈرىشىدىكەن.“ دەيدۇ.61
ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇنىڭ فرىتزغا قارىتا گۇمانخورلۇق قىلىشى ئارتۇقچە بىر ئىش ئىدى. فرىتز ئۇ كۈنلەردە مارتانىڭ بىر نەۋرە ھەدىسى بىلەن توي قىلىشىدىغانغا پۈتۈشۈپ بولغانلىقى ئۈچۈن، مارتانى ھەر دائىم ئاكىسى قاتارىدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. فرىتز بىلەن مارتا ئىككىسى بەكلا چىقىشىپ ئۆتەتتى. بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايلىنىپ كېلەتتى، ھەر دائىم ئۇنى ھەر تەرەپتىن رىغبەتلەندۈرۈپ يۈرەتتى. ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت پەقەتلا يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتلا بولۇپ، فرېئۇدنى ئەنسىرەتكىدەك ياكى ئۇنىڭ كۈنلىشىگە سەۋەب بولغىدەك بىرەر يېرى يوق ئىدى. مارتامۇ فرېئۇدنى ھەقىقەتەنمۇ ساداقەتلىك بىلەن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتى. ئۇ فرىتزنى پەقەت ئاكىسى ئورنىدىلا كۆرەتتى. شۇنىڭغا قارىماي، فرېئۇد ماشانى فرىتز بىلەن ئالاقەڭنى ئۈز دەپ قەتئىي چىڭ تۇرىۋالاتتى. بۇ سەۋەبتىن مارتا بىلەن فرىتزمۇ ئامال يوق بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى توختۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ، فرىتزمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ يۈرمەس بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى بۇ يارا خېلى ئۇزۇن داۋالانمىغىچە ئوڭشالمىغىدەك بىر يارا بولۇپ قالىدۇ. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، فرېئۇد بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلالمايدىغان ئازاپلىق كۈنلەر دەپ تەرىپلەيدۇ.
مارتا بىلەن فرېئۇد ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە مارتانىڭ ئاكىسى بىلەن ئاپىسىمۇ بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بەرگەن ئىدى.
مارتانىڭ ئاكىسى ئالى پانارس، مارتادىن بىرلا ياش چوڭ بولۇپ، ئەسلىدە فرېئۇدنىڭ بەكلا يېقىن دوستى ئىدى. ئۇ بەكلا قولى ئوچۇق مەرت بولۇپ، ھەر تۈرلۈك كىشىلەرگە ۋە ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن شۇنىڭغا ماس سوغاتلارنى بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىپ تۇراتتى. فرېئۇدمۇ ئەلى سوۋغا قىلغان ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خاتىرە كارتۇچكىسىنى ئەڭ قىممەتلىك خاتىرە بويۇم قاتارىدا ساقلاپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ سوۋغىسىنى خۇددى ئالاھىدە بىر بايلىقتەك قاراپ دوختۇرخانىدىكى ياتىقىدا كارىۋېتىنىڭ بېشىغا قاداپ قويغان ئىدى. ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ئاۋال، فرېئۇد بۇ دوستىنى بەكلا قەدىرلەيتتى.
ئەلى بۇ ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدا ھەممىدىن بەك ئىناۋەتلىك بىرسى ئىدى. ئۇ قابىلىيەتلىك بىر تىجارەتچىلا بولۇپ قالماي، يەنە ئىقتىساد توغرىسىدا بىر ژۇرنالمۇ چىقارغان ئىدى. 1879-يىلى، ئەلىينىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇ ئاپىسى بىلەن ئىككى سېڭلىسىنى ئۆز قولىدا بېقىپ چىقىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئالى، فرېئۇدنىڭ سىڭلىسى ئاننا بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، فرېئۇدلار ئائىلىسىگىمۇ نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇرمۇش قاراشلىرى فرېئۇدنىڭكىدەك ئۇنچىۋالا قاتتىق ئەمەس ئىدى. ئەمما فرېئۇد ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر بەكلا ئەتىۋارلاپ ئەكە قىلىپ چوڭ قىلغان بىر مىشچان دەپ قارايتتى.62
ئەسلىدە، فرېئۇدنىڭ ئالىي توغرىلىق بۇنداق قارىشى پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە قاراش ئىدى. ئالىي ھەقىقەتەنمۇ ئەقىللىيىگىت ئىدى.
1882-يىلى ئىيۇلدا، ئالىي بىلەن فرېئۇد ئىككىسى بىرگە تۇرىدىغان بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئالىي فرېئۇدقا بەكلا يېقىنچىلىق قىلىپ ئۇنىڭغا دوستانە مۇناسىۋەت قىلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوتتۇرلۇقتا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ئەينى ۋاقتىدا، فرېئۇدنىڭ ئەندىلا 16 ياشقا كىرگەن ئىنىسى ئالېكساندىرنى ئالىي خىزمىتىگە سالىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئالېكساندىر ئۆمۈر بويى شوغۇللىنىدىغان بىر كەسىپ بىلەن يېتىلدۈرۈپ چىقماقچى بولىدۇ. شۇ دەۋردىكى ئادەت بويىچە بىرەر ئىشقا شاگىرتلىققا كىرگەن بىرسى ئادەتتە ئىش ھەققى ئالماي ھەقسىز ئىشلەيتتى. ئەمما ئالېكساندېر ئىشقا چۈشۈپ 9 ھەپتىدىن كېيىن، فرېئۇد ئىنىسىگە ئالىيدىن ئىش ھەققى تەلەپ قىل دەيدۇ، ھەمدە، ئەگەر ئالىي ئەگەر بۇ تەلىبىڭگە ماقۇل كەلمىگىدەك ياكى ئىنچىقلىغىدەكلا بولىدىكەن، ئىشنى تاشلاپ قايتىپ چىق دەيدۇ. ئالىي ئۇنىڭغا ئىككى ئايدىن كېيىن مائاش بېرىشكە ماقۇل بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئالېكساندېرمۇ ئاكىسى فرېئۇدنىڭ گېپىگە كىرىپ ئالىينىڭ ئىشىدىن ئايرىلىپ يېنىپ چىقىۋالىدۇ. بۇ ئىش فرېئۇد بىلەن ئالىي ھەمدە كەلگۈسى قېيناپىسى بولىدىغان مارتانىڭ ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
فرېئۇد، ئالىي بىلەن زىتلىشىپ قالغاندىن كېيىن مارتالارنىڭ ئۆيىگە قەتئىي بارماس بولىۋالىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، فرېئۇد بىلەن مارتا كوچىلاردىلا ئۇچرىشىپ ئىككى ئايدەك ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدۇ. پەقەت بولمىغاندا فرېئۇدنىڭ ئادەم كۆپ ئۆيىدىلا كۆرۈشەلەيدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قاملاشمىغان ئۇچرىشىش قىيىنچىلىقى تا مايغىچە داۋام قىلىدۇ. ماينىڭ بىرىنچى كۈنىسى فرېئۇد دوختۇرخانىسىدا يالغۇز تۇرىدىغان ئۆي بولغىنىدىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش قىيىنچىلىقىمۇ تۆگەيدۇ. شۇندىن كېيىن، مارتا دائىم دېگىدەك فرېئۇدنىڭ ياتىقىغا بېرىپ تۇرىدىغان بولىدۇ.
مارتانىڭ ئاپىسى ئامىلىيە پانارسنىڭ ئاپا تەرەپ فامىلىسى فىلىپىپ بولۇپ، ئۇ 1830-يىلى تۇغۇلغان ئاجايىپ بىلىملىك بىر ئايال. ئۇنىڭ يۇرتى سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدا بولغاچقا، شىۋىتسىيە تىلىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلىيەلەيتتى. ئۇمۇ يولدىشىغا ئوخشاش ئەنئەنىۋىي يەھۇدىي دىنى قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بىرسى. شۇڭا ئۇ بالىلىرىنىمۇ يەھۇدىي دىنى قائىدىلىرىگە ساداقەتلىك، قائىدىغا قەتئىي بوي سۇنىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى. ئەمما فرېئۇد ئۇنداق نەرسىلەرگە پەقەتلا ئىشەنمەيدىغان بىرسى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ماشالار ئائىلىسى بىلەن كېلىشەلمەسلىكنىڭ ئەسلى سەۋەبى ئېتىقات جەھەتتە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى. فرېئۇد، بەكلا كەسكىن بىر تۈردە دىنى شەرىئەت قائىدىلىرىنى خۇراپىي قاراش دەپ قىلچە كۆڭۈل ئايىماي ئوچۇق ئېيتاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ دىنى خۇراپاتلارغا بەكلا ئۆچلۈك قىلاتتى.63 يەھۇدىي شەرىئىتى بويىچە ئالغاندا، شەنبە كۈنى خاسىيەتلىك كۈن ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كۈنى خەت يېزىشقا بولمايتتى. يەنى ئۇ كۈنى قەلەم تۇتۇش مەنئىي قىلىناتتى. مارتا ئاپىسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، گۈللۈككە كىرىۋېلىپ ئوغۇرلۇقچە خەت يېزىپ يۈرەتتى. شۇنىڭدەك رۇشكا-سىيا ئورنىدا قېرىنداش ئىشلىتىپ فرېئۇدنى تېخىمۇ زىرىكتۈرىۋېتىدۇ. ھەتتا مارتانى بىۇ قىلغانلىرىڭ ئاپڭنىڭ خۇراپى ھەرىكەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرەلمەيدىغان ”ئاجىزلىقىڭ“ نىڭ بىر ئىپادىسى دەپ ئەيىپلەپ كېتىدۇ. بىر ۋاقىتلاردا فرېئۇد مارتاغا ”مەن سېنى بىر غەيرى دىن مورتىغا ئايلاندۇرماقچى ئىكەنلىكىمدىن ئالىينىڭ خەۋىرى بولمىسۇن“ دەپ يازغان. راست دېگەندەك، فرېئۇد كۈندۈلۈك تۇرمۇشىدىكى بەكلا كۆپ تەرەپلەردە مارتانى دىنى ئېتىقات ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبى جەھەتلەردە ئۆزگەرتمەكتە ئىدى.
بىر قېتىم، فرېئۇد مارتاغا خەت يېزىپ، مارتامىڭ ئاپىسى ئۈستىدە توختالغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: ”ئۇ بەكلا جەلىپ قىلارلىق بىر خانىم بولغىنى بىلەن بەكلا مۇز چىراي ئىكەن. ئۇنىڭ ماڭا بولغان بۇ تۈر پوزىتسىيىسى بەلكىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن. مەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە سىزگە ئوخشايدىغان بىرەر يېرى بارمىدۇ دەپ ئىزچىل كۈزىتىپ كەلمەكتىمەن. ئەمما تىلغا ئالغىدەك ھېچ بىر نوقتىسىنى ئۇچراتمىدىم. ئۇنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىزغىنلىقى، ئاز-تۇلا ھاكاۋۇرلۇق قىياپىتى ھەر يەردە كىشىلەرنىڭ ھۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىنى كۆتكەندەكلا كۆرۈنەتتى. مەن شۇنى ئالدىن ھۆكۈم قىلالايمەنكى، كەلگۈسىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن ھەر دائىم كىلىشەلمەسلىك ئىچىدە ئۆتىدىغاندەكلا قىلىمەن. ئەمما مەن ئۇنىڭغا يول قويۇش نىيىتىدىمۇ ئەمەسمەن. بۈگۈن ئۇ ئىنىمغا ياخشى مۇئامىلىدە بولماي يۈرىدۇ. ئەمما مەن بۇ ئىنىمنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەنكى، جېنىمنى سورىسىمۇ ئىككىلەنمەي بەرگىدەك ياخشى كۆرىمەن. بۇنىسى سىزگىمۇ ئايان. مەن بۈگۈن ئۇنىڭ سىزنى تەلۋىلەرچە زورلاپ تەقۋادارلىق قىلىشقا، ئاچ قالدۇرۇپ قىيناپ سالامەتلىكىڭىزغا زىيان سېلىشىغا يول قويماسلىق قارارىغا كەلدىم. “
فرېئۇد، مارتانىڭ ئانىسىدىن ھەممىدىن بەك نارازى بولىدىغان تەرىپى، ئۇنىڭ كۆرەڭلىك قىياپى بىلەن راھەت پاراغەتكە بېرىلىش ئادەتلىرى ئىدى. ئۇندىن قالسا، فرېئۇدنىڭ ھېس قىلىشىچە، بۇ خانىم شۇنچە ياشقا كىرگەن تۇرۇغلۇقمۇ ئۆز ئاپىسىغا ئوخشاش بىر چەتكە چىقىپ، پۈتۈن ئىشلاردا بالا چاقىسىنى ئويلاپ ئولتۇرماي، ئاتىلىق قىياپىتى بىلەن ھەممىدە مېنىڭ دېگىنىمچە بولىشى كېرەك دەپ قىزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا بەكلا كۆپ چاپلىشىۋالىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى كۆرمەيتتى. فرېئۇدنىڭ قارىشىچە بۇنداق مىجەز بەكلا ئەكەك مىجەزلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلانغاچقا بۇنداق قىلىقىغا بەكلا ئۆچلۈك قىلاتتى. فرېئۇدنىڭ دوستى سيىنبېرگمۇ فرېئۇدنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ماشانىڭ ئاپىسىنى بەكلا شەخسىيەتچى دەپ قارايتتى.64
فرېئۇدنىڭ مارتانىڭ ئاپىسى بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسىغا تۇتقان بۇ خىل مۇئامىلىسى، بەلگىلىك دەرىجىدە مارتانىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادىل ئېيتقاندا، نۇرغۇن مەسىلىلەر فرېئۇدنىڭ ئىچى تارلىقىدىن كېلىپ چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئەسلىدە مارتانىڭ ئاپىسى بىلەن ئاكىسى، بەزى ئەيىپلىرى بولغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەزەلدى مارتا بىلەن فرېئۇدنىڭ مۇناسىۋىتىگە تۇسقۇنلۇق قىلىپ باققىنى يوق ئىدى.مارتامۇ ئاپىسى بىلەن ئاكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن فرېئۇدنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلىشلىرىنى ئازايتقىنى يوق.
مارتا، ئۇنىڭ ئاپىسىغا بولغان مۇئامىلىسىغا ئىزچىل تۈردە سەمىمىي ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. مارتا، ئاپىسىدىكى بۇ تۈر قەتئىي ئىرادە ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ بىر ئىپادىسى ئەمەس بەلكى قايىل بولۇشقا تېگىشلىك بىر مىجەز دەپ قارايتتى. بولۇپمۇ بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاپىسىنىڭ بۇنداق ئۆزىگە ئىشىنىشى، ھەقىقەتەنمۇ قەدىرلەشكە تېگىشلىك بىر ئىرادە ئىدى. مارتانىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان تەرىپى، ئاپىسىغا بولغان ھۆرمىتى بىلەن بىرگە فرېئۇدقىمۇ باشتىن تارتىپ سەمىمىىن ياخشى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقى ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئوتتۇرلۇقنى قايسى بىر تەرەپنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىپ ياراشتۇرۇش تەرىپىدە تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تەرىپى ھەقىقەتەنمۇ قابىلىيەتلىك ئائىلە ئايالى بولۇشقا لايىق بىر ئايال بولالايدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى ئىدى.
1882-يىلى 26-دېكابىردا، يەنى فرېئۇد بىلەن مارتا ئىككىسىنىڭ ئائىلىسى قىزغىن بىر شەكىلدە روژدىستۋا بايرىمىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقتىدا، فرېئۇد بىلەن مارتا ئىككىسى توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى مارتانىڭ ئاپىسىغا بىلدۈرىدۇ. مارتانىڭ ئاپىسىمۇ ئۇ ئىككىسىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇ قىلىدۇ. ئۇ بىر نېمىس يازغۇچىسى شىللېرنىڭ ئەسىرى «سائەت» دېگەن كىتابى ئىدى.
1883-يىلى يانىۋاردا، فرېئۇد بىلەن مارتا ئىككىسى «مەخپى خاتىرە» دەپ ئات قويىۋالغان بىر پارچە خاتىرە دەپتىرىگە توي قىلىشتىن ئاۋالقى مۇھەببەت ھاياتىنى خاتىرلەپ قويۇشقا كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىسىدىلا مۇنداق ئويى بار ئىدى: كەلگۈسى بىر كۈنى ئىككىسى بۇ خاتىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىرلىكتە ئوقۇپ چىقىشنى ئويلايتتى. ئۇلار، ئەگەر بىرلىكتە تۇرساق خەت يېزىش دەيدىغان ئىش بولمايدۇ. ئوتتۇرسىدىكى ئۇ لەززەتلىك مۇھەببەت تەسىراتلىرىنى خاتىرلەپ قويۇش ئىمكانى بولمايدۇ دەپ ئويلاپ بۇ چارىنى تېپىشقان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىككىسى ئەگەر بىرگە بولغىنىدىمۇ بۇ خاتىرىنى نۆۋەت بىلەن يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بۇ خاتىرىنى بىر تۈرلۈك ئەسلىمە ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نېمە ھالىغا كەلتۈرۈشنى پۈتىشىدۇ.65 فرېئۇد بۇ خاتىرىگە بىرىنچى بولۇپ مۇنۇ سۆزلەرنى يازىدۇ: ”قەلبىمنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە چىقىرىۋىتىشكە تازىلاشقا جاسارەت قىلالماي كەلگەن بىر نەرسە بار. مەن ئۆزەمنى قورقماي تەنقىت قىلغان ۋاقتىمدا، سۆيگەن كىشىم تەرىپىدىن قەتئىلىك بىلەن تەنقىت قىلغان ۋاقتىدا، تەڭرىم ماڭا ئۇنچە كۆپ قابىلىيەتلەرنى ئاتا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. شۇنىڭدەك ماڭا بەك كۆپ نەرسە ئاتا قىلماپتىكەن. ئەكسىچە، ماڭا باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشنىڭ بەكلا ئاز قابىلىيىتىنى بەرگەن ئىكەن. ئەمما ياراتقۇچى ماڭا ھەقىقەتنى ياخشى كۆرىدىغان پۈتمەس روھ ئاتا قىلىپ، ماڭا تەتقىقاتچىلاردا بار ئۆتكۈر كۈزىتىش كۆزىنى ئاتا قىلىپ، ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى تۈردە ھېس قىلالايدىغان، شۇنىڭدەك مېنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن تىرىشىپ ئىشلىشىمنى، شۇ ئارقىلىق چەكسىز لەززەتلىنىش قابىلىيىتىنى ئاتا قىلغانىكەن. ماڭا ئاتا قىلىنغان بۇ تۈر ياخشى پەزىلەتلەر قالغان تەرەپلەردىكى كامچىلىقلىرىمغا بەرداشلىق بېرىدىغان چىداشچانلىق بەرمەكتە. … بىز بۇ تۈر ئالاھىدىكلىرىمىز ئارقىلىق ئورتاق تۇرمۇش يارىتايلى. “ فرېئۇد يەنە بۇ خاتىرىگە بىزنىڭ تارىخ ۋە شىئېر تەتقىقاتىغا ئورتاق كىرىشكەنلىكىمىز ”تۇرمۇشىمىزنى گۈزەل مەزمۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى گۈزەل تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ“ دەپ يازىدۇ.
1883-يىلى، ئالى ئاپىسىنىڭ خانبۇرگقا كۆچۈپ كېتىش قارارىنى قەتئىي قوللاپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، فرېئۇدنىڭ ئەلىي بىلەن بولغان زىددىيىتى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئۇ فرېئۇدنىڭ سىڭلىسى بىلەن توي قىلىش ۋاقتىدا تويغا قاتناشاسلىق قارارىغىمۇ كەلتۈرگەن ئىدى. ئەسلىدىنلا فرېئۇد ھەر تۈردىكى رەسمىيەت مۇراسىملىرىغا ئۆچ ئىدى. بۇ قېتىمقى ئەلىينىڭ توي مۇراسىمى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا داغ-دۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇمۇ فرېئۇدنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدۇ. فرېئۇد، بۇ قېتىمقى توي مەرىكىسى ”ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ“ دەپ ئوچۇق ئىيتىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىدا ئۆزىنىڭ توي مەرىكىسىنىڭمۇ ئەنە شۇنداق دەپ-دەبىلىك ئۆتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
1883-يىلى ئىيۇندا، مارتالار ئائىلىسى خامبۇرگقا كۆچۈپ كېتىپ، مارتا بىلەن ئايرىلىپ باشقا-باشقا ئىككى شەھەردە ياشاشقا مەجبۇر قالغان ئىدى.
فرېئۇد، ئۇ ئىككىسى ئايرىلغاندىن كېيىن مارتانىڭ غەمدە قېلىپ سالامەتلىكىنى بۇزىۋېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدى.66 ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆزى تەسىرگە ئۇچراپ مارتادىن بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئەھۋالى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنغىدەك ئەھۋالدا ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا، فرېئۇد تېخى ئۆز ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان ھەمدە ئائىلە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ياردىمى بولىدىغان ئىستىقباللىق ئىلمىي تەتقىقات ئىشىغا كىرىشمىگەن ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى بەكلا ناچار بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان بىردىن-بىر مەلىكىسى مارتا بىلەن سۆزلىشىشلا ئىدى. مانا ئەندى بۇنداق ئىچىنى بوشىتىۋرىلغان ئىدى. ئۇ دەرت ئىچىدە تولغۇناتتى. ئۇ ھەر دائىم ئاپىسى بىلەن ئەنگىلىيەدىكى ئاكىسىدىن يامانلاپ، سىلەر مېنى پەقەتلا ئويلىماس بولىۋالدىڭلار دەپ قاخشايتتى. شۇ قاتاردا ئاپىسىنىڭ كۆچۈپ كېتەيلى دېگىنىگە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسەتمىدى دەپ مارتادىنمۇ يامانلايتتى. شۇ بىر ئاي ئىچىدە فرېئۇدنىڭ كۈنلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئازاب ئىچىدە ئۆتىدۇ. تەبىئىيكى مارتامۇ بەكلا پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بىر يەردە ئولتۇرالماي تېپىرلاپلا قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ ياشىشى ھەقىقەتەنمۇ بەرداشلىق بېرىش قىيىن بىر ھالەت ئىدى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار ئىككىسى ئوتتۇرسىدا بىر مۇنچە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنىمۇ يوق دېيىشكە بولمايتتى« فرېئۇدنىڭ جاھىللىقى ھەمدە ھەددىدىن ئارتۇق مەنمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار ھەقىقەتەنمۇ ترادىگىيىلىك ھالغا كېلىپ قالماقتا ئىدى. بۇ جەرياندا فرېئۇدنىڭ خاراكتېرى بىلەن ھېسسىيات ئالاھىدىلىكى كۆرىنەرلىك ئورتىغا چىقماقتا ئىدى.
فرېئۇدنى مارتاغا سېلىشتۇرساق، ئۇ مەيلى مىجەز-خاراكتېر جەھەتتە بولسۇن، ياكى ھېسسىيات جەھەتتە بولسۇن ئۇنىڭدىن بەكلا كۆپ پەرقلىنەتتى. مارتادا ئادەتتىكى قىزلاردا بولىدىغان سۆيۈلۈشنى ئارزۇ قىلىشتەك تەبىئىي مىجەز بار ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىسى تولۇق ھالغا كەلگەنلىكىگىمۇ تولۇق ئىشىنەتتى. بۇنىڭ ئەكسىنچە، فرېئۇد ئادەتتىكى يىگىتلەردىن پەرقلىق ھالدا، تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ چوڭقۇر سۆيگۈگە مۇھتاج ئىدى. شۇنىڭدەك، مەن ئارزۇ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرەلىدىممۇ دېگەن سۇئالغا ئېنىق بىر نېمە دىيەلمەيتتى. ئۇ باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىپ كەتكەندەك قىلغىنى بىلەن، ئۆزىنىڭ سۆيگۈ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئىشەنچى بەكلا ئاز ئىدى. ئۇ، مارتانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا بەك ئىشەنچ قىلىپ كېتەلمەي كەينى-كەينىدىن ئاچچىق دەرت ئىچىدە قېلىپ، ھەر دائىم مارتانىڭ ئۇنىڭغا «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ كاپالەت بېرىشى» ئارقىلىق خاتىرجەم بولۇشىنى تەلەپ قىلىپلا تۇرىۋالاتتى. فرېئۇد بۇ مەقسەتتە دائىم دېگىدەك باشقىچە ئاماللارنى قىلىپ مارتانى سىناپ كۆرەتتى. ئەمما ئۇنىڭ قوللانغان بۇنداق سىناق ئۇسۇللىرى ئۇنچە بەك مۇۋاپىق ئۇسۇل ھېسابلىنىپ كەتمەيتتى. ھەتتا بەزى ئۇسۇللىرى پەقەتلا توغرا ئۇسل ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىلەيدىغىنى، مارتادىن پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئوخشاش ئويلاشنى، شەرتسىز تۈردە پىكىرلىرىنى، تۇيغۇلىرىنى ۋە ئويلىرىنى قوللاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئۇ مارتانىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆز سايىسىنى كۆرەلىگىنى ياكى بىرەر ئىزنى كۆرەلىشى كېرەككى، ئۇندىن باشقا ھەرقانچە گەپلەرمۇ مارتانىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايتتى.67
شۇنداقتىمۇ فرېئۇدنىڭ مارتادىن بۇ تۈر سىناقلاردا بولىشىنى باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرىۋالىدىغان بىر مىجەز دېيىشكىمۇ بولمايتتى. فرېئۇد ئۇنىڭغا چوڭقۇر باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بىر مەزگىل ئۆزىنى ئازابلاپ يۈرگىنىدىن كېيىن يەنىلا مارتاغا يول قوياتتى ياكى بولمىسا ئۆزى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ تېخىمۇ ئەقىللىقىراق مۇئامىلىدە بولۇشقا، تەلەپلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قاتتىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى ياكى بولمىسا رىيال ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلپمۇ قالاتتى.
ھەر نېمە دېگەن بىلەن، مارتا بىلەن فرېئۇد ئىككىسى مىجەز-خاراكتېر جەھەتتە، قىزىقىشلىرى جەھەتتە بىر-بىرسى بىلەن پۈتۈنلەي زىتلەشكىدەك ئەھۋالدىمۇ ئەمەس ئىدى. شۇڭا، مارتامۇ فرېئۇدنىڭ سىناقلىرىدىن بەكلا ئاسان ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە بەزىدە ئۆز تۇرمۇش ئۆلچىمى فرېئۇدنىڭ تەلەپلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ كېتىشى ياكى ئىنكار قىلىنىشىغا دۈچ كېلىپ قالغىنىدا ئۇمۇ ئۆز دېگىنىدە چىڭ تۇرۇپ قەتئىي يول قويماس بولىۋالاتتى. بەكلا كۆپ ئەھۋالدا ھەر دائىم مارتانىڭ ئۇتۇپ چىقىشى بىلەن نەتىجىلىنىپ، فرېئۇدمۇ نائىلاج چېكىنىشكە مەجبۇر بولاتتى. دېمەككى، فرېئۇدنىڭ ئۇنداق مەنلا دەيدىغان، ئۆز ھېسسىياتىدىن باشقىلارنىڭ ئويىنى رەت قىلىۋېتىشتەك مىجەزى مارتانىڭ قاتتىق مىجەزىگە دۈچ كېلىپ سەپتىن چېكىنىشكە مەجبۇر قالاتتى. ھەتتا بۇ تۈر ئەھۋاللاردا فرېئۇد يېڭىلگىنىگە رەنجىپ يۈرمەي ئەكسىنچە مارتانىڭ ئۇتۇپ چىقىشىدىن، يەنى ئۆزىنىڭ مارتا ئالدىدا يېڭىلىپ قېلىشىدىن خوشال بولۇپ كېتەتتى. فرېئۇد، بۇنداق بىر ئۆزىگە خاس مىجەزلىك، كۈچلۈك ئىرادىلىك ئۆمۈرلۈك سەپداش تېپىۋالغانلىقىدىن يەنىلا بەكلا رازى ئىدى. چۇنكى، فرېئۇدمۇ ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدىغان بىرسىنىڭ ھەرقانداق بىر بوران-چاپقۇنلارغا، ھەرقانچە قىيىن ئەھۋاللارغا دۈچ كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزى بىلەن بىرلىكتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلالايدىغان بىرىنى ھەمرا قىلىشنى خالايتتى. يەنى ئۇ، ھەرگىزمۇ نېمىلا دېسە ماقۇل دەپ تۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋتۇش ئۈچۈنلا يارالغاندەك بىر پۇرۇچ قوچاق بىرسىنىڭ ئۆمۈرلۈك سەپداش بولىشىنى خالىمايتتى.
ئادەتتە، بىر جۈپ ئاشۇق-مەشۇق ياكى توي قىلغان ئەر-خوتۇن، ئورتاق ياشاش جەريانىدا ھەر ۋاقىت ئۆزئارا ماسلىشىپ ئەڭ يوقۇرى چەك بويىچە چىقىشىپ ياشاشنى خالايدۇ. ئەگەر پۈتۈشكەندىن كېيىن ياكى توي قىلىشتىن ئاۋال ھەممە ئىشلىرى ئويلىغىنىدەك بولۇپ بەرگىنىدە، بۇنداق جۈپتە بىر-بىرىنىڭ كامچىلىق ۋە ھەر تۈردىكى نازۈك مىجەزلىرىنى تولۇق بىلىشىپ كەتمەي قېلىپ، پۈتۈشكىنىدىن كېيىن ياكى توي قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بىرلىكتە ئارىلىشىپ ياشاش پۇرسىتى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاچچىق رىياللىقلارغا دۈچ كەلگەنلىرىدە ئىككىسىنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكلىرى تەدرىجى تۈردە تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدىغانلىقى ئېنىق.68 بۇنداق بىر جەرياندا، ئادەتتىكىدەك ئۆي تۇتقان جۈپتىلەر مىجەزلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر-بىرسىنىڭكى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ بەك داۋراڭ پەيدا قىلىپ كەتمەي تىنچ ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ. ئەمما فرېئۇد ئۇنداق بىرسى ئەمەس ئىدى. بىر-بىرسىگە يول قويۇش بىلەنلا ئۆتىدىغان تۇرمۇش، مۇتلەق تۈردە ئۇ ئىككىسىنى بىر-بىرسىدىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇڭا، بۇنداق كەڭ قۇرساقلىق قىلچىمۇ پايدىلىق مىجەز ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر بىرەر قىيىنچىلىق كۆرۈلسە چوقۇم ئۇنى يېڭىشقا تىرىشىش كېرەك دەپ قارايتتى. مانا بۇ، فرېئۇدنىڭ رىياللىققا توغرا قاراش، قىيىنچىلىقلارغا مەردانىلىق بىلەن قاراشتەك ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
فرېئۇد، ھەر تۈرلۈك تولۇق بىلەلمەي كەتكۈزۈپ قويىدىغان ياكى ئىشنىڭ يېرىمىدا تاشلاپ كېتىدىغان مىجەزلەرگە بەكلا ئۆچ، زىددىيەتلەرنى يوشۇرۇپ ساقتا قىياپەت كۆرسىتىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئۇرۇنۇشلارغا بەكلا يىرگىنىدىغان خاراكتېردىكى بىرسى ئىدى. ئۇنىڭدا ھەر قانچە جاپالىق ئىشلارغا دۈچ كەلسىمۇ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان كۈچلۈك ئىرادە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدا داۋاملىق ئالغا قاراپ ئىلگىرلەش ئىرادىسى بار ئىدى؛ شۇڭا، ئۇ ھەرقانداق بىر ئىشتا قەتئىي سالاغا ئۇنىمايدىغان بىر رۇھ بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن چىقىشماق ھەقىقەتەنمۇ تەس ئىدى. ئۇ ھەتتا مۇنداق دەپ قارايتتى: ئەگەر بىر ئادەم باشقىلاردا تۈزەتمىسە قەتئىي بولمايدىغان بىرەر خاتالىقنى كۆرەلمىگىدەك بولىدىكەن، ئۇنداق ئادەمنى تىلغا ئالغۇچىلىقىمۇ يوق بىرسى دەپ قاراش كېرەك. فرېئۇدتىكى بۇ تۈر مىجەزلەر، ئۇنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن دەسلەپكى بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە مارتا بىلەن ئوتتۇرسىدا بەكلا كۆپ مۇنازىرىلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
بىز فرېئۇدنىڭ ئاشىق ھاياتىدىكى كۆرگەنلىرىمىز كەسكىن، قىلچە مادارە قىلماسلىقتەك ئالىملارغا خاس پەزىلەتنىڭ ئالھىدە بىر شەكىلدە ئىپادىلىنىشى ئىدى. شۇڭا بىز فرېئۇدنى ئاشق ھاياتىدا ئىپادىلىگەن جاھىللىق ئىپادىلىرىنى تولا بەك ئەيىپلەپ كېتىشكە ھەققىمىز يوق. ئەكسىنچە، بىز بۇ ئىشتىكى فرېئۇدنىڭ ئۆزىگە خاس ئىستىلىدىن ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تونىيالىشىمىز تېخىمۇ مول ماتېرىياللارغا ئېرىشكەنلا بولىمىز. ئۇ ھېسسىيات ئىچىگە پېتىپ قېلىشىدىن ئاۋال، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپكە بەرداشلىق بەرمەك بەكلا قىيىن بولغان تەنقىتلەرنى بېرىپ يۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بولسا مىھرىبانلىق بىلەن كەڭ قۇرساقلىق ھەمدە سەمىمىي ساداقەت ئىچىگە تولغان مۇھەببىتىنىڭ ھەر دائىم ئاچچىق نىقاپ ئىچىگە پۈركىنىۋالغانلىقىنى سېزەلەيمىز. شۇنداق بولغاچقا، بەزى كىشىلەر فرېئۇدنىڭ مىجەزى ھەققىدە پات-پاتلا خاتا قاراشتا بولۇپ قالاتتى. مارتانىڭ ئەڭ ئېسىل تەرىپىمۇ مانا مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈلەتتى: ئۇ فرېئۇد بىلەن پۈتۈشكىنىدە ھەمدە توي قىلغىنىدىن كېيىن فرېئۇدتا بىرەر يېتەرسىزلىكنى سېزىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا ساداقەتمەن بولۇپ ئۇنى قاتتىق ياخشى كۆرىشىدە قەتئى چىڭ تۇرىدۇ. مارتا تەۋرەنمەس ئىشەنچىنى ساقلاپ، فرېئۇد بىلەن بىرگە بولالىسىلا، ھەر قانداق چىگىش تۇغۇلارغا ياكى مۇئامىلىلەرگە دۈچ كەلگەندىمۇ بەرىبىر ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى سۆيگۈ ھامان غالىپ كېلىدىغانلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى.69
فرېئۇد مارتانىڭ سالامەتلىكىدىن ھەر دائىم غەم قىلاتتى. مارتا ياش قىزلاردا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان سارغىيىپ قېلىش كېسىلى بار ئىدى. 1885-يىلى يازد، مارتانىڭ سالامەتلىكى بەك ياخشى ئەمەسلىگىدىن خەۋەر تاپقىنىدا مۇنداق دەپ خەت يازىدۇ: "مەن سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈستىدە ئەنسىرىگەن ۋاقتىمدا، ئۆزەمنى يوقۇتۇپلا قويدۇ، ھەتتا ساڭلا بولۇپ قالدىم. دەل شۇ پەيتىمدە كاللامدا پۈتۈن قىممەت قاراشلىرىم تۇيۇقسىزلا غايىپ بولدى. ئۇنىڭ ئورنىنى سىزنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن قورقىدىغان قورقۇنۇچلۇق خىياللار ئىگەللىۋالدى. ئاھ، كۆڭلۈم پۈتۈنلەي قالايماقانلىشىپ كەتتى. خەپ، بۇ خەتنى ئارتۇق داۋاملاشتۇرالمايمەن." ئەتىسى، مارتادىن بىر پارچە ئاتكىرتكا تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ مارتانىڭ خېتىنى ئوقۇپ بولۇپلا خەت يازىدۇ: "ئاغرىپ قېلىشىڭىزنى پەقەتلا قىياس قىلالمايمەن. بۇنداق ئويغا كېلىپ قېلىشىم ھەقىقەتەنمۇ چېكىدىن ئاشقان بىر بىمەنىلىك ئىدى. مېنىڭچە مەن بەكلا قاباھەتلىك بولۇپ كەتكەنلىكىمدىن شۇنداق خىياللاردا بولسام كېرەك؟ ... بىر ئادەم يەنە بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقتىدا ئۇنداق بىر تەبىئىيلا بىر ساراڭغا ئوخشايدىكەن." ئارىدىن ئوتتۇز يىل ئۆتكەندە فرېئۇد مۇھەببەت پسىخولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكىنىدە ھەمدە ئۇ 1901-يىلى "ئاشىق ھاياتىنىڭ مىجەزگە غەلىتە تەسىرى" دېېگەن كىتابىنى ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بۇ تەتقىقاتى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ تىپىك، ئەڭ جانلىق ماتېرىيال مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ.
بىر قېتىم، مارتا لۈبېكقا دەم ئېلىشقا باربارغىنىدا فرېئۇدقا خەت يېزىپ، مەن يۇيىنىۋاتقىنىمدا گويا ئۆزەمنى ۋاننىدىكى سۇدا بۇغۇلۇپ ئۆلگەن دېگەن بىر خىيالغا پېتىپ قاپتىمەن دەپ چاخچاق قىلىدۇ. فرېئۇد يازغان جاۋاب خېتىدا "بەزىلەر، ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىغا سېلىشتۇرغاندا بىر ئادەمنىڭ سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى خۇددى دېڭىزدىن بىر تامچە يوقالغاندەكلا بىر ئىش دېيىشى مۇمكىن. ئەمما مەن شۇنى ئېتراپ قىلىمەنكى، مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىم ئۇنداق دەپ ئويلايدىغانلارنىڭكىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. مېنىڭ قارىشىم بويىچە، سۈيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قېلىش مېنىڭ ئۈچۈن زامان ئاخرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن قىلچە پەرقى يوق. ئۇنداق بىر ئەھۋالدا باشقا ئىشلار ئۆز يولىدا كېتىۋاتقاندەك قىلغىنىدىمۇ كۆزۈمگە ھېچ نېمە كۆرۈنمەيدۇ! _ فرېئۇد خېتىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ، _ ئۆتكەن بىر قانچە كۈن ئىچىدە سىزنىڭ بىر پارچە خېتىڭىز مېنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىقنى قايتىدىن مەنىلىك قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتى. سىزنىڭ بىر قارارىڭىز، خۇددى ئۆلۈم-كۆرۈمنى بەلگىلىيەلەيدىغان چوڭ بىر تەغدىرگە ئوخشاش بەكلا تەشنالىق بىلەن قارارىڭىزغا تەشنامەن. مەن سىزنىڭ جاۋابىڭىڭىزنى كۈتۈشتىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشقا قولۇم بارماس بولدى. ئۇ پەيت، كۈرەش ئىچىدە ئۆتكەن، ئاخىرى غالىبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر پەيت.70 شۇنىڭدەك، ئەنە شۇنداق بىر دەرنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىقلا سىزنى قولغا كەلتۈرگەن ھېسابلاپ خاتىرجەم بولۇپ ئىشىمغا كىرىشەلەيمەن. شۇڭا، مەن خۇددى بۈگۈن مەن سىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغىنىمغا ئوخشاش سىزنىڭ سۈيگۈڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن، ..."
ھەر نېمە دېگەن بىلەن، بۇلار فرېئۇدنىڭ ئەقىدىسىدە ئەزىلى ئالاھىدىلىكلەر ئىدى. ئۇ ھېچ قاچان بىرەر ياخشىلىقنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلمايتتى. ئۇ ھەرقانداق ياخشى نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇتلەق تۈردە بىر مەيدان جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان بىرسى ئىدى.
ئۇ پۈتۈشكەندىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلىدا، مارتاغا مەن سىزنى ئۈچ يىل ئاۋالقىغا قارىغاندا بەكلا ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ ئۆزگەردىم دەيدۇ. ئۈچ يىل ئىلگىرى، فرېئۇد سۆيگۈنىنى دېگەندەك ياخشى تونۇپ كەتمەيتتى. فرېئۇد مۇنداق دەيتتى: مەن ئۈچ يىل ئاۋال پەقەتلا ئۇنىڭ شەكلىنىلا ياخشى كۆرگەن ئىكەنمەن. مانا بۈگۈن، مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى ياخشى كۆرمەكتىمەن. يەنى مەن مارتانى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى كۆرمەكتىمەن. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن دەسلىۋىدە سىزنى سۆيگەن ۋاقتىمدا بەكلا كۆپ ئازاپلارنى ئارلاشتۇرىۋالغان ئىكەنمەن. شۇندىن ئېتىبارەن، مەن سىزگە سەمىمىي ساداقەتلىك بولۇش، كۆڭۈللۈك ئىشەنچنى شەكىللەندۈردۈم. مانا بۈگۈن، مەن سىزنى ئاجايىپ سىھىرلىق بىر ھاياجان ئىچىدە ياخشى كۆرىدىغان بولدۇم. بۇ ھاياجان ئىزچىل داۋاملىشىپلا كەلگەن بولماي، يەنە كۈتكىنىمدىن ئارتۇق ھاياجان پەيدا قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگەرمەكتە.
1882-يىلى ئىيوندا چاي ئىچىرىپ 1886-يىلى سىنتەبىردە توي قىلغىچە، فرېئۇد ھېسسىيات جەتتىلا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ سىناقلارغا دۈچ كەلگەنلا بولۇپ قالماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ بەكلا ئېغىر بېسىمدا قالغان ئىدى. فرېئۇدنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىزچىل تۈردە دېگەندەك ياخشى بولماي كېلىدۇ. ئۇ تىببىي ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگىنىدىن كېيىنمۇ يەنە بىر مەزگىل ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئۈستىگە ئالغىدەك شارائىتى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ توي چىقىمى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزچىل بېشىدا ئېغىر بىر غەم بولۇپ كېلىدۇ. مارتانىڭ ئاپىسى فرېئۇدلار ئائىلىسىنىڭ بەك باياشات بىر ئائىلە ئەمەسلىكىدىن باشتىن تارتىپلا قاخشاپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا، توي قىلىش كۈنلىرى يېقىنلاشقانسىرى فرېئۇدمۇ ئىقتىسادى مەسىلە ئۈستىدە بېشى قاتىدىغان بولىدۇ.71
ئەگەر ئۇ كەسىپىگە تايىنىپ پۇل تېپىپ توي خىراجىتىنى ھەل قىلىشقا توغرا كەلسە بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن مەزگىل كۈتۈشكە مەجبۇر ئىدى. شۇڭا ئۇ، توي قىلىش چىقىملىرىدا پۈتۈنلەي دېگىدەك مارتالارنىڭ ئائىلىسىنىڭ پولىغا قاراشلىق ئىدى. توي قىلغاندىن كېيىن ئۆيىگە كېرەكلىك ئۆي سايمانلىرىنى ئېلشقا بەكلا كۆپ پۇل كېتەتتى. ئۇ ھەر تەرەپتىن پۇل قەرز ئېلىشقا يوغلاپ باققان بولسىمۇ، دېگەندەك بىرەر نەتىجىسى بولمايدۇ. تېخىمۇ يامىنى، ئاۋغۇستتا ھەربىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىمۇ تاپشۇرىۋالىدۇ. ئۇ ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا پەقەتلا كىرىمى بولمايدىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە يول كىراسى ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە پۇل خەجلەشكە مەجبۇر ئىدى.
فرېئۇد تويغا پۈتۈشكەندىن بېرىقى ئۇزۇن مەزگىل جەريانىدا قاچان توي قىلىش قارارىنى ئالالارمەن دەپ غەمدىن بىر مىنۇتمۇ قۇتىلالماي كېلىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى تېزىراق داڭ چىقىرىپ كۆپىرەك كىرىم قىلالايدىغان بىرسىگە ئايلىنىپ توي قىلىش ئارقىلىق خاتىرجەم تۇرمۇش مۇھىتىغا ئېرىشىشنىلا ئويلايتتى. ئەمما بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى پەقەتلا ياخشىلانمايدۇ. شۇڭا ئۇ، بۇ دەۋرنى ئىقتىسادىي جەھەتتە جاپالىق كۈرەش قىلىش يىللىرىم دەپ تەرىپلەيدۇ.
فرېئۇد، ئەگەر مەن خاتىرجەم بىرەر يىل ئوي تۇتۇشنى پىلانلىماقچى بولسام ئەڭ كامىدا بىرەر مىڭ دوللار پۇلۇم بولمىسا بولمىغىدەك دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما ئۇ تا توي قىلىدىغان يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن 500 دوللارغا يەتمەيدىغان پۇل يىغالايدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، مارتانىڭ ھېلىقى بايىۋەتچە ھاممىسى لى لاۋبيېر ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۈچ ھەسسە ئارتۇق قىز مېلى تويلۇقى قوشۇپ بېرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ فرېئۇد توي كۈنىنى 1987-يىلى 17-ئىيۇن قىلىپ بېكىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئۇلار توي قىلىشقا پۈتۈشكەن 5 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. مارتامۇ ئۇنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قەاتتىق خوش بولۇپ، فرېئۇدنى دەسلىۋىدە توي قىلىش تەكلىبىنى بەرگەن ۋاقتىدا مارتانىڭ ماقۇل دېگىنىدە يايراپ كەتكىنىدەك خوش قىلىۋېتىدۇ. ئەمما شۇندىن ئۇزۇن ئۆتمەي پارىژغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىشنىڭ تەمىنات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ (بۇ ھەقتە كېيىنكى بابتا تەپسىلى توختىلىمىز). شۇڭا ئۇ، توي كۈنىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ پارىژدى قايتقىنىدا ۋيېننادا بىر داۋالاش ئۆيى ئېچىشقا قارار قىلىدۇ. فرېئۇد، بارلىق تەييارلىق ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ 1886-يىلى 13-سىنتەبىر كۈنى ئاندىن مارتا بىلەن توي قىلىدۇ.72
بۇ ۋاقىتتا قىز نەق 25 ياشقا كىرگەن، يىگىتمۇ 30 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ تەبىئىي يارىتىلغان جۈپتىلەردىن ئىدى — فرېئۇد 5 غېرچ 7 ئىلك بويى بار، قامەتلىك، ئۇرۇق، بەش ئەزاسى تولۇق، ھەمدە قاپقارا كۆزلىرى چاقناپ تۇرغان بىرسى ئىدى.
فرېئۇد يېڭى توي قىلغان كۈنلىرىدە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەھۋالى يەنىلا بەك تۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ. بۇ كۈنلەردە ئۇ دوختۇرخانىسىنى ئېچىۋالغان، داۋالاش ئىشلىرىنى يولغا قويىۋالغان بولۇپ، ئەسلىدە ئۆكتەبىرگىچە ئۇنىڭغا داۋالىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلار سانى خېلى كۆپ بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا داۋالاتقىلى كەلگەنلەر بىر نەچچە كىشىدىن ئاشمايدۇ. ئۇنىڭ كۈندىلىك كىرىمى بەكلا چەكلىك بولۇپ، ئايالىنى بىر مەزگىل جاپا تارتقۇزۇشقا مەجبۇر قالىدۇ. دەسلەپكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە فرېئۇد ئېيىغا ئارانلا 45 دوللار قىممىتىدىلا كىرىم قىلالايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئايلىق چىقىملىرى 120 دوللارغا يېتەتتى! گەرچە ئۇلار ئىنتايىن چىقىشىپ ئۆتكەندەك قىلسىمۇ ئەمىلىي قىيىنچىلىقلار كەينى-كەينىدىن كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى قاقماقتا ئىدى. ئامالسىز ئاكىسى ئىمانۇۋەل سوغا قىلغان ئالتۇن سائېتىنى رەنىگە قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى مېينا ياردەم قىلغىنى، بولمىسا ھەقىقەتەنمۇ تەس كۈنگە قالغان بولاتتى.
مارتا ھەرجەھەتتە توغرا چۈشىنىپ تىجەشلىك بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن فرېئۇدنىڭ تۇرمۇشتىكى بۇ قىيىنچىلىقلىرى ئۇنىڭ خىزمىتىگە بەك كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. مارتا تۇرمۇشتا ئۆزى ھەرقانچە قىينالسىمۇ ئىمكان بار يولدىشىنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلىتىشقا تىرىشاتتى.
1887-يىلى ئۆكتەبىردە، ئۇلارنىڭ بىر قىزى بولىدۇ. ئۇلار بۇ قىزىغا ماتېلدا دەپ ئات قويىدۇ. بالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بەخىت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. فرېئۇد ئىككى يىلدىن كېيىن يازغان بىر پارچە خېتىدە، «بىز تېزلا كۈندىن-كۈنگە خاتىرجەم ۋە راھەت مۇھىت ئىچىدە ياشاشقا باشلىدۇق. بىز ھەر قېتىم بالىمىزنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى تۇيغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ بىز ھاياتىمىزدا دۈچ كەلگەن ئەڭ گۈزەل نەرسىنىڭ سىموۋۇلى دەپ قارايتتۇق. ئەندى مەن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە بولغان مۇھتاجلىقتىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان، بۇرۇنقىدەك ئۇنداق جاپالىق ئىشلەشتىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم» دەپ يازىدۇ. كەينىدىنلا، يەنى 1889-يىلى دېكابىردا ۋە 1891-يىلى فېۋرالدا يەنە ئىككى ئوغلى دۇنياغا كېلىدۇ.73 چوڭ ئوغلىغا جىن مارتىن دەپ ئات قويىدۇ. بۇ ئىسىم، فرېئۇدنىڭ فرانسيە پارىژدا بىلىم ئالغىلى بارغىنىدا قولىدا تەربىيىلەنگەن ئوقۇتقۇچىسى جىن مارتىن شاركوتنى خاتىرلەپ قويغان ئىسىم ئىدى. شاركوت، فرانسىيەنىڭ داڭلىق روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئىككىنچى ئوغلىغا ئولىۋېر دەپ ئات قويغان بولۇپ، ئەنگلىيەنىڭ يېقىنقى زامان ئىنقىلابچىسى ئولىۋېر كروۋېرنى خاتىرلەپ قويغان ئىسىم ئىدى. يوقۇرىدا بايان قىلىنغاندەك، كروۋېر ھەقىقەتەنمۇ فرېئۇد بۇرۇن قاتتىق چوقۇنىدىغان قەھرىمانلاردىن بىرى ئىدى.
جانسانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئۆيى تارلىق قىلىشقا باشلايدۇ. شۇڭا ئۇلار، 1891-يىلى ئاۋغۇستتا داڭلىق بۇگ كوچىسى 19-نومۇرغا كۆچۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆيلەر كەڭتاشا ھەم ئەرزان ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇلار يەنە فرېئۇدقا كۈتۈپخانا، دىئاگنوزخانا ۋە داۋالاش ئۆيى سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن بىنانىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى بىر قانچە ئېغىز ئۆينىمۇ ئىجارىگە ئېلىۋالىدۇ. فرېئۇد ئۇ يەردە 47 يىل تۇرىدۇ. بۇ ئۆيدە ئۇلارنىڭ يەنە 3 بالىسى بولىدۇ — بىر ئوغۇل، ئىككى قىز دۇنياغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۈچ بالىسىنىڭ بىرسى 1892-يىلى ئافرېلدا، يەنە بىرسى 1893-يىلى ئافرېلدا ۋە كېيىنكىسى 1895-يىلى دېكابىردا تۇغۇلغان ئىدى. ئەڭ كەنجى ئوغلىغا فرېئۇدنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئونارست برۇكنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئونارست دەپ ئات قويىدۇ.
فرېئۇد، بالىلىرىنى قىزغىن سۆيۈپ مىھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىدىغان بىر ئاتا ئىدى. بالىلىرى ئاغرىپ قالغىدەكلا بولىدىكەن، ھەقىقەتەنمۇ جىددىلىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ چوڭ قىزى 5~6 ياشلىق بولغان ۋاقتىدا بۇغما كېسەللىك سەۋەبىدىن كېتىپ قېلىشقا قىل قالىدۇ. ئەھۋالنىڭ بەكلا جىددىلىكىنى بىلىپ قاتتىق پاراكەندە بولۇپ كەتكەن فرېئۇد، ھەممىدىن بەك نېمىنى ياخشى كۆرىسىز دەپ سورىۋىدى، قىزى ئۇنىڭغا، بۆلدۈرگەننى ياخشى كۆرىمەن دېگەن. ئۇ كۈنلەر بۆلدۈرگەن مەۋسۈمى ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى بولغان بىر ۋاقىتلار بولسىمۇ، يەنىلا داڭلىق بىر ماگازىندىن تاپقىلى بولاتتى. شۇڭا ئۇ ھېچنىمىگە قارىماي ئۇدۇل شۇ دۇكانغا بېرىپ بۆلدۈرگەن ئېلىپ كېلىدۇ. قىزى بىرىنچى بۆلدۈرگەننى يۇتىشى بىلەن قاتتىق يۆتۈلۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە بۇغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان بۇغما پەردىلىرىنى يۈتەل بىلەن قېقىپ چىقىرىپ تاشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەتىسىدىن باشلاپ كېسىلىمۇ تەدرىجى ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇنى ئاڭلىغانلار بىر تال بۆلدۈرگەن بىلەن ئاتىنىڭ كۈچلۈك بالا سۆيگۈسى پەرزەنتىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى دېيىشىدۇ.
ئۇ، 6 پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشلىرىمۇ ئاستا-ئاستا نەتىجە بېرىشكە باشلاپ، پارلاق ئىستىقبالىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى.74
بەشىنچى بۆلۈم
دەسلەپكى دوختۇرلۇق پراكتىكىسى
1881-يىلى، فرېئۇد ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پروفېسسور برۇكنىڭ فىزىيولوگىيە تەتقىقات بۆلۈمىدە داۋاملىق ئىشلەيدۇ. ئۇ، بۇ يەردە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقىنىغا 15 ئاي بولغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ يەردە يەنە بىر تەرەپتىن دەرس ئاڭلايتتى؛ بۇ كۈنلەردە فرېئۇد پۈتۈن زىھنى بىلەن تەتقىقات ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ خۇددى ئۇنىۋېرسىتېتنى يېڭى پۈتتۈرگەن يېڭىياچە تەتقىقاتچى خادىملارغا ئوخشاش تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىش بىلەن بىر قاتاردا ئۇنىۋېرسىتېتتا ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەنمۇ شوغۇللىناتتى. 1881-يىلى ماي ئېيىدىن 1882-يىلى ئىيۇلغىچە تەتقىقات تېمىسى بىلەن ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تۈردە تاماملايدۇ. فرېئۇد بۇ يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بويىچە ئاتا-ئانىسى بىلەن سىڭىل ئىنىلىرىنى بېقىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىمىمۇ بەكلا ئاز ئىدى. ئۇ يەنە بۇ كۈنلەردە توي قىلىشنىمۇ بېكىتىپ قويغان بولغاچقا توي چىقىملىرى ئۈچۈن كېرەكلىك پولنىمۇ تەييارلاشقا مەجبۇر ئىدى. ئەمما ئۇ، بۇ يەردىكى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق ئىشلىرىغىلا تايانغىنىدا ئىقتىسادى جەھەتتىكى كۈنسايىن ئارتىپ كېتىۋاتقان چىقىملىرىنى زادىلا قامداپ كېتەلمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، 3-مەۋسۈلۈك ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى تاماملاپ بولۇپ، ئاتىسى بىلەن پروفېسسور برۇكنىڭ مەسلىھەتى بويىچە كەسىپىنى ئۆزگەرتىپ مەخسۇس دوختۇرلۇق كەسىپى بىلەن شوۈۇللىنىدىغان بولىدۇ.
فرېئۇد ئۆزى يازغان تەرجىمىھال كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
مېنىڭ ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇش نوقتام 1882-يىلى ئوتتۇرغا چىقىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا، مەن ئىزچىل تۈردە ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچۇم، دادامنىڭ ئوچۇق سۆزلۈك ئەمما يىراقنى كۆزلىشى يېتەرلىك بولمىغان چۈشەندۈرۈشىگە تۈزىتىش بېرىپ، ماڭا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ نەزەرىيىۋىي كەسىپتىن ئايرىلىشىمنى قىزغىنلىق بىلەن مەسلىھەت بەردى. مەنمۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلىپ، فىزىيولوگىيە تەجرىبەخانىسىدىن ئايرىلىپ ئونىۋېرسال دوختۇرخانىغا ئالماشقان ئىدىم.75
ئۇ ۋاقىتلاردا فرېئۇدنىڭ دادىسى 67 ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، ئائىلىدە يەنە 7 بالا بېقىشقا مۇھتاج ئىدى. ئەمما فرېئۇدنىڭ فىزىيولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىدا ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپىدە تۇرىۋەرگىنىدە ئېيىغا ئارانلا 40 دوللارغا يېقىن كىرىم قىلالايتتى. بۇ ۋاقىتتا، فرېئۇد دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قالغان كۈنلىرى ئىدى. 1884-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ جەمئىي 580 دوللاردەك قەرز ئېلىپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭغا ماددى جەھەتتە ياردەمچى بولۇپ تۇرغان دوستلىرى ئارىسىدا پروفېسسور جوزېف بلۇيېرمۇ بار ئىدى. بىز كېيىن كۆرىدىغىنىمىزدەك، بۇ پروفېسسورنىڭ پروفېسسور برۇكتىن كېيىن فرېئۇدقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
فرېئۇدنىڭ كەسپىنى ئۆزگەرتىشى، ئەمەلى ئۆنۈم نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئويلىغىنىدىن كۆپ ئارتۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭلاشقىنىدىمۇ ئاساسلىقى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنلا بۇنىڭغا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ شۇندىن كېيىنكى بىر قانچە يىللىق ھاياتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ بۇنداق كەسىپ ئۆزگەرتكىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ ئۆنۈم، فرېئۇدنىڭ ئۆزىلا سېزەلمىگەنلا بولۇپ قالماي، ئۇنىڭ ئۆتكۈر زىھنلىك ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭغا كەلگۈسىدە بۇنچە مۇھىم نەتىجە يارىتىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. پەقەت ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ، فرېئۇد پسىخوئانالىز ئىلمى تەتقىقات خىزمىتىدە شۇنچە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتىپ بولغىنىدا، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ 1882-يىلىقى كەسىپ ئۆزگەرتىش قارار قىلىشىغا باھا بەرگىنىدىلا ھەقىقەتەنمۇ ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇنۇش نوقتىسى ئۈچۈن قارار بەرگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى بۇرۇلۇش نوقتىسى ھەقىقەتەنمۇ ھەقىقىي مىدىتسىنا ئەمەلىيىتى ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى پسىخوئانالىز خىزمەتلىرى ئۈچۈن مول ئەمەلىي تەجرىبە تولىشىغا سەۋەب بولۇپ بەرگەن ئىدى. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، فرېئۇدنىڭ شۇ قېتىمقى ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقەتەنمۇ زور ئىدى. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇ ۋاقىتتا فرېئۇد ئەندىلا 26 ياشقا كىرگەن، تېخى ھېچقانداق بىر كېلىنكىلىق تىببى تەجرىبىسى بولمىغان بىر ياش دوختۇر ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش خىزمىتىنى تاللىۋالغانلىقى ئۆگەنگنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشنىڭ زۆرۈرى باسقۇچى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قولغا كەلتۈرگەن كېلىنكىلىق ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا پسىخوئانالىز تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشى ئۈچۈنمۇ كام بولسا بولمايدىغان بىر ئاساس ھېسابلىناتتى.76
1882-يىلى ئىيۇلنىڭ 31-كۈنى، ئۇ رەسمى تۈردە ۋيېننا تولۇق بۆلۈملۈك دوختۇرخانىدا خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. دەسلىۋىدە، ئۇ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلۇقىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ، تاشقى كېسەللەر دوختۇرلۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھارغۇزىۋېتىدىغان ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ دەم ئېلىشقا چىققىنىدا ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىپلا قالاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ تىنىچ تەبىئەت مەنزىرىسىدە يۈرگىنىدىن كېيىنلا ئاران ئەسلىگە كېلەلەيتتى. بۇ شەكىلدە ئىككى ئايدىن ئارتۇق تىنىم تاپماي ئىشلەيدۇ. 1882-يىلى ئۆكتەبىردە، تيودور ماينېتنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئاتاغلىق دوختۇر نوتسناگېننىڭ كىلىنكىسىدا پراكتىكانت دوختور بولۇپ ئىشلەيدۇ. نوتسناگېننىڭ كىلىنكىسى ۋيېننا ئونىۋېرسال دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى.
دوختۇر نوتسناگىن، 1882-يىلى گېرمانىيىدىن ۋيېنناغا كەلگەن داڭلىق ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ قەتئىي بوشاشماي ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قاتار بەكلا چىڭ خىزمەت ئەخلاقلىرى بار بىرى ئىدى. ئۇ قول ئاستىدىكى ياردەمچىلىرىگە: كۈندە 5 سائەتتىن ئارتۇق ئۇيقا ئۇخلايمەن دەيدىغانلار ھەرگىز دوختۇرلۇق تەتقىقاتىغا يېقىن يولىمىسۇن. ھەرقانداق بىر مىدىتسىنا ستۇدېنتى ھەركۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ دەرس ئاڭلاشقا كىرىشىپ تا چۈشتىن كېيىن سائەت 6 غىچە دەرس ئاڭلىشى كېرەك؛ ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ يەنە تا يېرىم كېچىگىچە داۋاملىق ئىزدىنىشى شەرت دەيتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئېسىل پەزىلىتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ياردەمچىلىرىنىڭ ۋە كېسەللەرنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ھۆرمىتىگە ئېرىشەتتى. شۇڭا فرېئۇد نوتسناگىنغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى. ئەمما ئۇ داۋاملىق تۈردە پۈتۈن ۋاقتىنى كۈندىلىك كېسەل كۆرۈش پائالىيەتلىرى ئۈچۈنلا خورىتىۋېتىشكىمۇ رازى ئەمەس ئىدى. ئۇ كېسەل كۆرۈشتىن باشقا يەنە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك تارىخلىرىنى تەتقىقات ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىشنى خالايتتى. شۇڭا ئۇ نوتسناگىننىڭ كىلىنكىسىدا ئالتى يېرىم ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، 1883-يىلى مايدا ماينېتنىڭ روھى كېسەللىكلەر داۋالاش ئورنىغا يۆتكىلىدۇ. بۇ يەردە، ئۇ كاندىدات دوختۇر بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇ تولۇق كەسىپلىك دوختۇرخانىغا كۆچۈپ بېرىۋالىدۇ. ئۆيىگە پەقەت دەم ئالغان كۈنلىرىلا قايتىدۇ.
تيودور ماينېت، فرېئۇدنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىسى برۇكقا ئوخشاش داڭلىق نېرۋا كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ئىدى. بۇ كىشى ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىدا قوشۇمچە دەرس بېرىپ تۇراتتى.77 فرېئۇد، ئۇنىۋېرسىتېت مەزگىللىدە ئۇنىڭ دەرسلىرىگە بەكلا قىزىقاتتى. شۇڭا ئۇ، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈپ نېرۋا كېسەللىكلەر ئىلىمىغا قىزىقىپ قالىدۇ. فرېئۇد، ماينېتقا بولغان چوقۇنۇشىنىڭ «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چوقۇنۇش» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
ماينېت، ئەينى ۋاقىتلاردا ئەڭ داڭلىق مىڭە فىزىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى ھېسابلىناتتى. ئۇ، چوڭ مېڭە نېرۋا بۇزۇلۇش كېسەللىكى ئۈستىدە كۆرىنەرلىك تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللانغان بىر ئالىم ئىدى. شۇڭا، مىدىتسىنادا بۇنداق كېسەللىك «ماينېت روھىي بۇزۇلۇش كېسىلى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىماردا ئېغىر دەرىجىدە خىيال كۆرۈش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، ھەتتا روھى بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەقلىنى قالايماقانلاشتۇرىۋېتىدۇ. بۇ ھادىسىلەر، فرېئۇدنىڭ كېيىنكى بىر قانچە يىل بويىچە يوشۇرۇن ئاڭ ھەمدە ھەر تۈرلۈك مىجەز بۇزۇلۇلۇشلىرىنى تەتقىق قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ بېرىدۇ.
فرېئۇد، ماينېت كىلىنكىسىدا 5 ئاي ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇ ئەرلەر نېرۋا كېسەلللىرىنى تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن ئىككى ئاي ، ئايال نېرۋا كېسەللىكلىرى تەتقىق قىلىش بىلەن 3 ئاي شوغۇللىنىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر ئۇنىڭ روھىي كېسەللەرنى داۋالاشتىكى تۇنجى ئەمەلىيىتى ھېسابلىناتتى. فرېئۇد بۇ جەرياندا، ئوقۇتقۇچىسى ماينېتنىڭ ئېسىل پەزىلىتىدىن قاتتىق تەسىر ئالىدۇ. ئۇ يازغان خېتىدە ماينېتنى «بىرمۇنچە دوستلىرىمنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بىر ئادەم» دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ ھەركۈنى 7 سائەت ئىشلەش بىلەن بىرگە يەنە قالغان ۋاقىتلىرىدا روھىي كېسەللىكلەر ھەققىدە يېزىلغان نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئىزدىنىش ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا، فرېئۇدتا روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقات ئىشلىرىدا ئالاھىدە قابىلىيىتى كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى.
بۇ جەرياندا فرېئۇد يەنە بىرمۇنچە كىشىلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلمايدىغان بولىدۇ. ئۇ يېڭىدىن تونۇشقان بۇ دوستلىرى بىلەن يېقىن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىش نەتىجىسىدە كەسىپداشلىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىدۇ. ھەتتا دوختۇرخانىدىكى ياردەمچى دوختۇرلار دوختۇرخانىنىڭ ئۇلارغا نامۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشلىرىغا بىرلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشتىمۇ دوختۇرخانىنىڭ بۇ دوختۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىدىمۇ فرېئۇدنى ياردەمچى دوختۇرلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىشىپ ئۇنى دوختۇرخانا دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ۋاكالەتچى قىلىپ تاللىشىدۇ. بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، فرېئۇد مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى تەتقىقات پائالىيەتلەردە بولسۇن ھەقىقەتەنمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بىرسىگە ئايلانغان ئىدى.
فرېئۇد، 1883-يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئالمىشىدۇ. ئۇ كۈنلەردە ۋيېننا ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنەتتى: بىرسى مەخسۇس ئادەتتىكى تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تۈرى بولۇپ، يەنە بىرسى مەخسۇس 梅毒 كېسىلى بىلەن يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تۈرى ئىدى.78 فرېئۇد، يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلەىر داۋالاش تۈرىنى تاللىۋالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، 梅毒 كېسەللىك ئالامەتلىرى نۇرغۇنلىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر كېسەللىك ھېسابلىناتتى. ئەمما ئۇ، بۇ يەردە ئاياللاردىكى بۇ تۈر كېسەللىكلەرگە ئەھمىيەت بەرمەي پەقەتلا ئەر بىمارلارنىلا داۋالاش يولغا قويۇلغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم ئىدى. بۇ يەردىكى ئىشلار ئۇنچە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتمەيتتى. ئادەتتە ھەپتىدە ئىككى قېتىملا دېئاگنوز قىلىشىلا كۇپايە ئىدى. شۇڭا ئۇ، بۇ بۆلۈمدە تەجرىبىخانا ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولىدۇ.
ئۇ تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىكى 3 ئايلىق خىزمىتى جەريانىدا يەنە قۇلاق-بۇرۇن-بۇغۇز بۆلۈمىنىڭ دېئاگنوز ئىشلىرىنىمۇ بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ دېئاگنوز ئىشلىرىدا داۋالاش ئەسۋاپلىرىدىن پايدىلىنىش ماھارىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىدۇ.
شۇڭا ئۇ 1884-يىلىنىڭ يانىۋار ئېيىدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىنىڭ نېرۋا بۆلۈمىدە ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىشلەشكە كىرىشىدۇ. ئۇ ھەركۈنى داۋالاش بۆلۈمىدە 2 سائەت ئىشلەپ، قالغان ۋاقىتلىرىنى تەجرىبىخانا پائالىيەتلىرىگە سەرىپ قىلىدۇ.
ئىيۇل ئېيىدا، فرېئۇد نېرۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلىنىدۇ. ئەندى ئۇ يۈزدىن ئارتۇق بىمارغا مەسئۇل بىرى ئىدى. بۇ يەردە ئۇ 10 نەپەر سېستىراغا، ئىككى نەپەر ياردەمچى دوختۇرغا ھەمدە بىر نەپەر پراكتىكانت دوختۇرغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ. فرېئۇد، ۋيېننا ئونىۋېرسال دوختۇرخانىسىدىكى 3 يىللىق خىزمىتى جەريانىدا تولۇپتاشقان قىزغىنلىق بىلەن كىلىنكىلىق ئەمەلىيەتلەتلەر ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. گەرچە ئۇ دوختۇرخانىنىڭ بىر بۆلۈمىدىن يەنە بىر بۆلۈمىگە تىنماي يۆتكۈلۈپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىسى، ئاساسىلىق قىزىققان مەسىلىسى ئىزچىل تۈردە نېرۋا سىستېمىسىغا دائىر كېسەللىكلەر ئۈستىدە بولغان ئىدى. ئۇ داۋالاش بىلەن مەشغۇل بولغان ۋاقتىنىڭ سىرتىدىكى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنىمۇ نېرۋا سىستېمىسى جەھەتتىكى فىزىيولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ۋە ئورگانىزىملار ھەرىكىتى ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ماينېت ۋە بلۇيېرغا ئوخشاش مەشھۇر نېرۋا بۆلۈم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ نېرپ تالالىرى، نېرپ ھۈجەيرىلىرى، نېرۋا بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرى ۋە شۇنىڭدەك نېرۋىنى مەس قىلىدىغان كوكايىننى تەتقىق قىلىپ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ ئۇتۇققا ئېرىشىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:79
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەن بۇرۇن باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ تاللىۋالغان ئىشىمدىن ئىشەنچىمنى يوقاتتىم دېسەم بولىدۇ. برۇكنىڭ مەن ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن تېمىسى، ئەڭ تۈۋەن دەرىجىلىك بېلىق تۈرلىرىنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى تەتقىق قىلىش ئىشى ئىدى. مانا بۈگۈن، مەن ئادەمنىڭ نېرۋا تۈگۈن سىستېمىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولماقتىمەن. ... مېنىڭ بۇ ئىشنى تەتقىقات تېمىسى قىلىپ تاللىۋېلىشىم مېنىڭ ئىلگىرلىشىمدىكى ئىزچىللىقنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ قارايمەن. مېنىڭ يېڭى ئۇنىۋېرسىتقا كىرگەن ۋاقتىمدىكى ئۇنداق ھەممىگە قىزىقىش، ھەممىنى ئۆگۈنۈش ھالىتىمنىڭ ئەكسىچە، بۈگۈن مەن مەخسۇس بىرلا ئىشقا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرىدىغان بىر يولنى تاللىۋالدىم. بۇ يولۇمدىن چىققماي ئالغا ئىلگىرلىمەكتىمەن. ...
بۇ ۋاقىتتا، مەن يەنە فىزىيولوگىيىلىك تەتقىقات ئىشلىرىمنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم. يەنى مەن مېڭە ئاناتومىيىسى بىلەن شوغۇللىنىشقىمۇ ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتىمەن. بۇ يىللاردا مەن مېڭە ئىچىدىكى نېرۋا تۈگۈنلىرى ھەمدە نېرپ يوللىرى تەتقىقاتى ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلىۋالدىم. ...
ئەمەلىي قوللىنىش نوقتىسى جەھەتتىن ئالغاندا مېڭە ئاناتومىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار ھەرگىزمۇ فىزىيولوگىيە تەتقىقاتلىرىدىن كۆڭۈللۈك دېيىشكە بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتېرىيال مەنبەسىنىڭ كېلىش يېرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايتتىم. شۇنداق بولغاچقا مەن قايتىدىن نېرپ سىستېمىسىدىكى كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىش ئىشىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ دەۋردىكى ۋيېننادا بۇ مىدىتسىنا تارمىقى ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بەكلا ئاز بىر ۋاقىتلار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، تەتقىق قىلىش ئىشىغا يارىغىدەك ماتېرىيال مەنبەلىرى تىبابەتچىلىككە دائىر نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات تارماقلىرىغا ئائىد ژۇرناللارغا چېچىلىپ كەتكەن، بۇ جەھەتتە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىش پۇرسەتلىرىمۇ يوق ھېسابىدا ئىدى. شۇڭا ئامال يوق بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىسى يوق بىر مۇھىتتا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشتىن باشقا يولمۇ يوق ئىدى. گەرچە يېقىنلاردا بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان نوستناگېنغا ئوخشاش كىشىلەر ئوتتۇرغا چىققاندەك قىلسىمۇ، مېڭە قىسمى جەھەتتىكى ئەسەرلەردە تېخىچە نېرۋا كېسەللىك پىرىنسىپلىرىنى باشقا تىبابەت تارماقلىرىدىن ئايرىپ تەتقىق قىلغىدەك بىر ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ...
ئىككىنچى يىلىسىدىمۇ مەن داۋاملىق ئاساسلىق بالنىس دوختۇرى ۋەزىپىسىدە ئىشلىمەكتە ئىدىم. مەن بۇ جەرياندا خېلى كۆپ نېرۋا كېسەللىكلىرى كىلىنكىلىق كۈزىتىش دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلدىم. تەدرىجى ھالدا بۇ جەھەتتىكى كېسەللىكلەر ھەققىدە پۇختا ئاساسلارغا ئىگە بولماقتا ئىدىم. ھەتتا مەن بۇ جەرياندا نېرۋا دائىرىسىدىكى كېرسەللىك ئورنىنىڭ ئورنىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلىگىدەك تەجىرىبىلىك ھالغىمۇ كەلگەن ئىدىم دېيەلىشىم مۇمكىن. شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ كېلىنكىلىق ئانالىزىمدا دېگەنلىرىمدىن كېسەللىك ئاناتومىيىسى بىلەن شوغۇللانغۇچى ئەپەندىلەر قىلچە گۇمان قىلمىغىدەك سەۋىيىگە ئېرىشكەن دېيەلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ۋيېننادا دىياگنوز ئارقىلىق جىددى نېرۋا ۋوسپالنىيىسى قوزغالغان بىمارلارغا نېرۋا ئاناتومىيىسى ئېلىپ بېرىشكە تەكلىنىپ قىلىنىدىغان دوختۇرغىمۇ ئايلانغان ئىدىم (فرېئۇد يازغان «تەرجىمىھالىم» غا قارالسۇن).
1882-يىلىدىن 1885-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، فرېئۇد دەسلىكى قەدەملىك دوختۇرلۇق ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئادەم نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە چوڭقۇر مەلۇماتلارغا ئىگە بىرسىگە ئايلىنىپ، دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا باشلايدۇ.80 ئۇنىڭ بۇ تۈر تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلغان بىر قانچە پارچە ئىلمىي ماقالىسىدا خۇلاسىلانغان ئىدى. يەنى، «بېلىق نېرۋا توقۇلما ۋە نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ تۈزۈلۈشى»، «نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈشى» ھەمدە «كوكايىن توغرىسىدا» دېگەن ماقالىلىرىدا خۇلاسىلانغان ئىدى.
نېرۋا ئاجىزلىقىمۇ خۇددى باشقا نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش ئادەمنىڭ روھى ھالىتىنى بۇغۇپ نورمالسىزلاشتۇرىۋېتىدىغان بىر ئامىل بولىدىغانلىقىنى، كوكايىن بولسا ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى جۇشتۇرۇپ جانلاندۇرالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. فرېئۇد كوكايىندىن ئۆزى بىۋاستە تېتىپ، ئۇنىڭ ئادەم نېرۋا سىستېمىسىغا كۆرسىتىدىغان روھلاندۇرغۇچى رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى سىناق قىلىدۇ. ئۇ مارتاغا يازغان بىر خېتىدا، «مەن يېقىندا نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپ تار بولۇپ قالغىنىمدا قايتا بىر قېتىم كوكا ئىچىپ باقتىم (كوكا — يەنى كوكايىن دېگەن بۇ ماددا كوكا دەرىخىنىڭ يۇپۇرمىقىدىن ئايرىپ ئېلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئورگانىك ئىشقار رادىكالى بولۇپ، ئادەتتە تىبابەتچىلىكتە دائىرىلىك مەس قىلىشلاردا قوللىنىلىدۇ)، بۇ جەرياندا ئىنتايىن ئاز مىقتاردا ئىشكىنىمدىمۇ روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن كۈچلۈك ھاياجانلىنىشنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ھازىر كوكايىن دېگەن بۇ ئاجايىپ سىرلىق ماددا ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى يىغىش بىلەن مەشغۇل بولماقتىمەن.» شۇنىڭ نبىلەن بىر قاتاردا، فرېئۇد يەنە بىر ياش كۆز دوختۇرىغىمۇ كوكايىندىن ئوپىراتسىيە قىلىشنىڭ مەس قىلغۇچىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كۆرۈشىنى مەسلىھەت قىلىدۇ. فرېئۇد ئۇزۇنغا قالماي، كۆز بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولغان كارل كېرل دېگەن بىر دوستىنىڭ كوكايىننى مەس قىلغۇچى سۈپىتىدە كۆز ئوپىراتسىيىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە پايدىلانغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ.
ئۇزۇنغا قالماي فرېئۇد كوكايىننىڭ يەنە كىشىنى خۇمار قىلىش كېسىلىگە گىرىپتار قىلىشىنىمۇ كەشىپ قىلىدۇ. يەنى كوكايىنمۇ خۇددى مورفىنغا ئوخشاش ئادەمدە خۇمار پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. فرېئۇد، دوستى فلىيشېرنىڭ ئوڭ قولىنى ئوپىراتسىيە قىلىشتىن كېيىن مورفىي خۇمار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى سەزگىنىدىن كېيىن، فلېيشىرغا كوكايىندىن پايدىلىنىپ خۇمار كېسىلىنى داۋالاپ بېقىش مەسلىھەتىنى بېرىدۇ. دېگەندەك، فلېيشىر كوكايىن ئىشلەتكەندىن كېيىن شۇ ھامان مورفىي خۇمارىدىن قۇتۇلغان. شۇندىن ئىتىبارەن فرېئۇد كوكايىندىن پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك نېرۋا سىستېمىسىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلگەن بىمارلارنى داۋالاش ئىشىغا كىرىشىدۇ. مەسىلەن پاراخوتتا بېشى قېيىش، چېكىسى ئاغرىش 三叉神经痛 قاتارلىق مىڭە كېسەللىرىنى داۋالاش قاتارلىقلاردا كوكايىندىن پايدىلىنىدۇ.
فرېئۇدنىڭ كوكايىن تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، ئۇنىڭ نېرۋا كېسەللىكى جەھەتتە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپاتلايدۇ.81
1885-يىلى ئافرېلدا، فرېئۇد دادىسىنىڭ بىر كۆزى ئاغرىيدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كۆزى كۆرمىگىدەك ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. فرېئۇد، كەسىپتىشى، كۆز دوختۇرى كېرى بىلەن بىرگە دادىسىنى دىياگنوز قويدۇرۇپ كېلىدۇ. دېياگنوز نەتىجىسىدە، دادىسىنىڭ 青光眼 بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئەتىسى، تېخىمۇ تەجرىبىلىك يەنە بىر كوز دوختۇرى كىنىستايىنغا دادىسىنىڭ كۆزىنى ئاپاراتسىيە قىلدۇرۇش تەكلىۋىنى بېرىدۇ. ئوپىراتسىيە ھەقىقەتەنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ئىدى. فرېئۇد، كېرى ۋە كېنىستايىن ئۈچىسىلا كوكايىندىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ باشلامچىلىرى ھېسابلىناتتى. فرېئۇد، كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە كوكايىندىن پايدىلىنىپ كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان دادىسىنىڭ كېسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپىراتسىيە قىلالىغانلىقىدىن بەكلا خۇشال ئىدى.
فرېئۇد، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى جەھەتتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى بىلەن داۋالاش ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكى سەۋەبىدىن، 1885-يىلى باھاردا ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ لېكتورلۇقىغا تەيىنلىنىدۇ. گېرمانىيە بىلەن ئاۋۇسترىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، فرېئۇدنىڭ تەيىنلەنگىنى مائاشسىز لېكتورلۇق ۋەزىپىسى بولۇپ، بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن لېكتور پاكولتىت چاقىرغان يىغىنلارغا قاتنىشالمايتتى شۇنىڭدەك مائاشىمۇ يوق ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن فرېئۇد پەقەتلا بىر قىسىم مىدىتسىنا فاكولتىت سىنىپلىرىغا تاللانغان دەرسلەر بويىچە لېكسىيەلەرنىلا بېرەلەيتتى. بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئىش ھەققە ئالالمىسىمۇ يەنىلا ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايتتى. چۇنكى، ئادەتتە مەلۇم بىر تەرەپلەردە ئالاھىدە كەسىپى قابىلىيىتى بولغان ئىلمىي خادىملارلا بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنەلەيتتى. شۇنىڭدەك، بۇنداق بىر ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكى، ئۇزۇنغا قالماي دوتسېنتلىققا ياكى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلۈش ئېھتىمالى بولىدىغان بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.
بۇ قېتىم فرېئۇد ئاساسلىقى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى كۆرىنەرلىك ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكى سەۋەبىدىن بۇنداق بىر شەرەپلىك ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. تەبىئىيكى، بۇ ئىشتا پروفېسسور برۇك، پروفېسسور ماينېت ھەمدە پروفېسسور نوتسناگېن قاتارىدىكى ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان دېيىش كېرەك. پروفېسسور برۇكنىڭ مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا يېزىپ بەرگەن تەۋىسىيە قىلىش خېتىدا مۇنۇلارنى يازغان ئىدى: «دوختۇر فرېئۇدنىڭ يازغان مىكىروسكوپتا ئاناتومىيە ھەققىدىكى دېسسىرتاتسىيىسى ھەممە تەرىپىدىن ئەلا دەرىجىلىك نەتىجە دەپ ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان بىر ماقالە. ... مەن ئۇنىڭ خىزمەتلىرىدىن تولۇق خەۋىرىم بار. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھەققىدە ھەرقانداق بىر ئىلتىماسى ئۈچۈن تەۋىسىيە قىلىپ باھالاش يېزىپ بېرەلەيمەن. — پروفىسسور برۇك يەنە مۇنۇلارنى يازىدۇ، — دوختۇر فرېئۇد ياخشى تەلىم ئالغان بىر كىشى بولۇپ، ئۇ ئەستايىدىل ۋە ئېغىربېسىق خاراكتېرلىق بىرسى. ئۇ، نېرۋا ئاناتومىيىسى جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل بىر خادىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يوقۇرى دەرىجىلىك ماھارەتكە ئىگە، ئۆتكۈر كۈزىتىش قابىلىيىتى بولغان، چوڭقۇر بىلىمگە ھەمدە ئىنچىكىلىك بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئۇسلۇبى بولغان، يوقۇرى دەرىجىلىك تەشكىللەش قابىلىيىتىگە ئىگە يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى بولغان بىرسى. ئۇنىڭ كەشپىياتى ھەممە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان،82 ئۇنىڭ لېكسىيە سۆزلەش ئۇسلۇبى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا چىشىنىشلىك خاتاسىز ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىلمىي تەتقىقاتچى سۈپەت ئېسىل ئوقۇتقۇچىلىق خاراكتېرى بىلەن بىر پۈتۈن بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ...» فرېئۇدنى لېكتورلۇققا كۆرسىتىشنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنىدا، 21 گە قارشى 1 ئاۋاز بىلەن مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋازدا ئۇنى تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشى تەستىقلىنىدۇ.
1885-يىلى فېۋرالغا كەلگىچە، فرېئۇد ۋيېننا تولۇق كەسىپلىك دوختۇرخانىسىنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 14 ئاي ئىشلەيدۇ. شۇ چاغدا بۇ ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئۇنىڭغا نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۇختۇرىدۇ. دېمەك فرېئۇد بۇ نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاشىكارە ئوتتۇرغا چىققانلىقىنى ھەمدە ئېغىر ھال ئالغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا، نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شورس تىنماي فرېئۇدتىن قۇسۇر چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپلا يۈرگەن ئىدى. شورس ھەقىقەتەنمۇ ئىچى تار، قولىدىن تۈزۈك ئىش كەلمەيدىغان بىر دوختۇر ئىدى. شۇڭا ئۇ فرېئۇدنىڭ بۇ بۆلۈمدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىماي كەلگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت پۈتۈن دوختۇرخانىغا يېيىلىپ كەتكەن ئىدى. فرېئۇد ئۆزىنىڭ بۇ يەردىن چىقىرىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ باققان بولسىمۇ قىلچە كار قىلمايدۇ.
1885-يىلى مارت ئېيىدا، فرېئۇد قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالدا بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆز بۆلۈمىگە ئالمىشىپ چىقىدۇ. كۆز بۆلۈمىدە 3 ئاي ئىشلەيدۇ. 6-ئايدا يەنە تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇنى ئوپورتىنا ۋيېننا سىرتىدىكى ئوبورتبېرلىندا خۇسۇسىي روھىي كېسەلللەر دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالىتەن دوختۇرى بولۇپ بېرىشىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ فرېئۇد كىرىمىنى جىقايتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى بولغان پروفېسسور رېيدسدورف بولۇپ، فرېئۇد بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئىشلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنىمۇ بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. بۇ يەر گۈزەل تاغ مەنزىرىسى بولغان ئورمانلىق بىر يەر ئىدى. بۇ شەخسى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئەسلى بىر ساناتورىيە بولۇپ، دوختۇرخانىدا 60 تەك بىمار بار ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ئۈچىنچى ناپولىيوننىڭ خانىشى مارىيە لويىسنىڭ بىر ئوغلىمۇ بار ئىدى. بۇ بالا ئېغىر سەۋدايى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىدى.83
فرېئۇد، مارتادىن بۇ يەرنى كەلگۈسى ئائىلىسىنى قۇرىدىغان يەر قىلىپ تاللىۋېلىش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىپ يۈرگەن كۈنلىرىنىڭ بىرىدە فرانسىيىگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئۇختۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. بىز شۇندىن باشلاپ، بۇ ئىش فرېئۇدنىڭ دوختۇرلۇق ھاياتىغا قەدەم قويۇشىنىڭ يېڭىچە بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دېمەك، فرېئۇدنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان نىشانى — نېرۋا كېسەللىكلەر تەتقىقاتى بىلەن پسىخوئانالىز ئىشىنى رەسمى تۈردە باشلىشىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ ئىش، 1885-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا يۈز بېرىدۇ.
ئالتىنجى باب
ھېستىرىيە كېسەللىكلىرى ئۈستىدە تەتقىقات
1885-يىلىدىن بۇرۇنقى يىللاردىكى تەتقىقات ۋە دەسلەپكى دوختۇرلۇق ئەمەلىيىتى جەريانىدا، فرېئۇد نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە ئىنتايىن مول تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەمدە كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇ، 1884-يىلى 1-ئافرېل كۈنى يازغان بىر پارچە خېتىدە، «مەن نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش مۇتەخەسسىسى بولۇشنى ئۆزەمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ تاللىۋېلىشىم كېرەكلىكىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلماقتىمەن.» فرېئۇد يەنە ئۆزىنىڭ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە، شۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ «توغرا دىئاگنوز قويالىشى، شۇنىڭدەك ئۆلگەنلەرنىڭ ئاناتومىيىسىدىن قويغان دېئاگنوزىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ يوقۇرىلىقى جەھەتتە داڭ چىقارغان ئىدىم» دەپ يازىدۇ.
فرېئۇد نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولغان ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ قىزىقىشى ئاساسلىقى نېرۋا كېسەللىكلەر جەھەتتە مەركەزلەشكەن ئىدى.84 ئۇ بۇ ۋاقىتلاردا، «دورىگەرلىك ئىلىم مەركەزى»، «ئاناتومىيە ۋە فىزيولوگىيە ماقالىلىرى» ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە چىقىدىغان «چوڭ مېڭە» ژۇرنىلىدا ئىزچىل تۈردە بەكلا كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، نېرۋولوگىيە ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك دىققەتنى تارتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى شۇ ھامان دېگىدەك چېخچىغا، ئېنگلىزچىغا، ئىتالىيانچىغا ھەمدە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تۇراتتى.
فرېئۇدنىڭ نېرۋىلوگىيە جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى برۇك فىزيولوگىيە تەتقىقات يۇرتىدا ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدىن باشلانغان ئىدى. گەرچە ئۇ يىللاردا ئۇنىڭ تەتقىقات تېمىسى يۇمشاق بېلىق تۈرلىرىنىڭ نېرپ ھۈجەيرىلىرى ئۈستىدە بولغان بولسىمۇ، بۇ ئىش ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ئاساس تىكلەپ بېرىدۇ. برۇك فىزىيولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىكى دەسلەپكى ئەمەلىي پائالىيىتى مەيلى تەتقىقات مەزمۇنى جەھەتتە بولسۇن ياكى تەتقىقات ئۇسۇلى جەھەتتە بولمىسۇن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى باشلىنىش بولۇپ بېرىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا پروفېسسور ماينېت ئۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئالىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك جەريانى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تېتقىق قىلىشنىڭ پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. 1885-يىلى، «نېرۋا كېسەللىكشۇناسلىق مەركەزى» دېگەن ژۇرنال فرېئۇدنىڭ نېرۋا كېسەللىك ئىلىمىغا ئائىت بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىككىنچى ئىلمىي ماقالىسى يەنە شۇ ژۇرنالنىڭ 1886-يىل 3-ئاي سانىغا بېسىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈچىنچى ماقالىسى مەخسۇس قۇلاق كېسەللىكلىرى تەتقىقات ژۇرنىلىنىڭ 1886-يىل 9-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئىلمىي ماقالىلىرى ئاڭلاش نېرۋىلىرى كېسەللىكلىرى مەسىلىلىرىنى نوقتىلىق تەتقىق قىلىنغان ئىدى. فرېئۇد 5~6 ئايلىق تۆرەلمىنىڭ ئاڭلاش نېرپ تالالىرىنى ئاساسلىق ئاناتومىيىسى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، ماقالىدا بۇ ھەقتە ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ۋە ئەستايىدىل تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن ئىدى. گەرچە بۇ ماقالىلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئاڭلاش نېرپلىرى تەتقىق قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسلىق قىزىقىشى 5-، 8-، 9- ۋە 10- مىڭە قېپى نېرۋىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ شاخلىق نېرپ تۈگۈنلىرى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ نېرپلارنىڭ ھەممىسى يۇلۇن ئۈستىدىكى كېيىنكى نېرىپ تومۇرىدىكى نېرىپ بوغۇملىرى بىلەن ماسلىشىپ تۇراتتى.
فرېئۇدنىڭ نېرۋا سىستېمىسى توقۇلما ئىلىمى ۋە كىلىنكىلىق جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە ۋە نەتىجىلىرى، ئۇنى ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ لېكتورلۇقىغا تەيىنلەنگىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي پروفېسسور برۇك تەرىپىدىن ئۇنى خېلى چوڭ بىلىم ئاشۇرۇش ئوقۇش مەبلىقى بېرىلىشىگە نامزات كۆرسەتىلىپ پارىژغا بېرىپ شۇ ۋاقىتلاردا داڭلىق نېرۋولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولغان شاركوتنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا يوللانغان ئىدى.
بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى 240 ئامېرىكا دوللار قىممىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭ 6 ئايلىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش راسخوتىغا كەڭتاشا يېتىدىغان بىر مەبلەغ ھېسابلىناتتى.
1885-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئاخىرلىرىدا، فرېئۇد 3 يىل 1 ئاي جاپالىق خىزمىتىنى باشتىن كەچۈرگىنىدىن كېيىن، ۋيېننا ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ پارىژغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ دېمەك، ئۇنىڭ ئادەتتىكى دەسلەپكى مىدىتسىنا ئەمەلىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىپ تېخىمۇ كەسىپلەشكەن تەتقىقات ساھەسىگە — نېرۋولوگىيە تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قويغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى.85
1885-يىلى كۈزدە، فرېئۇد پارىژغا يېتىپ بارىدۇ. شاركوت، مىدىتسىنا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان نېرۋا كېسەللىك ئىلمىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى ھېسابلىناتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولالىغان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆمۈرلۈك بىخەتەرلىك كاپالىتىغا ئېرىشكەن بىرى ھېسابلىناتتى. ئۇنداق بىرسى، شۇندىن ئېتىبارەن ھەرقانداق بىر مىدىتسىنا سەھەسىگە توسالغۇسىز كېرەلەيدىغان ھەمدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرى ھالىغا كېلەلەيتتى. كىشىلەر شاركوتنىڭ ھەرقانداق بىر شاگىرتىنى ئالاھىدە ئەتىۋارلىشىپ ماختاپ كېتەتتى. شاركوتنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا، فرانسىيىنىڭ شارپوت لېر دوختۇرخانىسى دۇنياغا داڭلىق نېرۋا كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ مەككىسى ھالىغا ئايلانغان ئىدى. فرېئۇد پارىژغا كەلگىنىدىن كېيىن، شاركوت بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھەمدە شارپوتلېر دوختۇرخانىسىنىڭ پراكتىكانتى بولىدۇ.
ئەگەر، ئۇنىڭ ئالدىدا فرېئۇدنى نېرۋا كېسەللىكلەر سىستېمىسى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم نوقتىسى ئادەتتىكى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلەر ھەمدە توقۇلمىلىرى ساھەسى بويىچە تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان بىرسى ھېسابلانغان بولسا، ئۇنىڭ شاركوتنىڭ يېنىدا ئۆگۈنۈشنى باشلىغىنىدىن كېيىن ئۇنىڭ تەتقىقات نوقتىسى نېرۋا كېسەللىكلەر داۋالىشىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. فرېئۇد پارىژغا يېتىپ بېرىپ مارتاغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بۇ كىشىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىگەن باشقا ھېچ كىم يوق دېيەلەيمەن. مەن ئۆزەم بۇ ئۇرۇقنىڭ مول مىۋە بېرەلىشىنى ھازىرچە بىلەلمىسەممۇ، شاركوت بەرىبىر مەن قاتتىق ھۆرمەت كقىلىدىغان بىر ئىلمىي خادىم ھېسابلىنىدۇ.» دەل بۇ يەردە فرېئۇد تۇنجى قېتىم ھىپنوزنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك، تۇنجى قېتىم روھىي غىدىقلىنىشنىڭ بەدەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى، ئادەم بەدىنى ئىختىيارسىز ھالدا، ئاڭسىز بىر تۈردە روھىي غىدىقلىنىشنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرمەكتە ئىدى. بەدەندە بىرەر كېسەللىك پەيدا بولىدىغانلا بولىدىكەن، چوقۇم ھەر تۈرلۈك مىجەز ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ تۈر ئۆزگىرىشلەر تېخىچە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈلگىنى يوق. فرېئۇد، شاركوتنىڭ بىر قاتار تەجرىبە ۋە لىكسىيىلىرىگە قاتنىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۇ يوشۇرۇن ئاڭ دېگەن بىر ساھەنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى ئۈستىدە ئويلىنىشقا كىرىشكەن ئىدى. ئادەمنىڭ ئۆزىدىن يوشۇرۇن بولغان بۇنداق بىلىنمىگەن روھىي پائالىيەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرلەر ئاشكارە پىكىر قىلىش ئورگىنىمىز بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايتتى. كېيىن، بىز شۇنى كۆرىمىزكى، بۇنداق يوشۇرۇنغان روھى ھادىسىلەر ئۈستىدىكى چوڭقۇر تەتقىقاتلار فرېئۇدنىڭ پغتكۈل روھ ئانالىزشۇناسلىقىنىڭ چىقىش نوقتىلىرىدىن بىرى ھالىغا كېلىدۇ.
فرېئۇد يازغان خېتىدە، شاركوتنىڭ ئىلمىي پەزىلىتى بىلەن ئۇنىڭ داۋالاش ئىلمىي روھى، خىزمەت پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارغا بەكلا يوقۇرى باھا بېرىپ ماختايدۇ. فرېئۇد، شاركۇتنىڭ بىمارلىرىغا بەكلا قىزغىن مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى، بىمارلارنىڭ ئازابىغا چوڭقۇر ھېسسىداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.86 فرېئۇد، شاركوتنىڭ بۇ تۈردىكى مۇئامىلىسىنى ۋيېننادىكى دوختۇرلاردا ئىپادىلىنىدىغان پەرۋاسىز خامۇش پوزىتسىيىسى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. فرېئۇد ۋيېنناغا ئېلىپ كەلگەن شاركوتنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تاش باسما رەسىمىدىن شاركوتنىڭ ستۇدېنتلىرى بىلەن يېرىم ھۇشىسىز ئايال بىمارنى يۈلەپ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقان ياردەمچىلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىق تەسۋىرىنى كۆرىۋېلىشقا بولاتتى. فرېئۇدنىڭ چوڭ قىزى كېيىن مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ رەسىمنى ھەر كۆرگىنىمدە ئالغا ئىلگىرلەش غەيرىتىم ھەمدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرىم كۈچلىنىپ ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئىشقا بېرىلىپ كېتىشىمنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ يەنە، دادام نۇرغۇن قېتىم بۇ رەسىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مېنى شاركوتنىڭ كىچىك پىيىل، قىزغىنلىق ۋە ئەستايىدىل ئۈگىنىش روھىنى، خىزمەت روھىنى ئۆگىنىشى ھەققىدە تەربىيە بېرىشى ئۇنىڭ زىھنىدە مەڭگۈ ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى دەيدۇ.
شارپوتلىشېر دوختۇرخانىسىدا، فرېئۇد پۈتۈن زىھنىنى توپلاپ بۇۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بىلەن يۇلۇنىنىڭ رودىمىلىشىش ھادىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ يەنە بىر ئايال كېسەلنىڭ جەسىدى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئايال جەسىدىنىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى تۇتمايدىغان كېسەللىكىنىڭ (بۇ بىمار 1853-يىلىدىن باشلاپ بۇنداق كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولۇپ، 1885-يىلىغا كەلگەندە ئۆلگەن) 30 يىل بۇرۇن قان تومۇرى تىقىلىپ قېلىش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن قان تومۇرى قېتىشىش كېسىلى كۆرۈلگەنلىكىدىن پەيدا بولغانلىقى خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ. ئۇ بۇنداق بىر خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانىدا پۇت تىرەپ تۇرالىغىدەك 7 تۈرلۈك سەۋەبنى ئوتتۇرغا قويىدۇ، ھەمدە بۇ جەرياندا ئەستايىدىللىق بىلەن مىكروسكوپلۇق كۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ، ھەر تۈرلۈك ئېھتىماللىقلاردىن ئەڭ ئىشەنچىلىك، ئەڭ رىيال، ئەڭ پاكىتلىق سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىشقا بەكلا ماھىر ئىدى. ئاندىن ئۇ ھەر تۈردىكى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان سەۋەبلەر ئارىسىدىن ئەڭ ماھىيەتلىك، ئەڭ مۇھىم ئامىلنى تاللاپ چىقاتتى.
ئۇ، نېرۋا كېسەللىكلىرى ئىلمى تەتقىقاتىنى ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈچۈن ھەتتا مارتاغا خەت يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىشىنىڭكى، ئىلىم بىلەن سۆيگۈ ئىككىسى بىرلىكتە ئوتتۇرغا چىققان ۋاقتىدا مەن ئىلىمنى كۆزلەپ مۇھەببەتنى يېڭىپ چىقىش يولىنى تاللىۋېلىشقا مەجبۇرمەن.» فرېئۇد يەنە، ئۆزەمنى پىدا قىلىپ بولسىمۇ چوڭ مېڭە ئاناتومىيىسى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئۆزەمنى بېغىشلاشقا مەجبۇرمەن. ئۇنداق قىلمايدىكەنمەن، بۇ دۇنيادا قىزىققىدەك ھېچ ئىشىم قالمىغىدەك دەپ كۆرسىتىدۇ.87
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شاركوت بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ مۇكەممەل بىر رىغبەتلەندۈرگۈچى، ئۇنىڭ ھەر بىر لىكسىيىسى تۈزۈلۈش جەھەتتە ھەمدە ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئۈلگە بولۇشقا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ يازمىلىرى ئەدەبىي جەھەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل ھەمدە يۈكسەك مۇكەممەللىكتىكى ماقالە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ لىكسىيىسى شۇنداق چوڭقۇر، شۇنداق مەنىلىك ئىدىكى، ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ھەر دائىم قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىمۇ ئىنتايىن جانلىق بىر شەكىلدە كۆز ئالدىڭدىن ئۇزۇنغىچە كەتمەي ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ.»
فرېئۇد يەنە شاركوت ئۈچۈن ئىلمىي ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلاتتى. ئۇ، «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:88
بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ-كىچىك تىنغان ھالدا ئۇرۇشتىن كېيىن (پرۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن) لىكسىيىلىرىمنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىدىغان بىرەرسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئەگەر ئۇنىڭ يېڭى لىكسىيىسىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغانلا بولىدىكەن، بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشال بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، بۇ ئىشنى خالىس ئۈستۈمگە ئالىمەن دەپ بىلدۈردۈم. مەن بۈگۈنگىچىلا ئۇ خېتىمدا يازغانلىرىمنى ئۇنۇتمىدىم. شاركوت مېنىڭ بۇنداق تۈۋەنچىلىك بىلەن قىلغان تەلىبىمنى قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ شاركوتنىڭ شەخسى ھاياتى تەۋەسىگە كىرەلىگەن، شۇندىن تارتىپ دوختۇرخانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدىغان بولغان ئىدىم.
فرېئۇد، 1886-يىلى ئىيۇلدا شاركوتنىڭ ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىشىنى پۈتتۈرىدۇ. شاركوتنىڭ بۇ لىكسىيە كىتابىنىڭ ئىسمى «نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى — بولۇپمۇ ھىستىرىيە كېسەللىكلىرى ھەققىدە يېڭى لىكسىيىلەر» ئىدى. شاركوت، فرېئۇدنىڭ نېمىسچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىغا رەخمەت بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا يۈرۈشلەشكەن ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن توملىرىنى سوۋغا قىلىدۇ ھەمدە كىتاب ئۈستىگە مۇنداق بېغىشلىمىمۇ يېزىپ بېرىدۇ: «دوختۇر فرېئۇد ئەپەندىگە بېغىشلايمەن. شارپوتلىشارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك خاتىرىسى. شاركوت»
فرېئۇد، ھەقىقەتەنمۇ شاركوتتىن بەكلا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. بۇلاردىن ھەممىدىن بەك تەسىر كۆرسەتكىنى شاركوتنىڭ ھىستىرىيە كېسەللىكىنى داۋالاش نەتىجىلىرىنىڭ قالدۇرغان تەسىرى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.
فرېئۇد «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:
شاركوتنىڭ ئۆزى بىلەن بىر قاتاردا ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىرى، ئۇنىڭ ھىستىرىيە كېسەللىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى، بولۇپمۇ بەزى ئۇتۇقلىرىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. ئالايلۇق، ئۇ ھىسترىيە ھادىسىسىنىڭ راست بارلىقىنى، ئۇنىڭ ماسلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇ ھىسترىيە كېسىلىنىڭ ئەرلەردىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ھىپىنوزلاش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ھىسترىيەلىك جىنىسى ئۇيۇشۇپ قېلىش ۋە مەجبۇرى يىگىلەپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق بۇنداق سۇنئىي ھىستېرىيە كېسىلى بىلەن ئۆزلىكىدىن كۆرۈلىدىغان كېسەللىكنىڭ قوزغۇلۇشىنى، ئۇلار ئوتتۇرسىدا قىلچە پەرق يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئىدى. شاركوتنىڭ بەكلا كۆپ تەلىماتى مېنىڭ ھەمدە باشقا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغان، كەينىدىنلا بىر قاتار گۇمانلىنىشلارغىمۇ سەۋەب بولغان، نەتىجىدە بىزنى شۇ دەۋرنىڭ بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بۇ تەلىماتىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئويىمىزغا تۈرتكە بولغان، ئۇنىقڭ بۇ تۈردىكى گۇمانلىنىشلارنى يوقۇتۇشقا تىرىشقان ۋاقتىدا يەنىلا ئىزچىل دوستانە ۋە مىھرىبان، سەۋرچانلىقىنى ساقلىيالىغان ئىدى. ئەمما ئۇ بەزىدە بەكلا كەسكىن بىرسىگىمۇ ئايلىنىپ قالاتتى.
... مەن پارىژدىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىمدا بۇ قالتىس كىشى بىلەن ھىستىرىيەلىك جىنىسى ئۇيۇشۇپ قېلىش بىلەن ئورگان پالەچلىشىپ قېلىش كېسىلىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش تەتقىقات پىلانى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىدىم. مەن بۇ جەھەتتە بىرەر تەلىمات يارىتىش كېرەكلىكىنى، ئاناتومىيىلىك پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ ھىسترىيەلىك پالەچلىشىش قارىشى ئاساسىدا بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەزگۈلەر توسالغۇسىنى ئاساس قىلىپ ئەمەس بەلكى ئادەتتىكىچە بىر چەكلىنىش تۇيغۇسى بويىچە بىر نەزەرىيە ئوتتۇرغا قويۇش لازىملىقىنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم. گەرچە ئۇمۇ مېنىڭ بۇ دېگەنلىرىمگە قوشۇلغاندەك قىلسىمۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە يەنىلا روھىي خاراكتېرلىق كېسەللىكلەر ئاساسىدە يېنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە ئۇنچە بەك قىزىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ ئىپادىلىگەن ئىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ بارلىق پائالىيىتىنىڭ چىقىش نوقتىسى بەرىبىر كېسەللىك ئاناتومىيىسىنى ئاساس قىلىشقا تايانغانلىقى ئىدى.
شاركوت بىلەن فرېئۇد ئىككىسى ھىسترىيە كېسەللىكىنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر ئادەتتە ھېسترىيە كېسىلىنى بىر خىل نىقاپلىنىش ياكى چەكلىنىش ھالىتى دەپ تونىۋالغان، ھەتتا بەزىلەر ھىسترىيە كېسەللىكىنى بىر تۈرلۈك ئالاھىدە خىيالى ھادىسە ياكى توقۇپ چىقىرىۋېلىش دەپ قاراشقان ئىدى. كۆپلىگەن دوختۇرلار ھېسترىيە كېسىلى ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ تەتقىق قىلىشنى خالىمايتتى. قىزىق يېرى، مىدىتسىنا ساھەسىدە پات-پاتلا ھېسترىيە كېسەللىكىنى پەقەت ئاياللار كېسىلى دەپلا قاراپ، بۇ كېسەللىكنى ماتكا تەتۈر قاتلىنىپ قېلىشى ياكى جىنىسى يولدىكى كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ھادىسە دەپلا قارىۋېلىشاتتى. شۇنداق بولغاچقا، داۋالاش ۋاقتىدا قىلچە ئاساسى بولمىغان ھالدا ماتكا تىلىنى رەھىمسىزلەرچە كېسىپ ئېلىۋىتىش ئوپىراتسىيىسى قىلىشنى ياكى بىمارغا بىر تۈرلۈك سېسىق ئوتنى پۇرۇتۇپ داۋالاشنى تەرغىپ قىلىشاتتى.89 بۇنداق ئوتنىڭ غەلىتە پۇرىقى بولۇپ، بىمار ئۇنى پۇرىغىنىدا ئالاھىدە ئىنكاس پەيدا بولۇپ بالىياتقۇسى كىرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. شاركوتنىڭ ئالاھىدە تۆھپىسى ھىسترىيەنى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى دەپ ھۈكۈم قىلغانلىقى ئىدى. نەتىجىدە يوقۇرىقىدەك ئاخماقانىلارچە داۋالاشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋىتەلىدى.
ئەمەلىيەتتە بولسا، ھېسترىيە كېسىلى دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزىلا مىدىتسىنا تارىخىدىكى بىر نومۇسلۇق داغ بولۇپ قالغان ئىدى. ھىستېرىيە دېگەن دېگەن بۇسۆزنىڭ تۈپى ھىستېرون (hysteron) سۆزىدىن، يەنى ماتكا سۆزىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، بۇ سۆز ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى ئاتاش، كونا تىبابەتچىلىكنىڭ قابىلىيەتسىزلىكىنىڭ بىر ئىنكاسىلا ئىدى. فرېئۇد، «تەرجىمىھالىم» دېگەن كىتابىدا ھىستېرىيە (hysteria) دېگەن بۇ كېسەللىك ئىسىمى پەيدا قىلغان شاڭخودىن بىرنى سۆزلەيدۇ. ئۇ ۋاقىتتا فرېئۇد يېڭىلا ۋيېنناغا قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرى بولۇپ، مىدىتسىنا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا پارىژدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى دوكلاد قىلىۋاتاتتى. يىغىنغا قاتناشقان كوپ قىسىم كىشىلەر، يەنى مىدىتسىنا ساھەسىنىڭ نوپۇزلىرى دەپ ئاتالغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا، خۇددى مىدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان دوختۇر بامبېرگنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەر فرېئۇدنىڭ بۇ دوكلادىنى قەتئىي قايىل قىلىش كۈچى يوق بىر دوكلاد دەپ قارىشىدۇ. فرېئۇد بىر ئەر بىمارنىڭ ھىستېرىيە كېسىلى ئۈستىدە توختىلىۋاتقىنىدا ئولتۇرغانلاردىن پىشقەدەم بىر دوختۇر جايىدا ئولتۇرالماي تېپىرلىغىنىچە سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ۋارقىراپ كېتىدۇ: ئاھ تەڭرىم! قەدىرلىك فرېئۇد ئەپەندىم، سىز بۇ يەردە قانداقلارچە بۇنداق قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ يۈرىسىز، ھىستېرون دېگەن بۇ سۆز ماتكا دېگەن مەنىنى بېرىدىغان تۇرسا سىز قانداقلارچىسىغا بىر ئەركىشىنى ھىستېرىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دېيەلەيسىز؟ شۇنداق قىلىپ فرېئۇد ۋيېنناغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن ئەرلەردىكى ھېستىرىيە كېسىلىنى داۋالىشىنى مەنئىي قىلىۋېتىشىدۇ.
فرېئۇد، پارىژدا ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا پارىژدىكى تەجرىبىخانىنىڭ ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلىرىنى يېتېرسىز ھېس قىلىپ بارغانسىرى كۆڭلى سوۋۇشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ، 1886-يىلى غېنىۋارنىڭ ئاخىرىدا ئۇ يەردىكى تەتقىقات پىلانىنى پۈتتۈرۈپ ۋيېنناغا قايتىپ كېلىدۇ.
ۋيېنناغا قايتىش يولىدا، فرېئۇد بېرلىنغا بېرىپ ئادولف باكىنىسكىنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ كىشى ئاتاغلىق بالىلار بۆلۈمى مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئېيتىشلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى ئاۋۇسترىيىدىكى ئىرقى كەمسىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش ئىكەن.90 ئەسلىدە، فرېئۇدنىڭ نېرۋولوگىيە بۆلۈمىنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلەر بىلەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتى مىدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا قاراشلىق «روھىي كېسەللىك ۋە روھىي كېسەللىك كلىنىكىسى» دا مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلۇشىغا پۈتۈنلەي شەرتى توشاتتى. ئەمما، ئۇ يەردىكىلەردە ئىرىقىي كەمسىتىش ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۇ يەردە ئىشلەپ قېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. شۇڭا ئۇ، باشقا يەردىن خىزمەت ئاختۇرۇشقا كىرىشىدۇ. دەل شۇ پەيتلەردە، بالىلار بۆلۈم مۇتەخەسسىسى بولغان ماكس كاسۇۋىچ فرېئۇدنى بالىلار بۆلۈمى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە مۇدىر بولۇپ بېرىشتەك ۋەزىپىگە تەيىنلەشكە ماقۇل بولىدۇ. ئەنە شۇ يېڭى ئىش ئورنىدىكى ئىشلارغا ماسلىشالىشى ئۈچۈن باگىنىكىدىن بالىلار بۆلۈمى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەققىدە كۆپىرەك بىلىم ئېلىشنى كۆزلەپ بېرلىندا بىر قانچە ھەپتە تۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، فرېئۇد ۋيېنناغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بالىلار بۆلۈمى يۇقۇملۇق كېسەللەر تەتقىقات يۇرتىدىكى نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى رەسمى تۈردە ئۈستىگە ئالىدۇ. فرېئۇد شۇ يەردە خېلى كۆپ يىل ئىشلەپ قالىدۇ. شۇ جەرياندا ئۇ ۋيېننادا رەسمى شەخسى دوختۇرخانىسىنىمۇ ئېچىۋالىدۇ.
شۇندىن تارتىپ 5 يىل جەريانىدا فرېئۇد بىر تەرەپتىن ئائىلە ھاياتىنىڭ لەززىتى ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز كەسىپى ئىشلىرىغا پۈتۈن زېھنى بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ.
1886-يىلىدىن 1891-يىلىغىچە فرېئۇد پەقەت بىرلا پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلالايدۇ. بۇ ماقالە 1888-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى ئىككى نەپەر يالغان قارغۇ بولۇپ قالغان بالىنىڭ كېسىلىنى كۈزىتىش ۋە داۋالاش جەريانىنى خۇلاسىلاپ تەھلىل قىلىشى بايان قىلىنغان ئىدى.91
فرېئۇد، بۇ جەرياندىكى ئىشلىرىدىن بەك رازى ئەمەس ئىدى. ئۇ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ مۇنداق دەيدۇ:
1886-يىلىدىن 1891-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئازىراقمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىشى بىلەن شوغۇللىنالمىدىم ياكى كېچىككىنە بولسىمۇ بىرەر ئىلمىي ماقالە چىقىرالمىدىم. مەن ھەر كۈنى دېگىدەك ئۆز كەسىپىم ئۈچۈن ئاساس سېلىش، شۇنىڭدەك ئۆزەمنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ كېتىۋاتقان ئائىلەمنىڭ چىقىملىرىنى قامداش ئۈچۈنلا ئالدىراش بولۇپ يۈردۈم.
ئەگەر بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە بىرەر ئىش قىلدى دېيىشكە توغرا كەلسە، بۇ جەرياندا بەكلا كۆپ كىلىنكىلىق داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللاندى دېيىشكىلا بولار. بۇلۇپمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى، ئۇنىڭ قوبۇل قىلغان بىمارلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئىدى. ئەنە شۇ جەرياندا فرېئۇد ھەر تۈرلۈك نېرۋا كېسەللىك ھادىسىلىرىگە دۈچ كېلىپ، بۇ ھەقتە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پارىژدا ئۆگەنگەن ئۈگىنىش تەسىراتلىرىنى ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ بىمارلىرىنىڭ كېسىلىنى داۋالاش جەريانىدا توك بىلەن داۋالاش، ۋاننىدا داۋالاش، ئۇۋىلاپ داۋالاش ھەمدە ھىپىنوزلاپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ روھىي كېسەللەرنى داۋالاشتىكى پايدىلىق تەسىرلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ بەك ئىشەنچ قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەنمۇ قايىل قىلارلىق ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈرۈپ كېلىدۇ. ئۇ 1887-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ھىپنوز ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئىشىغا مەركەزلىشىدۇ. بۇ جەھەتتىكى دەسلەپكى ئۇتۇقلىرى، ئۇنىڭ روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا تېخىمۇ ئىشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.
فرېئۇد، روھىي كېسەلللەرنى داۋالاش جەھەتىدىكى دەسلەپكى ئۇتۇقلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئاسانلا قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ئۇتۇقلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ پارىژدى يېڭى قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىدىلا ئىرقىي كەمسىتىلىشلارغا دۈچ كېلىپ تۇرغاچقا، ئۇنى روھىي كېسەللىكلەر تەتقىقات يۇرتىدا ئىشلەش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، بالىلار بۆلۈمىدە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى مەخسۇس داۋالاش ئىشى بىلەن شوغۇللىنىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. يەنە بىر تەرەپتە، بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان بىلىمگە قارشى ئەنئەنىۋىي قاراشلار — يەنى ھىستىرىيە كېسىلىنى «ئاياللار كېسىلى» دەپ قاراشمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. مىدىتسىنا ساھەسىدىكى نوپۇز ئىگىلىرىنىڭ ھىستىرىيە كېسىلىنى نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى دەپ قوبۇل قىلمايدۇ؛ فرېئۇدنىڭ «ئەرلەردىكى ھىستىرىيە» كېسەللىك ھادىسىلىرىنى ھەمدە «يۇشۇرۇن بىشارەت بېرىش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان ھىستىرىيىلىك پالەچلىك» تەتقىقات نەتىجىسىنىمۇ قوبۇل قىلىشقا ئۇنىمايدۇ. ئەتتا ئاخىرى بېرىپ فرېئۇدنى مىڭە ئاناتومىيە تەجرىبە تەتقىقات يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىشىپ، ئۇنىڭ كېسەللىك تىزىس ماقالىلىلىرى بىلەن ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بىرەرمۇ ئىلمىي ژۇرنال قالمايدۇ. ئامال يوق، داۋالاش ئۇسۇلىنى پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسى دوختۇرخانىسىدىلا روھىي كېسەل داۋالاش ئىشلىرىدا قوللىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
فرېئۇدنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارىسىدا ئەڭ تىپىك ئۇسۇللاردىن بىرى ھىپنوز ئۇسۇلىدا داۋالاش ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ يىللاردا نىسبەتەن مودا ھالىغا كەلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى توك بىلەن داۋالاش ئىدى. فرېئۇد، ئەمەلىي كۈزىتىشلەر ئارقىلىق كلاسسىك توك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆنۈمىنىڭ بەكلا چەكلىك بولىدىغانلىقىنى پەرق قىلىدۇ. ئۇ، ئىلگىرى گېرمانىيىلىك داڭلىق روھىي كېسەللىكلەر نوپۇز ئىگىسى ۋ. ئېرب تەشەببۇس قىلغان توك بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بەكلا كۆپ نۇقسانلىرى بار دەپ قارايدۇ.92 ئۇ، توك بىلەن داۋالاش جەريانىدا بۇ ئۇسۇلنىڭ باشقا بىر قوشۇمچە رولى بولىدىغانلىقى سېزىدۇ. يەنى ئىما-ئىشارەت ئۇسۇلى — سۇگىستىيە ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىنى سېزىدۇ. فرېئۇد، توك بىلەن داۋالاش جەريانىدا ئەگەر بىرەر ئۇقنى تىلغا كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئەمەلىيەتتە بۇ نەتىجىنىڭ دوختۇرنىڭ بىمارغا ئىما قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدىن كەلگەن دەپ قارايتتى. فرېئۇد بۇنداق بىر تونۇشقا كەلگەندىن كېيىن، توك بىلەن داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى بىر يانغا تاشلاپ قويىدۇ.
ھىپىنوزلاش ئۇسۇلىغا كەلسەك، فرېئۇد بۇ بۇ ئۇسۇلنى تا ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىدىلا سېزىپ قالغان ئىدى. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىلا ھىپىنوز مۇتەخەسسىسى خانسنىڭ كىشىلەر ئالدىدا بۇ ئۇسۇلنى كۆرسىتىشىنى تاماشا قىلغان ئىدىم. شۇ چاغدا ھىپنوزلىنىۋاتقان كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قېتىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، يۈز-كۆزىنىڭ تاتىرىپ تا ھىپنوز تولۇق كۆرسىتىلىپ بولغاندىلا بىمارنىڭ ئاندىن ئويغىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ ئەمەلىيەت جەريانى ھىپنوزلىنىش ھادىسىسىنىڭ راس ۋەقە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچەم تۇرغۇزۇلغان ئىدى. ئۇزۇنغا قالماي، ھېدىنخاممۇ ھچىپنوزلاش تېخنىكىسىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەرىپلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي پسىخولوگىيىلىك، روسىي قاتارلىق كېسەللىك قاتارىدىكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىس-پروفېسسورلار ھىپىنوز ئۇسۇلىنى خېلى ئۇزۇنغىچە بىر تۈرلۈك ئالدامچىلىق دەپ تەنقىتلەشتى. ھەتتا بەزىلەر بۇ ئۇسۇلنى خەتەرلىك ئۇسۇل دەپ قارىشىپ بۇ ئۇسۇلنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەمما پارىژدىكىلەر پۈتۈنلەي باشقىچە قاراشتا ئىدى. مەن ھىپنوز ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەرگە ئەركىن قوللىنىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئاندىن بۇ ئۇسل ئارقىلىق بىماردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوقۇتالىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، فرانسىيەنىڭ نانسى شەھىرىدە يەنە يېڭى بىر ئىلمىي ئېقىم ئوتتۇرغا چىقىپ، ئىما-ئىشارە ئۇسۇلىنى داۋالاش جەھەتتە ئوڭۇشلۇق بىلەن قوللانغانلىقىنى، بەزىلەر بۇ ئىشتا دەل شۇ ھىپىنوزلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئاۋىسترىيە مىدىتسىنا ساھەسىدە فرېئۇدتىن ئىلگىرى كىشىلەر ھىپىنوز ئۇسۇلىغا بەك يېقىن يولىمايتتى. ھەتتا ئاتاغلىق پروفېسسور بولغان مەيناتمۇ ھىپنوزلاش ئۇسۇلىنى داۋالاش ساھەسىدە قوللىنىشنى بىر تۈرلۈك «يامان ئەھۋال» دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى.
فرېئۇدنىڭ ئېسىل يېرى، پەقەت ھەقىقەتكىلا بوي سۇنۇپ، ھەرقانداق بىر «ئەنئەنىگە ياكى سالاھىيەت ئىگىسىگە» بوي سۇنماسلىقى ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەت ئاختۇرۇشى ھەمدە ھەقىقەت كەشىپى، ھىپىنوز ئۇسۇلى ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە ئىشلىتىش جەھەتلەردە ھەقىقەتەنمۇ فرېئۇد ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئېسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ كېلەلىشىدە ئىپادىلىنەتتى.93
ھىپنوزلاش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتە پايدىلىنىش ئىشى، روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى جەھەتتىكى بىر ئىنقىلاب خاراكتېرلىق يېڭىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە فرېئۇدنى ھېستىرىيە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى داۋالاش جەريانىدا ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر ئىلھام بەخىش ئەتمەكتە ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ روھىي ئانالىز تەتقىقاتىغا بۇرۇلۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم نوقتا بولۇپ قالىدۇ. دەل شۇ ھىپىنوزلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش جەريانىدا فرېئۇد ئادەمنىڭ ئاڭ تەۋەسى ئارقىسىدا باشقىچە بىر دۇنيانىڭ — ئىنتايىن كۈچلۈك قەلىب پائالىيەت جەريانىنىڭ — «يۇشۇرۇن ئاڭ پائالىيەت رايونى» نىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كەشىپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىن باشلاپ، فرېئۇد بۇ يۇشۇرۇن ئاڭ پائالىيەت رايونىنى قېزىپ چىقىرىش ۋە ئۇنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئاخىرىدا پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ پۈتكۈل ئىلمىي سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشى بويىچە، يۇشۇرۇن ئاڭ دېگىنى پسىخىك چەكلىمىلەر بىلەن ئۇنىڭ باستۇرۇلىشى ئاستىدىكى ئاڭ پائالىيەت رايونى چوڭقۇر قەلبنىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا بېسىلىپ قالغان بولۇپ، تاشقى كۈچ ياردىمىغا تايىنىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۇنى ئوتتۇرغا چىقىرىش ۋە قوزغىتىشقا بولىدىغانلىقىنى، مەلۇم تەھلىل ئۇسۇللىرىغا تايىنىش ئارقىلىق بۇ يۇشۇرۇن ئاڭ پائالىيەت رايونىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇ يەردىكى روھىي بېسىملارنى يوقۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن بۇ بېسىلغان ئاڭ پائالىيەت ھەرىكەتلىرىنى «بىلىنگەن ئاڭ» ھالىغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئىدى. شۇ ئارقىلىق بۇ تۈردىكى «يۇشۇرۇن ئاڭ» نى پەرق قىلىشتىن بۇرۇن ئۇ يەردىكى ئاڭ پائالىيەتلىرىنى پەقەتلا بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ مەزمۇنى ۋە يۈزلىنىش ئالاھىدىلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇشۇرۇن ئاڭ ھەم پايدىلىق مەزمۇنلارغا ھەم زىيانلىق تەركىپلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى؛ ئۇلار بەزىدە ھەتتا ئەقىلغا سىغمايدىغان بىمەنە تېتىقسىز «قار بېسىش» شەكلىدە باستۇرۇشلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن. بۇ تۈردىكى چوڭقۇر قەلىبتىكى يوشۇرۇن بىلىنگەن سىرلىرى گۇيا ئادەمنىڭ روھى زامان دۇنياسىدا لەيلەپ يۈرگىنىدەك، خۇددى دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەن مۇز تېغىدەك مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ دېڭىزى ئىچىدە چۆۈپ ئازغىنا بىر قىسمىنىڭلا بىلىنگەن ھالىتىدە بىلىنگەن دېڭىزى ئۈستىدە لەيلەپ چىقىپ قالغىنىدەك بىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەل شۇنداق يۇشۇرۇن ئاڭ چۈشەنچىسى فرېئۇدنىڭ روھىي ئانالىز (پسىخو ئانالىز، بىلىش ساھەسى ئانالىزى — ئا، بوران) نىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، دەل شۇ خىل ھىپنوزلاپ داۋالاش ئۇسۇلىلا «يۇشۇرۇن ئاڭ» كەشىپى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ ئۆزى ھەرگىزمۇ سوبىكتىپ خىيالغا تايىنىپ ئوتتۇرغا چىقىرىۋالغان خىيالى بىر ئۇقۇم ئەمەس. ئەكسىنچە، پسىخو ئانالىز تەلىماتى فرېئۇد ۋە ئۇنىڭ كەسىبداشلىرىنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا خۇلاسىلاپ چىقىرىلغان، تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بىر نەزىرىيەدۇر.
فرېئۇدنىڭ ھىپنوزلاپ داۋالاش ئۇسۇلى شۇنچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر ئۇسۇل بولغانىكەن، بىز ئۇنىڭ ھىپنوز لاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان جەريانىدىنمۇ ئاز-تۇلا خەۋەردار بولۇشىمىزغا توغرى كېلىدۇ. ئەسلىدە، فرېئۇدنىڭ ھىپنوزدىن خەۋەر تېپىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەريانىنى 1885~1886-يىلى غېنىۋاردا پارىژ سەپىرى جەريانىدىلا ئىگەللىگەن بىر ئۇسۇل ئەمەس بەلكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان دەۋرىدىلا ھىپنوزلاش ئۇسۇلىنى كۈزىتىش ئىشىنى باشلىغان دېيىش مۇمكىن. يەنى، 1882-يىلىدىن باشلاپلا فرېئۇد پروفېسسور بلۇيېر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئاننا ئوۋ ئىسىملىك بىر ھىستىرىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىز بىمارنى داۋالاش ئارقىلىق ھىپنوز ئۇسۇلىنىڭ سىرلىرىنى ئىگەللىگەن دېيىش مۇمكىن ئىدى.94
پروفېسسور جوزېف بلۇيېر بولسا برۇك، شاركوت قاتارىدىكى پروفېسسورلارغا ئوخشاشلا فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىقىنىڭ كەشپىياتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئالىملار ئىدى. بۇ ئۈچ كىشى، مەيلى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى جەھەتتە، مەيلى ئىلمىي ئىستىلى جەھەتتە، مەيلى تەتقىقات پوزىتسىيىلىرى جەھەتتە بولمىسۇن فرېئۇدقا ھەقىقەتەنمۇ ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنىلىك كىشىلەر ئىدى. ئىنسانىيەت تارىخىدا، ھەر قانداق بىر ئۇلۇغ شەخس، ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرغا چىقىپ قالمايدۇ؛ خۇددى شۇنىڭدەك ھېچقاچان تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان ئەمەس. بەلكى شۇ شەخسنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدىن سىرت چوقۇم يېتەرلىك دەرىجىدىكى تارىخىي تەييارلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرگەن ھەمدە شارائىتمۇ پىشىپ يېتىلگەن بولىشى شەرت. بۇنداق تارىخىي ئوبىكتىۋ ئامىللار ئىچىدە ئالدىنقىلارنىڭ تەتقىقات ناتىجىلىرى بىلەن مول تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى ۋە يول كۆرسىتىشى قاتارلىقلار ھەرگىزمۇ كام بولسا بولمايدىغان ئامىللاردۇر. فرېئۇدنىڭ بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتى بۇرۇنقىلارنىڭ تەتقىقات ناتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنىڭغا بۇرۇنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنىڭمۇ نەتىجىسى دېيىشىمىز كېرەك.
جوزېف بلۇيېر (1842~1925)، ۋيېننادىكى ئاتاغلىق بىر دوختۇر بولۇپلا قالماي يەنە داڭلىق ئالىم ئىدى. فرېئۇد بلۇيېر ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: بلۇيېر «كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيەتكە ئىگە كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قىزىقىش ساھەسى ئۆز كەسىپى پائالىيەت ساھەسىدىن بەكلا كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ... گەرچە ئۇ، بىر ئائىلە دوختۇرىدەك كۆرۈنسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ھاياتى بىر مەزگىل ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتى بىلەن ئۆتكەن. شۇنىڭدەك نەپەسلىنىش ئەزالىرى بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلىغۇچى ئەزالار توغرىلىق مەڭگۈلۈك قىممىتى بولغان بىرمۇنچە فىزىيولوگىيىگە ئائىد ئەسەرلەر يازغان. بلۇيېر ھەقىقەتەنمۇ ئۈستۈن قابىلىيەتكە ئىگە بىرسى. ئۇنىڭ يېشى مەندىن 14 ياش چوڭ. ئارىمىزدىكى مۇناسىبەت ئۇزۇنغا قالماي بەكلا يېقىنلىشىپ ئاخىرى مېنىڭ يېقىن دوستۇم ۋە قىيىن كۈنلىرىمدىن تىنماي ياردەم قىلىپ تۇرىدىغان باش پانايىم ھالىغا كەلگەن. بىز ئىككىمىز ئىلىم-پەن جەھەتتىكى قىزىقىشلىرىمىزدىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىدىغان يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق. تەبىئىيكى، بۇ تۈردىكى مۇناسىۋەتلەر جەريانىدا ئاۋال مەنپەتدار بولىدىغىنى يەنىلا مەن بولاتتىم. شۇنداقتىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پسىخوئانالىز تەرەققىياتى جەريانىدا ئۇنىڭ دوستلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىم. مەن پسىخو ئانالىزشۇناسلىق ئۈچۈن بۇنچە زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىمدىن بەكلا مەيۈسلىنىمەن. ئەمما مەن ھەقىقەت ئۈچۈن ئۇنىڭ دوستلىقىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر قالغان ئىدىم.» بۇ يەردە دېيىلگەن مەھرۇم بولغان دوستلۇق، كېيىنكى دەۋرلەردە فرېئۇد بىلەن بلۇيېر ئوتتۇرسىدىكى پسىخوئانالىز جەھەتتىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئايرىلىشنى كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي، فرېئۇد ئىزچىل تۈردە بلۇيېرنىڭ فرېئۇد ئۆزىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ قىممىتىگە ئىنتايىن يوقۇرى باھا بېرىدۇ.95
بلۇيېر ياش ۋاقىتلىرىدىلا پروفېسسور ئېۋارد ھېسسىننىڭ ياردىمى بىلەن نەپەسلىنىش ئاناتومىيىسى تەتقىقاتىغا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ۋاگۇسلارنىڭ ئاپتوماتىك تېزگىنلىنىش رولىنى كەشىپ قىلغان. كەينىدىنلا يېرىم ئايلانما نەيچىسى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ ئىنتايىن مۇھىم تۆھپە يارىتىدۇ. 1868-يىلى، ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى لېكتورى بولىدۇ. 1871-يىلىدىن باشلاپ شەخسى دوختۇرلۇق بىلەن شوغۇللىنىدۇ. 1894-يىلى، ئۇ ۋيېننا ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخپىر ئاكاسېمىكلىكىگە تاللىنىدۇ. بۇنىڭغا نامزات قىلىپ كۆرسەتكۈچىلەردىن بولغان سيېگمۇند ئېگىسنا، ھېسلىن ۋە ماخ قاتارلىق كىشىلەرمۇ دۇنياغا داڭلىق ئالىملار ئىدى.
بلۇيېر يەنە كېلىپ ھېلمخولتىزنىڭ سادىق مۇرتى ھەمدە گيۇتى بىلەن فېشنېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭمۇ ئىخلاسمەنى ئىدى.
فرېئۇد، 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا بلۇيېر بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ئىدى. ئۇ چاغلار، ئۇ ئىككىسىلا فىزىيولوگىيە تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى ۋاقىتلىرى ئىدى. ئىككىسىلا ئوخشاش ئىدىيىۋىي قاراشتىكى كىشىلەردىن بولغاچقا، ئۇ ئىككىسى تېزلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. فرېئۇد ھەتتا بلۇيېرنىڭ خانىمى ئاننانىڭ ئىسمىنى چوڭ قىزىغا ئىسىم قىلىپ قويغان ئىدى.
1880-يىلى دېكابىردىن 1882-يىلى ئىيۇنغىچە، بلۇيېر قىز بىمارى ئاننا ئوۋنىڭ ھىستىرىيە كېسىلىنى داۋالايدۇ. كېيىن مىدىتسىنا تارىخىدا بۇ داۋالاش دەۋر بۆلگۈچ داڭلىق كېسەللىك تارىخى ئۈلگىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئايال بىمارنىڭ ئەسلى ئىسمى پاردا پابىنخايىم بولۇپ (1859~1936)، بلۇيېرنىڭ تۇنجى قېتىم كەشىپ قىلغان تازىلاش ئۇسۇلىدىن دەسلەپكى قېتىم مەنپەئەتتار بولغان بىمار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە بەكلا ئۆتكۈر بىر قىز بولۇپ، كېسەل بولۇپ قالغان ۋاقتىدا ئەندىلا 21 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كېسىلى بەكلا ياخشى كۆرىدىغان قەدىرلىك دادىسى كېسەل بولۇپ قالغىنىدا قاراۋاتقىنىدا قوزغۇلىدۇ. بلۇيېر تۇنجى قېتىم بۇ قىز بىمارغا قاراش ۋاقتىدا ئۇنىڭدىكى كىلىنكىلىق ئالامەتلەر بەكلا مۇرەككەپ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرىدىكى پارالىچ، كۆڭلى تۇتۇلۇش ھەمدە بىلىنچى قالايماقانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بار ئىدى. بىر قېتىملىق ئۇشتۇمتۇت كۈزىتىش جەريانىدا بلۇيېر ئۇنىڭدىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ قوزغۇلۇش ۋاقتىدىكى ئۇنىڭ كاللىسىدىكى خىيالى تۇيغۇلىرى بىلەن خىيالى تەسۋىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغىنىدا كاللىسىدىكى روھىي قالايماقانچىلىق ھالىتىنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى سېزىپ قالىدۇ. بۇ ھادىسە، بلۇيېرنى يېڭىچە بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىشىغا باشلاپ بارىدۇ.96 بۇ ئۇسۇل بويىچە بۇ قىزنى چوڭقۇر ھىپنوز ھالىغا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن ھەر قېتىم كېسىلى قوزغىلىش ۋاقتىدىكى كۆڭلىنى مۇجۇپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشقا قىستايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بلۇيېر بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بىماردىكى تەكرارلىنىپ قوزغىلىپ تۇرىدىغان قايغۇلىرىنى باستۇرۇش خاراكتېرىدىكى بىلىنگەندىكى قالايماقانلىشىشلىرىنى يېڭىپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ. كەينىدىنلا يەنە شۇنداق ئۇسۇل بويىچە ئۇنىڭدىكى ھەر تۈرلۈك روھىي چەكلىنىش ۋە جىسمانىي غەلىتىلىكلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. بىمار قىز زىھنى ئوچۇق ۋاقىتلىرىدا باشقا بىمارلار بىلەن پەرقسىز ھالدا ئۆزىدىكى كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ نەدىن پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. شۇنىڭدەك ئۆزىدىكى بۇ تۈر نورىمالسىز روھىي ھادىسىلەرنىڭ تورمۇش ئەمەلىيىتىدىكى ئىشلىرى بىلەن نېمە مۇناسىبىتى بارلىقىنى زادىلا ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. ئەمما ھىپنوزغا ئېلىنىشى ھامان ئەسلىدە سېزەلمىگەن بۇ تۈر مۇناسىبەتلەرنى دەرھال پەرق قىلالايتتى. ئەسلىدە، ئۇنىڭدىكى بارلىق كېسەللىك ئالامەتلەر ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كېسىلىگە قارىشىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىدىكى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئىدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر كېسەللىك ئالامەتلىرى مۇتلەق تۈردە مەلۇم مەنىگە بولۇپ، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك روھىي ھالىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ساداسى ئىكەنلىكىنى، يەنى مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كېسەل ياتقان دادىسىنىڭ يېنىدا قالغان ۋاقتىدا كۆڭلىدە كۆتۈرۈلگەن بىر قىسىم باستۇرىۋەتمىسە بولمايدىغان بەزى ئويلىرى ياكى ھاياجىنىدىن كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئەمما، ھەر قانداق كېسەللىك ئالامىتى بىرلا خاراكتېردە بولمايدىغان، زىيان سېلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولالمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەھسۇلى بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى بۇنىڭدەك بىر مۇنچە ئەھۋاللارنىڭ يىغىلىپ بىر يەرگە كېلىشىدىن پەيدا بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، بىمار ھىپنوزلىنىپ خىيالى دۇنياغا غەرق بولۇپ كەتكەن ھالىتىدە بەزى كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىگە ئېلىش ئارقىلىق ئەركىن تۇيغۇلىرىنى ياكى ئەسلىدە باستۇرىۋېتىشكە مەجبۇر قالغان كۆڭلىدىكى ئويلىرىنى قايتا ئىپادىلەش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ھالەتكە كەلگىنىدە ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ غايىپ بولاتتى. ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشتىن كېيىن، بلۇيېر ئاخىرقى ھېسابتا بىمارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش مەقسىدىگە يېتەلەيدىغانلىقى سېزىدۇ. ئەسلىدە بۇ بىمار قىز، ساقايغىنىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە ساغلاپ ياشاپ ھەتتا ئىنتايىن مۇرەككەپ خىزمەتلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغان ھالغا كېلەلىگەن.
يوقۇرىدا بايان قىلىنغان بىمارنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن كاللىسىدا يوشۇرۇنغان خىيال-تەسۋىرلىرىنى ئىپادىلەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى بلۇيېر «سۆھبەت ئارقىلىق داۋالاش» ياكى «ئىس-تۈتەكلەردىن تازىلاش» دەپ ئاتايدۇ. كېيىن، بلۇيېر بۇ ئۇسۇلنى قىسقىچە «تازىلاش» ياكى «پاكىزلەش» دەپلا ئاتايدۇ. بلۇيېر بۇ جەرياندا بۇ بىمارىنىڭ «سۆزلىتىپ داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشى» جەريانىدا تۇيۇقسىزلا ئۆز ۋەتىنىنىڭ تىلىنى — نېمىس تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئېنگلىزچىدا سۆزلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزگەن.97 بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ھىپنوز ھالىتىدە بىمار ئۆزىنى تىزگىنلەش كۈچىنى يوقۇتۇپ بىر مۇنچە بېسىم ئاستىدا قالغان، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىپادىلىشى تەس بولغان ئىپتىدائىي ئاڭ ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىكەن. ھىپنوزلانغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ قىز نورىمال ئەھۋال ئاستىدا ھەمدە قاتتىق بېسىم ئاستىدا ئۈستۈنلۈكتە تۇرىۋېلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان تىلىنى، يەنى نېمىسچىنى باستۇرىۋېتىپ، بۇرۇن بېسىم ئاستىغا ئېلىنغان باشقا بىر تىلنى، يەنى ئېنگىلىزچىنى ئاساسىي تىلى ھالىغا كۆتىرىۋالغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرمەكتىكى، كىشىنىڭ نورىمال روھىي ھالەت ۋەزىيىتىنىڭ كەينىدە، يەنى ئاڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بىر تۈرلۈك ئىپتىدائىي ئاڭ شەكلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
بلۇيېر بىمارى ئاننا ئوۋنىڭ كېسەللىك دوكلاتىنى فرېئۇدقا ئېيتىپ بەرگەن ۋاقتىدا بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ چاغ 1882-يىلى 18-نويابىر كۈنى ئىدى. فرېئۇد بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، قاتتىق قىزغىنلىق بىلەن بۇ ئەھۋالنى بلۇيېر بىلەن قايتا-قايتا مۇھاكىمە قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. فرېئۇد، «ئەينى ۋاقتىدا مەن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى روھىي كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىشنىڭ بۇرۇن قولىمىزدا بار بولغان ھەرقانداق بىر كۈزىتىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا ئۈنىمىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم» دەيدۇ. شۇڭا ئۇ، 1885-يىلى پارىژغا بارغىنىدا بۇ ھەقتە شاركوتقا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەمما شاركوت بۇ ئۇسۇلغا قىلچە قىزىقمايدۇ.
فرېئۇد پارىژدىن ۋيېنناغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، ئاننا ئوۋنىڭ كېسەللىك دوكلاتىنى چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈش مەسىلىسىنى ئويلايدۇ. بۇ چاغدا، فرېئۇد شاركوتنىڭ يېنىدىكى ۋاقتىدا ھىستىرىيە كېسەللىكىنى داۋالاش ھەققىدىكى ئۇسۇلنى ئۈگىنىۋالغان ئىدى. فرېئۇد ۋيېنناغا قايتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، پىشقەدەملەرگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگىمۇ چوقۇنمايدىغان بىر تۈرلۈك مۇئامىلىدە بولىدۇ. شاركوت، ئاننا ئوۋغا قىزىقمىغان ئىدى. ئەمما فرېئۇد شاركوتنىڭ تەتقىق قىلىپ چىققان نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ قىزىقمىغان ئاننا ئوبىكتىۋىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ شاركوتنىڭ قاراشلىرىغىلا شۇنداق مۇئامىلىدە بولۇپ قالماي بەلكى بلۇيېرنىڭ نەتىجىلىرىگىمۇ بەك بوي سۇنۇپ كەتمەيدۇ. فرېئۇد، بلۇيېرنىڭ ئاننا ئوۋ كېسىلىگە بىرىنچى بولۇپ دىياگنوز قويۇپ چىققان كىشى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېسىلىنى بىرىنچى بولۇپ ھىپىنوز ئۇسۇلى بويىچە داۋالىغان دوختۇر ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلەتتى. ئەمما فرېئۇد، بلۇيېرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە دېگەندەك قايىل ئەمەس ئىدى. ئۇ، بلۇيېرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا بۇ ئىشتا يوشۇرۇنغان مەسىلىنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ. نەتىجىدە، ھىپنوزلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ سىرىنى تېپىپ چىقىپ ھىپنوزلاپ داۋالاشنىڭ ئىشلىتىش ساھەسى بىلەن ئۇنىڭ ئادەم ئىچكى روھىي ھالىتى بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. فرېئۇد ئۆزىنىڭ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە بلۇيېرنىڭ ھىپنوزلاپ داۋالاش ئۇسلىنى تونۇش جەريانى ھەققىدە توختالغىنىدا مۇنداق دەيدۇ:98 «بۇ كېسەللىك ئۈستىدە ھىپنوزلاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ئەزەلدىن بىر تۈرلۈك تۇتۇق پەردە قاپلانغان بولسىمۇ، بلۇيېر بۇ پەردىنى پەقەتلا ئېچىشقا ئۇرۇنمىغان. بلۇيېر نېمە ئۈچۈن ئىلىم پەنگە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ كۈچ چىقىرىشقا ئۇرۇنماستىن مېنىڭچە ئىنتايىن قىممەتلىك كەشپىيات بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدىغان بىر كەشپىياتنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى يوشۇرۇپ كېلىشىگە زادىلا ئەقلىم يەتمىدى. ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيتتى. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى شۇكى، بلۇيېر بىر كېسەللىك داۋالىشى جەريانىدا كەشىپ قىلغان بىلىمىنى كېڭەيتىش ئىمكانىنىڭ بار-يوقلىقى، باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاشلاردا قوللىنىشقا بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسى ئىدى. مېنىڭچە بولغاندا، بلۇيېرنىڭ بۇ كەشپىياتى، شۇنچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىكەن، ئەگەر بىر كېسەللىك ئۈستىدە ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن بىر ئۇسۇل ئىكەن، بۇ ئۇسۇلنىڭ باشقا ھىستىرىيە كېسەللىكلەردە كارغا كەلمەسلىكىگە ھەرگىز ئىشەنگىم كەلمىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى، قايتا سىناق قىلىشلا ئىدى. شۇڭا مەن ئۆز بىمارلىرىم ئۈستىدە بلۇيېرنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ كۆرۈشنى قارار قىلغان ئىدىم.»
فرېئۇدتا ھەر دائىم مۇنداق بىر پەزىلەت بار ئىدى: باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈگىنىش ۋاقتىدا ھەر دائىم ئىنتايىن كىچىك پىيىل بولاتتى؛ ئەمما ئۇ ھەر دائىم باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يېڭى بىر يولغا تاشلانغان تۇنجى قەدەم دەپ قارايتتى. ئەگەر پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە كۈزىتىش، شۇنىڭدەك ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى سېزىلىشى ھامان قىلچە ئىككىلىنىپ يۈرمەستىن دەرھال كىرىشىپ قايتىدىن تېخىمۇ يېڭى پەللىگە يەتكىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى.
ئۇ ئۆز داۋالاش ئەمەلىيىتى بىلەن تەتقىقاتى ئارقىلىق قايتا-قايتا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ھىپنوز تېخنىكىسىنىڭ ئىما قىلىش رولىنىڭ چەكلىمىلىك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنى قاتتىق مۈشكۈل ئەھۋالغا قويغان مۇنداق ئىككى نوقتا بار ئىدى: بىرىنچىسى، ئۇ ھىپنوزلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۈزدە-يۈز نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى، يەنى بىمارلارنىڭ ھەممىسىگىلا ھىپنوزلاش ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىپ كەتكىلى بولمايتتى؛ ئىككىنچى مەسىلە، ھەر بىر بىمارنى ھىپنوزلاپ كۆڭۈلدىكىدەك چوڭقۇر ھىپنوز ھالىتىگە كەلتۈرەلمەسلىكى ئىدى.
فرېئۇد، ھىپنوزلاش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ مۇكەممەل ھالغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە 1889-يىلى يازدا ئۆزى ئاتلىنىپ فرانسىيىنىڭ ناسىي شەھىرىگە بېرىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ھىپنوزلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان فرانسۇز دوختۇرلىرىدىن بىلىم ئالماقچى بولىدۇ. ئۇ يەردە، ياشانغان فرانسۇز دوختۇرى رىبورتنىڭ دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي ئىشچىلار ئارىسىدا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا داۋالاش پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىشتىكى تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.99 ئۇ يەنە بىر نەپەر فرانسۇز دوختۇرى بولغان بىنھامنىڭ بىمارلىرىغا كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق شەكىلدە ئەمەلىي تەجرىبىلەر قىلىشىنىمۇ كۆرىدۇ. فرېئۇد، بۇ تەجرىبە ئەمەلىيىتىنى كۈزىتىش ۋاقتىدا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىرات ئالىدۇ. ئۇ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ كېلىپ، «ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى، ئىنسانلارنىڭ ئاڭ دائىرىسى كەينىدە يەنە باشقا بىر تۈردە تېخىمۇ كۈچلۈك روھىي جەريانىنىڭ يوشۇرۇنغان بولىشى ئىدى» دەپ يازىدۇ. فرېئۇد بۇ ئۇسۇلنىڭ بەكلا پايدىلىق بىر ئۇسۇل بولىشىنى سېزىدۇ. شۇڭا ئۇ، بىمارلىرىدىن بىرىنى بۇ تۈر داۋالاشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇنى نانسىي شەھىرىگە بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە ئاپارغان ئايال بىمارىنى داۋالاش جەريانىدا بىنھام بىلەن مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا ئىنتايىن قىممەتلىك بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. يەنى ھىپنوزلاش ئۇسۇلىغا تايىنىپ داۋالاشنىڭ رولى بەلگىلىك بىر چەكلىمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىدۇ.
ئاپارغان بۇ ئايال بىمارىمۇ خۇددى ئاننا ئوۋغا ئوخشاش ئىنتايىن قابىلىيەتلىك بىر ھېستىرىيە بىمارى ئىدى. بۇ قىزمۇ خۇددى ئانناغا ئوخشاش ساپ بىر قىز ئىدى. بۇ قىزنىڭ كېسىلىنى داۋالاشتا بەكلا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەچكە، بۇ كېسەل قىز ئالال يوق فرېئۇدنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلگەن بىر بىمار ئىدى. فرېئۇد، بۇ قىز ئۈستىدە ھىپنوزلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ مەلۇم ئۇتۇقلارغا ئېرىشىپ ئۇ قىزنى زورلىنىپ بولسىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى باشقۇرالىغىدەك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزنى بەكلا ئازاپلىق بىچارە ھالەتتىن قوتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا قارىماي ھىپنوزلاپ داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە بۇ بىمارىنى پسىخولوگىيىلىك دەرتلەردىن تولۇق ئازات قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنىمۇ سېزىدۇ. شۇڭا بۇ بىمارىنىڭ مىجەز كېسىلى پات-پاتلا قايتا قوزغىلىپ تۇراتتى. فرېئۇد، دەسلىۋىدە ھىپنوزلاشتىكى داۋالاش بىلىملىرىم يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن بىمارىنى ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغان جۆيلۈش ھالىتىدىن ياكى خاتىرىلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىسام كېرەك دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇ، بۇ نۆۋەت بىمارىنى نانسىي شەھىرىگە بىرگە ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى بىنھام بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ بېقىش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ چىقىشنى، ھەمدە بۇ جەرياندا بىنھامدىن ئۇنىڭغا ھىپنوز قىلىپ داۋالاپ باقسا دەپ ئويلىغان ئىدى. ئاقىۋەتتە، بۇ قىزنى ھەقىقەتەنمۇ ھىپنوزلاش ئارقىلىق كۈتكەن چوڭقۇرلۇقتا ھىپنوز ھالىتىگە كەلتۈرۈپ غەملىرىدىن خالاس قىلغىلى بولىدىغان دەرىجىگە كەلتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى پەرق قىلىدۇ. بىنھام، فرېئۇدقا مېنىڭ ئىما قىلىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاپ چىقالىغان بىمارلىرىم بالنىستا ياتقانلار ئارىسىدىلا مۇمكىن بولىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خۇسۇسى دوختۇرخانىسىدا دۈچ كەلگەن بىمارلىرىنىڭ بالىنستىكىلەردەك ئۇنچە ئوڭۇشلۇق داۋالاش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېتىراب قىلىدۇ.
فرېئۇد، ھىپنوز ئۇسۇلى بىلەن ئىما ئۇسۇلىنى گېرمانىيىدىكى دوختۇرلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ 1888-يىلى بىنھامنىڭ ئىما قىلىپ داۋالاش ئۆنۈمى ھەققىدە توختالغان ئىككى پارچە قېلىن كىتابىنىڭ بىرىنچى تومىنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. فرېئۇد، بۇ تەرجىمە ئەسىرىگە يەنە تەپسىلى كىرىش سۆزدىنمۇ بىرنى يېزىپ چىقىدۇ. بىنھامنىڭ بۇ كىتابى «ھىپنوزلاش ئۇسۇلى، ئىما قىلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۇسۇلى» دېگەن نام بېرىلگەن ئىدى.100 شۇنىڭدەك يەنە فرېئۇد «ۋيېننا مىدىتسىنا ئىلمىي ژۇرنىلى» دىمۇ بۇ كىتاپ ھەققىدە ئۈزۈندىلەر ئېلىپ تەپسىلى بايان قىلىپ چىقىدۇ. فرېئۇد بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى تومىغا يازغان كىرىش سۆزىدە بىنھام، رىبورت ۋەكىللىكىدىكى نانسىي ئىلمىي ئېقىمى بىلەن شاركوت ۋەكىللىكىدىكى شارپولسېر ئىلمىي ئېقىمى ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنىمۇ تەپسىلى مۇھاكىمە قىلىپ چىقىدۇ. فرېئۇدنىڭ قارىشىچە، شاركوت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرى بىر قەدەر توغرا پىكىرلەر ھېسابلىناتتىكەن. يەنى ھىپنوزلاش ئۇسۇلى نېرۋا ھەمدە موسكۇللارنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى جىددىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ھىپنوز ھالىتى فىزىيولوگىيىلىك ھادىسە بولماستىن ئاساسلىقى پسىخولوگىيىلىك ئىپادىلەر ئىدى.
1891-يىلى، فرېئۇد «خاتا سۆزلەپ قېلىش» دېگەن كىتابىنى ئېلان قىلىپ، بۇ كىتابىنى بلۇيېرغا بېغىشلايدۇ. بۇ كىتاپتا فرېئۇد ئەينى ۋاقتىدا ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ۋېنىك بىلەن لىستخېيىم تەلىماتىنىڭ كامچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى تەپسىلى خۇلاسىلاپ چىقىپ، سۆزدە خاتالىشىش تەتقىقاتىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچىدۇ. بۇ تەلىمات چوڭ مىڭىنىڭ ئالدى تەرىپى بىلەن ئىككى قانات قىسمىنىڭ كېسىشىش يېرىنىڭ خاتا سۆزلەپ سېلىشنى قوزغىتىدىغان مەركەز دەپ ھېسابلايتتى. فرېئۇد بولسا سۆزدە خاتالىشىپ قېلىش ئەيىبىنىڭ بىر تۈرلۈك قابىلىيەت كېسەللىكى دەپ قارايدۇ. بۇ تەلىماتنى باھالاش جەريانىدا فرېئۇد بەكلا كۆپ سۆز ئەيىبلىرىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈپ ۋېنىك بىلەن لىستھېيىم تەلىماتىدىكى بىر-بىرىگە زىت قاراشلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ يەنە ئادەمنىڭ چۈشەنچىلىرى بىلەن ئەستە ساقلاش قابىلىيىتى ھەرگىزمۇ ئەينى ۋاقتىدا ئومۇمىي قاراش ھالىغا كەلگەن ئالىملارنىڭ ھۆكۈم قىلغىنىدەك ئۇنداق «ئالاھىدە چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرى تىپىدا بولىدۇ» دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
فرېئۇد، يەنە شۇ يىلى دوستى، كەسىپدىشى ئوسكار لىخ بىلەن ھەمكارلىشىپ بالىلار مىنىنگىت كېسىلى ھەققىدە بىر پارچە كىتاب يېزىپ چىقىدۇ. بۇ كىتابتا 35 كېسەللىك دوكلاتىنى تەپسىلى مىسالغا ئېلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ كىتاب، بۈگۈنگىچە يەنىلا قىممىتىنى يوقاتمىغان قىممەتلىك كېلىنكىلىق ئەمەلىيەت خۇلاسىلىرى ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا يەنە فرېئۇد نوسناگېن تۈزگەن «مىدىتسىنا كاتتا قامۇسى» ئۈچۈنمۇ بالىلار پارالىچ كېسىلى بايان قىلىنغان ماقالە يېزىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئۇتۇقلىرى گەرچە پارچە-پۇرات نەتىجىلەردەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ كۆرىنەرلىك ئىجادىيەت رۇھىنى نامايەن قىلىپ بەرمەكتە ئىدى.
فرېئۇد بىر قانچە يىللىق كۈزىتىش ۋە تەتقىقاتلار جەريانىدا، بلۇيېرنىڭ كىلىنكىلىق كۈزىتىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ خىل ئۈنۈملۈك ھىستىرىيە داۋالاش ئېلىپ بارغان بىمارلاردا كۆرۈنىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ.101 فرېئۇد ئۆزى توپلىغان نۇرغۇنلىغان بۇ تۈردىكى ماتېرىياللىرى ئاساسىدا بلۇيېرغا بۇ ھەقتە بىرلىشىپ بىر ماقالە يېزىپ چىقىش مەسلىھەتىدە بولىدۇ. بلۇيېر بۇ تەكلىپكە دەسلىۋىدە قاتتىق قارشى چىققان بولسىمۇ، كېيىن بۇنىڭغا ماقۇل بولىدۇ. 1893-يىلى، فرېئۇد بىلەن بلۇيېر بىرلىكتە «ھىستىرىيە ھادىسىسىنىڭ پسىخولوگىيىلىك مېخانىزىمى» دېگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1895-يىلى، فرېئۇد بىلەن بلۇيېر بىرلىشىپ «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» دېگەن بىر ئەسەر يېزىپ نەشرى قىلدۇرىدۇ.
بۇ كىتاب، فرېئۇد بىلەن بلۇيېر بىرلىكتە ھېستىرىيە كېسەللىكى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغانلىقىنىڭ مىۋىسى ئىدى. بۇ كىتابنىڭ نەشرى قىلىنىشى، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىق ئىلمى ئۈچۈن نەزەرىيىۋىي ئاساس بولۇپ بېرىدۇ.
فرېئۇد بۇ كىتابى ئۈستىدە توختالغىنىدا، بۇ كىتابىمنىڭ مۇھىم نوقتىسى ھەرگىزمۇ ھىستىرىيە كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك ھادىسىلىرىنى بايان قىلىش ئەمەس بەلكى ھىستىرىيە كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر «مەنبەلىرى» ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇ ئەسلى سەۋەبلەرنى تېپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەيدۇ.
فرېئۇد يەنە، بۇ كىتاپتا ئاساسلىق نىشان كېسەللىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا قارىتىلغان، شۇنداق بولغاچقا بۇ كىتاب ھېسسىياتلارنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ۋە ئۇنى بىلىنگەن ئاستىدىكى (يۇشۇرۇن ئاڭدىكى)، بىلىنگەندىكى (ئاشكارە ئاڭدىكى) شۇنىڭدەك ھېس قىلىنىدىغان روھىي پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ دەيدۇ. كىتابتا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ مەلۇم بىر ھاياجاننىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن ئوتتۇرغا چىقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش ئارقىلىق، روھىيەت دېنامىك ئامىلى دەيدىغان بىر چۈشەنچە ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كىتابتا يەنە يەنە شۇ خىلدىكى كېسەللىكنىڭ ئوخشاش بىر خىل ئېنېرگىيىنىڭ مەھسۇلى ياكى ئۆزئارا تەڭ قىممەتتىكى قۇۋۋەتنىڭ مەھسۇلى بولىدىغانلىقىنى؛ بۇ تۈردىكى ئورتاق قۇۋۋەت بۇنداق بىر كېسەللىك ئالامىتىنى پەيدا قىلالمىغىنىدىمۇ بەرىبىر بۇ ئېنىرگىيىسىنى باشقا جەھەتلەردە ئىشلىتىپ شۇنىڭغا ماس باشقا بىر كېسەللىك ئالامىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ تەكىتلەيدۇ. (كېيىن توختىلىدىغان روھىي ئېنىرگىيىنىڭ بۇ تۈر ئالمىشىش جەريانىنى ئۇنىڭ باشقا شەكىلگە ئايلىنىشى دەپ ئاتايمىز.) بۇ يەنە كېلىپ ئىقتىسادىي ئامىل دەيدىغان چۈشەنچىدۇر. بلۇيېر بىزنىڭ بۇ ئۇسۇلىمىزنى تازىلىنىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىدى. ئۇ، بۇنداق تازىلىنىش ئۇسۇلى بويىچە داۋالاش نىشانىدا ئەگەر يول خاتا تاللىنىپ مىجەز كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ جوغلۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىدەك بولسا، ئۇنى چىقىش يولى بولىدىغان نورىمال بىر يولغا قاراپ باشلاپ بوشىتىش مۇمكىنلىكىنى، بۇنداق يىغىلىپ قالغان روھىي بېسىپ يىغىندىلىرىنى تازىلاش ئۇسۇلىنىڭ كىلىنكىلىق ئۈنۈمى ھەقىقەتەنمۇ كۆرىنەرلىك بولىدىغانلىقىنى، ئەمما كېيىن بۇ ئۇسۇلنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ھەر تۈرلۈك ھىمىنوزلاش ئۇسۇلىدا بولغىنىدەك يىتەرسىزلىكلەر بىلەن ئوخشاش يېتەرسىزلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتىدۇ. ...»102 يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان روھىي پائالىيەتلەردىكى 3 خىل رۇھىي پائالىيەت دائىرىسى — بىلىنگەن ئاستى (ياكى يۇشۇرۇن ئاڭ)، بىلىنگەن (ياكى ئاشكارە ئاڭ)، ۋە بىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەتلەر، فرېئۇد قۇرۇپ چىققان پسىخوئانالىزشۇناسلىقى (ياكى رۇھ ئانالىز ئىلمى، ئاڭ ئانالىزى) نىڭ ئاساسى چۈشەنچىلىرىدۇر. (بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان رۇھ پائالىيىتى، ياكى پسىخىك ھالەت دېگىنىمىز سىرتتىن كاللىمىزغا كىرىدىغان رۇھ مەنىسىدە ئەمەس بەلكى مىڭىمىزدا، ياكى كاللىمىزدا روي بېرىدىغان رۇھىي پائالىيەت جەريانلىرىنى، خىياللار، ئويلار، ئەسلىمىلەر، تەپەككۈرلەر، ئىختىيارسىز خىياللار ياكى خامخىياللار، تەسەۋۋۇرلار، كۆزئالدىغا كەلتۈرۈشلەر، چۈش-قار بېسىشلار ... قاتارىدىكى مىڭە ھەرىكەت دېنامىكىسى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ يەردە، ئۇيغۇر تىلى لۇغات مەنىسى بويىچە ئاڭ پائالىيىتىمىز، ئوي-خىيالىمىز، تەپەككۈرىمىز دېگەندەك رۇھىي پائالىيەت دېنامىزمىغا، بۇ دېنامىزم يۈز بېرىدىغان تەۋەلىككە ئېنىق، نەق ۋە ساددە ئىسىم قويۇش ھەقىقەتەنمۇ تەس. مەسلەن، كاللامدا بىلىنگەن، مىڭەم ئىشلەۋاتىدۇ، ئەقلىم، ئىس-يادىم، ئاڭ، مىجەز-خۇلۇق دېگەندەكلەرنىڭ ئېنىق مەنىسى، ئېنىق پەرقى قاتارلىقلارغا بىر نېمە دېيىشلەردە ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدىم. — ئا. بوران) روھىي پائالىيىتىمىزدىكى يوقۇرقىدەك 3 خىل ھالەتنى پەرقلەندۈرۈش، ئۇلارنىڭ پائالىيەت قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش، ئۇلارنىڭ قايسى خىل ئەھۋاللاردا بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىپ قېلىشى، توسالغۇغا يولۇقىشى، قانداق ئەھۋاللاردا يىتەكلەشكە بولىشى، بېسىم ھالىتىنى قانداق ئەھۋالدا بوشىتىش مۇمكىنلىكى، ئۇلارنىڭ نورىمال ئەھۋالدىن قانداق قىلىپ غەيرى ھالەتكە يەنى غەلىتىلىككە كىرىپ قالىدىغانلىقى ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈش؛ بۇزۇلغان مىجەزلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى، ھەرىكەت مىخانىزمى ھەمدە ئۇنى داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى دېگەنلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارىدىكى مەسىلىلەر يەنىلا فرېئۇدنىڭ بۇ كىتابىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر يەنە كېلىپ بۇ كىتابتا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىلەر بولغاچقا، بۇ ھەقتە بىرەر ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ ھېچ كىم ئوتتۇرغا قويۇپ باقمىغان ئىدى. بۇندىن كېيىن فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتلىرى ئەنە شۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرلەپ مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ. ئەمما «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» دېگەن بۇ كىتابتا بولسا بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر دەسلەپكى قەدەمدىلا ئوتتۇرغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىلەر بلغاچقا ھەرگىزمۇ تەل-تۈكۈس ھەل قىلىنىش چارىلىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان دىيەلمەيمىز.
«ھىستىرىيە تەتقىقاتى» دا، فرېئۇد مىسالغا ئالغان بىرىنچى كېسەللىك مىسالى ئىيمىل خانىمنىڭ كېسەللىك دوكلاتى ئىدى. بۇ خانىم، 1889-يىلى 1-يانىۋاردىن باشلاپ روھىي تازىلىنىش ئۇسۇلىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمار ئىدى. داۋالاش جەريانىدا، ئۇنىڭغا «جۆيلۈتۈش ئۇسۇلى» نى ھەمدە ئىما قىلىش، ئۇۋىلاش، سۇغا چىلاش قاتارىدىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىدۇ. فرېئۇد داۋالاش جەريانىدا شۇنى سەزدىكى، روھىي داۋالاشنىڭ ئۆنۈمىنى بىمار بىلەن دوختۇر ئوتتۇرسىدىكى شەخسى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولماي قالسا بارلىق ئىسىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسى رولىنى يوقىتىدىكەن. بىر كۈنى بىمار تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بوينىنى ئىككى قوللاپ بۇۈۇشقا كىرىشىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى دەل شۇ پەيتتە بىر خىزمەتچىسى كىرىپ قېلىپ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن فرېئۇدنى قۇتقۇزىۋالىدۇ. فرېئۇد بۇ ۋەقەدىن شۇنى ئېنىق بىلدىكى، دوختۇر بىلەن بىمارنىڭ مۇناسىبىتى داۋالاش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇنداق بولىشى، ئادەمنىڭ نېرۋا پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى جىنىسى ھەۋەسنى ئاساس قىلىدىغانلىقىدىن بولىدىكەن. شۇندىن كېيىنكى 20 يىل ئۆتكەندىلا فرېئۇد مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىدۇ: بۇ تۈردىكى «يۆتكەش» ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسباتلاپ بەرمەكتىكى، نېرۋا ھاياجانلىرىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى جىنىسى ھەۋەس. بۇ نوقتا ئىنتايىن مۇھىم باشلىنىش نوقتىسى ئىدى. بۇ قاراش، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىنى، يەنى بارلىق روھىي ھادىسىلەرنىڭ چىقىش مەنبەسىنى جىنىسى ھاياجانلىنىشتىن ئاختۇرۇش دەيدىغان بىر قاراشقا بېقىنىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرسىتىپ بەرمەكتە ئىدى. ئەمما بۇنداق قاراش، ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا تېخى ئەندىلا ئوتتۇرغا چىقىۋاتقان بىر قاراش ئىدى.103
تەكىتلەشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، دەل بۇ مەسىلىدە فرېئۇد بىلەن بلۇيېر ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىقى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ. فرېئۇد، ھىستىرىيە كېسەللىكى بىلەن جىنىسى ھەۋەس ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر دەسلەپ بىلىنگىنىدە بۇ قاراش «ئىنتايىن مۇھىم بىر قەدەم بولۇپ، ھىستىرىيە ساھەسىدىن ھالقىپ چىقىپ كېسەل كۆرۈش بۆلۈملىرىدە كېسەل كۆرسىتىشكە كەلگەن نېرۋىسى ئاجىز دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ جىنىسى تۇرمۇشىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىنىشىنى باشلاپ بەردى» دەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن مەن شۇنداق قاراشقا مايىل ھالغا كەلدىم: نېرپ ئورگانلىرىدا كۆرۈلىدىغان كېسەللەر پۈتۈنلەي جىنىسى قابىلىيەت توسالغۇ كېسىلى بولۇپ، نېرۋا بولۇپ قالغانلار ئەسلىدە بۇ خىل توسالغۇنىڭ بىۋاستە زەھەرلەنگەنلىكىنى ئىپادىسى دەپ قارىدىم. مىجەز خاراكتېرلىق نېرۋا مىجەزلەر بۇ تۈردىكى توسالغۇنىڭ مىجەزىدىكى ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»
«ھىستىرىيە تەتقىقاتى» نەشرى قىلىنغاندىن كېيىن، نېرۋا بولۇپ قالغان كېسەللىكلەردىكى ئالامەتلەردە جىنىسى ئامىلنىڭ مۇھىم ئورنى بار دەيدىغان بۇنداق بىر خۇلاسىگە ئېرىشىشى فرېئۇدنى پەرقلىق بىر قانچە مىدىتسىنا ئىلمىي دوكلاد يىغىنلىرىدا بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما بۇ قاراشلىرىدىن گۇمانلىنىش ياكى قارشى چىقىشتىن باشقىچە ئىنكاسقا ئېرىشەلمەيدۇ. گەرچە بلۇيېر دەسلىۋىدە ئۆز سالاھىيىتىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇمۇ قارشى پىكىرلىكلەر تەرىپىگە ئۆتىۋالىدۇ.
فرېئۇدنىڭ ئادەتتىكى نېرۋا سىستېمىسىغا دائىر كېسەللىكلەر ئۈستىدە تەتقىق قىلىشتىن چىقارغا خۇلاسىسى، روھىنى تازىلاپ داۋالاش ئۇسۇلى دەيدىغان تېخنىكىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويغان يېڭى تېخنىكىسىغا «دىققەتنى يىغىش» دەپ نام بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىنھامنىڭ قارىشىدىن ئىلھام ئېلىپ ئوتتۇرغا قويۇلغان بىر تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئىدى. بىنھامنىڭ قارىشى بويىچە ھىپنوزلاش دېگەنلىك باستۇرىۋېتىلگەن، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خاتىرىلىرىنى قايتا ئوتتۇرغا چىقىرىشقا يېتەكلەش دېگەنلىك ئىدى. شۇڭا، فرېئۇد «دىققەتنى يىغىش» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بىمارنى ئۇنۇتقان ئىشلىرىنى قايتا ئېسىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھىستىرىيەسىگە ماسلىشىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش پەرىزىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. فرېئۇد دىققىتىنى يىغدۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ رولىنى بىلگىنىدىن كېيىن، تەدرىجى تۈردە ھىپنوز قىلىش ئۇسۇلىنىمۇ بىر چەتكە تاشلاپ قويىدۇ. شۇڭا، فرېئۇدنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرگەن مىجەز خاراكتېرىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئۈزلىكسىز مۇكەممەللىنىپ، دەسلەپتىكى ھىپنوزلاش ئۇسۇلىدىن بۇ ئاساستا روھ تازىلىنىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا چىقارغان، ئۇنىڭدىن كېيىن دىققىتىنى يىغدۇرۇش ئۇسۇلىغا ئۆتىدۇ. بىز كېيىن شۇنىمۇ كۆرىمىزكى، بۇ تۈردىكى ئوخشىمىغان باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكىنىدىن كېيىنلا چۈشكە تەبىر بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بولغان «ئەركىن خىيال قىلدۇرۇش ئۇسۇلى» نى كەشىپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ «پسىخوئانالىز داۋالاش ئۇسۇلى» نىڭ سىستېمىلىشىشىنى تاماملايدۇ.104
ھىپنوزلاش ئۇسۇلىنىڭ كامچىلىقى مەسىلىسىدە، ئەڭ تۈپكى يېتەرسىزلىكى ئۇنىڭ ھىستىرىيە كېسەللىكىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سىھىرلىق كۈچنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزدە تۇتماسلىقىدا ئىدى. فرېئۇد ئۆزىنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرى ئارقىلىق جىنىسى ھەۋەس بىلەن جىنىسى ھاياجاننىڭ نورىمال بولۇش-بولماسلىقى روھىي پائالىيەتلەردە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىقىدۇ. فرېئۇد، شۇندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىل ئىچىدە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ سىستېمىلىق تۈردە تەتقىق قىلىدۇ. يەنى ئۇ، ھىستىرىيە كېسەللىكىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا مىدىتسىنا تارىخىدا ھەمدە پسىخولوگىيە تارىخىدا «پسىخوئانالىزشۇناسلىق» دېگەن بۇ چۈشەنچىدىن بىرىنچى بولۇپ پايدىلانغان كىشى ئىدى.
فرېئۇدنىڭ «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» دېگەن كىتابىدىكى «روھى داۋالاش ئۇسۇلى» دېگەن باب، ئادەتتە پسىخوئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالماقتا. فرېئۇد، «پسىخوئانالىز» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ھەر دائىم ئىشلىتىپ يۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بۇ جەرياندا ئىشلەتكەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن «بلۇيېرنىڭ رۇھ تازىلاش ئۇسۇلى» دەپ ئاتاپ كېلىدۇ.
«پسىخوئانالىز» دېگەن بۇ ئاتالغۇ، 1896-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان فرانسۇزچە ئىلمىي ماقالىسىدا رەسمى تۈردە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىدۇ. شۇندىن كېيىن، يەنى 1896-يىلى ماي ئېيىدا يەنە شۇ ئىلمىي ماقالىسىنىڭ نېمىسچە بېسىلىشىدىمۇ رەسمىي تۈردە ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. فرېئۇد، 1897-يىلى 7-ئىيۇلدا فرېيسقا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئۆزگىچە روھىي داۋالاش ئۇسۇلىنى — ھىپنوزلاش ئۇسۇلى، تازىلاش ئۇسۇلى، دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى قاتارىدىكى ئۇسۇللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇسۇللار ئەسلىدە بىر گەپ ئىكەنلىكىنى؛ بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بىز بۇ گەپلەردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتى باشتىن تارتىپلا بىر پۈتۈن ھالغا كەلگەن مۇنداق 3 تۈرلۈك مەزمۇندىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى: 1. روھىي داۋالاش ئۇسۇلى؛ 2. مىجەز-خاراكتېرنىڭ نورىمال نەزەرىيىسى؛ 3. پسىخوئانالىز ئۇسۇلى.
خۇلاسىلىغاندا، ئەينى ۋاقتىدىكى مىدىتسىنا ساھەسىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك قارشى چىقىشىغا دۈچ كەلگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، فرېئۇد بىلەن بلۇيېر ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ھىستىرىيە كېسىلى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسى پسىخوئانالىزشۇناسلىق دېگەن يېڭى دەۋرىنى باشلاپ بېرىدۇ.105 بۇ دەۋر، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا پارلىغان تۇنجى ئۇپۇغى ئىدى. فرېئۇد، نەچچە ئون يىللىق مۇشەققەتلىك تىببى تەتقىقاتى ھەمدە كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ئىرقى كەمسىتىلىش بېسىمى ۋە تۇرمۇشىدا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىڭ زەربىسىنى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئاخىرىدا 40 ياش ۋاقتىغا كەلگىنىدە پسىخوئانالىزشۇناسلىقنىڭ يۇمران شەكلىنى يارىتىدۇ.
يەتتىنچى باب
ئۆز-ئۆزىنى تەھلىل قىلىشتىن چۈش تەبىرىگىچە
بۇ بابتا فرېئۇدنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە يىلى ئىچىدە پسىخوئانالىزشۇناسلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە سىستېمىلاشتۇرۇش ئۈستىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ دەۋرلەردە فرېئۇد ھىستىرىيە كېسىلى تەتقىقاتى ئاساسىدا دەسلەپكى قەدەمدىكى روھى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن پسىخوئانالىز نەزەرىيىسى ئاساسىدا ئىلمىي كۈزىتىش روھى بويىچە ئەمەلىي تەجرىبە ئەنئەنىسى ئاساسىدا، پسىخوئانالىزشۇناسلىقنى تېخىمۇ مۇقىم تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈلگەن بىر باسقۇچ بولۇپ، پسىخوئانالىزشۇناسلىقنى يۇمۇران ھالىتىدىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بىر سىستېما ھالىغا ئايلاندۇرۇش باسقۇچىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
بۇ باسقۇچقا 5 يىل ۋاقىت سەرىپ بولىدۇ. گەرچە سەرىپ بولغان ۋاقىت ئۇنچە بەك ئۇزۇن بىر ۋاقىت ھېسابلانمىسىمۇ، قولغا كەلگەن نەتىجىسى ئۆتكەن 40 يىللىق نەتىجىدىن بەكلا كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۆتكەنكى بارلىق ئۇتۇقلار بەكلا ئاستا، جىم-جىت بىر شەكىلدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ 5 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مىۋىلەر خۇددى شىددەتلىك بوران چاپقۇندەك قولغا كەلدى دېيىشكە بولىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 5 يىلىدا، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆزىمۇ ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىرگەن ئىدى. بۇ 5 يىل ئىچىدە، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى گۇيا تۇيۇقسىز ئىتتىكلەپ كەتكەندەك كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي، ئىلمىي جەھەتلىرىدە كەشپىيات ۋە ئەمگەكنى تېزلىتىۋەتكەن ئىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىمۇ ھازىرقى شارائىتتىن خاتىرجەم بولالماي ھەممىلا تەرەپتە ئالغا ئىلگىرلەش مۇسابىقىسىنى باشلىۋەتكەندەكلا بىر مەنزىرىنى پەيدا قىلغان ئىدى.106 جەمىيەتنىڭ تېز تەرەققىياتى يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت بىلەن دۆلەت، گۇروھلار بىلەن گۇروھلار زىدىيىتىنىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋېتىدۇ. جاھان ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش كۆلەڭگىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە ئىلىم-پەن گۈللىنىشلىرىنىڭ كەينىدە كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇشنى تالاش-تارتىش قىلىش ۋەزىيىتىنىمۇ شەكىللەندۈرمەكتە ئىدى.
فرېئۇد ئاۋۇسترىيەلىك بىر يەھۇدىي پسىخولوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىن كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك بېسىملارنىمۇ ھېس قىلماقتا ئىدى. بۇ تۈردىكى بېسىملار خۇسۇسىيەت جەھەتتىن ئالغاندا تۈپتىن قارمۇقارشى مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپماقتا ئىدى. بۇ ئىككى تۈرلۈك بېسىم، ئىرقىي كەمسىتىلىش، يەھۇدىيلارغا قارشى ئېقىم، ئىجتىمائىي سىياسىي ئىقتىسادىي مۇھىتلارنىڭ تەۋرىنىشلىرى ئۇنىڭغا كۆرسىتىۋاتقان سەلىبىي بېسىملىرى ئۇنىڭ ئىلمىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئىلگىرلىشى ئۈچۈنمۇ ئىجابىي كۈچ بولۇپ تەسىر قىلماقتا ئىدى. بۇ خىل تۈپتىن قارمۇقارشى بېسىملار يىغىلىپ فرېئۇدنىڭ ئۈستىگە بېسىم بولۇپ چۈشكەن بولۇپ، بۇ بېسىملار ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر تۈرلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ تەتقىقات ۋە خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشىغا ھەيدەكچى بولماقتا ئىدى.
فرېئۇد، ئېرقچىلىقنىڭ ئەسەبىي ھەرىكەتلىرىگە پەقەتلا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا، ياۋروپا قىتئەسىدە، چاررۇسىيە ھۈكمىرانلىقىدىكى زېمىنلەردە يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش رەھىمسىزلەرچە ھەرىكەت باشلىتىدۇ. رۇسىيە بىلەن پولشا زېمىنلىرىدە يەھۇدىيلار ئەڭ ئاۋال ئېچىنىشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. كەينىدىنلا يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ بۇنداق ھەرىكەتلەر تېزلىكتە پۈتكۈل ياۋروپا قىتئەسىگە يېيىلىدۇ. فرېئۇد يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش ھەرىكەتلىرىگە بولغان غەزىۋىنى باش چۆكۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىش كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ مەزگىللەردە، ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى قايتا-قايتا ئىرقچىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىدىن كەلگەن بېسىم ۋە چەتكە قېقىلىش تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرغان بولسىمۇ ئىرادىسى ھەرگىز بوشاشمايدۇ. بۇ 5 يىل ئىچىدە فرېئۇد غالىپلارچە قىياپەت بىلەن ھەقىقەت دۇنياسىغا قاراپ توختىماي چاپىدۇ. شۇ ئارقىلىق بارلىق بىر تەرەپلىمە قاراشلارنى، ھەقسىز ئەيىپلەشلەرنى ھەمدە ھۇجۇملار بېسىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
فرېئۇد، 1895-يىلى ئېلان قىلغان «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» ئۇنىڭ پسىخوئانالىز ئىلىمىنى بەرپا قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. ئەمما بۇ بىلىمنىڭ بەرپا قىلىنىشى بىلەن تەڭ يېڭى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.107 خۇددى ئۇنىڭ «تەرجىمىھالىم دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئالغىنىدەك «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» ھىستىرىيە كېسەللىكىنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنغان ئىپتىدائىي ئاڭ مەنبەلىرىنى ئېچىپ بەرگەن بولىشىغا قارىماي، «مىجەز-خاراكتېرىنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى جەريانىدا قايسى باسقۇچلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىشىگە» بىر نېمە دېيەلمەيدۇ؛ باشقىچە ئېيتقاندا، «مىجەز تەرەققىياتى جەريانىدا قايسى ئىپتىدائىي ئاڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆزىگە بېسىم پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى، توسالغۇغا دۈچ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن بوشىتىلىش يولىنى تاپالمايدۇ؟» بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرگە قارىتا بلۇيېر فىزىيولوگىيىلىك نوقتىدا تۇرۇپ جاۋاب بېرىشكە تىرىشقان ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، ھىستىرىيە كېسەللىكى، ماھىيەت جەھەتتە ھىپنوز ھالىتىدىكى نورىمال بولمىغان روھىي ھالەت مەھسۇلى ھېسابلىناتتى. ئەمما فرېئۇد ئۇنداق قارىمايتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىستىرىيە كېسەللىكى ھەر تۈرلۈك مۇرەككەپ پسىخولوگىيىلىك كۈچلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مۇددىئا، مەقسەت قاتارىدىكى ئامىللارنىڭ بىر-بىرىگە كىرىشىپ كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ مەھسۇلى بولىشى كېرەك ئىدى. يەنى، ھىستىرىيە كېسەللىكى ئادەتتە نورىمال بولغان باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىغان روھىي كۈچلەرنىڭ بىنورمال شارائىتلاردا بۇزۇلغان مىجەزلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بىر ئىپادىلىنىش شەكلىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىناتتى. ئىلگىرى، فرېئۇد ئۆزىنىڭ بلۇيېر بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلابىنى «ئۇيقۇ ھالىتىدەك ھىستىرىيە» بىلەن «قوغدىنىش خاراكتېردىكى نېرۋا» نىڭ توقۇنۇشى دەپ يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىدۇ.
فرېئۇد، يوقۇرىقىدەك ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تەل-تۆكۈس ھەل قىلىش مەقسىتىدە 1895-يىلىدىن كېيىن تىنماي كۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. فرېئۇد بۇ دەۋرلەردىكى ئىزدىنىش يۈلىنىشىنى ئاساسەن مۇنداق ئىككى يول بويىچە — ئۆزىنى تەھلىل قىلىش ۋە چۈشكە تەبىر بېرىش يولى بويىچە كۈزىتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىككى تۈرلۈك كۈزىتىش ئۇسۇلى ئۇنىڭدىكى ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى ئىزچىل بولۇش ئىستىلىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. يەنى ئۆزى ئۈستىدىكى بىۋاستە ئەمەلىيەت ۋە رىئال تۇرمۇشتا كۆرۈلىدىغان روھىي ھادىسىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش پەزىلىتىنى نامايەن قىلماقتا ئىدى.
شۇنىڭغا قارىماي، فرېئۇدنىڭ ئۆزىنىڭ روھىي ھادىسىلىرى بىلەن چۈش ھادىسىلىرىنى ئۆزى ئانالىز قىلىش جەريانىمۇ بىر قاتار ئىزدىنىش، ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش جەريانلىرىدىن ئۆتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ھەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان تۈپكى مەسىلە، ئىزدىنىش يۈزلىنىشىنى توغرا ئىگەللەش مەسىلىسى ئىدى.
فرېئۇد، «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» نەشرى قىلىنغاندىن كېيىن، بىنورىمال پسىخولوگىيىلىك ھادىسىلەر زادى قانداق پەيدا بولغان؟ ھىپنوزلاپ داۋالاش ئۇسۇلىدا بىر كىشىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىچكى ۋە تاشقى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى، ۋەقەلەر زادى قايسى تۈرلۈك ھەرىكەتلىنىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ تەدرىجى ئەسلىگە كېلەلەيدۇ، دېگەن سۇئاللارنى تىنماي قويۇپ ماڭىدۇ.108 بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر روھىي داۋالاش ھەمدە روھىي كېسەللىكلەر كېسەللىك مەنبەلىرىنى تەھلىل قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ ھەل قىلۈۇچ نوقتىلار ئىدى. فرېئۇد، بىمارلىرى ئۈستىدىكى كۈزىتىشلەرنى بىر كۈنمۇ توختاتماي داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇندىن كېيىن، ئۇ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆز-ئۆزىنى تەھلىل قىلىش ۋە چۈشىگە تەبىر بېرىش بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىدۇ.
فرېئۇد، ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ئارقىلىق شۇنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يەتتىكى، ئۇنۇتۇلغان ھەر ئىشنىڭ مۇتلەق تۈردە كىشىنى ئاچچىق قىلىدىغان بىر تەرىپى بولىدۇ. ئەگەر بۇ بىمارنىڭ غۇرۇر ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەلگىنىدە، ئۇ ھالدا بۇ ئىشلاردا بۇ كىشىنى ئۇنچە ئاسان رازى قىلالمايدىغان ياكى ئۇنى خىجىلچىلىققا قويىدىغان ئۇقۇملار بولىشى مۇقەررەر. بۇ تۈردىكى بىمارنى رازى قىلالمايدىغان ياكى ئۇنى نومۇسقا قالدۇرىدىغان ئۇقۇم بىلىپ-بىلمەي شەكىللىنىپ قالغىنى سەۋەبىدىن بۇ كىشى ئۇ ئىشنى ئېسىدىن چىقىرىۋېتىشى ياكى بۇ ئىش ئۇنىڭ ئەستە ساقلاش دائىرىسىدە مەۋجۇت بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولغاچقا، ئەگەر ئۇ بىمارنىڭ ئەقلىگە قايتىدىن قايتىپ كېلىشى لازىم بولغىنىدا چوقۇم ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئىچكى قارشىلىق كۈچلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىنتايىن كۈچلۈك قۇدرەت بىلەن بۇ قارشىلىقلارنى كاللىسىدىن قوغلاپ چىقىرىشى ياكى ئۇنى باستۇرىۋېتىشى شەرت. دوختۇرلار بۇنداق كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەريانىدا كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقىنى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىدۇ. يەنى دوختۇرنىڭ ئۇ بېسىمنى يوقۇتۇش تىرىشچانلىقى بىمارنىڭ ئۇ كۆڭۈلسىز ئىشنى قايتا ئېسىگە كەلتۈرەلىشىنىڭ ئاسان ياكى قىيىنلىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. بۇ جەرياندا، دوختۇرنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن سەرىپ قىلىدىغان كۈچى رۇشەنكى، بىمارنىڭ ئىچكى پسىخىك توسالغۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. فرېئۇدنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەشپىياتى «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئىلگىرلىشىگە ئايلىنىپ، ژرېئۇدنىڭ «باستۇرۇش تەلىماتى» نى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن روھىي كېسەللىك جەريانىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن مۇنداق ئاددى بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى: بىرسىنىڭ كۆڭلىدە بىر تۈرلۈك ئالاھىدە بىر ھاياجان پەيدا بولدى، دەيلى. ئەمما بۇ تۈر ھاياجانلىنىش باشقا بىر كۈچلۈك كۈچ تەرىپىدىن قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ. بىز بۇنداق بىر ئەھۋالدا بۇنداق قارشىلىقتىن پەيدا بولىدىغان پسىخىك زىددىيەتنىڭ مۇنداق بىر يول بويىچە ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالىشىمىز مۇمكىن: يەنى ئىككى خىل ئاكتىپ كۈچ — «تەبىئىي قابىلىيەت» بىلەن «قارشىلىق كۈچى» پۈتۈنلەي بىلىنگەن زىھىن پائالىيەت تا «تۇغما قابىلىيەت» ھاياجىنى بېسىقىپ كۈچىنى يوقاتقانغا قەدەر سىلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ ئۆتىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر روھىي بېسىملىرىنى ئەنە شۇ شەكىلدە ھەل قىلىپ بارىدۇ. ئەمما نېرۋا بۇزۇقلۇقى بولغان بىمارلاردا بۈگۈنگىچە كىشىلەر بىلمەيدىغان بىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنداق ھاياجاننىڭ ئۆزىنى بوشىتىش شەكلى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاياجىنىنى بېسىقتۇرۇش شەكلىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.109 نورىمالسىز كىشىلەردە يوقۇرىدا ئېيتىلغاندەك ھاياجىنىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشىنى باستۇرىۋەتكىنىدە، «مەن» قاتتىق چۈچۈپ تۈگۈلىۋالىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق ھاياجانلىنىشنىڭ بىلىنگەن تەۋەسىگە — ئاشكارە ئاڭ رايونىغا كۆتۈرىلىۋېلىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپ، بۇنداق ھاياجان كۈچىنىڭ بوشىتىلىشىغا يول قويمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇنداق ھاياجان ئوتتۇرغا چىقارغان كۈچ قىلچە ئۇپۇرىماي ئۆز پىتى ئاڭ دائىرىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. بۇ تۈردىكى بوشىتىلىش يولىنى تاپالمىغان «يوشۇرۇن كۈچ» دەل ھىستىرىيە ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان كۈچكە ئايلىنىدۇ. فرېئۇد، بۇنداق جەرياننى ئۆزىنى باستۇرۇش دەپ ئاتايدۇ.
مانا بۇ، فرېئۇدنىڭ ئوتتۇرغا قويغان مۇھىم كەشپىياتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھېچ كىم نېرۋا پائالىيەت جەريانلىرىنى بۇ تۈردە ئانالىز قىلىپ باقمىغان ئىدى. فرېئۇد، بۇ تۈردىكى ھەرىكەت مېخانىزمىنى «قوغدىنىش مىخانىزمى» دېگەن ھادىسىگە ئوخشىتىدۇ.
چەكلەش ھادىسىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئۆز ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان باسقۇچلار ئارقىلىق ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن. ئاۋال، «مەن»، چەكلىمە پەيدا قىلىۋاتقان ھاياجانلارنىڭ قايتا ئوتتۇرغا چىقىش خەۋىپىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە تاقابىل تۇرۇش ئېنېرگىيىسى دېيىلىدىغان ئېنېرگىيە سەرب قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا، «مەن» بۇنداق ئۇزۇنغا سوزۇلغان تاقابىل تۇرۇش ئېنېرگىيە سەرپىياتى جەريانىدا ئاخىرى بېرىپ ھالىدىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتە، يوشۇرۇن ئاڭ تەۋەسىگە مۆكىۋالغان چەكلەنگەن ھاياجانلارمۇ ئۆزىنى بوشىتىۋېلىشنىڭ باشقىچە ئۇسۇللىرىنى تېپىش ياكى بىلىندۈرمەي ئىپادىلىنىش يوللىرىنى تېپىش ئۈچۈن مۇۋاپىق دەپ قارالغان باشقا ۋاستىلارنى — يەنى باشقا شەيئىلەرنى ئورنىغا دەسسىتىپ چەكلىمە رولىنىڭ مەقسەتلىرىنى يوققا چىقىرىۋىتەلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ نىقاپلىنىپ ئوتتۇرغا چىقىدىغان ھىستىرىيە بىمارلىرىدا بۇنداق چەكلەنگەن ھاياجانلار قايتا-قايتا يولىنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈپ پۈتكۈل ۋۇجۇتتىكى نېرپ تارماقلىرىدا چىقىش يولى تېپىپ كۈتۈلمىگەن ئورگانلارغا «تۇيۇقسىز زەربە بېرىش» بىلەن ئوتتۇرغا چىقىۋېلىشى، شۇ ئارقىلىق باشقىچە روھىي كېسەللىك شەكىللىرى بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. بۇ تۈر ئۆزگىچە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەسلىدە ئىككى زىددىيەت تەرەپنىڭ كېلىشىپ ئۆزىنى ئىپادىلىۋېلىشىنىڭ بىر نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئەسلىدە يالغان كۆرۈنۈشتىكى باشقىچە نىقاپلانغان روھىي ھادىسىلەر بولغىنى بىلەن «مەن» كۈچىنىڭ توسالغۇلۇق قىلىشىغا قارىماي ئۇلار بەرىبىر ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپەتلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنى ھەرگىز باشقا كۈچ ياكى تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس.
چەكلىمە تەسىرى دەيدىغان بۇ تەلىمات، فرېئۇدنىڭ روھىي كېسەللىكلەر داۋالاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشتىكى ھالقىلىق ئۇقۇم. بۇ ئۇقۇم، فرېئۇدنىڭ ئۆزى كەشىپ قىلغان، ئۆزى تاپقان بىر چۈشەنچە بولۇپ، بۇ تەلىمات ئۇنىڭ پسىخوئانالىز ئۇسۇلىنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تۈر چەكلىمە تەسىرى دېگەن تەلىمات بويىچە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش نىشانىنى خاتا يولغا كىرىپ قالغان تەسىرلەرنى قايتا ئۆز يولىغا سېلىشنى مەقسەت قىلغان بولماي، چەكلىمىگە ئۇچرىغان ھاياجانلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن ھاياجاننىڭ ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.110 شۇندىن كېيىن فرېئۇد كەشىپ قىلغان داۋالاش ئۇسۇلىنى تازىلاش ئۇسۇلى دەپ ئاتىماي «پسىخوئانالىز» دەپ ئاتايدۇ. (بەزى ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ ئالدىدا فرېئۇد ئۆزىنىڭ بۇ خىل مىجەز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلىغا روھ تازىلاش دېگەندىن باشقا روھىي دۇنياسىنى، يەنى مىجەز-خاراكتېرىنى ئانالىز قىلىش دەپ ئاتاپ كەلگەن بولۇپ، ك. گ. جيۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن «پسىخوئانالىز» دەپ ئاتاشنى توغرا تاپقانلىقى كۆرسىتىلگەن. — ئا. بوران)
چەكلەش رولى تەلىماتى پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ مەركەزى ئىدىيىسى بولۇپ، بۇ ئىدىيە ھىستىرىيە كېسەللىكىنى قەلىب ھاياجانلىرى بىلەن ئۇنى چەكلەش رولى قاتارىدىكى دېنامىك ئامىللارنىڭ ئۆزئارا قارشىلىشىش رولىنىڭ مەھسۇلى دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
ساغلام بولمىغان چەكلەش رولى بىلەن ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىپادىلىرىنى تەتقىق قىلىش، پسىخوئانالىزشۇناسلىقنىڭ ئەسلىدە يوشۇرۇن ئاڭ — بىلىنگەن ئاستىنى ئادەم روھىي پائالىيىتىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي، ئاساسلىق، ئەڭ ئومۇمىي، ئەڭ ساددا ئامىلى دەپ قارايدۇ. بۇنداق يۇشۇرۇن ئاڭ، ئەسلى مۇددالارنىڭ بىلىنگەن ئاستىدا يوشۇرۇنغان كۆڭۈل، قەلب دېگەننىڭ دەل ئۆزى دەپ قاراپ، بۇ ساھەنى بارلىق زېھىن پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسى، باشلىنىش نوقتىسى ھېسابلايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئاڭ پائالىيەتلىرى، بۇنداق پائالىيەتلەر مەيلى نورمال روھىي پائالىيەت بولسۇن ياكى بۇزۇلغان روھىي پائالىيەتلەر بولسۇن، تاشقى تەسىرلىك ياكى ئىچكى تۈرتكىلىك بولسۇن، ئالىي دەرىجىلىك ياكى باشلانغۇچ سەۋىيىلىك بولسۇن، مۇرەككەپ ياكى ساددە كۆرۈنۈشلۈك بولسۇن، ئۆتمۈشتە ھەرىكەت قىلغان ياكى ھازىر ھەرىكەت قىلىۋاتقان روھىي پائالىيەتلەر بولسۇن، بۇ تۈر روھىي پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىلا بۇ خىل يوشۇرۇن ئاڭ تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ خىل تەلىماتقا ئاساسەن، ھەر بىر ئاڭ پائالىيىتى پۈتۈنلەي يوشۇرۇن ئاڭدىكى كۆڭۈلدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولىدىكەن. كىشىلەر كۆڭۈل-قەلب پائالىيەتلىرىنى بىلىشنى خالايدىكەن، بۇزۇلغان مىجەزلەرنى ساقايتماقچى بولىدىكەن، مۇتلەق تۈردە ئاڭ ھەرىكەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشى، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت باشلىنىش نوقتىسى بىلەن بولغان مۇناسىبىتىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشى كېرەك.
فرېئۇدنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ قەلبى، ياكى «بىلىنگەن ئاستى»، ھەرگىزمۇ پاسسىپ يغىۋېلىش ئورنى ئەمەس ئىكەن. ئۇ يەر، خۇددى ئاكىملاتۇر باتارىيىسىنىڭ توك ساقلىشىغا ئوخشاش، ھەر دائىم ساقلىغان ئېنېرگىيىسىنى بوشىتىپ تۇرىدىغان، پائال توقۇنۇش پەيدا قىلىپ تۇرىدىغان بىر ئورۇن ئىكەن. شۇنىڭدەك فرېئۇد يەنە يوشۇرۇن ئاڭنى يوقالغان ئەسلىمىلەرنى پاسسىپ، جانسىز بىر تۈردە ساقلاپ بېرىدىغان ئىسكىلات دەپ قاراشقىمۇ قوشۇلۇپ كەتمەيتتى. بىلىنگەن ئاستى — يوشۇرۇن ئاڭ، ماھىيەتتە بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ئورگان ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تىنماي ئۆزىنى ئاشىكارىلاشقا ئۇرۇنۇپلا تۇرۇشى ياكى سوبلىماتسىيىلىنىپ ئاشكارە ئاڭ قاتلىمىغا كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىغا قاراپ ئۇنى بەرىبىر روھىي پائالىيەتلەر كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەسلى روھىي پائالىيەت كۈچى دەپ تونۇشقا بولىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئاشكارە ئاڭ، بىلىنگەن ئاستىغا چوڭقۇر يۇشۇرۇنغان مەلۇماتلارنىڭ لەيلەپ يۈرىشىدىن كېلىپ چىققان پسىخىك تۇرمۇشنىڭ ئۈستىدە پەيدا قىلغان ئاجىز دولقۇنى دېيىش مۇمكىن. بۇ تۈردىكى بىلىنگەن ئاستىلار ئىنىستىنكىتلىق ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىش يېرى ھېسابلىناتتى. شۇنىڭدەك ھاياجان بىلەن ھېسسىيات ئەمەلىيىتىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ تۈردىكى بىلىنگەن ئاستى مەلۇماتلىرى باستۇرۇلۇشقا دۈچ كېلىپ تۇرسىمۇ ئۇلار توختىماي ئۆزىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغانلىقىمۇ بىر ئەمەلىيەت.111 پسىخوئانالىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى باستۇرۇلۇشقا دۈچ كېلىۋاتقان بۇ تۈردىكى نەرسىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى كۈزىتىش، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قاندۇرۇش ۋاقتىدىكى پايدىلانغان ئۇسۇللىرى بىلەن ھەرىكەت جەريانلىرىنى ئاختۇرۇشتىن ئىبارەت.
«چەكلەش رولى» تەلىماتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرغا قويۇلىشى، فرېئۇدنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز تەتقىقات يۆلۈنىشىنى بېكىتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىدى. يەنى شۇندىن باشلاپ ئادەم كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىكى سىرلىق دۇنياسى ئۈستىدە ئىزدىنىش يولى ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
دەل شۇنداق توغرا تونۇش ئاساسىدا، فرېئۇد ئۆز مىجەز-خاراكتېرى ئۈستىدە سىناق قىلىش ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ. بۇ تۈر ئۆزى ئۈستىدە سىناق قىلىش جەريانى «ئۆز-ئۆزىنى ئانالىز قىلىش» جەريانى ئىدى.
فرېئۇدنىڭ ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىشى 1897-يىلى ئىيۇل ئېيىدا رەسمى باشلىنىدۇ. گەرچە ئۇ، بۇندىن ئاۋالقى نەزەرىيىۋىي تەتقىقاتلىرى ھەمدە روھىي داۋالاش ئەمەلىيىتىنىمۇ ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىشنىڭ ئاساسى دەپ ھېسابلاشقا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىشىنى باشلىتىشقا تۈرتكە بولۇپ بەرگەن ئامىل دادىسىنىڭ 1896-يىلى ئۆكتەبىردە ۋاپات بولىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن دادامنى ئەزەلدىن بەكلا ھۆرمەت قىلاتتىم ھەمدە ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن سۆيەتتىم. ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇنىڭ ئوچۇق تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. دادامنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ يوقلۇقى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە مېنىڭ بۇرۇنقى ھاياتىمنى قايتا ئەسلىشىمگە سەۋەب بولۇپ، گويا مېنى تۈپ-يىلتىزىمدىن قۇمۇرۇپ تاشلىغاندەكلا تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى.» شۇنىڭدىن كېيىن، فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھادىسە «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان. ئەسلىدە، «چۈش تەبىرى» بەرىبىر ئۆزئۆزىنى تەھلىل قىلىشنىڭ داۋامى ھېسابلىناتتى.
ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىش جەريانى ئۇنىڭ بالىلىق دەۋر ھاياتىدىكى ئۆزىنى قايتا نامايەندە قىلىش، يەنى بالىلىق دەۋرىدە بېشىدىن ئۆتكەنلەرنى قايتا ئەسلىشىدىن باشلىنىدۇ. بالىلىق دەۋرىدە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا ئوتتۇرغا چىقىرىش ئىشى، فرېئۇد، ئىنسانلار يوشۇرۇن ئاڭ ئاساسىي تەركىبلىرىنىڭ دەل شۇ بالىلىق دەۋر تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ چۆكمىلىرىنىڭ يىغىلىشىدىن شەكىللىنىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. شۇڭا ئۇ، مەقسەتلىك ھالدا بالىلىق تەجرىبىلىرىنى قايتا ئەسكە ئېلىش ئىشى بىلىنگەن ئاستىدىكى مەزمۇنلارنى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى چۈشىنىشكىمۇ ياردىمى بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، يوشۇرۇن ئاڭدىن ئىبارەت سىرلىق دۇنيانىڭ قىياپىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا بولاتتى.112
مانا ئەندى، فرېئۇدنىڭ قەدىردان دادىسىنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆتكەن كۈنلىرىدىكى بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە يېتىلەپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۇنىڭ مېڭىسىدىكى ئۆتكەن بالىلىق ئەسلىمىلەر تەسۋىرىنىڭ قايتا نامايەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئەقلىگە كېلىدىغان كونا ئەسلىمىلەر قانچىكى كۆپ بولىدىكەن، بۇ ئەسلىمىلەر ئارىسىدىنمۇ شۇنچە كۆپ نەق ھېسسىيات ۋە خاراكتېر ئىزلىرىغا دۈچ كېلىپ تۇراتتى. فرېئۇد بۇ ئەسلىمە ئىزنالىرى ئارىسىدىن نۆۋەتتىكى تۇرمۇشىدا كۆرۈلىدىغان ھەر تۈردىكى ئاڭسىز ھەرىكەتلىرى، ئادەتكە ئايلانغان ھەرىكەتلىرى ھەمدە ھېسسىياتلىرىنىڭ ھەممىسى يەنە شۇ بالىلىق دەۋرلەردە باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك كۆچۈرۈلمىسىلا ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ، بالىلىق دەۋرلىرىدە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش، ئۇلارنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ.
فرېئۇد، ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان مەلۇماتلارنى يوشۇرۇپ ساقلاپ تۇرغان پەردىنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ كۈزىتىش مەقسىتىدە دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىگە ئالاقىدار بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى كولاپ سوراش ئۈچۈن ئانىسىنى تېخىمۇ كۆپ گەپكە تۇتۇپ، ئانىسى ئېيتىپ بەرگەن بالىلىق دەۋرىگە مۇناسىبەتلىك يىپ ئۇچلىرىغا، پارچە-پۇرات ئەسلىمە ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن شۇ بۇرۇنقى بالىلىق دەۋرىنى قايتا كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشنى تېخىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇ، ئانىسى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنى ئۆزى ئەسلىيەلىگىدەك تەسۋىرلەر بىلەن باغلاشتۇرۇش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى مىجەزلىرىنى چوڭ بولغاندىن كېيىنكى نۇرغۇنلىغان مىجەز شەكىللىرىگە سېلىشتۇرۇش ئىشىنى باشلايدۇ. مانا بۇ ئىش، ئۇنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىش ئىشىغا قىممەتلىك ۋە مول ماتېرىياللارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش ئىشىدىن قولغا كەلتۈرگەن ئىنتايىن مۇھىم نەتىجە، بالىلاردا بولغان «جىنىسىي ئىستەك — ئىنىستىنكىت» نىڭ ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى جەريانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ئامىل بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلىشى بولىدۇ.
ئۇ ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىشى جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئانىسىغا يېقىنلىق كۆرسىتىشتەك ئالاھىدە ھېسسىياتىنىڭ بارلىقىنى كەشىپ قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىدىكى ئانىسىغا يېقىنلىق ھېسسىياتىنىڭ باشقىلارنى يەكلەش، ئۆزىلا ئىگە بولۇش — ھەتتا بۇنىڭدىن ئانىسىنى ئۆز دادىسىدىنمۇ قىزغىنىشقا ئۇرۇنىدىغان مىجەزىنىڭ بارلىقىنى سەزگىنىدىن كېيىن، مۇنداق مۇھىم بىر خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: ئادەملەر بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا بىر تۈرلۈك «جىنىسى ھەۋەس» كە ئىگە بولىدىكەن دەيدىغان خۇلاسىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئادەملەردىكى بۇ تۈر «جىنىسى ھەۋەس» ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى «باشلانغۇچ ھەۋەس» (ئەسلى ھەۋەس، ئىپتىدائىي ھەۋەس — ئۇ.ت) ىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇ ھەۋەسنىڭ بارلىق ئادەم روھىي كۈچى بىلەن ياشاش كۈچىنىڭ قوزغاتقۇچى كۈچىدىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. فرېئۇد بۇ كۈچكە «جىنىسى كۈچ» ياكى «جىنىسىي قوزغاتقۇچ كۈچى» دەپ نام بېرىدۇ.113 بۇنىڭدىن يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس مىجەزلەر» دېگەن بىر تۈرلۈك مىجەز خاراكتېرىنىڭ بولىشىغا دائىر نەزەرىيىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بىز بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ھەققىدە 9-باپتا تېخىمۇ كەڭرىنى توختىلىپ ئۆتىمىز. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىشنى زۆرۈر دەپ قارايمىزكى، «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس خاراكتېرى» دېگەن بۇ نەزىرىيىە، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ ئاساسلىق نەزىرىيىلىرىدىن بىرى بولىدىغانلىقىنى، بۇ نەزەرىيە يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ نەزەرىيىسىگە ئوخشاش ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىش ھەمدە كىلىنكىلىق ئەمەلىيەت ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بىر نەزەرىيىدۇر.
1897-يىلى 15-ئۆكتەبىر كۈنى، فرېئۇد يازغان بىر پارچە خېتىدە ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ كېلىپ، «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈ كومپىلىكىسى» نىڭ ئىككى ئاساسلىق ئامىلى ئاتا-ئانىسىدىن بىرىنى ياخشى كۆرۈش ھەمدە يەنە بىرسىگە ئەسەتخورلۇق قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆسمۈرلۈك پسىخىكىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىنسانلاردىكى بارلىق مۇرەككەپ روھىي ئەھۋالىنىڭ كۈچلىنىشىدىكى ئەسلى ئندۈرمىسى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كىشىلىك ۋە ئىرقلاردىكى «پسىخىك ھايات دەرىخىنىڭ «ئۇرۇقى» بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. شۇندىن كېيىن، فرېئۇدنىڭ روھىي ئانالىزشۇناسلىقى باشتىن ئاخىرى ئەنە شۇ «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈ كومپىلىكىسى» نى ئاساس قىلغان ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈلدى ۋە سىستېمىلاشتۇرۇلدى. يەنە شۇ ئاساسقا تايىنىپ كۆپلىگەن كىشىلەر فرېئۇدنى خاتا چۈشىنىپ قالغان، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى «ئەخلاقسىزلارچە جىنىسىي غەلىتىلىك قارىشى» ياكى «جەمئىيەتتىكى بارلىق پەسكەشلىكلەرنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىدىغان پاسكىنا نەزەرىيە» دەپ قارىۋالىدۇ.
فرېئۇد، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈ كومپىلىكىسى» نى كەشىپ قىلغان ۋاقىتلىرىدا بۇ تەلىماتىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە دۈچ كېلىشىنى ئالدىن ھېس قىلغان بولسىمۇ بۇنىڭدىن قىلچە مەيۈسلىنىپ كەتمەيدۇ.
فرېئۇد، بۇ دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى بويىچە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك تارىخىي پەيتلەرنى ئەسلىگىنىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر تازىلىنىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بۇ تەييارلىنىش باسقۇچىدىن ئېغىز ئاچمىغاندا، مېنىڭچە بولغاندا پسىخوئانالىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى مۇنداق ئىككى باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن دەپ قارايمەن: بىرىنچى دەۋردە، مەن ئۆز ئالدىمغا يالغۇز بېشىمغا تۇغ تارتىپ چىقىپ كۈرەش قىلغان، ھەممە ئىشنى ئۆزەم قىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتلىرىم ئىدى.114 بۇ دەۋر 1895~1896-يىللىرىدىن 1906~1907-يىللارغىچە داۋام قىلدى (فرېئۇدنىڭ «تەرجىمىھالىم» دىن)
ئۇ ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش جەريانىدا «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈسى كومپىلىكى» نى كەشىپ قىلغانلىقى نەتىجىسىدە 19-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بەكلا يىتىم ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ دەۋرلەردە، فرېئۇدنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان پروفېسسور بلۇيېرمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلىشىشقا باشلىغان ئىدى.
بۇ ھەقتە فرېئۇت ئۆزىنىڭ «تەرجىمىھالىم» دېگەن ئەسىرىدە تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، مەن بلۇيېر بىلەن بىرلىشىپ يېزىپ چىققان «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» دېگەن كىتابتا بەرپا قىلغان تەلىماتلىرىمىز تېخى ئۇنچە مۇكەممەل دەرىجىگە بېرىپ يەتمىگەن ئىدى؛ بولۇپمۇ كېسەللىك ئۆزگىرىش جەريانىدا ئوتتۇرغا چىقىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ھەققىدە بەكلا ئاز توختالغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن، مەن تېز سۈرئەتتە ئارتىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا بۇنداق روھىي كېسەللىكنىڭ كەينىدە ياتقان سىرلىق ئامىللارنى كەشىپ قىلىپ چىقتىم؛ بۇ ئامىللار ھەرگىزمۇ ئۇنداق خالىغانچە شەكىل ئالىدىغان مىجەز-خاراكتېرلار تەرىپىدىن قوزغاپ پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار بولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى يىللاردا ياكى يېقىندىن بېرى ئوتتۇرغا چىققان جىنىسىي تەجرىبىلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئالامەتتۇر. مېنىڭ تەتقىق قىلغان نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمارلىرىم ئەسلىدە ھېچ بىر بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى كىشىلەردىن ھېسابلانمايتتى. شۇنداق بولغاچقا، چىقارغان خۇلاسەم ھەرگىزمۇ مەقسەتلىك پەيدا قىلىۋالىدىغان قاراشلىرىم بولىشى مۇمكىن ئەمەس، خۇددى شۇنىڭدەك بۇ قاراشلىرىمغا قىلچىمۇ شەخسى ئارزۇلىرىم ئارىلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىشى جەريانىدا تېپىپ چىققان «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈ كومپىلىكىسى» تەلىماتى فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىق تەلىماتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا مۇنداق ئىككى جەھەتتە تەسىرگە يولۇقىدۇ: بىر جەھەتتە، فرېئۇد بۇ تەلىماتنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى تىكلەپ، بۇ تەلىماتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛ يەنە بىر جەھەتتە بۇ تەلىماتنى بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدا دۈچ كېلىدىغان ئالاھىدە تارىخىي تەغدىرىنى — ئېنىقىراق ئېيتقاندا بۇ نەزەرىيىنىڭ يادروسىنى فرېئۇدنىڭ روھىي ئانالىزشۇناسلىقىنىڭ ھەر تۈردىكى پسىخولوگىيە ئېقىملىرى بىلەن ئۈزۈل كېسىل ئايرىپ چىقىش، شۇنىڭدەك بۇ ئارقىلىق فرېئۇد پسىخوئانالىز ئېقىمىنىڭ بايرىقىدا كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلارلىق، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولغان سىموۋۇلىغا ئىگە قىلىش.115 ئەمما بۇ ئاساسلىق نەزىرىيە فرېئۇد بەرپا قىلغان پسىخوئانالىزشۇناسلىق نەزىرىيە قوشۇنىنىڭ پارچىلىنىش ئۇرۇقلىرىنى تېرىيدۇ. فرېئۇدتىن كېيىن بەس-بەستە پسىخوئانالىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈ كومپىلىكىسى» تەلىماتىغا قارىتا پىكىر ئىختىلاپلىرى كۆرۈلگەچكە نۇرغۇنلىغان ئېقىملارغا بۆلۈنۈش ئوتتۇرغا چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، فرېئۇدنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان جيۇڭ بىلەن ئادلېر دېگەن ئىككى پسىخولوگنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا ئىدى.
شۇنداق بولغاچقا، فرېئۇدنىڭ ئۆزى باشتىن ئاخىرغىچە «بىلىنگەن ئاستى ئودىپۇس سۆيگۈ كومپىلىكىسى» نەزەرىيىسىنى قاتتىق چىڭ تۇرۇپ قوغدايدۇ. ئۇ بىر قېتىمىدا يېرىم چاخچاق قىلغان ئالدا مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر كەلگۈسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ يېرىم بوي ھەيكىلى ۋيېننا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خاتىرە زالىغا تىكلەنگىدەك بولغىنىدا، ھەيكىلىنىڭ ئۈستىگە قېدىمى يونان ترادىگىيە يازغۇچىسى سوفۇكىلس (مىلادىدىن ئاۋالقى 496~406-يىللار ئەتراپىدا ياشىغان) نىڭ داڭلىق تىياتىرى «ئودىپۇس پادىشاھ» نىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئۇيۇپ قويىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم: «ئۇ شىر بەدەنلىك شۇسفېكسنىڭ تېپىشمىقىنى تاپقان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك بىرى ئىدى.»
ئەمما فرېئۇدنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش جەريانى ھېچقاچان ئۆزى يالغۇز ئېلىپ بارغان ئانالىز ئەمەس ئىدى. ئۆز-ئۆزىنى ئانالىز قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۆيىگە قامىلىۋېلىپ خىيال سۈرۈشىدىن، ئۆزىدىن چەتنىگەن ھالدا ياكى ئۆزىدە سوبلىماتسىيىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىدىن ئوتتۇرغا چىقارغان بىر پائالىيەت ئەمەس. فرېئۇد، ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش جەريانىدا ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەجرىبىسى ھەمدە ئۆزىنىڭ كىلىنكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان بىر پائالىيەت ئىدى. ئۇ، كىلىنكىلىق داۋالاش پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنى تەھلىل قىلىش ھەرىكىتىگە ئوخشاش دىققەت نەزىرىنى تەدرىجى ھالدا روھىي پائالىيىتىنىڭ كەينىدە يوشۇرۇنغان بىلىنگەن ئاستىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ تۈر ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىشى ۋاقتىدا چۈش كۆرۈش ھادىسىسىنىڭ بىلىنگەن ئاستى — يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ.
بۇنداق تېپىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالقىلىق سەۋەب، بالىلىق تۇرمۇش ئەسلىمىلىرىنىڭ چۈشىدە كۆرۈلىشى ھەمدە روھىي كېسەل بىمارلارنىڭ كېسەللىك مەنبەسىنىڭ چۈشىدە روي بېرىشى ئىەنلىكىنى كەشىپ قىلىدۇ. بۇ كەشىپ، فرېئۇدنى چۈش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىلىنگەن ئاستىنى بىلىشى ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە،116 ئەگەر بۇنىڭ ئالدىدىكى داۋالاش پائالىيەتلىرىدە روھىي كېسەللەرنىڭ كېسىلى قوزغۇلۇش مەنبەسىنىڭ بىلىنگەن ئاستىنىڭ نورىمال بىلىنگەن پائالىيەتلىرىگە كاشىلا پەيدا قىلغىدەك بولغىنىدا، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىشى جەريانىدا بىلىنگەن ئاستىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنىڭ بالىلىق دەۋرلىرىدىكى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بىلگىلى بولغىنىدا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بۇ كەشپى دەل شۇ يوقۇرىدا تىلغا ئالغان ئىككى مۇھىم تەتقىقات ناتىجىسىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بىرلەشتۈرۈلىشى، شۇنىڭدەك بۇ بىرلىشىش ئارقىلىق بىلىنگەن ئاستى ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى تېخىمۇ تولۇق ئىزدىنىش جەھەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم يول بولىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە، چۈش دېگەن ھادىسە بىلىنگەن ئاستى پسىخىك ھادىسىلەرنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشى بولغىنىدا، ئۇ ھالدا چۈشنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇ بۇرۇنقى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بالىلىق دەۋردە بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار بىلەن روھىي كېسەللىك قوزغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پسىخىك كېسەللىك مەنبەسىنىڭ دەل ئۆزى بولىشى كېرەك دېگەن قاراشقا كەلتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، چۈش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىش، روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھەمدە بىلىنگەن ئاستى ھەرىكىتى قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ بىر «تەبىئىي پەنجىرىسى» بولىشى كېرەك دېگەن قاراشقا كەلتۈرىدۇ.
فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
مەن روھىي كېسەل بىماردىن مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە بۇرۇن يۈز بەرگەن خىياللىرىنى، ئويلىرىنى تولۇق سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغىنىمدا بىمار تەبىئىي ھالدا چۈشى ئۈستىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال چۈش دېگەن بۇ ھادىسە چوقۇم مەلۇم بىر كېسەللىك ھالىتى ھەققىدىكى خىياللىرىنى بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىگە يېتەكلەپ بارىدىغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىشى كېرەك دېگەن ئويغا كەلتۈردى. شۇنىڭ كەينىدىن مەن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، روھىي كېسەل كىشىنىڭ چۈشىنى بىر تۈرلۈك كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئىپادىسى دېگەنگە ئېلىپ باراتتى. ئاندىن مەن ئۇنىڭ بۇ چۈشلىرىنى ئۆرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بىمارنىڭ كېسەللىك مەنبەسىنىمۇ قېزىپ چىقىرىش، ئاخىرىدا بىمارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش ئىمكانىيىتىنى يارىتالايتتىم.
فرېئۇد، داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا خۇلاسىلاپ چىققان نەتىجە بىلەن ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن خۇلاسىسى بىلەن ماسلاشتۇرغان ئاساستا ئۆزئۆزىنى ئانالىز قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئۆزىنىڭ چۈشلىرىنى تەھلىل قىلىش تەرىپىگە يۈزلەندۈرىدۇ.
فرېئۇد، ئۆزىنىڭ بىۋاستە ئەمەلىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلەتتى.ئۇ، ئىنسانلارنىڭ روھىي تۇرمۇشى كىشىلەرنىڭ چوڭقۇر قەلىبىدىكى بىلىنگەن ئاستىغا يۇشۇرۇنغانلىقىنى ئاساس قىلغان بولىشىغا قارىماي،117 يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيەت قانۇنىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگەللەش ئىشىدا قەتئىي تۈردە ئۆز تەجرىبىلىرىدىن پايدىلانماي بولمايدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ قەلىپ پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى بىۋاستە ئىسپاتلىغۇچى بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتى.
شۇنداق بولغاچقا، چۈش ئانالىزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىگە قارار قىلغىنىدىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنىڭ چۈشلىرىنى ئانالىز قىلىش ئىشىغا تۇتۇش قىلىدۇ، شۇنىڭدەك بۇ تۈر تەھلىللەرنى ئۆزئۆزىنى تەھلىل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارايدۇ.
فرېئۇد، ئۆزىنىڭ «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىنىڭ بىرىنچى نەشرى كىرىش سۆز قىسمىدا مۇنداق دەيدۇ:
كۆپچىلىك بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋاقتىدا، تەبىئىي ھالدا ئىلمىي ژۇرناللاردا بېسىلغان ياكى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان چۈشلەردىن قەتئىي پايدىلىنىشقا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. پەقەت ئۆزەم ياكى مېنىڭ روھىي كېسىلىنى داۋالىغىنىم بىمارلىرىمنىڭ چۈشلىرىنىلا پايدىلىنىش لاياقىتىغا ئىگە. شۇنىڭغا قارىماي مەن يەنىلا بىمارلىرىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەن چۈشلىرىدىن پايدىلىنىشتىن ۋاز كەچتىم. چۇنكى بىمارلىرىمنىڭ چۈشلىرىنىڭ شەكىللىنىش تەرتىبى نېرۋا خاراكتېرلىق كېسەللىكتىكى قايسى بىر ئالاھىدىلىكلىرى تەرىپىدىن كېرەكسىز بىر قىسىم ئارىلاشمىلار نى قوشىۋالاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنىڭ چۈشلىرىنى ئېلان قىلغان ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ شەخسى تۇرمۇش سىرلىرىمنىمۇ بىرگە كىشىلەرگە ئاشىكارىلىۋېتىشتىن ساقلىنالمايتتىم — تەبىئىيكى بۇنى مەن خالىمايتتىم. ياكى مۇنداق دېيىشىم مۇمكىن: بۇنداق ئاشىكارىلاش ھەرقانداق بىر ئىلمىي خادىمنىڭ چۈشىنى بايان قىلىشىدا قىلىشقا تېگىشلىك چەك دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەتتى. ئىشنىڭ بۇ تەرىپى ھەقىقەتەنمۇ بېشىمنى قاتۇرىدىغان تەرەپ ئىدى. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈر سىرلىرىمنى سۆزلىمەيمۇ ئامالىم يوق ئىدى. ئەگەر بۇنداق بىر پسىخولوگىيىلىك كەشپىياتنىڭ ئىسپاتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا مەجبۇر بولغىنىمدا ئۆز سىرلىرىمنىڭ ئاشىكارىلىنىش ھېسابىغا بولسىمۇ پسىخولوگىيە ئۈچۈن پاكىت كەلتۈرۈش تەرەپتارى بولۇش يولىنى تاللىۋالدىم.
بۇ سۆزلىرى فرېئۇدنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىلىم پەن ھەقىقىتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قۇربان بېرىشلەرگە تەييار روھقا ئىگە بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قارىشى بويىچە ئالغاندا، ئىلمىي ھەقىقەت دېگەن تۈپكى مەنپەئەت ئالدىدا شەخسى مەنپەئەت توقۇنۇش بولۇپ قالغىدەك بولغىنىدا، ھەرگىزمۇ سالا قىلىشقا ئورۇن يوق ئىدى. ئىلمىي ھەقىقەتنى شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ياكى شەخسى بىر تەرەپلىمە قارىشى ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى كۆرىۋالالىشىمىز مۇمكىن.
فرېئۇدنىڭ چۈشكە بولغان قىزىقىشى، تا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىلىرىگىچە سۈرۈشتە قىلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.118 فرېئۇد، كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئاجايىپ ئىسىل چۈش كۆرىدىغان بىرى ئىدى. ھەتتا بەكلا كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ كۆرگەن چۈشلىرى ئۈستىدە تەپسىلى باش قاتۇرۇپ يۈرگەنلا بولۇپ قالماي، ھەتتا بۇ چۈشلىرىنى يېزىق شەكلىدە خاتىرلاپ قويىدىغان ئادىتى بار ئىدى. ئۇ مارتا بىلەن توي قىلىشنى پۈتۈشۈپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، مارتاغا يازغان خېتىدا مۇنداق يازغان ئىدى: «مەن ئۆزەم تېزگىنلەپ كېتەلمەيدىغان بەكلا كۆپ چۈشلەرنى كۆرىمەن. مەن ھېچ قاچان كۈندۈزدىكى غەم-ئەندىشىلىرىم ھەققىدە پەقەتلا چۈش كۆرۈپ باقمىدىم. چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىم، كۈندۈزى ئەھمىيىتى بولمىغان بەكلا ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىلا چشەپ قالىمەن.» بۇ تەرىپى ئۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرغا قويغان چۈش تەلىماتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەركىۋى قىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئارىدىن بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇ خېتىدا بەكلا كۆڭۈللۈك مۇنداق بىر بىر چۈش تەسۋىرىنى يازىدۇ: ئۇ كۆرگەن بۇ چۈشىنى خاتىرىسىگە يېزىۋالغانلىقىنى، خاتىرىسىدە چۈشىدە كۆرگەن ساياھەتلىرىنى يېزىپ قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يەردە، فرېئۇدنىڭ چۈشنىڭ كۈندىلىك پسىخولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىدىكى تۇتقان ئورنىغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
فرېئۇدنىڭ خاتىرلىگەن كېسەللىك دىئاگنوزلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىملىق چۈش تەھلىل قىلىشى، بلۇيېرنىڭ جىيەن ئوغلى كوفماننىڭ كۆرگەن چۈشىنى تەھلىل قىلىشى بولۇپ، بۇ ئىش 1895-يىلى 4-مارت كۈنىدىكى ئىش ئىدى. فرېئۇد شۇ ۋاقىتتا كوفماننىڭ چۈشى بىلەن داۋالاۋاتقان فلېيسنىڭ قولىدىكى بىر بىمارنىڭ خامخىيال خاراكتېرىدىكى روھىي كېسەەللىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، چۈشىدىكى ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى دېگەن نوقتىدا بۇ ئىككى ئوخشىمىغان چۈشلەرنىڭ ئوخشاش نوقتىغا كەلگەن دېگەن قاراشقا كەلگەن. شۇڭا ئۇ بۇ چۈشنى «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتاپقا مىسال قىلىپ كىرگۈزىدۇ. بۇ چۈشنى ھۇرۇن بىر دوختۇر كۆرگەن چۈش بولۇپ، بۇ دوختۇر قوپۇش خۇشياقماي چۈشىدە دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى چۈشىگەن. بۇ چۈش، چۈشنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇرۇنۇشى دېگەن پىرىنسىپقا چۈشىدىغان بىر چۈش مىسالى ھېسابلىناتتى.
فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «چۈش — ھەرگىزمۇ قۇرۇقتىن قۇرۇق ئوتتۇرغا چىقىپ قالىدىغان، قىلچىمۇ مەنىسى يوق بىر ھادىسە ئەمەس، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئاخماقانە خىيال ياكى قىسمەن ئۇيقۇلۇق، قىسمەن سەگەك مەنىدە كۆرگەن خىياللار دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئەسلىدە، چۈش ھادىسىسى بىر تۈردە ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش شەكلىدۇر، ئۇنى بىر تۈرلۈك ئۇيغاق ھالەتتىكى روھىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى، ئىنتايىن مۇرەككەپ ئاڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مەھسۇلى دېيىش مۇمكىن.»
فرېئۇد، ئۆزى كۆرگەن چۈشلەرنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بۇ پىرىنسىپنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن ياش ۋاقتىمدا،119 دائىم دېگىدەك «ئارزۇيۇمنىڭ ئەمەلىلەشكەنلىكى» گە دائىر چۈشلەرنى كۆرەتتىم. مەسىلەن، ياش ۋاقتىمدا ھەر ۋاقىت تا يېرىم كېچىگىچە ئۈگىش قىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇش پەقەتلا خۇشياقمايتتى. يەنە ئازىراق ئۇخلىۋالسام دەپ بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم. «شۇنداق بولغاچقا، سەھەر ۋاقتىدا ھەر دائىم ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتىپ باش-كۆزۈمنى يۇپ تاراۋاتقانلىقىمنى چۈشەپ كېتەتتىم. شۇ ئارقىلىق تۇرۇپ كېتەلمىگەنلىكىمدىن غەم يەپ يۈرمەي ئۇخلاپ كېتەتتىم.» فرېئۇد بۇ چۈشى ئۈستىدە توختالغىنىدا ھەر دائىم يوقۇرىدا دېيىلگەن «ھۇرۇن دوختۇرنىڭ چۈشى» نى نەقىل كەلتۈرۈپ سۆزلەيتتى. فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ماڭا ئوخشاش ئۇيقۇسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتقان دوختۇرخانىدىكى بىر كەسىپدېشىممۇ ماڭا ئوخشاش چۈش كۆرەتتىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەسىپدېشىم چۈشىدە شۇنداق ئاخماقانە، شۇنداق قىزىقارلىق ۋەقەلەرنى كۆرەركەندۇق. يەنى ئۇ، دوختۇرخانىغا يېقىنىراق بىر يەردىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ھەر كۈنى سەھەردە ئايال ئۆي خوجايىنىدىن سەھەر بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتتا ئۇنى ئۇيغۇتۇپ قويىدىغانغا كېلىشكەن؛ بىر كۈنى سەھەردە، بۇ دوستۇم شۇنداق پەيزىنى چىقىرىپ ئۇخلاۋاتقىنىدا بايىقى ئايال ئۆي خوجايىنى كېلىپ ئىشىك قېقىشقا باشلىغان. ئۇ ئايال ئىشىككە كېلىپ «يىپرس ئەپەندىم، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كېتىڭ! دوختۇرخانىغا بارىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى» دەپ توۋلايدىكەن. شۇ چاغدا كەسىپدېشىم مۇنداق بىر چۈش كۆرگەن: ئۇ چۈشىدە دوختۇرخانىدىكى بىر كېسەل كارىۋىتىدا ياتقىدەكمىش، ئىككى كېسەل دوكلات خاتىرىسى بېشىدا ئېسىغلىقمىش، ئۈستىدە «يىپرىس، مىدىتسىنا ئوقۇغۇچىسى، 22 ياش» دەپ يېزىلغانمىش. كېيىن ئۇ، بۇ چۈشۈمنىڭ مەقسىدى چوقۇم كۆپىرەك ئۇخلىۋېلىشنىلا كۆزلىشىم ئىكەنلىكىدە گەپ يوق» دەپ كېسىپلا ئېيتتى.
فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بەكلا كۆپ چۈشلىرىنى «چۈش كۆرۈش ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇش ۋاستىسى» دېگەن پىرىنسىپىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مىسال قىلىپ كەلتۈرگەن. ئالايلۇق، فرېئۇد مۇنداق بىر مىسالنى كەلتۈرگەن: «بىر ياش ئايال يۇقۇملۇق كېسەل ئوغلىغا قارايمەن دەپ يىل بويى سىرتقا چىقماي بالنىس ياتىقىدا ياتقاچقا سىرتلارغا چىقىپ دوست-يارەنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي قالغان. بۇ ئايال بىر قېتىم مۇنداق بىر چۈش كۆرگەن: ئۇ چۈشىدە ئوغلىنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزىمۇ دوت، بوگت، پرىفېت دېگەندەك بەكلا كۆپ يازغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇپ قالغانمىش، بۇ يازغۇچىلار ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ دوستانە مۇئامىلىدە بولۇشقانمىش؛ بۇ ئايال كۆرگەن شۇ چۈشىدە كۆرۈشكەن بۇ ئاتاغلىق يازغۇچىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يېنىدا ساقلاپ يۈرىدىغان شۇ يازغۇچىلارنىڭ چىرايىغا پۈتۈنلەي ئوخشايدىغانلىقىنىمۇ سەزگەنمىش. ...»
فرېئۇد، چۈشلەرنىڭ يوقۇرىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك ئالاھىدىلىكى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنى بالىلىق ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى يېنىمۇ ئېنىقىراق ئەسلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان،120 ياكى بالا-چاقىسىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىگە دىققەت قىلىپ كۈزىتىپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۇنكى ئۇ، بالىلارنىڭ روھىي ھەرىكەتلىرى نىسبەتەن ساددە بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كۆرىدىغان چۈشلەرمۇ چوڭلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئاددى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدە «ئارزۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى» قائىدىسى بويىچە تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىدۇ دەپ ئويلايتتى. شۇنىڭدەك يەنە «خۇددى بىزنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار تۈزۈلۈشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى تەتقىقاتى ئاساسىدا ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىلەلىشىمىزگە ئوخشاش بالىلار پسىخولوگىيىسى ئۈستىدە كۆپىرەك ئىزدىنىش ئارقىلىق چوڭلار پسىخولوگىيىسىنى چۈشنەلىشىمىز مۇمكىن.» كىچىك بالىلار كۆرگەن چۈشلەر كۆپ ھاللاردا بەكلا ئاددى شەكىلدە «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، 1896-يىلى يازدا، فرېئۇد ئۆيىدىن چىقىپ خېرستات دېگەن يىراق بىر يەرگە بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ سەككىز يېرىم ياشلىق قىزى مۇنداق بىر تىپىك «ئارزۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى» غا دائىر بىر چۈش كۆرگەن.
ئەسلى مۇنداق بىر ئىش ئىدى: بۇ قېتىمقى يىراق يولغا ئاتلانغاندا، فرېئۇد خوشنىسىنىڭ 12 ياشلىق ئوغلى ئارچىر نىمۇ بىرگە ئېلىپ چىققان. بۇ بالا ئىنتايىن ئەدەپلىك، ھەتتا ئازىراق ئەجنەبى كاتتىلىرىدەك قىياپىتىمۇ بولغان بىر بالا ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى فرېئۇدنىڭ كىچىك قىزىغا بەكلا ياراپ كەتكەن. ئەتىسى سەھەردە قىزى فرېئۇدقا: «دادا، مەن چۈشۈمدە ئارچىرنى ئائىلىمىزنىڭ بىر ئەزاسى دەپ چۈشەپتىمەن. بۇ بالىمۇ سىلەرنى ئاتا، ئاپا دەپ چاقىرىپ يۈرگىدەك، ھەمدە ئۆيىمىزنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە چوڭ كارىۋاتتا ئوخلاۋاتقىدەكمىش؛ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپام كىرىپ بىر تۇتام كۆك رەڭلىك، يېشىل رەڭلىك قەغەزلەردە ئورالغان شاكىلات چوكا كەمپۈتلىرىنى كارىۋىتىمىز ئاستىغا تاشلاپ چىقىپ كەتكىدەكمىش» دەپ سۆزلەپ بەرگەن.
فرېئۇد، «چۈش — ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىلىكى» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە بىلىنگەن ئاستى ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى ئۈچۈن بۇ چۈشنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر پاكىت قىلىپ كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ چۈش يەنە كېلىپ چۈش ئانالىزىدىن كېيىن ئوتتۇرغا چىقارغان تۇنجى قېتىملىق مۇھىم خۇلاسىسى بولۇپ قالغان. دەل شۇ خۇلاسە ئۇنى بۇرۇنقى بارلىق چۈش ھەققىدىكى ئىلمىيلىككە زىت «نەزەرىيە» لەردىن ئايرىيالىغان. شۇڭا، بۇ يەردە فرېئۇدنىڭ بۇنداق خۇلاسىغا كېلىش جەريانى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپىمىز.
1895-يىلى، فرېئۇد پسىخوئانالىز ئۇسۇلى بويىچە ئۆزى بىلەن يېقىن ئۆتكەن بىر ئايال بىمارنى داۋالىغان. فرېئۇد ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇ ئايال بىمارنىڭ ئائىلىسى بىلەن قۇيۇق مۇناسەت قىلىپ كېلىشكەن ئىكەن. شۇڭا،121 بۇ قېتىمقى داۋالاش ئىشى فرېئۇد قا روھىي جەھەتتىن بەكلا ئېغىر يۈك ھالىغا كەلگەنىكەن. بۇنداق يۈك، بۇ كېسەلنى ساقايتالماي قالسام قانداق قىلارمەن دەيدىغان غەمدىن كەلگەن بىر روھىي بېسىم ئىكەندۇق. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئايالنى ساقايتالماي قالسام بۇ ئىككى ئائىلە دوستلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ غەمدە قالغان. دېگەندەن بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئايالنىڭ كېسىلىنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ساقايتالماي قالغان.
بىر كۈنى، فرېئۇدنىڭ كەسىپداشلىرىدىن بىرى بولغان دوختۇر ئوتتو بۇ كېسەل ئايالنى — ئىما دېگەن خوشنىسىنى يوقلاپ بارغان. قايتىپ كېلىپ فرېئۇد بىلەن ئىمانىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ. ئوتتو ئۇنىڭغا «قارىغاندا ئۇ ئايالنىڭ كېسىلى خېلى تۈزۈلۈپ قالغاندەك قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ كۆرۈنىشىدە دېگەندەك ياخشىلىنىش ئىپادىلەنمەپتۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ شەكىلدە دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان كىشى چوقۇم فرېئۇدنى ياخشى داۋالىمىسا كېرەك دېگەن ئەيىبلەشتە بولىشىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. فرېئۇدمۇ كۆڭلىدە ھوقۇم شۇ ئىمانى بېرىپ فرېئۇدقا كۆرۈنۈپ بېقىشىغا قوشۇلۇپ كەتمىگەن تاغىلىرىنىڭ ئوتتوغا ئۆزى ھەققىدە ياخشى گەپ قىلمىغانلىقىدىن بۇنداق ئويدا بولغان بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمما بۇ تۈر كۆڭۈلگە ياقمايدىغان بىر ئىشقا ئۆز ۋاقتىدا فرېئۇد بەك دىققەت قىلىپ كەتمەي ئۆتكۈزىۋەتكەن، شۇڭا بۇ ھەقتە ھېچكىمگىمۇ ئېغىز ئاچمىغان ئىدى. ئەمما شۇ كۈنى ئاخشىمى، تەئەججۈپلۈك ھېسسىيات ئىچىدە قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىتىك-ئىتىك يېزىپ كېتىدۇ: ئىمانىڭ بارلىق داۋالاش جەريانىنى بىر قۇر يېزىپ كەسىپدېشىدىن بىرسى دوختۇر م غا ئىۋەرتىپ بېرىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا دوختۇر م نى روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە سالاھىيەتلىك بىرسى دەپ قاراشقا بولىدىغان دوختۇر ئىدى. فرېئۇدنىڭ نىيىتى دوختۇر م غا ئېمانى داۋالىشىدا ئۇققىلى بولمىغىدەك تەرىپى بارمۇ قانداق دېگەننى بىلدۈرۈش ئىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، يەنى 1895-يىلى 23-ئىيۇل كۈنىدىن 24-ئىيۇلبىچە كېچىسى، فرېئۇد بىر چۈش كۆرىدۇ. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئېسىدە قالغان چۈشىنى يېزىپ قويىدۇ. فرېئۇد «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا بىرەر تۈمەندەك ھەرىپ بىلەن بۇ چۈشىنى بايان قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى بىر قۇر تەھلىل قىلىپ چىقىدۇ.
تەھلىل قىلىش ئارقىلىق فرېئۇد ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىغا يوشۇرۇنغان ئىزچىل يۈزلىنىشنى قېزىپ چىقىرىدۇ. بۇلار فرېئۇدنىڭ شۇ قېتىم كۆرگەن چۈشىنىڭ غەرىزى ئىدى. فرېئۇد، «بۇ چۈش مېنىڭ بىر قانچە ئارزۇيۇمنى قاندۇرۇپ بەرگەن بولۇش بىلەنلا قالماي، ئالدىنقى ئاخشىمى ئوتتونىڭ ماڭا ئېيتقان گەپلىرىنىڭ دەل ئۆزى، شۇنىڭدەك مېنىڭ بۇ كۋسەللىك ۋەقەسىنى تولۇقى بىلەن خاتىرلەپ قويۇشۇمغا ئۈندىگەن نىيەتلىرىم ئىدى.122 پۈتۈن چۈشۈمنىڭ نەتىجىسى، ئىمانىڭ نېمە ئۈچۈن يەنىلا ئازاپ چېكىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقى ھەرگىزمۇ مېنىڭ خاتا قىلغىنىمنىڭ نەتىجىسى بولماي، بەلكى ئوتتونىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىش ئىدى. چۇنكى، ئوتتو ماڭا ئىما تولۇق ساقىيىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. بۇنىڭدىن مەن بەكلا رەجىگەن ئىدىم. شۇڭا مەن ئەنە شۇنداق بىر چۈش ئارقىلىق ئوتتوغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانىكەنمەن. دېمەك بۇ چۈشۈمدە مەن باشقا مۇناسىۋەتسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىمانىڭ ئاچچىغىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلىغانىكەنمەن. بۇ چۈشۈم، قەلبىمدىكى ئارزۇ قىلىۋاتقان ھالىتىمنى ئىپادىلەپ بەرگەنىكەن. شۇڭا، مەن «چۈشنىڭ مەزمۇنى ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈر ئىپادىسى، ئۇنىڭ غەرىزى مەلۇم بىر ئارزۇنى مەقسەت قىلىش» دەپ قارىدىم.
فرېئۇد، بۇ چۈشىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن، كۆرىنىشلەرنىڭ سوبىكتىپ ئىچكى ئارزۇسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە بەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. فرېئۇد، بۇ چۈشىدە ئىپادىلەنگەن يوقۇرىدا ئېيتىلغاندەك مۇناسىۋەت ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۆرۈنۈش دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ، 1900-يىلى 12-ئىيۇلدا فلېيزغا يازغان خېتىدا بۇ چۈشىنى ھەمدە ئۇنىڭ تەھلىلىنى ئۆزىنىڭ «چۈش سىرىنى ئاشىكارىلىشى» نىڭ «باشلىنىشى» دەپ قاراپ، يېرىم چاخچاق ئارىلاش مۇنداق دەيدۇ: «ئىمانىڭ ئوكۇل قويۇلۇشى» چۈشىنىڭ تەرىپى ئۈچۈن تىكلەنگەن بىر مۇنارە خاراكتېرىلىق بىر خاتىرە تېشى بولالايدۇ، دەيدۇ.
ھەقىقەتەنمۇ ئىماغا «ھوكۇل قىلىش» چۈشىنى ئانالىز قىلغىنىدىن كېيىن، فرېئۇد بۇ يولدا ئېرىشىلگەن نەتىجە بويىچە پسىخولوگىيىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش غەيرىتىگە كەلگەن ئىدى. دەل شۇ يىلى يازدا فرېئۇد بېرلىنغا بېرىپ فلېيزنى زىيارەت قىلغىنىدا ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە «ئىلمىي پسىخولوگىيە تەتقىقات پىلانى» نى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىدۇ.
بۇ يەردە ئۇ، بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك پسىخولوگىيىلىك جەرياننى پەيدا بولۇش خاراكتېرلىق ۋە داۋاملىشىشچانلىق ئالاھىدىلىكى دەپ ئىككى تۈردە ئايرىيدۇ. ئۇ، چۈشلەردە، پەيدا بولۇشچانلىق پسىخىك ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىكەن دەپ قارايدۇ. بۇ چاغدا، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا پەيدا بولۇشچانلىق پسىخىكتىكى «مەن» نىسبەتەن چۆكۈپ كەتكەندەك ھالەتتە تۇرىدىكەن دەپ قارايدۇ. شۇڭا، پەيدا بولۇشچان پسىخكلا «مەن» نىڭ نازارىتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ئەركىن ھەرىكەتكە ئاتلىنايدىكەن دەپ قارايدۇ. فرېئۇد يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «مەننىڭ نىسبىي چۆكۈش ھالىتىدە» تۇرغانلىقى ھەرگىزمۇ مۇتلەق جىمىپ قېلىشقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئەگەر «مەن» راستىنلا تولۇق جىمىپ قالغان ھالەتكە ئۆتۈپ كەتكەن بولغىنىدا ئۇيقا ۋاقتىدا ھەرگىز چۈش كۆرمەسلىكى كېرەك ئىدى. ھەر ۋاقىت «مەن» ھەم ئارام ئېلىشقا ئۆتكەن، ھەم پۈتۈنلەي ئارام ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر ۋاقىتتا،123 يەنى «مەن» مەستخوش، بىر نېمە ھېس قىلالماي تۇرىۋاتقان ھالەتتىكى ۋاقتىدا «مەننىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا قالغان پەيدا بولۇشچان پسىخىك، يەنى «يوشۇرۇن ئاڭ» ياكى «بىلىنگەن ئاستى» ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ، شۇنداق قىلىپ چۈش كۆرۈشمۇ ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلايدۇ دەپ قارايدۇ.
بىز بۇ يەردەشۇنىمۇ كۆرىۋالالىشىمىز مۇمكىنكى، فرېئۇد «ھېستىرىيە تەتقىقاتى» دېگەن كىتابىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى چۈش ئانالىزلىرىدا قوللىنىدۇ. ئۇ، «ھىستىرىيە تەتقىقاتى» دا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم خۇلاسىسى، يەنى پسىخوئانالىزشۇناسلىقنىڭ مەركەزى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغىنىدا، يەنىلا يوشۇرۇن ئاڭنى مەۋجۇت دەيدىغان قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. بۇ قارىشىغا ئاساسەن ئادەمنىڭ روھى دۇنياسىنى 3 قاتلامغا ئايرىيدۇ: بىلىنگەن ئاڭ، ئالدىنقى ئاڭ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ (بۇنى بەزىدە بىلىنگەن ئاستى ياكى بىلىنمىگەن ئاڭمۇ دەپ ئاتايدۇ.)
فرېئۇد يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ: بىلىنگەن ئاڭ دېگىنىمىز ئادەم پسىخىكا ھالىتىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى شەكلىدۇر. ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ، ئادەم پسىخىكا ئامىلى ئائىلىسىدىكى «ئائىلە باشلىقى» رولىنى ئوينايدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇ، پۈتكۈل روھىي ئائىلىسىغا ھۈكمۈرانلىق قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەڭشەپ تۇتىدىغان بىر ئورگان. دەل شۇنداق ئاشكارە ئاڭ باشقۇرۇشى ۋە قۇماندانلىقى ئاستىدا ئادەم روھى ھاياتى نورمال پائالىيەت قىلالايدۇ.
بىلىنگەن ئاڭنىڭ ئاستىدىلا «ئالدىنقى بىلىنگەن ئاڭ» دائىرىسى بولىدىكەن. بۇ ئاڭ ساھەسى بىر ۋاقىتلاردا ئۈستۈنكى ئاڭ چۈشەنچىلىرى، پىكىرلىرى تەۋەسىگە مەنسۈپ بىر ئاڭ رايونى بولغاچقا، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي تۇرمۇش بىلەن بەك زىچ مۇناسىۋىتى يوق، ياكى پەقەتلا مۇناسىۋىتى يوق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. يەنى ئالدىنقى ئاڭ دائىرىسى ئاشكارە ئاڭ دائىرىسىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىلگەن، ئۇ يەردىن ئاشكارە ئاڭ رايونىنىڭ يېقىنلىرىدا بىر يەردىن ئوتۇن ئالغان ئاڭ دائىرىسى ھېسابلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئاڭ پائالىيەت جەريانىدا، ئالدىنقى ئاڭ ئۇقۇمى بەزىدە «سىرتقا چىقىۋالىدىغان» ئەھۋالمۇ كۆرۈلۈپ، ئادەمنىڭ رىيال تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىۋېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. ئالايلۇق، مەن ئاڭلىق تۈردە كىتاب ئوقۇۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىزلا ئايالىم كىرىپ مەندىن بىرەر تېلېفون نومۇرىنى سوراپ قالاتتى. بۇ نومۇر بۇرۇن كاللامنىڭ ئاڭ ساھىسىدە ساقلىنىپ قالغان بىر رەقەم بولىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما كېيىنچە مېنىڭ «ئالدىنقى ئاڭ» سىستېمىسىغا ساقلىنىشقا ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. تېلېفون نومۇرى كىتاب كۆرۈشتەك ئاشكارە ئاڭ پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋاقتىدا «ئالدىنقى ئاڭ» رايونىغا قىستاپ كىرگۈزىۋېتىلگەن بولاتتى. دەل شۇ پەيتتە ئايالىم كىرىپ تۇيۇقسىزلا مەندىن بۇ تېلېفون نومۇرىنى سورىغىنىدا، ئالدىنقى ئاڭ رايۇنىدا ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بۇ رەقەملەر قىلچە كۈچ سەرىپ قىلمايلا ئەستە ساقلاش ھەرىكىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۇ نومۇرنى ئەسلىمە ساھەسىدە كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا، ئالدىنقى ئاڭ رايونى ئاشكارە ئاڭ تەۋەسىگە بەكلا يېقىن بىر يەردە ئىپادىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك پسىخىك ھادىسىسىدۇر. شۇڭا ئۇ بىر قەدەر تېز، كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىنمايلا ئاشكارە ئاڭ تەۋەسىگە كىرىپ كېلەلەيدۇ. بەلگىلىك بىر ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ يەنە قايتىدىن تېز سۈرئەت بىلەن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك بولغان ئورنىغا، يەنى ئالدىنقى ئاڭ تەۋەسىگە — ئالدىنقى بىلىنگەن ساھەسىگە قايتىپ كېتىۋالىدۇ.124
بىلىنگەن بىلەن ئالدىنقى بىلىنگەننىڭ ئاستىدا «يوشۇرۇن بىلىنگەن» دائىرىسى بولىدۇ. بۇ رايون، ئادەم روھىي پائالىيەت تەۋەسىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ئامىللىرى ساقلىنىدىغان يەر ھېسابلىنىدۇ. يوشۇرۇن بىلىنگەن، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئاستى قەۋىتىگە قىستاپ كىرگۈزىۋېتىلگەنبولىدۇ. ئەمما ئۇلار يەنە كېلىپ ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىدىغان، پەقەتلا ئىنتىزامغا بوي سۇنمايدىغان پىكىر ماتېرىياللىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۈستى قەۋەتلەرگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىۋېلىشقىلا ئۇرۇنۇپ، ھەر دائىم ئالدىنقى بىلىنگەن بىلەن ئاشكارە بىلىنگەن قاتلىمىغا چىقىۋېلىپ بىۋاستە، قىپ يالىڭاچ شەكىللەردە ئىپادىلىنىشنىلا ئويلاپ يۈرىشىدۇ. ئەمما، نورىمال كىشىلەرنىڭ ئاڭ-تەپەككۈر رايونىدا، بىلىنگەن بىلەن ئالدىنقى بىلىنگەن ساھەسى ھەمدە ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۇراغلىق بىر مۇناسىۋەتنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. بىلىنگەن، يەنى ئاشكارە ئاڭ، ئەڭ ئالى ھۈكمۈران قىياپىتىدە ئۆز ھەيۋىسىنى ھەر دائىم كۆرسىتىپ، بىلىنمىگەن ئاڭنى ئىزچىل تۈردە ئەڭ ئاستىقى قاتلامدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئادەمنىڭ بىلىنگىنىنىڭ نورىمال پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ. فرېئۇد مۇنداق دەپ قارايتتى: ئادەمنىڭ ئەسلەش ھەرىكىتى ئەسلى كۈچ بولغان بىلىنگەن ئاستىدىكى مەزمۇنلارنى بىلىنگەنگە كەلتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. يوشۇرۇن ئاڭنى ئاشىكارە ئاڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئاسان ئاشىكارە ئاڭ تۇرمۇشىغا كۆتۈرىلەلمەيدۇ. فرېئۇدنىڭ دېيىشىچە، ئادەم پسىخىك پائالىيىتى جەريانىدا ئاشىكارە ئاڭ تۇرمۇش پائالىيىتىنى دەخلىگە ئۇچرىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدىغان، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ تاجاۋۇزىغا دۈچ كەلتۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۇنى باستۇرۇپ تۇرىدىغان، يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھاياجاننى بۇرۇنقى ئورنىدا قېلىشىغا مەجبۇرلايدۇ، شۇنىڭدەك بۇنى كەينى-كەينىدىن كەينىگە قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ياكى بولمىسا ئاشكارە ئاڭ پائالىيەت رايونىغا كىرىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىغان يوشۇرۇن ئاڭ قاراشلىرىنى كەينىگە قايتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر بېسىم رايونى بولىدۇ.
بۇنداق بېسىم پەيدا قىلىدىغان يەر ھەققىدە فرېئۇدنىڭ بۇرۇنقى ھېسترىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان ۋاقتلاردا بۇ رولىنى «چەكلىمە رولى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنى ئوبرازلىق شەكىلدە «تەكشۈرگۈچى» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ خىل قاراشنى تېخىمۇ ئاسان چۈشىنەلىشىمىز ئۈچۈن مىجەز-خاراكتېرىمىزنى 3 قەۋەتلىك بىر ئائىلىلىك بىناسىغا ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن. يەنى ئەڭ يوقۇرى قەۋىتىدە مىجەز ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەڭ پەزىلەتلىك بولغىنى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدا ئالدىنقى ئاڭ تۇرىدۇ. ئۇ قەۋەتتە نىسبەتەن تىنچ ھەمدە ئەدەپلىك مىجەزلەر تۇرىدۇ. بۇلار ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى «ئاڭ خادىملىرى» نى خالىغان ۋاقتىدا ئىختىيارىچە زىيارەت قىلىپ تۇرالايدۇ. تۇيۇقسىز، بىر ساقچى پەلەمپەيدە تۇرغان بولىدۇ. ئەمما بۇ ساقچى بەكلا مۇلايىم بىرسى بولۇپ، ئادەتتە بۇ يەردىن ئالدىنقى ئاڭ خادىملىرىنىڭ چىقىپ-چۈشىشىگە بەكلا ئاز توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتتە تۇرىدىغان «بىلىنگەن ئاستى ئەپەندىلىرى» بولسا پەقەتلا تەربىيە كۆرمىگەن جىدەل چىقىرىمەن دەپلا يۈرىدىغان نەرسىلەر. ئۇلار ھەر دائىم غەلۋە-جىدەل قىلىشىپ پەلەمپەيدىن يوقۇرى چىقىمەن دەپلا يۈرىشىدۇ. ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ پوستتا تۇرغا ساقچىنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۈستىگە چىقىۋېلىشنىڭلا كويىدا يۈرىدۇ. بۇ ساقچىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يوشۇرۇن ئاڭ قەۋىتىدىكىلەرنى يوقۇرىقى قەۋەتتىكى ئاشىكارە ئاڭ دائىرىسىدىكى ئەپەندىلەرنىڭ كۈنىنى خاراپ قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن چەكلەپ تۇتۇشتىن ئىبارەت. شۇ ئۆكتەم ئاستىنقى ئاڭ تەۋەسىدىكى ئۇنسۇرلار بەزىدە غىپلا قىلىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىۋېلىش نىيىتىدە ئۆزىنى پۈتۈن چارىلەر بىلەن گىرىم قىلىپ ئاشكارە ئاڭدىكىلەرگە ئوخشاش چىرايلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.125 ياكى بولمىسا كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەنى ساقچىلارنىڭ چارچاپ ھالىدىن كېتىپ خامۇشلىشىپ پەخەس قىلمىغان ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ يوقۇرىغا چىقىۋېلىشىمۇ مۇمكىن.
يوقۇرىدا «ساقچى» دېيىلگىنى باستۇرۇش ياكى چەكلەش رولىنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ئالدىنقى ئاق قىياپىتىگە كىرىۋېلىشى دېيىلگىنى، فرېئۇدنىڭ مۇنداق بىر قارىشىنى كۆرسەتمەكتە: ئادەتتە يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ ئاشكارە ئاڭ قاتلىمىغا كىرەلىشى پەقەتلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئالدىنقى ئاڭ مۇئەييەن بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلىگەنلەر ئاشكارە ئاڭ قاتلىمىغا كىرەلىشى مۇمكىن؛ شۇڭا، يۇشۇرۇن ئاڭ بىلىنگەن قاتلىمىغا كىرەلىشى ئۈچۈن ھەر دائىم ئالدىنقى ئاڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياكى ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان چۈشەنچە شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ سەت كۆرۈنۈشىنى نىقاپلاپ ئۆتىۋالالىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى نىقاپلىنىش، يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان «دىققىتىنى بۇرمىلىۋېتىش» دېگىنى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
فرېئۇد چۈش بىلەن روھىي كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان ھەر تۈرلۈك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ مۇنداق نەتىجىگە كېلىدۇ:
«يۇشۇرۇن ئاڭ، ئالدىنقى ئاڭدىكى دىققەت تارتىپ كېتەلمەيدىغان، سەل قارالغان ياكى تېخى يېڭىلا جازاخانىغا سولىۋېتىلگەن (چەتكە قېقىلغان) چۈشەنچىلەر بىلەن ئالاقە تىكلاشكە بەكلا ئامىراق.» نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ چۇنكى يۇشۇرۇن ئاڭ ئەنە شۇ تۈردىكى چارىلاردىن پايدىلىنىپ ئوغۇرلۇقچە ئاشكارە ئاڭ قاتلىمىغا كىرىپ ئالالايدۇ.
فرېئۇد، پسىخىك جەريانىدىكى ئىپتىدائىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچىىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرەلىشى ئۈچۈن يېڭىچە قاراش بويىچە ئادەملەردىكى ئىپىدىلىنىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئالدىنقى ئاڭنى ھەمدە ئاشىكارە ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەرىكەتچانلىق، مۇرەككەپلىك ۋە ئۆزگىرىشچان مۇناسىبەتنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈر دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇشۇرۇن ئاڭ، ئالدىنقى ئاڭ ۋە ئاشىكارە ئاڭلارنى پسىخىك پائالىيەتلەرنى ئانالىز قىلىش چۈشەنچىسى زۆرۈر ئىدى، ئەمما بۇ يەنىلا يېتەرلىك كەلمەيتتى. بۇ قاراشلار كىشىگە مىجەز تۇرغۇنلۇق تەسىراتى بېرەتتى. شۇنداق بولغاچقا، فرېئۇد يەنە 3 خىل يېڭىچە چۈشەنچىنى كەشىپ قىلىپ، بۇنى يوقۇرىدا بايان قىلىنغان 3 خىل شەكىلدىكى پسىخىك ھالەتكە ماس كېلىدۇ: ئەسلى مەن (ئىد دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىپتىدائىي مەن دېيىشمۇ مۇمكىن)، مەن (ئېگو، يەنى ئۆزىدىكى مەن) ۋە ئۆزدىن ھالقىغان مەن (سۈپەر ئېگو، ). بۇلاردىن ئەسلى مەن — ئىد دېگىنى مەنتىقىلىق بولمىغان، ئاخماقانە مەزمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان پسىخىك ئامىللارنى كۆرسەتمەكتە بولۇپ، ئۇلار ئاشىكارە ئاڭدىكى كىشىلىك خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئەسلى مەن دېگەندىكى ئىپتىدائى مەنىسىنى بېرىدىغان ئىد سۆزلەمى فرېئۇدنىڭ نىتچىدىن ئالغان تېرمىن. يېزىلىشىدىن ئالغاندا بۇ سۆز لاتىنچە كىشىلىكسىز دېگەننىڭ ئالماش سۆزىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بىر تېرمىن دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئىنگلىزچىدىكى «ئىت» سۆزلەمىگە، يەنى `ئۇ` دېگەنگە تەڭ كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزلەم ئۇنىڭ ئاشكارە ئاڭ پائالىيىتىدىكى زىدلىقىنى بەكلا مۇۋاپىق ئىپادىلىنىشى بولالايدۇ. بۇ خىل زىدلىق يوقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك يۇشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئاشىكارە ئاڭ مۇناسىبىتىنى كۆرسەتمەكتە — يەنى ئۇ ھېچقاچان ئاشكارە ئاڭغا، يەنى بىلىنگەنگە تەۋە ئۇقۇم ئەمەس، شۇنىڭغا قارىماي ئۇ ھەر دائىم ئاشكارە ئاڭدا ئۆزىنى كۆرسىتىۋېلىشقىلا ئۇرۇنۇپ يۈرىدىغان ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە.
تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، «ئەسلى مەن — ئىد» دېگىنىمىز تۇغما قابىلىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك ھاياجانلىق ئىپادىسى دېيىش مۇمكىن. ئۇ ھەرگىز ۋاقىت-پەيت بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، شەرت-شارائىتقا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن پەقەتلا ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي ئۆزنى رازى قىلىمەن دەپلا يۈرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، نورىمال بىر ئادەمنىڭ پسىخىك پائالىيىتى جەريانىدا بۇ ئىد دېگىنى تەبىئىي ھالدا باستۇرۇلۇشقا، چەكلىنىشكە ئۇچرايدۇ. مەسىلە ئېنىق، ئەگەر ئۇ باستۇرۇلمايدىكەن، ھەممە ۋاقىتتا خالىغانچە ئوتتۇرغا چىقىش ياكى ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلىپلا تۇرىۋالىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، كىشىنى گويا بىر تەلۋە مىجەزلىك، باشقۇرۇشقا بولمايدىغان، ھەتتا ئاخىرى بېرىپ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىپ يوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن رىئال تۇرمۇشتا بۇ «ئىد» دېگەننىڭ خالىغانچە ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرۈشىگە يول قويالمايدۇ.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا «ئىد» نىڭ بىر قىسمى تاشقى مۇھىت بىلەن ئەمەلىي ئۇچراشقىنىدا تىنماي زەربە يەپ يېڭىلىپ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرىدىغان بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆزگىرىش ياسىشىدىن كېيىنكى ئەسلى مەن، دەل شۇ «ئۆزدىكى مەن، يەنى مەن، ئېگو» ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۇغۇندا ئېگو مۇۋاپىق شارائىت يارىتىلغىنىدا رىئاللىق پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا ئىدنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنماي ئىدنى چەكلەش، ئۇنى يېتەكلەشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولىدۇ. بۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئېگو دېگىنىمىز خۇددى ئىدنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان بىر ساقچىغا، ئۇنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان كوندۇكتور يېتەكچىسىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا، فرېئۇد بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمىيلىقتىن ئالغاندا، ئۆزدىكى مەن چوقۇم ئەسلى مەننىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىنى قاندۇرۇپ تۇرۇشى شەرت. ئەگەر ئۇ بۇ تۈردىكى ئارزۇغا ماس كېلىدىغان شارائىتلارنى يارىتالىغىنىدا، ئېگو ئۆزى ئۈستىدىكى ۋەزىپىسىنى جايىغا كەلتۈرگەن ھېسابلىنىدۇ. فرېئۇد، ئېگو بىلەن ئىدنى ئات مىنىۋالغان كىشى بىلەن ئاتنىڭ مۇناسىۋېتىگە ئوخشىتىدۇ. ئات، ھەرىكەت قىلىش قۇۋۋىتى بىلەن تەمىنلىسە، ئات مىنگۈچى ھەرىكەت يۈنۈلىشى بىلەن بۇ يولغا قاراپ مېڭىش جەريانىدىكى نوقتىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىدا تۇتقان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئەسلى مەن بىلەن ئۆزدىكى مەن مۇناسىبىتىدا بەزەن كىلىشەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. يەنى ئات مىنگۈچى قەتئىي تۈردە بارماقچى بولغان تەرەپكە قاراپ ئېتىنى يېتەكلەپ تۇرىشى شەرت.127
ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭ ئۆزدىكى مەن — ئېگوسى ئاساسەن بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ تەدرىجى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ. بالىلىق دەۋر بولسا، ئادەم ئاتا-ئانىسى بىلەن يەنىلا كۈچلۈك ھېسسىي مۇناسىۋىتى ساقلانغان بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دەۋردە، بالىنىڭ ئېگوسى تېخى ئەندىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ، بالا تېخى يول كۆرسىتىش جەھەتتە تېخىچە ئەسلى مەننى، يەنى ئىدنى تولۇق يىتەكلەش سەۋىيىسىگە كېلەلمىگەن ئاجىز ۋاقىتلىرى بولغاچقا، بالا بۇ ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىسىنىڭ سالاھىيىتى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئەسلى مەنىنىڭ ھاياجىنىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر. ئاتا-ئانىسىنىڭ سالاھىتى بالا ئۈچۈن مۇتلەق، شەرتسىز بوي سۇنۇشقا تېگىشلىك بىر كۈچ ھېسابلىنىدۇ. بالا بۇ ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ سالاھىتى تەرىپىدىن ھەر دائىم چەكلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بالىنىڭ روھىي دۇنياسىدىمۇ شۇنىڭغا ماس ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇتلەق سالاھىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان روھى ئامىلنى شەكىللەندۈرىۋالىدۇ. مانا بۇ، «دەرىجىدىن تاشقىرى مەن — سۈپەر ئېگو» نىڭ يۇمۇران بىخ ھالىتىدۇر. سۇپەر ئېگو بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئېگودىن بىر دەرىجە ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغان بولغاچقا، سۈپەر ئېگومۇ ئەسلى مەن ھاياجانلىرىنى نازارەت قىلىش ھەمدە ئېگونى ئىدنىڭ يول قويۇشقا بولمايدىغان ھاياجانلىرىنى بېسىم قىلىپ چەكلەپ تۇرۇشقا مەجبۇرلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا، سۈپەر ئېگونىڭ تۆرەلمە ۋاقتى ئاتا-ئانا سالاھىيىتىنىڭ بالىسىدىكى پسىخىك جەھەتتە ئىچلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالا چوڭىيىپ قۇرامىغا يەتكىنىدە سۈپەر ئېگوسى ئۇ كىشىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ بېيىپ بېرىشىغا ھەمدە بىلىم جوغلانمىسىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز تۈردە مۇكەممەللىشىپ ۋە مۇستەھكەملىشىپ بارىدۇ. ئەڭ ئاخىرى، ھەتتا تەبىئىي ھالدا ۋىژدان دېگەن شەكىل بويىچە نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. بىز ئادەتتە پات-پاتلا تىلغا ئالىدىغىنىمىز، پالانچى پەقەتلا ۋىژدانى يوق بىرى ئىكەن دېگىنىمىزدە، دەل شۇ مۇستەھكەملىنىپ كېتەلمىگەن سۇپەر ئېگو مىجەز-خاراكتېرىنى كۈزدە تۇتىمىز. بۇنداق مىجەز ئەقىل ۋە ئاڭلىق تۈردە باشقۇرۇلمايدىغانلىقى ئۈچۈن قالايماقان ئەخلاقسىزلىق، ئەدەپسىزلىك ھەرىكەتلەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ تۇرىشىمۇ مۇمكىن.
«ئۆزدىكى مەن» (يەنى ئۆزلۈك، مەن، بىلىنگەن مەن، ئېگو – ئۇ.ت) رىياللىق بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىدا، ئەسلى مەن – ئىد تەلەپلىرىنىڭ قاندۇرۇلۇشى بىلەن يۈز قاراپ يۈرمەيدىغان جىددى پوزىتسىيىلىك سۇپەرمەن ئوتتۇرسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» كىتابىدا ئالدىنقى ئاڭ رايونىنى بىلىنمىگەن ئاستى – يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن بىلىنگەن ئاڭ – ئاشكارە ئاڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بىر سۈزگۈچكە ئوخشىتىدۇ. بۇ ئاڭ پائالىيەت قىسمى يۇشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئاشكارە ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۆتۈشۈشنى چەكلەپ تۇرۇش بىلەنلا قالماي، ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىنىمۇ تىزگىنلەش ئارقىلىق بۇنداق ئۆزگىرىشچان يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيەت كۈچىنىڭ خالىغانچە تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ تۇتۇشقا تىرىشىدۇ – بولۇپمۇ بۇنداق چەكلىنىدىغان كۈچلەردىن دىققەت كۈچى دېگىنىگە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم دۈچ كېلىپ تۇرىمىز.128
سۈپەرمەننىڭ ئاشكارە ئاڭنى بۇنداق قاتتىق تىزگىنلىۋېلىشى ئاشكارە ئاڭدا بىر تۈرلۈك ئەنسىزچىلىكنى پەيدا قىلىۋېتىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىشى بىلەن تەڭ، بىلىنگەن مەن ئورگىنى پىلانلىق، ئېغىر بېسىق بىر شەكىلدە ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ، بىر تەرەپتىن سۇپەرمەننى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلى مەننىڭ تەلەپلىرىنىمۇ قىسمەنلىكتە ياكى ۋاستىلىق يوللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ روھىي ھالەتتە كۆرۈلىدىغان ئەنسىزچىلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشىدۇ. يەنە بەزىدە ئەسلى مەن تەلەپلىرىنى مۇۋاپىق تۈردە پەدازلاپ ياكى باشقا تۈسلەرگە كەلتۈرۈپ ئىپادىلەشكىمۇ تىرىشىدۇ. بىلىنگەندىكى مەن – ئېگو نىڭ ئوينىغان بۇنداق تەڭشەش رولى بەزىدە رىياللىققا يول قويۇش بولۇپ ئىپادىلەنسە، يەنە بەزىدە مۇۋاپىق بىر ئۇسلۇب بىلەن سۇپەرمەننىڭ قاتتىق تەلەپچانلىقىنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنۇش بولۇپ ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن. نەتىجىدە، ئاشكارە مەن ئورگىنىنىڭ تەڭشەپ تۇرۇشى ئارقىلىق قىسمەنلىكتە ئۆزگىرىش ياسىغان بۇ تۈردىكى ئەسلى مەننىڭ تەلەپلىرى مۇۋاپىقلاشتۇرۇلغان بىر شەكىلدە مۇۋاپىق تۈردە ئاشكارە ئىپادىلىنىش ئىمكانىغىمۇ ئېرىشەلىشى مۇمكىن.
فرېئۇد، بىلىنگەن مەننىڭ بۇنداق ئۇرۇنۇشىنى تەسۋىرلەپ كېلىپ « بۇ خۇددى ئىككى بايغا بىر مالاي دېگەندەكلا مۈشكۈل بىر ئىش. ئەمما بىچارە مەننىڭ ۋەزىپىسى ئىككى بايغا بىرلا ۋاقىتتا مالايلىق قىلغىنىدىنمۇ جاپالىق. چۇنكى ئۇ، بۇ جەرياندا ئىككى بايغا ئەمەس بەلكى بىر-بىرسىدىن تەلەپچان ئۈچ بايغا بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت قىلىۋاتقاندەك بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىچارە مەن بۇ يەردە ھەر ئۈچ باينىڭلا تەلەپلىرىنى كۆزدە تۇتقان بولىشى، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆزئارا رازىلىق بىلدۈرىدىغان ئورتاق بىر نوقتىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولىشى كېرەك. ... بۇ يەردىكى زوراۋان ئۈچ باينىڭ بىرسى تاشقى مۇھىت، يەنە بىرسى سۈپەرمەن ۋە ئۈچىنچىسى ئەسلى مەن. ... بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، مەن ئۆزىنى ئۈچ تەرەپتىن تەھدىت قىلىنغان، ئۈچ تەرەپتىن قورشاۋ غا ئېلىنغان بىرى ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ، بۇ جەرياندا ھەددىدىن ئېغىر بېسىمغا قالغان ھېس قىلغىنىدا، ئۇنىڭدا تېخىمۇ كۈچلۈك غەم پەيدا بولىشى مۇمكىن. يەنى مەننىڭ بۇنداق ئېغىر بېسىم ھېس قىلىشى ماھىيەتتە ھېس قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، بۇنداق تۇيغۇ مۇتلەق تۈردە تاشقى مۇھىتنىڭ تەلىبىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر بېسىم ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردە يەنە ئەسلى مەنگىمۇ سادىق بىر مالاي بولۇشنى خالايدۇ. ... يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكىتى قاتتىققول سۈپەرمەننىڭمۇ نازارىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سۈپەرمەندە ئىپادىلىنىدىغان مەننىڭ بارلىق ئىش ھەرىكىتىنى بەلگىلىك بىر ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدىغان ئالاھىدىلىكى ئەسلىمەننىڭ ياكى تاشقى مۇھىتنىڭ ھەرقانداق مۈشكۈلچىلىك يارىتىشىغا قىلچە پەرۋا قىلمايدىغان شەكىلدە روي بېرىپ تۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئەگەر سۈپەرمەننىڭ بۇنداق تەلەپلىرىگە مەن ئورگىنى ئەمەل قىلمىغىدەكلا بولىدىكەن، سۈپەرمەن شۇ ھامان جىددىچىلىك ھېسسىياتىنى پەيدا قىلىپ مەننى جازالاشقا ئۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە مەندقمۇ بىر تۈرلۈك يۈزسىزلىك، جىنايى تۇيغۇ پەيدا بولىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، ئەسلىمەن تەرىپىدىن جىددىلەشتۈرىۋېتىلگەن، سۈپەرمەن تەرىپىدىن قىستاپ قويۇلغان ھەمدە رىياللىق تەرىپىدىن چەكلىمە ئاستىغا چۈشۈرۈلگەن بىچارە مەن، بۇ تۈردىكى ئىچكى-تاشقى ھۇجۇملاردا ياراشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئوينايدىغان ئورگان سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىزمۇ مۇنداق دەپ ۋارقىراپ تاشلايدىغان ئەھۋاللارغا دۈچ كېلىپ تۇرىمىز: ئاھ تەڭرىم، ياشىماق نېمە دېگەن مۈشكۈل!129
ئاشكارە ئاڭ بىلەن يوشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىل سەۋەب-نەتىجە مۇناسىبىتى ئادەتتە چۈش تەتقىقاتىدا ئەڭ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ: چۈش – بېسىمغا ئۇچرىغان ئارزۇنىڭ يالغاندىن قاندۇرۇلىشى، يەنى چۈشتە باستۇرۇلغان ھاياجانلارنى مەننىڭ تەكشۈرۈش توسىقىدىن ئاتلاپ ئۆتكۈزىۋېتىشنى پىلانلاپ قۇراشتۇرۇپ چىققان بىر تۈرلۈك ياراشتۇرۇش كارتىنىسى.
فرېئۇد، چۈش تەھلىلى جەريانىدا چۈشتە ئىپادىلىنىدىغان پسىخىك ھەرىكەت قانۇنىيىتى بىلەن ئۇنىڭغا پىششىق تونۇشلۇق بولغان نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالامەتلىرى ئوتتۇرسىدا ھەقىقەتەنمۇ بەكلا كۆپ ئوخشاشلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ.
1896-يىلى 2-ماي كۈنى، فرېئۇد يەھۇدىيلار ئىلمىي دوكلات سالونىدا بىر توپ ياشقا چۈش ھەققىدە ئىلمىي دوكلاد بېرىدۇ. كېلەركى يىلى بۇ يەردە چۈش ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ لىكسىيە سۆزلەيدۇ. بۇ يەھۇدىي ئىلمىي مۇھاكىمە سالونى قايسى بىر يەھۇدىي تەشكىلاتىغا تەۋە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە جەمئىيىتى بولۇپ، بۇ ئۆمەكنىڭ ئىسمى «ۋېرېيىنب نايب رىتب – VereinB` naiB` ritb» ئىدى. بۇ جەمئىيەت ئەسلىدە يەھۇدىيلار ئارىسىدىن تاللانغان ئۈلگىلىك كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر ئىلمىي تەشكىلات ئىدى. بۇ جەمئىيەت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ يەھۇدىي ئالىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ پات-پاتلا ئىلمىي دوكلاد ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە فرېتمۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى ھېسابلىناتتى. بۇرۇنلاردا كارل ماركسمۇ بۇ سالونغا كېلىپ دوكلاتلارنى بېرىپ باققان ئىدى.
فرېئۇد، بۇ دوكلاد سالونىدا ئۇدا ئىككى ئاخشام چۈش تەبىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بېرىدۇ.
1897-يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا، فرېئۇد بۇ سالوندا ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلغان ۋاقتىدا بىر پارچە خېتىدا ئۆزىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە چۈشىنى يېشىپ كۆرسىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ. بۇ جەرياندا چۈشنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبلىرى بىلەن چۈش شەكىللىنىش پىرىنسىپلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئەينى ۋاقتلاردا پسىخولوگىيە ساھەسىدىكىلەر چۈش ھەققىدە تېخى ئەستايىدىللىق بىلەن بىرەر ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىپ باقمىغان ۋاقىتلار ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ چۈش ھەققىدىكى قاراشلىرى ئومۇمىي يۈزلۈك ئېتراپ قىلىنىشقا ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ئۇ كۈنلەردە، فرېئۇد، چۈش بىلەن نېرۋا كېسەللىكلەر تۈزۈلۈش جەھەتتە بەلگىلىك ئوخشاشلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇ خېتىدە، «چۈش، ساددا بىر شەكىلدە نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان پسىخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.130
ئۇنىڭ چۈش تەبىرى ئاساسىدا خۇلاسىلاپ چىقارغان نەتىجىسى، «چۈش – ئارزۇنىڭ قاندۇرۇلۇشىدۇر» دەيدىغان مۇھىم قائىدىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەدرىجى شەكىلدە ئوتتۇرغا چىقارغان بىر قائىدىسى ئىدى. بۇ جەريان چۈش تەھلىلىنى داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، بۇ جەريانمۇ خۇددى ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىش جەريانىدىكىگە ئوخشاش باشتىن تارتىپلا بىلىنگەن ئاستى مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرغا چىقىرىلغان بىر باسقۇچ ھېسابلىناتتى. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، فرېئۇدنىڭ چۈش يېشىش پائالىيىتى باشتىن ئاخىرغىچە ساغلام، ئىلمىي كۈزىتىش يولى بويىچە داۋاملىشىدىغان، شۇ ئارقىلىق چۈش تەبىرنى تاماملاشقا بولىدىغان بىر يول ئىدى. ئاخىرى بېرىپ، بۇ يول ئۇنى پسىخوئانالىزشۇناسلىق (ئىنسان روھىي ھەرىكەت مېخانىزمى تەھلىلچىلىكى، يەنى مىجەز تەھلىلچىلىكى، بۇ ئاتالغۇ چىنچىسىدىكى روھ تەھلىل دېگەندىن خەت بويىچە تەرجىمە قىلىنىپ روھ ئانالىزى دەپ كەمتۈك ئېلىنماقتا – ئۇ.ت) نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا باشلاپ بارىدۇ.
فرېئۇد، تۇنجى قېتىم چۈش توغرىلىق بىر پارچە كىتاب يېزىپ چىقىش خىيالىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە 1897-يىلىنىڭ 16-ماي كۈنىدىكى بىر پارچە مەكتۈبىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىت فرېئۇدنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىش ئىشىنى باشلىۋالغان كۈنلىرىدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇنقى ئىش ئىدى. دېمەككى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىشى بىلەن چۈش يىشىمىنى باشلىغان ۋاقىتلىرىنىڭ ئاساسەن بىرلا ۋاقىتتا دېگىدەك باشلانغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ھەتتا بۇ ئىككى ئىش بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ ئۆزئارا تولۇقلاش جەريانلىرىنى شەكىللەندۈرگەن دەپ ئېيتىشقىمۇ ھەقلىقمىز.
فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» نى يېزىشتىن ئاۋال، تولۇق ئىدىيىۋىي تەييارلىقى بولغاندىن باشقا، يەنە ھەقىقەتەنمۇ يېتەرلىك ماتېرىيال توپلاش بىلەن شوغۇللانغان. ئۇ، 1897-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدا فرېيزىرغا يېزىشنىڭ ئالدىدىلا، پسىخولوگىيە تارىخىدىكى چۈشكە مۇناسىۋەتلىك بەكلا كۆپ ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ چىققان. بۇلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش ھەمدە چۈشىگە تەبىر بېرىش، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىياتى جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم ھەل قىلغۇچ بىر باسقۇچ بولۇپ قالغان. يەنى ئۇنىڭ بۇ تەلىماتى ھەرگىزمۇ ئۇنداق شۇنداقلا بىر ئوتتۇرغا چىققان دولقۇندەك ھاياجانلىق ئىلھام كۈچىنىڭ نەتىجىسى بولماي، ئۇزۇن مەزگىللىك، يېتەرلىك مۇھاكىمە دەۋرىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. فرېئۇد، 1895-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدىن باشلاپلا ئۆزىنى ئۆزى تەھلىل قىلىش ۋە چۈش يېشىمى ئۈستىدە دەسلەپكى پائالىيىتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. كەينىدىنلا ئىككى يىل قايتا-قايتا ئەمەلىيىتى ۋە ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق ئاخىرى 1897-يىلى ياز ئايلىرىدىن باشلاپ رەسمىي تۈردە ئانالىز ۋە تەتقىقات قىزمىتىگە تۇتۇش قىلىدۇ.
1897-يىلىنىڭ 5-نويابىر كۈنى، فرېئۇد يازغان بىر پارچە مەكتۈبى ئارقىلىق چوقۇم بىر پارچە «چۈش تەبىرى» دېگەن ئەسەر يېزىپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر يىل بۇرۇنقى دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن ئوتتۇرغا چىققان كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ.
فرېئۇد، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابنى يېزىشتىن بۇرۇن تولۇق ئىدىيىۋىي تەييارلىق قىلغانلا بولۇپ قالماي، ئىنتايىن تولۇق ماتېرىيال تەييارلىقى قىلغان ئىدى. ئۇ، 1897-يىلى ماي ئېيىدا فلېيزغا بۇ ھەقتە خەت يېزىشتىن بۇرۇنلا 131 پسىخولوگىيە تارىخىدا چۈش ھەققىدە توختالغان بەكلا نۇرغۇن ماتېرىياللارنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىققان ئىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرەرسى چىقىپ چۈشنى «ئارزۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى» دەپ ھۆكۈم قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. فرېئۇد، چۈشنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن جاپالىق باش چۆكۈرۈپ يۈرۈپ قېدىمىي يونان دەۋرىدىن بېرى نۇرغۇن ئىلمىي خادىملارنىڭ ھەمدە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى قېتىقىنىپ كۆرۈپ چىقىدۇ.
فرېئۇد، بۇرۇنقى ھەر تۈردىكى چۈش ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قارىتا باشتىن ئاخىرى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىقات ۋە تەھلىل قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئەگەر بۇ تۈردىكى قاراشلار ئارىسىدا بىرەرسىنىڭ بولسىمۇ ئازىراقلا ئىلمىيلىك روھىنى ھېس قىلىدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ تەھلىل قىلىپ كېتىدۇ.
مەسىلەن، فرېئۇد قېدىمىي يونان پەيلاسوپى ئارىستوتىل – ئەپلاتوننىڭ چۈش ھەققىدىكى تەتقىقات ناتىجىلىرىگە ئەنە شۇنداق ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ تەھلىل قىلىپ كېتەتتى. بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ:
ئارىستوتىل ئىككى پارچە ئەسىرىدە چۈش توغرىلىق توختالغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇمۇ چۈش ھادىسىسىنى پسىخىك ھادىسە دەپ قارىغان، بۇ جەھەتتە ئارستوتىل ھەرگىزمۇ ئىلاھىيەت قارىشىغا تايىنىپ بۇنداق خۇلاسىغا كەلگەن بولماي بەلكى چۈش ھادىسىسىنى بىر خىل «روھىي جەريان» مەھسۇلى دەپ قارىغان. ئۇنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان «روھىي جەريان» دېگىنى تامامەن چۈشنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، ھەرگىزمۇ قانداقتۇ بىر تەبىئەتتىن ھالقىغان بىرەر روھ مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. يەنى چۈش ھادىسىسىنى يەنىلا ئىنسان روھىي پائالىيىتىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە بوي سۇنغان بىر ھادىسە دەپ قارىغان.
فرېئۇدنىڭ ئارىستوتىل قاراشلىرىنى مەدھىيلەپ كۆرسىتىشى ھەرگىزمۇ ئۇشتۇمتۇت خىيالىغا كېلىپ قالغان بىر ئىش ئەمەس ئىدى. گەرچە ئارىستوتىل چۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىگەن بولسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا چۈش ھادىسىسىنىڭ «تەبىئەتتىن ھالقىغان» بىر ھادىسە دەيدىغان سەپسەتىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئورنىغا چۈش ھادىسىسىنى ئىنسانىيەت روھىي پائالىيىتىنىڭ بىر تەركىبى دەپ تەرىپلىگەن. ھەتتا ئارىستوتىل ئادەم ئورگانىزم سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە سىزىملىرىدىن چۈش مەزمۇنىنىڭ مەنبەسىنى ئاختۇرۇشقا تىرىشىپ كۆرگەن. تەبىئىيكى، بۇ ئىش مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە بىر ۋەقە دېيىشكە بولىدىغان بىر ئىش ئىدى.
فرېئۇد، ئۆزىدىن بۇرۇنقى كىشىلەر چۈش ھادىسىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ھەقىقەتەنمۇ بەك ئەھمىيەت بەرمەي كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. ھەتتا قېدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپ تا 19-ئەسىرگە كەلگىچىلا چۈش ئۆرۈش مەسىلىسىدە132 ھەقىقەتەنمۇ ئىلمىيلىككە زىت، دىنىي خۇراپاتلارغا تولغان قاراشلار كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلىدۇ. ئۇ چوڭقۇر ئۈكۈنۈش ئىچىدە مۇنداق دەيدۇ: «چۈش ھەققىدىكى بۇنىڭدەك قېدىمدىن قالغان قاراشلار تا بۈگۈنگىچە كونىلىق تەرەپتارلىرىنىڭ چۈشكە باھا بېرىشتە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇسلۇبى بولۇشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. يەنى بۇ تۈردىكى كونا قاراشتىكىلەر ھازىرمۇ چۈشنىڭ تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچلەر بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىك دەيدىغان قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق چۈش ئىلاھىي رۇھنىڭ بىشارىتى دەپ ھېسابلاشماقتا، شۇنىڭدەك تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىلاھىي رۇھ چۈش كۆرگۈچىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە، چۈش، ئۇلارنىڭ كىلەچەك تەغدىرىنى ئالدىن بىشارەت بېرىدۇ دەپ قاراشنى تاشلىمىدى."
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، فرېئۇد ھەر تۈرلۈك چۈش قاراشلىرى ھەققىدىكى تارىخىي جەريان ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە مۇنداق بىر چوڭقۇر مەنىلىك بىر خۇلاسىنى چىقىرىدۇ: كىشىلەر چۈشكە تەبىر بېرىشتە يەنىلا دۇنيا قارىشى ھەمدە كائىنات قارىشىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.
بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ:
ئىلمى كائىنات قاراش ئورتىغا چىقىشتىن ئاۋال، تەبىئىي ھالدا قېدىمقى كىشىلەردە بولغان كائىنات پۈتۈنلىكى ھەققىدە قاراشلار ئۈستىدىكى تالاش-تارتىشلار بۇنداق بىر قاراشنى ئوتتۇرغا چىقارغانلىقى مۇقەررەر. ... شۇڭا، قېدىمقى پەيلاسوپلار چۈشكە باھا بېرىشتە ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى ھادىسىلەرگە بولغان قاراشلىرىقاراشلىرىغا باغلىق ئىدى.
فرېئۇد يەنە مۇنداق بىر ئىشقىمۇ دىققەت قىلىدۇ: كىشىلەرنىڭ بۇنداق چۈش ھەققىدىكى قاراشلىرى يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. يەنى ئۇنىڭ دېيىشى بويىچە، "تارىختىن بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ چۈش ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل كائىنات قاراشلىرىغا ھەمدە ئىلاھىي روھ قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن."
فرېئۇدنىڭ قەتئىي قوشۇلمايدىغىنى، بۈگۈنكى ئىلىم-پەن شۇنچە ئالغا ئىلگىرلىگەن تۇرۇغلۇقمۇ يەنە يۇقۇرقىدەك ئىلمىيلىققا زىت كېلىدىغان خۇراپىي قاراشلارنىڭ بۇ جەمئىيەتتە يېيىلىپ يۈرەلىشى، ئۆزىنى بىلىملىك دەپ تونۇيدىغان پەيلاسوپلارمۇ بۇ تۈردىكى سەپسەتىلەرگە ھەمنەپەس بولۇپ بېرىشى ئۇنىڭ زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشلىرى ئىدى.133
بۇلاردىن شۇنى كۆرۈپ ئالالايمىزكى، فرېئۇدنىڭ چۈش تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەقىدىسىگە تۈرتكە بولغان كۈچ، ئىلمىيلىككە زىت دىنىي خۇراپات قاراشلىرىغا بولغان يىرگىنىشلىرىدىن كەلمەكتە ئىدى. بىر ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، فرېئۇد ئەرۋاھلارغا، تەبىئەتتىن ھالقىغان بىرەر كۈچنىڭ بارلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ ماددىي دۇنيانىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىكلىكى مۇتلەق تۈردە ئېنىق بىلىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىدى. ئادەم قەلب پائالىيەتلىرى ھەرقانچە مۇجىمەللىكلەرگە ئىگە بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ بەرىبىر ئادەم ئورگانىزمى ئىچىدىن بۇنىڭ ئوبىكتىپ مەنبەسىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ. چۈش، ئادەم روھىي پائالىيىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنىلا سىرلىق، خىيالى بىر ھادىسە ھېسابلانمايتتى. ئۇ بەرىبىر ئادەم ئورگانىزمى ئىچىدىكى مۇرەككەب روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن ھادىسىسى ھېسابلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ مەنبەسى ئادەمنىڭ قالغان روھىي پائالىيەتلىرىگە ئوخشاشلا قەلب دۇنيامىزدىكى يوشۇرۇن ئاڭ چوڭقۇرلىرىدىكى بىر پائالىيەت ھادىسىسىدۇر. بۇ تۈر يوشۇرۇن ئاڭ، ھەرگىزمۇ ئىلاھىي روھنىڭ ئىپادىسى، ھەرگىزمۇ ئىنسان بەدىنى سىرتىدىكى تەڭرىنىڭ بىشارىتى بولماسلىقى كېرەك؛ ئەكسىنچە ئىنسانىيەتنىڭ بۇرۇنقى رىيال پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىكمىسى، ئۇ ئۆتمۈش پائالىيەتلىرىنىڭ چۆكمىسى بولىشى كېرەك، مەيلى كىشىلىك بولسۇن، مەيلى ئىنسانىيەت ئىرقىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ تىگى تەكتىدىن ئالغاندا چۈش ھادىسىسى رىيال ئەمەلىيەتتىن كەلگەن بىر ھادىسە بولىشى كېرەك.
بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى، فرېئۇد چۈش پائالىيىتى تەتقىقاتى ئارقىلىق پسىخولوگىيە تەتقىقاتىدا بىپايان بىر ساھە ئېچىپ بەرگەن، شۇ ئارقىلىق چۈش بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەت پىسىخىك تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىلمىي ئاساس تىكلەپ بەرگەنلىكى نوقتىسىدا ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك بىر كەشپىيات دېيىش مۇمكىن.
فرېئۇد چۈش تەھلىلى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدىيىۋىي تەييارلىق قىلغان ھەمدە يېتەرلىك ماتېرىيال تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، 1897-يىلى كۈز ئايلىرىدىن باشلاپ 1898-يىلىنىڭ فېۋرال ئاخىرلىرىغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا "چۈش تەبىرى" كىتابىنىڭ دەسلەپكى بىر قانچە بابىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە تاماملايدۇ. فرېئۇد بۇ يېزىقچىلىق جەريانى ئۈستىدە توختالغىنىدا مۇنداق دەيدۇ: "قارىغاندا كىتابىمنىڭ بۇ قىسمىنىڭ يېزىلىشىنى يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك دېيەلىشىم مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ يازغانلىرىم پسىخولوگىيە نوقتىسىدا ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر يېزىلغان ئەسەر بولدى دېيەلەيمەن. بۇ ئەسەردە مېنىڭ تۆھپەم چۈش ھەققىدىكى پەلسەپە جەھەتتىكى قاراشلار دىيەلەيمەن." 1898-يىلى 5-مارتتىن ئاۋال، فرېئۇد "چۈش تەبىرى" نىڭ بىرىنچى قىسمىنى تاماملايدۇ. روشەنكى، بۇ قىسىم ئۇنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىش ھەمدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەييارلىقىدىن كېيىن بىراقلا يېزىپ پۈتتۈرگەن قىسىم دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ مەغرۇرلانغان ھالدا "شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ قىسىم ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ ياخشى يېزىلغان قىسىم ئىكەنلىكىدە شەك يوق" دەيدۇ.
10-مارت كۈنى، فرېئۇد كەلگۈسىدە يازماقچى بولغان قىسىملىرى ئۈستىدە قايتا-قايتا ئىزدىنىپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بۇ ھەقتە توختالغىنىدا مۇنداق دەيدۇ:134 "مېنىڭ ئۈچۈن ئارزۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى دېگەن بۇ تەلىمات، پسىخولوگىيە ئۈچۈن بىر جاۋاب ھېسابلانسىمۇ، بىئولوگىيە ئۈچۈن، ياكى مېتافىزىك ئۈچۈن جاۋاب ھېسابلانمايتتى." بۇ يەردە ئۇنىڭ تىلغا ئالغان "مىتافىزىكىلىق جاۋاب" دېگىنى ئۇنىڭ يېقىندا ئوتتۇرغا قويغان بىلىنگەننىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنى كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە، بىئولوگىيىلىك نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا چۈش دېگەن بۇ ھادىسە ئىنساننىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەر (يەنى 1~3 ياش ۋاقىتلىرىدا) دىكى قالدۇقلىرى ئىچىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ھادىسە دېيىش مۇمكىن. بۇ يەر دەل شۇ بىلىنگەن ئاستىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىدىغان يەر ھېسابلىنىدۇ. يەنى روھىي كېسەللىك مەنبەسىنىڭ كۆرۈلىدىغان بىردىن بىر يېرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ دەۋر، نورىماك كىشىلەر پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن قىسىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەرنى ھېستىرىيە ۋەقەلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەر دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇ يەردە مۇنداق بىر فورمۇلانى – بۇۋاقلىق دەۋرىدە كۆرگەن بىلگىنى كەلگۈسىدىكى چۈشلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ بېرىدۇ دەيدىغان فورمىلانى كەلتۈرۈپ چىقاردىم؛ بۇ دېگەنلىرىمنى ئاڭلىغانلار كەلگۈسى ھەققىدە ئارماندا قېلىش خىيالىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەمما بېشىدىن ئۆتكەن ئۆتكەن ئىشلار كەلگۈسىدە روھىي كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. كىشىلەر بوۋاقلىق دەۋرىدىكى ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىق ھادىسىلەرگە يولۇققىنىدا (ياكى بالىلىق دەۋرلىرىدىكى ئارزۇسىدىن تۈرلىنىپ كەلگەن يېڭىچە ئارزۇسى، ۋەياكى شۇ ۋاقىتتىكى ئارزۇسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىر پۈتۈنلىشىپ كەتكەن يېڭىچە ئارزۇسى) بۇ شەيئىلەر چۈشنى ئوتتۇرغا چىقىرىدىغان ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن."
بۇ يەرگە كەلگىچە ئوتتۇرغا قويۇلغان گەپلەردىن فرېئۇدنىڭ يېزىقچىلىقى پەيتىدە ھەممىنى تولۇق ئويلىنىدىغان، ھەممە تەرەپكە چېپىپ يۈرىدىغان قەلبىنى كۆرۈپ ئالالىشىمىز مۇمكىن. فرېئۇد، خۇددى جاپاغا چىداپ تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتكەن ھەمدە كىچىك پىيىل روھ بىلەن تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن ھەقىقىي ئالىمغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تولۇق بىلىدىغان، ھەر قانچە مۇكەممەل، ھەر قانچە چوڭقۇر بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مۇشۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەنلا ھەممىنى ھەل قىلىپ بولدۇم دەپ قارىماي، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھىنى كۆرىۋالالىشىمىز مۇمكىن. ئۇ، ھەر دائىم چىقارغان خۇلاسىلىرىنى قايتا-قايتا ئويلىنىپ يېتەرسىزلىكلەرنى سەزگەن ھامان قايتا تۈزىتىشكە تىرىشىپ بۇ تۈر جاۋابىنىڭ يېڭى مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىشقا كۈچ چىقىراتتى.
1898-يىلى 24-مايدا، بۇ كىتابىنىڭ 3-قىسمىنى، يەنى چۈشلەرنىڭ تۈزۈلىشى ھەققىدىكى نەزەرىيىسىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما ئۇ شۇندىن كېيىن بۇ ئەسىرىنى يېزىش ئىشىنى توختىتىپ ئادەتتىكى پسىخولوگىيە ماقالىلىرىنى يېزىش ئىشىغا كىرىشىدۇ. ئەمما قىزىق يېرى، فرېئۇد پسىخولوگىيە ئۈستىدە ماقالە يېزىش ۋاقتىدا بۇزۇلغان پسىخىلوگىيە تەتقىقاتىدىن قولغا كەلگەن نەتىجىلەر چۈش تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغاندا بەكىرەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ.135 روشەنكى، ئۇ بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمىنى يېزىش ۋاقتىدا مەلۇم قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن. شۇڭا، يېزىش ئىشىنى بىر مۇددەت تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتاب شەخسىيىتىگە ھەمدە ئائىلىسىنىڭ بەكلا كۆپ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا، شەخسى پسىخولوگىيە سىرلىرىنى ئاشىكارىلاشقا بېرىپ تاقىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن يېزىقچىلىقىنى پەقەتلا ئىلگىرلىتەلمەيدۇ. يەنى فرېئۇد بۇنىڭدەك شەخسى سىرلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايتتى.
1899-يىلى 19-فېۋرال كۈنى، فرېئۇد يازغان بىر پارچە مەكتۈبىدە چۈشنىڭ ماھىيىتى بىلەن ھىستېرىيە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ ئىككىلا ۋەقەدە ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن قىياپىتىنى نامايەن قىلماقتا ئىدى. بۇ يەردە فرېئۇدنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى، چۈش ھادىسىسىدا باستۇرۇلغان ئارزۇ ئىپادىلەنگەن بولسا، ھىستېرىيە كېسەللىك ئالامەتلىرىدە بولسا باستۇرۇلغان ئارزۇ بىلەن بىر قاتاردا باستۇرغۇچى شەيئىي ئوتتۇرسىدا كېلىشتۈرمىچىقلىك ھادىسىسىنىڭمۇ بارلىقىنى يەكۈنلەپ چىقىدۇ. بۇ يەردە، فرېئۇد تۇنجى قېتىم «ئۆز ئۆزىنى جازالاش» ھادىسىسى ئارقىلىق ھېستىرىيىلىك ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ خۇلاسىغا كەلگىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدىغان چۈشلەردە چۈشنىڭمۇ يوقۇرىقىدەك ياراشتۇرغۇچىلىق رولى بولىدىغانلىقىنى سېزىدۇ.
28-مايدىن ئىلگىرى، فرېئۇدتا تۇيۇقسىز "قولغا چىققىدەك بىرەر سەۋەبى يوق" لا «چۈش تەبىرى» دېگەن ئەسىرىنى يېزىش ھەۋىسى قوزغىلىدۇ. ھەتتا بۇ ئەسىرىنى ئاشكارە ئېلان قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەسىرىنى 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بېسىشقا تەييار ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن دەپ غەيرەتكە كېلىدۇ. ئۇ، "بۇ ئىشنى كەينىگە سۆرەش ھەقتە ھەرقانداق باھانە كۆرسىتىشىمنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. بەلكىم بۇ كاتتا كەشپىياتىم مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ماددىي تىرەك بولۇپ بېرىدىغان بىردىن-بىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا مەن بۇ كەشپىياتىمنى بېسىپ يېتىپ ئۆزەمنى ئاچ قالدۇرۇشقا ھەققىم يوق" دەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ چۈش ھەققىدە يېزىلغان كىتابىنى ئاساسەن ئالغاندا ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل بىر كىتاب دېيىش مۇمكىن ئىدى. فرېئۇد بىر قېتىم دوستى جونىستىن سەن قايسى كىتابىمنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىسەن دەپ سورايدۇ. جونىس ئۇنىڭغا كىتاب تەكچىسىدىن «چۈش تەبىرى» بىلەن «جىنىسىيەت ھەققىدە ئۈچ تەلىمات» دېگەن ئىككى پارچە كىتابنى ئېلىپ "مەن بۇ كىتاب («جىنىسىيەت توغرىسىدا ئۈچ تەلىمات» دېگەن كىتابنى كۆرسىتىپ) تا تونۇشتۇرۇلغان تەلىماتلارنى ھەممە كىشى قوبۇل قىلىدۇ دەپ قارايمەن، ئەمما بۇ كىتاب تېزلا ۋاختى ئۆتكەن كىتابقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ئەمما مۇنۇ كىتابىڭىز - «چۈش تەبىرى» ئۇزۇنغىچە تارقىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن" دەيدۇ. كەينىدىنلا كۈلۈپ تۇرۇپ "مېنىڭ تەغدىرىم گويا كىتابتا سۆزلەنگەن بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان ئىشلارنى كەشىپ قىلىشقا مايىل بولىشى مۇمكىن.136 مەسىلەن، بالىلاردا جىنىسى تۇيغۇلارنىڭ بولىشى ھەققىدىكى ئىشلارنى ھەممە بالا تەربىيىچى بىلىدۇ دەپ قارايمەن؛ ئەمما ئوخلىغاندا كۆرگەن چۈشتىكىگە ئوخشاش ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشتىمۇ ئارزۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئىپادىلىنىدىغانلىقى مۇقەررەر. بۇ ئەسلىدە ھەممىگە مەلۇم بىر ھادىسە بولىشى كېرەك ئىدى دەپ قارايمەن" دەپ قوشۇپ قويىدۇ.
«چۈش تەبىرى» نىڭ نەشرى قىلىنىشى، خۇددى بىر مەشئەلگە ئوخشاش ئىنسان پسىخىك تۇرمۇشىنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قالغان چوڭقۇر قاتلاملىرىنى يۇرۇتۇپ، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان سىرلارنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى. بۇ كىتاب، ئىنساندىكى بىلىنمىگەن ئاڭ ھەققىدىكى تەلىماتىنى تەۋرەنمەس ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلار ئاشىكارە ئېڭىدىن رىيال ھەرىكىتىگە تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇشۇرۇن ئاڭنى تەكشۈرۈش يولىغا بارىدىغان يېپيېڭى يول كۆرسەتكۈچىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كىتاب، نۇرغۇنلىغان ئەدەبىيات، ئەپسانە، تەربىيىلەش قاتارىدىكى ساھەلەرگە يول كۆرسەتكۈچى خاراكتېرىدىكى يېڭىچە قاراشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، بەكلا كۆپ يازغۇچى، سەنئەتكارنىڭ ئىلھامىنى قوزغاشقا ياردىمى بولىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ چېتىلىدىغان ساھەسى شۇنچىلىك كەڭ ئىدىكى، ئاساسەن جاھاندىكى بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېيەلىشىمىز مۇمكىن. بۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق تېمىسى – چۈش تەتقىقاتى چەكسىز مەزمۇنلۇق ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش قائىدىلىرى كەسكىن لوگىكىلىق قائىدىلەرگە ئەمەل قىلغان. شۇنداق بولغاچقا، بۇ كىتابنىڭ چىقارغان خۇلاسىسى نەشرى قىلىنغان كۈنىدىن بويانقى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل تۈردە ھەر تۈردىكى سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق تۈردە ئۆتۈپ كەلدى. ئۆزگىرىش بولدى دېيىلگەنلىرىمۇ بەكلا ئاز خۇلاسىلىرىغا قىسمەنلىكتە تۈزىتىش كەلتۈرۈلدى ياكى بەكلا ئاز تولۇقلىما بېرىلدى. بۇنداق ئەھۋال ئىلىم-پەن تارىخىدا بەكلا كام كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى جەريانىدا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر بابىلا، يەنى چۈش كۆرۈش جەريانىدىكى پسىخىكىلىق قانۇنىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان 7-باب، ھەقىقەتەنمۇ فرېئۇدقا بەكلا ئېغىر كېلىدۇ. چۇنكى بۇ قىسىم خۇلاسە خاراكتېرلىك، نەزەرىيىۋىلىكى بەكلا يوقۇرى بىر باب بولغاچقا يېزىش جەريانىدا كۈچلۈك قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كىتابخان ئۈچۈنمۇ بەكلا قىيىن، ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر باب ھېسابلىناتتى. ئەمما بۇ باب، كىتابنىڭ جەۋھىرى ھېسابلىناتتى. فرېئۇد بۇ قىسىمنى يېزىشتىن بۇرۇنلا ئېغىر غەمدە قالغان ئىدى. يېزىش يولىغا كىرگىنىدىن كېيىن يېزىش سۈرئىتى يەنىلا ئالاھىدە تېزلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە فرېئۇد "خۇددى چۈش كۆرگەندەك" ئىككى ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا، يەنى سىنتەبىرنىڭ باشلىرىدا بۇ بابنى يېزىپ پۈتتۈردۈم دەيدۇ.
فرېئۇد، پۈتۈن كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ئارگىنالىنى باسمىغا تاپشۇرۇپ بولۇپ، گويا بەدىنىدىن بىر قىسمىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك بىر نېمىسىنى يوقۇتۇپ قويغاندەكلا بولۇپ يۈرىدۇ.137 ئارىدىن 6 ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ يازغان بىر پارچە مەكتۈبىدە مەن ھەر قېتىم ئىچىم سىقىلىپ زىرىكىشلىك ئەۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ھاياتىم بويىچە مۇشۇنداق بىر كىتابنى قالدۇرۇپ كېتەلىگەنلىكىمنى ئويلىساملا يەنىلا كۆڭلۈم جايىغا چۈشەتتى دەپ يازىدۇ.
ئۇ، يازغان ئارگىنالىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۈزىتىپ بولۇپ 27-ئۆكتەبىردىن ئاۋال بۇ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى فرېيسقا ئىۋەرتىپ بېرىدۇ. ئەسلىدە بۇ كىتاب 1899-يىلى 4-نويابىر كۈنى نەشرىدىن چىققان بولسىمۇ نەشرىيات سودىگىرى مۇقاۋىسىغا مەخسۇس 1900-يىلى نەشرى دەپ يازدۇرغان ئىدى. كىتابنىڭ ئىچكى مۇقاۋىسىغا ۋىيگېرنىڭ "ئەينىتنىڭ لەيلىشى" دېگەن داستانىنىڭ 7-باب 312-مىسراسىنى – "ئەگەر جەننەتتىن ئورۇنغا ئېرىشەلمىسەم ئورنۇم چوقۇم جەھەننەمدە بولىدۇ" دېگەن مىسراسى كۆچۈرۈلگەن ئىدى. بۇ مىسرا ئەسلىدە بېسىم تەسىرى ئاستىدا قالغان ئادەمنىڭ تەغدىرىنى كۆزدە تۇتماقتا ئىدى. ئەسلىدە فرېئۇد، 3 يىل بۇرۇن دەل شۇنداق مەزمۇندا بىر نېمە يېزىشنى پىلانلاپ ھىستىرىيە پسىخولوگىيىسى دېگەن كىتابىنىڭ بىر بابىغا ئەنە شۇ مىسرانى تىما قىلىپ ئالغان ئىدى.
تۇنجى نەشرىدە بۇ كىتابتىن ئارانلا 600 نۇسخا بېسىلغان بولىشىغا قارىماي توپ-توغرا 8 يىلدا ئاران سېتىلىپ بولىدۇ. يەنى بۇ جەرياندا، دەسلەپكى ھەپتىدە ئارانلا 100 نۇسخا ئەتراپىدىلا سېتىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن فرېئۇد جەمئىي 200 دوللار ئەتراپىدىلا قەلەم ھەققى ئالىدۇ.
كىتاب نەشىدىن چىقىپ 18 ئاي ئۆتكەندە فرېئۇد بىر مەكتۈبىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: بۈگۈنگە كەلگىچە بىرەرمۇ ئىلمىي ژۇرنال بۇ كىتابىمنى تىلغا ئېلىپ قويمىدى. پەقەت ئىلمىيلىكتىن تاشقىرى بەزى ژۇرلاللارلا بەكلا ئاز يېرىدە بۇ كىتاب ھەققىدە توختالغان بولدى. دېمەككى، بۇ كىتابىم ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىدى. 6 ھەپتىدىن كېيىن، "ۋيېننا ۋاقتى" گېزىتى ئاخماقانىلارچە، زەھەرخەندىلىك بىلەن تولغان بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئوبزورنىڭ ئاپتورى ۋيېننا بوگ درامىسىنىڭ سابىق درىكتورى بوكخات دېگەن كىشى بولۇپ، بۇ ئاپتور كەسىپكە قىزىقمايدىغان بىرسى بولىشىغا قارىماي بۇ كىتابنى كۆزگە ئىلماي "قىلچە قىممىتى يوق كىتاب" دەيدۇ. بۇ باھا، كىتابنىڭ ۋيېننادىكى سېتىلىشىنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن ئىدى. كەينىدىنلا، 1900-يىلى 3-مارت كۈنى "دەۋر" دە، 10-مارت كۈنىنىڭ "ۋيېننا چەتئەل مۇھاجىرلىرى" گېزىتلىرىمۇ بۇ كىتاب ھەققىدە ئوبزور ئېلان قىلىدۇ. يەنە 6 ئايدىن كېيىن "بېرلىن" گېزىتىدا بىر پارچە مەدھىلەش خاراكتېرىدا ئوبزور ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىنلا "كۈندۈز" گېزىتىدىمۇ بىر پارچا ياخشى ئوبزور ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب نەشرى قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە مەتبۇئات ساھەسىدە ئوتتۇرغا چىققان بارلىق باھالار ئاران شۇنچىلىكلا ئىدى.138 ئەينى ۋاقىتلاردا بېرلىندا فرېيز ئوتتۇرغا چىقىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ كىتابنى تەشۋىق قىلىپ باققان بولسىمۇ تۈزۈك بىر تەسىر قوزغىيالمايدۇ.
فرېئۇد بۇ كىتاب ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلار ھەققىدە مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرىدۇ: مەلۇم بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى "چۈش تەبىرى" دېگەن بۇ كىتابنى پەقەتلا ئوقىماي تۇرۇپ فرېئۇدنىڭ تەلىماتىنى تەنقىتلەيدىغان بىر پارچە كىتاب ئېلان قىلدى. بۇ كىشى، كېيىن پروفېسسور بولىدىغان رىمان دېگەن كىشى ئىدى. پروفېسسور رېمان دېگەن بۇ كىشى كېيىن يەنە ئوقۇغۇچىلىرىغا فرېئۇد بۇ كىتابىنى پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ يېزىپ چىققان دېگەن.
1927-يىلىغا كەلگەندىلا، فرېيبېرگلىك خوخ، يازغان "چۈش كۆرگەن مەن" دېگەن كىتابىدا فرېئۇدنىڭ چۈش توغرىسىدىكى تەلىماتىنى خۇلاسىلاپ كېلىپ قار بېسىش تەلىماتى بىلەن بىرلىكتە "چۈش كۆرۈشنىڭ سىرلىرى" دېگەن بابىغا كىرگۈزىدۇ. ئۇ، بۇ بابتا "چۈش تەبىرى" دېگەن ئۇ داڭلىق ئەسەر قول سۈرتىدىغان قەغەزلەردە بېسىلغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويغان.
"چۈش تەبىرى" دېگەن بۇ كىتاب نەشرى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇزۇنغىچە تۈزۈك سېتىلمايدۇ. ئىلىم-پەن تارىخىدا بۇنىڭدەك ناچار تەغدىرگە چۈشۈپ قالغان داڭلىق بىر ئەسەر بەكلا ئاز كۆرۈنىدۇ. بۇ كىتاب، تا 10 يىلغىچە بۇنداق يامان تەغدىردىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇ كىتاب نەشرى قىلىنىپ 10 يىل ئۆتكەندىلا ئاندىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلاپ، فرېئۇدنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇدا 8 قېتىم بېسىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەشرى 1929-يىلى بېسىلىدۇ.
بۇ يىللار ئىچىدە بۇ كىتابقا تۈزۈك بىر تۈزىتىشمۇ كىرگۈزۈلمەيدۇ. ھەر قېتىملىق يېڭى باسمىسىدا بەزى ئىزاھاتلار ياكى ھاشىيە ئىزاھاتلىرى قوشۇلۇش ياكى بەزى مۇھاكىمە خاراكتېرلىق مەسىلىلەرلا كۆپەيتىلىش بىلەن كوپايىلىنىپ كېلىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ تۇنجى چەت تىلىغا تەرجىمىسى 1913-يىلىقى ئېنگلىزچە نەشرى بىلەن رۇسچە نەشىرى ئىدى. كەينىدىن، 1922-يىلى ئۇنىڭ ئىسپانچە تەرجىمىسى، 1926-يىلى فرانسۇزچە نەشرى، 1927-يىلى شىۋىتچە نەشىرى، 1930-يىلى ياپونچە نەشرى، 1934-يىلى ۋېنگىرچە نەشىرى، شۇنىڭدەك 1938-يىلى چېخچە تەرجىمىسى نەشرى قىلىنىدۇ.139
فرېئۇدنىڭ "چۈش تەبىرى" دېگەن بۇ ئەسىرى ھەقىقەتەنمۇ پسىخوئانالىزشۇناسلىقنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. فرېئۇدنىڭ خۇلاسىلاپ چىققان پسىخوئانالىزشۇناسلىق نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، ئادەمنىڭ روھىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئەسلى كېلىش ئاساسى ئاشىكارە ئاڭ كەينىدىكى "يوشۇرۇن ئاڭ" ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇيقا ۋاختىدا، يەنى كىشىلەر ئىستىخىيىلىك ئاڭ پائالىيىتىنى توختاتقان ئوتتۇرغا چىققان چۈش پائالىيىتى، دەل شۇ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئەڭ جانلىق، ئەڭ تىپىك، ئەڭ ئۇدۇل، ئەڭ رىئال ئوينىغان ئويۇنىدىن ئىبارەت. ئادەم روھىي پائالىيىتىدە روھىي كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقىلىرى تەخمىنەن ئالغاندا چۈش پائالىيىتىدىن باشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق شارائىت يوق. چۈش، شۇنداق جانلىق، شۇنداق تىپىك بىر شەكىلدە "يوشۇرۇن ئاڭ" نىڭ بىۋاستە ئويۇنىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىر مۇھىتنى تاپالمايمىز. شۇڭا، فرېئۇدنىڭ يوشۇرۇن ئاڭ نەزەرىيىسىنى چوڭقۇر چۈشەنمەكچى بولغان ھەرقانداق كىشى، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىقىنىڭ مېغىزىنى ئىگەللىمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشى قەتئىي تۈردە " چۈش تەبىرى" دېگەن بۇ كىتابنى كۆرمەي ئىمكانى يوق.
ئەينى ۋاقتىدا فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىز تەلىماتلىرى ھەققىدىكى ئاساسى نەزەرىيىلەرنى چۈشەنمەسلىك، ئىنسانىيەت روھىي پائالىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر تەتقىق ئېلىب بېرىماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئەڭ مۇھىمى جەمئىيەتتىكى بىر تەرەپلىمە ئىرقى كەمسىتىش قاراشلار ھەمدە ئىلمىيلىككە زىت قالاق كۈچلەرنىڭ توسالغۇلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن فرېئۇد ياشىغان ئۇ دەۋرلەردە، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن چۈشكە دائىر تەتقىقات نەتىجىلىرى ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. ھەتتا فرېئۇدنىڭ چۈشكە تەبىر بېرىش ئىشىغا تۇتۇش قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى "تۇيۇق يولغا كىرىپ قاپتۇ" دەپ مازاق قىلىشتى. بۇلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، فرېئۇد ھەقىقەتەنمۇ مۇستەقىل ئىجادىيەت قىلىشقا جۈرئەتلىك، كونا ئەنئەنىلەرگە چىڭ ئېسىلىۋالمايدىغان، ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئىلمىي خادىم ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ فرېئۇد ھەرگىزمۇ شامالغا قاراپ ئىش تۇتىتىدىغان، "ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتىتىدىغان" نامەرت بىرسىگى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئىلمىي ھەقىقەتلا بولىدىكەن، بۇرۇنقى كىشىلەر تەرىپىدىن باشلاپ بەرمىگەن، پۈتۈنلەي تىكەنلەر بىلەن، ئاچچىقلار بىلەن تولۇپ كەتكەن، تەبىئىكى كىشىلەر تەرىپىدىن مازاق قىلىنىدىغان بىر ئىش بولغىنىدىمۇ باتۇرلارچە ئالغا قاراپ ئىزدىنىش كېرەك دەپ قارايتتى.
بىز بۇ يەردە فرېئۇدنىڭ چۈش تەرىپى ئارقىلىق "ئەركىن خىيال قىلدۇرۇش" ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويۇش جەريانى ئۈستىدە نوختىلىق توختىلىمىز. بۇ ئۇسۇل، فرېئۇدنىڭ پسىخوئانالىزشۇناسلىق سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئۆزگىچە بىر ئۇسۇل بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ئۇسۇل چۈش تەبىرى ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتى جەريانىدا ئوتتۇرغا چىققان بىر قوشۇمچە ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.140
بۇنىڭ ئالدىدا فرېئۇد داۋالاش جەريانىدا بىمارلىرىنى ھەر دائىم ھىپنوزلاش ئارقىلىق ساقىيىشىغا ياردەمچى بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. كېيىنچە فرېئۇد بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانغىنىدا بىمار-دوختۇر ئىككىسىگىلا بەكلا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىۋېتىدىغانلىقىنى سېزىدۇ. شۇنىڭدەك، پسىخوئانالىز تەلىماتلىرى بويىچە ئالغاندىمۇ بۇرۇنقى ھىپنوزلاش ئۇسۇلى ئادەمنىڭ بىلىنمىگەن ئاڭ ئاستى پائالىيەت قانۇنىيەتلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇڭا فرېئۇد دەرھال ئۆزىنىڭ ئوتتۇرغا قويغان يېڭى ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىشقا كىرىشىدۇ. فرېئۇد بۇ ئۇسۇل بويىچە قايتا بىمارلىرىنى ھىپنوزلاش ئۇسۇلى بويىچە بەلگىلىك بىرەر مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىتىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىمارىنى بەدىنىنى ھەمدە نېرۋىلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بوش قويىۋەتكۈزۈپ "ئەركىن ئەسلىتىش" دېگەن ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. مۇنداق ئېيتقاندا، بىمارنى خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى سۆزلىتىپ بىمارىغا خىيالىنى بۇزىۋېتىدىغان ھەرقانداق بىر يىتەكلەش ياكى چەكلىمە قويۇشتا بولمايدۇ. بىمارمۇ قەتئىي تۈردە كاللىسىدا ئۆزى خىيالىغا كەلگەن ھەر بىر ئىشىنى قىلچە يوشۇرماي ئۇدۇل سۆزلەپ بېرىشىنى، ھەرگىزمۇ ئۆز قاراشلىرىنىڭ بېسىمى ئاستىغا قالماي ھەر قانچە ئەھمىيىتى يوق دەپ قارالغان بىر ئىشىنى ياكى قىلچە مەنىسى يوق دەپ قارىلىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلچە يوشۇرماي ئۇدۇللۇق سۆزلەپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل ئۇسۇل، "قارشىلىققا دۈچ كەلگەنلىكى سەۋەبى" دىن مۆكتۈرىلۋالغان نەرسىلەرنىمۇ بىلىنگەن ئۈستىگە چىقارغىلى بولىدىغاندەك ئالدىن پەرەز قىلىنغان نەتىجىلەرگە باشلاپ بارالايتتى.
ئەسلىدە، ئەركىن خىيال قىلدۇرۇش دېگىنىمۇ ھەرگىز ساپ ئەركىن خىيال قىلىش جەريانىمۇ ھېسابلىنىپ كەتمەيتتى. بىمارنىڭ كۆڭۈل پائالىيىتى بىرەر ئېنىڭ نىشانغا قاراپ يېتەكلەنمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ بەرىبىر ئۇ تۈر ئەركىن خىياللار يەنىلا پسىخوئانالىز ھالىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پائالىيەت قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا، بىز بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنى دوختۇرنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا بولىدۇ دەپ ھېسابلايمىز. بىمار، دوختۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئانالىز قىلىنىۋاتقىنىدا ھەمدە ئۇنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرىۋاتقىنىدا چوقۇم روھىي جەھەتتە بەلگىلىك "قارشىلىق كۆرسىتىش" ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئادەتتە بىمار كاللىسىدا ئوتتۇرغا چىقىپ باستۇرىۋەتكەن بۇ تۈر ماتېرىياللاردا كۆرۈنۈشكە ئۇنىمايدىغان بىر قارشىلىق، ئادەتتە مۇنداق ئىككى خىل تۈردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.
بىرىنچى خىلى، كەسكىن قارشىلىق كۆرسىتىش بولۇپ ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، دەل شۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە پسىخوئانالىزنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى كەشىپ قىلىنغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭدەك قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىلىشتىن تولا بەك ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. ئىككىنچى بىر خىل شەكلى بولسا، ئەسلىدە بار بولغان قارشىلىق باشقا بىر شەكىلگە پۈركىنىپ ئوتتۇرغا چىقىپ باستۇرۇلغان ماتېرىيال بىۋاستە ئوتتۇرغا چىقىپ كۆرۈنۈپ يۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە بۇرۇنقىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا بىر ئىشقا يوشۇرۇنۇپ ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك قارشىلىق قانچىكى كۈچلۈك بولىدىكەن بىمارنىڭ بايان قىلىدىغان ئورنىغا قويىۋالىدىغان ئىشى ھەققىدىكى ئىختىيارى ئەسلىمىسىمۇ ھەمدە ئانالىز قىلغۇچىنىڭ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىدىغان ھەقىقەت ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىماسلىقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.141 ئادەتتە ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالايدىغان تەبىئىي ئانالىزچىمۇ بىمارىنىڭ ئىختىيارى ئەسلىمىسى يۈرۈشىنى ئاڭلاپ بېرىۋاتقىنىدا بىمار ئوتتۇرغا چىقىرىۋاتقان ماتېرىياللارنى ئويلىغان ئىككى تۈرلۈك ئېھتىماللىق بويىچە ئوخشىمىغان جەھەتلەردە پايدىلىنىشى مۇمكىن: ئالايلۇق بىمارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى بەكلا زەئىپ ئىپادىلەنگىنىدە، دوختۇرمۇ بىمارى بىشارەت قىلغان سۆزلىرى ئارىسىدىن بىمارنىڭ بىلىنگەن ئاستى ماتېرىيال ۋە مەزمۇنلىرىنىمۇ ئاسانلا ئوتتۇرغا چىقىرالايدۇ؛ ئەگەر بىمارنىڭ قارشىلىق كۈچى كۈچلۈكىرەك بولۇپ ئىپادىلەنگىدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سۆزلەۋاتقانلىرى ئاساسى ماۋزۇدىن شۇنچە بەك يىراقلىشىش كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ ئوخشاشلا بىمارنىڭ ئەركىن ئەسلىمە جەريانى ئىچىدىن پەرق قىلىۋالالىشى مۇمكىن. قىسقىسى، بىمارىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى – دېيىشتىن يوشۇرۇپ تىرەجىۋېلىشى بىمارنىڭ تىرەجىشىنى يېڭىپ چىقىشىنىڭ تۇنجى چارىسى بولۇپ بېرىشى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، پسىخوئانالىز خىزمىتى ئەمەلىيەتتە ئىزاھلىنىش سەنئىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىز بولىشىغا باغلىق بولىدۇ. بۇ يەردە، چۈشەندۈرۈش سەنئىتىنىڭ يوقۇرى تۆۋەن بولىشى ئەقلى ھەمدە توختىماي مەشىق قىلىپ بېرىشىغا باغلىق بولىدۇ. بۇنداق ئۇستىلىق دەرىجىسىگە يېتەلىشى ئۇنچە بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس. چۇنكى ئىختىيارى ئەسلىتىش ئۇسۇلى ئۆتكەن ھەرقانداق بىر ئۇسۇلغا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەل بىر ئۇسۇل، شۇنىڭدەك بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاسانلىقى ھەرگىزمۇ كۆپ زىھىن تەلەپ قىلىدىغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى بۇ ئۇسۇل بىمارغا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن دوختۇرنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ ئۇسۇل بىمارنى رىياللىق بىلەن بولغان باغلىنىشىنىمۇ مەڭگۈ يوقۇتۇپ قويماسلىققا، نېرىپ كېسەللىك قۇرۇلمىلىرىدىكى ھەر قانداق بىر ئامىلنىمۇ ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشىرىپ قويماسلىقتەك ئەۋزەللىكى بار. شۇنىڭدەك يەنە بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەر قانداق بىر نەرسە ئانالىزچىنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇسى بويىچە توسالغۇغا سەۋەب بولىشىغىمۇ ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. شۇنداق بولغاچقا، بۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلانغاندا بىمار پۈتكۈل ئانالىز جەريانىنى ھەمدە ئوتتۇرغا چىققان ماتېرىياللارنى پۈتۈنلەي بىمارنىڭ ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان ئىمكانىيەتنى بېرىدۇ. بۇ ئۇسۇل ھىپنوزلاش ئۇسۇلىغا ھەمدە ھىپنوز ئارقىلىق بىلىنگەن ئاستىنى قېزىش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان ھالدا ئۆز ئىختىيارى ئەسلەش ئۇسۇلى بويىچە ئەسلىمە ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈزۈلمەي باغلىنىشلىق ئوتتۇرغا چىقىپ تۇرۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، داۋالاش جەريانىدىكى ھەر خىل ۋاقىتلاردا ھەمدە ھەر خىل يەرلەردىمۇ ئۈزۈلمەي كۆرۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلالىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاچقا، سىرتتىن كۈزەتكۈچىگە نىسبەتەن (ئەمەلىيەتتە بۇنداق بىر كۈزەتكۈچى ھېچقاچان بولماسلىقىغا قارىماي)، ئىختىيارى ئەسلىتىش ئۇسۇلى دېگەن بۇ خىل ئۆزىنى ئۆزى ئانالىز قىلىش جەريانى ھەمدە بۇ ئۇسۇل بويىچە داۋالاش رولىنى چۈشىنىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن.
ئەركىن ئەسلىتىش ئۇسۇلىنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى، بۇ خىل ئانالىز ئۇسۇلىنى مەڭگۈ توختاتماي داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئەۋزەللىكىنىڭ بولىشىدۇر. نەزەرىيىلىك نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ ئۇسۇلنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى چەكلىمىگە ئۇچۇرتىلمىغىنىدا، ئۇ مۇتلەق تۈردە ئۆزىنىڭ ئەركىن ئەسلىمىسى ئۈچۈن مۇتلەق تۈردە بىر ئىشنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ ھەتئىي ئارىنى ئۈزىۋەتمەي داۋاملاشتۇرالىشى كېرەك. ئەمما ئەمەلىيەتتە بەزى بىمارلار داۋالاش جەريانىدا قانۇنىيەتلىك تۈردە ئەسلىمىلىرىنى توختىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ تۈردىكى ئالاھىدە بىمارلار بۇنداق كېسەللىكىنى چۈشەندۈرۈشكە دەخلى بولالمايدۇ.142
ئەركىن ئەسلىتىش ئۇسۇلى يەنە ئانالىز ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى بۇ بىر پسىخوئانالىز جەريانىدىن ئىبارەتتۇر. يەنى مۇنداق ئېيتقاندا ئىختىيارى ئەسلىتىش جەريانىدا روھىي پائالىيەتلەر تولۇق ئەركىن ھالغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقى (بۇرۇنقىدەك بېسىم ئاستىدا بۇرۇختۇرمۇ بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدىكىسىگە قنىسبەتەن ئېيتقاندا)، روھىي پائالىيەتلەردىكى ھەر تۈرلۈك ئامىللار ھەقىقىي تۈردە ئەركىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر ھالغا كەلگەن بولىدۇ. بۇنىڭدەك ئەركىن ئوتتۇرغا چىقىدىغان ھالغا كېلەلىشى، سىرتتىن كېلىدىغان كاشاللارنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئىمكانىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بۇرۇن پەقەتلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزىنى تازىلاش جەريانىنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. يەنى روھىي پائالىيەتپائالىيەتلەردە ساپ تەپەككۈر ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ساپ روھىي ھالەت دېگىنىمىز، سىرتتىن كېلىدىغان بارلىق كاشىلىلار تازىلانغان، روھىي پائالىيەتلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىگە قايتۇرۇلغان بىر ھالەت دېگەنلىكتۇر. بۇ يەنە كېلىپ، ئۇ روھ، دەل ساپ ۋاقتىدىكى بۇزۇلمىغان شۇ روھنىڭ دەل ئۆزى دېگەنلىكتۇر. ساپلاشقان رۇھىي ھالەتتىكى بۇنداق ئاڭ تەپەككۈردە، روھىي پائالىيەتلەردىكى ھەر تۈرلۈك ئامىللار ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئەركىن ئوتتۇرغا چىقالايدىغان بولىدۇ. نەتىجىدە، ئەركىن ئەسلىمە جەريانىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېنىق بىر ھالەت – قەلب پائالىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن بارلىق ئامىللار (ئەسلىدىكى، قايتا تۆرەلگەن، پارچىلىنىپ چىققان، قايتا بىرلەشكەن، مۈرەككەپلىشىپ بارىدىغان، ئاددىيلىشىپ بارىدىغان ھەمدە تەدرىجى غايىپ بولىدىغان ئامىللار) تولۇق ئەكس ئېتەلەيدىغان بىر ھالەت ئەسلىگە كەلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئىختىيارى ئەسلىتىش ئۇسۇلى دېگىنىمىز يەنە كېلىپ خۇددى بىر غەلۋىرگە ئوخشاش قەلب پائالىيەتلىرىدە ئىلگىرى ئارىلىشىپ بىر يەرگە دۆۋىلىنىپ قالغان ھەر تۈرلۈك قالايماقان ئامىللارنى تاسقاپ ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن بولىدۇ. ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمەيدۇ: بۇنداق بىر غەلۋىر ئاپتوماتىك تەڭشەي قابىلىيىتىگىمۇ ئىگە بىر غەلۋىر بولۇپ، بۇنداق بىر غەلۋىردىكى تۈشۈكلەرنىڭ ھەممىسىلا بىر خىل ئۆلچەمدىكى، بىر خىل چوڭلۇقتىكى تۈشۈك بولماستىن، تاسقىلىدىغان ئوبىكتىپلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۈشۈك ئۆلچىمى ئاپتوماتىك ئۆزگىرەپ تۇرىدىغان بىر خىل غەلۋىردۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ غەلۋىر روھىي پائالىيەتلەردىكى ئارىلاشمىلار ئارىسىدىكى خالىغان چوڭلۇقتىكى "ئامىل" لار راۋان بىر تۈردە تاسقىلىپ چىقالايدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاچقا ئەركىن ئەسلىمە ئۇسۇلى نامايەن قىلىدىغان پسىخىك ھادىسىلەر يۈزىدىكى ئىنتايىن قالايماقانلىشىپ كەتكەن، ھەتتا قىلچىمۇ قانۇنىيىتى قالمىغان، قىلچە مەنتىقىسى قالمىغان دېگىدەك، ئەمما روھىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزىدە ئىپادىلىنىدىغان ئەڭ ئىپتىدائىي ھالەت بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى تەركىب ئامىللىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن. دەل شۇ مەنىدە ئەركىن ئەسلىتىش ئۇسۇلى بىر تۈرلۈك ئانالىز ئۇسۇلى ھالىغا كەلتۈرۈلگەن – پسىخوئانالىزنىڭ تىپىك قوللىنىشچان ئۇسۇلى بولۇپ قالغان.
فرېئۇد، يوقۇرىقىدەك ئانالىز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش جەريانىدا مۇنداق بىر ھادىسىگە دىققەت قىلىدۇ: داۋالاش جەريانىدا، دوختۇرنىڭ كۈچ سەرىپ قىلىشىنىڭ سىرتىدا بىمار بىلەن ئانالىزچى ئوتتۇرسىدا ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا دۈچ كېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان، پەقەت بۇ خىل داۋالاش جەريانىدىلا ئوتتۇرغا چىقىدىغان بىر تۈرلۈك ئىنتايىن كۈچلۈك ھېسسىيات مۇناسىۋىتى پەيدا بولىدىكەن.143 بۇنداق ھېسسىيات مۇناسىۋىتى – ياخشى كۆرۈپ قېلىش ھادىسىسى بىلەن قاتتىق ئۆچ بولۇپ قېلىش دېيىشكىمۇ بولىدىغان، - ئا، بوراندىن – بەلكىم ئىجابىي بولىشىمۇ ۋە يا سەلىبى بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆيگۈ بىلەن نەپرەت قوش ھېسسىياتى ئارىسىدا بىر مۇنچە خىل ھېسسىياتلار داۋالغىش كۆرۈلىدۇ. فرېئۇد بۇنداق ھېسسىياتلىق مۇناسىۋەتنى بىماردىكى ھېسسىيات "يۆتكىلىشى" دەپ نام بېرىدۇ. بىز بۇ يەردە ھىپنوزلاش ئۇسۇلى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا بۇ تۈردىكى "يۆتكىلىش" ھادىسىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئىدۇق. بۇ يەردە ئەركىن ئەسلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىمۇ فرېئۇد بۇنداق ھادىسىگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ.
فرېئۇد بۇ يەردە بۇ تۈردىكى ھېسسىيات يۆتكەشنىڭ بەكلا تېز بىمارنىڭ قەلبىدىكى ئەسلىدىكى داۋالىنىش ئارزۇسىنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئەگەر بۇ تۈردىكى ھېسسىيات يۆتكىلىش ھەقىقىي تۈردە چىن قەلبىدىن، يېتەرلىك قىزغىنلىقتا كۆرۈلگىنىدە بىمارمۇ دوختۇرنىڭ تىزگىنىگە شۇنچە تولۇق كىرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك بۇ خىل تەسىرنىڭ پسىخوئانالىز ۋەزىپىسىنىڭ بۇرۇلۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ تۈگۈنى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تۈردىكى تۇيغۇ يۆتكىلىشى رىيال روھىي پائالىيەت قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان بىرەر دوختۇر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەلكىم غەيرى ھالەت دەپ قارىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. ياكى بولمىسا كىشىنى بەكلا بىزار قىلىۋېتىدىغان بىر تۈرلۈك ھادىسە دەپ تونىۋېلىشىمۇ تۇرغانلا گەپ. ئەمما فرېئۇد ئۈچۈن بۇنداق بۇرۇلۇش ھادىسىسى پسىخوئانالىز ئۇسۇلىنىڭ تازا ئۆنۈم كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتى دەپ قارايدۇ. چۇنكى بۇ ھالەت، پسىخوئانالىز بىمارنىڭ روھىي پائالىيىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوتتۇرغا چىقىرىش جەريانى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر دوختۇر سەگەكلا بولىدىكەن، باشتىن ئاخىرى بىمارنى يىتەكلەپ بارالىشى، بۇنىڭدىن خۇشال بولىشى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىمار قەلبىدىكى بېسىم ئاستىدا قېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك روھىي ئامىللارنى ئوتتۇرغا چىقارتىپ، بۇ يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ بۇ تۈر بېسىمدا قالغان روھىي تۇيغۇلىرىنى سىرتقا چىقارتالىشى مۇمكىن.
ئەگەر، دوختۇر بۇنداق ئوتتۇرغا چىققان غەلىتىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولماي ھۇدۇقۇپ كەتكىنىدە، بۇ تۈردىكى ھېسسىيات كۆچۈش ھادىسىسىمۇ داۋالاشقا تەسىر قىلىپ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى داۋالاشقا توسالغۇ بولىدىغان پاسسىپ ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەقتە فرېئۇد مۇنداق دەيدۇ: بۇ تۈردىكى نىشاننىڭ بۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك سۆيگۈ تۈسىگە ياكى بىر تۈرلۈك نەپرەت تۈسىگە ئايلىنىشتىن كېيىن بۇ يەنە كېلىپ تىرەجىشىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلىغا ئايلىنىۋالىدۇ. ئاقىۋەت بىمارنىڭ ئەركىن ئەسلىمە كۈچىنى پالەچ ھالغا چۈشىرۈپ قويىدۇ-دە، داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشىغا توسالغۇ بولىۋالىدۇ. ئەمما بىز بۇنداق تەسىردىن ئۆزىمىزنى يىراق تۇتماقچى بولىشىمىزنىڭ قىلچە ئۆنۈمى بولماي قالىدۇ. چۇنكى بۇ يەردە پسىخوئانالىزنىڭ ئۆزىلا ھېسسىيات يوتكۈلۈش يولىغا كىرىپ قالغان بولىدۇ. بۇنداق ھادىسى ئانالىزدا كۆرۈلىدىغان نورىمال ئەھۋالدۇر.
بۇنداق يوتكىلىش ھادىسىسىنىڭ پسىخوئانالىز تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىقىرىلغان بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. بۇنداق كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش ھادىسىسى ھەرگىزمۇ مەخسۇس پەيدا قىلىنغان ھادىسە ئەمەس.144
بۇ يەردە بۇرۇنقى توسالغۇ پەيدا قىلغان تۇيغۇلار ئەسلىدىلا بار بولغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئۇ پەقەت ھەر تۈردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇپ، پسىخوئانالىز ئۇنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان پەردىنى ياكى تىركىشىش كۈچىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتكەنلىكى ئۈچۈن كېيىنكى ئەھۋال ئۆزلىكىدىنلا ئوتتۇرغا چىقىپ كېلىدۇ. بۇ تۈر ئوتتۇردا پەيدا بولۇش ھادىسىسى ئەسلىدە بولمىغان نەرسىنىڭ كېيىن پەيدا بولىشىنى كۆرسىتىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن، فرېئۇد بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ: "پسىخوئانالىز قىلىپ تۇرۇپ بۇنداق يۆتكۈلۈش ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا بۇنداق كۆچۈشنى پسىخوئانالىزنىڭ مەھسۇلى دېيىشكىمۇ ياكى پسىخوئانالىز بولمىسا بۇنداق ھېسسىيات ئوبىكتىۋىنىڭ يۆتكىلىش ھادىسىسى ئوتتۇرغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، پسىخوئانالىز يولغا قويۇلۇش بىلەنلا بۇنداق يۆتكۈلۈش ھادىسىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا، ئۇنى ئايرىپ چىقىرىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئوبىكتىپ يۆتكىلىش ھادىسىسى ئىنسان پسىخىك تۇرمۇشىدا ئومۇمىي يۈزلۈك كۆرۈلىدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ، بۇ ھادىسە بارلىق مىدىتسىنالىق تەسىرلەرنىڭ ئوقۇشلۇق تەسىر كۆرسىتىپ-كۆرسىتەلمەسلىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلىدۇر. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندىكى ھەر بىر ئادەم شەكىللەندۈرۈلگەن بۇ داۋالاش مۇھىتىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىچىگە كىرىپ قالغان بولىدۇ. ھەتتا بۇنداق ئارلىشىپ قېلىش رولى ھەقىقەتەنمۇ بەكلا كۆرىنەرلىك ئورۇن تۇتقان بولىدۇ. بۇ يەردە بىز شۇنىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىزكى، بۇنداق يۆتكىلىش ھادىسىسى ھىپنوزچىلارنىڭ "بىشارەت تەسىرچانلىقى" دېگىنىگە ئوخشاش بىر تۈرلۈك دېنامىك ئامىلدۇر. بىشارەت تەسىرچانلىقى ھىپنوزلىنىشنىڭ ئوقۇشلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل، ئەمما ئالدىن مۆلچەرلەشكە بولمايدىغان ئىپادىلىنىشىمۇ بەكلا كۆپ قىيىنچىلىقلارنىڭ سۈزۈلۈپ چىقىشىغا سەۋەب بولىشىمۇ مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، بىمار بۇنىڭدەك ھېسسىيات يۆتكەش خاھىشىنى ئىپادىلىمەيدىغان ئەھۋالغا كەلگىنىدە ياكى بۇنداق يۆتكىلىشنى پۈتۈنلەي تەتۈرسىگە بۇرىۋېتىپ قالغىنىدا، مەسىلەن بۇرۇنقى خۇمارلىرىغا قايتىپ كېتىۋالىدىغان ياكى تەلۋىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالىدىغان بولغىنىدا، ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگىنىدە پسىخولوگىيىلىك ئۇسۇللارغا تايىنىپ بىمارغا تەسىر كۆرسىتىمەن دېيىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كىرىپ قالىدۇ."
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پسىخوئانالىز ئۇسۇلى باشقا روھىي كېسەللىك داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاشلا "بىشارەت بېرىش" ياكى "ھېسسىيات يۆتكەش" نى ئۆزىنىڭ بىر داۋالاش قۇرالى قىلغان بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا يەنىلا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت. پسىخوئانالىز ئۇسۇلى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىشارەتتىن ياكى كۆچۈرۈشتىن پايدىلىنىش پەقەت بىمارنى قەلبىدە بولغان بىر تەپەككۈر قىلىش ئىشى بىلەنلا مەشغۇل بولىشىغا يېتەكلەپ، بىمارنى خالىغانچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قىلىپ، ئۇنىڭ كۆچۈرۈشكە تىركىشىش كۈچىنى يېڭىپ چىقىشىغا يىتەكلەپ ماڭالايدۇ. بۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈش ئىشى، بىمارنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدۇ. پسىخوئانالىز ئېلىپ بارغاندا ئانالىزچى بىمارىغا بۇنداق كۆچۈشنى ھېس قىلدۇرۇپ، بىمارىغا بۇ ئەھۋالنى ئوچۇق ئېيتىشى كېرەك: بىمار بۇنداق ھېسسىيات كۆچۈرۈش ئىپادىسى جەريانىدا ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىگە چېكىنىش ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى ئۇنى پەرۋىش قىلغان ئادىمى بىلەن بولغان ھېسسى مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ھېس قىلدۇرۇش ۋەزىيىتىنى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەنە شۇنداق قايىل قىلارلىق سۆزلەر بىلەن بىمارىغا تەسەللى قىلىپ كۆڭلىدىكى غەم-ئەندىشىلىرىنى يوقۇتۇشقا ياردەمدە بولىشى كېرەك.145
ئەگەر دوختۇر بۇ تۈردىكى تەلەپلەر بويىچە كۆچۈرۈش ئىشىنى يېتەكلەپ بارالىغىنىدا، بىماردىكى بۇ خىل يۆتكۈلۈش ھادىسىسىمۇ ئۇنىڭدىكى ئەڭ كۈچلۈك تىركىشىش كۈچىگە كېلىۋالىدىغان يېڭى تىركىشىشىنىمۇ روھىي كېسەللىك داۋالىشىنىڭ ئەڭ ئېسىل قۇرالىغا ئايلاندۇرالىشى مۇمكىن.
تەبىئىيكى، بۇنداق ھېسسىيات كۆچۈرۈشنى پۇختا يولغا سېلىش ئىشى پسىخوئانالىز تېخنىكىسىدىكى ئەڭ مۈشكۈل ھالقىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشنى پۇختا ئىگەللەش ئۈچۈن چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىش، ئەڭ كۈچلۈك سەۋىرچانلىققا ئىگە بولۇش، ئەڭ سەزگۈر پوزىتسىيەدە بولۇش ئارقىلىقلا مەسىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى تېپىپ ئىجرا قىلالايدىغان بولىدۇ.
فرېئۇد، ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان روھىي پائالىيەتلىرىدىكى ئىچكى قانۇنىيەتلەرنى ئاساسەن ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇنداق ئىچكى روھىي پائالىيەت قانۇنىيەتلىرىنى پۈتكۈل چۈش ئۆرۈش تەھلىلى جەريانىدا خۇلاسىلاپ چىققان ئىدى.
سەككىزىنچى باب
تۇرمۇش رېتىمى
19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا فرېئۇد ئادەم قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللەش ئۈچۈن يولغا ئاتلانغىنىدا، ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشى بىلەن ئائىلە تۇرمۇشىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە، تەبىئىي ئۆزگىرىشلەرگە دۈچ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش رېتىمىنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات تەرتىبى بىلەن تولۇق ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرىدۇ.
بوگ كوچىسى تىپىك ۋيېننا يوللىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. يول بويى 18-ئەسىرلەردە سېلىنغان كونا پاسون قورا-جايلار بىلەن تولغان، ئارىلاپ ئەنە شۇنداق كونا پاسوندا سېلىنغان دۇكانلارمۇ ئۇچراپ تۇراتتى. فرېئۇد تۇرىۋاتقان قورانىڭ دەرۋازىسى ئالاھىدە كەڭىرى بىر قورا بولۇپ، ھارۇۋىلارمۇ ئۇدۇل قورا ئىچىگىچە كىرىپ كېلەلەيتتى. دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى چاققان ئۆي دەرۋازىۋەن تۇرىدىغان ئۆي ئىدى. فرېئۇد ھەر قېتىم دەرۋازىدىن كىرىپ چىققىنىدا مۇتلەق تۈردە دەرۋازىۋەن دەرۋازىنى ئېچىپ ياكى يېپىپ بېرەتتى. دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭغا بۇرالغاندا ئانچە بەك ئىگىز بولمىغا بىر پەلەمپەي كۆرۈنىدۇ. ئۇ پەلەمپەيدىن كۆتۈرۈلگەندە فرېئۇدنىڭ 3 ئېغىزلىق ياتاق ئۆيىگە چىقىشقا بولىدۇ. ئۆينىڭ پەنجىرىلىرى ئارقا قوراغا ئېچىلاتتى. ئۇ تەرەپتە يەنە بىر تاش پەلەمپەي كۆرۈنىدۇ. ئۇ يەردىن ئىككىنچى قەۋەتكە كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئائىلە ئەزالىرى تۇرىدىغان ئۆيلەرگە چىققىلى بولىدۇ.146
1930-يىلى، ۋيېننا شەھەرلىك پارلامېنتى فرېئۇد تۇرغان شۇ بوگ كوچىسىنى "سىگمۇند فرېئۇد كوچىسى" دەپ ئۆزگەرتىش تەكلىبىنى بېرىدۇ. بۇ بىر ۋيېننا شەھىرىنىڭ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئەنئەنىسى ئىدى – ۋيېننادا داڭلىق دوختۇر تۇرىدىغانلا كوچا بولىدىكەن، ئۇ كوچىغا شۇ داڭلىق دوختۇرنىڭ نامى بېرىلەتتى. ئەمما فرېئۇد بۇنداق قىلىشقا ئۆز ۋاقتىدا قوشۇلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقىتلاردا ۋيېننادا باشقا سىياسىي مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلۈپ تۇرغاچقا، ۋيېننا شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھىسى ئىجرا قىلىنماي قالىدۇ. تا 1949-يىلى 15-فېۋرال كۈنىگە كەلگەندىلا شەھەرلىك پارلامېنت قارار ماقۇللاپ ۋيېننا 9-رايوندىكى بىر قىسىم ئاھالىلار رايونىغا "سىگمۇند فرېئۇد رايونى" دەپ نام بېرىدۇ.
1954-يىلى، خەلقارالىق پسىخولوگىيە سەھىيە بىرلەشمە جەمئىيىتى فرېئۇدنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇرغان بۇ قوراسىنىڭ ئۇدۇلىغا بىر خاتىرە مۇنارىسى تىكلەيدۇ.
فرېئۇد، 1892-يىلى بۇ قوراغا كۆچۈپ كىرگىنىدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە شۇ يەردە دوختۇرلۇق قىلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ بەكلا كۆپ روھىي كېسەللىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىلا مانا مۇشۇ ئۆيدە ئىجات قىلىنغان، قوللىنىلغان ئىدى. نۇرغۇنلىغان روھىي كېسەل بىمارلار مانا مۇشۇ يەردە فرېئۇدنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن داۋالىشى نەتىجىسىدە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. فرېئۇد تەرىپىدىن ساقايتىلغان بىمارلار ھەر قېتىم بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىدە ئىچ-ئىچىدىن ھاياجانلىنىپ فرېئۇدقا ھەددىدىن تاشقىرى ھۆرمەت بىلدۈرىشەتتى.
فرېئۇد تۇرغان بۇ ئۆينىڭ بىرىنچى ئېغىزى پەنجىرىسى قوراغا ئېچىلىدىغان چاققانغىنە بىر تەكشۈرۈش بۆلۈمى ئىدى. بۇ بۆلۈم كېيىنچە يەنە ۋيېننا تىببىي جەمىيىتىنىڭ ھەپتىلىك يىغىن ئېچىپ تۇرىدىغان يىغىنخانىلىق ۋەزىپە ئۆتەيتتى. بۇ بۆلۈمنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇزۇنچاق ئۈستەل قويۇلغان بولۇپ، ئۆينىڭ تۆت تېمى فرېئۇد يىغىپ توپلىغان قېدىمقى ئۇيۇنچۇق ۋە كونا ئاسارە ئەتىقىلەر بىلەن بىزەلگەن ئىدى. بۇ بۆلۈمدىن ياندىكى دېئاگنوزخانىغا تۇتىشىدىغان ئىككى ئىشىكمۇ بار ئىدى. ئىشىكنىڭ يانلىرى قېلىن مەخمەل پەردىلەر بىلەن پۈركەلگەن، ھەمدە قېلىن پەردىلەر بىلەن ئىتىۋېتىلىپ ئۆي ئىچى بىر تۈرلۈك جىمجىتلىق تۇيغۇسى يارىتىلغان ئىدى. بۇ دېئاگنوزخانىدا فرېئۇد ياندىكى دېرىزە تەرەپكە قارىتىپ قويۇلغان بەك راھەتلىك بەرمەيدىغان بىر ئورۇندۇقتا تىك ئولتۇراتتى. ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا يەنە بىر يېزىق ئۈستىلى قويۇلغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئۆيگە يەنە بىر قانچە يۈلەنچۈك ئورۇندۇقمۇ قويۇلىدۇ. بۇ بۆلۈممۇ داڭلىق گراۋدىياھەيكىلىگە ئوخشاش بىرمۇنچە كونا ئاسارە ئەتىقە بىلەن بىزەلگەن ئىدى.147 دىئاگنوزخانىدىن داۋاملىق ئىچكىرىگە كىرگەندىلا ئاندىن فرېئۇدنىڭ قىرائەتخانە بۆلۈمىگە كىرگىلى بولاتتى. بۇ بۆلۈم ئىچى قاتىرىسىغا كەتكەن لىق كىتاب بىلەن تولغان كىتاب ئىشكاپلىرى تىزىۋېتىلگەن ئىدى. دەرۋەقە بۇ بۆلۈمگىمۇ ھەر تۈرلۈك ئاسارە ئەتىقىلەر بىلەن تولدۇرۇلغان ئىشكاپلار تىزىلغان ئىدى. بۇ يەردىكى خەت يېزىش ئۈستىلى بەك چوڭ ھېسابلانمىسىمۇ يەنىلا بەكلا رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. جوزىسى ئۈستىدە بەكلا ئۇششاق ھەيكەل تىزىلغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىلىنى تازىلىغاندا بەكلا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بۇ ھەيكەللەرنىڭ كۆپۈنچىسى مىسىردىن كەلگەن ھەيكەللەر بولۇپ، بۇنداق ھەيكەللەر ھەتتا ئاشخانا ئۆيدىكى چىنا-قاچا تەكچىلەردىمۇ بار ئىدى. فرېئۇد بۇنىڭدەك ئۇششاق ھەيكەللەرنى ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى ئېچىقىپ ئۈستىلىگە ئالماشتۇرۇپ تىزىپ قوياتتى. ئۇ، يونان، ياسى، مىسىر قاتارلىق جايلارنىڭ بۇنداق ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. بۇنداق ئاسارە-ئەتىقىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇش ئۇنىڭ ھېسسىي تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. فرېئۇد بۇ تۈردىكى ئاسارە ئەتىقە ھەيكەللىرىنى سەنئەت نوقتىسىدىلا يىغىپ يۈرگەن بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تارىخ ۋە ئەپسانىلار ئارقا كۆرۈنىشىنى تەھلىل قىلىشلاردا پايدىلىنىش ئۈچۈن يىغاتتى. ئۇ بۇلارنى كۆرۈپ ئولتۇرغىنىدا ھەر دائىم بۇ سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئاسارە ئەتىقىلەرنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ روھىي ھەرىكەت ئىزلىرىنى ئاختۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇنىڭ بۇنداق ئىزدىنىشى پسىخىك تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە ئۇزىراپ كېتەتتى. شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بۇ نەرسىلەرگە قالدۇرغان روھىي قۇۋۋىتىنىڭ ھەرىكەت ئىزلىرىنى تاپقىچە داۋام قىلاتتى.
ۋيېننادا، فرېئۇدنىڭ ھاياتى ئىشى بىلەن شوغۇللىنىشتىن باشقا بىلەك قىلىدىغان تۈزۈكىرەكمۇ ئىشى يوق دېيىشكە بولاتتى. ئۇ ئادەتتە ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپلا بىرىنچى بىمارىنى كۆرۈشكە كىرىشەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بەكلا ئالدىراش ئىشلىگىنى ھەمدە بەكلا كەچ ئۇخلايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇشتا بەكلا قىينىلىپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇنى سەھەر سائەت 7 دىن ئۆتمەي تۇرۇپ ئويغۇتۇشمۇ بەكلا تەس ئىدى. بىر ساتىراش ھەر كۈنى ئەتىگەن كېلىپ فرېئۇدنىڭ ساقىلىنى ياساپ قوياتتى ياكى ۋاقتى كەلگىنىدە چېچىنى ئېلىپ قوياتتى. ئۇ ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن شۇ كۈنكى "يېڭى ئەرك" گېزىتىنى ئوقۇغاچ ئالدىراش ناشتىسىنى قىلىپ بولۇپ دەرھال بىمارلىرىغا قاراشقا چىقىپ كېتەتتى. ھەر بىر بىمارى ئۈچۈن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 مىنوتتەك ۋاقىت سەرىپ قىلاتتى. ئاندىن 5 مىنۇت ئارام ئېلىپ نېرۋىلىرىنى ئارام ئالغۇزاتتى ياكى كەينىگە ئۆتۈپ ئۆيىدىكىلەرنىڭ قانداقىراق مۇھىم ئىش-كۈشى بارلىقىنى ئوقۇشۇپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ بىرەر كېسەل بىلەن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپلا قويىدىكەن، چوقۇم دەل ۋاقتىدا بىمارىنى كۆرۈشنى ئۇنۇتمايتتى.
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە سائەت بىر يېرىم ئەتراپىدا چۈشلۈك تاماققا ئولتۇراتتى. بۇ پەيىت ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇشىنىڭ بىردىن-بىر پۇرسىتى ھېسابلىناتتى. ئۇ كەچلىك تاماق يەيدىغان ۋاقتى ھەر دائىم كىچىك بالىلىرى ئوخلاپ كېتىدىغان يېرىم كېچىدىن ئېشىپ قالغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدىغان بولغاچقا تامىقىنى يالغۇز يېيىشكە مەجبۇر ئىدى.148
شۇ سەۋەبتىن فرېئۇدلار ئائىلىسىنىڭ چۈشلۈك تامىقى ئائىلىنىڭ ئاساسلىق يېمىكى بولاتتى. شۇنداق بولغاچقا چۈشلۈك تاماقتا ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ ئېسىل يېمەكلىكلەر تەييارلىناتتى: شورپىلار، گۆشلۈك يىمەكلەر، پىشلاق-قايماقلار، تاتلىق تۇرۇملار دەستىخىنىنى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە موللاشتۇرىۋىتەتتى. فرېئۇد تاماق ئۈستىدە پۈتۈن دىققىتى بىلەن تامىقىنى پەيزىنى چىقىرىپ ھۇزۇرلىنىپ تاماق يەيدىغان ئادىتى بولغاچقا، تاماق ئۈستىدە جىمىپلا كەتكەچكە تاماققا ئۇدۇل كەلگەن مېھمانلىرى بەكلا سىقىلىپ ئامال يوق بالىلار بىلەن پاراڭ قىلىشقاچ تاماق يېيىشكە مەجبۇر ئىدى. گەرچە فرېئۇد تاماق ئۈستىدە گەپ قىلمىغىنى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشكەن پاراڭلىرىدىن شۇ كۈنكى يۈز بەرگەن ئىشلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پۈتۈن زىھنى بىلەن ئاڭلاپ تامىقىنى يەيتتى. ئەگەر قايسى بىر بالىسى دەستىخاندا بولماي قالغىدەك قىلسا دەرھال ئايالىغا قاراپ بالىسىنىڭ بوش ئورنىنى ۋېلكىسى بىلەن ئىشارەت قىلىپ ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىغاندەك ئىما قىلاتتى. ئايالىمۇ يولدىشىغا ئۇ بالىسىنىڭ تاماقتا بولالماسلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كېتەتتى. فرېئۇدمۇ ئايالىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن قانائەت ھاسىل قىلغىنىدا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ تامىقىنى يېيىشكە كىرىشىپ كېتەتتى. فرېئۇدنىڭ بۇ تۈردىكى يەڭگىل ئىما ياكى ئىشارەتلىرىدىن كۆرىنىپ تۇرىدۇكى، فرېئۇد ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولۇشىنى، ئائىلىسىدە ھەممە نەرسە ئوچۇق ئاشكارە بولىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈېلىشقا بولىدۇ.
فرېئۇد پەۋقۇلئاددە ئالدىراش بولۇپ كەتمىسىلا ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 بىلەن 3 ئارىسىدا ئازىراق مۈگىدىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بىر قانچە مىنۇت كۆزىنى يۇمىۋالغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ سەيلى قىلغاندەك مېڭىۋالىدۇ. يول ماڭغان ۋاقىتلاردا پۇرسەتلا بولىدىكەن دۇكانغا كىرىپ ئازىراق نەرسە-كېرەك سېتىۋالاتتى. فرېئۇد يول يۈرگىنىدە ھەقىقەتەنمۇ بەكلا تېز يۈرەتتى. شۇڭا ئۇ يولغا چۈشكەندىن كېيىن خېلى يەرلەرگىچە مېڭىپ ئايلىنىپ كېلەتتى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەييار بولغان ئارگىناللىرىنى ياكى سېلىشتۇرۇپ بولغان ئارگىناللىرىنى نەشرىياتچى دىك ياكى كېيىن تونۇشقان ھېلىغا ئاپىرىپمۇ بېرەتتى. بۇ جەرياندا مىكېلو چىركاۋى يېنىدىكى تاماكا-ھاراق دۇكىنىغا كىرىپ قارتاماكىسىنىمۇ تولۇقلىۋېلىشنى ئېسىدىن چىقارمايتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن كەچ سائەت 9 غىچە (ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا كەچ سائەت 10 دا) كېسەل كۆرۈش بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكۈزەتتى. ئەگەر ئۇ پسىخوئانالىز بىلەن شوغۇللانغان بولسا ھەتتا 12-13 سائەت ئىشلەپ كېتەتتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 9 غىچە پەقەتلا بىر نېمە يېمەيتتى. ئۇنىڭ چۈشلۈك تاماق بىلەن كەچلىك تاماق ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى بەكلا ئۇزىراپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ 15 ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغىنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردىلا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچەتتى.149
فرېئۇد كەچلىك تامىقىدا چۈشلۈك تامىقىنى يېگەن ۋاقتىدىكىدەك ئۇنداق پۈتۈن زېھنى بىلەن تاماققا بېرىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ، كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۆيىدىكىلەر بىلەن بەكلا ئەركىن ئولتۇرۇپ تىنماي قىزىق پاراڭلار بىلەن چاقچاقلىشىپ كېتەتتى. كەچلىك تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە بىر قېتىم كوچىدا يۈرۈشكە چىقىپ كېتەتتى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ سىرتقا يالغۇز چىقماستىن خانىمى بىلەن، يەڭگىلىرى بىلەن ياكى قىزلىرى بىلەن سەيلە قىلىپ كىرەتتى. ھەتتا بەزىدە بۇنداق ۋاقىتلاردا سىرتتا بىرەر قەھۋىخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقاتتى، ھاۋا سوغۇق قىش كۈنلىرىدە مەركەز مېھمانسارىيىغا كىرىپمۇ چىقاتتى. بەزىدە ئۇنىڭ قىزلىرى تىياتىرغا باراتتى. ئۇنداق كۈنلىرى فرېئۇد قىزلىرى بىلەن تىياتىر تۈگىگەندە بىرەر يول چىرىقى تۈۋىدە تېپىشىشقا پۈتۈشۈپ شۇ يەردە قىزلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ساقلايتتى.
فرېئۇدنىڭ چوڭ قىزى دادىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قانداق ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر ھېكايە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: ئۇ 14 ياش ۋاقىتلىرىدا دادىسى ئۇنى ئوڭ تەرىپىگە ئېلىپ قولتۇقلىغىنىچە كوچىغا چىقىپ سەيلە قىلىپ ماڭغان. بۇ چاغدا قىزنىڭ بۇنداق قولتۇغلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا داداڭ بىلەن بۇنداق مېڭىشىڭ قانداق گەپ، پەقەتلا قاملاشمامتۇ دېيىشكەن. يەنى ئۇ ساۋاقدىشى، قىز بالا دېگەن ھەر دائىم دادىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەمەس بەلكى سول تەرىپىدە مېڭىشى كېرەك دېگەن. ئەمما فرېئۇدنىڭ قىزى ئۇ ساۋاقدېشىغا مەغرۇرلانغان ھالدا "ئەمما دادام ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمايدۇ. مېنىڭ دادام بىزنى ئادەتتىكى قىزى ئەمەس بەلكى بىزگە رەسمىي بىر خانىم ئەپەندىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن.
فرېئۇد كوچىدا ئايلىنىپ كېلىپلا دەرھال كىتابخانىسىغا كىرىپ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستەل ئالدىغا كېلىپ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى، كەلگەن خەت-چەكلەرگە جاۋاب يېزىش، ئاندىن ئىلمىي ماقالىسىغا تۇتۇش قىلىش ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ نەشرى قىلىۋاتقان ژۇرنال ئۈچۈن باش قاتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بەزىدە قوليازمىلارنى تۈزىتىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ ئادەتتە يېرىم كېچە سائەت بىرلەردىلا ئاندىن ئىشىنى يىغىشتۇرۇپ ئۇخلايتتى.
ئادەتتە يەكشەنبە كۈنى دەم ئالاتتى. شۇڭا يەكشەنبە كۈنلىرى كۆرىدىغان كېسىلى بولمايتتى. ئەتىگىنى فرېئۇد ئائىلىسىدىن بىر-ئىككى ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە ئانىسىنى يوخلاشقا باراتتى. ئەگەر چوڭ ئۆيگە بارغىنىدا ھەدە-سىڭىللىرىمۇ ئۆيدە بولۇپ قالسا ئۇلار ئولتۇرۇپ تۈگىمەس پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتى. فرېئۇد ھەردائىم ئائىلە ھاياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىغان ئەر كىشى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ چوڭ ئۆيدە ھەرقانداق بىر ئىش بولسا بىرلىكتە ھەل قىلىش ئۈچۈن ئارلىشىۋالاتتى، شۇنىڭدەك ھەر دائىم ئۆزى ھەل قىلىش مەسلىھەتى بېرەتتى. ئۇ ئانىسىنى يوخلاپ بارغان ۋاقتىدا ئاپىسىغا كۆپ گەپ قىلىپ يۈرمەي ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېرەتتى. شۇنداقتىمۇ ئاپىسىدىن ھەر قېتىم بىرەر ئېغىر ئىشنى تۇيشى ھامان (ئالايلۇق پۇل، مال-مۈلۈككە دائىر مەسىلىلەرنى ئاڭلىشى ھامان) دەرھال ئىنىسى ئالېكساندېر بىلەن بىرلىكتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن پىكىرلىشىپ كېتەتتى.150 بەزىدە ئاپىسىنى يوخلاپ قايتىش ۋاقتىدا يېقىن دوستلىرىنى زىيارەت قىلىپمۇ كېلەتتى ياكى ئۆيىدە زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋالاتتى. ئەمما بۇنىڭدەك ئىشلار يىلىغا ئارانلا بىر قانچە قېتىم كۆرۈلۈپ قالاتتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۈنلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ يەكشەنبە كۈنلىرىلا دوستلىرى بىلەن ئۇزۇنغىچە بىرگە بولۇپ مۇھاكىمە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنلىرى چەتئەلدىن كەلگەن پسىخوئانالىز ساھەسىدىكى دوستلىرى بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇن بىرگە بولالايتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېقىن سەپدىشى جونېس بىلەن بىر قانچە قېتىم تاڭ سەھەر سائەت 3 لەرگىچە سۆھبەتلەشكەن ئىدى. گەرچە بۇنداق كۈنلەر ئۇنىڭ ئۇيقىسىغا تەسىر قىلىدىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق سۆھبەتلىشىۋېلىش پۇرسىتىمۇ ئۇنداق ئاسان كەلمەيتتى.
ئادەتتە، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئاپىسى بىلەن ھەدە-سىڭىللىرى يىغىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بىرلىكتە تاماق يېيىشەتتى. شۇنداق بولسىمۇ فرېئۇد ھەرگىزمۇ ۋاقتىنى بوش ئۆتكۈزىۋېتىشنى خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ تاماقتىن كېيىن بىر پۇرسىتىنى تېپىپ غىپلا قىلىپ سورۇندىن چىقىپ ئۆز بۆلۈمىگە كىرىپ كېتەتتى. ئەگەر بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىدىغان مۇھىم گېپى بولۇپ قالغىدەك بولسا بېرىپ ئۇنىڭ بۆلۈمىگە كىرەتتى. فرېئۇد ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى بەرىبىر تېپىلماس دەم ئېلىش كۈنى ھېسابلىناتتى. تەبىئىيكى بۇ كۈن يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن تېپىلماس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتىنىمۇ بېرەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ئەنە شۇنداق يەكشەنبە كۈنلىرى يېزىلغان بولاتتى.
فرېئۇدنىڭ مۇھەببەتلىك كۈنلىرىدە، مارتا ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن بىر ھەمراسى ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇ مارتانى گويا بىرەر قىممەتلىك بايلىقىدەك كبىلىنەتتى. شۇڭا مارتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بىرسىدىنمۇ قىممەتلىك ئىدى. گەرچە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا فرېئۇدنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىكى بىر قەدەر ھاياجانلىق تەرەپلىرى ئادەتتىكى ئەرلەرنىڭكىدىن بالدۇرىراق ئاخىرلاشقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ مارتاغا بولغان ساداقىتى بىلەن سۆيگۈسى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمەيدۇ. قايسى بىر يازغۇچى مۇنداق دېگەن ئىدى: "مارتا رەسمىيلا دەزمال سېلىپ ئۆيىنى تازىلاش بىلەنلا كۈنى ئۆتىدىغان بىر ئائىلە ئايالىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئارام ئالغانلىقىنى پەقەتلا كۆرمىدىم. مېنىڭچە ئۇنداق بىر ئويغىمۇ كېلىپ باقمىسا كېرەك؟ ئۆي ئىچىدە تازىلىق ئىشلىرىنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا قىلىشقا ئىش تېپىلىپ تۇراتتى." ئەسلىدە مارتانى بۇنداق بىرسى دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرى ئەڭ مۇھىم دېگەندىن كۆرە ئائىلە مۇھىم دېيىش توغرا. ئۇنىڭ ئۈستىگە مارتامۇ ھەرگىز ئادەتتىكى بالا تەربىيىلىگۈچى ئاياللىق رولىنىلا ئوينايدىغان بىر ئاياللا ئەمەس، ئەسلىدە تۇرمۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان يوقۇرى دەرىجىلىك بىر زىيالى ھېسابلىناتتى. ئۇ ئاخشاملىرى ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇشقا سەرپ قىلاتتى.151 شۇنداق بولغاچقا، مارتا تا ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرغىچە ئەڭ يېڭى ئىلمىي ئېقىملارغا ئەگىشىپ ماڭالىغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇنلىغان زامانىسىنىڭ داڭلىق ئەدىپلىرى فرېئۇد ئائىلىسىگە مېھمان بولۇپ كەلگىنىدە، بولۇپمۇ داڭلىق نېمىس ئەدەبىياتچىسى توماس مان ئۇلارنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كەلگىنىدە مارتا شۇنداق يايراپ كېتىدۇكى، خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغىدەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ توماس مان، مارتانىڭ ئاجايىپ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. دەرۋەقە مارتا ساپ ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى ئىزدىنىشلەر بىلەن بەكلا ئاز شۇغۇللىناتتى (بەلكىم بەك قىزىقمايدىغان بولىشى كېرەك؟). ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا قارىتا بىلىدىغانلىرىنىمۇ ئۇنچە كۆپ دېيىشكە بولمايتتى. شۇنىڭغا قارىماي فرېئۇدنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خەتلىرىدە ئارىلاپ گرادىۋا، دا فىنچ، مۇسا قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان بەزى بىلىملەرنى مارتادىن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
مەلۇم بىر ئا ق ش لىق يازغۇچى بىر پارچە كىتاب يېزىپ، فرېئۇد بىلەن ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتكەن. ئۇ كىتابتا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىككى ئىش توغرا يېزىلمىغان. فرېئۇد ئوغۇللىرى بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ قاتتىق ھەيران قېلىشقان. ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىۋەتكەن ئىشلاردىن بىرسى مۇنداق يېزىلغان ئىدى: فرېئۇدنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان سۆيگۈسى ھەرگىزمۇ تەبىئىي ئىچىدىن ئۇرغىغان سۆيگۈ ئەمەس دەپ يېزىلغان. ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، بۇ ھەقتە جونېس مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر قېتىم فرېئۇدنىڭ قىزى ئۇنىڭ تىزىغا چىقىۋېلىپ ئەكىلىشىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ مەنزىرە، ئۇنىڭ شۇنچە تەبىئىي قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ چەكسىز خوشاللىققا چۆمگەن ھالەتتە ئىپادىلەنگەن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ فرېئۇدقا نىسبەتەن بالىلىرى بىلەن بىرگە بولالىغانلىقى، بالىلىرى بىلەن تەڭ خۇشال بولىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھەۋىسى ئىدى. دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ھەممە بىريەرگە يىغىلغان ۋاقىتلاردا ئۇمۇ قىممەتلىك ۋاقتىنى بالىلىرىغا سەرىپ قىلاتتى. قىزىق، ھېلىقى ئامېرىكىلىق يازغۇچى، فرېئۇد بەكلا جىددى ئاتا بولۇپ، ئۇنىڭ بالىلىرى ھەقىقەتەنمۇ دادىسىنى قاتتىق ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭغا قەتئىي بوي سۇنۇشتەك جىددىلىك ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىدى دېگىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسى ئىدى. ئەگەر بىز فرېئۇدنىڭ بالا تەربىيىلەش جەھەتتىكى بىرەر ئەيىبىنى ئاختۇرماقچى بولىدىكەنمىز، ئۇنىڭ بىردىن-بىر كامچىلىقى بەلكىم ئۇنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئەركىن قويىۋەتمەسلىكىلا بولىشى مۇمكىن. ئۇ يىللاردا پەرزەنتلىرىنى بەكلا ئەركىن قويىۋېتىلىشىگە چەكلىمە قويۇلىدىغان، ياكى جازالاپ تۇرۇلىدىغان بىر دەۋرلەر ئىدى. شۇڭا بالىلىرىنى فرېئۇدتەك ئۇنداق ئىختىيارىغا قويىۋېتىدىغان ئەھۋاللار بەكلا كام كۆرىلىدىغان بىر دەۋرلەر ئىدى. بۇ جەھەتتە فرېئۇدنىڭ بالا تەربىيىسىدى دەۋرنىڭ ئۈلگىسى بولالىغىدەك ئالدىنقى قاتاردىكى ئادەم دېيىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇنداق ئەركىن قويىۋېتىشى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرگەن دېيەلىشىمىز مۇمكىن. يەنى ئۇنىڭ مەيلى ئوغۇللىرى ياكى قىزلىرى بولسۇن، كېيىنكى كىشىنى قايىل قىلارلىق يېتىشكەنلىكى بۇنىڭ بىر دەلىلى.
فرېئۇدنىڭ ئائىلىسىدىكى بەكىرەك نورمال بولمىغان بىر ئىش شۇكى، بۇ ئائىلىدە بەكلا غەلىتە ئىناقلىقنىڭ بولىشى.152 بالىلىرىنىڭ ھەممىسىلا خۇددى ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش بەكلا كۈچلۈك يۇمۇرلۇق ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۇلار بەكلا كۆڭۈللۈك ياشايتتى. بىر-بىرى بىلەنمۇ ئارىلاپ شاڭخو قىلىشىپ قالاتتى. ئەمما بۇ تۈر شاڭخو قىلىشىشلار يامان غەرەزلىك چاخچاقلار ياكى بىلمەستىن ئاچچىقلىنىش ئەمەس بەلكى چاخچاقلىشىشلا ئىدى. بۇ ئائىلە ئەزالىرىدىن ھېچقايسى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالالمايدۇ.
فرېئۇد ھەر دائىم ئادەم ھاياتى بويىچە سالامەتلىك، تەربىيىلىنىش ۋە ساياھەت قىلىشتەك ئۈچ ئىش ئۈستىدە تۇلا بەك ھېساب كىتاب قىلىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەيتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دەيتتى: بالىلارنى ياخشى كېيىندۈرۈش، بالىنىڭ ئۆز قىممىتىنى بىلىشى ۋە ئۆزىنى سۆيۈشى ئۈچۈن بەكلا مۇھىم.
ئۇ يەنە بالىلىرىنىڭ تەتىل ۋە ساياھەت قىلىشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى كېرەك، پۇل يوق دېگەننى باھانە قىلىپ بالىنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىشكە ھەرگىز بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بالىلار نېمىنى ئارزۇ قىلغان بولىدىكەن، بىزمۇ ئۇلارغا شۇنى بېرىشىمىز كېرەك، شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، بالىلار ھېچ ۋاقىت ئۆزىنىڭ ياخشى نىيىتىنى يامان غەرەز ئۈستىگە قۇرمايدۇ. مانا بۇ بالىنىڭ ئەڭ ياخشى خاراكتېر تىكلەۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. يەنە بىر تەرەپتىن فرېئۇد پۈتۈن قەلبى بىلەن باشقىلارنىڭلا غىمىنى قىلىپ ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن، ھەر دائىم يېقىنلىرىنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى ئېسىل پەزىلىتىمۇ بالىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ بىر يېقىن دوستى بەكلا نامىرات ئىدى. شۇڭا فرېئۇد ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە تاغقا چىقىش ساياھىتىگە ماڭغىنىدا چوقۇم ئۇ دوستىنىڭ قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى سوراپ بىلىۋالاتتى. ئاندىن ئوغلىغىمۇ شۇنچىلىك پۇل بېرىپ يولغا سالاتتى. شۇنداق قىلغىنىدا ئۇ يىگىتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلايتتى.
فرېئۇدنىڭ ئاساسلىق كىرىمى كېسەل كۆرۈشتىن كېلەتتى. ئۇ دەۋرلەردە ئۇنىڭ داۋالاش پۇلى ھەر قېتىمىغا 40 ئاۋۇسترىيە كرون ئىدى. بۇ داۋالاش پۇلى شۇ ۋاقىتلاردىكى ۋيېننادا بىر قەدەر يوقۇرى ھەق ھېسابلىناتتى. ئۇ ھەر قېتىملىق كېسەل كۆرۈشتىن ئالغان پۇلىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىجەپ بىر قىسمىنى ئاسارە ئەتىقە يىغىش ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقا ئىشلىتەتتى. ئۇ يازغان ئەسەرلىرى ئۈچۈن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئالىدىغان قەلەم ھەققى بەكلا ئاز ئىدى. پۇ پۇلنى ھەر دائىم بالىلىرىغا سوۋغا قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى. سوۋغات بېرىش، ئۇنىڭ ئەڭ خوش بولىدىغان ئىشلىرىدىن بىرى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ سوغات بېرىشكە شۇنچىلىك ئالدىراپ كېتەتتىكى،153 مۇۋاپىق بىر پەيتىنى تېپىپ بېرىشكە پەقەتلا تاقەت قىلالمايتتى. شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم بىرەر بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلگىنىدە ئايالى ھەرقانچە توسىسىمۇ ئۇنىماي ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمىسىلا تاقەت قىلىپ بولالماي سوغىتىنى بالىسىغا تۇتقۇزۇپ قوياتتى. بۇ ئۇنىڭ قىزغىن مىجەزلىرىدىن تىپىك بىرسىلا ئىدى. ئۇندىن باشقا پوچتىكەچنىڭ ئەتىگەن خەت تارقاتقىلى كېلىشىنى كۈتۈشمۇ ئۇنىڭ ئەڭ ھاياجانلىنىپ كېتىدىغان ئادەتلىرىدىن ئىدى. ئۇ خەت تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن شۇنچىلىك خۇشال بولاتتىكى، ئەگەر دوستلىرىدىن بىرەرسى ئۇنىڭدەك ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرمىغىنىدا بەكلا تىتىلداپ كېتەتتى.
فرېئۇد پۇل بېرىش-پۇل ئېلىش ئىشلىرىغىمۇ ئۇنچە بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى. ئۇ تىجىگەن پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئىستىراخۇۋانىيەگە ياكى ھۆكۈمەت زايومى ئېلىش ئىشىغا ئىشلىتەتتى. ئۇ پايچىك بازىرىغا قەتئىي يېقىن يولىمايتتى. ئەمما ئۇ يىغقان بۇ پۇللىرىنى ئاۋۇسترىيە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان مال باھالىرىنىڭ شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشى تۈپەيلىدىن زايوم ۋە ئىستراخۇۋانىيىگە سالغان دەسمايىسىدىن پاك-پاكىزە ئايرىلىپ قالىدۇ. كېيىن ئۇ بۇلاردىن ساۋاق ئېلىپ قولىغا پۇل كىرگىنىدە يەنىلا پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ھۆكۈمەت زايومىغا دەسمايە قىلسىمۇ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى نىسبەتەن بىخەتەر چەتئەل بانكىلىرىغا ياتقۇزىدىغان بولىۋالىدۇ.
دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ساياھەتكە چىقىش فرېئۇد ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم ۋىيېنندسىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان پويىزدا ئولتۇرغىنىدا ھەقىقىتەنمۇ ئالاھىدە ئارام تېپىپ قالاتتى. ئۇ ھەر قېتىم سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىشتىن ئايلار بۇرۇن، ھەتتا يېرىم يىلدەك ئاۋالدىن باشلاپلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ قېتىم نەلەرنى زىيارەت قىلىپ كەلسەك، قانداراق بىر خاتىرجەم دەم ئالىدىغان داڭلىق ساياھەت يېرىگە بارساق دەپ پىلان تۈزۈشكە كىرىشىپ قالاتتى. ئۇ ھەر دائىم خرىستوس تۇغۇلغان خاتىرە كۈنىدە بارىدىغان يەرلىرىنى ئالدىن بېرىپ كۈزىتىشكە بېرىپ ئۇ يەرلەردىن ئائىلىسىدىكىلەرگە بارىدىغان يېرى ھەققىدە قىزىقارلىق تونۇشتۇرۇش تەسۋىرى يېزىپ پوچتىدىن سېلىۋىتەتتى. بالا-چاقىلىرىمۇ بۇنداق ساياھەتلەرگە بەكلا قىزىقاتتى. بۇ ھەقتە ئۇلار مۇنداق ئالاھىدە تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشاتتى: راھەت تۇرغىدەك بىر يۈرۈش داچا، بىنا ئىچىدە فرېئۇد ئۈچۈن يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللانغىدەك بىر ئېغىز ئۆي بولىشى، دېڭىز يۈزىدىن بەلگىلىك ئىگىزلىككە جايلاشقان بىنا بولىشى، يېتەرلىك كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان بىنا بولىشى، ھاۋاسىمۇ ساپ بولىشى، يېقىن ئەتراپتا ئايلانغىدەك قارىغايلىق بولىشى، يېتەرلىك يەرمەدىكى توپلىغىدەك مۇھىتى بولىشى، گۈزەل مەنزىرىلىك بولىشى، ئەڭ مۇھىمى جىمجىتلىق بولىشى، ساياھەتچىلەر قاپلاپ كېتىدىغان داڭلىق ساياھەت يەرلىرىدىن يىراقتا بولىشى قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشاتتى.154
فرېئۇدنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئەڭ تىپىك پائالىيەتلىرىدىن بىرى، يەرمەدىكى توپلاش بولاتتى. يەرمەدىكى توپلاش ئىشىدا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇستا ئىدى. ئۇ بىر قاراپلا نەلەردە مەدەك ئۆسىدىغانلىقىنى، قايەردىن كۆپىرەك مەدەك توپلاشقا بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا شۇنچە ئىتتىك كېتىۋاتقان پويىزدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپمۇ بىلىۋالاتتى. ئۇ بەزىدە ئۇ بالىلىرى بىلەن بىرگە مەدەك تېرىشقا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز كۆرۈنمەي قالاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا بالىلىرى دادىسىنىڭ چوقۇم بىر يەردە مەردەك تېپىۋالغانلىقىنى مۆلچەرلىشەتتى. دېگەندەك شۇ ھامان دادىسىنىڭ مەدەك تېپىۋالدىم دەپ خۇشال كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلايتتى. بالىلىرى يېنىغا يېتىپ بارغىچە گويا قۇشقاچ ياكى بىرەر كېپىنەك تۇتىۋېلىپ قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالقىنى ئاستىغا بېسىپ تۇرغىنىدەك ئۇ مەدەكنى ئىككى قوللاپ بېسىپ ياتقان بولاتتى. بۇنداق كۈنلەردە ئۇلار يەنە كام كۆرۈلىدىغان ياۋا گۈللەرنىمۇ توپلىشاتتى. ئاندىن بۇ گۈللەرنى بىر-بىرلەپ كۈزىتىپ ئۇلارنىڭ قايسى تۈر قايسى ئائىلىگە مەنسۈپ گۈل ئىكەنلىكىنى كۈزىتىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قىزلىرىدىن بىرسى بىزگە دادام بىزگە ئۆزى بەكلا ياخشى بىلىدىغان مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ئۆگۈتۈشكە ئامىراق ئىدى:
دەم ئېلىپ ساياھەت قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىدە فرېئۇدتا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئاياللارغا خاس ئالاھىدىلىك ئىپادىلىنەتتى: 1. فرېئۇدتا يۆلۈنۈش ئۇقۇمى يوق ئىدى. ئۇ سەھراغا بارغىنى ھامان ھەر ۋاقىت قايتىش يولىنى بىلەلمەي ئېزىپ قالاتتى. ئوغلىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار سەللا كۆپىرەك يول ماڭسا ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ قايتىش يولىدا پۈتۈنلەي تەتۈر يۈلىنىشكە قاراپ قايتتۇق دەپ مېڭىپ كېتەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىنىڭ كۆرۈلىشى باشقىلارنىڭ توغرا تەرەپكە قاراپ يېتەكلىنىشىنى ئۈمىد قىلىشىدىن پەيدا بولغان ئالاھىدىلىك ئىدى؛ 2. ئۇ ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيتتى. ئالايلۇق، ئۇ ئادەتتە پويىز ۋاقىت جەدۋىلىگە قاراپمۇ قويمايتتى. شۇڭا، بىر قەدەر گادىرماشلىشىپ كېتىدىغان ساياھەتلەرگە بېرىشتا ساياھەت بارلىق پىلاننى ئىنىسى ئالېكساندر تۈزەيتتى. كېيىن بۇ ئىش ئوغلى ئولىيېۋغا قالىدۇ. ئۇ ئىككىسىلا ساياھەت مەسىلىسىدە ھەقىقەتەنمۇ قابىلىيەتلىك ئىدى. فرېئۇد پويىزغا ئۈلگىرەلمەي قېلىشتىن قورقۇپ ھەر دائىم پويىز ئىستانسىغا بەكلا بالدۇر بېرىۋېلىپ ساقلاپ ئولتۇرىدىغان مىجەزى بار ئىدى. ئۇنىڭ ساياھەتكە چىقىش تەييارلىقى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىدىغانلىقىغا قارىماي يەنىلا بىر مۇنچە نەرسىلىرىنى خاتا ئېلىۋالغان ياكى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ چىقاتتى.
فرېئۇد، ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت ئىشلەيدىغان بولىشىغا قارىماي، يەنىلا پۈتۈن ئامال بىلەن يېزىقچىلىق ئىشلىرىغىمۇ ۋاقىت ئاجرىتىشقا تىرىشاتتى. ئۇ، ھەر قانداق بىر ئىش قىلسا ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە مەسئولىيەتچان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئىزچىل تۈردە ئۆز تەجرىبە ساۋاقلىرىنى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يېزىق شەكلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشاتتى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ پسىخوئانالىز تەتقىقاتى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ ئۇنچە بەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشەلمىگەن بولىشىغا قارىماي،155 يەنىلا پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىپ پسىخوئانالىزشۇناسلىق جەھەتتە ئەسەر يېزىش ئىشىنى توختىتىپ قويمايدۇ. بۇ ئىشتىن ھېچقاچان زىرىكىپ بوشىشىپ باققان ئەمەس. ئاخشىمى ئۆيىگە قايتقىنىدىن كېيىن كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا پىكىر يۈرگىزىش، يېزىش ئىشىغا كىرىشىپ تا يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇ ئادەتتە تۈن يېرىمى سائەت1~2 قىلماي ھەرگىز ياتمايتتى.
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ يېزىشقا ئامىراق ئىدى. فرېئۇ، ئىش ۋە دەم ئېلىشنىڭ كەينىدىن يېزىق ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ قولىغا قەلىمىنى ئالاتتى - ئۇ ئولتۇرپ يا مەكتۈپ يېزىشقا كىرىشەتتى يا بولمىسا كىلىنكىلىق دوكلاد، يېزىقچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ ئادەتتە خەت ياكى ماقالىلىرىنى ئۆزى يازاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ يېزىشقا ئامىراق ئىدى. ئۇ قەلەم تۇتۇشنى تا 70 ياشتىن ئاشقاندىلا ئاندىن قىزىغا ھاۋالە قىلىدىغان بولىدۇ.
فرېئۇد ئۇزۇن يىللىق يېزىقچىلىق ھاياتى جەريانىدا ھەقىقەتەنمۇ پوچوركىسىنى ئالاھىدە ياخشىلايدۇ. ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل، تەبىئىي ئىدى. ئۇ ئادەتتە يېزىقچىلىقتا ھەر تۈردىكى قېلىپلاشتۇرۇش، چەكلىمىلەرگە ئۆچ ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ماقالە دېگەن بۇ نەرسە پىكىرىنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى قۇرالى بولۇپ، نېمىنى ئويلىغان بولسا شۇنى يېزىش لازىم. ھەرگىزمۇ سۇنئىيلىق قىلىشقا بولمايتتى. ھەددىدىن ئارتۇق شەكىلۋازلىققىمۇ يول قويماسلىق كېرەك ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا چىرايلىق يېزىش، گۈزەل سۈزلەرنى تاللاش ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر. ئەمما بۇلارنىڭ بىردىن-بىر مەقسىدى پىكىرىنى راۋان، تەبىئىي، چۈشىنىشلىك بولۇشنى مەقسەت قىلىش. ئەگەر تاشقى كۆرۈنۈشتىكى گۈزەللىكنىلا قوغلىشىپ مەزمۇن ئىپادىلەشكە توسالغۇ بولغىنىدا، ئۇنداقتا مەن يېزىشتىن توختاشقا رازىمەن دەيتتى.
19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، فرېئۇد ئىشى ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرىدىن تاشقىرى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاساسەن ۋاقتى قالمايتتى. ھەتتا تىياتىرلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئاچقىدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالماي قالغان ئىدى. بەزىدە تىياتىر كۆرگىلى ياكى مۇزىكا ئاڭلاشقا مىڭ تەستە ۋاقىت چىقىرالايتتى.
فرېئۇد، 90-يىللاردىن باشلاپ ۋيېننا يەھۇدىي تەشكىلاتى "پاناپالز جەمئىيىتى" گە قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بۇ جەمئىيەتنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىپ تۇرىدۇ. بۇ جەمئىيەتنىڭ يىغىلىشىدا فرېئۇدمۇ چۈش توغرىسىدا ئىلمىي دوكلاد بېرىپ ئۆتىدۇ شۇنىڭدەك دۇنياغا داڭلىق يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى ئاڭلايدۇ156.
فرېئۇدنىڭ پەقەتلا ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ھەمدە ئۇنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغىنى، ئامېرىكىلىق داڭلىق ئەدەبىيات گېگانتى مارك توۋننىڭ (1835~1910) قىزىقارلىق ۋە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە دوكلاتى ئىدى. فرېئۇد ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرىدىن تارتىپلا مارك توۋننىڭ ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ"توم شايا تەۋەككۈلچىلىكى" دېگەن ئەسىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. مارك توۋننىڭ بۇ تىپىك ئەسىرىنى فرېئۇد بىر قانچە قېتىپ ئوقۇپ چىققان ئىدى. مارتا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىدىلا مارتا ئىككىسى بۇ ئەسەردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىناتتى. ئۇ يەنە مارك توۋن بىلەن ۋارنا بىرلىشىپ يېزىپ چىققان “ئالتۇن دەۋرلەر ”دېگەن رومانىنىمۇ بەكلا ياخشى كۆرەتتى. مارك توۋننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتنى ئۆتكۈر پاش قىلىشى ۋە ئۇنىڭ قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق تەسۋىرلىرى فرېئۇدقا كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ.
بۇ دەۋردە، فرېئۇدنىڭ سىرت بىلەن مۇنسىۋىتى ئاساسلىقى ئۇنىڭ دوستى فرىز بىلەن ئارىسىدىكى خەت ئالاقىسىدا گەۋدىلىنەتتى. بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ فرېيزىر بىلەن بولغان خەت ئالاقىسى كېيىنكى كىشىلەرنىڭ فرېئۇد تەلىماتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ھۈججەتكە ئايلىنىدۇ.
ۋىلھېلم فرېيزىر (1858~1928)، خۇددى فرېئۇدقا ئوخشاش پروفېسسور بلويېرنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 1887-يىلى، فرېيزىر ۋيېننادا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا پروفېسسور بلۇيېر ئۇنى فرېئۇد بىلەن تونۇشتۇرغان ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن، ئۇ ئىككىسى 15 يىللىق يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ.
فلېيزىر بىر قۇلاق-بۇرۇن-ئېغىز كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ، بېرلىندا دوختۇرخانىسى بار ئىدى. ئۇ ئوتتەك قىز بىرسى بولۇپ، مۇنازىرىلىش ھەمدە نۇتۇققا ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ھەر قانداق بىرسى، ئۇنى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان ئالاھىدە قابىلىيەتلىك بىرسى دەپ بىلەتتى. ئۇ دوستلىرى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىش توغرىلىق سۆھبەت قىلىشقا بەكلا قىزىقاتتى. ئۇنىڭدا نېمىس زىيالىلىرىغا خاس "خىيالپەرەسلىك" ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ئۆزى قىزىقىدىغان مەسىلىلەر بويىچە قاتتىق باش قاتۇرۇپ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقمىغىچە بولدى قىلمايتتى. پەلسەپەلىك تەپەككۈر بىلەن لوگىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئادىتى ئۇنى ھەر دائىم دوستلىرى بىلەن بىرگە ئاجايىپ ئابىستراكىت ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر "ماھىيىتى" ئىچىگە يېتەكلەپ كېتەتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭدا يەنە سوبىكتىپ كەسكىنلىك مىجەزىمۇ يېتىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدا قارشى پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا خوشى يوق، باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان مىجەزى ئېغىر ئىدى.157
ئۇنىڭدىكى بۇ خىل تار مىجەزلىك ئۇزۇنغا قالماي فرېئۇد بىلەن بولغان دوستلۇقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
فرىيزېر بەكلا كۆپ ھەۋەس ۋە قىزىقىش بار بىرسى بولغاچقا، مىدىتسىنا ۋە بىئولوگىيە ساھەسىدىمۇ كۆپ تەرەپلىمە قابىلىيەتلىرى بار بىرى ئىدى. ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىرسى بولغاچقا، فرىيزېر كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە فرېئۇدنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق رىقابەتچىسى ۋە قەلەم دوستلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان ئىدى.
1887-يىلى، فرىيزېر برۇيېرنىڭ ئاسپىرانتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋيېنناغا كەلگىنىدە ئۇ 29 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. برۇيېر ئۇ ۋاقىتلاردا فرېئۇدنى بەكلا ئەتىۋارلايتتى. شۇڭا ئۇ، فرىيزېرنى بېرىپ فرېئۇدنىڭ نېرۋا سىستېمىسى پاتولوگىيىسى ۋە قابىلىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي دوكلادىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئىۋەرتىدۇ. شۇندىن كېيىن بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا فرېئۇد بىلەن فرىيزىر ئىككىسىنىڭ ئالاھىدە قاراشلىرى بىر-بىرسىنى قايىل قىلىشىدۇ.
كېيىن فرېئۇد شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلىگىنىدە شۇ ۋاقىتلاردا فرىيزىر ئىزچىل تۈردە مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇمغا ئايلىنىپ، ئىلمىي تەتقىقات پائالىيىتىمنىڭ ئەڭ قىزغىن قوللىغۇچىمغا ئايلاندى دەيدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا فرېئۇد ھاياتىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىرگەن ۋاقىتلىرى ئىدى. 20 يىلغا يېقىن مىدىتسىنا تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتى فرېئۇدنى ئادەتتىكى تىببى تەتقىقاتچىدىن نېرۋا سىستېمىسى تەتقىقاتچىسى تەرەپكە بورىغان ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە ئادەتتىكى نېرۋا فىزىئولوگىيىچىسى ۋە كىلىنكىلىق تەتقىقاتچىسىدىن روھىي كېسەللىكلەر مېخانىزمى بىلەن داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىي داۋالاش يولىغا بۇرىغان ئىدى. ئاخىرىدا، ھىستىرىيە كېسەللىك تەتقىقاتىدىن ئىنسانلارنىڭ ئادەتتىكى پسىخىك پائالىيەت قانۇنىيىتىنىڭ ئومۇمىيلىق خۇلاسىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، فرېئۇد بۇ دەۋردە، ھىستىرىيە تەتقىقاتىدىن روھىي كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئادەتتىكى پسىخىك مەنبەسىنى ئىزدىنىش ئىشىغا يۆتكەپ، دىققىتىنى ئىنسانلار ئاڭ پائالىيىتىنىڭ كەينىدىكى سىرلىق روھىي كۈچكە – يۇشۇرۇن ئاڭغا مەركەزلەشتۈرىدۇ.158 شۇنىڭدەك، ئەڭ مۇھىمى، ئۇ نەزەرىيىۋىي ئىزدىنىشىنى ئۆزلۈك ئانالىزىئەمەلىيىتى بىلەن زىچ باغلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش يولىغا كىرىشىدۇ. دەل شۇ بۇرۇلۇش دەۋرىدە، ئۇ، فرېيزىرنى ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، تەبىئىي ھالدا فرېيزىرمۇ فرېئۇدنىڭ بۇ دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور ئىلمىي نەتىجىسىنىڭ تۇنجى كىتاپخانى ۋە ئاڭلىغۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ فرېئۇدمۇ قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر چوڭ كەشپىياتىنى، ھەر بىر تەپەككۈر نەتىجىسىنى شۇ ھامان قىلچە پەدازلىماستىن خەت ئارقىلىق فرېيزىرغا ئۇدۇللۇق ئۇختۇرۇپ تۇرىدىغان بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دەۋرلەر فرېئۇدمۇ قاتتىق چەتكە قېقىلىپ تۇرغان دەرلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى كەشپىياتى تىب ساھەسىدىكىلەرچە "بىدئەت – غەيرى ئەقىدە" دەپ قارالماقتا ئىدى؛ ئۇ كۈنلەردە ئادەتتە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان پروفېسور بلۇېرمۇ فرېئۇدتىن يىراقلاشماقتا ئىدى. شۇڭا فرېئۇدمۇ يازغان "پسىخوئانالىزشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولۇشى" دېگەن كىتابىدا فرېيزىرغا "مەن سىزنىڭ مېنىڭ كىتابخانىم بولىشىڭىزغا ئېھتىياجلىقمەن" دەپ ئوچۇق ئېيتىدۇ.
فرېئۇد ئۈچۈن فرېيزىر ھەقىقەتەنمۇ تېپىلماس رىغبەتلەندۈرگۈچى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىگۈچىسى ھېسابلىناتتى. ئۇ، فريزىرغا "مەن سىزگە ئىزاھلىغانلىغىنىمدا، سىزنىڭمۇ مېنىڭ بەزى ئىشلىرىمنى ئويلىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئەسلىدە مەن قايسى بىر شەيئىيلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشلىۋەتكەن بولاتتىم. ..."
ئۇ، فرېيزىر بىلەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ئورتاقلىشاتتى. ئۇ ئىككى بۇ ۋاقىتلاردا يېزىشقان خەتلىرى بەكلا كۆپ ئىدى. بەزىدە ئۇلار كۆڭلىدىكىنى خەت ئارقىلىق تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىپ ئارىلاپ بىر يەرگە كىلىپ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ھېسسىياتلىرىنى، تەتقىقات تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشىپ كېتەتتى. ئۇلار بۇنىڭدەك ئۇچرىشىپ سۆزلىشىپ كېتىشلىرىنى يۇمۇرلۇق قىلىپ رەسمىي "مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىش" دەپ ئاتىۋېلىشاتتى. فرىيزىرنىڭ فرېئۇدقا روھىي جەھەتتىكى قىزغىن قوللاپ بېرىشى، بىر ۋاقىتلاردا فرېئۇد ئۇنى «سەن خۇددى بىر سىھىرگەرگە ئوخشايسەن» دەپ ئوخشىتىپ، ئۇنى ھەممە كېسەلگە داۋا تاپالايدىغان «سېھىرلىك بىر دوختۇر» غا ئوخشاتقان ئىدى. فرېئۇد ئۇنىڭغا «كىمىكى داۋالاش ئۈچۈن سېنى تاپقان بولسا، سەنمۇ ئۇ بىمارغا \ماھارەتلىك قوللىرىڭ بىلەن ئۇ كىشىنى قايتا باھارىغا قايتۇرالايسەن\ دەيتتى.
رۇشەنكى، ئۇلار ئىككىسى 10 نەچچە يىل جەريانىدىكى زىچ مۇناسىبىتى مۇئەييەن بىر سەۋەبى بارلىقىدىن ئىدى.159 ئۇ ئىككىسىڭلا ئورتاق قىزىقىشى بار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار بۇ دەۋرلەردە ھەقىقەتەنمۇ ئوخشاش قىسمەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ ئىككىسىلا يەھۇدىي قېنىدىن بولغان ئوتتۇرا ياشلىق دوختۇرلاردىن ئىدى، ھەر ئىككىسىلا «ئوتتۇرا بۇرجۇئازىيە تەبىقىسىدىكى كىشىلەر» ئىدى.
ھەر ھالدا فرېتزنىڭ ئەھۋالى فرېئۇدقا قارىغاندا سەل ياخشىراق ئىدى. ئۇ فرېئۇدقا قارىغاندا نىسبەتەن ئاسان ئائىلە قۇرۇش ئىمكانىغا ئىگە ئىدى؛ شۇنىڭدەك ئۇ يەنە فرېئۇدتىن تەلەيلىكىرەك بولۇپ، توي قىلىشىدا ئىقتىسادى ئەھۋالى بىر قەدەر باي بولغان قىز بىلەن ئۆيلۈك بولغان ئىدى. دەل شۇنداق بولغاچقا، فرېتز بۇ ۋاقىتلاردا فرېئۇدنىڭ ئىقتىسادىي تەرەپلەردە ئەڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچىسىگە ئايلانغان ئىدى. يەنى فرېئۇد ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالدىراپ قالغان ۋاقىتلىرىدا بېرىپ فرىتىزدىن يەتكىدەك پۇل قەرز ئالالايتتى.
ئۇلارنىڭ ئىككىسىلا كەڭ مەنىدىكى ئىنسانلىق ئىلمىگە قىزىقىشاتتى. ئۇلار ئۆزئارا يېزىشقان خەتلىرىدە ھەر دائىم شېكىسپىيېر، گيوتىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىشىپ كېتىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. شۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇلار بىر قېتىملىق يېزىشقان مەكتۈپلىرىدە فرېئۇد ياش يازغۇچى گېپلىننىڭ ئەسىرى «ژۈتكەن يۇرۇق» نى فرىيتىزنى تەۋىسىيە قىلغانلىقى مەلۇم. خۇددى شۇنىڭدەك فرېيتىزمۇ فرېئۇدقا شىۋىتسارىيە يازغۇچىسى كونراد جەردىنانت ۋانيانىڭ رومانىنى تەۋىسىيە قىلغان. ئۇلار بىربىرىگە كىتاب تەۋىسىيە قىلىشقانلىرىدا فرېئۇد بۇ ئىككى ئاپتورنى تەپسىلى باھالاپ بەرگەن.
فرېئۇد، ئادەمنىڭ پسىخىك پائالىيىتى ھەرگىزمۇ نوقۇل پسىخىك ھادىسە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۇ يەنە ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ سوبلىماتسىيىسى ۋە جەۋھىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايتتى. ئەگەر ئىنسانىيەت پسىخىك دۇنياسىنىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەنمۇ چوڭقۇر ئىزدەنمەكچى بولىدىكەنمىز، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي نېرىپ دۇنياسىنىڭ پائالىيەت مىخانىزمىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش، ئىنسان پسىخىكىسىنىڭ قانداق شەكىللىنىشى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەنلا قالماي، ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، ھەر تۈرلۇك جەمئىيەت ئاڭ ھالەتلىرىنى، دىن، ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ، ئىقتىساد قاتارىدىكى ئىجتىمائىي ئاڭ ھالەتلىرىنىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەتقىق قىلىپ چىقىشقا مەجبۇرمىز دەپ قارايتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، بەكلا كۆپ ئىجتىمائىي پەن ۋە ھومانىزمئىلمىنىڭ تارماقلىرى ھەر قايسى تەرەپلەردىن ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئىنسان ئىجتىمائىي تۇرمۇشى بىلەن ئىنسان پسىخىك دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ دەپ قارايتتى. تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، فرېئۇد ئىزچىل تۈردە ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەن دىنى تەلىماتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ ئىككى قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى تېخىمۇ تەسىرلىك، تېخىمۇ ئەتراپلىق ھالدا ئادەم پسىخىك دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە، ئادەم ھېسسىيات تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە.160
فرېئۇد، چۈش ۋە بىلىنمىگەن ئاڭ – بىلىنگەن ئاستى پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىشى جەريانىدا ھېچقاچان ئىپتىدائىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا سەل قاراپ باقمىغان. ئۇ، بالىلار پسىخىكىسىغا قارىتا ئەھمىيەت بېرىشى ئۇنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت، ئىپتىدائىي دىن، ئىپتىدائىي ئادەم پسىخىك تەتقىقاتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز. فرېئۇد بۇ ئىككى ساھە بويىچە تەتقىقاتىدىن ئاساسەن بىر خىل خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مانا بۇ، ئۆزىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھۆكۈمىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسباتلاپ بەرمەكتە، يەنى بالىلار پسىخىكىسى ئىپتىدائىي ئادەم پسىخىكىسىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەپ بەرمەكتە. فرېئۇد، 1898-يىلى فرىتزغا ئىۋەرتكەن مەكتۈبىدە قىلغان تەھلىللىرىنىڭ روھىي داۋالاش ئۇسۇل چەكلىمىسىدىن ئاللىمۇقاچان ھالقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ ئىدىيەم بالىلار مەسىلىسى بىلەن پسىخولوگىيە ئاشتى مەسىلىسىگە يوشۇرۇنماقتا.
فرېئۇدنىڭ بۇ دەۋرلەردە ئوتتۇرغا قويغان «پسىخولوگىيە ئاشتى تەلىماتى»،
(داۋامى كىيىنەرەك يوللىنىدۇ)
|