ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 546|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

پەرھات جىلان

"شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى" نىڭ ئۇيغۇرچە (پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن قىسمى)1997-يىللىق 1-سانىدا 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىنىڭ نەشىرىيات مۇقەددىمىسى ئېلان قىلىندى.(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 《ئىنگلىزچە مۇقەددىمە》دەپ ئاتىلىدۇ).ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى يازغان بۇ قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەرنىڭ ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى دۇنياۋى تۈركىي تىللار تەتقىقاتىدىكى،جۈملىدىن《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تەتقىقاتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق كاتتا ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.ئىنگلىزچە مۇقەددىمىدە دىۋاننىڭ قول يازمىسىدىكى كېيىنكى دەۋىرلەردە يېزىپ قالدۇرلغان تۈرلۈك خەت ئىزلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شەرھىلەنگەن.دىۋان ئەسلى نۇسخىسىنىڭ بوش ئورۇنلىرىغا يېزىپ قالدۇرۇلغان ئەنە شۇ قىسقىچە خاتىرىلەر،ھەقىقەتەنمۇ،دىۋان تەتقىقاتىدىكى يېڭى تەتقىقات ھىساپلىنىدۇ.شۇ يېڭىلىقلار بۇ ساھەدىكى ئىلمىي خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەرگۈسى.  
ۋەھالەنكى،داۋان تەتقىقاتى مۇنداق ئىككى چوڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك:  
1) دىۋاننىڭ تولۇق تېكىستى(كېيىنكىلەر تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان خەت ئىزلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)؛2) دىۋان ئاپتورىنىڭ سالاھىتى ۋە دىۋاندا ئىپادىلەنگەن تىلنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى.ئىگلىزچە مۇقەددىمىدە 1-مەزمۇنغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن،بىراق 2-مەزمۇن نىمە ئۈچۈندۇر تەتقىقات خاراكتېرىدە ئەمەس،بەلكى خەۋەر ياكى ئادەتتىكى بايان تەرقىسىدە قىسقىچىلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن.  
بۇ ماقالىدە ئىنگلىزچەمۇقەددىمىدىكى دەل ئاشۇ ئاجىز ھالقا ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق.  
ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى دىۋان ئاپتورىنىڭ يۇرتى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەندە 《ئۇ (مەھمۇد قەشقىرى) Ⅺ-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتتا ئىسسىق كۆل بويىدىكى بارسغان شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن》 دىگەن بىر جۈملە سۆز بىلەنلا چەكلىنىدۇ.ئەپسۇسكى بۇ ئاپتۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بۇخىل كۆز قارىشىنى ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھىچقانداق دەلىل-ئىسپات كەلتۈرەلمەيدۇ.ئىنگلىزچە مۇقەددىمىگە بېرىلگەن 5-ئىزاھتا يەنە 《 <الكاشغرى> دىگەن تەخەللۇس تىتۇل بېشىدىلا ئۇچىرايدۇ.بۇنىڭدا بىر ئاز گۇمان بار.چۈنكى ئاپتور قەشقەردىن بولماستىن بارسغاندىندۇر》 دىيىلىدۇ.دېمەك،بۇ ئىزاھتىمۇ ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى ئىسپاتلانمىغان كۆز قارىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ.شۇ ئىزاھنىڭ ئاخىرىغا يەنە : 《ئاپتورنىڭ (مەھمۇد قەشقەرىنىڭ)ھاياتى ھەققىدە ئومېلىئان پرىتساكنىڭ ...<مەھمۇد قەشقەرى كىمدۇر؟>دىگەن ماقالىسىغا قارالسۇن》دىگەن بىر جۈملە قوشۇپ قويۇلغان.  
ئۇنداقتا بىز ئەنە شۇ《مەھمۇد قەشقەرى كىمدۇر؟》دىگەن ماقالىنى كۆرۈپ باقايلى.  
ئو.پرىتساك《قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى》ناملىق ئەسەر ۋە ئەرەب تارىخچىسى ئىبىن ئەل ئەسىرىنىڭ قاراخانىلار سۇلالىسى ھەققىدىكى تارىخىي خاتىرىلىگە ئاساسلىنىپ،Ⅺ-ئەسىردىكى قەشقەر ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نەسەبلىك باغلىنىش مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ ۋە ئاخىرى: 《بۇنداق بولغاندا،ماۋارەئۇننەھرنىڭ دەسلەپكى ئىستىلاچىسى (يۈسۈپ قادىرخاننى دېمەكچى-ئاپتور) نىڭ نەۋرىسى بولغان بارسغان ئەمرى ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئاتىسى بولۇپ چىقتى》 دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.ئو.پرىتساك يەنە ھۈسەيىن بىن مۇھەممەدنىڭⅪ- ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا《ئارسىلان ئىلىك خان》ئۇنۋانى بىلەن قەشقەردىن بېرىپ،بارسغانغا ھاكىم بولغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.قىسقىسى بۇ ماقالىدە،مەھمۇد قەشقىرىنى ياكى ئۇنىڭ ئاتىسىنى بارسغانلىق دەيدىغان پىكىر تىلغا ئېلىنمىغان.دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇلارنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكى قاراخانىلار تارىخىدىن ئېلىنغان پاكىتلار ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.  
تۈركىيە ئالىمى شاكىر ئۈلكۈ تاشىرنىڭ 《بۈيۈك تۈرك تىلچىسىقەشقەرلىك مەھمۇد》ناملىق ئەسىرىدە بۇمەسىلە بىر قەدەر كېڭەيتىپ سۆزلەنگەن بولۇپ،ئۇنىڭدىمۇ مەھمۇد قەسقەرىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلغانلىقى چۈشەندۈرۈلىدۇ.  
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى گېڭ شىمىننىڭ 《قاراخانىلار تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان》ناملىق ماقالىسىدە، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەشقەردىكى خان جەمەتىنىڭ ئەاسى ئىكەنلىكى نەسەب تەرتىپى بويىچە سخېمىلاشتۇرۇپ كۆرسىتىلگەن.يەنى-يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخان،ئۇنىڭ ئوغلى ھۈسىيىن ئارسىلان ئىلىك خان،ئۇنىڭ ئوغلى مەھمۇد قەشقىرى.  
ئېلىمىز تارىخچىسى ۋېي لياڭتاۋنىڭ 《قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى》ناملىق مەخسۇس ئەسىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورنىدىمۇ يۇقىرقىدەك كۆز قاراش تەكىتلەنگەن.  
شۇنداق قىلىپ، 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》دىكى مەلۇماتلار بىلەن قاراخانىلار تارىخىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا ۋە بولۇپمۇ بۇ خانلىقنىڭ نەسەبلىك باغلىنىشىنى ئېنىقلىغاندا،مەھمۇد قەشقىرىنىڭ يۇرتى بارسغان بولماستىن، قەشقەر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.ئەقەللىسى،《قەشقەرى》تەخەللۇسنىڭ ئۆزىلا دىۋان ئاپتورىنىڭ يۇرتىنى ھىچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.بۇ تەخەللۇس تىتۇل بېشىدىلا ئۇچىرايدۇ. 《بۇنىڭدا بىر ئاز گۇمان بار.چۈنكى ئاپتور قەشقەردىن بولماستىن،بارسغاندىندۇر》دېگەن پىكىر چۈشىنىس تەس.ئەجەبا،ئاپتورنىڭ ئىسمى ۋە تەخەللۇسى تىتۇلدا بىر قېتىملا يېزىلغانلىقى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟بارلىق پاكىتلار،يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك،دەۋان ئاپتورىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نۇقتىئىي نەزەرنى كۈچلۈل ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ تۇرماقتا.  
ئەمدى بىز مەھمۇد قەشقەرىنى بارسغانلىق دېگەن كۆز قاراشنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.ئالدى بىلەن شۇنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى،دىۋان ئاپتورى شەرقىي قىسىم قاراخانىلار خانجەمەتىنىڭ ئەزاسى.بۇ نۇقتىنى مۇشۇ ساھەدىكى بارلىق تەتقىقاتچىلار،جۈملىدىن ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرىمۇ بىر دەك ئېتىراپ قىلىدۇ. تارىخىي پاكىتلار ئەينى دەۋىردىكى خان جەمەتىنىڭ قەشقەردە تۇرغانلىقى ياكى قەشقەردىن چىقىپ باشقا جايلارغا ھۆكۈمرانلىققىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.شۇنداق بولغانلىقى تامامەن چۈشىنىشلىك بولۇپ،كىشىنى قايىل قىلىدۇ،چۈنكى قەشقەر شەھىرى دەسلەپتا پۈتۈن خانلىقنىڭ،كېيىنچە شەرقىي قاراخانىلارنىڭ ئاساسلىق ئاستانىسى بولغانىدى.ۋەھالەنكى،بارسغان شەھىرى ھېچقانداق خانلىقنىڭ ۋە ياكى بىرەر مەمۇرىي رايوننىڭ سىياسىي – مەدەنىي مەركىزى بولغان ئەمەس.  
بىز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بارسغان ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە بارسغان ھەققىدە مۇنداق دىيىلىدۇ: 《بارسغان ئەفراسىياپنىڭ ئوغلىنىڭ ئېتى.بارسغان شەھىرىنى شۇ بىنا قىلدۇرغان.بۇ مەھمۇدنىڭ ئاتىسىنىڭ شەھىرىدۇر》.  
بۇ تەبىر ھەرگىزمۇ مەھمۇدنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ بارسغانلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرمايدۇ،بەلكى 《مەھمۇدنىڭ ئاتىدى ئىگىدارچىلىق قىلىپ باشقۇرغان شەھەر 》دېگەن مەنىنى خېلى روشەن ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.  
《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە يەنە مۇنداق بىر ماقالە خاتىرلەنگەن:  
قۇشنىڭ ئەسكىسى سېغىزخان،  
ياغاچنىڭ ئەسكىسى ئازغان.  
يەرنىڭ ئەسكىسى قازغان،  
خەلقنىڭ ئەسكىسى بارسغان.

مەھمۇد قەشقەرى بۇ ماقالنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ ، مۇنداق دەيدۇ: 《...ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بارسغانلىقتۇر،چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇيى ئەسكى ۋە ئۆزلىرى بېخىل كېلىدۇ》.  
بۇ ماقال ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى دىۋان ئاپتورىنىڭ ئەسلا بارسغانلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىڭ دەلىللەپ تۇرىدۇ. مۇبادا مەھمۇد قەشقەرى بارسغانلىق بولغىنىدا،ئۆز يۇرتى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان بۇنداق ماقالنى مىسالغا ئالمىغان ۋە بۇنداق چۈشەندۈرمىگەن بولاتتى. خۇسۇسەن، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە قەبىلىۋازلىق ۋە يۇرتۋازلىق ئەقىدىلىرى ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللەپ تۇرغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىدا ياشىغان بىر شەخسنىڭ بۇنداق غەيرى پىكىرلەرنى بايان قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.  
ھالبۇكى،مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ دىۋانىدا 《ئوپال》ۋە 《ئازىخ》دېگەن يەر ناملىرىغا 《بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى》دەپ تەبىر بېرىدۇ. 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە كەلتۈرۈلگەن باشقا ھىچقاداق يەر – جاي ناملىرىغا بۇنداق تەبىر بېرىلمىگەن.دېمەك،بۇ ئىككى تەبىرمۇ دىۋان ئاپتورىنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.چۈنكى ئازىخ (ھازىر – ئازىق) ئوپالدا ،ئوپال قەشقەردە.  
بىز 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تىنمۇ ۋە باشقا ھەرقانداق مەنبەدىنمۇ 《قەشقەرلىق》تەخەللۇسىنى قوللانغان مەھمۇدنىڭ بارسغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈدىغان بىرەرمۇ پاكىت تاپالمايمىز.ئەكسىچە،بارلىق پاكىتلار بۇ زاتنىڭ قەشقەرلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ.  
ئىنگلىزچە مۇقەددىمىدە يەنە مۇنداق بىر جۈملىنى كۆرىمىز: 《 مەھمۇد قەشقەرى شۇ يەردە (بارسغاندا) ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ماۋارائۇننەھىرگە ھۆكۈمران بولغان قاراخانىلار سۇلالىسى جەمەتىگە مەنسۇپ》.مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 《قاراخانىلار سۇلالىسى جەمەتىگە مەنسۇپ 》بولغالىقىدا شەك يوق،لېكىن 《ئوتتۇرا ۋە ماۋارائۇننەھىرگە ھۆۈمران بولغان 》شۇ قاراخانىلارنىڭ چوڭ خاقانلىرى بارسغاندا ئەمەس،بەلكى قەشقەر ۋە بالاساغۇندا تۇرغان.مىلادى 1042-يىلى قاراخانىلار خانلىقى شەرقىي ۋە غەربىي قىسىملارغا بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن شەرقىي قىسىمدىكى 《ھۆكۈمرانلار》قەشقەردە،غەربىي قىسىمدىكىلىرى سەمەرقەنتتە تۇرغان.بارسغان بۇنداق ئالىي 《ھۆكۈمرانلار 》ئەمەس،ئىككىنچى دەرىجىلىك خانلاردىن ئىبارەت بولغان ئىلىك خانلار ئىش باشقۇرغان.  
ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە ئىپادىلەنگەن تىل ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: 《ئاپتور (مەھمۇد قەشقەرى) ئۆزى تەسۋىرلىگەن تىلنى <تۈركىي> دەپ ئاتايدۇ.بەزى سۆزلەرگە <خاقانىيە > تىلى دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.بۇ (قاراخانىلار ئوردىسى) غا خاس سۆزلەر دىگەنلىك بولىدۇ.ئۇنىڭدا ئاساسەن قاراخانىلار قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى چىگىل قەبىلىسىنىڭ تىلى ئاساس قىلىپ ئېلىنغان 》.ئەپسۇسكى،بۇ كۆز قاراشمۇ ھېچقانداق تارىخىي پاكىت ياكى تىل ماتېرىياللىرى بىلەن ئىسپاتلانمىغان.  
رۇس تۈركولوگ ن.ئا.باسكاكوۋنىڭ 《تۈركىي تىللار》ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە دىۋاندىكى تىل توغرىسىدا توۋەندىكىدەك نۇقتىئىينەزەرلەر بايان قىلىنىدۇ:  
《مەھمۇد قەشقەرى سېلىشتۇرما ئاساستا ئۇيغۇر تىلىدىن مىساللارى كەلتۈرىدۇ.بۇ تىل دىۋاندا تۈركىي تىل ياكى خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن تەرپلەنگەن.شۇنداقلا،قىپچاق،ئوغۇز تىللىرىدىن ماتىرىياللار كەلتۈرۈلگەن بولۇپ،بۇ تىللار ئۆز ئارا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىغا قارشى قويۇلۇپ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ...  
ئۇ زاماندىكى ئەدەبىي تىل ئۇيغۇر تىلى ئىدى،ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تىللار تىزىملىكىدە يېزىلىشىچە،ئۇيغۇر –قارلۇق قەبىلىلىرىدىن ۋە ئۇرۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان خاقانىيە تۈركلىرىنىڭ تىلى ئىدى 》.  
بىز ئەمدى تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چىقىش قىلىپ،يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئىككى خىل نۇقتىئىنەزەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كۆرەيلى.  
Ⅺ-Ⅻ ئەسىرلەر تۈركىي تىللار تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئۆتكۈنچى دەۋىردىن ئىبارەت. Ⅺ-ئەسىردىن ئىلگىرى بارلىق تۈركىي تىللار ئۇيغۇر –ئوغۇز ئەدەبىي تىلىنى مەركەز قىلاتتى. Ⅺ ئەسىردىن باشلاپ ئىككى مەركەز، يەنى ئىككى خىل ئەدەبىي تىل شەكىللىنىپ چىقىشقا باشلىدى.بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر –قارلۇق تىلى ،ئىككىنچىسى ئوغۇز – تۈركمەن تىلىدىن ئىبارەت. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ئېتىبارەن ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈپ،يېڭى بىر سىياسىي –ئىجتىمائىي گەۋدىنى تەشكىل قىلغان سالجۇقىلار سۇلالىسىنى شەكىللەندۈرۈشى نەتىجىسىدە بۇ خىل بۆلۈنۈش تۈركىي تىللار قۇرۇلمىسىدا يەنىمۇ مەركەزلىك ئىپادىلەندى.بۇ دەۋردە ئوغۇز تۈركۈمى ئىچىدىن يەنە قىپچاق تىلى ئايرىلىپ چىقىشقا باشلىغان بولسىمۇ،كېيىنكىسى تېخى رەسمىي ئەدەبىي تىل دەرى‍جىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنىدى.  
روسىيە ئالىمى ئا.سامويلوۋىچ Ⅺ ئەسىردىكى تۈركىي ئەدەبىي تىلىنى 《قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار تىلى 》دەپ ئاتايدۇ.ئاتاقلىق قازاق تىلشۇناسى ئا.قايداروۋ ئۆزىنىڭ《ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتى》سەرلەۋھىلىك ئىلمىي ئەسىرىدە ئۇيغۇر – ئوغۇز ئاساسىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا《ئالتۇن يارۇق》تۇرپان تېكىستلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلارنىڭ تىلى ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى،خاقانىيە (ئۇيغۇر – قارلۇق) ئەدەبىي تىلىغا بولسا،《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》ۋە《قۇتادغۇ بىلىك》ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.ئاتاقلىق رۇس تىلشۇناس ئا.م.شېرباكمۇ يۇقىرقىدەك پىكىرلەرنى قۇۋۋەتلەپ،قاراخانىلار تىلىنى《Ⅺ -Ⅻ ئەسىرلەردىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان قارلۇق –ئۇيغۇر تىلى》دەپ ئاتايدۇ. 《ئۆزبېك تىلىنىڭ تارىخى گرامماتىكىسى》نىڭ كىرىش قىسمىدىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرىدىكىلەرگە ئوخشاش پىكىر بايان قىلىنىپ: 《قاراخانىلار دەۋرىدە ماۋارائۇننەھىر ۋە قەشقەردە قارلۇق-ئۇيغۇر ۋە قىسمەن قىپچاق –ئوغۇز ئۇرۇقلىرى تىللىرىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىي ئەدەبىي تىل مەۋجۇت ئىدى》دېيىلگەن.  
《دىۋاندا چېگىل تىلى تەسۋىرلەنگەن 》دېگەن مەسىلىگە كەلسەك،بۇخىل كۆز قاراشنى دەسلەپتە ئۆبېك ئالىمى سالىھ مۇتەللىپوۋ 1961-يىلى 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》نىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.ئىنگلىزچە مۇقەددىمە ئاپتورلىرى ئېھتىمال شۇنىڭغا ئاساسلانغان بولسا كېرەك.  
دەرۋەقە چېگىل قەبىلىسى ئەسلىدە قارلۇق قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى،قارلۇق تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى يېقىن تۇغقان تىللار ئىدى. Ⅺ-ئەسىردە قارلۇق ئىىتىپاقى بىلەن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى بىرلىشىپ،ئىلىم ساھەسىدە 《ئۇيغۇر –قارلۇق ئومۇمىيلىقى》دەپ ئاتالغان زور ھەم قۇدرەتلىك سىياسىي –ئىجتىمائىي تۈركۈمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى.بۇ تۈركۈم ئىچىدە يەنىلا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەنىلا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن《قارلۇق》ئاتالغۇسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا تەدرىجى ھالدا ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالدى.ئەكسىچە،《ئۇيغۇر 》دېگەن ئېتنىك نام بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە 《چىگىل تىلى》ياكى 《چىگىل تىلىغا تەئەللۇق ماتېرىياللار》ئىلىم دۇنياسىغا تېخى مەلۇم ئەمەس.لېكىن ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ، بۇ ھال،شۈبھىسىزكى،تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىز سۆزلەۋاتقان ئاشۇ Ⅺ-ئەسىردە (باشقا دەۋىرلەر توغرىسىدا سۆزلىمەي تۇرايلى) ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەر ئورتاق قوللانغان ئەدەبىي تىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ نادىر ئەسىرىدە تەسۋىرلىگەن تىل ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىدى دەپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىز.  
《خاقانىيە تۈركچىسى》دېگەن ئاتالغۇغا كەلسەك،بۇ ئىنگلىزچە مۇقەددىمىدە ئېيتىلغاندەك،《ئوردا تىلى 》ئەمەس،بەلكى قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىنىڭ شېۋىسى ئىدى.تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق. 《خاقانىيە》سۆزى ھەرگىزمۇ 《ئوردا》مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ.توغرا،بۇ سۆزنىڭ سېمانتىكىلىق مەنىسىدىن قارىغاندا 《خاقان تۇرىدىغان ئورۇن ،جاي》دېگەندەك مەنىسى بار دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.لېكىنبۇ يەردە دېيىلىۋاتقان 《خاقان تۇرىدىغان ئورۇن》ئوردا بولماستىن،كەڭ مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك نەر نامىنى ئىپادىلەيدۇ. 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》نىڭ بىر مۇنچە ئورۇنلىرىدا 《خاقانىيە تۈركلىرى》،《خاقانىيە بەگلىرى》،《خاقانىيە خانلىرى》،《خاقانىيىلىكلەر》دېگەن سۆ‍ز ئىبارىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇ پاكىتلار 《خاقانىيە》سۆزىنىڭ خانلىقنى ياكى بەلگىلىك بىر مەمۇرىي رديوننى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ،بۇ سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى 《-ىيە》قوشۇمچىسى مەمۇرىي بىرلىك نامىنىڭ گرامماتىكىلىق-مورفولوگىيىلىك شەكلىدىن ئىبارەت.  
شۇنداق قىلىپ،تىلشۇناسلىقساھەسى بويىچە تەھلىل-تەتقىق قىلغاندىمۇ،تارىخى پاكىتلار بويىچە تەكشۈرگەندىمۇ 《دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك》تە تەسۋىرلەنگەن تىلنىڭ ئۇيۇغۇر تىلى ئىكەنلىكى،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ شەرقىي قىسىم قاراخانىلار خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ،مەزكۈر خانلىقنىڭ ئاساسلىق ئاستانىسى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.بۇ،ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى بىر قاتار مۇتەخەسىسلەرنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشىۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە خېلى بۇرۇنلا ئىسپاتلىنىپ،مۇقىملىشىپ بولغان مەسىلە ئىدى.ھالبۇكى،《ئىنگلىزچە مۇقەددىمە》دىكى مەزكۈر تېمىدا سۆزلەنگەن دەلىلسىز بايانلار بىزنى بۇھەقتە يەنە بىر قېتىم ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر قىلدى.  
شىنجاڭ ئونۋېرېسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى 1997-يىل 3-ساندىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2013-12-30 11:44:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇناجات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 11:54  

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ھازىرقى قەشقەرغە قاراشلىق ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىخ كەنتىدە 1008-يىلى تۇغۇلۇپ، 1105-يىلى 97 يېشىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئوپال تەۋەسىدىن تىپىلغان ۋەسىقە ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ بولدى.

تۇركىيە تىلىۋىزىيىسىدە قويۇلغان ئالىم تۇغرىسىدىى فېلىم


نەسب كېلىپ چىقىشىدىن قارىغاندا، ئالىمنىڭ ئاتا جەمەت نەسەبى قاراخانىيلار خان جەمەتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئاتا جەمەت نەسەب سىخېمىسى تۆۋەندىكىچە:



‹1› كۆل بىلگە خاقان (قاراخانىيلارنىڭ قۇرۇغۇچىسى ۋە تۇنجى خاقانى. 840-يىلدىن ئېتىبارەن خاقان بولغان) ‹2› بازىرخان ‹3› ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغىراخان (932-يىلى ئىسلامىيەتنى قارىخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلغان، 955-يىلى ۋاپات بولغان) ‹4› سۇلايمان خان ‹5› ئەبۇل-ھەسەن ھارۇن قىلىچ بۇغىراخان (992-يىلى ۋاپات بولغان) ‹6› يۈسۈپ قادىرخان (1032-يىلى ۋاپات بولغان) ‹7› مۇھەممەد بۇغىراخان بىن يۈسۈف (تىراز ۋە ئىسفىجاپنىڭ ھۆكۈمرانى. 1057-يىلى ۋاپات بولغان) ‹8› ھۈسەيىن بىن مۇھەممەد چاغرى تىگىن (بارىسغانغا ھاكىم بولغان. 1057-يىلى ۋاپات بولغان) ‹9› مەھمۇد بىن ھۈسەيىن ئەل-كاشىغەرىي (1008-1105).
ئالىمنىڭ ئانا جەمەتىمۇ ئەينى دەۋردىكى نوپۇزلۇق جەمەت بولۇپ، ئانىسى بۈبى رابىيە قارىخانىيلار خانلىقىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى خوجا سەيفەددىن بۈزۈرۈكۋارنىڭ قىزى ئىدى.


پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى










نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

12

تېما

153

يازما

1314

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 268
يازما سانى:
153
تىللا:
960
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
20 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-7

سادىق ئەزاقىزغىن ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2013-12-30 12:00:24 | ئايرىم كۆرۈش
پەرھات جىلاننىڭ مەھمۇت قەشقەرى دىگەن تارىخىي رومانىدىمۇ  مەھمۇتنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ كىيىن تىل تەتقىقاتلىرى بىلەن سەپەرگە چىققانلىقلىرى، ئاخىرىدا تەخىت دەۋاسىدىن كىلىپ چىققان قىرغىنچىلىقلار سۆزلىنىدىغۇ دەيمەن؟

31

تېما

814

يازما

4254

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 11
يازما سانى:
814
تىللا:
3344
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
280 سائەت
ئاخىرقى:
2016-8-27

كۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپ

يەر
ۋاقتى: 2013-12-30 19:32:31 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر بىلىمگە ئىگە قىلغانلىقڭلارغا رەھمەت .
بىزمۇ مەھمۇت قەشقەرىنىڭ چاپىندا تەلەۋەرمەي ئازراق ئىش قىلغان بولساق بەكمۇ ياخشى بولىتتى !
قىرىنداشلار ،تارىخمۇ مۇھىم تارىخ توغىرلىق تىمىلار چولدۆرەپ قالمىسۇن!

24

تېما

659

يازما

1277

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28
يازما سانى:
659
تىللا:
479
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
561 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-13

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2013-12-30 23:45:35 | ئايرىم كۆرۈش
    تارىىخىم بىلەن مۇناجاتنىڭ ئەجىرگە كۆپ رەھمەت . مەخمۇت قەشقەرى ھەققىدە خېلى كۆپ بىلمەە ئىەە بۇلۋالدىم .بۇلۇپمۇ ئاۋۇ ناخشنى بەكمۇ ياقتۇراتتىم .

57

تېما

346

يازما

2158

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 239
يازما سانى:
346
تىللا:
1554
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
104 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-12

كۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر ئاتىسى

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-12-31 09:38:14 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات قېرىندىشىمىز ئاجايىپ ئەتىراپلىق جاۋاپ بىرىپ بوپتۇ مانا.قېرىندىشىمىزنىڭ ھەر بىر تېمىغا مۇشۇنداق ئەستايىدىل مۇئامىلە تۇتۇشى مىنى بەك قايىل قىلىدۇ،رەھمەت قېرىندىشىم.

6

تېما

746

يازما

3589

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 7
يازما سانى:
746
تىللا:
2757
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
294 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-17

مۇنبەر قىزىقچىسىمۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2014-1-1 16:38:42 | ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن  تارىختا بىز پەخرلەنگۈدەك پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر داڭلىق شەخسلەر كۆپلەپ چىقان .

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-1-4 21:43:20 | ئايرىم كۆرۈش
راستىمنى ئىيىتسام مۇشۇ كوناشەھەرلىك تۇرۇپ ئوپالغا بىر چىقىپ باقمىدىم دىسەم ئىشىنىڭلار ، چاپىنىدا تەلەشنى بىلمەن ئەمما ......
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

9#
ۋاقتى: 2015-11-15 11:23:35 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارمۇ بولغان ئىكەن ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىكتىن زور ئەيىپ بولماس .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:10 , Processed in 0.142052 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش