ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار. بۇ مەن 25-يانۋار ناھېيىدە ئۆتكۈزۈلگەن. << مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن>> تىمىسىدىكى نوتۇق
سۆزلەش پائالىيىتىدە سۆزلەيدىغان نوتۇق تېكىستى. مەن ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.
مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بارلىق رەھبەرلەر ۋە دوستلار. مەن قىزىل يىزىسىدىن كەلگەن ماھىر سىيىت ئۆمەر بەختى. تۆۋەندە مەن سىلەر بىلەن ‹‹ مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن›› دىگەن تىمىدە ئورتاقلاشماقچى. ئالدى بىلەن مۇشۇ سائەتتە مۇشۇ يىغىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان رەھبەرلەرگە ۋە يىغىلىشقا قاتناشقان بارلىق دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. رەھمەت سىلەرگە.
ئالدى بىلەن ھەممەيلەندىن سوراپ باقاي. ئولتۇرغانلاردىن كىم چوڭ دادىسىنىڭ دادىسىنى بىلىدۇ؟
يىتۈك ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندى‹‹ كىتاب تارىخ يۈكىنى ئەجدادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغان كېمە›› دىگەن ئىكەن. دىمەك بۇ يەرگە جەم بولغان ھەممەيلەن ئاشۇ تارىخ يۈكى قاچىلانغان مۇقەددەس كېمىنى ھەيدەپ مېڭىۋاتقان ماتىروسلارمىز. شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىسى ئەدەبىيات فاكۇلتىتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى ماگىستىرانىتلار يىتەكچىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۆزنىڭ ‹‹ئىنسانى سۈپەت مەنزلى›› دىگەن كىتاۋىدا كىتاپ ئوقۇش ۋىجدانى مەسئۇلىيەت دەپ كۆرسىتىپتۇ. دىمەك بىز ۋىجدانى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالالىغان مەسئۇلىيەتچان كىشىلەرمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ھەممەيلەننى يەنە بىر قېتىم تەبىرىكلەيمەن.
مەنمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاشلا كىتاپ ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.بەزىدە ئانا يۇرىت رومانىنى ئوقۇپ غېنى باتۇر بىلەن تاغ-دالىلاردا ئات چاپتۇرسام. غەرىپكە ساياھەت رومانىنى ئوقۇپ سۇڭۋۇكۇڭ بىلەن بىللە كۆك ئاسماندا بۇلۇت ئۈستىدە پەرۋاز قىلدىم. گاھىدا سىپارتاك بىلەن بىللە رىم ئىمپىريىسىگە قارشى جەڭ قىلسام. گاھىدا ۋۇسۇڭ پالىۋان بىلەن بىللە لىياڭشەن تېغىدا قىلىچ نەيزە ئويناتتىم.
كۆڭلۈم يېرىم بولغان چاغلاردا، كىتاپ خۇددى ئانامغا ئوخشاش ماڭا تەسەللى بولدى. تۇرمۇش يولىدا گاڭگىرىغان چاغلاردا كىتاپ خۇددى دادامغا ئوخشاش ماڭا يول كۆرسەتتى. زىرىككەن چاغلاردا كىتاپ خۇددى سىرداش دوستۇمغا ئوخشاش ماڭا روھى خۇشاللىق ئاتا قىلىپ كەلدى. مېنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەر بىر كۈنۈم كىتاپتىن ئايرىلىپ باقمدى. خۇددى ھەممە ئادەم كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاماق يىمىسە قورسىقى ئېچىپ تۇرغاندەك مەنمۇ ئاز دىگەندە ھەپتىدە بىر پارچە كىتاپ ئوقۇمىسام يۈرىكىم قاغجىراپ كېتىدۇ.
بىلىمەن، كىتاپتىن نان چىقمايدۇ. ئەمما ئۇنى ئوقۇسام روھى ۋە مەنىۋى ئۇزۇققا ئىرىشىمەن. كىتاپتىن كىيىم چىقمايدۇ. ئەمما ئوقۇسام ئىنسانغا كىيىدىنمۇ بەكرەك يارىشىدىغان ئەخلاق-پەزىلەتتىن ئىبارەت مەڭگۈ ئۆڭمەيدىغان كيىمگە ئىرىشىمەن. كىتاپتىن پۇل چىقمايدۇ. ئەمما ھالال يولدىن پۇل تېپىشنىڭ يوللىرىنى ئۈگەندىم. كىتاپتىن دادام بىلەن ئانام چىقمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن ئەجدادلىرىمنىڭ تارىخىنى ئىش-پائالىيەتلىرىنى، ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈگەندىم. دىمەك كىتاپ مەن ئۈچۈن ئېيىتقاندا بىر ئېچىل داستىخان ئۇنىڭدا ماڭا كېرەكلىك ھەممە نەرسە بار.
بەزى چاغلاردا ئويلىنىپ قالىمەن. ئەتراپىمىزدا يېڭىدىن بىر ئاشخانا، ياكى بىر رىستۇران ئېچىلغان بولسا خېلى يىراق جايدىن كېلىپ ئالاھېدە شۇ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى، ياكى شۇ رىستۇراننىڭ قورۇمىسىنى تېىتىپ باقىدىغانلار، يېنىدا ئاشخانا تۇرسىمۇ پالانى ئاشخانىنىڭ تامىقى ياخشى دەپ ئالاھېدە كېلىپ يەيدىغانلار شۇنچە كۆپ. ئەمما بىر يازغۇچىنىڭ نەچچە يىل جاپالىق جىسمانى ۋە روھى كۈچىنى سەرىپ قىلىپ يازغان بىر پارچە كىتاۋى نەشىردىن چىقسا، ئۇنى سۆيۈنۈپ سېتىۋالىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، مەلۇم بىر خىل كىيىمنىڭ باھاسى ئازراق چۈشۈرۈلسە ئۇنى كېچىكتۈرمەي سېتىۋالدىغانلار، تۈركىينىڭ داڭلىق كىيملىرىنى چوڭ بىلىپ قىممەت باھادا سېتىۋالدىغانلار شۇنچە كۆپ ئەمما مەلۈم بىر كىتاپنى پالانى يەردىن بۇيرۇتۇپ سېتىۋالىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۇنداقتا يازغۇچى شائىرلار بىزدە شۇنچە كۆپمۇ؟ ئۇلار ئېھتىياجىمىزدىن ئېشىپ تېشىپ تۇرامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىر دەۋىرنىڭ مەلۇم بىر يازغۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى ئۈچۈن خېلى بىر جەريان كېتىدۇ. ئوخشاشلار مەلۇم بىر ياخشى ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈنمۇ ئۇزاق بىر جەريان كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىغان بولسا . بىزدە ناھايىتى نۇرغۇنلىغان قۇتادغۇبىلىكلەر شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تۈركى تىللار دىۋانىلىرى بولغان بولاتتى. ئەمما دۇنيادا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركى تىللار دىۋانىدىن پەقەت بىرسىلا بار. يەنە مەن شۇنىمۇ ئەستىن چىقارمايمەنكى بىزلەر تويدا، بەزمە-مەشرەپلەردە، باغچىلاردا خۇشال ئويناۋاتقان، ئىسسىق تۆشەكلەردە شىرىن چۈشلەرنى كۆرىۋاتقان چاغلاردا، ئېھتىمال يازغۇچى شائىر تەتقىقاتچىلىرىمىز. بىزلەر ئۈچۈن تولىمۇ ئاددى تۇيۇلغان بىر بىر ئەسەر ئۈچۈن ئۈستەل ئالدىدا كېچىنى كېچىگە ئۇلاپ خىزمەت قىلىۋاتقان بولىشى مۆمكىن. شوڭلاشقىمۇ خۇددى بىز ئاش-نان ئىشلەپچىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن چوڭ بىلىپ ئۇلۇغلاۋاتقان دىھقاننى چوڭ بىلگەندەك يازغۇچى شائىرلارنى، ئالىم. تەتقىقاتچىلارنى ھەم چوڭ بىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
دىمەك بىزنىڭ كىتاپ ئوقۇشىمىز، ئاشۇ جاپاكەشلەرنىڭ جاپالىق ئەجرىگە قايتۇرۇلغان ئەقەللى جاۋاپتۇ.
بەزىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك 2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ بىكىتتۇق. ئەمما ئۆتكەن يىلدا بۇ چاقىرىقنى ئاڭلىماي، ھەتتا ئاڭلىسىمۇ ئىرەن قىلماي ئۆتكۈزىۋەتكەن قېرىنداشلىرىمىز خېلى كۆپ بولىشى مۆمكىن.
ھۆكۈمەت بولسا نەچچە يىل بۇرۇنلا ‹‹ شەرىق شامىلى›› قۇرلۇشىنى يولغا قويۇپ بولدى. ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن نەشىر قىلىنىپ رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىكى كەنىت قىرائەتخانىلىرىغا ئەۋەتىلىدۇ. ئەمما بۇ كىتاپلارنىڭ كۆپىنچىسى كىتاپ ئىشكاپلىرىدا ھازىرغا قەدەر توپا بېسىپ تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال ئادەمنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
بىز غەرىپكە ساياھەت رومانىنى كىتاپتىن ئوقۇپ باقايلى، سۇ بويىدا رومانىنى ئوقۇپ باقايلى.ئەجىبا تىلىۋۇزۇردا كۆرگەندىكىدىنمۇ بەكرەك زوق ئالالماسمىزمۇ؟
كەچلەردە ئاتا-ئانىلىرىمىز بىلەن بالىلىرىمىز بىلەن جەم بولۇپ، بىر پارچە ئۇيغۇر خەلىق چۆچىكىنى ئوقۇپ باقايلى. كورىيەنىڭ يەنە بىر كۆرسەم ناملىق تىلىۋىيە تىياتىرىنى كۆرگەندىنمۇ بەكرەك مەنىۋى خۇشاللىققا، مىھىر-مۇھەببەت تەربىيسىگە ئىرىشىپ قېلىشىمىز مۆمكىن.
ئىلىم-پەننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى. بىزگە تىلفۇندىن ئىبارەت كۆپ ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتنى سوۋغا قىلدى. ئەمما ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك يىتەرلىك دەرىجىدىكى توك بولغاندا. مۇۋاپىق كەسىپلەر ئېچىلغاندا ئاندىن ئۇ ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلالايدۇ. ئۇنداقتا بىز ئىنسانلارچۇ. بىزمۇ ئوخشاشلار تەبىئەتنىڭ ئېسىل ئىجادىيتى. ئەقىلى ئىقتىدارى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغا ئالى يانفۇنلارمىز. بىزنىڭ ھەممە ئىقتىدارىمىز تولۇق. بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىز بار .قولىمىز نەگە سۇنساق شۇ يەرگە يېتىدۇ. ئەگەر بىز ھازىر بىر نەرسىگە ئېھتىياجلىق بولساق ئۇ نەرسە دەل باتارىيە دىن ئىبارەت. مانا بۇ دەل بىز ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسە. بۇنداق باتارىيەلەر ھەر قايسى جايلاردىكى كىتاپخانىلاردا تولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگىمۇ، دىھقان-چارۋىچىلارغىمۇ؟ ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز تىلفۇنلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلگەنچىلىك ئۆزىمىزگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويايلى. كىتاپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەيلى. مەن شەخسەن بۇ ھەركەتنى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نوتۇقۇمنىڭ بېشىدا سىلەردىن بىر سۇئالنى سورغاندىم دوستلار. راستىمنى دىسەم مەنمۇ چوڭ دادامنىڭ دادسىنى بىلمەيمەن. ئەمما مەن كىتاپتىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەرگە مەھكەم ئېسىلسام چوڭ دادامنىڭ دادىسىنى، بوۋىسىنى ئۇنىڭمۇ بوۋىسىنى بىلەلەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. شۇنداقلا ئۇلاردىن قالغان ئەنئەنە، ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ئۈگۈتلەرنى ساقلاپ قالسام ئەۋلادلىرىمغا يەتكۈزسەم دەيمەن. كۆپ تەرەپلىمىلىك رىقابەتلەرگە تولغان بۇ دۇنيادا ئۆز مەۋجۇتلىقىمنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ قالسام دەيمەن.
ئاخىرىدا مەن ئۈچ قېتىم ھۆرمەت سالىمى بېرىمەن.
سالام . بۇ سالىمىم بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىش، روھى ئۇزۇقىمىزنى تولۇقلاش ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز جاپا چېكىۋاتقان يازغۇچى، شائىرلار ۋە ئالىم تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن.
سالام. بۇ سالىمىم بولسا كىتاپتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى ئەڭگۈشتەرگە مەھكەم يېپىشىۋاتقان، ئۆز روھىغا مەنىۋى ئوزۇق بېرىۋاتقان بارلىق دوستلار ئۈچۈن.
سالام . بۇ سالىمىم بولسا مۇشۇ يىغىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. يىتەكچىلىك قىلغان رەھبەرلەر ئۈچۈن. سۆزۈم تۈگىدى. كۆپچىلىككە رەھمەت.
.......................................................................................................
مەن ئەزەلدىن نۇتۇق سۆزلەپ باقمىغان. شوڭا دوستلارنىڭ تەكلىپ -پىكىر بېرىشىنى سورايمەن .
|