بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maripat~oghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-6 20:13
ئارتۇچ كۈتۈپخانىسىدىن قېرىنداشلارغا سالام
مەن كىچىگىمدىن كىتاب كۆرۈشكە ھىرىسمەن ئىدىم كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلاردىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتىم .ئارلىقنى يىراق كۆرمەي خوشنا شەھەر -يېزىلاردىن ئەكىلىپ قىلچىمۇ ئېرىنمەيتتىم .ئەدەبىياتقا جۈملىدىن شېئىرغا يۈرىگىمدە بىر ئۇلۇغ ئوت ياناتتى .شۇنداق قىلىپ يىللار بىلەن تەڭ چوڭ بولدۇم ، ھەر قايسى گېزىت - ژورناللاردا شېئىرلىرىم ئىلان قىلىنىشقا باشلىدى . بىر تەرەپتىن مىللىي سىرچىلىق ھۈنىرىنى قىلغاچ ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب كۆردۈم ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم .2005-يىلدىن 2009-يىلغىچە شىنجاڭ ۋە ئچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلىدىم ، ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندىم .2009-يىلى ھەم تىجارەتتە ھەم تۇرمۇشتا ئېغىر قىسمەتكە يولۇقتۇم .تىجارەتتە ئېغىر زىيان تارتقاننىڭ ئۈستىگە قىزىم ئېغىر كېسەل بولۇپ 2014-يىلى ئاندىن ئىشلىرىم ئىزىغا چۈشتى .مەن ھاياتىمنىڭ بۇ دوقمۇش ، كاتاڭلىرىدىن تۈز ئۆتتۈم ، ھاياتلىق مىزانىمدا بىرنەرسىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم . ئۇ بولسىمۇ ئىجادىيەت ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىزدىگەچ روھىمنى ھامان پاكلىدىم ،تاۋلاپ تۇردۇم . ھەر بەندىسىگە پاكلىقنى ئىستەپ كەلدىم .2015-يىلى ئۆزۈمگە يارىشا ئۆي سالدىم . ئۆزۈمنى ھەم كەڭ دېھقان خەلقىمنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ، مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش مەقسىتىدە پۈتكەن ئۆيۈمنىڭ بىرىنى ( 40 كۇۋادىرات مىتىر ) كۈتۈپخانا قىلىپ ئېچىشنى ئويلىشىپ يېزا مەدەنىيەت پونكىتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ تەستىقلاتتىم . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاستا - ئاستا قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى .نۆۋەتتە كۈتۈپخانىنى بېزەش تەييارلىقنى قىلىۋاتىمەن .ھازىرچە 500دىن ئارتۇق ھەر قايسى ژانىردىكى ئۆزۈم يىغقان كىتابلىرىم بار .
مەقسەتكە كەلسەم : ھەر قايسى يۇتلاردىكى كەڭ ئوت يۈرەك ، مەرىپەتسۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ كۈتۈپخانا قۇرۇشقا ئائىت پايدىلىق تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن مېنى خەۋەر قىلىشىنى سورايمەن .مەن كۈتۈپخانامغا تارىخىي ، تەزكىرە ، قانۇن ، ئەخلاق تېمىسىدىكى كىتابلارنى تىزىپ كەڭ دېھقان ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ، باشقا كىشىلەرگىمۇ ئارىيەت بەرمەكچى .
شۇڭا كەڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ،مەدەت ، مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
ھۆرمەت - ئىھتىرام بىلەن : ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
چ چ :2536190268 .يانفۇن : 15699088894 . تېلىفۇن : 0908-4801868
ئادىرىسىم : ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا قۇلانچى كەنىت 5-ئەترەت 38-ئۆي .
阿图什市阿扎克乡库兰其村5-队038号。
邮政号 : 845350
艾买提江。祖伦
2015-يىلى 10-ئاي 6-كۈنى سەيشەنبە .
|