ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 109|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئايرىلىش ئالدىدا:ساۋاقداشلارغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
ئايرىلىش ئالدىدا

(ساۋاقداشلىق مىھرى ئىنتايىن چوڭقۇر،مەن بۇ شېئىرىمنى مىنىڭ ئوقۇش ھاياتىمدىكى بارلىق ساۋاقداشلىرىمغا ۋە ساۋاقداشلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كىشىلەرگە بېغىشلايمەن)

ئۆمەرجان ئەمەت بىخلان

ئايرىلىش مىنۇتى كەلگەچكە يېتىپ،
يۈرەكلەر ھەسرەتتە كۆزىمىزدە ياش.
دېمەككە ئاددىيلا ئېيتىلغان بىلەن،
سۆيۈملۈك سۆز ئىكەن ئەسلى ساۋاقداش.

بىرلىكتە مەكتەپكە ئالغاندا قەدەم،
تەبەسسۇم ئىلكىدە كۈلۈشكەنىدۇق.
ئۆتىمىز ھەممىمىز ئېجىل-ئىناق دەپ،
سەمىمىي ۋەدىلەر بېرىشكەنىدۇق.

بەزىدە رەنجىشىپ قالساقمۇ لېكىن،
ئاداۋەت ساقلاشماي كېتەتتۇق ئۇنتۇپ.
ئۆز-ئارا ھەمدەمدە ئۆتكەچكە ھەممە،
تەسەللىي تاپاتتۇق دىلىمىز يۇرۇپ.

كۆيۈمچان ئۇستازلار بېرىپ مېھرىنى،
ئۆستۈرگەن گوياكى ئانا قۇش بۇلۇپ.
خەير-خوش ئۇستازلار يوللايمىز سالام،
كەتسەكمۇ سىلەرگە يىراقتا تۇرۇپ.

مۇڭسىراپ قاپتۇ بىز ئوقۇغان سىنىپ،
يېقىملىق ئاۋازلار ئاڭلانمايدۇ ھېچ.
ياتاقلار ئىچى ھەم تۇرسىمۇ رەتلىك،
كۈلكە يا چاخچاق يوق شۇنچىلىك تىنىچ.

ئەمدى يوق ھەممىسى كىتىمىز يىراقم
ئايرىلماي دىسەكمۇ ئەمدى نە ئامال.
سېغىنىپ سىلەرگە يوللايمەن سالام،
يەتكۈزەر ئەلچى بوپ تاڭدىكى شامال.

بىز دىگەن ساۋاقداش ئۇنۇتما ھەرگىز،
كەتسەكمۇ يىراققا ئەسلەپ تۇرايلى.
بىز دىگەن <<بىر تىزىق مارجان>>غا ئوخشاش،
چېچىلىپ كەتمەي ھەم ئىزدەپ تۇرايلى.

يەنىمۇ ئۆرلەڭلار ساۋاقداشلىرىم،
غەلبە ۋە ئۇتۇقلار مەڭگۈ يار بولسۇن.
ئىزدەيلى ھەمدەمدە ئۆتەيلى يەنە،
كۈنىمىز مېھىرگە شادلىققا تولسۇن.


مەنبە:قەلىمىم(ئۆمەرجان ئەمەت بىخلان)
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-10-10 10:48:13 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى شېئىرىڭىزدىن بەھرى ئالدىم.شېئىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ.ئايرىلىش مىنۇتلىرى دەيدىغان بىر ناخشىسى بولىدىغان ئىدى ، شۇ ناخشىسى ئېسىمگە قېلىپ قالدى.كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-10-11 12:15:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسكەندەرنىڭ ئايرىلىش مىنۇتلىرىنىڭ ئاھاڭىغا سېلىپ غىڭشىپ تۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم . ياخشى يېزىپسىز . ساۋاغداشلىق مېھرى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بىر مېھىر ئىكەن . بىر ئاي ئىلگىرى بىزمۇ ساۋاغداشلار يىغىلىشى قىلىپتۇق ، شۇنچە ھاياجان ، شۇنچە خوشاللىق ، شۇنچە سەبىلىك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن شۇ سورۇندا قىلچە تارتىنىش دېگەنلەر يوق ، خۇددى ئۆزىمىزنى ئەينى چاغدىكى ئاشۇ ئالى مەكتەپتىكى سەبى چاغلىرىمىزدەكلا ئەركىن ھېس قىلىپ كەتتۇق . تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىملىرى گەرچە ھەممىمىزگە ئوخشاش بولمىغان ئىزنالىرىنى ھەدىيە قىلغان بولسىمۇ ئەمما شۇ چاغدىكى كەيپىياتلىرىمىز ئەنە ئاشۇ بېسىملارنى نەلەرگىدۇر چۆرۈپ تاشلاپ ، بىر خىل يىنىك تېتىك ھېس قىلىپ قالىدىكەن كىشى ئۆزىنى . كۆرۈشمىگىلى 20 يىل بولغان ساۋاغداشلارنى كۆرۈپ قىلىشىدىغان گەپلىرىمىز تۈگۈمەي ، ئىككى كۈننىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنىمۇ تۈيمايلا قالدۇق . دېمەك ساۋاغداشلىق مېھىر شۇنداق مېھىركى ، ئۇ يا قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە ياكى قېرىنداشلىق  مۇھەببەتكە ئوخشۇمايدىغان ، ئۆز ئارا مەنپەئەت تەلاپ قىلمايدىغان شۇنچە ئاددى ھەم سەبىي ئەمما چوڭقۇر مېھىرگە چىلاشقان مېھىر ئىكەن . شۇڭا ھازىرقى مۇشۇ ئالى مەكتەپكە كىرگەن ھەم پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ياشلارغا شۇنى دېگىم كىلىدۇ ‹ مۇشۇ مەزگىلىڭلەرنى تولىمۇ بەك بەك قەدىرلەپ ئۆتۈڭلار ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەندەك 20 يىللىق ساۋاغداشلار يىغىلىشى بۇلغاندا مېنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكىنىمنى شۇ چاغدا ھېس قىلالايسىلەر ›

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-10-12 00:03:11 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-12 00:04  

زادى ساۋاقداشلىق مىھرى بەكلا چوڭقۇر بولىدىكەن ،مەنمۇ ھېلى ھەم شۇنداق سېغىنىمەن شۇ ساۋاقداش پارتىداشلىرىمنى  بەكلا گۈزەل مىنۇتلار ئىكەنتۇق ئەسلى .تىمىڭىزنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ شۇ مىنۇتلار كۆز ئالدىمغا كەلدى ، ھەي .........ۋاقىت دىگەن بەكلا تىز ئۆتىدىكەن .  تەشەككۈر تمىڭىزغا
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-10-12 11:25:48 | ئايرىم كۆرۈش
تولۇقسىزغايېڭى چىققاندا بىر يېزىنىڭ بەش ئالتە كەنتىدىن بۆلۈنخگەن ساۋاقداشلار دەسلەپتە ھېلى ئۇيەرلىك بۇيەرلىك دەپ قوشۇن تارتىشىپ كەتتۇق،ئىككىنجى يىللىققا چىقىپ ئېغىر بېسىق بولۇشتۇق،ئۈچىنجى يىللىققا چىقىپ بىر بىرىمىزدىن ئايرىلماس،يېقىندىنمۇ يېقىن بولۇشتۇق،ئەپسۇس،شۇ چاغلاردا مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلاشتى.`
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:46 , Processed in 0.133832 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش