ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1498|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى-ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى




كىتاپنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

«مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى» ئاتاقلىق ئارخې’ئولوگ، تارىخشۇناس جېيمىس.چېرچۋاردنىڭ مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى ئېكۋاتوردىن سەل جەنۇپتىراق بولغان. ئۇ ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان ئىنتايىن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىدى. ئۇنىڭ كۆلىمىگە باھا بەرگەندە، شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئارىلىقى ئالتە مىڭ مىل ئەتراپىدىكى رەقەمنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر تىنچ ئوكيان بويىچە جاي-جايلاردىكى بارلىق قىيالىق ۋە تاقىم ئاراللار بىر چاغلاردا مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەركىۋى قىسىملىرى بولغان ئىدى.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 12 مىڭ يىل بۇرۇنقى قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇ قۇرۇقلۇقىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. دەھشەت بىلەن بېسىپ كەلگەن تىنچ ئوكيان سۈيى، ئىنتايىن يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن مەدەنىيەتنى ۋە ئاتمىش مىلىيون ئادەمنى سۇغا غەرق قىلغان. پاسخا، تا’ئىتى، سامو’ئا ئاراللىرى، كۇكا ۋە گىلبېرت ئاراللىرى، كارولىن، مارى’ئان، ھاۋاي ۋە ماركىز ئاراللىرى بۈگۈنكى كۈندە كىشىگە خۇددى ئۈن-تىنسىز قەبرە ئالدىدىكى جېسەكچىلەرنى ئەسلىتىدۇ. جېيمس چېرچۋارد بۇ ئايرىم پارچىلاردىن ھالاك بولغان مۇ قۇرۇقلۇقى مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ئەللىك يىل ۋاقىتنى سەرپ قىلغان.
مەزكۈر كىتاپتا ئاپتور مۇ قۇرۇقلۇقى ھالاك بولغاندىن كېيىنكى ئۇزاق دەۋىرلەردە، بۇ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان قۇرۇقلۇقتا بارلىققا كەلگەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ئۇنىڭ ھالاكىتى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى پەيدا قىلغان سەلبىي ئاقىۋەتلەر ھەمدە مۇ قۇرۇقلۇقىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە تارقىلىپ كەتكەن كۆچمەنلەرنىڭ ھايات پا’ئالىيەتلىرى توغرىلىق بايان قىلىدۇ.

مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى
*
كىتاپنى نەشىرگە تەييارلاشقا قاتناشقانلار:
مەسلىھەتچى: يادىگار سابىت، مەسئۇل مۇھەررىرى: ئازات قاسىمى،
مۇھەررىرلەر: ئابدۇمىجىت ھۈسەيىن، ئەلى ئايۇپ
كوررېكتور: بىبىنۇر ھەمرا، مۇقاۋىنى ئىشلىگۈچى،
كومپيۇتېرغا ئالغۇچى: زۈمرەت ھاكىم

مۇندەرىجە
*
ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز ……………………………………1
1-باپ: ئىنسانىيەتنىڭ پەيدابولۇشى……… …………………
2-باپ:شەرق يوللىرى …………………………………………..
3-باپ: شىمالى ئامېرىكا قىتئەسى…………………………………
4-باپ:مېكسىكا ۋادىسىدىن تېپىلغان تاش پۈتۈكچىلەر…………………..
5-باپ: جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسى………………………………….
6-باپ: ئاتلانتىدا………………………………………………
7-باپ: غەربى ياۋروپا……………………………………………
8-باپ: يۇنانستان………………………………………………..
9-باپ: مىسىر………………………………………………….
10-باپ: غەرب يوللىرى…………………………………………….
11-باپ: ھىندىستان………………………………………………
12-باپ: جەنۇبى ھىندىستان……………………………………….
13-باپ: بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى………………………………
14-باپ: بابىلون………………………………………………
15-باپ: ھەرخىل ماۋزۇلار…………………………………………
16-باپ: رىشى ئاقساقال بىلەن سۆھبەت…………………………..
قوشۇمچە – ………………………………………………….276



ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز

تارىخ بەزىدە چۇل-چۇل قىلىپ سۇندۇرۇلۇپ، سۇنۇقلىرى ھەر تەرەپكە چېچىۋىتىلگەن چىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز پەقەت ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە سۇنۇقىغا ئىگە، بۇ سۇنۇقلار تارىختىن ئىبارەت بىر پۈتۈن چىنىنىڭ شەكلى ۋە ھەجىمىنى قىياس قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت بەرمەيدىغان دەرىجىدە كىچىك بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئەشۇ چىنە ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىم بولغانلىقتىن، ئەنە شۇ ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەرئاساسىدا ئۇنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى سۆرەتلەشكە مەجبۇرمىز.
-ئابدۇقادىر جالالىدىن
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئاتاقلىق ئارخې’ئولوگ، تارىخشۇناس ئالىم جېيمس چېرچۋاردنىڭ مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى زور ھەجىملىك ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى قىسمى «مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى» ناملىق كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشىردىن چىقتى.
2005-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى قىسمى بولغان «قەدىمكى قۇرۇقلۇق مۇ» ناملىق كىتاپ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ، كەڭ ئۇيغۇر جاما’ئەتچىلىكى ئارىسىدا كۈچلۈك زىلزىلە پەيدا قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا كۆپلىگەن پىشقەدەملەر، ئالىملار، زىيالىلار ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتاپقا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى ئىنىقلاشتا زور ماتىرىياللىق قىممىتىگە ئىگە، تارىخ بىلەن ئارخې’ئولوگيەلىك تېپىلمىلار ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا تەھلىل قىلىنغان، خەلقىمىزنىڭ مىللى روھىنى ئۇرغۇتۇشتا ۋە مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشتا ئەھمىيىتى زور بولغان ئەسەر، دەپ باھا بېرىشكەن ئىدى. كىتاپ ئوقۇشقا ئەستايدىل مۇ’ئامىلە قىلىدىغان بەزىبىر ئاقكۆڭۈل پىشقەدەملەر مەن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا، كىتاپنى تولۇق مۇ’ئەييەنلەشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە نەشىرىدە يۈز بەرگەن بەزىبىر كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەرگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ سەمىمى پىكىر-تەلەپلىرىنى بىلدۇرۇشكەنىدى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مېنىڭ ئەمگىكىمنى قوللىغان، ماڭا ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ياردەم بەرگەن دوستلىرىمغا ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
«مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى» ناملىق كىتاپ مۇ قۇرۇقلۇقى ھالاك بولغاندىن كېيىنكى ئۇزاق دەۋىرلەردە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە تارقىلىپ كەتكەن مۇ قۇرۇقلۇقى كۆچمەنلىرىنىڭ ھايات پا’ئالىيەتلىرىنى ئارخې’ئولوگىيەلىك ۋە تارىخى نوقتىلاردىن يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى بىز تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز چەكسىز ئۇزاق دەۋىرلەرنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنە شۇ دەۋىرلەردە يۈز بەرگەن، دۇنياۋى خاراكتىر ئالغان ھەر خىل تەبى’ئىي ئاپەتلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى كۆپ قېتىملىق ئۈزۈكچىلىكلەرگە ئۇچراتقانلىقى سەۋەبىدىن، ئىنسانلار تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىش تارىخىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشقا مۈيەسسەر بۇلالمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا جاھان تەرەققىي قىلىپ، ئەقلىي بىلىش يۈكسەك پەللىگە يەتكەن ھەمدە ئىنسانىيەت ئېلېكترون دەۋرىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا مىللەتلىرى ئىنسان دىگەن زادى نىمە، ئۇ قەيەردىن كەلگەن، نەگە بارىدۇ؟ دىگەنگە ئوخشاش سۇ’ئاللارغا جاۋاپ بۇلغۇدەك، ھەممە ئېتراپ قىلغان مۈكەممەل نەزىرىيىۋى ئاساسلارغا ئېرىشكىنى يوق. جېيمس چېرچۋاردنىڭ بۇ كىتاۋىنى دەل مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغان ئىزدىنىش خاراكتېرلىق ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاپتور كىتاۋىنىڭ بېشىدىلا: «مەن ئەللىك يىل داۋامىدا كۆپلىگەن ئۈزۈندىلەرنى ئىزدەپ توپلىدىم ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈرۈپ، يارىتىلىش ھەمدە ئىنسانىيەت ھەققىدىكى قىزىقارلىق تارىخنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم. مەندىن كېيىنكىلەرنىڭ ئۇنى ئاياقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن» دەپ يازىدۇ.
كىتاپتىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئىنسانىيەت تەخمىنەن بۇنىڭدىن 200 مىڭ يىل بۇرۇن مۇ قۇرۇقلۇقىدا يارىتىلغان. ئاپتور ئىنساننىڭ ئاللاتا’ئالا تەرىپىدىن مەلۇم مەقسەتلەر ئاساسىدا يارىتىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، چارلىز دارۋىن 1859-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى» نى ئۈزۈل-كېسىل رەت قىلغان. ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ۋە ئىلىم-پەنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئادىمىزاتنىڭ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار بايقاشلىرى، بولۇپمۇ گېن-ئىرسىيەت ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشى، دارۋىننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى» نىڭ جان تومۇرى بولغان ئىنساننىڭ ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئېۋوليۇتسىيەلىك ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى يۇقىرىقى نەزىرىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ھەممىمىزگە مەلۇمكى، كېيىنكى بەش مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا، ئىنسانىيەت چارلىز دارۋىن ئوتتۇرىغا قويغان «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى» نى تەستىقلەيدىغان، ياكى شۇ نەزىرىيەنى ئەمىلى ئاساستا ئىسپاتلىغان، مەيلى بىر ھۈجەيرىلىك ياكى كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئا’ئىت ھېچبىر پاكىتقا ئېرىشەلىگىنى يوق. بەزىبىر ھادىسىلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، يەر شارىدا ياشاۋاتقان جانلىقلارنىڭ تۈزۈلىشىدە ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.دېمەك، شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىش لازىمكى، دارۋىننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى» پەقەتلا بىر تولۇق دەلىللەنمىگەن كۆز قاراشتىن ئىبارەت.ئۇنى يىمىرىلمەس ھەقىقەت، دەپ تونۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر-ئىككى يۈز يىل بۇرۇنقى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانمىغان، شۇنداقلا ئىسپاتلىنىشى مۇمكىن بولمىغان نەزىرىيەلەر بىلەن ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىمىز نام قويۇۋالغان «ئادەمسىمان مايمۇن» دىگەن ھايۋاندىن ئۆزگەرگەنلىكى ھەققىدىكى سەپسەتىلەرگە ئالدىنىپلا يۈرىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات ئىنسانلار ئۈچۈن مەڭگۈ تېپىشماق بويىچە قېلىۋىرىدۇ.
ئاپتور بۈگۈنكى كۈندە قەدىمكى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچىقى دەپ قارىلىۋاتقان مىسىر،يونانىستان، ھىندىستان، بابىلون قاتارلىق مۇ قۇرۇقلۇقى كۆچمەنلىرى، يەنى مايالار تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن دۆلەت ۋە رايونلار ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەرگەن. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «مۇ قۇرۇقلۇقىدىن چىققان كۆچمەنلەر مايالار دەپ ئاتىلاتتى، يېڭى يەرلەرنى ئىزدەپ مۇ قۇرۇقلۇقىدىن كەتكەنلەرنى شۇنداق دەپ ئاتايتتى… مىسىردىكى نىل دەرياسى قىرغىقىدا قۇرۇلغان مايا ئىمپېرىيەسىنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتىنى بۇنىڭدىن 16 مىڭ يىل ئىلگىرى، دەپ ئاساسلاندۇرۇش مۇمكىن». ئاپتور بۇ كىتاۋىدا تىلغا ئالغان مايالار ھەققىدىكى تەتقىقات بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئارخې’ئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى زامان تارىخىدا، يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن مايا مەدەنىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولۇشى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن ھېلىمۇ تېپىشماق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مايا مەدەنىيىتىدىن قالغان ئارخې’ئولوگىيەلىك تېپىلمىلار مايالارنىڭ كەڭ دا’ئىرىلىك كا’ئىنات بىلىملىرىگە، مۇكەممەل بولغان ۋاقىت سىستېمىسىغا، مۇرەككەپ ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش ئۇسۇلى ھەمدە ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئابىستىراكىتلىق تەپەككۈرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقىت ھېساپلاش جەدىۋىلى سىستېمىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ۋە مۈكەممەللىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
پۈتۈن ئۈمرىنى مايا مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلىغان ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس، دوكتۇر جۇيس. ئارگۇلىسنىڭ «مايانىڭ فاكتورى» ناملىق كىتاۋىدا مايالارنىڭ تارىخى ھەققىدە تەپسىلى بايانلار بېرىلگەن.كىتاپتا مىسال كەلتۈرۈلگەن مايا كالىندارىدا، ئىنسانلار ياشاۋاتقان بۇ پىلانىتا بەش مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «چوڭ ئايلىنىش» باسقۇچىدىن ئۆتۈشى لازىم، بۇ باسقۇچ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3113-يىلدىن مىلادى 2012-يىلغىچە داۋاملىشىدۇ، يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوياش سىستېمىسى بۇ «چوڭ ئايلىنىش» باسقۇچىدا، سامانيولى سىستېمىسى يادروسىدىن تارالغان نۇر دەستىسىدىن ئۆتىدۇ، يەر شارىنىڭ بۇ نۇر دەستىسىدىن ئۆتۈپ بولۇشى ئۈچۈن 5125يىل ۋاقىت كېتىدۇ.قوياش سىستېمىسى تەركىۋىدىكى ئاسمان جىسىملىرى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ يادروسىدىن تارقالغان نۇر دەستىسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، بىز ياشاۋاتقان بۇ پىلانېتا، «سامانيولى سىستېمىسى بىلەن تەڭ قەدەملىشىش» باسقۇچىغا كىرىدۇ، دېيىلگەن.
-2003 يىلى تەيۋەندە نەشىر قىلىنغان «تارىختىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەتنىڭ سىرى» ناملىق كىتاپتا، مايا مەدەنىيىتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق يېزىلغان: «مايالار كا’ئىناتنىڭ كەڭ دا’ئىرىلىك ئايلىنىش ھالىتىدە ھەركەتلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىققان ۋە «قوياش ئەسىرى» كالىندارىنى قوللانغان. ئۇلارنىڭ خاتىرىلىشىچە، كا’ئىنات پەيدا بولغاندىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، بىز ياشاۋاتقان بۇ يەر شارى، تۆرت قېتىملىق «قوياش ئەسىرى» دەۋرىي ئايلىنىشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. بۈگۈنكى دەۋىر بولسا،بەشىنچى «قوياش ئەسىرى» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مايالارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھەر قېتىملىق ئىنسانلار تارىخى «قوياش ئەسىرى»نى دەۋىر قىلغان. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ئەمەلىيەتتە بىر نەچچە قېتىملىق پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقۇلۇش جەريانى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يىلنامىلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۆرتىنچى «قوياش ئەسىرى» يەنى، ئالدىنقى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت دەۋرى، پۈتۈن دۇنيانى دىگۈدەك قاپلىغان بىر قېتىملىق توپان ئاپىتىدە يوقالغان. بەشىنچى «قوياش ئەسىرى» بولسا مىلادىدىن بۇرۇنقى 3113-يىلى 8-ئاينىڭ 13- كۈنى باشلانغان بولۇپ، مىلادىي 2012-يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاياقلىشىدۇ».
يۇقىرىقىلاردىن بىز مايالار ۋە تارىختىن ئىلگىرىكى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىم-پەننىڭ بەزى ساھەلىرىدە، بولۇپمۇ كا’ئىنات پەنلىرى ۋە ۋاقىت ھېساپلاش ئىلمى جەھەتتە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىن خېلىلا ئۈستۈن بولغانلىقىنى كۈرىۋالالايمىز.
ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ كا’ئىنات ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، تېخىچە قوياش سىستېمىسىدىن ھالقىپ كېتەلىگىنى يوق. راستىنى ئېيتقاندا، بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىمۇ تولۇق چۈشەنمەيمىز. مۇ قۇرۇقلۇقى دەۋرىدىكى ئىنسانلار بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مىسىر پىرامىدالىرى، يۇكاتان يېرىم ئارىلىدىكى مايالارنىڭ قوياش پىرامىداسى، با’ئالبېك تۈۋرۈكلىرى، پاسخا ئارىلىدىكى ھەيكەللەر ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ئارخې’ئولوگىيەلىك تېپىلمىلارنىڭ نىمە مەقسەتتە ۋە قانداق تېخنىكىلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغانلىقى، مايالار قوللانغان «قوياش ئەسىرى» كالىندارىنىڭ قانداق ئاساسلارنى مەنبە قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن ساھەسى ئۈچۈن تېخىچىلا سىر بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا، ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، جېيمىس چېرچۋاردنىڭ بۇ كىتابىنى ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلانغان ئەسەر، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى كىتاپنىڭ ھەر بىر بابىدىن دىگۈدەك بىز ئۇيغۇرلارغا دا’ئىر بايانلارنى ئۇچرىتىمىز. بولۇپمۇ مۇ قۇرۇقلۇقى دەۋرىدە ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ كونا قۇرۇقلۇقتا دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس سالغان، ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ تېررىتورىيەسى، قۇدرىتى، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار كۆپلىگەن تارىخى ھەمدە ئارخې’ئولوگىيەلىك پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن.
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ھېچقانداق شۆبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى، شەرق ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر … سلاۋيانلار، تېۋتونلار، كېلتلار، ئىرلاندىيەلىكلەر، برېتونلار ۋە باسكىلار-بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دىگەن يىلتىزدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلەر. برېتونلار، باسكىلار ۋە ھەقىقى ئىرلاندىيەلىكلەر ئۈچلەمچى دەۋىردىن كېيىن ياۋرۇپاغا كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ-ماگنېتىكىلىق ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ئامان قالغانلارنىڭ-ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ».
ئاپتور يەنە زامانىمىزدىكى ھىندىستانلىقلار ۋە پارسلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق شەرھىلىگەن: «ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربى-جەنۇبىدا تاغلار ھاسىل بولغاندىن كېيىن، ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرى، ئىمپېرىيە ھالاك بولۇپ سەككىز-ئون مىڭ يىلدىن كېيىن، تەنتەنىلىك رەۋىشتە قايتىدىن تارىخى سەھنىگە چىقتى. ئۇلار داۋانلار ئارقىلىق تۈزلەڭلىكلەرگە يول ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تاغلاردىكى ماكانلىرىنى تۆرت تۈركۈم بولۇپ تاشلاپ كېتىشتى. يازمىلارغا قارىغاندا، تاغلاردىن بىرىنچى تۈركۈمدە ھىندىقۇش تاغلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار چۈشكەن… بۇلار كېيىنچە ھىندۇ’ئارىيانلار سۈپىتىدە مەلۇم بولدى… بۇ كۆچۈش مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-1800-يىللىرى باشلىنىپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500-يىلى ئاياقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان بۇ ھىندۇ’ئارىيانلار نەچچە يۈز يىل داۋامىدا، ئافغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق ھىندىستان ۋادىلىرى يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرلەپ، ئاخىرى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەقىقى تۇرغۇنلىرى بولغان ناگا-مايالارنى سىقىپ چىقىرىپ، پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستاننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى… بۇ ھىندىستاندا ھەممىلا يەرگە تارقالغان ھازىرقى ئىنسان تىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى. تەخمىنەن شۇ دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالدىراق ياشىغانلىرى، پەس داۋانلار ئارقىلىق ئىران دالاسى بىلەن پارس قولتۇقىنىڭ شەرق-شىمالى قىرغىقىدىكى رايونلارغا چۈشكەن. بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنرەك پارسلار دەپ ئاتالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئوڭاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا، ئەرمەنىستاننىڭ ۋە زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرقدىكى مىدىيە دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتى. بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا مىدىيانلار نامىنى ئالدى. مىدىيانلارمۇ، پارسلارمۇ مۇ قۇرۇقلۇقىدا ياشىغان «ئاخ رايا» قەبلىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق پەيدا بولغان ئارىيانلاردۇر. ئۇلاريەنىلا تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ ئاسىيا ۋە ياۋرۇپادا ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ خەلقلەرنىڭ ئىرقى تە’ئەللۇقلىقى، تىلى ۋە دىنى بىر-بىرىگە ناھايىتى ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەزەلدىنلا بىر خەلق تۇرسا، باشقىچە بولۇشى مۇمكىنمىدى؟».
ئاپتۇرنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىنى گەرچە باشقا تارىخىي مەنبەلەر ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاش لازىم بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ھىندى، پارس مىللەتلىرىنىڭ تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، چىراي شەكلى، بەدەن تۈزۈلۈشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار، بىزنى ئاپتور بۇ كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارغا قارىتا سالماق مۇ’ئامىلىدە بولۇشقا ئۈندەيدۇ. تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن 2000-يىللار ئىلگىرىلا شەرقتە تەڭرىتاغ، تارىم ۋادىسىدىن غەربتە ئىران ئىگىزلىگىكىچە، جەنۇپتا ھىندى يېرىم ئارىلىدىن شىمالدا كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان بۇ بىپايان زىمىن ئۇيغۇرى مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمدە ھىندى ۋە پارس خەلقلىرىنىڭ پا’ئالىيەت سەھنىسى بولغان. ئەجداتلىرىمىز بەرپا قىلغان «كارۋان بۈيۈك» يولىنىڭ مەركىزى بەلۋىغى بولغان بۇ رايوندا ئۇيغۇر، پارس ۋە ھىندى مەدەنىيەتلىرى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. ھىندىستاندا پەيدا بولغان بۇددا دىنى، دەل مۇشۇ رايۇندا يەرلىشىپ، ئۇيغۇر، پارس قاتارلىق قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا زور رول ئوينىغان ھەمدە مىڭ يىلدىن ئوشۇق داۋام قىلغان پارلاق بۇددىزىم مەدەنىيىتى يارىتىلغان. ئۇيغۇر، پارس ۋە ھىندى مەدەنىيەتلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار ھەققىدە مول نەتىجىلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ياش ئالىم، دوكتۇر ئەسەت سۇلايمان «تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ» ناملىق ئەسىرىدە: «ئىسلامىيەت دەۋرىدىن ئاۋالقى ئۇزاق تارىختا، ئىراندا مەيدانغا كەلگەن زەردۇشت (زورا’ئاستېر) ۋە مانى دىنلىرى شۇنىڭدەك ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن بۇددا دىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىران خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا چۇڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردى… بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا تارىمدىن پارس قولتۇقىغىچە بولغان رايوندىكى ئورتاقلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ كىمدىن كىمگە ئۆتۈشكەنلىكىنى پەرق ئېتىشمۇ تەس بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال تىلدا تېخىمۇ رۇشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى» دەپ يازغان ئىدى.دەرۋەقە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، پارس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، دىگەن كۆزقاراش زىيالىلىرىمىز ئارىسىدا خېلىلا ئۇموملاشقان. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە،تىل سىستېمىسىغا ۋە دىنى ئېتىقادقا ئىگە، دەپ قارىلىۋاتقان ھىندى مىللىتىنىڭ تىلىدىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەر ساقلىنىپ قالغان. مۇشۇ كىتاپنىڭ مۇھەررىرلىكىگە قاتناشقان بىر بۇرادىرىمىز يېقىندا، ھازىرقى زامان ھىندى تىلىدا، تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە مەزمۇنى ئوخشاش بولغان بىر نەچچە يۈز ئۇيغۇرچە سۆزنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى. تۈۋەندە بۇ سۆزلەردىن ئازغىنە بىر قىسمىنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۇق.
«ئاشىق-ئاشىقى، ئىشقى، ئاسمان، ئەگەر، باھار، باھانە، باغۋەن، جادىگەر، لېكىن، مۈشكۈل-مۈشكۈلات، مېھرى، دۇنيا، شەبنەم، جانان، جاھان، جانىجان، دىل، دىلرابا، قانۇن، قارار، رەڭگى، گۈزەل، گۈلشەن، مېھرىبان، ئەلۋىدا، ئىنسان، ئىنتىزار، دىۋانە، جۇدا، تەقدىر، پەريات، شەربەت، دۈشمەن، بىۋاپا، مەھلىيا، ھۆسنى، تۇمار، ئاخىرى، خۇشبۇي، مۇھتاج، ئىجازەت، شەكەر(شىكەر)، جاۋاپ، ئىختىيار، رۇخسارى، قەلبى، غۇبار، تەركى، ھەقىقەت، سەنەم، ئەپسۇس، ئەجنەبى، مەجبۇر، جىسمى، پەرۋانە، ئارمان، بىپەرۋا، شەرمەندە، تالاق، تەنھا، مارجان، مەشئەل، ۋەدە، باھادىر، تاماشا، ناشتا، جەننەت، قىسمەت، شاراپ، خاراب، ھارام…»
گەرچە بىز بۇ سۆزلەرنىڭ 16- ئەسىردە ھىندىستاندا قۇرۇلغان «مۇغۇل ئىمپېرىيەسى» دەۋرىدە، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە ھىندى تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن، ياكى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىللارغا قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولمىساقمۇ، بىراق بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلارنى، كىتاپنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلار ئاساسىدا تەھلىل قىلىدىغان بولساق، 19-20- ئەسىرلەردىكى ياۋرۇپا ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ھىندى، پارس مىللەتلىرىنى باشقا-باشقا مەدەنىيەت تىپىغا ھەمدە ئوخشاش بولمىغان تىل سىستېمىسىغا ئايرىش ھەققىدىكى يەكۈن خاراكتېرىنى ئالغان نەزەرىيەلىرى كىشىدە سۇ’ئال پەيداقىلماي قالمايدۇ. ھىندى ۋە پارس تىللىرىنىڭ ھىندۇ-ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ قىلىنىشى، ناھايىتى زور دەرىجىدە ياۋرۇپالىق دەپ قارىلىۋاتقان ئارىيانلارنىڭ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-1800- يىللاردا ھىندىستانغا ۋە ئىرانغا قىلغان يۈرۈشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇ قۇرۇقلۇقى دەۋرىدىكى ۋە بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ھالاك بولغاندىن كېيىنكى ياۋرۇپا يۈرۈشى ھەمدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ماكس. ميوللېرنىڭ بۇ كىتاپتا نەقىل كەلتۈرۈلگەن «ياۋرۇپا تىپىدىكى تۈنجى ئىنسانلار مەركىزى ئاسىيا تاغلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بولغان» دىگەن سۆزىنى نەزەردىن ساقت قىلمىساقلاياۋرۇپالىق دەپ قارىلىۋاتقان ئارىيانلارنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇر نەسىللىك خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تارىخى ئەسەرلەردە زىكىر قىلىنىۋاتقان ئىران ۋە ھىندىستانغا ياسىغان يۈرۈشلىرى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ بۇ كىتاپتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئارىيانلارنىڭ ئىران ۋە ھىندىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. ئەپسۇسكى، غەرب ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر، ھىندى، پارس خەلقلىرىنى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت تىپىغا ۋە ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا ئايرىۋەتكەنلىكى، ئالىملىرىمىز، تارىخچىلىرىمىز ھەم تىلشۇناسلىرىمىزنى يۇقىرىقى تىمىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، ياۋرۇپالىق ئالىملارنىڭ غەرب مەركەزچىلىك ئىدىيەسى ئاساسىدا يەكۈنلىگەن نەزىرىيەلىرى تۈزۈپ بەرگەن رامكىلار دا’ئىرىسىدە ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە، مەدەنىيەتلەر تارىخى ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىدە كۆپلىگەن چۈشەندۈرۈش قىيىن بولغان چىگىش مەسىلىلەر پەيدا بولدى.ئەلبەتتە، ياۋرۇپا ئالىملىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمىكى زامان مەدەنىيەت تارىخى شۇنداقلا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ساھەسىدە ئوينىغان باشلامچىلىق رولىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ۋە تۆھپىسى ھۆرمەتلىنىشكە تىگىشلىك. بىراق، مىللەتلەر مەدەنىيەتشۇناسلىقى ۋە تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە، ئۇلار تۈزگەن رامكىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئويلۇنۇپ بېقىش يامان بولمىسا كېرەك. شۇغىنىسى، ئادەم بەزىدە ئاللاتا’ئالانىڭ ھەق ئىكەنلىكىدىن باشقا، ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ھەر قانداق نەرسىدىن گۇمانلىنىشقا ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.
دۇنيادا تۈنجى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ياراتقان مۇ قۇرۇقلۇقى دەۋرى تارىخقا ئايلاندى. ئەجداتلىرىمىز قۇرغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ سەلتەنەتلىرىمۇ، چەكسىز ئۇزاق تارىخنىڭ توپا-تۇمانلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. يىللار، ئەسىرلەر ۋە قانچىلىغان ئېرالار ئالماشتى. بىزگە قالغىنى پەقەتلا يىراق ئۆتمۈشىمىزنىڭ يالدامىسى بولغان ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە تاتلىق ئەسلىمىلەردىن ئىبارەت بولدى. بىراق شۇ نەرسە ئايانكى، تارىخىمىز ھەر قانچە شانۇ-شەۋكەتلىك، ئۆتمۈش ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر ھەر قانچە شېرىن بولسىمۇ، بۈگۈنكى ئازاپ-ئوقۇبەتلىك رىياللىقىمىزغا مەلھەم بۇلالمايدۇ. چۈنكى، تارىخ ئەزەلدىن ئۆزىنى ياراتقۇچىغا مەنسۇپ بولۇپ كەلگەن. ئەجدادى باشلاپ بەرگەن تارىخنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا قۇربىتى يەتمىگەن مىللەت ھامان «كىمنىڭ بار مەھمۇد قەشقەرىدەك ئالىمى قېنى» دىگەندەك بىمەززە غەزەللەرنى توقۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ چاپىنىدا تەرلىنىپ، ئۆزىگە تەسەللى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھالبۇكى، بۈگۈنكىدەك قىسمەتكە دۇچار بولغان مىللىتىمىز ئۈچۈن كېرەك بولغىنى، ئۆتمۈشنىڭ بىزگە تالىق بولمىغان ئۇلۇقۋارلىقلىرىنى چاپان قىلىپ ئۈستىمىزگە ئارتىۋىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەش ئەمەس، بەلكى شۇ ئۇلۇقۋارلىقلارنى ياراتقان ئەجداتلىرىمىز روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، يەنى كېيىنكى قاباھەتلىك بەش ئەسىر مابەينىدە يوقۇتۇپ قويغان ئۇيغۇر روھىنى تىرىلدۈرۈپ، بۇ روھنى مىللەتنى قايتا گۈللەندۈرۈشنىڭ بايرىقىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. ھاكىم مۇتلەق سىياسى تۈزۈلمە بىلەن يات مەدەنىيەتنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان بىر مىللەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە مۇراجى’ئەت قىلىشتىن باشقا، نىجاتلىق يولىنى ئىزدەپ ھەر تەرەپكە تەلمۈرىدۇ. بۇ جەريان ھەرقانچە ئازاپلىق بولسىمۇ، مىللىتىمىز شۇنىڭغا مەجبۇر. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقىنى قولىغا ئالغان قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك قاتارلىق مىللەتلەر، ئۆز ئىدى’ئولوگىيېسىگە قايتا قاراپ چىقىشقا تۇتۇنغان، «تۈركى مىللەت» لىك قالپىغىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مىللىتىمىزنىڭ سەركىسى ھېساپلانغان زىيالىلىرىمىزنىڭ خەلقىمىزنى ھەدەپ «تۈركى مىللەتلەر چوڭ ئا’ئىلىسىنىڭ ئەزاسى» قىلىپ كۆرسۈتۈش ھەلەكچىلىگىدە بولۇپ قېلىشى، دەل بىز دۇچ كەلگەن رىياللىقنىڭ ئىنكاسى. شۇ سەۋەپتىن پەرزەنتى ياكى نەۋرىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىگە فامىلە قىلىپ قوللۇنۇشتىن نۇمۇس قىلىدىغان زىيالىلىرىمىز، خەلقىمىزنىڭ ئۇرۇقىدىن پەيدا بولغان بىر مىللەتنىڭ نامىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ فامىلىسى قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ.
«بىز باشقىلارغا ئەگىشىمىز دەپ ئۆزىمىزدىن چەتلەپ كەتتۇق، باشقىلارغا ئىشىنىپ، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەس بولدۇق، ئۆزىمىزگە باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن باھا بەردۇق، ئاخىرى ئۆزىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويدۇق. ئەمدى بىز بۇنى تونۇپ يېتەيلى ۋە ئۆزىمىزنى ئىزدەيلى». (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل نەشرى، 5-بەت)
تارىختىن ئاز-تولا خەۋىرى بار كىشىلەرگە مەلۇمكى، «تۈركى مىللەت» ئاتالغۇسى، 19-ئەسىردىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ھەيۋىسىدىن ئۈركۈپ تۇرغان ياۋرۇپالىقلار، بولۇپمۇ رۇس تۈركولوگلىرى تەرىپىدىن خەلقىمىزگە تېڭىلغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا بىز بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىخلاسمەن مۇرىتلىرىدىن بولۇپ، ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر نامى بىلەن ئەمەس، «تۈركى مىللەت» نامى بىلەن دۇنياغا تونوتۇشقا تىرىشتۇق.‹تۈرك› سۆزى ئاپىرىدە بولۇشتىن مىڭلىغان يىللار بۇرۇنلا مەۋجۈت بولغان تىلىمىز، «تۈركى تىل» دەپ ئاتالدى. ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، «تۈركى مەدەنىيەت» بولۇپ قالدى. بىز بولساق تولىمۇ رايىشلىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ «تۈركى مىللەتلەر چوڭ ئا’ئىلىسىنىڭ ئەزاسى» بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىپ يۈردۇق. شۇنىڭ ئاقىۋىتىدە تارىخىمىزنىڭ پەخرى ھېساپلانغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەلشىر ناۋايى قاتارلىق نامايەندىلىرىمىز، ئۇيغۇر خەلقىگە قېرىنداش دەپ قارىلىۋاتقانلار تالىشىدىغان زىننەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قالدى. ‹تۈرك› ئۇقۇمى پەيدا بولۇشتىن قانچە مىڭلىغان يىللار بۇرۇنلا ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، گۈللەندۈرۈلگەن ئاتا ماكانىمىزنىڭ شۇ نامغا باغلىنىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، خەلقىمىز تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە ۋە مىلىيونلاپ قۇربان بېرىشلەرگە دۇچار بولدى. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سۇۋىت كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يېمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەر مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇشقاندا، خەلقىمىز خۇددى ئۆزلىرى ھۆرلۈككە ئېرىشكەندەك خوشاللىق ئىچىدە دوپپىسنى ئاسمانغا ئېتىشىپ، بىر-بىرىنى قۇتلۇقلاشقان ئېدى. ۋاھالەنكى، كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار پاجى’ئەلەر بۇ ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ شېرىن خىياللىرىنى پايخان قىلىپ، «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئېكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، نىمىگە ئېرىشىپ، نىمىدىن مەھرۇم قالغانلىقىمىز ھەققىدىكى ئاچچىق سۇ’ئاللار ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىگە نەشتەردەك سانجىلىپ تۇرۇپتۇ.
دەرۋەقە، تۈرك، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەربەيجان… قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىمىزنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، بۇ بىر تارىخى رىياللىق. بىراق قېرىنداشلىق ئۆزىنىڭ ھېسابى بىلەن بولغىنى تۈزۈك. ئەگەر بۈگۈنكىدەك مەنپە’ئەتلەر توقۇنۇشى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى قاپلاپ،بىر تۇققان قېرىنداشلارنى ياتلاشتۇرىۋاتقان شارايىتتا، مىللىتىمىزنىڭ نامىنى، تىل-يېزىقىمىزنى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ۋە مىللى مەدەنىيىتىمىزنى «تۈركى مىللەتلەر چوڭ ئا’ئىلىسى» نىڭ داشقازىنىغا سېلىپ بېرىش بەدىلىگە، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىنساۋىغا باغلاپ قويىدىكەنمىز، ئۇ ھالدا بەكمۇ چوڭ يېڭىلىشكە ئۇچرايمىز. ئىككى ئەسىردىن بۇيانقى قان- ياشلىق تارىخىمىز بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن ھېچقانداق «مىللەتلەر چوڭ ئا’ئىلىسى»نىڭ ئەزاسى بولغان ئەمەس، ھەم بولمايدۇ. مىللىتىمىز ئۆزى بىر چوڭ ئا’ئىلە، بىز بۇ ئا’ئىلىدە، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مېھرىبان ئانىنىڭ باغرىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق. ئۆزىنىڭ ھالال سۇتى بىلەن بىزنى پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئۇلۇق ئانىنى قوغداش، بىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق ۋىجدانى بۇرچىمىز. شۇڭا بىزدە چىرايلىق كۆرۈنگەن لىباسلارنىڭ كەينىگە قانداق غەرەزلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدىغان رۇشەن كۆز بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ھەر تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ بىر تۇتاش تېررىتورىيەدە بىرگە ياشاپ قېلىشىنىڭ، ئۇزاق تارىخى جەرياننىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇ مىللەتلەر ئارىسىدابولىدىغان باراۋەرلىك ئاساسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ، ھېچقاچان بۇ خەلقلەرنىڭ بىر ئا’ئىلە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئالالايمىز.
خەلقىمىز تارىختا ئۆزىگە خاس تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەدەنىي مىراسلىرى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆزىگە لايىق تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ئۇلۇق بىر مىللەت. كېيىنكى دەۋىرلەردە مىللىتىمىز يۇلتۇزىنىڭ تۈۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەڭ ئەجەللىك بولغىنى، بىز مىللىتىمىزنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئىچكى ئۇيۇشقاقلىقىمىزنى مەھكەم ساقلاپ قالالمىدۇق. بولۇپمۇ يەركەن سە’ئىدىيە خانلىقىنى ھالاك قىلغان «غۇجىلار يېغىلىقى»نىڭ مىللىتىمىز ئېڭىدا قالدۇرغان جاراھەتلىرىدىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇپ كېتەلىگىنىمىز يوق. تارىخىمىز، دىنىي ئىتقادىمىز، مەدەنىي مىراسلىرىمىز،تىل-يېزىقىمىز، ئۆرپ- ئادەتلىرىمىز قىسقىسى، مىللىتىمىزنىڭ ئىدى’ئولوگىيەسىگە باغلىق بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكى ئىنىق بولمىغان مۈجىمەل كۆز قاراشلار، ھېلىمۇ خەلقىمىز زىيالىلىرىنىڭ كاللىسىدا ئەگىپ يۈرۈپتۇ. «تارىختا شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق بولىدۇكى، قاتتىق ھالاكەت سىنىقى ۋە ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە دۇچ كەلمىگەن مىللەتلەر ھامان چۈشكۈنلەشتى. بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتى بىلەن ھالاكەتلىك سىناقلارئىچىدىن چۆچۈپ ئويغىنالىغان مىللەتلەرلا’ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىدى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلالىدى». (ئەسەت سۇلايمان: «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىل نەشىرى ، 400-بەت) شۇنداق، خەلقىمىز قانچە مىڭلىغان يىللار داۋامىدا، تەپەككۈرىنى يېڭىلاپ تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىقنى قۇبۇل قىلىشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ مىللەتنىڭ بىر ئاتىنىڭ بالىلىرىدەك ئىچكى ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك قوغداش ئارقىلىقلا، تۈرلۈك-تۈمەن ھالاكەتلىك بوران-چاپقۇنلاردىن غالىپ كېلىپ،چەكسىز ئۇزاق تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىيالىدى.گەرچە نۆۋەتتە مىللىتىمىز بېسىپ ئۆتۈشى لازىم بولغان مۇساپە بەكمۇ كۆپ ئەگرى-توقايلىقلار، خەتەرلىك ئۆتكەللەر، ھەتتا ھالاكەتلىك قايناملار بىلەن تولغان بولسىمۇ، جاھانساز ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ئۆلمەس روھىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلغان ئۇيغۇر خەلقى كەلگۈسى ھاياتلىق سەپىرىنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تولۇقلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمكى بىر مىللەتنىڭ ھۆرلۈكنى نىشان قىلغان يېڭى بىر زەپەرنامىسىنى يېزىپ چىقالايدۇ. خۇددى ئۇلۇق مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يازغاندەك:«ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان خەلق، ئۇنداق تارىخنى قايتا يارىتىشى مۇمكىن». (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىل نەشرى،149-بەت) بۇ مۇمكىنلىك پەقەت ۋە پەقەتلا، كەسكىن رىقابەت بىلەن تولغان 21-ئەسىرنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا قەددىنى رۇسلاپ تۇرالىغان، ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇپ يېتەلىگەن، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ئالغا قاراپ يۈكسىلەلىگەن ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۈپ!
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بۇ كىرىش سۆزنى تەييارلاش داۋامىدا ئۇزۇندىن بۇيان كاللامدا سۇ’ئال بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى سىزدىن يۇشۇرۇشنى خالىمىدىم. گەرچە يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار بەزى كىشىلەرنىڭ دىتىغا ياقماي قېلىشى، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋىتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر ئىنسان قاتارى، ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى سىز بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

كول. جېيمس چېرچۋارد
مۇ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەۋلاتلىرى
بۇ كىتاپنى ئازات قاسىمى نەشىرگە تەييارلىدى.


مەنبە: كىتاپخۇمار بىلوگى

باغداش مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-9-24 21:53:48 | ئايرىم كۆرۈش
جاپا چېكىپسىز،ئايىمىڭىزگە مۇبارەك.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

7

تېما

385

يازما

2588

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 259
يازما سانى:
385
تىللا:
1837
تۆھپە:
120
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
106 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-9-25 04:40:32 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى مەزمۇنلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.جاپا چىكىپسىز.ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

يەر
ۋاقتى: 2015-9-29 10:38:30 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخ ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پائالىيىتى  دىگەن ھەقىقەتكە چىن پۈتمەك لازىم...

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-10-5 12:21:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئويغانغان زىمىن   ناملىقى كىتابنىڭ  3.قىسمىنى  توردىن تاپقلى   بولامۇ
شاھزاد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.136660 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش