بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يارقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-7-18 14:30
يەكشەنبىمۇ ئىشلەيمىز !!!
بەختى دەرۋىش
بىزنىڭ شىركەت خو شىركەت ، نامىمۇ بار بىر كىشلىك ،
نەچچە يەردە تارمىقى ، خادىملىرىمۇ 100 كىشلىك .
باش لىدىرىمىز كۆرگەچكە ، ئالدىن شۇنچە يىراقنى
تۈرىمىز كۆپ ، خىزمەت كۆپ ، بىرمىزگە قوش كىشلىك .
شۇڭا خىزمەت تۈگىمەي ، يەكشەنبىمۇ ئىشلەيمىز !!!
سەھەر كەلسەك 8:00 دە ، يىغنىمىز بار بىر سائەت ،
نىشان ، پىلان ، ئۇسۇلنى قايتا - قايتا ئاڭلايمىز .
ئۆزىمىزگە ئىشەنىچ ، ئۇرغۇپ تاشار قايتىدىن
«بىزدىن نوچى كىشى يوق » دەپ جاراڭلىق توۋلايمىز .
شۇنداق جۇشقۇن ھالەتتە ، يەكشەنبىمۇ ئىشلەيمىز !!!
ۋايسىغىنىم ئەمەس بۇ ، پەخىرلىنىپ كەتكىنىم ،
ياش ئەمەسمۇ بىز دېگەن ، باش ئەگمەيمىز جاپاغا .
كىم كۈرۈپتۇ ، ئەزەلدىن جاپا چەكمەي ھالاۋەت
ئاي ئاخىردا مۇكاپات قوشسا بولدى مائاشقا .
شۇنداق تاتلىق خىيالدا يەكشەنبىمۇ ئىشلەيمىز !!!
2016- يىلى 17- ئىيۇل ، شەھىرى ئۈرۈمچى
|