|
لېرىكىڭىزدىن بىر زامانلاردىكى ئۆزەمنىڭ يازغان لېرىكىلىرىم خىيالىمدىن كەچتى ئۇكام ، ئادەمنىڭ شۇنداق بىر دەۋىرلىرى بۇلىدىكەن ، قۇلىغا قەلەمنى ئالسىلا مۇڭلۇق لېرىكىلارنى توپلام قىلىۋېتىدىغان . مانا ئەمدى قۇلۇمغا قەلەمنى ئېلىپ خۇددى يۇيۇپ چايقاپ ئالغان كىيىمنى چىڭ تولغاپ سىقىپ يايغاندەك خېلى كۈچەپ باقساممۇ ،قەلىمىمدىن ھېچ بىر سادا يوق . باشلانغۇچنىڭ تەيارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ، ھېساپ ئىشلەپ كاللام ئۆتمىگەندە قەلىمنى چىشلەپ ،شۇ بىچارە قەلەمنىڭ قەلەم بولغىنىغا تويغۇزۋېتەتتىم . مانا شۇنداق ئىششىپلا ئولتۇرۇپتىمەن مۇشۇ دەقىقىلەردە . دېمەك بىزنىڭ شۇ مەزگىللىرىمىز ئۆتكەن ، ئۆتمۈشكە ئايلانغان . ئەمدىلىكتە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تۇتقان قەلەملەردىن پەقەت تۈكۈلدىغىنى پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىلەش ، ئاتا -ئانىلىق مەسئۇليەتنى قانداق ئادا قىلىش دېگەنلەرئىكەن ، بەزىدە ھېرىپ چارچاپ كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئارام ئالغاندا گۈزەل ئەسلىمىلەر بىزنى ئانچە -مۇنچە ھاياجانغا سالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھاياتلىق ئۈچۈن تېرىشىش ئىستىگى كىشىنى ھەممىگە كۆندۈردىكەن . |
|
|
|
|
|
|