ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 151|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دوستلۇرۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-21 18:30  

دوستلۇرۇم



ئالدى بىر روھ خەيرىيەت كۆڭلۈمنى باغلاپ دوستلۇرۇم ،
سالدى بىر ئوت رېشتىسى قەلبىمنى باغلاپ دوستلۇرۇم .



بولمىسا قىسمەتلىرىمدە باشقا يول بۇندىن بۆلەك ،
ئايرىلاردا نە ئامال تەغدىرگە زارلاپ دوستلۇرۇم .



مەن ۋاپانىڭ باغرىغا ۋىجدان بىلەن باستىم مۆھۈر ،
چىن ساداقەت بابىدا قەلبىمنى تاۋلاپ دوستلۇرۇم .



ئىلتىجا ئوتلۇق سالام تاڭ شامىلى بارسۇن ئېلىپ ،
كىم ئىكەن ئۈزگەن سامادا دوستىنى خارلاپ دوستلۇرۇم .



دوست ئۈچۈن يوق زەرىچە قەلبىمدە نامەرتلىك دېغى ،
تۇرسا دوستلۇق ھەمسەپەر ئۈستۈمدە پارلاپ دوستلۇرۇم .



پۇرسىتى كەلمەس يېنىپ ئاللا مەدەتكار ئەتىگە ،
ئولتۇرايلى خۇش كەيىپ كۈيلەرنى كۈيلەپ دوستلۇرۇم .


قېرىنداشلىق مېھرى



بىر ئانىدىن تۇغۇلغاندەك قېرىنداش بىز قانداش بىز،
قېرىنداشلىق مېھرى ھەمدەم ئېغىر كۈندە سەبداش بىز .



بىر ئوغۇزنىڭ سۈتى كىرگەچ مىجەز -خۇلقى ئۇخشاش بىز ،
كۈلكىسىگە كۈلكە بۇلۇپ مۇڭلىرىدا مۇڭداش بىز .



ئۆمۈر قىسقا بار قىش -يېزى  بۇ ھاياتقا يانداش بىز ،
پايدا -زىيان مەنپەئەتنىڭ سودىسىدا نەپداش بىز .



غۇرور-ۋىجدان يوللىرىدا زەپەرداش بىز يولداش بىز ،
رىقەبەتنىڭ جەڭگاھىدا ئۇيۇلتاش بىز جەڭداش بىز .



بارلىقىمىز ئەل ئۈچۈن دەپ شامدەك يانغان نۇر ياش بىز ،
شۇنچە يارقىن ئىنسانىيەت مىسراسىدا قۇرداش بىز .



چوڭ-كىچىكلىك ئەمەس مەۋجۇت ئاتەش مېھرى تەڭداش بىز ،
ئارا يىراق لېكىن رىشتە باغلاپ دىلدا دىلداش بىز .



ۋىسال ئىزلەپ ‹‹ئوقۇغۇچى ››دىكى تورداش بىز ،
قېرىنداشلىق مېھرى شۇنداق ئاپىرىدە سىرداش بىز .


ۋاپاسىزلارغا مەكتۈپ



تۈنۈگۈنلا خوشلاشقان ئېدۇق ،
ئۇنتۇپ قاپسەن بۈگۈنلا مېنى .
ۋىجدانىڭنى ئىت يەپ كەتتىمۇ ،
ئەتە يەنە گوللايسەن كىمنى ؟!

شاختىن شاخقا قۇنۇپ سايراشنى ،
قىلىۋاپسەن ئۆزەڭگە دەستۇر .
چۈشۈپ قالساڭ ئەل قاتارىدىن ،
ھۆرمىتىڭنى تاپمىغىڭ تەستۇر .

مۇھەببەتنى ئۇيۇن دەپ بىلىپ ،
ئەخمەقلارچە تەنتەكلىك قىلما ،
ياشىغىن سەن ئوغۇل بالىدەك ،
ۋىجدانىڭنىڭ قۇربانى بولما .

ئالتە كۈنلۈك ئۆتنە ئالەم بۇ ،
تارتىپ قالىسەن سەنمۇ ئازاپنى .
بىلسەڭ ئەگەر ئاناڭمۇ سەندىن ،
كۈتمىگەندۇ بۇنداق جاۋاپنى .

مەنمۇ سەنسىز ياشاشنى بىلدىم



ئەنسىرەيتتىم بۇرۇن شۇنداق ئۆزەمدىن ئەنسىز ،
دەيتتىم دائىم ياشالمايمەن ئايرىلسام سەنسىز .
بىراق ھازىر قوشۇلۇپتۇ بىر ئەقىل شەرتسىز ،
شۇنداق ئەمدى مەنمۇ سەنسىز ياشاشنى بىلدىم .



ئىشىنەتتىم سېنىڭ بارلىق سۆزىڭگە ھەتتا ،
پو ئېتىپ سەن ئۆز -ئۆزەڭگە قويساڭ تەمەننا .
كىملەرنىدۇ ئالداپ -سالداپ يۈرەمسەن يانا ،
ئالداۋەرگىن مەنمۇ سەنسىز ياشاشنى بىلدىم .



كېچىلىرى ئۇخلىيالماي ئويلايتتىم سېنى ،
قانداق چىداي تاشلىسا دەپ بىر كۈنى مېنى .
ماڭا باشتا بەرگەن شېرىن ۋەدىلەر قېنى ،
بوپتۇ مانا مەنمۇ سەنسىز ياشاشنى بىلدىم .



بولدى ئەمدى ئاھ ئۇرمايمەن بىر ئۆزەم تەنھا ،
جۈپ بولمايمەن تەنھالىققا بۇلىمەن ئاشنا .
ساپ ياشايمەن بۇ دۇنيادا پاكلىققا تەشنا ،
چۈنكى ھازىر مەنمۇ سەنسىز ياشاشنى بىلدىم .



مېھرىيە

  

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2016-12-21 19:02:13 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چېچەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-12-21 19:41  

چىرايلىق ھەدەمنىڭ شېئىرلىرنى دىۋاندا  ئولتۇرۇپ ئوقۋالغىنىمدىن خوشالمەن...

ھەدە  شېئىرلىرىڭىز شۇندا تاتلىق يېزلىپتۇ.   بېزەشلىرىڭىزمۇ شۇندا چىرايلىق .   يۇقاپ كەتمەي كىرىپ تۇرۇڭا بىر     سېغىنىپ قالدىكەن ئادەم  


« ئەرسز ئۆتكەن كۈنلەر»  دىگەن پوۋسىتىڭىزنىڭمۇ  ياخشى ئوقۇرمىنى بولغانتىم  ئاخرنى كۆرسەتمەي ئادەمنى دەرتتە قويدىڭىز

51

تېما

148

يازما

643

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 752
يازما سانى:
148
تىللا:
491
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-21 19:07:57 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق يېقىملىق شېئىرلىرىڭىزدىن ھۇزۇرلاندىم كۆپ رەھمەت قەلەملەر بەركەتلىك بولسۇن  داۋاملىق ھۇزۇرلىنىشىمىز ئۈچۈن تەنلەرگە شىپالىق ئىشلارغارغا بەرىكەت تىلەيمەن

21

تېما

210

يازما

2459

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 225
يازما سانى:
210
تىللا:
1818
تۆھپە:
142
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-25

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2016-12-23 22:11:11 | ئايرىم كۆرۈش
تۈنۈگۈنلا خوشلاشقان ئېدۇق ،
ئۇنتۇپ قاپسەن بۈگۈنلا مېنى .
ۋىجدانىڭنى ئىت يەپ كەتتىمۇ ،
ئەتە يەنە گوللايسەن كىمنى ؟!

بۇ يەردىكى خوشلىشىش ،زادى خوشلىشىشمۇ يا كى ئايرىلىشمۇ ؟

21

تېما

210

يازما

2459

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 225
يازما سانى:
210
تىللا:
1818
تۆھپە:
142
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
118 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-25

كۆيۈمچان ئەزا

5#
ۋاقتى: 2016-12-23 22:13:10 | ئايرىم كۆرۈش
دوستلۇرۇم دىگەن غەزەلدىن ھوزۇرلاندىم ،ئەڭ ئاخىرقى مىسراسىغا ئىسىمىڭىزنى كىرگۈزگەن بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولاتتىكەنتۇق،ئۆزەمچە.

21

تېما

274

يازما

1892

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 332
يازما سانى:
274
تىللا:
1528
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
100 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-8

كۆيۈمچان ئەزا

6#
ۋاقتى: 2016-12-24 22:56:27 | ئايرىم كۆرۈش
بىر - بىرىدىن ئىسىل چىقىپتۇ شېئىرڭىز .  يەنىمۇ ئىسىل ، نادىر تىملىرڭىز ئۈزۈلمىگەي !

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2016-12-25 10:50:26 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىدىن بەك ئا بېزەكلىرىڭىزگە كۆزۈم چۈشتى.دوسلۇرۇم،قېرىنداش بىز دېگەن شېئېرلىرىڭىزنى كۆچۈرۈپ ساقلاپ قويىمەن.بەك ياخشىكەن مەزمۇنى.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

3

تېما

437

يازما

2427

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 680
يازما سانى:
437
تىللا:
1364
تۆھپە:
352
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
83 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-13

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-12-26 16:32:25 | ئايرىم كۆرۈش
سانجۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-12-23 22:11
تۈنۈگۈنلا خوشلاشقان ئېدۇق ،
ئۇنتۇپ قاپسەن بۈگۈنلا مېن ...

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ، ئايرىلىش . بۇ شېئىرنى 2006 يىلى يېزىپتىكەنمەن ، شۇ چاغلاردىكى شېئىرغا بولغان قىزىقىشىمدا كاللامغا كەلگىنىنى شېئىر دەپلا يازاتتىمكەن  ، شېئىرنىڭ نىمىلىكىنى چۈشۈنىشىم شۇنچىلىك ئىكەنتۇق . يەنە كىلىپ شۇ چاغدا مۇشۇ قىزىقىش ئېچىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆگۈنۋالغان . شېئىردىن چالا ساۋاتلىقىم چىقىپلا تۇرۇپتۇ

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2016-12-26 22:51:39 | ئايرىم كۆرۈش
مېھرىيە سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى ھەقىقەتەن بەك ياقتۇرىمەن خۇمۇ ، كېيىنكى قېتىممۇ ھازىرقىدىنمۇ ياخشىراق ئىجادىيەتلىرىڭىزنى ئېلىپ كېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2016-12-30 17:51:54 | ئايرىم كۆرۈش
2006-يىلى يازغان ئەسەرنى 2016-يىلى ئاران ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بوپتۇقتە  ،  كىچىكىڭىزدىن  شائىرە ئىكەنسىز  جىنىم  .  تەشەككۈ ر!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-27 13:16 , Processed in 0.145659 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش